6-تەتقىق ماقالىسى
149-ناخشا تۆلەم ئۈچۈن مىننەتدارمىز
يەھۋانىڭ كەچۈرۈمى ئۈچۈن چەكسىز مىننەتدارمىز!
«خۇدا دۇنيانى شۇقەدەر سۆيدىكى، ھەتتا يالغۇز ئوغلىنى بەردى». —يۇھاننا 3:16.
مەركىزى ئىدىيە
يەھۋا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئۆگىنىمىز ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ كەچۈرۈمچانلىقىغا بولغان مىننەتدارلىق ھېس-تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشىدۇ.
1، 2. ئىنسانلارنىڭ ۋەزىيىتى قايسى جەھەتتىن مىسالدىكى ياش يىگىتنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ؟
ئاتا-ئانىسى باي ياش بىر يىگىتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. بىر كۈنى، ئاتا-ئانىسى پاجىئەلىك ۋەقەدە قازا قىلىدۇ. بۇ خەۋەر ئۇنىڭ يۈرىكىنى پىچاق سانجىغاندەك ئاغرىتىدۇ. ئارقىدىنلا يەنە بىر شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ، چۆچۈپ كېتىدۇ. ئەسلىدە ئاتا-ئانىسى بايلىقىنى بۇزۇپ-چېچىپ، قەرزگە پېتىپ قالغان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ، يىگىت بايلىقنى ئەمەس، بەلكى ناھايىتى كۆپ قەرزنى مىراس ئالغان ۋە قەرز ئىگىلىرى قەرزنى قايتۇرۇشنى سۈيلەپ كەلگەن. لېكىن، يىگىتنىڭ قەرزنى قايتۇرۇشقا قۇربىتى يەتمەيتتى.
2 مەلۇم جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىزنى شۇ يىگىت بىلەن ئوخشاش ۋەزىيەتتە دېيىشكە بولىدۇ. بىزنىڭ ئەجدادىمىز ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا مۇكەممەل بولۇپ، گۈزەل جەننەتتە ياشىغان (يارىت. 1:27؛ 2:7–9). ئۇلارنىڭ مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاش پۇرسىتى بار ئىدى. بەك ئەپسۇس، ئۇلار گۇناھ قىلىپ، جەننەتتە مەڭگۈ ياشاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان. تۇنجى ئەر-ئايال ئەۋلادلىرىغا نېمىنى مىراس قالدۇرغان؟ مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: «بىر ئىنسان [ئادەم-ئاتا] ئارقىلىق دۇنيادا گۇناھ پەيدا بولدى ۋە گۇناھ ئارقىلىق ئۆلۈم پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈم بارچە ئىنسانلار ئارىسىغا تارقالدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى گۇناھ قىلغان» (رىملىقلار 5:12). دېمەك، ئادەم-ئاتا بىزگە گۇناھنى مىراس قالدۇرغان ۋە گۇناھ بىزنى ئۆلۈمگە سۆرەپ بارغان. گۇناھ دەل ھېچبىرىمىز تۆلەپ تۈگىتىپ بولالمايدىغان قەرزگە ئوخشاشتۇر.—زەبۇر 49:8.
3. نېمە ئۈچۈن گۇناھلىرىمىز «قەرزگە» ئوخشايدۇ؟
3 ھەزرىتى ئەيسامۇ گۇناھلىرىمىزنى «قەرزگە» ئوخشاتقان (مەتتا 6:12؛ لۇقا 11:4). بىز گۇناھ قىلغاندا، خۇددى يەھۋاغا قەرزدار بولغاندەك بولىمىز ۋە ئۇشبۇ قەرزنى قايتۇرۇشىمىز شەرت. ئەگەر يەھۋاغا قەرزنى قايتۇرمىساق، پەقەت ئۆلۈمنى ساقلاشتىن باشقا چارە يوق. چۈنكى، ئۆلسەكلا شۇ قەرزدىن خالاس بولىمىز.—رىملىقلار 6:7، 23.
4. (1) خۇدانىڭ ياردىمىسىز ھەممە گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولاتتى؟ (زەبۇر 49:7–9) (2) مۇقەددەس كىتابتىكى «گۇناھ» دېگەن سۆز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ («گۇناھ» ناملىق رامكىغا قاراڭ).
4 ئۇنداقتا، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا يوقاتقان بارچە نەرسىگە قايتا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىمكانىيەت بارمۇ؟ بۇ بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلمەيدۇ (زەبۇر 49:7–9-نى ئوقۇڭ). ياراتقۇچى يەھۋانىڭ ياردىمىسىز كېلەچەكتە ھاياتلىققا ئېرىشىش ياكى تىرىلىش ئۈمىدىمىز يوق بولاتتى. خۇددى ھايۋانلاردەك ئۆلۈپلا يوق بولۇپ كېتەتتۇق.—ۋەز 3:19؛ 2-پېتر. 2:12.
5. كۆيۈمچان ئاتىمىز يەھۋا ئادەم-ئاتىدىن مىراس ئالغان قەرزنى، يەنى گۇناھتىن قۇتۇلۇشىمىزغا قانداق ياردەم بەرگەن؟ (رەسىمگە قاراڭ).
5 ماقالىنىڭ بېشىدىكى يىگىتكە قايتىپ كېلەيلى. ئەگەر بىر باي كېلىپ، ئۇنىڭ ھەممە قەرزىنى تۆلەپ، قەرزدىن خالاس قىلسا، يىگىت نېمە قىلىدۇ؟ شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇ شۇ سېخىي كىشىنىڭ سوۋغىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا چىن قەلبىدىن مىننەتدار بولىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئاسماندىكى ئاتىمىز يەھۋا بىزگە بىر سوۋغات بېرىپ، بىزنى ئادەم-ئاتىدىن مىراس ئالغان گۇناھتىن خالاس قىلغان. ئەيسا مەسىھ بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: «خۇدا دۇنيانى شۇقەدەر سۆيدىكى، ھەتتا يالغۇز ئوغلىنى بەردى؛ ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ھەر بىر كىشى ھالاك بولماي، بەلكى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولسۇن» (يۇھاننا 3:16). بۇنىڭدىن باشقا، بۇ سوۋغات بىزگە ياراتقۇچى يەھۋا بىلەن دوست بولۇشنىڭ يولىنى يول ئاچقان.
ئەيسا مەسىھ يەھۋانىڭ تۆلەمگە ئاساسلىنىپ، گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرىدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەز قىلغان (يۇھاننا 3:16). كېيىن، شۇ تۆلەمنى بېرىش ئۈچۈن ئۇ ئۆز جېنىنى پىدا قىلغان (5-ئابزاسقا قاراڭ)
6. بۇ ماقالىدە، نېمە توغرۇلۇق چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىمىز ۋە نېمە ئۈچۈن؟
6 يەھۋا بەرگەن سوۋغات «قەرزلىرىمىز»، يەنى گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ مۇشۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتىكى يارىشىۋېلىش، گۇناھنى يۇيۇش، تۆلەم، قۇتقۇزۇلۇش ۋە ھەققانىي دەپ جاكارلىنىش دېگەندەك بەزى ئاتالغۇ ياكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى كۆرۈپ چىقايلى. ھەر بىر ئىبارىنىڭ مەنىسى ھەققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلساق، يەھۋانىڭ بىزنى كەچۈرۈش ئۈچۈن قىلغان بارچە ئىشلىرىغا مىننەتدارلىقىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ.
مەقسەت: يارىشىۋېلىش
7. (1) ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا يەنە نېمىدىن مەھرۇم قالغان؟ (2) ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بىزلەر نېمە نېمىگە مۇھتاج؟ (رىملىقلار 5:10، 11)
7 ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا گۇناھ قىلىپ، مەڭگۈ ياشاش پۇرسىتىنى يوقۇتۇپلا قالماي، ياراتقۇچى يەھۋانىڭ دۈشمەنلىرىگە ئايلانغان. ئەسلىدە خۇدانىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى ئىدى (لۇقا 3:38). لېكىن، ئۇلار يەھۋاغا بويسۇنمىغاندا، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان. شۇ چاغدا، ئۇلار تېخى بالىلىق بولمىغانىدى (يارىت. 3:23، 24؛ 4:1). شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بىزلەر يەھۋا خۇدا بىلەن يارىشىۋېلىشىمىز كېرەك (رىملىقلار 5:10، 11-نى ئوقۇڭ). باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ياراتقۇچىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ياخشىلىشىمىز لازىم. بىر كىتابتا، «يارىشىۋېلىش» دەپ تەرجىمە قىلىنغان گرېكچە سۆز «دۈشمەنلەرنىڭ دوستلارغا ئايلىنىشى» دېگەننى بىلدۈرىدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويۇلغان. خۇشال قىلارلىق يېرى، يەھۋا بىز بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن، ئۆزى تەشەببۇسكار بولۇپ بىرىنچى قەدەمنى تاشلىغان. ئۇ نېمە قىلغان؟
چارە: گۇناھنى يۇيۇش
8. گۇناھنى يۇيۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى قانداق چارە-تەدبىر؟
8 گۇناھنى يۇيۇش — ياراتقۇچى يەھۋانىڭ گۇناھكار ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان چارە-تەدبىرى. بۇ بىرەر نەرسىنى شۇنىڭ بىلەن تەڭ قىممەتلىك باشقا نەرسىگە ئالماشتۇرۇشنى بىلدۈرىدۇ. شۇ ئارقىلىق، يوقاتقان نەرسىگە قايتا ئېرىشىشكە بولىدۇ ياكى بۇزۇلغان نەرسىنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. گرېكچە مۇقەددەس يازمىلاردا، بۇ خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.—رىملىقلار 3:25.
9. ئىسرائىللار گۇناھى ۋاقىتلىق كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن يەھۋا قانداق بىر چارىنى ئورۇنلاشتۇرغان؟
9 ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈلۈپ، ئۇلار يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولالىشى ئۈچۈن، يەھۋا ۋاقىتلىق بىر چارىنى ئورۇنلاشتۇرغان. يەنى، ئىسرائىل خەلقى ھەر يىلى «گۇناھنى يۇيۇش كۈنى» دەپ ئاتالغان ئالاھىدە بىر بايرامنى ئۆتكۈزگەن. باش روھانىي شۇ كۈنى خەلقنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن ھايۋانلارنى قۇربانلىققا سۇنغان. ئەلۋەتتە، بۇ قۇربانلىق ھېچبىر ئىنساننىڭ گۇناھىنى پۈتۈنلەي يوق قىلالمىغان، چۈنكى ئىنسان ھايۋانلاردىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ. لېكىن، ئىسرائىللار توۋا قىلىپ، يەھۋا تەلەپ قىلغان قۇربانلىقلارنى سۇنغىنىدا، ئۇ ئۇلارنى كەچۈرۈشكە تەييار بولغان (ئىبرانىي. 10:1–4). بۇنىڭدىن باشقا، ئۇشبۇ گۇناھنى يۇيۇش كۈنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئادەتتە گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى سۇنۇش، ئىسرائىللارغا ئۆزلىرىنىڭ گۇناھكارلىقىنى ۋە گۇناھلىرىدىن مەڭگۈگە قۇتۇلۇش ئۈچۈن باشقا بىر قۇربانلىققا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ تۇرغانىدى.
10. ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى مەڭگۈگە كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن يەھۋا نېمە قىلغان؟
10 بىراق، يەھۋا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى مەڭگۈگە كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن بىر چارە ئورۇنلاشتۇرغان. يەنى، ئۇ ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىنى «نۇرغۇنلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن پەقەت بىرلا قېتىم قۇربانلىققا» ئەۋەتكەن (ئىبرانىي. 9:28). ئەيسا يەرگە كېلىپ، «نۇرغۇنلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى تۆلەم سۈپىتىدە» بەرگەن (مەتتا 20:28). ئۇنداقتا، تۆلەم دېگەن نېمە؟
بەدەل: تۆلەم
11. (1) مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، تۆلەم دېگەن نېمە؟ (2) تۆلەمنى پەقەت قانداق ئادەم تۆلىيەلەيتتى؟
11 مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، تۆلەم — گۇناھنىڭ يۇيۇلۇپ كەچۈرۈلۈشى ۋە ياراشتۇرۇش ئۈچۈن تۆلىنىدىغان بەدەلدۇر. يەھۋانىڭ كۆز قارىشى بويىچە، بەدەل تۆلەش، يەنى تۆلەم قۇربانلىقى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق بىزنى ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانا يوقاتقان بارچە نەرسىگە قايتا ئېرىشتۈرۈشتۇر. شۇنى ئەستىن چىقارمايلىكى، ئۇلار مۇكەممەل ھاياتلىقتىنلا ئەمەس، مەڭگۈ ياشاش پۇرسىتىدىن ھەم مەھرۇم بولغان. شۇڭلاشقا، ئۇلار يوقاتقان نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن تەڭ قىممەتلىك بەدەل تۆلەش شەرت ئىدى (1-تىموت. 2:6). شۇڭا، بۇ بەدەلنى تۆلەش ئۈچۈن چوقۇم (1) مۇكەممەل، (2) يەردە مەڭگۈ ياشاش پۇرسىتى بولغان ۋە (3) ئۆز جېنىنى بىز ئۈچۈن تەييار بولغان ئادەم-ئاتىغا ئوخشاش بىر ئادەم تۆلىشى تەلەپ قىلىنغان. ئۇنداقتا، ئادەم-ئاتا يوقاتقان ھايات ئۈچۈن كىمنىڭ ھاياتى تۆلەم بولالايتتى؟
12. نېمە ئۈچۈن ئەيسا مەسىھ تۆلەم ھەققىنى تۆلەشكە لايىق بولغان؟
12 ئاشۇ تۆلەم ھەققىنى تۆلەشكە پەقەت ئەيسا لايىق كەلگەن. بۇنداق بولۇشىنىڭ ئۈچ سەۋەبىنى كۆرۈپ چىقايلى. (1) ئەيسا مۇكەممەل ئادەم بولغان، «ئۇ ھېچقانداق گۇناھ قىلمىغان» (1-پېتر. 2:22). (2) ئۇ گۇناھ قىلمىغاچقا، ئۇنىڭ يەر يۈزىدە مەڭگۈ ياشاش پۇرسىتى بولغان. (3) ئۇ ئۆز جېنىنى پىدا قىلىپ، بىز ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشكە رازى بولغان (ئىبرانىي. 10:9، 10). گۇناھ قىلىشتىن بۇرۇن ئادەم-ئاتا مۇكەممەل بولغاندەك، ئەيسامۇ مۇكەممەل بولغان (1-كورىنت. 15:45). شۇڭا، ئەيسا جېنىنى پىدا قىلىپ، بىزنىڭ گۇناھىمىزنى يۇيۇش ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ، ئادەم-ئاتا يوقاتقان بارچە نەرسىلەرگە قايتا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىنى ياراتقان (رىملىقلار 5:19). شۇنداق قىلىپ، ئەيسا مەسىھ «ئاخىرقى ئادەم-ئاتا» بولغان. ئەمدى باشقا بىر مۇكەممەل ئادەم كېلىپ، بەدەل تۆلەش ھاجەتسىز ئىدى. چۈنكى، ئەيسا «بىرلا قېتىم» ئۆزىنى قۇربانلىققا سۇنغان.—ئىبرانىي. 7:27؛ 10:12.
13. گۇناھنى يۇيۇش بىلەن تۆلەم ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟
13 ئۇنداقتا، گۇناھنى يۇيۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۆلەم ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟ گۇناھنى يۇيۇش دېگەن — خۇدانىڭ ئىنسانىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان ئىش-ھەرىكىتى. تۆلەم بولسا — گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل. ئەيسا مەسىھ ئۆز قېنىنى بىز ئۈچۈن تۆكۈپ، شۇ بەدەلنى تۆلىگەن.—ئەفەس. 1:7؛ ئىبرانىي. 9:14.
نەتىجە: قۇتقۇزۇلۇش ۋە ھەققانىي دەپ جاكارلىنىش
14. بىز ھازىر نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز ۋە نېمە ئۈچۈن؟
14 يەھۋانىڭ گۇناھنى يۇيۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولغان؟ بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتىكى بىرنەچچە سۆز-ئىبارىنىڭ مەنىسىنى مۇھاكىمە قىلايلى. ئۇلار يەھۋانىڭ كەچۈرۈمچانلىقى نېمىلەرگە يول ئاچقانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.
15، 16. (1) مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، «قۇتقۇزۇلۇش» دېگەن نېمە؟ (2) گۇناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇللىقىدىن ئەركىن بولۇشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق ئەھمىيىتى بار؟
15 مۇقەددەس كىتابتا تۆلەم تۆلەنگەنلىكى سەۋەبلىك، بىزنىڭ قۇتقۇزۇلىدىغانلىقىمىز يېزىلغان. ئەلچى پېترۇس بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: «سىلەرگىمۇ مەلۇمكى، ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردىن قالغان ئەھمىيەتسىز ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلەر بويىچە تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن ئەركىن بولدۇڭلار [ئۇدۇل سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە، «تۆلەم ئارقىلىق ئەركىن بولۇش» ياكى «قۇتقۇزۇلۇش»]، بۇ چىرىپ كېتىدىغان نەرسىلەر بىلەن، ئالتۇن ياكى كۈمۈش بىلەن ئەمەس، بەلكى داغسىز ۋە نۇقسانسىز بىر قوزىنىڭ قېنىغا ئوخشاش بولغان مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنى بىلەن ئەركىن بولدۇڭلار».—1-پېتر. 1:18، 19.
16 ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى سەۋەبلىك، بىز گۇناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇللىقىدىن ئەركىن بولالايمىز (رىملىقلار 5:21). بۇ قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن ياراتقۇچى يەھۋا ۋە مەسىھ ئەيساغا چەكسىز مىننەتدارمىز! چۈنكى، مەسىھنىڭ قىممەتباھا قېنى بىزنى قۇتقۇزۇپ ئەركىن قىلدى.—1-كورىنت. 15:22.
17، 18. (1) ھەققانىي دەپ جاكارلىنىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (2) ھەققانىي دەپ جاكارلىنىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟
17 ھەققانىي دەپ جاكارلىنىش — بىزگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ۋە خاتىرىلەنگەن گۇناھ قىلغانلىق تارىخىمىز يۇيۇلۇپ ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يەھۋا بىزنى ھەققانىي دەپ جاكارلاش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئادىل ئۆلچەملىرىگە خىلاپلىق قىلمىغان. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، يەھۋا بىز لايىق بولغانلىقىمىز ياكى گۇناھلىرىمىزغا كۆز يۇمغىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىز گۇناھنى يۇيۇش ۋە تۆلەم قۇربانلىقى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىشەنچ قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزنى كەچۈرىدۇ.—رىملىقلار 3:24؛ گالاتىيا. 2:16.
18 ھەققانىي دەپ جاكارلىنىشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق ئەھمىيىتى بار؟ ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرلىكتە ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا تاللانغانلار ئاللىقاچان ھەققانىي دەپ جاكارلىنىپ، «خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى» دەپ ئاتالغان (تىتۇس 3:7؛ 1-يۇھاننا 3:1). ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈلۈپ، گۇناھ قىلغانلىق تارىخى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلۈپ تاشلانغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار خۇدا پادىشاھلىقىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا لايىق بولدى (رىملىقلار 8:1، 2، 30). يەر يۈزىدە ياشاش ئۈمىدى بار كىشىلەرمۇ ئاللىقاچان ھەققانىي دەپ جاكارلىنىپ، خۇدانىڭ دوستلىرى بولغان ۋە ئۇلارنىڭمۇ گۇناھلىرى كەچۈرۈلگەن (ياقۇپ 2:21–23). ئارماگېدوندا ئامان قالىدىغان زور بىر توپ خالايىقنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەي ياشاش ئۈمىدى بار (يۇھاننا 11:26). ئۆلۈم ئۇيقۇسىدا ياتقان ھەققانىيلار ۋە ھەققانىي ئەمەسلەر تىرىلدۈرۈلىدۇ (ئەلچى. 24:15؛ يۇھاننا 5:28، 29). ئەڭ ئاخىرىدا، يەھۋانىڭ يەر يۈزىدىكى بارچە سادىق خىزمەتچىلىرى «خۇدا پەرزەنتلىرى ئىگە بولىدىغان شەرەپلىك ئەركىنلىكىگە ئىگە بولىدۇ» (رىملىقلار 8:21). بىز ئاسماندىكى ئاتىمىز يەھۋا بىلەن يارىشىۋېلىش ۋاقتىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىمىز!
19. يەھۋا خۇدا بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ قىلغانلىرى سەۋەبلىك، ئەھۋالىمىز قانداق ئۆزگەردى؟ («بۇ بىز ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟» ناملىق رامكىغا قاراڭ).
19 ئىلگىرى بىزمۇ ماقالىنىڭ بېشىدىكى يىگىتكە ئوخشاش ئۈمىدسىز ئەھۋالدا قالغان ئىدۇق. ھەممىدىن مەھرۇم بولۇپ، تۆلەپ تۈگەتكۈسىز قەرزگە بۇغۇلۇپ قالغان. بىراق، يەھۋا بىزگە ياردەم قولىنى سۇنغان. ئۇ بىز ئۈچۈن تۆلەم قۇربانلىقى بېرىپ، گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەچكە، ئەھۋالىمىز تامامەن ئۆزگەرگەن. ئەگەر بىز ئەيسا مەسىھكە ئىشەنسەك، قەرزدىن قۇتۇلۇپ، گۇناھ ۋە ئۆلۈمدىن ئەركىن بولىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشسەك، گۇناھ قىلغانلىق تارىخىمىز پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلۈپ تاشلىنىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئاسماندىكى ئاتىمىز يەھۋا بىلەن يېقىن دوست بولالايمىز.
20. بىز كېيىنكى ماقالىدە نېمە توغرۇلۇق مۇھاكىمە قىلىمىز؟
20 يەھۋا خۇدا بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغانلىرى ئۈستىدىن چوڭقۇر ئويلانساق، قەلبىمىز چەكسىز مىننەتدارلىققا تولىدۇ (2-كورىنت. 5:15). ئۇلارنىڭ ياردىمىسىز بىزنىڭ ھېچقانداق ئۈمىدىمىز بولمايتتى. بىراق، يەھۋانىڭ كەچۈرۈمىنىڭ ھەرقايسىمىز ئۈچۈن قانداق ئەھمىيىتى بارلىقى توغرۇلۇق كېيىنكى ماقالىدە مۇھاكىمە قىلىمىز.
9-ناخشا ئالقىشلاڭ خۇدايىمىز يەھۋانى!