31-تەتقىق ماقالىسى
2-ناخشا تەشەككۈر، يەھۋا!
يەھۋا بىزنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟
«چۈنكى خۇدا دۇنيانى شۇ قەدەر سۆيدىكى، ھەتتا يالغۇز ئوغلىنى بەردى». —يۇھاننا 3:16.
مەركىزى ئىدىيە
يەھۋا بىزنىڭ گۇناھقا قارشى كۈرەش قىلىشمىز ۋە گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلۇپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشىمىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن قانداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئۆگىنىش.
1، 2. (1) گۇناھ دېگەن نېمە ۋە ئۇنى قانداق يېڭەلەيمىز؟ («سۆز-ئىبارە مەنىسىگە» قاراڭ.) (2) بۇ ماقالىدە ۋە كۈزىتىش مۇنارىنىڭ بۇ سانىدىكى باشقا ماقالىلەردە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟ (32-بەتتىكى «ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە» دېگەن رامكىغا قاراڭ.)
يەھۋا سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىشنى خالامسىز؟ بۇ سوئالغا جاۋابىنى يەھۋا سىزنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نېمە قىلغانلىقىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلەلەيسىز. گۇناھa بۇ ۋەھشى دۈشمەن ۋە ئۇنى ئۆز كۈچىڭىز بىلەن يېڭىش مۇمكىن ئەمەس. بىز ھەر كۈنى گۇناھ قىلىمىز، شۇڭا گۇناھكار بولغاچقا، ئاخىرى ئۆلۈپ كېتىمىز (رىملىقلار 5:12). ئەمما، خۇش خەۋەر بار. يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن، بىز گۇناھنى يېڭەلەيمىز. يەھۋا خۇدا بىزنى چوقۇم گۇناھ ۋە ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىدۇ!
2 6000 يىلدىن بۇيان، ئىنسانلار ھەتتا گۇناھكار بولسىمۇ، يەھۋا ئۇلارنىڭ گۇناھقا قارشى كۈرەش قىلىپ، ئۆزى بىلەن دوست بولۇشىغا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، يەھۋانىڭ ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى چوڭقۇر. شۇڭا، ئۇ بىزنىڭ گۇناھقا قارشى كۈرەش قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلغان. خۇدا گۇناھنىڭ ئۆلۈمگە يېتەكلەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە بىزنىڭ ئۆلۈشىمىزنى خالىمايدۇ، ئەكسىچە، مەڭگۈ ياشىشىمىزنى خالايدۇ (رىملىقلار 6:23). ئۇ سىزنىڭ شۇنداق گۈزەل كېلەچىكىڭىزنىڭ بولۇشىنى خالايدۇ. بۇ ماقالىدە ئۈچ سوئالنى كۆرۈپ چىقىمىز. (1) يەھۋا گۇناھكار ئىنسانلارغا قانداق ئۈمىد بەرگەن؟ (2) قەدىمقى زاماندا گۇناھكار ئىنسانلار يەھۋانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن نېمە قىلغان؟ (3) ئەيسا ئىنسانىيەتنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟
يەھۋا گۇناھكار ئىنسانلارغا قانداق ئۈمىد بەرگەن؟
3. ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانا قانداق بولۇپ گۇناھكارغا ئايلىنىپ قالدى؟
3 يەھۋا تۇنجى بىر جۈپ ئەر-ئايالنى ياراتقاندا، ئۇلارنىڭ بەختلىك ھايات كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلغان. يەھۋا ئۇلارنى گۈزەل بىر باغقا ماكانلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئەر-خوتۇنلۇق رىشتىسى بىلەن باغلاپ، بىر-بىرىگە ھەمراھ قىلغان ۋە ئۇلارنى كۆڭۈلنى سۆيۈندۈرىدىغان ئەھمىيەتلىك خىزمەتنى تاپشۇرغان. ئۇلار پەرزەنتلىك بولۇپ كۆپىيىپ، يەر يۈزىنى تولدۇرۇپ، پۈتكۈل يەر يۈزىنى ئېرەم بېغىغا ئوخشاش جەننەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما، خۇدا ئۇلارغا ئاددىي بىر بۇيرۇقنى بەرگەن ۋە ئەگەر ئۇلار قەستەن خۇدانىڭ بۇ بۇيرۇقىغا بويسۇنمىسا ياكى بۇزسا، ئۇلار ئۆلىدىغانلىقىنى مېھىر-مۇھەببەتلىك خۇدا ئالدىن-ئالا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئەلۋەتتە، بىز ئاقىۋەتتە نېمە بولغانلىقىنى ياخشى بىلىمىز. خۇدانى ۋە ئىنسانلارنى ئۆچ كۆرىدىغان ياۋۇز پەرىشتە، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنى خۇداغا قارشى چىقىشقا دەۋەت قىلغان. ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا مېھىر-مۇھەببەتلىك ئاتىسىنى سۆزىگە ئىتائەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، شۇ ياۋۇز پەرىشتە شەيتاننىڭ سۆزىگە كىرىپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەن. خۇددى يەھۋا خۇدا ئېيتقاندەك، ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانا ئىتائەتسىزلىك قىلغان شۇ كۈندىن باشلاپ، تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىپ، قېرىپ، ئاخىرىدا ئۆلۈپ كەتكەن.—يارىت. 1:28، 29؛ 2:8، 9، 16–18؛ 3:1–6، 17–19، 24؛ 5:5.
4. نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇناھنى ئۆچ كۆرىدۇ ۋە گۇناھقا قارشى كۈرەش قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ؟ (رىملىقلار 8:20، 21)
4 بىزنىڭ مۇھىم بىر ئوي-پىكىرنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن، يەھۋا بۇ ۋەقەنى مۇقەددەس كىتابتا يازدۇرۇپ قالدۇرغان. بۇ ۋەقە ياراتقۇچىمىزنىڭ گۇناھنى ئىنتايىن ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. گۇناھ بىزنى خۇدادىن يىراقلاشتۇردى ۋە ئاخىرىدا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ (يەشايا 59:2). شەيتان يەھۋانى ۋە ئىنسانلارنى ئۆچ كۆرگەچكە، ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانىنى گۇناھ قىلىشقا ئېزىقتۇرغان ۋە بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئادەملەرنى گۇناھ قىلىشقا ئازدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانا گۇناھ ئۆتكۈزگەندە، شەيتان بەلكىم يەھۋانىڭ ئىنسانىيەتكە ئۈچۈن ئىرادە قىلغان مەقسىتى ئەمدى ئەمەلگە ئاشمايدۇ دەپ ئويلىغاندۇ. لېكىن، شەيتان ياراتقۇچى يەھۋانىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى چۈشەنمىگەن ئىدى. خۇدانىڭ ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانىنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ئىرادە قىلغان مەقسىتى ھېچقاچان ئۆزگەرتمەيدۇ. ئۇ ئىنسانلارنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەچ، ئۇ دەرھال بارچە ئىنسان ئۈچۈن ئۈمىد ئاتا قىلغان (رىملىقلار 8:20، 21-نى ئوقۇڭ). يەھۋا شۇ ئەۋلادلارنىڭ بەزىلىرى ياراتقۇچىسىنى سۆيۈشنى ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنى تاللايدىغانلىقىنى بىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا ئۇلارنىڭ ئاسماندىكى ئاتىسى ۋە ياراتقۇچى ئىگىسى سۈپىتىدە ئۇلارغا گۇناھتىن ئازاد بولۇش ۋە ئۆزىگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن مۇمكىنچىلىك بېرىدۇ. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەھۋا نېمە قىلغان؟
5. گۇناھكار ئىنسانلار ئۈچۈن تۇنجى ئۈمىد نۇرى قاچان چاقنىغان؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ. (يارىتىلىش 3:15)
5 يارىتىلىش 3:15-نى ئوقۇڭ. يەھۋا دەسلەپتە شەيتاننى يوق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇ گۇناھكار ئىسانلار ئۈچۈن تۇنجى ئۈمىد نۇرىنى بەرگەن. خۇدا ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزىدىغان بىر «ئەۋلاد» ھەققىدە ئالدىن ئېيتقان. بۇ ئەۋلاد ئەڭ ئاخىرىدا شەيتاننى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىپ، ئېرەم بېغىدا پەيدا بولغان بارچە قىيىنچىلىقلارنى يوق قىلىدۇ (1-يۇھاننا 3:8). لېكىن، شەيتان ئاۋۋال ئەۋلادنى چاقىدۇ، يەنى ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. بۇ يەھۋانى ئىنتايىن ئازابلانغان. لېكىن، يەھۋا شۇلارغا چىداپ تۇرغان، چۈنكى نەتىجىدە نۇرغۇن كىشىلەر گۇناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتقۇزۇلىدۇ.
قەدىمدە گۇناھكار ئىنسانلار يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟
6. يەھۋاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ھابىل، نۇھ ۋە باشقا ساداقەتمەن كىشىلەر نېمە ئىش قىلغان؟
6 نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، يەھۋا ئاستا-ئاستا گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭغا قانداق يېقىنلىشالايدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىقراق ئاشكارا قىلغان. ئېرەم بېغىدىكى ئىسياندىن كېيىن، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ھابىل يەھۋاغا ئىشەنچ باغلىغان تۇنجى ئادەم بولغان ئىدى. چۈنكى، قابىل چىن قەلبىدىن يەھۋانى سۆيگەن، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشنى خالىغان. شۇڭا، ئۇ خۇداغا قۇربانلىق قىلغان. ھابىل پادىچى بولغاچ، ئۇ بەزى قوزىلارنى تاللاپ بوغۇزلاپ، يەھۋاغا قۇربانلىق سۇنغان. يەھۋا بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ مۇقەددەس كىتاب: خۇدا «ھابىلنى ۋە ئۇنىڭ سۇنغان قۇربانلىقىنى قوبۇل قىلدى»،— دەيدۇ (يارىت. 4:4). يەھۋا يەنە نۇھقا ئوخشاش چىن قەلبىدىن ياراتقۇچىسىنى سۆيگەن ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگەن باشقا ئادەملەرنىڭ قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلغانىدى (يارىت. 8:20، 21). شۇنداق قۇربانلىقلارنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، يەھۋا گۇناھكار ئادەملەر ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشالايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنb.
7. ئىبراھىمنىڭ ئۆز ئوغلىنى قۇربان قىلىشقا تەييار بولغانلىقىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
7 ئىبراھىم پەيغەمبەرمۇ يەھۋاغا بولغان ئىمان-ئېتىقادى ئىنتايىن كۈچلۈك ئادەم ئىدى. يەھۋا ئۇنى ناھايىتى بىر قىيىن ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇغان. ئۇ ئىبراھىمغا ئۆز ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانلىق قىلىشنى ئېيتقان ئىدى. ئىبراھىم چوقۇم ئىنتايىن ئازاب ئىچىدە قالغان، لېكىن ئۇ خۇدا بۇيرۇغاندەك قىلىشنى قارار قىلغان. ئەمما، يەھۋا ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە ئىبراھىمنى شۇنداق قىلىشتىن توختاتقان. شۇ ۋەقە بارچە خۇداغا ئىشىنىدىغان كىشىلەرگە مۇنداق بىر مۇھىم ھەقىقەتنى ئاشكارا قىلغان، يەنى يەھۋا ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىنى قۇربان قىلىشنى خالىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى نەقەدەر چوڭقۇر،-ھە!—يارىت. 22:1–18.
8. تەۋرات قانۇنىدىكى قۇربانلىق سۇنۇش توغرىسىدىكى قائىدە-تۈزۈملەردىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ (لاۋىيلار 4:27–29؛ 17:11)
8 خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە قانۇننى جاكارلىغاندا، ئۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن ھايۋانلارنى قۇربانلىققا ئېلىپ كېلىشنى ئېيتقان (لاۋىيلار 4:27–29؛ 17:11-نى ئوقۇڭ). شۇ قۇربانلىقلار كېلەچەكتە يەھۋا بارچە ئىنسانلارنى گۇناھتىن پۈتۈنلەي ئازاد قىلىش ئۈچۈن بىر ئالاھىدە قۇربانلىق تەييارلىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. خۇدا ئۆز پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ۋەدە قىلىنغان ئەۋلاد توغرۇلۇق بېشارەت بەرگەن. ئۇلار خۇدانىڭ ئوغلى ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشى ۋە خۇددى قۇربانلىققا بوغۇزلانغان قوزىدەك ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىسىدا يازغان (يەشايا 53:1–12). تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ، بارچە ئادەمزاتنى، شەخسەن سىزنى گۇناھتىن ۋە ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، يەھۋا ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىنى بەرگەن. بۇ نەقەدەر چوڭ قۇربانلىق،-ھە!
ئىنسانلارنى گۇناھتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەيسا نېمە قىلغان؟
9. ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا يەھيا پەيغەمبەر نېمە دېگەن؟ (ئىبرانىيلار 9:22؛ 10:1–4، 12)
9 مىلادى بىرىنچى ئەسىردە، يەھيا پەيغەمبەر ناسىرەلىك ئەيسانى كۆرگەندە مۇنداق دېگەن: «قاراڭلار، دۇنيانىڭ گۇناھىنى كۆتۈرىدىغان خۇدانىڭ قوزىسى!» (يۇھاننا 1:29). يەھيانىڭ بۇ سۆزلىرى خۇدا ۋەدە قىلغان ئەۋلاد ئەيسا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلدىغان كىشى دەل ئەيسا ئىدى. ئاخىرى يەھۋا ئورۇنلاشتۇرغان قۇربانلىق ئارقىلىق ھازىر پۈتكۈل گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ گۇناھ ئۈستىدىن تامامەن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئۈمىد نۇرى تېخىمۇ كۈچلۈك چاقنىدى.—ئىبرانىيلار 9:22؛ 10:1–4، 12-نى ئوقۇڭ.
10. ئەيسا گۇناھكار ئىنسانلارنى «چاقىرىشقا كەلگەنلىكىنى» قانداق كۆرسەتكەن؟
10 ئەيسا دۇنيادىكى بارچە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ مەنبەسى گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنى گۇناھكار ھېس قىلىپ، ئازابلىنىۋاتقان كىشىلەرگە ئالاھىدە دىققەت ئېتىبار قاراتقان ۋە ئۇلارنى ئۆز ئەگەشكۈچىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. شۇنداق كىشىلەرگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەرگەن: «ساغلام كىشىلەر ئەمەس، بەلكى ئاغرىق كىشىلەر دوختۇرغا موھتاجدۇر… . مەن ھەققانىي ئادەملەرنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرىشقا كەلدىم» (مەتتا 9:12، 13). ئەيسا مەسىھ دەل شۇنداق قىلغان. ئەيسا مۇلايىم سۆزلەرنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ پۇتلىرىنى كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيغان ئايالنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەن (لۇقا 7:37–50). ئەيسا ھەتتا سامارىيىلىك ئايالنىڭ ئەخلاقسىز ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلسىمۇ، ئۇنىڭغا مۇھىم ھەقىقەتلەرنى ئۆگەتكەن (يۇھاننا 4:7، 17–19، 25، 26). خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايىنىپ، ئەيسا گۇناھنىڭ قۇرقۇنچلۇق ئاقىۋىتى بولغان ئۆلۈمنى بويسۇندۇرغان. يەنى، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئەر ۋە ئايال، بالىلار ۋە چوڭلارنى تىرىلدۈرگەن.—مەتتا 11:5.
11. نېمە ئۈچۈن گۇناھكار ئادەملەر ئەيساغا يېقىنلىشىشنى خالايدۇ؟
11 بىز ھەتتا گۇناھقا چوڭقۇر پېتىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئەيسانىڭ يېنىدا يۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز. سەۋەبى، ئۇ ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشەنگەن ۋە ئۇلارغا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەن. ئۇلارمۇ ئەيسانىڭ يېنىدا ئۆزلىرىنى ئەركىن ھېس قىلغان (لۇقا 15:1، 2). ئەيسا ئۇنىڭغا ئىشەنگەن كىشىلەرنى ماختاپ، مۇكاپاتلىغان (لۇقا 19:1–10). شۇنداق قىلىپ، ئەيسا ئۆز ئاتىسىنىڭ رەھىمدىل بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن (يۇھاننا 14:9). ئەيسا گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئاتىسى يەھۋانىڭ ئىنسانلارغا بولغان مول رەھىم-شەپقىتى ۋە چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ قالماي، گۇناھقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ھەربىر كىشىنىڭ غەلىبە قازىنىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئەيسا گۇناھكار ئادەملەرنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىشىغا ياردەم بەرگەن.—لۇقا 5:27، 28.
12. ئەيسا ئۆز ئۆلۈمى ھەققىدە شاگىرتلىرىغا نېمە دېگەن؟
12 ئەيسا ئۆزىنى نېمە كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئۆزىگە بىرى ساتقۇنلۇق قىلىدىغانلىقى ۋە تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە شاگىرتلىرىغا ئېيتقان (مەتتا 17:22؛ 20:18، 19). ئۇ ئۆزىنىڭ قۇربانلىقى دەل چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا يۇھاننا 1-باب 29-ئايەتتە ئېيتقاندەك ۋە باشقا پەيغەمبەرلەر بېشارەت قىلغاندەك، دۇنيادىكى پۈتكۈل ئىنسانلارنى گۇناھتىن ئازاد قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە ئۆز ئۆلۈمىدىن كېيىن ھەرخىل ئىنسانلارنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (يۇھاننا 12:32). ئەگەر گۇناھكار ئىنسانلار ئەيساغا ئىشىنىپ، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنسا ۋە ئۇنىڭ قالدۇرغان ئۈلگىسىگە ئەگىشىپ ماڭسا، يەھۋانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئەگەر ئادەملەر شۇنداق قىلسا، ئاخىرىدا «گۇناھتىن» ئازاد بولىدۇ (رىملىقلار 6:14، 18، 22؛ يۇھاننا 8:32). شۇڭلاشقا، بىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەيسا ئۆزى خالاپ، جاسارەت بىلەن ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئۆلۈمگە تەييار بولغان.—يۇھاننا 10:17، 18.
13. ئەيسا مەسىھ قانداق ئۆلگەن ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن يەھۋا ھەققىدە نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
13 ئەيسانى يېقىن دوستلىرىدىن بىرى سېتىۋەتكەن. ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇنى تۇتۇپ، قولغا ئېلىپ، ھاقارەتلىگەن ۋە تۆھمەت قىلىپ، ئۇنى ناھەق ئەيىبلىگەن. ئاخىرىدا لەشكەرلەر ئۇنى تۈۋرۈككە مىخلاپ ئۆلتۈرگەن. ئەيسا مۇشۇ بارچە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە ساداقەتمەنلىك بىلەن بەرداشلىق بەرگەندە، بىر شەخس تېخىمۇ بەك ئازابلانغان. ئۇ دەل يەھۋا خۇدا. يەھۋانىڭ ئۆز ئوغلى چېكىۋاتقان شۇ بارچە قىيىنچىلىقلارنى توختىتىش كۈچ-قۇدرىتى بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇ شۇنداق قىلمىغان. نېمە ئۈچۈن؟ مېھىر-مۇھەببەتلىك يەھۋا ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ ئاچچىق ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چېكىشىگە ۋە ئۆلتۈرۈلۈشىگە يول قويغان؟ چۈنكى، يەھۋا خۇدانىڭ بىزگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى ئىنتايىن چوڭقۇر! ئەيسا مەسىھ مۇنداق دېگەن: «چۈنكى خۇدا دۇنيانى شۇ قەدەر سۆيدىكى، ھەتتا يالغۇز ئوغلىنى بەردى؛ ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ھەربىر كىشى ھالاك بولماي، بەلكى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولسۇن».—يۇھاننا 3:16.
يەھۋا بىزنى گۇناھتىن ۋە ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە يول قويغان ۋە تەسۋىرلىگۈسىز ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن (13-ئابزاسقا قاراڭ)
14. ئەيسانىڭ قۇربانلىقىدىن سىز نېمىنى كۆرۈپ يەتتىڭىز؟
14 ئەيسانىڭ قۇربانلىقى يەھۋانىڭ ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانىنىڭ ئەۋلادلىرىغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتىنىڭ ئەڭ روشەن دەلىل-ئىسپاتىدۇر. بۇ يەھۋا شەخسەن سىزنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلىدىڭىزمۇ؟. يەھۋا سىزنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن شۇنچە زور ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك يېگانە ئوغلىنى قۇربانلىققا بېرىپ، نەقەدەر زور بەدەل تۆلىگەن،-ھە! (1-يۇھاننا 4:9، 10). ئۇ ھەقىقەتەن ھەر بىرىمىزنىڭ گۇناھقا قارشى كۈرەش قىلىشىغا ۋە ئاخىرى غەلىبە قازىنىشىمىزغا ياردەم بېرىشنى بەك خالايدۇ.
15. خۇدانىڭ سوۋغىسى بولغان تۆلەمنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن چوقۇم نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
15 خۇدا ئۆزىنىڭ يېگانە ئوغلىنى قۇربانلىققا بېرىپ، گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈمگە ئېرىشتۈرىدىغان بۇ ئالاھىدە تۆلەمنى تۆلىگەن. تۆلەم خۇدانىڭ سوۋغىسىدۇر. لېكىن، خۇدانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىز بىر ئىشنى چوقۇم قىلىشىمىز كېرەك. ئۇ نېمە ئىش؟ بۇ سۇئالغا يەھيا پەيغەمبەر ۋە ئەيسا مەسىھ ئوخشاش جاۋاب بەرگەن: «توۋا قىلىڭلار، چۈنكى ئاسمان پادىشاھلىقى يېقىنلاشتى» (مەتتا 3:1، 2؛ 4:17). دېمەك، بىز ھەقىقەتەن گۇناھتىن ئازاد بولۇپ، ئاسماندىكى ئاتىمىزغا يېقىنلىشىشنى خالىساق، چوقۇم توۋا قىلىشىمىز كېرەك. ئۇنداقتا، توۋا قىلىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن گۇناھتىن ئازاد بولۇشنى خالىساق، چوقۇم توۋا قىلىپ ئۆزگۈرۈشىمىز كېرەك ۋە بۇ يەھۋانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىشىمىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ كېيىنكى ماقالىدە بۇ سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
149-ناخشا تۆلەم ئۈچۈن مىننەتدارمىز
a سۆز-ئىبارە مەنىسى: مۇقەددەس كىتابتا «گۇناھ» دېگەن سۆز ئىككى خىل مەنىدە ئىشلىتىلگەن. بەزىدە بۇ يەھۋانىڭ نەزىرىدىكى ناتوغرا ئىش-ھەرىكەتلەرنى ياكى ئۇ توغرا دېگەن ئىشلارنى قىلماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، «گۇناھ» دېگەن سۆز يەنە ئادەم ئاتىدىن مىراس ئالغان نامۇكەممەل ھالىتىمىزنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭا، مىراسقا ئالغان گۇناھ سەۋەبلىك، ئاخىرىدا ئۆلۈپ كېتىمىز.
b ئەيسا يەر يۈزىگە كېلىشتىن ئاۋۋال، يەھۋا ئۆزىگە سادىق بولغان كىشىلەرنىڭ سۇنغان قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلغان. چۈنكى، ئۇ كېلەچەكتە ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆز جېنىنى قۇربانلىق قىلىپ، پۈتكۈل ئادەمزاتنى قۇتقۇزىدىغانلىقىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئىدى.—رىملىقلار 3:25.