33-تەتقىق ماقالىسى
35-ناخشا رەھمەت، خۇدا سەۋرچانلىقىڭغا
يەھۋا جامائەتنىڭ گۇناھكارلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى خالايدۇ؟
«ئەگەر بىرى گۇناھ قىلغان بولسا، … [بىزدە] بىر ياردەمچى … بار». —1-يۇھاننا 2:1.
مەركىزى ئىدىيە
بىرىنچى ئەسىردىكى كورىنت جامائىتىدە بىر كىشى ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەندە، جامائەتنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان مۇئامىلىسىدىن قانداق مۇھىم ساۋاقلارنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
1. يەھۋا بارچە ئىنسانلارنىڭ نېمە قىلىشىنى خالايدۇ؟
يەھۋا ئىنسانلارنى ياراتقاندا، ئۇلارغا تاللاش ئەركىنلىكى بەرگەن. بىز ھەر كۈنى چوڭ-كىچىك قارارلارنى چىقارغاندا بۇ ھەدىيىنى قوللىنىمىز. بىر ئىنسان ھاياتىدا چىقىرىدىغان ئەڭ مۇھىم قارار بولسا، ئۆزىنى يەھۋاغا بېغىشلاش ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشتۇر. يەھۋا ھەربىر ئىنساننىڭ شۇنداق قارار چىقىرىشىنى خالايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى ئۇ ئىنسانلارنى سۆيىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئېرىشىشىنى خالايدۇ. يەھۋا بىز ئىنسانلارنىڭ ئۆزى بىلەن دوست بولۇپ، شاد-خۇرام مەڭگۈ ياشىشىنى خالايدۇ.—تەكرار. قا 30:19، 20؛ گالاتىيا. 6:7، 8.
2. يەھۋا ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ (1-يۇھاننا 2:1)
2 لېكىن، يەھۋا ھېچكىمنى ئۆزىگە خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلىمايدۇ. ئۇ ھەربىر ئىنساننىڭ ئۆزى قارار چىقىرىشىغا يول قويغان. ئەگەر چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن مەسىھ ئەگەشكۈچىسى خۇدانىڭ قانۇنىنى بۇزۇپ، ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولسىچۇ؟ ئەگەر ئۇ كىشى توۋا قىلمىسا، جامائەتنىڭ بىر ئەزاسى بولالمايدۇ (1-كورىنت. 5:13). ھەتتا شۇنداق ۋەزىيەتتە چۈشكەن بولسىمۇ، يەھۋا شۇ گۇناھكار كىشىنىڭ قايتىپ كېلىپ، ئۆزى بىلەن قايتىدىن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى چىن كۆڭلىدىن ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، خۇدانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى — توۋا قىلغان گۇناھكارنى كەچۈرۈمگە ئېرىشتۈرۈشتۇر (1-يۇھاننا 2:1-نى ئوقۇڭ). سۆيگۈ-مۇھەببىتى مول خۇدايىمىز يەھۋا مېھرىبانلىق بىلەن ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرنى توۋا قىلىشقا ئۈندىمەكتە.—زەكەرىيا 1:3؛ رىملىقلار 2:4؛ ياقۇپ 4:8.
3. بۇ ماقالىدە بىز نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 يەھۋا گۇناھ ۋە گۇناھكارغا قانداق مۇئامىلە قىلسا، بىزنىڭمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىشىمىزنى خالايدۇ. بۇ ماقالىدە، تۆۋەندىكى ئۈچ سوئالنى مۇھاكىمە قىلىمىز (1) بىرىنچى ئەسىردە كورىنت جامائىتىدە بىرى ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەندە، پاۋلۇس بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلغان؟ (2) گۇناھكار توۋا قىلغاندىن كېيىن، ئەلچى پاۋلۇس كورىنت جامائىتىگە قانداق كۆرسەتمە بەرگەن؟ (3) مۇقەددەس كىتابتىكى بۇ بايانلار، يەھۋانىڭ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بىزگە نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟
بىرىنچى ئەسىردە كورىنت جامائىتى ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشىگە قانداق مۇئامىلە قىلغان؟
4. بىرىنچى ئەسىردىكى كورىنت جامائىتىدە قانداق ۋەقە يۈز بەرگەن؟ (1-كورىنتلىقلار 5:1، 2)
4 1-كورىنتلىقلار 5:1، 2-نى ئوقۇڭ. ئۈچىنچى قېتىملىق ۋەز قىلىش سەپىرىدە، پاۋلۇس ئەمدىلا يېڭى قۇرۇلغان كورىنت جامائىتى توغرۇلۇق يامان خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان. شۇ جامائەتتىكى بىر بۇرادەر ئۆزىنىڭ ئۆگەي ئانىسى بىلەن جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىۋاتقان ئىدى. بۇ كىشىنى چۆچۈتىدىغان خەۋەر بولۇپ، ئۇنداق ئەخلاقسىزلىق ھەتتا خۇداغا ئىشەنمەيدىغان ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئۇچرىمايدىغان بىر ئىش ئىدى. لېكىن، جامائەت شۇنداق رەزىل قىلمىشقا كۆز يۇمۇپلا قالماي، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ يۈرگەن. بەلكىم، جامائەتتىكى بەزىلەر خۇداغا ئوخشاش نامۇكەممەل ئىنسانلارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىۋاتىمىز دەپ ئويلىغان. ئەمما، يەھۋا خۇدا ئۆز خەلقىنىڭ ئۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىشىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ. شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇ ئادەمنىڭ نومۇسسىز قىلمىشى جامائەتنىڭ ياخشى نامىغا داغ تەگكۈزگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئادەم جامائەتتە ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلىپ ئارىلىشىپ يۈرگەنلەرگە يامان تەسىر قىلىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنداقتا، پاۋلۇس جامائەتكە قانداق كۆرسەتمە بەرگەن؟
5. ئەلچى پاۋلۇس كورىنت جامائىتىگە نېمە قىلىشنى ئېيتقان ۋە ئۇ نېمە دېمەكچى بولغان؟ (1-كورىنتلىقلار 5:13) (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
5 1-كورىنتلىقلار 5:13-نى ئوقۇڭ. خۇدانىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن ئەلچى پاۋلۇس كورىنت جامائىتىگە خەت يېزىپ ، گۇناھىغا توۋا قىلمىغان كىشىنى ئارىلىرىدىن چىقىرىۋېتىشنى بۇيرۇغان. ئۇنداقتا، سادىق ئېتىقادچىلار ئاشۇ كىشىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك ئىدى؟ ئەلچى پاۋلۇس ئۇلارغا: «شۇنداق كىشى بىلەن ئارىلاشماڭلار»،— دېگەن. ئۇ نېمە دېمەكچى بولغان؟ ئەلچى پاۋلۇس شۇ بۇيرۇقنىڭ نېمىنى ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ: «ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن تاماقمۇ يېمەڭلار»،— دېگەن (1-كورىنت. 5:11). ئەگەر بىرى بىلەن ھەمداستىخان بولساق، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلاپ، ئارىمىزدا يېقىنچىلىق پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، ناھايىتى ئېنىقكى پاۋلۇسنىڭ دېمەكچى بولغىنى، كورىنت جامائىتى ئاشۇ كىشى بىلەن باردى-كەلدى قىلىپ، ئارىلىشىپ يۈرمەسلىكى كېرەكتى. قېرىنداشلار شۇنداق قىلغاندىلا ئۇنىڭ يامان تەسىرىدىن ھىمايىگە ئېرىشەلەيتتى (1-كورىنت. 5:5–7). ئۇنىڭدىن باشقا، جامائەت ئۇ كىشى بىلەن ئالاقە قىلىشتىن ساقلانسا، ئۇ بەلكىم ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھىنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ، ئۆز قىلمىشىدىن نومۇس قىلىپ، توۋا قىلىشى مۇمكىن.
ئەلچى پاۋلۇس خۇدانىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، توۋا قىلمىغان گۇناھكارنى جامائەتتىن چىقىرىۋېتىش كېرەكلىكى ھەققىدە خەت يازغان (5-ئابزاسقا قاراڭ)
6. ئەلچى پاۋلۇسنىڭ خېتى جامائەتكە ۋە ئاشۇ گۇناھكار كىشىگە قانداق تەسىر قىلغان؟
6 ئەلچى پاۋلۇس كورىنت جامائىتىگە خەت يازغاندىن كېيىن، چوقۇم ئۇلارنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى بىلمەكچى بولغان. كېيىن، تىتۇس ئەلچى پاۋلۇسقا خۇشاللىنارلىق خەۋەرلەرنى ئېلىپ كەلگەن. جامائەت پاۋلۇسنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلاپ، گۇناھ قىلغان كىشىنى جامائەتتىن چىقاردى (2-كورىنت. 7:6، 7). شۇنداقلا پاۋلۇسنىڭ يازغان بىرىنچى خېتىدىن كۆپ ئۆتمەي شۇ كىشى توۋا قىلدى. ئۇ تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۆزگەرتىپ، يەھۋا خۇدانىڭ ئادىل ئۆلچەملىرىگە ئەگىشىشنى باشلىغان (2-كورىنت. 7:8–11). ئەلچى پاۋلۇس داۋامىدا جامائەتكە قانداق نەسىھەت بەرگەن؟
جامائەت توۋا قىلغان كىشىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟
7. كورىنت جامائىتى گۇناھكار كىشىنى جامائەتتىن چىقارغاندىن كېيىن، نەتىجىدە ئۇ كىشى نېمە قىلغان؟ (2-كورىنتلىقلار 2:5–8)
7 2-كورىنتلىقلار 2:5–8-نى ئوقۇڭ. ئەلچى پاۋلۇس مۇنداق دېگەن: «كۆپىنچىڭلار ئۇ كىشىنى ئەيىبلەپ بەرگەن تەنبىھنىڭ ئۆزى يېتەرلىك». باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تەربىيە ئۆز مېۋىسىنى بېرىپ، گۇناھكار كىشىنى توۋا قىلىشقا يېتەكلىگەن. شۇڭا، جامائەتنىڭ ئۇ كىشىنى داۋاملىق ئەيىبلىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.—ئىبرانىي. 12:11.
8. ئەلچى پاۋلۇس كېيىن كورىنت جامائىتىگە يەنە نېمە دېگەن؟
8 شۇ سەۋەب، پاۋلۇس كورىنت جامائىتىدىكى ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېگەن: «ئەمدى ئۇنى چىن دىلدىن كەچۈرۈم قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىڭلار». دىققەت قىلساق، پاۋلۇس پەقەت جامائەتنىڭ ئۇ كىشىنى يەھۋانىڭ خەلقى ئارىسىغا قايتا قوبۇل قىلىشىنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئۇ كىشىنى سۆيىدىغانلىقىنى ۋە چىن دىلىدىن كەچۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىشىنى خالىغان. جامائەت شۇنداق قىلسا، توۋا قىلغان كىشى جامائەتكە قايتىپ كەلگىنى ئۈچۈن، قېرىنداشلارنىڭ ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ يېتەلەيتتى.
9. نېمە ئۈچۈن بەزى قېرىنداشلار گۇناھىغا توۋا قىلغان كىشىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان بولۇشى مۇمكىن؟
9 گۇناھىغا توۋا قىلغان شۇ كىشى جامائەتكە قايتا قوبۇل قىلىندىغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، كورىنت جامائىتىدە خۇشال بولمىغان ئېتىقادچىلار بولغانمۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا ھېچنېمە دېيىلمىگەن، لېكىن شۇنداق كىشىلەر بولغان بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم، بەزىلەر داۋاملىق ئاچچىقلىنىپ يۈرگەندۇ. چۈنكى، ئۇ كىشىنى خاتالىقى پۈتۈن جامائەتكە قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. ھەتتا بەزى ئېتىقادچىلار ئىنتايىن نومۇس قىلغاندۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋانىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە ماس پاك ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان بەزىلەر، شۇنداق ئەخلاقسىزلىق قىلغان بىرىنىڭ جامائەتكە قايتا قوبۇل قىلىنىپ، قىزغىن قارشى ئېلىنغانلىقىنى ئادالەتسىزلىك دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن (لۇقا 15:28–30-نى سېلىشتۇرۇڭ). ئۇنداقتا، توۋا قىلىپ جامائەتكە قايتىپ كەلگەن كىشىگە كورىنت جامائىتىدىكى قېرىنداشلارنىڭ سەمىمىي سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشى نېمە ئۈچۈن بەك مۇھىم بولغان؟
10، 11. ئەگەر جامائەت توۋا قىلغان كىشىنى كەچۈرمىسە، ئاقىۋەتتە نېمە ئىشلار بولۇشى مۇمكىن؟
10 ئويلاپ كۆرۈڭ، ئەگەر ھەقىقىي توۋا قىلغان كىشىنىڭ جامائەتكە قايتىپ كېلىشىگە ئاقساقاللار يول قويمىسا ياكى جامائەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قېرىنداشلار ئۇ كىشىگە سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى خالىمىسا، ئۇ ئۆزىنى قانداق ھېس قىلىشى مۇمكىن؟ ئۇ «غەم-قايغۇدىن باش كۆتۈرەلمەي»، ئەمدى ئۈمىد يوق دەپ تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ كېتەتتى. ھەتتا يەھۋا بىلەن مۇناسىۋىتىنى قايتا ياخشىلاشقا تىرىشماسلىقى مۇمكىن ئىدى.
11 تېخىمۇ يامان يېرى، توۋا قىلغان كىشىنى كەچۈرۈشنى رەت قىلغان قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە خەۋپ-خەتەرگە تۇغدۇراتتى. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇلار رەھىم-شەپقەتلىك ۋە كەچۈرۈمچان يەھۋانى ئەمەس، بەلكىم ياۋۇز ۋە رەھىمسىز شەيتاننى ئۈلگە قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئىبلىسنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ، ئاشۇ قايتىپ كەلگەن قېرىنداشنى خۇداغا خىزمەت قىلىشتىن توختىتىپ قوياتتى.—2-كورىنت. 2:10، 11؛ ئەفەس. 4:27.
12. كورىنت جامائىتىدىكىلەر يەھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايتتى؟
12 ئۇنداقتا، كورىنت شەھىرىدىكى جامائەت شەيتاننى ئەمەس، يەھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايتتى؟ توۋا قىلغان كىشىگە خۇددى يەھۋاغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق! مۇقەددەس كىتابنى قەلەمگە ئالغانلاردىن بەزىلىرىنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە قاراپ باقايلى. داۋۇت مۇنداق دېگەن: «سەن مېھرىبان ۋە ئەپۇ قىلىشقا تەييارسەن» (زەبۇر 86:5). مىكاھ پەيغەمبەر مۇنداق يازغان: «ئامان قالغانلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىپ، گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىدىغان ساڭا ئوخشاش بىر ئىلاھ بارمۇ؟» (مىكاھ 7:18). يەشايا پەيغەمبەر بولسا مۇنداق يازغان: «رەزىل ئادەم ئۆز يولىدىن يانسۇن، قارا نىيەت ئادەم ئۆز ئوي-خىياللىرىنى تاشلىسۇن؛ ئۇ يەھۋانىڭ يېنىغا قايتسۇن، رەھىم-شەپقەت تاپار، خۇدايىمىزنىڭ يېنىغا قايتسۇن، چۈنكى ئۇ زىيادە كەچۈرۈم قىلار».—يەشايا 55:7.
13. نېمە ئۈچۈن كورىنت جامائىتى توۋا قىلغان كىشىنى قايتا قوبۇل قىلىشنى كېچىكتۈرمەسلىكى كېرەك ئىدى؟ («كورىنت جامائىتىدىكى گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشى قاچان جامائەتكە قايتا قوبۇل قىلىنغان؟» دېگەن رامكىغا قاراڭ.)
13 كورىنت جامائىتىدىكى ئېتىقادداشلار يەھۋانى ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن توۋا قىلىپ قايتىپ كەلگەن قېرىنداشنى قۇچاق ئېچىپ قارشى ئېلىشى ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقىي سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشى كېرەك ئىدى. ئەلچى پاۋلۇسنىڭ توۋا قىلغان كىشىنى كەچۈرۈش ھەققىدىكى كۆرسەتمىسىگە قۇلاق سېلىپ ئارقىلىق، كورىنت جامائىتى «ھەر ئىشتا ئىتائەتچان» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن (2-كورىنت. 2:9). گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشى جامائەتتىن چىقىرىلغىنىغا پەقەت بىر نەچچە ئاي بولغان بولسىمۇ، بەرگەن تەنقىد-تەربىيە مېۋە بېرىپ، ئۇ كىشى چىن قەلبىدىن توۋا قىلغان. شۇڭا، جامائەتتىكى ئاقساقاللار بۇ كىشىنى خۇدا خەلقى ئارىسىغا قايتا قوبۇل قىلىشنى كېچىكتۈرمەسلىكى كېرەك ئىدى.
يەھۋانىڭ ئادالىتى ۋە رەھىم-شەپقىتىنى ئۈلگە قىلىڭ
14، 15. كورىنت جامائىتىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (2-پېترۇس 3:9) (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
14 كورىنت شەھىرىدىكى جامائەتتە يۈز بەرگەن ۋەقە، مۇقەددەس كىتابقا «بىزنىڭ تەلىم ئېلىشىمىز ئۈچۈن يېزىلغان» (رىملىقلار 15:4). بۇ ۋەقەدىن يەھۋانىڭ، ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغان ۋە توۋا قىلمىغان كىشىنىڭ جامائەتتە قېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز. ياراتقۇچىمىز يەھۋا رەھىم-شەپقەتلىك بولسىمۇ، توۋا قىلمىغان گۇناھكارنىڭ جامائەتتە قېلىشىغا يول قويمايدۇ. يەھۋا رەھىم-شەپقەتلىكتۇر، ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ئۇ گۇناھقا يول قويىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئۆلچەملىرىنى ئۆزگەرتىدۇ دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ (يەھۇدا 4). ئەگەر يەھۋا توۋا قىلغان كىشىنىڭ جامائەتتە قېلىشىغا يول قويسا، بۇ ھەقىقىي رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنلىك بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنداق قىلسا پۈتۈن جامائەتنى خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ.—پەند. نە 13:20؛ 1-كورىنت. 15:33.
15 يەنە بىر تەرەپتىن، يەھۋا ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئىمكان بولسىلا، ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئۆگەندۇق. ئەگەر بىر كىشى ئوي-پىكىرلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى خالىسا، يەھۋا خۇرسەنلىك بىلەن ئۇ كىشىگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ (ھەزەك. 33:11؛ 2-پېترۇس 3:9-نى ئوقۇڭ). شۇڭلاشقا، كورىنت جامائىتىدىكى ئاشۇ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشى توۋا قىلىپ، يامان يولىدىن قايتقاندىن كېيىن، يەھۋا ئەلچى پاۋلۇسنى ئىشلىتىپ، جامائەتكە ئاشۇ قېرىنداشنى كەچۈرۈپ، ئۇنى قىزغىن قارشى ئېلىش يول-يورۇقى بەرگەن.
بىز جامائەتكە قايتىپ كەلگەنلەرنى ئىللىق قارشى ئالغاندا، يەھۋا خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە رەھىم-شەپقىتىنى ئەكس ئەتتۈرىمىز (14، 15-ئابزاسقا قاراڭ)
16. كورىنت جامائىتى توغرۇلۇق ئۆگەنگەندىن كېيىن، سىز نېمىلەرنى كۆرۈپ يەتتىڭىز؟
16 كورىنت جامائىتىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن شۇنى كۆرۈپ يېتەلەيمىزكى، يەھۋا سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تولغان، ھەققانىي ۋە ئادالەتلىك خۇدادۇر (زەبۇر 33:5). يەھۋا خۇدانىڭ ئېسىل-پەزىلەتلىرى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيە ئېيتماي تۇرالمايمىز! ھەممىمىز گۇناھكار ۋە ئۇنىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىشكە مۇھتاج. بىز يەھۋانى گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈمگە ئېرىشتۈرىدىغان تۆلەمنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارمىز. يەھۋا ھەقىقەتەن ئۆز خەلقىنى سۆيىدۇ ۋە ھەمىشە ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئېرىشىشىنى خالايدۇ. بۇنى بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى تەسەللى تاپقۇزىدۇ!
17. كېيىنكى ماقالىلەردە، بىز نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
17 ئۇنداقتا، بۈگۈنكى كۈندە بىرسى ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسىمۇ، بۇ كىشىنىڭ توۋا قىلىشىغا ياردەم بېرىشتە، جامائەتتىكى ئاقساقاللار يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟ ئاقساقاللار بىر كىشىنى جامائەتتىن چىقىرىشىنى ياكى بىر كىشىنى جامائەتكە قايتا قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغاندا، جامائەتتىكى قېرىنداشلار قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك؟ بۇ سوئاللارنى كېيىنكى ماقالىلەردە مۇھاكىمە قىلىمىز.
25-ناخشا ھەقىقىي شاگىرت بولۇشنىڭ بەلگىسى