كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م25 يانۋار 20-‏25 ب.‏
  • تۆلە‌مدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • تۆلە‌مدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • تۆلە‌م بىزگە يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىلە‌رنى ئۆگىتىدۇ؟‏
  • تۆلە‌مدىن مە‌سىھ توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىلە‌رنى ئۆگىنىمىز؟‏
  • ئۆگىنىشنى ھە‌رگىز توختاتماڭ
  • يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە يول ئاچقان؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • ھازىردىن باشلاپ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم كۈنگە تە‌ييارلىق قىلىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • يە‌ھۋا سىزنى سۆيىدۇ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمى ئۈچۈن چە‌كسىز مىننە‌تدارمىز!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ك‌م25 يانۋار 20-‏25 ب.‏

4-‏تە‌تقىق ماقالىسى

149-‏ناخشا تۆلە‌م ئۈچۈن مىننە‌تدارمىز

تۆلە‌مدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

‏«خۇ‌دا بىزگە بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىنى شۇ‌نداق ئاشكارا قىلدىكى،‏ بىزنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بىردىن-‏بىر يالغۇ‌ز ئوغلىنى بۇ دۇ‌نياغا ئە‌ۋە‌تتى»‏‏.‏ —‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏9.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى ئاشكارا قىلىدۇ؟‏

1.‏ نېمە ئۈچۈن ھە‌ر يىلى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىش بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏

تۆلە‌م —‏ خۇ‌دا بە‌رگە‌ن بىباھا سوۋغا!‏ (‏2-‏كورىنت.‏ 9:‏15)‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ھاياتىنى بىز ئۈچۈن پىدا قىلغاچقا،‏ سىز خۇ‌دانىڭ يېقىن دوستى بولالايسىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ سىز ئۈچۈن مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدى تۇ‌غۇ‌لدى.‏ يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە تولغان بۇ ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شى ئۈچۈن،‏ چوقۇ‌م ئۇ‌نىڭغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشىمىز لازىم (‏رىملىقلار 5:‏8)‏.‏ تۆلە‌م سوۋغىتىغا ھە‌ردائىم مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشىمىز ۋە ئۇ‌نى قە‌دىرلىشىمىزگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ بىزگە ھە‌ر يىلى ئۇ‌نىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىغا قاتنىشىشنى بۇ‌يرىغان.‏—‏لۇ‌قا 22:‏19،‏ 20.‏

2.‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

2 2025-‏يىلى،‏ مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشى 12-‏ئاپرېل،‏ شە‌نبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.‏ شە‌ك-‏شۇ‌بھىسىزكى،‏ ھە‌ممىمىز بۇ ئالاھىدە يىغىلىشقا قاتنىشىشنى پىلانلاۋاتىمىز.‏ خاتىرىلە‌ش يىغىلىشنىڭ ئالدىدىكى ۋە كە‌ينىدىكى ھە‌پتىلە‌ردە ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ ئوغلى بىز ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلغانلىقى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنايلى.‏ بۇ‌نداق قىلساق،‏ كۆپ پايدىسىنى كۆرىمىز.‏ بۇ ماقالىدە تۆلە‌مدىن يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىلە‌رنى ئۆگىنىدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ كېيىنكى ماقالىدە تۆلە‌م بىزگە قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رنى ئە‌كېلىدىغانلىقى ۋە تۆلە‌م ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

تۆلە‌م بىزگە يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىلە‌رنى ئۆگىتىدۇ؟‏

3.‏ قانداقلارچە بىر ئادە‌منىڭ ئۆلۈمى مىليونلىغان ئىنسانلارنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌پ قالالايدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

3 تۆلە‌مدىن بىز يە‌ھۋانىڭ ئادالە‌تلىك خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز (‏تە‌كرار.‏ قا 32:‏4)‏.‏ ئادە‌م-‏ئاتا خۇ‌داغا ئىتائە‌تسىزلىك قىلغاندىن كېيىن،‏ گۇ‌ناھكار بولۇ‌پ،‏ ئۆلۈپ كە‌تتى.‏ بىز ئۇ‌نىڭ ئە‌ۋلادلىرى بولغاچقا،‏ بىزمۇ گۇ‌ناھكار ۋە ئۆلۈپ كېتىمىز (‏رىملىقلار 5:‏12)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنى گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمدىن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن،‏ ئۆز ئوغلىنى بىز ئۈچۈن تۆلە‌م بېرىشكە ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ پە‌قە‌ت بىر مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنساننىڭ قۇ‌ربانلىقى قانداقمۇ مىليونلىغان ئادە‌ملە‌رنى قۇ‌تقۇ‌زالايدۇ؟‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بۇ‌نى مۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرگە‌ن:‏ «بىر ئادە‌منىڭ [ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ] ئىتائە‌تسىزلىكى بىلە‌ن نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر گۇ‌ناھكار بولغاندە‌ك،‏ ئوخشاشلا بىر ئادە‌منىڭ [ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ] ئىتائە‌تچانلىقى بىلە‌ن نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر ھە‌ققانىي بولىدۇ» (‏رىملىقلار 5:‏19؛‏ 1-‏تىموت.‏ 2:‏6)‏.‏ باشقىچە ئېيتقاندا،‏ بىر مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان خۇ‌داغا ئىتائە‌تسىزلىك قىلغىنى ئۈچۈن پۈتكۈل ئىنسانلار گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇ‌لىغا ئايلانغان.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بىزنى بۇ قۇ‌للۇ‌قتىن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌پ،‏ ئە‌ركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بىر مۇ‌كە‌ممە‌ل ئادە‌م خۇ‌داغا ئىتائە‌ت قىلىشى ئىدى.‏

كوللاژ:‏ 1.‏ ئادە‌م-‏ئاتا؛‏ ئارقا كۆرۈنۈشتە تاۋۇ‌ت كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان ئادە‌ملە‌ر.‏ 2.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ؛‏ ئارقا كۆرۈنۈشتە يېشى،‏ مىللىتى،‏ مە‌دە‌نىيىتى ۋە كېلىپ چىقىشى پە‌رقلىق ئادە‌ملە‌ر.‏

بىر ئادە‌م سە‌ۋە‌بلىك،‏ بىز گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇ‌للىرىغا ئايلاندۇ‌ق.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىر ئادە‌م بىزنى بۇ گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇ‌للۇ‌قتىن ئە‌ركىن بولالايمىز (‏3-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


4.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ ئىتائە‌تچان ئە‌ۋلادلىرىنىڭ مە‌ڭگۈ ياشىشىغا مۇ‌نداقلا رۇ‌خسە‌ت قىلمىغان؟‏

4 بىزنى قۇ‌تۇ‌لدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئە‌يسانىڭ ئۆلۈشى راستىنلا شە‌رت ئىدىمۇ؟‏ يە‌ھۋا ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ ئىتائە‌تچان ئە‌ۋلادلىرىنىڭ مە‌ڭگۈ ياشىشىغا مۇ‌نداقلا رۇ‌خسە‌ت قىلسا بولماسمىدى؟‏ بۇ بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانلار ئۈچۈن،‏ مە‌سىلىنى ھە‌ل قىلىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى چارىسى بولۇ‌پ كۆرۈنۈشى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا ئۈچۈن،‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئادىللىق پرىنسىپىغا زىت كە‌لگە‌ن.‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا ئۇ ئادىل خۇ‌دا!‏ ئۇ ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ ئۆتكۈزگە‌ن ئېغىر گۇ‌ناھىغا ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌ۋلادلىرىنىڭ گۇ‌ناھكار بولۇ‌پ قالغىنىغا كۆز يۇ‌مالمايدۇ.‏

5.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ ھە‌رقاچان توغرا ئىش قىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل؟‏

5 ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ ئادىللىق ئۆلچىمىدىن ۋاز كېچىپ،‏ ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌ۋلادلىرىنىڭ مە‌ڭگۈ ياشىشىغا رۇ‌خسە‌ت قىلسا،‏ نېمە بولاتتى؟‏ ئادە‌ملە‌ر بە‌لكىم خۇ‌دا باشقا ئىشلاردا ھە‌م ئادىللىق ئۆلچە‌ملىرىگە پە‌رۋا قىلمايدۇ دە‌پ گۇ‌مان قىلاتتى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز خۇ‌دانىڭ ھە‌ممە ۋە‌دىلىرىنى ئورۇ‌نلايدىغانلىقىغا تولۇ‌ق ئىشىنە‌لمە‌يتتۇ‌ق.‏ لېكىن،‏ خۇ‌دادىن گۇ‌مان قىلىشقا ھېچ سە‌ۋە‌بىمىز يوق.‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ ئادىل خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ناھايىتى زور بە‌دە‌ل تۆلىگە‌ن.‏ يە‌نى،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك يالغۇ‌ز ئوغلىنى قۇ‌ربانلىققا بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌نىڭ ھە‌رقاچان توغرا ئىش قىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏

6.‏ تۆلە‌مدىن يە‌ھۋانىڭ بىزگە بولغان چوڭقۇ‌ر سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى قانداق كۆرۈپ يېتە‌لە‌يمىز؟‏ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏9،‏ 10)‏

6 تۆلە‌م يە‌ھۋانىڭ ئادىللىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىپلا قالماي،‏ ئۇ‌نىڭ بىزگە بولغان چوڭقۇ‌ر سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە ئالاھىدە ياردە‌م بېرىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 3:‏16؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏9،‏ 10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ دە‌رۋە‌قە،‏ يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن تۆلە‌م شۇ‌نى ئاشكارا قىلدىكى،‏ ئۇ بىزنىڭ مە‌ڭگۈ ياشىشىمىزنى خالاپ قالماستىن،‏ بە‌لكى يە‌نە بىزنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ بىر ئە‌زاسى بولۇ‌شىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.‏ ئويلاپ كۆرۈڭ:‏ ئادە‌م-‏ئاتا گۇ‌ناھ قىلغاندىن كېيىن،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئائىلىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ‌نىڭ بارچە ئە‌ۋلادلىرى يە‌ھۋانىڭ ئائىلىسىنىڭ ئە‌زاسى بولالماي قالغان.‏ بىراق،‏ تۆلە‌م ئاساسىدا يە‌ھۋا گۇ‌ناھلىرىمىزنى كە‌چۈرىدۇ ۋە ئاخىرى بىر كۈنى ئۇ‌نىڭغا ئىشىنىدىغان ۋە بويسۇ‌نىدىغان ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىدۇ.‏ ھە‌تتا ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ تۆلە‌م سە‌ۋە‌بلىك،‏ بىز يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىدىغان ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىلە‌ن يېقىن دوست بولالايمىز.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ يە‌ھۋا بىزنى چىن دىلىدىن سۆيىدۇ!‏—‏رىملىقلار 5:‏10،‏ 11.‏

7.‏ ئە‌يسانىڭ چە‌ككە‌ن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرى يە‌ھۋانىڭ بىزگە بولغان چوڭقۇ‌ر سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

7 يە‌ھۋا تۆلە‌م بېرىش ئۈچۈن قانچىلىك زور بە‌دە‌ل بە‌رگە‌نلىكىنى ئويلاپ كۆرسە‌ك،‏ بىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنە‌لە‌يمىز.‏ شە‌يتان ھېچقانداق بىر ئىنسان قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋاغا سادىق قالالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.‏ لېكىن،‏ شە‌يتاننىڭ يالغانچى ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا ئۆز ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىدىن ئاۋۋال قاتتىق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى چېكىشىگە يول قويغان (‏ئايۇ‌پ 2:‏1–‏5؛‏ 1-‏پېتر.‏ 2:‏21)‏.‏ يە‌ھۋا دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌رنىڭ ئە‌يسانى مە‌سخىرە قىلغانلىقىنى،‏ ئە‌سكە‌رلە‌رنىڭ ئۇ‌نى قامچىلاپ،‏ كېيىن تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇ‌رغان.‏ ئاندىن سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ قاتتىق ئازابلىنىپ،‏ ئۆلگە‌نلىكىنى كۆرگە‌ن (‏مە‌تتا 27:‏28–‏31،‏ 39‏)‏.‏ يە‌ھۋا شۇ‌لارنى ھە‌رقانداق ۋاقىتتا توختىتىشقا قادىر ئىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ دۈشمە‌نلە‌ر «ئە‌گە‌ر خۇ‌دا ئۇ‌نىڭدىن خۇ‌رسە‌ن بولسا،‏ ئە‌مدى ئۇ‌نى قۇ‌تقۇ‌زسۇ‌نچۇ!‏» دېگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا دە‌ل شۇ‌نداق قىلالايتتى (‏مە‌تتا 27:‏42،‏ 43‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ خۇ‌دا مۇ‌شۇ ۋە‌زىيە‌تكە ئارىلاشقان بولسا،‏ تۆلە‌م بېرىلمە‌يتتى ۋە بىز ئۈچۈن ھە‌م ھېچقانداق ئۈمىد تۇ‌غۇ‌لمايتتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا ئوغلى ئاخىرقى نە‌پىسى چىققۇ‌چە،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى چېكىشىگە يول قويغان.‏

8.‏ ئوغلىنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى چە‌ككە‌نلىكىنى كۆرگە‌ندە يە‌ھۋانىڭ كۆڭلى ئازابلانغانمۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

8 يە‌ھۋانىڭ ھە‌ممىگە قادىر،‏ كۈچ-‏قۇ‌درە‌تلىك خۇ‌دا بولۇ‌شى،‏ ئۇ‌نىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى يوقلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ ئۇ بىزنى ئۆزىگە ئوخشاش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارنى ئىپادىلە‌ش قابىلىيىتى بىلە‌ن ياراتقان.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭمۇ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى بار.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئادە‌ملە‌رنىڭ خۇ‌دانى رە‌نجىتكە‌نلىكى ۋە كۆڭلىگە ئازار بە‌رگە‌نلىكى يېزىلغان (‏زە‌بۇ‌ر 78:‏40،‏ 41)‏.‏ ئىبراھىم ۋە ئىسھاقنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ خۇ‌دا ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌رگە يالغۇ‌ز ئوغلى ئىسھاقنى قۇ‌ربانلىققا بېرىشنى بۇ‌يرىغان (‏يارىت.‏ 22:‏9–‏12؛‏ ئىبرانىي.‏ 11:‏17–‏19)‏.‏ ئىبراھىم بىر پىچاق ئۇ‌رۇ‌پ،‏ ئىسھاقنى ئۆلتۈرۈشكە تە‌ييار بولغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلى قانداق ئازابلىق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارغا تولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋا ئۆز ئوغلىنىڭ رە‌ھىمسىزلە‌رچە خورلىنىپ،‏ قىينىلىپ،‏ تۈۋرۈككە مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگە‌نلىكىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ قانچىلىك ئازابلانغانلىقىنى كۆز ئالدىڭغا كە‌لتۈرۈپ كۆرۈڭ (‏«‏ئۇ‌لارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى ئۈلگە قىلىڭلار —‏ ئىبراھىم،‏ 2-‏قىسىم‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ)‏.‏

تۈۋرۈككە مىخلانغان ئە‌يسا مە‌سىھ.‏

ئوغلىنىڭ ئازاب چە‌ككە‌نلىكىنى كۆرۈش يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ كۆڭلىنى بە‌ك ئاغرىتقان (‏8-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


9.‏ رىملىقلار 8:‏32،‏ 38،‏ 39-‏ئايە‌تلە‌ر،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە بولغان چوڭقۇ‌ر سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە دە‌يدۇ؟‏

9 تۆلە‌م يە‌نە بىر ھە‌قىقە‌تنى ئاشكارا قىلىدۇ‌كى،‏ ھېچكىم ھە‌تتاكى ئە‌ڭ يېقىن دوستىمىز ياكى ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقىنىمىز بىزنى يە‌ھۋا سۆيگە‌ندە‌ك سۆيمە‌يدۇ ‏(‏رىملىقلار 8:‏32،‏ 38،‏ 39-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌نىڭغا قە‌تئىي ئىشىنىمىزكى،‏ ئۇ بىزنى ھە‌تتا ئۆز-‏ئۆزىمىزنى سۆيگە‌ندىنمۇ ئارتۇ‌قراق سۆيىدۇ.‏ مە‌ڭگۈ ياشاشنى خالامسىز؟‏ يە‌ھۋا بۇ‌نى سىزدىن بە‌كرە‌ك خالايدۇ.‏ گۇ‌ناھلىرىڭىزنىڭ كە‌چۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلامسىز؟‏ يە‌ھۋا بۇ‌نى تېخىمۇ بە‌ك ئارزۇ قىلىدۇ.‏ ئۇ بىزدىن ئۇ‌نىڭغا ئىشىنىش ۋە بويسۇ‌نۇ‌ش ئارقىلىق تۆلە‌م سوۋغىسىنى قۇ‌بۇ‌ل قىلىشمىزنى كۈتىدۇ.‏ دە‌رۋە‌قە،‏ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى —‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە بولغان تە‌ڭداشسىز سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى.‏ يېڭى دۇ‌نيادا بولسا،‏ ئۇ‌نىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ھە‌ققىدە تېخىمۇ كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنىمىز.‏—‏ۋە‌ز 3:‏11.‏

تۆلە‌مدىن مە‌سىھ توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىلە‌رنى ئۆگىنىمىز؟‏

10.‏ (‏1)‏ ئە‌يسا ئۆلۈشتىن ئاۋۋال نېمە ئىش ئۈچۈن قاتتىق ئازابلانغان؟‏ (‏2)‏ ئە‌يسا خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى قانداق ئۇ‌لۇ‌غلىغان؟‏ (‏«‏ئە‌يسا ساداقە‌تمە‌نلىكى خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى ئۇ‌لۇ‌غلىغان‏» ناملىق رامكىغىمۇ قاراڭ)‏.‏

10 ئە‌يسا ئاتىسىنىڭ ئىسىمىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 14:‏31)‏.‏ ئە‌يسا ئۆزىنىڭ خۇ‌داغا كۇ‌پۇ‌رلۇ‌ق قىلغان دېگە‌ن جىنايە‌ت بىلە‌ن ئە‌يىبلىنىپ ئۆلتۈرۈلگە‌ندە،‏ ئاتىسىنىڭ ئىسىمىغا داغ كە‌لتۈرۈلۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن ۋە بۇ‌نىڭدىن قاتتىق ئازابلانغان ئىدى.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئۇ مۇ‌نداق دۇ‌ئا قىلغان:‏ «ئە‌ي،‏ ئاتا،‏ مۇ‌مكىن بولسا،‏ بۇ قە‌دە‌ھنى مېنىڭدىن نېرى قىلغايسە‌ن» (‏مە‌تتا 26:‏39‏)‏.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسا ئۆلگۈچە ساداقە‌تمە‌نلىكىنى قېلىپ،‏ ئۇ شە‌يتاننىڭ ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقانلىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.‏


ئە‌يسانىڭ ساداقە‌تمە‌نلىكى خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى ئۇ‌لۇ‌غلىغان

شە‌يتان ھېچقانداق بىر ئىنسان قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋاغا سادىق قالالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏ئايۇ‌پ 2:‏4،‏ 5)‏.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئېغىر سىناقلاردا ئاخىرغىچە يە‌ھۋاغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاپ،‏ شە‌يتاننىڭ سۆزلىرىنىڭ قىپقىزىل يالغانچىلىق ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلىغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئە‌يسانىڭ ساداقە‌تمە‌نلىكى يە‌نە بىر ھە‌قىقە‌تنى ئېنىق ئىسپاتلىدىكى،‏ يە‌ھۋا ياراتقان مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان ئادە‌م-‏ئاتا،‏ ئە‌گە‌ر ياراتقۇ‌چىسىغا سادىق قېلىشنى خالىسا ئىدى،‏ چوقۇ‌م سادىق بولۇ‌پ قالالايتتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈشى ئۆزىنىڭ سە‌ۋە‌نلىكى،‏ ھە‌رگىزمۇ يە‌ھۋانىڭ يارىتىش ئىشىدا نۇ‌قسان دە‌پ،‏ ياراتقۇ‌چىنى ئە‌يىبلە‌شكە ئاساس يوقتۇ‌ر.‏

گېتسىمانە باغچىسىدا،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ پۈتۈن ۋۇ‌جۇ‌دى بىلە‌ن قىزغىن دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏

ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئۆز ئاتىسىغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ ئىپادىسىدۇ‌ر (‏10-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئۆز ئاتىسىغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ ئىپادىسىدۇ‌ر (‏10-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


11.‏ ئە‌يسا ئىنسانلارغا چوڭقۇ‌ر سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى قانداق نامايان قىلغان؟‏ (‏يۇ‌ھاننا 13:‏1)‏

11 تۆلە‌م بىزگە ئە‌يسا ئىنسانلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئاشكارا قىلىدۇ.‏ ئۇ بولۇ‌پمۇ ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ (‏پە‌ند ن.‏ 8:‏31؛‏ يۇ‌ھاننا 13:‏1-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدىكى ۋە‌زىپىلىرىدىن بە‌زىلىرىنى ئورۇ‌نداشنىڭ ناھايىتى قىيىنلىقىنى،‏ بولۇ‌پمۇ ۋە‌زىپىنى تاماملاش ئۈچۈن ھە‌تتا ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىپ ئۆلۈمنى باشتىن كە‌چۈرىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ پە‌قە‌ت يە‌ھۋا تاپشۇ‌رغان ۋە‌زىپىنى بۇ‌رچ سۈپىتىدە ئادا قىلىش ئۈچۈنلا ئە‌مە‌س،‏ ئىنسانلارغا بولغان چوڭقۇ‌ر سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى سە‌ۋە‌بلىك،‏ ھە‌ممىگە بە‌رداشلىق بېرىشكە تە‌ييار بولغان.‏ ئە‌يسا قىزغىنلىق بىلە‌ن ۋە‌ز قىلغان،‏ تە‌لىم بە‌رگە‌ن ۋە باشقىلارغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ھە‌تتا ئۆز جېنىنى پىدا قىلىدىغان كۈنى ئۇ ۋاقتىنى چىقىرىپ،‏ ئە‌لچىلە‌رنىڭ پۇ‌تلىرىنى يۇ‌يۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا يوليورۇ‌ق ئىلھام-‏مە‌دە‌ت ۋە تە‌سە‌للى بە‌رگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 13:‏12–‏15)‏.‏ ئۇ  تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلىنىپ ئازابلىنىۋاتقان پە‌يتتىمۇ،‏ يېنىدىكى جىنايە‌تچىگە ئۈمىد بېرىدىغان سۆزلە‌رنى ئېيتقان.‏ ئانىسىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىشنى يۇ‌ھانناغا تاپشۇ‌رغان (‏لۇ‌قا 23:‏42،‏ 43؛‏ يۇ‌ھاننا 19:‏26،‏ 27)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئە‌يسا ئىنسانلارغا بولغان چىن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى پە‌قە‌ت جېنىنى پىدا قىلىش ئارقىلىقلا ئە‌مە‌س،‏ يە‌ر يۈزدە ياشىغاندا ھە‌ربىر ئېغىز گە‌پ-‏سۆزى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىدە ھە‌م تولۇ‌ق نامايان قىلغان.‏

12.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ مۇ‌شۇ كۈنگىچە بىزگە قانداق ياردە‌م قىلىپ كېلىۋاتىدۇ؟‏

12 ئە‌يسا بىز ئۈچۈن ھاياتىنى «بىر قېتىم» قۇ‌ربانلىققا بە‌رگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ مۇ‌شۇ كە‌مگىچە بىز ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن ئىشلارنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ (‏رىملىقلار 6:‏10)‏.‏ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىنىڭ تولۇ‌ق پايدىسىنى كۆرۈشىمىز ئۈچۈن،‏ ئۇ كۆپ كۈچ ۋە ۋاقىت چىقىرىۋاتىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھازىر ئۇ پادىشاھ،‏ باش روھانىي ۋە جامائە‌تنىڭ بېشى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلماقتا (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏25؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 5:‏23؛‏ ئىبرانىي.‏ 2:‏17)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌نىڭغا مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنى ۋە باشقا قويلارنى يىغىش ۋە‌زىپىسى تاپشۇ‌رۇ‌لغان.‏ بۇ ۋە‌زىپە دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت ئاخىرلىشىشتىن بۇ‌رۇ‌ن تاماملىنىدۇa (‏مە‌تتا 25:‏32؛‏ ماركۇ‌س 13:‏27)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ سادىق قۇ‌ل ئارقىلىق يە‌ھۋاغا سادىق خىزمە‌ت قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ (‏مە‌تتا 24:‏45‏)‏.‏ كە‌لگۈسىدە مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى مە‌زگىلىدە،‏ ئە‌يسا داۋاملىق بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى —‏ يە‌ھۋا بىزگە بە‌رگە‌ن ئاجايىپ سوۋغاتتۇ‌ر!‏

ئۆگىنىشنى ھە‌رگىز توختاتماڭ

13.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ بىزگە بولغان چوڭقۇ‌ر سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

13 بىز ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ۋە مە‌سىھ ئە‌يسانىڭ بىز ئۈچۈن قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشلىرى توغرىسىدا داۋاملىق چوڭقۇ‌ر ئويلانساق،‏ ئۇ‌لارنىڭ بىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ھە‌ققىدە تېخىمۇ يېڭى نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بۇ يىلقى مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلە‌ش يىغىلىشىنىڭ ئالدى-‏كە‌ينىدىكى ھە‌پتىلە‌ردە بىر-‏ئىككى خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر كىتابىنى كۆڭۈل قويۇ‌پ ئوقۇ‌پ چىقىڭ.‏ بىر ئولتۇ‌رۇ‌پلا،‏ نۇ‌رغۇ‌ن بابلارنى ئوقۇ‌پ چىقىشىڭىز ھاجە‌ت ئە‌مە‌س.‏ ئۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ ئالدىرىماي يە‌ھۋا ۋە مە‌سىھ ئە‌يساغا بولغان سۆيگىڭىزنى كۈچە‌يتىشنىڭ يە‌نە باشقا سە‌ۋە‌بلىرىنى تېپىشقا تىرىشىڭ.‏ كېيىن بولسا،‏ ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىڭ.‏

14.‏ داۋاملىق تۆلە‌م ۋە باشقا ھە‌قىقە‌تلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏97)‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

14 ئۇ‌زۇ‌ن يىللاردىن بۇ‌يان ھە‌قىقە‌تتە بولسىڭىز،‏ بە‌لكىم سىزگە خۇ‌دانىڭ ئادالىتى،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە تۆلە‌م كە‌بى ماۋزۇ‌لاردا يېڭى نە‌رسىلە‌رنى بايقاش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌ستە‌ك بىلىنىدىغاندۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بۇ ۋە باشقا ماۋزۇ‌لارغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ھە‌رگىزمۇ ئۆگىنىپ تۈگىتە‌لمە‌يمىز.‏ ئۇ‌نداقتا نېمە قىلالايمىز؟‏ شۇ‌ڭا،‏ نە‌شرى ماتېرىياللىرىمىزنى ئوقۇ‌پ،‏ چوڭقۇ‌ر قېزىڭ.‏ بە‌زى ئايە‌تلە‌رنى چۈشىنە‌لمىسىڭىز،‏ كۆپرە‌ك ئىزدىنىپ تە‌تقىق قىلىڭ.‏ كېيىن،‏ كۈن بويى ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىز ھە‌ققىدە تە‌پسىلىي مۇ‌لاھىزە قىلىڭ ۋە شۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دا،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ۋە ئۇ‌لارنىڭ سىزگە كۆرسە‌تكە‌ن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە دە‌يدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 119:‏97-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

ياشانغان بۇ‌رادە‌ر تاختا كومپيۇ‌تېر،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە خاتىرە دە‌پتە‌رنى قوللىنىپ،‏ ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.‏ ئۇ «ئە‌يسانىڭ يە‌ر يۈزىدىكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ھە‌پتىسى (‏2-‏قىسىم)‏» رە‌سىملىك سخېما ۋە «ئە‌يسا —‏ يول،‏ ھە‌قىقە‌ت ۋە ھايات» ناملىق كىتابنىڭ 129-‏بابىنى تە‌تقىق قىلىۋاتىدۇ.‏

نۇ‌رغۇ‌ن يىللار بۇ‌يان ھە‌قىقە‌تتە بولساقمۇ،‏ تۆلە‌مگە بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى داۋاملىق ئاشۇ‌رالايمىز (‏14-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


15.‏ نېمە ئۈچۈن داۋاملىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن يېڭى گۆھە‌رلە‌رنى قېزىشىمىز كېرە‌ك؟‏

15 ھە‌ر قېتىم مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پ تە‌تقىق قىلغاندا،‏ يېڭى ياكى قىزىقارلىق بىر ئوي-‏پىكىر تاپالمىسىڭىز،‏ روھىڭىز چۈشۈپ كە‌تمىسۇ‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئالتۇ‌ن قازغۇ‌چىلارنى ئالساق،‏ ئۇ‌لار ھە‌مىشە سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن سائە‌ت-‏سائە‌تلە‌پ،‏ ھە‌تتا كۈن-‏كۈنلە‌پ ئىزدە‌پ،‏ ئاران كىچىككىنە بىر ئالتۇ‌ن پارچىسىنى تاپىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمە‌ي شۇ‌نداق جاپالىق ئىزدىشىنىڭ سە‌ۋە‌بى،‏ شۇ كىچىككىنە ئالتۇ‌ن پارچىسى ئۇ‌لار ئۈچۈن قىممە‌تلىك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌ر ئالتۇ‌ندىن كۆپ قىممە‌تلىك ئە‌مە‌سمۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏127؛‏ پە‌ند ن.‏ 8:‏10)‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ ھە‌ر كۈنى سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پ تە‌تقىق قىلىڭ،‏ يېڭى نە‌رسىلە‌رنى تاپقۇ‌چە بە‌ل قۇ‌يۇ‌ۋە‌تمە‌ڭ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 1:‏2.‏

16.‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ۋە مە‌سىھ ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏

16 تە‌تقىق قىلىپ ئىزدىنىپ ئۆگە‌نگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قانداق قوللىنىش توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھە‌ممىسىگە ئوخشاش مۇ‌ئامىلە قىلىش ئارقىلىق،‏ يە‌ھۋانىڭ ئادىللىقىنى ئۈلگە قىلىڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى ئۈچۈن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىشكە ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭىزغا پىداكارلىق بىلە‌ن ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار بولۇ‌ش ئارقىلىق،‏ ئە‌يسانىڭ ئاسماندىكى ئاتىسىغا ۋە باشقىلارغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئۈلگە قىلىڭ.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئادە‌ملە‌رگە قىزغىن ۋە‌ز قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭمۇ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ ئىنسانلارغا بە‌رگە‌ن بىباھا سوۋغىتىنى قوبۇ‌ل قىلىش پۇ‌رسىتىگە ئېرىشىشىگە ياردە‌م بېرىش ئارقىلىق ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىڭ.‏

17.‏ كېيىنكى ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

17 تۆلە‌منىڭ مە‌نىسىنى ياخشىراق چۈشىنىپ،‏ ئۇ‌نى تېخىمۇ قە‌دىرلىگە‌نسېرى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھكە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ ئۇ‌لارنىڭمۇ بىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئاشىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 14:‏21؛‏ ياقۇ‌پ 4:‏8)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە نە‌شرى ماتېرىياللىرىمىزدىن داۋاملىق تۆلە‌م توغرىسىدا كۆپرە‌ك ئۆگىنە‌يلى.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ تۆلە‌مدىن قانداق پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشىدىغانلىقىمىز ۋە يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق بىلدۈرە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

تۆلە‌مدىن …‏

  •  يە‌ھۋانىڭ ئادالىتى توغرىسىدا نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏

  •  يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏

  •  ئە‌يسانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏

50-‏ناخشا خۇ‌دانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئۈلگىسى

a  پاۋلۇ‌س ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 1:‏10-‏ئايە‌تتە تىلغان ئالغان ئاسماندىكى نە‌رسىنى يىغىش بىلە‌ن،‏ ئە‌يسانىڭ مە‌تتا 24:‏31 ۋە ماركۇ‌س 13:‏27-‏ئايە‌تلە‌ردىكى «تاللانغانلارنى» يىغىپ جە‌م قىلىش بىر-‏بىرىدىن پە‌رقلىنىدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ سۆزلىرى،‏ يە‌ھۋا كە‌لگۈسىدە ئە‌يسا بىلە‌ن بىرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلارنى تاللاپ‏،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق ئۇ‌لارنى مە‌سىھ قىلىدىغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئە‌يسانىڭ سۆزلىرى بولسا،‏ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە،‏ ئۇ پە‌رىشتىلە‌رنى ئە‌ۋە‌تىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ يە‌ر يۈزىدە ياشاۋاتقان قالدۇ‌ق ئە‌زالىرىنى يىغىپ جە‌م قىلىپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش