شاگىرتلارنى تەييارلاش
يۇھاننا 3:1، 2
10-دەرس
شاگىرتلارنى تەييارلاشقا بەل باغلاش
پرىنسىپ: «بىز سىلەرگە خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز جانلىرىمىزنى ھەم بېرىشكە رازى بولدۇق، چۈنكى سىلەرگە بەك ئامراق بولغانىدۇق».—1-سالونىكا. 2:8.
ئەيسا مەسىھ نېمە قىلغان؟
1. فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى يۇھاننا 3:1، 2-نى ئوقۇڭ. كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
سىزنىڭچە، نېمە ئۈچۈن نىكودىم كېچىدە ئەيسا بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىغان؟—يۇھاننا 12:42، 43.
ئەيسا مەسىھ كېچىدە نىكودىم بىلەن پاراڭلىشىپ، شاگىرتلارنى تەييارلاشقا بەل باغلىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
ئەيسا مەسىھتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
2. ئادەملەرنىڭ مەسىھنىڭ شاگىرتلىرى بولۇشىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق بىز ئىنسانلارنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.
ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىش
3. كىشىگە قولايلىق ۋاقىتتا ۋە جايدا تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈش. بەلكىم، ئۇ ھەپتىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ياكى سائىتىدە ئۆگىنىشنى خالايدىغاندۇ. ئۇ ئىش ئورنىدا، ئۆيىدە ياكى ئاممىۋىي ئورۇنلاردا ئۆگىنىشنى قولايلىق دەپ قارامدۇ؟ كىشىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ كۈندىلىك جەدۋىلىنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە ئۆزگەرتىشكە تەييار بولۇڭ.
4. دائىم تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈش. ئەگەر بىر يەرگە بارىدىغان ئىشىڭىز چىقىپ قالسا، ئۆگىنىشنى بىكار قىلماي، بەلكى مۇنۇلار ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ:
شۇ ھەپتىنىڭ باشقا بىر ۋاقتىدا ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزەلەمسىز؟
تېلېفون ياكى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزەلەمسىز؟
باشقا ۋەز ئېيتقۇچىدىن ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزۈشنى سورىيالامسىز؟
5. توغرا كۆز قاراشنى ساقلاش ئۈچۈن دۇئا قىلىش. ھەتتا ئۆگەنگۈچى دائىم ئۆگىنىش قىلمىسا ياكى ئۆگەنگەنلىرىنى تۇرمۇشىدا ئەمەلىي قوللىنىشقا ئالدىرىمىسا، ئۇ كىشىدىن ۋاز كەچمەسلىكىڭىز ئۈچۈن، يەھۋادىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلىڭ (فىلىپى. 2:13). بەلكىم، ئۇ كىشىنىڭ نۇرغۇن ياخشى پەزىلەتلىرى بار؛ دىققىتىڭىزنى ئۇنىڭ ياخشى تەرەپلىرىگە قارىتىش ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ.
بۇ ئايەتلەرگىمۇ قاراڭ
پەند. نە 3:27؛ ئەلچى. 20:35؛ 2-كورىنت. 12:15