كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م22 ئىيۇ‌ل 8-‏13 ب.‏
  • يېتە‌كچىمىز ئە‌يسانى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ڭ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يېتە‌كچىمىز ئە‌يسانى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ڭ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئە‌يسا مە‌سىھ ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىگە يېتە‌كچىلىك قىلىدۇ
  • ئە‌يسا بىر قۇ‌لنى تە‌يىنلىدى
  • ئە‌يسا ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى تە‌شكىللە‌يدۇ
  • كىملە‌ر ئىشە‌نچلىك ۋە دانا قۇ‌ل؟‏
    بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداۋاتىدۇ؟‏
  • سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌لنىڭ رولى
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌مسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ك‌م22 ئىيۇ‌ل 8-‏13 ب.‏

29-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يېتە‌كچىمىز ئە‌يسانى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ڭ

‏«ئاسماندا ۋە يە‌ر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇ‌ق ماڭا بېرىلدى».‏—‏مە‌تتا 28:‏18‏.‏

5-‏ناخشا مە‌سىھ ئۈلگىمىز

بۇ ماقالىدەa

1.‏ بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسى نېمە؟‏

بۈگۈنكى كۈندە خۇ‌دانىڭ ئىرادىسى —‏ پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىنىڭ پۈتكۈل يە‌ر يۈزىدە ۋە‌ز قىلىنىشى (‏ماركۇ‌س 13:‏10؛‏ 1-‏تىموت.‏ 2:‏3،‏ 4)‏.‏ بۇ يە‌ھۋانىڭ خىزمىتى.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ئۇ ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىنى بۇ خىزمە‌تكە يېتە‌كچىلىك قىلىشقا تاللىغان.‏ بىز شۇ‌نىڭغا ئىشىنىمىزكى،‏ ئە‌يسانىڭ يېتە‌كچىلىكى ئاستىدا،‏ ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتى زاماننىڭ ئاخىرى كېلىشتىن ئىلگىرى يە‌ھۋا رازى بولغۇ‌دە‌ك تاماملىنىدۇ.‏—‏مە‌تتا 24:‏14‏.‏

2.‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

2 بۇ ماقالىدە،‏ ئە‌يسانىڭ «سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل»نى ئىشلىتىپ،‏ روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قنى قانداق تە‌مىنلە‌يدىغانلىقى ۋە ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى تارىختىكى ئە‌ڭ زور كۆلە‌مدە ۋە‌ز قىلىش خىزمىتىگە قانداق تە‌شكىللە‌يدىغانلىقىنى كۆرىمىز (‏مە‌تتا 24:‏45‏)‏.‏ يە‌نە ھە‌ربىرىمىز ئە‌يسانى ۋە سادىق قۇ‌لنى قوللاش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلالايدىغانلىقىنى كۆرىمىز.‏

ئە‌يسا مە‌سىھ ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىگە يېتە‌كچىلىك قىلىدۇ

3.‏ ئە‌يساغا قانداق ھوقۇ‌ق بېرىلگە‌ن؟‏

3 ئە‌يسا ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىگە يېتە‌كچىلىك قىلىۋاتىدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا قانداق ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏ ئۇ ئاسمانغا چىقىپ كېتىشتىن سە‌ل ئاۋۋال،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا جە‌لىلىيىدىكى بىر تاغدا بە‌زى سادىق ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بىلە‌ن كۆرۈشكە‌ن.‏ ئۇ ئۇ‌لارغا:‏ «ئاسماندا ۋە يە‌ر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇ‌ق ماڭا بېرىلدى» دېگە‌ن.‏ دىققە‌ت قىلسىڭىز،‏ ئۇ كېيىن سۆزىنى مۇ‌نداق داۋام قىلغان:‏ «شۇ سە‌ۋە‌بتىن بېرىڭلار،‏ ھە‌ممە خە‌لقلە‌ردىن شاگىرت تە‌ييارلاڭلار» (‏مە‌تتا 28:‏18،‏ 19‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ باشقا ئىشلار ئارىسىدا،‏ ئە‌يساغا ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىگە يېتە‌كچىلىك قىلىش ھوقۇ‌قى بېرىلگە‌ن.‏

4.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسانىڭ ھازىرمۇ ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىگە يېتە‌كچىلىك قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏

4 ئە‌يسا ۋە‌ز ئېيتىش ۋە شاگىرت يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ «ھە‌ممە خە‌لقلە‌ر» ئارىسىدا ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىنى ۋە زامان ئاخىرىغىچە ھە‌ر كۈنى ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بىلە‌ن بىللە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى (‏مە‌تتا 28:‏20‏)‏.‏ ئاشۇ سۆزلە‌ر ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىنىڭ تاكى بۈگۈنگە قە‌دە‌ر ئە‌يسانىڭ يېتە‌كچىلىكى ئاستىدا داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏

5.‏ زە‌بۇ‌ر 110:‏3-‏ئايە‌تتىكى بېشارە‌تنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىغا قانداق ياردە‌م بېرىمىز؟‏

5 ئە‌يسا زاماننىڭ ئاخىرىغىچە خىزمە‌تچىلە‌رنىڭ كە‌م بولۇ‌پ قېلىشىدىن ئە‌نسىرىمىگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسىنىڭ مۇ‌نۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلە‌تتى:‏ «سە‌ن قوشۇ‌نۇ‌ڭنى توپلىغان كۈنى،‏ خە‌لقىڭ بېغىشلار ئىختىيارلىقى بىلە‌ن ئۆزىنى» (‏زە‌بۇ‌ر 110:‏3)‏.‏ ئە‌گە‌ر سىز ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان بولسىڭىز،‏ ئە‌يسا ۋە سادىق قۇ‌لنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ۋاتىسىز ۋە ئۇ‌شبۇ بېشارە‌تنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىغا ياردە‌م بېرىۋاتىسىز.‏ ۋە‌ز خىزمىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ،‏ ئە‌مما قىيىنچىلىقلارمۇ بار.‏

6.‏ پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى يە‌تكۈزگۈچىلە‌ر بۈگۈن دۇ‌چ كېلىۋاتقان بىر قىيىنچىلىق نېمە؟‏

6 پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى يە‌تكۈزگۈچىلە‌ر دۇ‌چ كېلىدىغان بىر قىيىنچىلىق —‏ قارشىلىققا ئۇ‌چراش.‏ ھە‌قىقە‌تتىن يۈز ئۆرگۈچىلە‌ر،‏ دىنىي داھىيلار ۋە سىياسىيونلار كىشىلە‌رگە بىز توغرۇ‌لۇ‌ق نۇ‌رغۇ‌ن يالغان گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى تارقاتتى.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىمىز،‏ تونۇ‌شلىرىمىز ۋە خىزمە‌تداشلىرىمىز شۇ يالغان سۆزلە‌رگە ئىشىنىپ كە‌تسە،‏ ئۇ‌لار بىزنى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش ۋە ۋە‌ز ئېيتىشنى توختىتىشقا قىستىشى مۇ‌مكىن.‏ بە‌زى دۆلە‌تلە‌ردە قارشىلىق قىلغۇ‌چىلار قورقۇ‌تۇ‌ش،‏ تە‌ھدىت سېلىش،‏ قولغا ئېلىش،‏ ھە‌تتا تۈرمىگە تاشلاشتە‌ك ئۇ‌سۇ‌للارنى قوللىنىدۇ.‏ كىشىلە‌ر بىزگە بۇ‌نداق مۇ‌ئامىلە قىلغاندا،‏ بۇ‌نىڭدىن ھە‌يران قالمىدۇ‌ق ۋە قالمايمىز.‏ چۈنكى،‏ ئە‌يسا ئۆز ئىسىمى سە‌ۋە‌بلىك،‏ پۈتكۈل مىللە‌تلە‌رنىڭ بىزدىن نە‌پرە‌تلىنىدىغانلىقىنى بېشارە‌ت قىلغان (‏مە‌تتا 24:‏9‏)‏.‏ بىزنىڭ بۇ‌نداق ئۆچمە‌نلىكنى باشتىن كە‌چۈرۈۋاتقانلىقىمىزنىڭ ئۆزى يە‌ھۋانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشكە‌نلىكىمىزنىڭ ئېنىق دە‌لىل-‏ئىسپاتى (‏مە‌تتا 5:‏11،‏ 12‏)‏.‏ بۇ قارشىلىقنىڭ ئارقىسىدا ئىبلىس بار.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌يسا ئىبلىس شە‌يتاندىن كۈچلۈكرە‌ك!‏ ئە‌يسانىڭ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشى بىلە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ھە‌ر مىللە‌ت كىشىلىرىگە يە‌تكۈزۈلىۋاتىدۇ.‏ بۇ‌نىڭ دە‌لىللىرىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ كۆرە‌يلى.‏

7.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 14:‏6،‏ 7-‏ئايە‌تلە‌رنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان قانداق دە‌لىل-‏ئىسپات بار؟‏

7 پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى يە‌تكۈزگۈچىلە‌ر سۈپىتىدە،‏ بىز يە‌نە بىر قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ يە‌نى،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان پە‌رقلىق تىللاردا سۆزلە‌يدىغان كىشىلە‌رگە ۋە‌ز قىلىمىز.‏ ئە‌يسا ئە‌لچى يۇ‌ھانناغا ئايان قىلغان ۋە‌ھىيدە،‏ زامانىمىزدا بۇ توسۇ‌قنى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنىڭ يېڭىدىغانلىقىنى ئاشكارىلانغان ‏(‏ۋە‌ھىيلە‌ر 14:‏6،‏ 7-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ دە‌رۋە‌قە،‏ بىز بۈگۈنكى كۈندە ئىمكانقە‌دە‌ر كۆپ كىشىلە‌رنىڭ پادىشاھلىق خە‌ۋىرىگە جاۋاب قايتۇ‌رۇ‌شى ئۈچۈن پۇ‌رسە‌ت بېرىۋاتىمىز.‏ دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى كىشىلە‌ر jw.org تور بېكىتىمىزدىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان نە‌شىرى ماتېرىياللىرىمىزنى ئوقالايدۇ.‏ چۈنكى،‏ تور بېكىتىمىزدە 1000دىن ئارتۇ‌ق تىل بار.‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش «مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏» ناملىق كىتابنى 700دىن ئارتۇ‌ق تىلغا تە‌رجىمە قىلىشنى ماقۇ‌للىدى.‏ بۇ كىتاب شۇ‌نچە نۇ‌رغۇ‌ن تىلدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاساسىي قورالى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان نە‌شىرى ماتېرىياللار گاس-‏گاچىلار ئۈچۈن فىلىم شە‌كلىدە ۋە ئە‌مالار ئۈچۈن ئە‌مالار يېزىقىدا نە‌شىر قىلىنىپ تە‌مىنلە‌ندى.‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.‏ ھە‌رخىل تىلدا سۆزلە‌يدىغان ئە‌للە‌ردىن كە‌لگە‌ن كىشىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنىڭ ساپ تىلىدا سۆزلە‌شنى ئۆگىنىۋاتىدۇ (‏زە‌كە‌رىيا 8:‏23؛‏ زە‌ف.‏ 3:‏9)‏.‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى قابىلىيە‌تلىك يېتە‌كچى ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ يېتە‌كچىلىكىدە ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لىۋاتىدۇ.‏

8.‏ ھازىرغىچە ۋە‌ز ئېيتىش ئىشىنىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولۇ‌ۋاتىدۇ؟‏

8 بۈگۈنكى كۈندە،‏ 240 دۆلە‌تتىكى 8 مىليوندىن ئارتۇ‌ق كىشى يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌پ كېلىۋاتىدۇ.‏ ھە‌ر يىلى ئون مىڭلىغان كىشى سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈۋاتىدۇ!‏ بىراق،‏ ساندىنمۇ مۇ‌ھىم بولغىنى،‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى يېڭى تە‌بىئە‌ت،‏ يە‌نى مىجە‌ز-‏خۇ‌لقنى يېتىلدۈردى (‏كولوسى.‏ 3:‏8–‏10)‏.‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئە‌خلاقسىزلىق،‏ زوراۋانلىق،‏ كە‌مسىتىش ۋە مىللە‌تچىلىكنى توختاتتى.‏ يە‌شايا 2:‏4-‏ئايە‌تتىكى بېشارە‌ت ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۇ‌رۇ‌ش قىلىشنى ئۆگە‌نمە‌يدۇ.‏ بىز يېڭى مىجە‌ز-‏خۇ‌لۇ‌قنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسە‌تكىنىمىزدە،‏ كىشىلە‌رنى خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتىغا جە‌لپ قىلىمىز ۋە يېتە‌كچىمىز مە‌سىھ ئە‌يساغا ئە‌گىشىۋاتقانلىقىمىزنى ئىسپاتلايمىز (‏يۇ‌ھاننا 13:‏35؛‏ 1-‏پېتر.‏ 2:‏12)‏.‏ بۇ‌لارنىڭ ھېچقايسىسى تاسادىپىي يۈز بە‌رمە‌يدۇ.‏ ئە‌يسا بىزنى ئېھتىياجلىق ياردە‌ملە‌ر بىلە‌ن تە‌مىنلە‌پ كېلىۋاتىدۇ.‏

ئە‌يسا بىر قۇ‌لنى تە‌يىنلىدى

9.‏ مە‌تتا 24:‏45–‏47‏-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ ئە‌يسا ئاخىر زاماندا نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بېشارە‌ت قىلغان؟‏

9 مە‌تتا 24:‏45–‏47‏-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئە‌يسا ئاخىر زاماندا روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌ق بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدىغان «سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل»نى تە‌يىنلە‌يدىغانلىقىنى بېشارە‌ت قىلغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز بۇ قۇ‌لنىڭ زامانىمىزدا جاپالىق خىزمە‌ت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.‏ بۇ راست بولۇ‌پ چىقتى.‏ ئە‌يسا ئاز ساندىكى كىشىلە‌ردىن پايدىلىنىپ،‏ خۇ‌دا خە‌لقى ۋە قىزىقىش كۆرسە‌تكە‌ن كىشىلە‌رنى ۋاقتى-‏ۋاقتىدا روھىي ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈك بىلە‌ن تە‌مىنلە‌ۋاتىدۇ.‏ بۇ ئە‌رلە‌ر ئۆزلىرىنى باشقىلارنىڭ ئېتىقادى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان خوجايىن دە‌پ قارىمايدۇ (‏2-‏كورىنت.‏ 1:‏24)‏.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌لار ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۆز خە‌لقىگە «يېتە‌كچى ۋە سە‌ردار» دە‌پ تونۇ‌پ يېتىدۇ.‏—‏يە‌شايا 55:‏4.‏

كوللاژ:‏ ئۆتكە‌ن نە‌چچە ئون يىلدا ھە‌قىقە‌تكە قىزىققان كىشىلە‌ر بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگە‌ن نە‌شرىي ماتېرىياللار.‏ 1.‏ 1946:‏ «خۇ‌دا ۋاپادار».‏ قېرىندىشىمىز بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايالغا كىتابنى بېرىۋاتىدۇ.‏ 2.‏ 1968:‏ «مە‌ڭگۈ ھاياتقا يېتە‌كلە‌يدىغان ھە‌قىقە‌ت».‏ ئە‌ر كىشى ئۆيىدە كىتابنى ئوقۇ‌ۋاتىدۇ.‏ 3.‏ 1982:‏ «يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشالايسىز».‏ بۇ‌رادە‌ر بىر ئە‌ر كىشى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىۋاتىدۇ.‏ 4.‏ 1995:‏ «مە‌ڭگۈ ھاياتقا يېتە‌كلە‌يدىغان بىلىم».‏ بۇ‌رادە‌ر بىر خىزمە‌تدىشى بىلە‌ن چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىۋاتىدۇ.‏ 5.‏ 2005 ۋە 2015:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏» ۋە «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرى» كىتابلىرى.‏ بىر قېرىنداش بىر ئايال بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقىنى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.‏ 6.‏ 2021:‏ «مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏» بىر قېرىنداش تور ئۇ‌لىنىش پروگراممىسى ئارقىلىق بىر ئايال بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقىنى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.‏

10.‏ سۈرە‌تلە‌ردە كۆرسىتىلگە‌ن كىتابلاردىن قايسىسى سىزنى مە‌ڭگۈلۈك ھايات يولىدا مېڭىشقا قايىل قىلغان؟‏

10 1919-‏يىلدىن باشلاپ،‏ سادىق قۇ‌ل ھە‌ر خىل نە‌شىرى ماتېرىياللارنى تە‌ييارلاپ،‏ يېڭىدىن قىزىقىش كۆرسە‌تكە‌نلە‌رگە خۇ‌دا سۆزلىرىدىن ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئە‌ڭ ياخشى پۇ‌رسە‌تنى ھازىرلاپ بە‌رگە‌نىدى.‏ 1921-‏يىلى،‏ قۇ‌ل قىزىقىدىغانلارنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاساسىي تە‌لىماتلىرىنى ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن «خۇ‌دانىڭ چىلتارى» ناملىق كىتابنى تە‌ييارلىدى.‏ دە‌ۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئە‌گىشىپ،‏ قوشۇ‌مچە نە‌شىرى ماتېرىياللارنى تە‌مىنلە‌پ بە‌ردى.‏ سىزنىڭ ئە‌رشتىكى ئاتىمىزنى تونۇ‌شىڭىزغا ۋە سۆيۈشىڭىزگە قايسى كىتاب ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ «خۇ‌دا ۋاپادار»،‏ «مە‌ڭگۈ ھاياتقا يېتە‌كلە‌يدىغان ھە‌قىقە‌ت»،‏ «يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشىيالايسىز»،‏ «مە‌ڭگۈ ھاياتقا يېتە‌كلە‌يدىغان بىلىم»،‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏»،‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرى»،‏ ياكى ئە‌ڭ يېڭى نە‌شىر قىلىنغان «مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏» ناملىق كىتابمۇ؟‏ بۇ كىتابلارنىڭ ھە‌ممىسى دە‌ل بىز ئېھتىياج بولغان ۋاقىتلاردا نە‌شىر قىلىنغان بولۇ‌پ،‏ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاشقا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن لايىھىلە‌نگە‌ن.‏

11.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر بىلىم ئېلىش ھە‌ممىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇ‌ھىم؟‏

11 يېڭىدىن قىزىقىش كۆرسە‌تكە‌ن كىشىلە‌رلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ھە‌ممىمىز يە‌ھۋا ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر بىلىم ئېلىشقا ئېھتىياجلىق.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «قويۇ‌ق تاماق بولسا يېتىلگە‌نلە‌ر ئۈچۈندۇ‌ر» دە‌پ يازغان.‏ پاۋلۇ‌س يە‌نە بۇ‌نداق قاتتىق روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قنى،‏ يە‌نى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئالغان بىلىملە‌رنى ئىشلىتىش «ياخشى-‏ياماننى پە‌رق ئېتىشكە» ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏ئىبرانىي.‏ 5:‏14)‏.‏ ھازىر يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە بويسۇ‌نۇ‌ش ھە‌قىقە‌تە‌ن ئاسان ئە‌مە‌س،‏ چۈنكى بۈگۈنكى كۈندە ئە‌خلاقسىز كىشىلە‌ر بە‌ك كۆپ.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا ئىمانىمىزنى كۈچلۈك ساقلىشىمىز ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تكە ئېرىشىشىمىزگە كاپالە‌تلىك قىلىدۇ.‏ بۇ روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلارنىڭ مە‌نبە‌سى —‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتۇ‌ر.‏ سادىق قۇ‌ل ئە‌يسانىڭ كۆرسە‌تمىسى بويىچە بۇ ئوزۇ‌قلۇ‌قلارنى تە‌ييارلايدۇ ۋە تارقىتىدۇ.‏

12.‏ خۇ‌ددى ئە‌يساغا ئوخشاش،‏ بىز خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى قانداق ئۇ‌لۇ‌غلايمىز؟‏

12 خۇ‌ددى ئە‌يساغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى ئۇ‌لۇ‌غلاپ كېلىۋاتىمىز (‏يۇ‌ھاننا 17:‏6،‏ 26)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 1931-‏يىلى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسە‌ن،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى دېگە‌ن ئىسىم بىلە‌ن ئاتالدۇ‌ق.‏ شۇ ئارقىلىق،‏ خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنىڭ بىز ئۈچۈن نە‌قە‌دە‌ر مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تتۇ‌ق ۋە بۇ ئىسىم بىلە‌ن تونۇ‌لۇ‌شنى خالىدۇ‌ق (‏يە‌شايا 43:‏10–‏12)‏.‏ شۇ يىلى 10-‏ئايدىن باشلاپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س ئىسىم بۇ ژۇ‌رنالنىڭ ھە‌ربىر سانىنىڭ باش مۇ‌قاۋىسىغا چىقتى.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسىدە» خۇ‌دانىڭ ئىسىمى قايتا تېگىشلىك ئورنىغا قويۇ‌لغان.‏ خرىستىئان دۇ‌نياسىدىكى چېركاۋلار بولسا،‏ بۇ‌نىڭ دە‌ل ئە‌كسىنى قىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن تە‌رجىمىلىرىدىن خۇ‌دانىڭ ئىسىمى بولغان يە‌ھۋا سۆزىنى چىقىرىپ تاشلىغان.‏

ئە‌يسا ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى تە‌شكىللە‌يدۇ

13.‏ نېمە سىزنى ئە‌يسانىڭ بۈگۈنكى كۈندە «سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل»نى ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا قايىل قىلىدۇ؟‏ (‏يۇ‌ھاننا 6:‏68)‏

13 سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌لنىڭ ۋاسىتىسى بىلە‌ن،‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە پاك ئىبادە‌تنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاجايىپ بىر تە‌شكىلاتنى قۇ‌رغان.‏ سىز بۇ تە‌شكىلاتقا قانداق قارايسىز؟‏ بۇ‌نىڭغا جاۋاب بە‌رگىنىڭىزدە،‏ بە‌لكىم سىز ئە‌لچى پېترۇ‌سقا ئوخشاش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌شىڭىز مۇ‌مكىن.‏ ئۇ ئە‌يساغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ھە‌زرە‌ت،‏ مە‌ڭگۈ ھاياتلىق بېرىدىغان سۆزلە‌ر پە‌قە‌ت سىزدىلا تۇ‌رسا!‏ بىز يە‌نە كىمنىڭ يېنىغا بارىمىز؟‏» (‏يۇ‌ھاننا 6:‏68)‏ ئە‌گە‌ر بىز يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى بىلە‌ن ئالاقە قىلمىغان بولساق،‏ بۈگۈن قە‌يە‌ردە بولاتتۇ‌ق؟‏ مە‌سىھ بۇ تە‌شكىلات ئارقىلىق خۇ‌داغا سادىق قېلىشىمىز ئۈچۈن مۇ‌ھتاج بولىدىغان روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلارغا ئېرىشىشىمىزگە كاپالە‌تلىك قىلىدۇ.‏ ئۇ يە‌نە ئۈنۈملۈك ۋە‌ز خىزمە‌ت قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزنى تە‌ربىيىلە‌يدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ بىزنىڭ يېڭى تە‌بىئە‌ت،‏ يە‌نى مىجە‌ز-‏خۇ‌لۇ‌قنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ،‏ بىز شۇ‌نداق قىلىپ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىۋاتىمىز.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏24.‏

14.‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىنىڭ ئە‌زاسى سۈپىتىدە،‏ تارقىلىشچان يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق ۋىرۇ‌س مە‌زگىلىدە قانداق پايدىغا ئېرىشتىڭىز؟‏

14 ئە‌يسا كرىزىس مە‌زگىلىدە دانا كۆرسە‌تمىلە‌ر بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ پايدىسى 19-COVID يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق ۋىرۇ‌س مە‌زگىلىدە كۆزگە كۆرۈنە‌رلىك بولدى.‏ دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدا نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر قانداق قىلىشنى بىلە‌لمە‌ي تۇ‌رغاندا،‏ ئە‌يسا بىخە‌تە‌رلىكىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئېنىق يول-‏يورۇ‌ققا ئېرىشىشىمىزگە كاپالە‌تلىك قىلدى.‏ سىرتقا چىققاندا،‏ كىشىلە‌ر توپلاشقان جايلاردا،‏ ماسكا تاقاش ۋە ئارىلىق ساقلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلىندۇ‌ق.‏ ئاقساقاللارغا ئە‌سكە‌رتىشلە‌ر بېرىلىپ،‏ دائىم جامائە‌تنىڭ بارلىق ئە‌زالىرى بىلە‌ن ئالاقە قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىكى ئېھتىياجلىرىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىپ تۇ‌رۇ‌ش تە‌كىتلە‌ندى (‏يە‌شايا 32:‏1،‏ 2)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش بە‌رگە‌ن يېڭى مە‌لۇ‌ماتلار ئارقىلىق قوشۇ‌مچە يول-‏يورۇ‌ق ۋە ئىلھام-‏مە‌دە‌تلە‌رگە ئېرىشتۇ‌ق.‏

15.‏ يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق ۋىرۇ‌س مە‌زگىلىدە،‏ ئىبادە‌ت يىغىلىشى ۋە ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن قانداق كۆرسە‌تمىلە‌ر بېرىلدى ۋە نە‌تىجىسى قانداق بولدى؟‏

15 تارقىلىشچان يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق ۋىرۇ‌س مە‌زگىلىدە،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرى ۋە ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىگە قانداق قاتنىشىش ھە‌ققىدە ئېنىق كۆرسە‌تمىلە‌رگە ئېرىشتۇ‌ق.‏ ناھايىتى تېزلا،‏ تور ئۇ‌لىنىش پروگرامما قوراللىرى ئارقىلىق جامائە‌ت ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرى ۋە بىر كۈنلۈك ۋە ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشلارغا قاتنىشىشقا باشلىدۇ‌ق.‏ بىز يە‌نە كە‌ڭ كۆلە‌مدە دېگۈدە‌ك خە‌ت يېزىش ۋە تېلېفون قىلىش ئارقىلىق گۇ‌ۋاھلىق بېرىشكە باشلىدۇ‌ق.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزنى بە‌رىكە‌تلىدى.‏ نۇ‌رغۇ‌ن بە‌يتە‌للە‌ر ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار سانىنىڭ كۆپلە‌پ ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلار بۇ مە‌زگىلدە كىشىنى ئىلھاملاندۇ‌رىدىغان كە‌چۈرمىشلە‌رنى باشتىن ئۆتكۈزدى.‏—‏«‏يە‌ھۋا ۋە‌ز ئىشىمىزنى بە‌رىكە‌تلىمە‌كتە‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ.‏

يە‌ھۋا ۋە‌ز خىزمىتىمىزنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ

  • ئوتتۇ‌را ئامېرىكىدىن كە‌لگە‌ن بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايالنىڭ ياۋروپىدا ياشاۋاتقانلىقىغا 15 يىلدىن ئاشتى.‏ تارقىلىشچان ۋىرۇ‌س يۈز بە‌رگە‌ندە،‏ بۇ ئە‌ر-‏ئايال ئوتتۇ‌را ئامېرىكىدىكى بارلىق تۇ‌غقانلىرى ۋە تونۇ‌شلىرىغا ۋە‌ز ئېيتىشنى قارار قىلغان.‏ كۆپچىلىككە يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لار ئىنتېرنېت ئارقىلىق 200دىن ئارتۇ‌ق ئېلخە‌ت ئە‌ۋە‌تتى.‏ ئۇ‌لار قىزىقىش كۆرسە‌تكە‌نلە‌رگە قايتا يولۇ‌قۇ‌پ،‏ نە‌شىرى ماتېرىياللار ۋە فىلىملە‌رنىڭ ئۇ‌لىنىشىنى ئە‌ۋە‌تتى.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ تىرىشچانلىقىنى بە‌رىكە‌تلىدى.‏ سە‌ككىز ئاي ئىچىدە،‏ بۇ بىر جۈپ 14 كىشى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلىدى.‏

  • 2020-‏يىل،‏ نويابىر ئېيىدىكى مە‌خسۇ‌س پائالىيە‌ت داۋامىدا،‏ بىز «‏خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏‏» ناملىق ژۇ‌رنالنى تارقاتتۇ‌ق.‏ بىر بۇ‌رادىرىمىز بۇ ژۇ‌رنالنى ئۆزىنىڭ سىنىپدىشىغا بە‌ردى.‏ ساۋاقدىشى ژۇ‌رنالنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ كېيىنكى ھە‌پتىسى ئۇ‌نى بىرلىكتە مۇ‌ھاكىمە قىلىشقا قوشۇ‌لدى.‏ ئۇ‌لارنىڭ كېيىنكى قېتىملىق سۆھبىتىدە،‏ شۇ كىشى:‏ «سىز تېلېفون قىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ مە‌ن خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ مە‌ندىن نېمىنى تە‌لە‌پ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىشىنى سورىدىم»،‏—‏ دېدى.‏ شۇ ئە‌ر كىشى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشكە قوشۇ‌لۇ‌پ،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشقا ۋە ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى قوللىنىشقا باشلىدى.‏ كېيىن،‏ ئۇ بۇ‌رادە‌رگە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئىلگىرى مە‌ن ھاياتىمدا بىر نە‌رسىنىڭ كە‌ملىكىنى ھېس قىلاتتىم.‏ ھازىر ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋا ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندىم.‏ ھە‌ر كۈنى ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن يېقىنلىشىشىمغا ياردە‌م قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن،‏ سىزگە كۆپ رە‌ھمە‌ت!‏»‏

16.‏ بىز نېمىگە ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏

16 بە‌لكىم،‏ بە‌زىلە‌ر تە‌شكىلات تارقىلىشچان يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌لگە قارىتا تولىمۇ ئېھتىياتچان بولۇ‌پ كە‌تتى،‏—‏ دە‌پ ھېس قىلغاندۇ.‏ ئە‌مما،‏ بىز قوبۇ‌ل قىلغان كۆرسە‌تمىلە‌رنىڭ دانا يول-‏يورۇ‌ق ئىكە‌نلىكى قايتا-‏قايتا ئايان بولدى (‏مە‌تتا 11:‏19‏)‏.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ ئە‌يسانىڭ ئۆز خە‌لقىنى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن يېتە‌كلە‌ۋاتقانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلانغىنىمىزدا،‏ ئە‌تە نېمە ئىش بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ بىز بىلە‌ن بىللە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يمىز.‏—‏ئىبرانىيلار 13:‏5،‏ 6-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

17.‏ ئە‌يسانىڭ يېتە‌كچىلىكى ئاستىدا بولۇ‌پ،‏ ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلىسىز؟‏

17 ئە‌يسا بىزنىڭ يېتە‌كچىمىز.‏ بۇ‌نىڭدىن ئىنتايىن خۇ‌شالمىز!‏ بىز مە‌دە‌نىيە‌ت،‏ مىللە‌ت ۋە تىل جە‌ھە‌تتىكى توسالغۇ‌لارنى يېڭىۋاتقان تە‌شكىلاتقا تە‌ۋە‌مىز.‏ بىز روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلارغا ئېرىشىپ،‏ ۋە‌ز خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك قىلىش ئۈچۈن تە‌ربىيىلە‌شلە‌رگە قاتنىشىمىز.‏ ھە‌ربىرىمىز شە‌خسە‌ن يېڭى تە‌بىئە‌تنى كىيىش،‏ يە‌نى مىجە‌ز-‏خۇ‌لۇ‌قنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر ياردە‌مگە ئېرىشىۋاتىمىز.‏ بىر-‏بىرىمىزنى سۆيۈشنى ئۆگىنىۋاتىمىز.‏ ئە‌يسانىڭ يېتە‌كچىمىز بولغىنىدىن پە‌خىرلىنىشكە تۈرلۈك سە‌ۋە‌بلىرىمىز بار!‏

ئە‌يسانىڭ .‏ .‏ .‏ يېتە‌كچىلىك قىلىۋاتقانلىقىغا سىزنى نېمە قايىل قىلىدۇ؟‏

  • دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى ۋە‌ز خىزمىتىگە

  • سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌لنىڭ روھىي ئوزۇ‌قلارنى تە‌مىنلىشىگە

  • قىيىن كۈنلە‌ردە ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە يول-‏يورۇ‌ق بېرىشىگە

14-‏ناخشا خۇ‌دا ھە‌ممىنى يېڭىلار

a ھازىر مىليونلىغان ئە‌رلە‌ر،‏ ئاياللار ۋە بالىلار قىزغىنلىق بىلە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلاۋاتىدۇ.‏ سىزمۇ شۇ‌لارنىڭ ئارىسىدىمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ سىز يېتە‌كچىمىز ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ كۆرسە‌تمىسىگە ئە‌مە‌ل قىلىۋاتىسىز.‏ بىرلىكتە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىگە يېتە‌كچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئىسپاتلارنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ بۇ مە‌لۇ‌ماتلار ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش بىزگە مە‌سىھنىڭ يېتە‌كچىلىكىدە داۋاملىق يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى قارار قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش