كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م24 ئاۋغۇ‌ست 8-‏13 ب.‏
  • يە‌ھۋا ھە‌ممە ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋا ھە‌ممە ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • توۋا قىلىش ھە‌ققىدە يە‌ھۋا ئىسرائىل خە‌لقىگە نېمىلە‌رنى ئۆگە‌تكە‌ن؟‏
  • گۇ‌ناھكارلارنىڭ توۋا قىلىشىغا يە‌ھۋا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏
  • توۋا قىلىش ھە‌ققىدە ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى نېمىلە‌رنى ئۆگە‌نگە‌ن؟‏
  • يە‌ھۋا بىزنى گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمدىن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • ئاقساقاللار گۇ‌ناھكارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • جامائە‌تتىن چىقىرىۋېتىلگە‌نلە‌رگە ياردە‌م بېرىش
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • يە‌ھۋا جامائە‌تنىڭ گۇ‌ناھكارلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشىنى خالايدۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
ك‌م24 ئاۋغۇ‌ست 8-‏13 ب.‏

32-‏تە‌تقىق ماقالىسى

38-‏ناخشا يۈكۈڭنى يە‌ھۋاغا تاشلا

يە‌ھۋا ھە‌ممە ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ

‏«يە‌ھۋا … ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇ‌شىنى خالىمايدۇ،‏ ئە‌كسىچە ھە‌ممە ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ‏».‏—‏2-‏پېتر.‏ 3:‏9.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

توۋا قىلىش نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقى،‏ نېمە ئۈچۈن چوقۇ‌م توۋا قىلىش كېرە‌كلىكى ۋە يە‌ھۋانىڭ ھە‌ممە ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىشىغا قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز.‏

1.‏ توۋا قىلىش دېگە‌ن نېمە؟‏

ناتوغرا بىر ئىشنى قىلىپ قويغاندىن كېيىن،‏ توۋا قىلىش بىز ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغاندا،‏ توۋا قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ناتوغرا ئىشلىرىنى ئۆچ كۆرۈشكە باشلاپ،‏ شۇ‌نداق ئىشلارنى قىلىشنى تاشلاپ،‏ ئۇ‌نى قايتا تە‌كرارلىماسلىققا قە‌تئىي بە‌ل باغلايدۇ.‏

2.‏ نېمە ئۈچۈن ھە‌ممىمىز توۋا قىلىش ھە‌ققىدە ئۆگىنىشىمىز لازىم؟‏ (‏نە‌ھە‌مىيا 8:‏9–‏11)‏

2 ھە‌ربىر ئىنسان توۋا قىلىشنى ئۆگىنىشى لازىم.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ھە‌ممىمىز ھە‌ر كۈنى گۇ‌ناھ ئۆتكۈزىمىز.‏ بىز ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنىڭ ئە‌ۋلادلىرى بولغاچقا،‏ ھە‌رقايسىمىز ئۇ‌لاردىن گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمنى مىراس ئالغان (‏رىملىقلار 3:‏23؛‏ 5:‏12)‏.‏ دېمە‌ك،‏ ھە‌ممىمىز گۇ‌ناھكار ۋە توۋا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ھە‌تتا كۈچلۈك ئىمان-‏ئېتىقاد كۆرسە‌تكە‌ن كىشىلە‌ر،‏ مە‌سىلە‌ن ئە‌لچى پاۋلۇ‌س گۇ‌ناھقا قارشى كۈرە‌ش قىلغان (‏رىملىقلار 7:‏21–‏24)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بۇ گۇ‌ناھلىرىمىز تۈپە‌يلىدىن ھە‌ردائىم ئۆزىمىزنى بىچارە ھېس قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ياق،‏ يە‌ھۋا رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك خۇ‌دا ۋە ئۇ بىزنىڭ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولۇ‌شىمىزنى خالايدۇ.‏ نە‌ھە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ كۈنلىرىدە ياشىغان يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى ‏(‏نە‌ھە‌مىيا 8:‏9–‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ئۆتمۈشتە ئۆتكۈزگە‌ن گۇ‌ناھلىرى ئۈچۈن داۋاملىق ئازابلىنىشىنى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى شاد-‏خۇ‌راملىق ئىچىدە ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشىنى خالىغان.‏ يە‌ھۋا توۋا قىلىشنىڭ كىشىنى خۇ‌شال قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ بىزگە توۋا قىلىشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى ئۆگىتىۋاتىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر گۇ‌ناھلىرىمىزغا توۋا قىلساق،‏ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك ئاتىمىزنىڭ بىزنى كە‌چۈرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلالايمىز.‏

3.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىز نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

3 بۇ ماقالىدە توۋا قىلىش ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك ئۆگىنىمىز.‏ ھازىر ئۈچ نە‌رسىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ چىقايلى.‏ بىرىنچى،‏ توۋا قىلىش ھە‌ققىدە يە‌ھۋا ئىسرائىل خە‌لقىگە نېمىلە‌رنى ئۆگە‌تكە‌ن؟‏ ئىككىنچى،‏ گۇ‌ناھكارلارنى توۋا قىلىشقا يېتە‌كلە‌ش ئۈچۈن يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئۈچىنچى،‏ توۋا قىلىش ھە‌ققىدە ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا قانداق تە‌لىم بە‌رگە‌ن؟‏

توۋا قىلىش ھە‌ققىدە يە‌ھۋا ئىسرائىل خە‌لقىگە نېمىلە‌رنى ئۆگە‌تكە‌ن؟‏

4.‏ توۋا قىلىش ھە‌ققىدە يە‌ھۋا ئىسرائىل خە‌لقىگە نېمىلە‌رنى ئۆگە‌تكە‌ن؟‏

4 يە‌ھۋا خۇ‌دا ئىسرائىللارنى بىر خە‌لق سۈپىتىدە تە‌شكىللىگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن ئە‌ھدە تۈزگە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرىغا بويسۇ‌نسا،‏ ئۇ ئۇ‌لارنى قوغدايدۇ ۋە بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏ ئاشۇ قانۇ‌نلار ھە‌ققىدە يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن بۈگۈن ساڭا بېرىدىغان ئە‌مر سە‌ن ئۈچۈن بە‌ك قىيىن ئە‌مە‌س ۋە ياكى سە‌ندىن يىراق ئە‌مە‌س» (‏تە‌كرار.‏ قا 30:‏11،‏ 16)‏.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار خۇ‌داغا قارشى ئىسىيان كۆتە‌رسە،‏ مە‌سىلە‌ن باشقا ئىلاھلارغا چوقۇ‌نۇ‌شنى تاللىسا،‏ ئۇ‌لار بە‌رىكە‌تلە‌ردىن ئايرىلىپ،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە دۇ‌چار بولاتتى.‏ لېكىن،‏ ئىسرائىللار ھە‌تتا شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە چۈشۈپ قالغاندا،‏ ئۇ‌لار خۇ‌داسى بولغان يە‌ھۋاغا قايتىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئاۋازىغا قۇ‌لاق سالسا،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىنى قايتا ياخشىلىيالايتتى (‏تە‌كرار.‏ قا 30:‏1–‏3،‏ 17–‏20)‏.‏ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ توۋا قىلىش پۇ‌رسىتى بار ئىدى.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار شۇ‌نداق قىلسا،‏ يە‌ھۋا قايتا ئۇ‌لارغا يېقىنلىشىپ،‏ ئۇ‌لارنى بە‌رىكە‌تلىگە‌ن.‏

5.‏ يە‌ھۋا بوينى قاتتىق ئىسرائىللارنى تاشلىمىغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ (‏2-‏پادىشاھلار 17:‏13،‏ 14)‏

5 يە‌ھۋا تاللىغان ئىسرائىل خە‌لقى تە‌كرار-‏تە‌كرار ئۇ‌نىڭغا قارشى ئىسىيان كۆتۈرگە‌ن.‏ ئۇ‌لار بۇ‌تپە‌رە‌سلىك قىلىپلا قالماي،‏ يە‌نە باشقا يىرگىنىچلىك ئىشلارنى قىلغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ‌لار كۆپ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى چە‌ككە‌ن.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا ئاشۇ بوينى قاتتىق ئىسرائىل خە‌لقىنى تاشلاپ كە‌تمىگە‌ن.‏ ئۇ قايتا-‏قايتا پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ ئۆز خە‌لقىنى توۋا قىلىشقا ۋە ئۆزىگە قايتىپ كېلىشكە دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏—‏2-‏پادىشاھلار 17:‏13،‏ 14-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

6.‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە توۋا قىلىشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۆز پە‌يغە‌مبە‌رلىرىنى قانداق ئىشلە‌تكە‌ن؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

6 يە‌ھۋا دائىم پە‌يغە‌مبە‌رلىرىنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ ئۆز خە‌لقىنى ئاگاھلاندۇ‌رغان ۋە تۈزە‌تكە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خۇ‌دا يە‌رە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئە‌ي مە‌ندىن يۈز ئۆرۈگە‌ن ئىسرائىل،‏ قايتىپ كە‌لگىن… .‏ مە‌ن سىلە‌رگە غە‌زە‌پ-‏نە‌پرە‌ت بىلە‌ن قارىمايمە‌ن،‏ چۈنكى مە‌ن ۋاپادار… .‏ مە‌ن ئە‌بە‌دغىچە غە‌زە‌پلىنىپ يۈرمە‌يمە‌ن.‏ سە‌ن چوقۇ‌م گۇ‌ناھىڭنى تونۇ‌پ توۋا قىلغىن،‏ چۈنكى سە‌ن خۇ‌دايىڭ يە‌ھۋاغا ئاسىيلىق قىلدىڭ» (‏يە‌رە‌م.‏ 3:‏12،‏ 13)‏.‏ يە‌ھۋا يوئېل پە‌يغە‌مبە‌رگە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «پۈتۈن قە‌لبىڭلار بىلە‌ن ماڭا قايتىپ كېلىڭلار» (‏يوئېل 2:‏12،‏ 13)‏.‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئۆزۈڭلارنى پاكىزلاڭلار؛‏ رە‌زىل قىلمىشلىرىڭلارنى كۆز ئالدىمدىن يوقىتىڭلار؛‏ يامانلىق قىلىشنى توختىتىڭلار» (‏يە‌شايا 1:‏16–‏19)‏.‏ يە‌ھۋا ھە‌زە‌كىيال پە‌يغە‌مبە‌رنى مۇ‌نداق دېيىشكە بۇ‌يرۇ‌ق بە‌رگە‌ن:‏ «ئە‌جە‌با،‏ رە‌زىل كىشى ئۆلسە،‏ مە‌ن خۇ‌رسە‌ن بولارمە‌نمۇ؟‏ ئۇ‌نىڭ يامان يوللىرىدىن قايتىپ،‏ ھايات قېلىشىنى خالىمايمە‌نمۇ؟‏ … شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ يولۇ‌ڭلاردىن قايتىپ،‏ ھايات قېلىڭلار» (‏ھە‌زە‌ك.‏ 18:‏23،‏ 32)‏.‏ ئادە‌ملە‌ر گۇ‌ناھلىرىغا توۋا قىلغانلىقىنى كۆرسە،‏ يە‌ھۋا ئىنتايىن خۇ‌شال بولىدۇ،‏ چۈنكى ئۇ ئۇ‌لارنىڭ مە‌ڭگۈ ياشىشىنى خالايدۇ!‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ناھكار ئادە‌ملە‌رگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇ‌لارنىڭ توۋا قىلىپ ئۆزگۈرۈشىنى كۈتۈپ تۇ‌رمايدۇ.‏ بۇ‌نىڭ بە‌زى مىساللىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

‏[9-‏بە‌تتىكى رە‌سىملە‌ر]‏

يە‌ھۋا ئۆز پە‌يغە‌مبە‌رلىرىنى ئىشلىتىپ،‏ توغرا يولدىن چىققان خە‌لقىنى توۋا قىلىشقا ئۈندىگە‌ن (‏6،‏ 7-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏


7.‏ ھوشىيا پە‌يغە‌مبە‌ر ۋە ئايالى گومە‌رنىڭ مىسالى ئارقىلىق،‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە نېمىلە‌رنى ئۆگە‌تكە‌ن؟‏

7 يە‌ھۋا ئۆز پە‌يغە‌مبىرى ھوشىيا ۋە ئۇ‌نىڭ ئايالى گومە‌رنىڭ مىسالى ئارقىلىق ئىسرائىللارغا مۇ‌ھىم بىر نە‌رسىنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ گومە‌ر زىنا قىلغاندىن كېيىن،‏ ھوشىيانى تاشلاپ،‏ باشقا ئە‌ر بىلە‌ن كېتىپ قالغان.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋا نېمە قىلغان؟‏ ئىنساننىڭ كۆڭلىدە نېمە بارلىقىنى بىلىشكە قادىر يە‌ھۋا خۇ‌دا ھوشىيا پە‌يغە‌مبە‌رگە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «يە‌ھۋا خۇ‌ددى باشقا ئىلاھلارغا چوقۇ‌نۇ‌پ،‏ ئۈزۈم توقاچلىرىنى ياخشى كۆرگە‌ن ئىسرائىل خە‌لقىنى سۆيگە‌ندە‌ك،‏ سە‌نمۇ قايتا بېرىپ،‏ باشقا ئە‌ر سۆيگە‌ن ۋە زىنا قىلىپ يۈرگە‌ن ئايالنى سۆيگىن» (‏ھوشىيا 3:‏1؛‏ پە‌ند.‏ نە 16:‏2)‏.‏ دىققە‌ت قىلساق،‏ ھوشىيانىڭ ئايالى گومە‌ر يە‌نىلا ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىدى.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ يە‌ھۋا ھوشىيا پە‌يغە‌مبە‌رگە بىرىپ ئايالىنى تېپىپ،‏ ئۇ‌نى كە‌چۈرۈپ،‏ ئۆيىگە قايتۇ‌رۇ‌پ كېلىشنى بۇ‌يرۇ‌غانa‏.‏ بۇ مىسال ئارقىلىق،‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقى ئىسرائىلدىن ئۈمىدىنى ئۈزمىگە‌نلىكىنى بىلدۈرمە‌كچى بولغان.‏ ھە‌تتا ئىسرائىللار ئېغىر گۇ‌ناھلارغا پاتقان بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا يە‌نىلا ئۇ‌لارنى سۆيگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ‌لارنى توۋا قىلىپ،‏ يوللىرىدىن قايتىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىپ،‏ ياردە‌م قولىنى سۇ‌نۇ‌شنى داۋاملاشتۇ‌رغان.‏ بۇ مىسالدىن شۇ‌نى ئۆگىنە‌لە‌يمىزكى،‏ يە‌ھۋا ئىنساننىڭ قە‌لبىدە نېمە بارلىقىنى بىلگۈچىدۇ‌ر ۋە داۋاملىق ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈۋاتقان كىشىنىڭ توۋا قىلىشى ئۈچۈن ياردە‌م بېرىشكە ھە‌رىكە‌ت قىلىدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 17:‏3.‏

گۇ‌ناھكارلارنىڭ توۋا قىلىشىغا يە‌ھۋا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

8.‏ قابىل توۋا قىلىشقا باشلاش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ (‏يارىتىلىش 4:‏3–‏7)‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

8 قابىل ئادە‌م-‏ئاتا ۋە ھاۋا-‏ئانىنىڭ تۇ‌نجى ئوغلى ئىدى.‏ ئۇ ئۆز ئاتا-‏ئانىسىدىن گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈش خاھىشىنى مىراس ئالغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قابىل ھە‌ققىدە:‏ «ئۇ‌نىڭ ئىشلىرى يامان»،‏—‏ دە‌يدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏12)‏.‏ بە‌لكىم،‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن يە‌ھۋا قابىلدىن ۋە ئۇ‌نىڭ قۇ‌ربانلىقىدىن خۇ‌رسە‌ن بولمىغان.‏ ئۆز يامان يوللىرىدىن قايتىپ،‏ توۋا قىلىشنىڭ ئورنىغا،‏ قابىل ئىنتايىن خاپا بولۇ‌پ،‏ چىرايى تۇ‌تۇ‌لۇ‌پ كە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌نىڭغا دىققە‌ت قىلىڭكى،‏ يە‌ھۋا مېھرىبانلىق بىلە‌ن قابىلغا سۆزلىگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭغا ئە‌گە‌ر ئۇ توغرا ئىشلارنى قىلسا،‏ ئۇ‌نى بە‌رىكە‌تلە‌يدىغانلىقىنى ئېيتقان ‏(‏يارىتىلىش 4:‏3–‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ خۇ‌دا ھابىلنى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ ئاچچىقلىنىشنىڭ ئېغىر گۇ‌ناھقا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ بە‌ك ئە‌پسۇ‌س،‏ قابىل ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شقا قولاق سالمىغان.‏ گە‌رچە يە‌ھۋا قابىلنى توۋا قىلىشقا يېتە‌كلىگە‌ن بولسىمۇ،‏ قابىل ياردە‌منى قوبۇ‌ل قىلمىغان.‏ قابىل شۇ‌نداق سە‌لبىي ئىنكاس قايتۇ‌رغاندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا باشقا گۇ‌ناھكار كىشىلە‌رنىڭ توۋا قىلىشىغا ياردە‌م بېرىشنى توختاتقانمۇ؟‏

قابىل كالتە‌كنى كۆتۈرۈپ،‏ ھابىلنى ئۆلتۈرۈشكە كېتىۋاتىدۇ.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئاسماندىن كە‌لگە‌ن ئاۋازىنى ئاڭلاش ئۈچۈن،‏ كە‌ينىگە قاراۋاتىدۇ.‏

يە‌ھۋا مېھرىبانلىق بىلە‌ن قابىلغا سۆزلە‌پ،‏ توۋا قىلىش ئۈچۈن پۇ‌رسە‌ت بە‌رگە‌ن ۋە گۇ‌ناھقا باشلايدىغان خە‌تە‌ردىن ئاگاھلاندۇ‌رغان (‏8-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


9.‏ پادىشاھ داۋۇ‌تنى توۋا قىلىشقا باشلا ئۈچۈن يە‌ھۋا نېمە قىلغان؟‏

9 يە‌ھۋا پادىشاھ داۋۇ‌تنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگە‌ن.‏ ئۇ ھە‌تتا ئۇ‌نى «كۆڭلۈمگە ياقىدىغان بىر ئادە‌م» دە‌پمۇ ئاتىغان (‏ئە‌لچى.‏ 13:‏22)‏.‏ بىراق،‏ داۋۇ‌ت كېيىنرە‌ك زىنا ۋە قاتىللىق قىلىشتە‌ك ئېغىر گۇ‌ناھلارنى ئۆتكۈزگە‌ن.‏ مۇ‌سا قانۇ‌نى بويىچە،‏ داۋۇ‌ت ئۆلۈمگە لايىق ئىدى (‏لاۋى.‏ 20:‏10؛‏ سانلار 35:‏31)‏.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا داۋۇ‌تنىڭ توۋا قىلىشىغا ياردە‌م بە‌رمە‌كچى بولغانb‏.‏ گە‌رچە شۇ چاغدا داۋۇ‌ت تېخى گۇ‌ناھنى ئېتىراپ قىلىپ،‏ توۋا قىلغان بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ يېنىغا ناتان پە‌يغە‌مبە‌رنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ ناتان بىر تە‌مسىلنى ئېيىپ،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھقا ئېغىر گۇ‌ناھلىرىنى تونۇ‌پ يېتىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ بۇ تە‌مسىلدىن قاتتىق تە‌سىرلە‌نگە‌ن داۋۇ‌ت چىن قە‌لبىدىن توۋا قىلغان (‏2-‏سام.‏ 12:‏1–‏14)‏.‏ كېيىن،‏ ئۇ ئۆتكۈزگە‌ن گۇ‌ناھلىرىغا قاتتىق پۇ‌شايمان قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان زە‌بۇ‌رنىڭ بىر كۈيىنى يازغان (‏51-‏باب ۋە كىرىش سۆزى)‏ بۇ بابتىكى ئايە‌تلە‌ر سان-‏ساناقسىز گۇ‌ناھكارلارنىڭ كۆڭلىنى تە‌سە‌للى تاپقۇ‌زۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنى توۋا قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك يە‌ھۋانىڭ ئامراق خىزمە‌تچىسى داۋۇ‌تنىڭ توۋا قىلىشىغا ياردە‌م بە‌رگىنىگە چىن قە‌لبىمىزدىن مىننە‌تدارمىز.‏

10.‏ يە‌ھۋانىڭ گۇ‌ناھكارغا سە‌ۋرچان ۋە كە‌چۈرۈمچان بولىدىغانلىقىنى بىلگىنىڭىزدە،‏ نېمىلە‌رنى ھېس قىلدىڭىز؟‏

10 يە‌ھۋا بارچە گۇ‌ناھلارنى ئۆچ كۆرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 5:‏4،‏ 5)‏.‏ لېكىن،‏ ئۇ ھە‌ممىمىزنىڭ گۇ‌ناھكار ئىكە‌نلىكىمىزنى ئوبدان بىلىدۇ.‏ ۋە بىزنى سۆيگە‌چكە،‏ گۇ‌ناھقا قارشى كۈرە‌ش قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ھە‌تتا ئېغىر گۇ‌ناھلارغا پېتىپ قالغان كىشىلە‌ر بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ھە‌ردائىم ئۇ‌لارنىڭ توۋا قىلىشىغا ۋە ئۆزىگە يېقىنلىشىشىغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ھە‌رىكە‌ت قىلىدۇ.‏ بۇ‌نى بىلىش بىز ئۈچۈن نە‌قە‌دە‌ر زور تە‌سە‌للى-‏ھە!‏ يە‌ھۋانىڭ سە‌ۋر-‏تاقىتى ۋە كە‌چۈرۈمچانلىقى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغىنىڭىزدا،‏ ئۇ‌نىڭغا سادىق قېلىشقا قە‌تئىي بە‌ل باغلايمىز ۋە گۇ‌ناھ ئۆتكۈزسە‌ك،‏ دە‌رھال توۋا قىلىپ ئۆزگە‌رتىمىز.‏ ھازىر توۋا قىلىش ھە‌ققىدە ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا نېمىلە‌رنى ئۆگە‌تكە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

توۋا قىلىش ھە‌ققىدە ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى نېمىلە‌رنى ئۆگە‌نگە‌ن؟‏

11،‏ 12.‏ يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمچانلىقى ھە‌ققىدە،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ كىشىلە‌رنىڭ نېمىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ (‏ رە‌سىمگە قاراڭ)‏.‏

11 مىلادى بىرىنچى ئە‌سىردە مە‌سىھ كېلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ ئالدىنقى ماقالىدە تىلغان ئېلىپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ يە‌ھيا پە‌يغە‌مبە‌ر ۋە ھە‌زرىتى ئە‌يسانى ئىشلىتىپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئادە‌ملە‌رگە توۋا قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇ‌ھىملىقىنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏—‏مە‌تتا 3:‏1،‏ 2؛‏ 4:‏17‏.‏

12 ھە‌زرىتى ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە كىشىلە‌رگە تە‌لىم بە‌رگە‌ندە،‏ ئاسماندىكى ئاتىسىنىڭ گۇ‌ناھكار كىشىلە‌رنى كە‌چۈرۈم قىلىشقا تە‌شنا ئىكە‌نلىكى ئېيتقان.‏ بۇ مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌تنى يورۇ‌تۇ‌پ بېرىش ئۈچۈن،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئاداشقان ئوغۇ‌ل توغرىسىدا مۇ‌نداق بىر تە‌مسىلنى كە‌لتۈرگە‌ن.‏ بىر ياش يىگىت ئە‌يىش-‏ئىشرە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشنى قارار قىلىپتۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ يىگىت كېيىنرە‌ك ئە‌قلىنى تېپىپ،‏ دادىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كە‌پتۇ.‏ دادىسى قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا:‏ «ئۇ تېخى يىراقتا كېلىۋاتقاندا،‏ ئاتا ئوغلىنى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ،‏ ئالدىغا يۈگرە‌پ چىقىپ،‏ ئۇ‌نى باغرىغا بېسىپ،‏ سۆيۈپ كېتىپتۇ»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئۇ دادىسىغا ئۆزىنى خىزمە‌تكار سۈپىتىدە قوبۇ‌ل قىلىشنى ئېيتقان،‏ دادىسى بولسا ئۇ‌نى كە‌چۈرۈپ،‏ ئوغلۇ‌م دە‌پ چاقىرىپ،‏ ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپتۇ.‏ دادىسى:‏ «ئۇ ئادىشىپ يوقالغان،‏ تېپىلدى»،‏—‏ دېگە‌ن (‏لۇ‌قا 15:‏11–‏32)‏.‏ يە‌ر يۈزىگە كېلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن ئاسماندا ياشىغاندا،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا چوقۇ‌م ئاتىسىنىڭ توۋا قىلغان سان-‏ساناقسىز گۇ‌ناھكارلارغا رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسە‌تكە‌نلىكىنى كۆرگە‌ن.‏ ئۇ شۇ تە‌سىرلىك تە‌مسىل ئارقىلىق يە‌ھۋانىڭ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت ئاتا ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە ۋە كۆڭلىمىزنىڭ تە‌سە‌للى تېپىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏

ئە‌يسانىڭ ئاداشقان ئوغۇ‌ل ھە‌ققىدىكى تە‌مسىلىدە،‏ ئوغۇ‌لنى باغرىغا بېسىش ئۈچۈن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان دادىنىڭ ئالدىدا ئوغلى تىزلىنىۋاتىدۇ.‏

ئە‌يسانىڭ ئاداشقان ئوغۇ‌ل ھە‌ققىدىكى تە‌مسىلىدە،‏ ئۆيىگە قايتىپ كېلىۋاتقان ئوغلىنى باغرىغا بېسىش ئۈچۈن دادىسى ئوغلىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ (‏11،‏ 12-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏


13،‏ 14.‏ توۋا قىلىش ھە‌ققىدە ئە‌لچى پېترۇ‌س نېمىلە‌رنى ئۆگە‌نگە‌ن ۋە ئۇ باشقىلارغا نېمىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌لىم بېرە‌لىگە‌ن؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

13 ئە‌لچى پېترۇ‌س ھە‌زرىتى ئە‌يسادىن توۋا قىلىش ۋە كە‌چۈرۈم قىلىش ھە‌ققىدە نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌رنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ پېترۇ‌س نۇ‌رغۇ‌ن خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگە‌ن ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ ئۇ‌نى كە‌چۈرۈم قىلىشقا ھە‌رقاچان تە‌ييار ئىدى.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س ئۆز ئۇ‌ستازى ئە‌يسادىن ئۈچ قېتىم تانغاندىن كېيىن،‏ قاتتىق ئازابلىنىپ،‏ چۈشكۈنلۈككە چۈشكە‌ن قالغان (‏مە‌تتا 26:‏34،‏ 35،‏ 69–‏75‏)‏.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ تىرىلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ بە‌لكىم ئە‌لچى پېترۇ‌س يالغۇ‌ز بولغاندا،‏ ئۇ‌نىڭغا كۆرۈنگە‌ن (‏لۇ‌قا 24:‏33،‏ 34؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 15:‏3–‏5)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ شۇ چاغدا ھە‌زرىتى ئە‌يسا پېترۇ‌سنىڭ توۋا قىلغانلىقىنى بىلگە‌ن ۋە ئۇ‌نى كە‌چۈرۈۋە‌تكە‌نلىكىنى ئۇ‌نىڭغا ئېنىق بىلدۈرگە‌ن.‏—‏ماركۇ‌س 16:‏7.‏

14 ئە‌لچى پېترۇ‌س باشتىن كە‌چۈرگە‌ن ۋە‌قە‌لە‌ردىن توۋا قىلىش ۋە كە‌چۈرۈم قىلىش ھە‌ققىدە كۆپ نە‌رسىنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ باشقىلارغا شۇ توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌لىم بېرە‌لە‌يتتى.‏ ئە‌للىكىنچى كۈنى بايرىمىدىن بىراز ۋاقىت ئۆتكە‌ندە،‏ پېترۇ‌س بىر توپ يە‌ھۇ‌دىيلارغا نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ مە‌سىھنى ئۆلتۈرگە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بە‌رگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئۇ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن شۇ‌نداق سۆزلە‌رنى قىلغان:‏ «گۇ‌ناھلىرىڭلارنىڭ كە‌چۈرۈلۈشى ئۈچۈن توۋا قىلىپ،‏ توغرا يولغا قايتىڭلاركى،‏ يە‌ھۋا ئۆزى جاننى ئارام تاپقۇ‌زىدىغان كۈنلە‌رگە ئېرىشتۈرسۇ‌ن» (‏ئە‌لچى.‏ 3:‏14،‏ 15،‏ 17،‏ 19)‏.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س بۇ سۆزلە‌ر ئارقىلىق،‏ چىن قە‌لبىدىن توۋا قىلغان كىشى توغرا يولغا قايتىشى،‏ يە‌نى خاتا ئوي-‏پىكىر قىلىش ۋە ھايات كە‌چۈرۈش ئۇ‌سۇ‌لىنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ قايتا خاتا ئىشلارنى قىلماسلىقى ۋە خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشى كېرە‌كلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارنىڭ گۇ‌ناھلىرىنى پۈتۈنلە‌ي كە‌چۈرۈم قىلىدىغانلىقى ياكى يوق قىلىۋېتىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌زۇ‌ن يىللار ئۆتۈپ كە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ پېترۇ‌س قېرىنداشلارغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏«يە‌ھۋا … سىلە‌رگە سە‌ۋرچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ،‏ ئە‌سلىدە ئۇ ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇ‌شىنى خالىمايدۇ،‏ ئە‌كسىنچە ھە‌ممە ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ» (‏2-‏پېتر.‏ 3:‏9)‏.‏ گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ندىن كېيىن چىن قە‌لبىمىزدىن توۋا قىلساق،‏ ھە‌تتا ئىنتايىن ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغان بولساقمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى پۈتۈنلە‌ي كە‌چۈرىدىغانلىقىنى بىلىش كۆڭلىمىزنى تە‌سە‌للى تاپقۇ‌زىدۇ!‏

كوللاژ:‏ 1.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س قاتتىق يىغلاۋاتىدۇ.‏ 2.‏ تىرىلگە‌ن ئە‌يسا پېترۇ‌سقا تە‌سە‌للى بېرىۋاتىدۇ.‏

ھە‌زرىتى ئە‌يسا توۋا قىلغان ئە‌لچىسىنى چىن كۆڭلىدىن كە‌چۈرگە‌ن (‏14،‏13-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏


15،‏ 16.‏ (‏1)‏ كە‌چۈرۈم قىلىش ھە‌ققىدە ئە‌لچى پاۋلۇ‌س نېمىلە‌رنى ئۆگە‌نگە‌ن؟‏ (‏1-‏تىموتىي 1:‏12–‏15)‏ (‏2)‏ كېيىنكى ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

15 توۋا قىلىشقا ۋە كە‌چۈرۈمگە ئېرىشىشكە ئالاھىدە مۇ‌ھتاج كىشىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق سۆز قىلغاندا،‏ تارسۇ‌سلۇ‌ق سائۇ‌ل،‏ يە‌نى ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنى تىلغا ئالماي تۇ‌رالمايمىز.‏ ئۇ ئە‌يسا مە‌سىھكە ئە‌گە‌شكە‌نلە‌رگە ۋە‌ھشىيلە‌رچە زىيانكە‌شلىك قىلغان.‏ بە‌لكىم،‏ كۆپلىگە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۇ‌نىڭ توۋا قىلىپ ئۆزگۈرۈشىدىن ئۈمىد كۈتمىگە‌ن.‏ بىراق،‏ تىرىلدۈرۈلگە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھ تامامە‌ن باشقىچە ئويلىغان.‏ ئۇ ۋە ئاتىسى يە‌ھۋا سائۇ‌لنىڭ يوشۇ‌رۇ‌ن پە‌زىلە‌تلىرىنى كۆرگە‌ن.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بۇ كىشى مە‌ن ئۈچۈن تاللانغان بىر ئە‌سۋابتۇ‌ر» (‏ئە‌لچى.‏ 9:‏15)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ سائۇ‌لنى توۋا قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىش ئۈچۈن ھە‌تتا مۆجىزە كۆرسە‌تكە‌ن ئىدى (‏ئە‌لچى.‏ 7:‏58–‏8:‏3؛‏ 9:‏1–‏9،‏ 17–‏20)‏.‏ سائۇ‌ل مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغاندىن كېيىن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س دە‌پمۇ ئاتالغان،‏ ئۇ يە‌ھۋا ۋە مە‌سىھ ئە‌يسانىڭ ئۆزىگە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌نلىكى ئۈچۈن دائىم مىننە‌تدارلىقىنى بىلدۈرگە‌ن ‏(‏1-‏تىموتىي 1:‏12–‏15-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ قېرىنداشلارغا تە‌لىم بېرىپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سە‌ن خۇ‌دانىڭ مېھرىبانلىقى سېنى توۋا قىلىشقا باشلاش ئىكە‌نلىكىنى بىلمە‌مسە‌ن؟‏»—‏رىملىقلار 2:‏4.‏

16 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س كورىنت شە‌ھىرىدىكى جامائە‌تتە ئېتىقادچىلارنىڭ ئە‌خلاقسىزلىققا كۆز يۇ‌مۇ‌پ يۈرگە‌نلىكىنى ئاڭلىغان.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۇ بۇ مە‌سىلىنى قانداق ھە‌ل قىلغان؟‏ پاۋلۇ‌سنىڭ كورىنتلىقلارغا يازغان خېتىدىن،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن تە‌ربىيە بېرىدىغانلىقى،‏ توۋا قىلغان كىشىگە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك يە‌ھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.‏ كېيىنكى ماقالىدە كورىنت جامائىتىدە نېمە ئىش بولغانلىقىنى تە‌پسىلىيرە‌ك مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  •  توۋا قىلىش ھە‌ققىدە يە‌ھۋا ئىسرائىل خە‌لقىگە نېمىلە‌رنى ئۆگە‌تكە‌ن؟‏

  •  گۇ‌ناھكارلارنىڭ توۋا قىلىشىغا يە‌ھۋا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

  •  توۋا قىلىش ھە‌ققىدە ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى نېمىلە‌رنى ئۆگە‌نگە‌ن؟‏

6-‏ناخشا خۇ‌دا خىزمە‌تچىسىنىڭ دۇ‌ئاسى

a  بۇ ئالاھىدە ۋە‌قە.‏ بۈگۈنكى كۈندە ئە‌گە‌ر توي قىلغان ئە‌ر-‏ئايالدىن بىر تە‌رە‌پ زىنا قىلسا،‏ يە‌ھۋا ۋاپادارلىقىنى ساقلىغان تە‌رە‌پتىن نىكاھىنى ساقلاپ قېلىشنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ يە‌ھۋا مە‌سىھ ئە‌يسا ئارقىلىق،‏ ۋاپادارلىقنى ساقلىغان تە‌رە‌پ زىنا قىلغان جورىسىدىن ئاجرىشىشنى تاللىسا بولىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏—‏ مە‌تتا 5:‏32؛‏ 19:‏9‏.‏

b  «كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىلدا)‏ 2012-‏يىل،‏ 15-‏نويابىر سانى 21–‏23-‏بە‌تلە‌ردىكى «‏يە‌ھۋا كە‌چۈرۈشكە تە‌شنا خۇ‌دادۇ‌ر‏» ناملىق ماقالىنىڭ 3–‏10-‏ ئابزاسلارغا قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش