28-تەتقىق ماقالىسى
ھازىر خۇدا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ!
«ئەمدى دۇنيا ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھلىق رەببىمىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ بولدى».—ۋەھىي. 11:15.
136-ناخشا پادىشاھلىق ئورنىتىلدى. ئۇ كەلگەي!
بۇ ماقالىدەa
1. بىز نېمىگە ئىشىنىمىز ۋە نېمە ئۈچۈن؟
دۇنيا ۋەزىيىتىگە نەزەر سالغىنىڭىزدا، بارلىق ئىشلارنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىش سىز ئۈچۈن تەسمۇ؟ ئائىلە رىشتىسى بۇزۇلماقتا. كۆپلىگەن كىشىلەر بارغانسېرى زوراۋان، شەخسىيەتچى ۋە قوپال بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ھوقۇقدارلارغا ئىشىنىشى قىيىن بولماقتا. ئەمما، بۇلار ھەممە ئىشلارنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا سىزنى ئىشەندۈرەلەيدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، مۇقەددەس كىتابتا «ئاخىرقى زاماندا» ئىنسانلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەت قىلىنغان (2-تىموت. 3:1–5). بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ئەينەن بېشارەت قىلىنغاندەك قىلىۋاتىدۇ. ھېچبىر سەمىمىي ئادەم بۇ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلالمايدۇ. بۇ ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەمما، بۇ پادىشاھلىق توغرىسىدىكى نۇرغۇن بېشارەتلەرنىڭ پەقەت بىرى. يېقىنقى يىللاردا ئەمەلگە ئاشقان باشقا بېشارەتلەرنى كۆرۈپ چىقىش ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىدۇ.
خۇددى سۈرەتلىك تېپىشماق پارچىلىرىغا ئوخشاش، دانىيال ۋە ۋەھىي كىتابلىرىدىكى بېشارەتلەر بىر-بىرىگە ماسلىشىپ، يەھۋانىڭ ۋاقىت جەدۋىلىدە بىزنىڭ نەدىلىكىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ (2-ئابزاسىغا قاراڭ).
2. بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز ۋە نېمە ئۈچۈن؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە ئىزاھ بېرىڭ)
2 بۇ ماقالىدە، (1) پادىشاھلىقنىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدىغان بېشارەتنى، (2) ئەيسا مەسىھنىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ھالەتتە ئاسماندا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان بېشارەتنى ۋە (3) خۇدا پادىشاھلىقى دۈشمەنلىرىنى قانداق يوق قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلايدىغان بېشارەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز. بىز بۇ بېشارەتلەرنىڭ خۇددى ھەربىر ئۇششاق پارچىلارنى جايى-جايىغا ماس كەلتۈرىدىغان سۈرەتلىك تېپىشماققا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈمىز. بۇ بىزگە يەھۋانىڭ ۋاقىت جەدۋىلىدە، بىزنىڭ قەيەردە تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى ئېنىق سۈرەتلەپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
پادىشاھلىقنىڭ قاچان ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلىش
3. دانىيال 7:13، 14-ئايەتلەردىكى بېشارەت، خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ھەققىدە بىزنى نېمىگە ئىشەندۈرىدۇ؟
3 دانىيال 7:13، 14-ئايەتلەردىكى بېشارەت، ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ھۆكۈمرانى بولىدىغانلىقىغا بىزنى ئىشەندۈرىدۇ. ھەر مىللەتتىن كەلگەن كىشىلەر خۇشاللىق بىلەن «ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدۇ»، ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا بىر ھۆكۈمران كەلمەيدۇ. دانىيال كىتابىدىكى يەنە بىر بېشارەتتە، يەتتە دەۋر ۋاقىت ئاخىرلاشقاندا، ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇنداقتا، ئەيسا قاچان پادىشاھ بولدى؟
4. دانىيال 4:10–17-ئايەتلەر، مەسىھنىڭ قاچان پادىشاھ بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (ئىزاھاتقا قاراڭ)
4 دانىيال 4:10–17-نى ئوقۇڭ. يەتتە دەۋر 2520 يىل ۋاقىتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 607-يىلى، بابىلونلۇقلار يېرۇسالىمدىكى يەھۋانىڭ تەختىدە ئولتۇرغان ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھنى تەختتىن چۈشەرگەندە، بۇ ۋاقىت باشلانغان. مىلادى 1914-يىلى، يەھۋا قانۇنىي ھوقۇقلۇق كىشى ئەيسانى خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە تەختكە ئولتۇرغۇزغاندا، شۇ ۋاقىت ئاخىرلاشتىb.—ھەزەك. 21:25–27.
5. يەتتە دەۋر ھەققىدىكى بېشارەتنى چۈشەنسەك، بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
5 بۇ بېشارەتنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟ «يەتتە دەۋر» ھەققىدىكى بېشارەتنى چۈشەنسەك، يەھۋانىڭ ئۆز ۋەدىسىنى دەل ۋاقتىدا ئورۇنلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. يەھۋا ئۆزى مەسىھ پادىشاھ بولىدىغان ۋاقىت-سائەتنى بەلگۈلەپ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇنى پادىشاھلىق تەختىگە ئولتارغۇزدى. شۇڭا، باشقا بارلىق بېشارەتلەرنىڭمۇ ئۇ بەلگۈلىگەن ۋاقىتتا چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنداق، يەھۋانىڭ كۈنى ھەرگىز كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.—ھاباق. 2:3.
مەسىھنىڭ خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولغانلىقىنى بىلىش
6. (1) يەر يۈزىدە يۈز بېرىۋاتقان قايسى ئىشلار مەسىھنىڭ ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ؟ (2) ۋەھىيلەر 6:2–8-ئايەتلەردىكى بېشارەتلەر بۇ ئىسپاتلارنى قانداق دەلىللەيدۇ؟
6 يەر يۈزىدىكى خىزمىتى ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا، ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە مۇھىم بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۈرگەن. يەنى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاسماندا پادىشاھ بولۇپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بەزى ئىش-ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بېشارەت قىلغان ئىدى. ئۇ تىلغا ئالغان ئىشلار ئىچىدە ئۇرۇش ، ئاچارچىلىق ۋە يەر تەۋرەشلەر بار. ئۇ يەنە ۋابا ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ جاي-جايلاردا بولىدىغانلىقىنى بېشارەت قىلغان. تاجسىمان يۇقۇملۇق ۋىرۇس (19-COVID) بۇنىڭ بىر مىسالى (مەتتا 24:3، 7؛ لۇقا 21:7، 10، 11). ئۇ تىرىلدۈرۈلۈپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندىن 60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندە، ئەيسا ئەلچى يۇھانناغا بۇ ئىش-ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى يەنىمۇ روشەن كۆرسەتكەن (ۋەھىيلەر 6:2–8-نى ئوقۇڭ). شۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى، ئەيسا 1914-يىلى پادىشاھ بولغاندىن بۇيان يۈز بەرگەن.
7. نېمە ئۈچۈن ئەيسا پادىشاھ بولغاندىن بۇيان يەر يۈزىدە يامان ئىشلار كۆپلەپ يۈز بەردى؟
7 نېمە ئۈچۈن ئەيسا پادىشاھ بولغاندا، دۇنيانىڭ ۋەزىيەتلىرى ناچارلىشىشقا يۈزلەندى؟ ۋەھىيلەر 6:2-ئايەتتە مۇھىم تەپسىلاتلار بېرىلگەن — يېڭىلا پادىشاھلىق تاجىنى كىيگەن مەسىھنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى جەڭ قىلىش بولغان. كىمگە قارشى؟ ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ جىنلىرىغا قارشى. ۋەھىيلەر 12-بابقا ئاساسلانغاندا، شەيتان جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ، ئۇ ۋە جىنلار يەر يۈزىگە تاشلانغان. بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن شەيتان ئىنسانىيەتتىن ئاچچىقىنى چىقىرىشقا باشلاپ، نەتىجىدە «ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي يەر» دېگەن سۆزلەر ئەمەلگە ئېشىشقا باشلىدى.—ۋەھىي. 12:7–12.
يامان ئىشلار يۈز بەرگەندە خۇشال بولمايمىز، ئەمما مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقى خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ھازىر ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ (8-ئابزاسقا قاراڭ)
8. پادىشاھلىق توغرىسىدىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
8 بۇ بېشارەتلەرنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟ يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، كىشىلەرنىڭ پوزىتسىيىسى، يەنى كۆزقارىشىدىكى روشەن ئۆزگۈرۈش ئەيسانىڭ پادىشاھ بولغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ شەخسىيەتچىلىك ۋە قوپاللىق بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلماستىن، ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكە ئالىمىز. پادىشاھلىق ئاللىقاچان ھۆكۈمرانلىق باشلىدى! (زەبۇر 37:1) ئارماگېدون ئۇرۇشىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيادا ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرىمىز (ماركۇس 13:8؛ 2-تىموت. 3:13). بىز ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىمىزنىڭ نېمە ئۈچۈن دۇنيادا شۇنچە كۆپ قىيىنچىلىقلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا ئىنتايىن مىننەتدارمىز!
خۇدا پادىشاھلىقى دۈشمەنلىرىنى قانداق يوق قىلىدۇ؟
9. مەسىھ پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىغاندا، قايسى دۇنياۋىي كۈچ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىۋاتقان بولىدۇ؟ (دانىيال 2:28، 31–35)
9 دانىيال 2:28، 31–35-نى ئوقۇڭ. بىز يەنە بۇ بېشارەتنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. نەبۇكەدنەسەرنىڭ چۈشى مەسىھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلانغاندىن كېيىن، زاماننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئەيسانىڭ يەر يۈزىدىكى دۈشمەنلىرى مۇقەددەس كىتابتا بېشارەت قىلىنغان ھەيكەلنىڭ تۆمۈر ۋە سېغىز لاي ئارىلاشقان پۇتى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى دۇنياۋىي كۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دۇنياۋىي كۈچ ئاللىقاچان پەيدا بولدى. ئۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئالاھىدە ھەمكارلىق ئورناتقاندا بارلىققا كەلگەن. نەبۇكەدنەسەرنىڭ چۈشىدىكى ھەيكەل يەنە بۇ دۇنياۋىي كۈچنىڭ ئىلگىرىكى پادىشاھلىقلاردىن كەم دېگەندە ئىككى جەھەتتىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بېشارەت قىلغان.
10. (1) دانىيالنىڭ بېشارىتى ئانگلو-ئامېرىكا ئىتتىپاقىنى قانداق توغرا تەسۋىرلەپ بەرگەن؟ (2) بىز نېمە قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك؟ («لايدىن ئېھتىيات قىلىڭ!» دېگەن رامكىغا قاراڭ).
10 بىرىنچى، چۈشتىكى كۆرۈنۈشتە تەسۋىرلەنگەن ئىلگىرىكى دۇنيا كۈچلىرىگە ئوخشىمايدىغان يېرى، ئانگلو-ئامېرىكا ئىتتىپاقى ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك قاتتىق مېتال ئەمەس، بەلكى تۆمۈر بىلەن سېغىز لاينىڭ ئارىلاشمىسىغا سىمۋول قىلىنغان. بۇ سېغىز لاي «ئادەملەرنىڭ ئەۋلادلىرى»، يەنى ئادەتتىكى كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ (دانىيال 2:43). بۈگۈن شۇنى ئېنىق كۆرەلەيمىزكى، كىشىلەرنىڭ سايلامغا تەسىر قىلىشى، پۇقرالار ھوقۇقلىرىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى، قارشىلىق نامايىشلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بۇ دۇنيا كۈچى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ.
11. ئانگلو-ئامېرىكا دۇنيا كۈچىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقانلىقىمىزغا بولغان ئىشەنچىمىزنى قانداق كۈچەيتىدۇ؟
11 ئىككىنچى، غايەت زور ھەيكەلنىڭ پۇتىغا سىمۋول قىلىنغان ئانگلو-ئامېرىكا مۇقەددەس كىتابتا ئالدىن ئېيتىلغان ئەڭ ئاخىرقى دۇنيا كۈچى. ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا بىر ئىنسانىي ھۆكۈمەت مەيدانغا كەلمەيدۇ. بەلكى، خۇدا پادىشاھلىقى بۇ ئاخىرقى دۇنيا كۈچى ۋە باشقا بارلىق ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرنى ئارماگېدون ئۇرۇشىدا تامامەن يوق قىلىدۇc.—ۋەھىي. 16:13، 14، 16؛ 19:19، 20.
12. دانىيالنىڭ بېشارىتى زاماننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى قانداق قوشۇمچە ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدۇ؟
12 بۇ بېشارەتنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟ دانىيالنىڭ بېشارىتى بىزنىڭ زاماننىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى قوشۇمچە ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدۇ. 2500 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، دانىيال بابىلوندىن كېيىن، باشقا تۆت چوڭ دۇنيا كۈچىنىڭ خۇدا خەلقى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بېشارەت قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، دانىيال بۇلاردىن ئەڭ ئاخىرقىسى بولغان ئانگلو-ئامېرىكا دۇنياۋىي كۈچىنىڭ مەسىھ پادىشاھلىق قىلىشقا باشلىغاندا، بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ بىزگە تەسەللى ۋە ئۈمىد بېرىدۇ. چۈنكى پات يېقىندا، خۇدا پادىشاھلىقى بارلىق ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرنى يوق قىلىپ، پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.—دانىيال 2:44.
13. ۋەھىيلەر 17:9–12-ئايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان «سەككىزىنچى پادىشاھ» ۋە «ئون پادىشاھ» نېمىگە سىمۋول قىلىنغان؟ بۇ بېشارەت قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان؟
13 ۋەھىيلەر 17:9–12-نى ئوقۇڭ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى شۇنچە كۆپ ۋەيرانچىلىقلارغا سەۋەبچى بولۇپ، ئاخىرقى كۈنلەر توغرىسىدىكى باشقا بېشارەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىشلار يۈز بەرگەن. دۇنيا رەھبەرلىرى بۇ دۇنيادا تىنچلىقنى ئورناتماقچى بولدى. شۇڭا، 1920-يىلى 1-ئايدا، ئۇلار دۆلەتلەر ئىتتىپاقىنى قۇردى. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئورنىنى 1945-يىلى ئۆكتەبىردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالدى. بۇ تەشكىلات «سەككىزىنچى پادىشاھ» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما، ئۇ دۇنياۋىي كۈچ ئەمەس. ئۇنىڭ كۈچى ۋە تەسىرى ئۇنى قوللايدىغان ھۆكۈمەتلەردىن كېلىدۇ. مۇقەددەس كىتاب سىمۋوللۇق مەنىدە بۇ ھۆكۈمەتلەرنى «ئون پادىشاھ» دەپ ئاتىغان.
14، 15. (1) ۋەھىيلەر 17:3–5-ئايەتلەر «بۈيۈك بابىلون» ھەققىدە نېمىلەرنى ئاشكارىلايدۇ؟ (2) يالغان دىننى قوللىغۇچىلارغا نېمە ئىش بولۇۋاتىدۇ؟
14 ۋەھىيلەر 17:3–5-نى ئوقۇڭ. خۇدانىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ئاستىدا، ئەلچى يۇھاننا دۇنيانىڭ ساختا دىن ئىمپېرىيىسىگە سىمۋول قىلىنغان بىر پاھىشە ئايال «بۈيۈك بابىلون»نى كۆرگەن. بۇ بېشارەتلىك كۆرۈنۈش قانداق ئاشۇرۇلدى؟ ساختا دىنىي تەشكىلاتلار ئۇزۇندىن بۇيان دۇنيانىڭ سىياسىي كۈچلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي، يەھۋا ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى سىياسىي كۈچلەرنىڭ قەلبىگە سالىدۇ ۋە ئۇلار خۇدانىڭ ئوي-پىكىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. نەتىجىدە نېمە بولىدۇ؟ ئاشۇ سىياسىي كۈچلەر، يەنى «ئون پادىشاھ» ساختا دىنىي تەشكىلاتلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى يوقىتىدۇ.—ۋەھىي. 17:1، 2، 16، 17.
15 بۈيۈك بابىلوننىڭ ۋەيران قىلىنىش ۋاقتى يېقىنلاشقانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشكە قەدىمقى بابىلون شەھىرىنى ھەيۋەتلىك فىرات دەرياسىنىڭ سۈيى قىسمەن قوغدىغانلىقىنى ئەسكە ئېلىش ياردەم بېرىدۇ. ۋەھىيلەر كىتابى بۈيۈك بابىلوننىڭ مىليونلىغان قوللىغۇچىلىرىنى قوغدىغۇچى «سۇلار» بىلەن سېلىشتۇرغان (ۋەھىي. 17:15). ئەمما، ئۇ يەنە سۇنىڭ «قۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى» ئاشكارىلاپ، بۇ دۇنيانىڭ ساختا دىن ئىمپېرىيىسى نۇرغۇن قوللىغۇچىلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن (ۋەھىي. 16:12). بۈگۈنكى كۈندە بۇ بېشارەت ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ، چۈنكى خېلى كۆپ كىشىلەر ساختا دىندىن ۋاز كېچىپ، باشقا جايلاردىن ئۆز قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ.
16. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە بۈيۈك بابىلوننىڭ يوق قىلىنىشى توغرىسىدىكى بېشارەتلەرنى چۈشىنىشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
16 بۇ بېشارەتلەرنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ساختا دىنلارنى قوللاشتىن ۋاز كېچىشى زاماننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. گەرچە كۆپلىگەن كىشىلەر ئەمدى بۈيۈك بابىلوننى قوللىمىسىمۇ، بۇ دېگەنلىك ساختا تەشكىلاتلار پۈتۈنلەي يوق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۇنىڭ ۋەيران قىلىنىشى باشقىچە ئۇسۇلدا بولىدۇ. يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، يەھۋا ئۆز ئوي-پىكىرىنى «ئون پادىشاھ»، يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قوللايدىغان سىياسىي كۈچلەرنىڭ قەلبىگە سالىدۇ. ئۇلار يەھۋانىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئاشۇ دۆلەتلەر تۇيۇقسىز ساختا دىننى يوق قىلىدۇ. بۇنىڭغا بۇ دۇنيا ھەيران قالىدۇd (ۋەھىي. 18:8–10). بۈيۈك بابىلوننىڭ ۋەيران بولۇشى پۈتكۈل دۇنياغا كۈچلۈك تەسىر قىلىدۇ. ئەمما، خۇدا خەلقىنىڭ شاد-خۇرام بولۇشىنىڭ كەم دېگەندە ئىككى سەۋەبى بار. پات يېقىندا ئۇزۇندىن بۇيان خۇدا بىلەن دۈشمەنلىشىپ كېلىۋاتقان ساختا دىن مەڭگۈ يوق قىلىنىدۇ ۋە بىز بۇ رەزىل دۇنيادىن قۇتقۇزۇلىمىز!—لۇقا 21:28.
كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن قاراڭ
17، 18. (1) داۋاملىق ئىمان-ئېتىقادىمىزنى قانداق مۇستەھكەملىيەلەيمىز؟ (2) كېيىنكى ماقالىدە نېمىلەر توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلىمىز؟
17 دانىيال توغرا بىلىمنىڭ مول بولىدىغانلىقىنى بېشارەت قىلغان ئىدى. ھەقىقەتەن شۇنداق مول بولدى! بىز ياشاۋاتقان زامانىمىز توغرىسىدىكى بېشارەتلەرنى ھازىر چۈشىنىمىز (دانىيال 12:4، 9، 10). بۇ بېشارەتلەر بەك توغرا بولۇپ، ئۇلار بىزنىڭ يەھۋاغا بولغان ھۆرمەت-ئېھتىرامىمىزنى ئاشۇرىدۇ (يەشايا 46:10؛ 55:11). شۇڭا، مۇقەددەس كىتابنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىق قىلىش ۋە باشقىلارنىڭ يەھۋا بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئىمان-ئېتىقادىڭىزنى داۋاملىق مۇستەھكەملەڭ. ئۇ ئۆزىگە پۈتۈنلەي ئىشەنچ قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى قوغدايدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈزلۈكسىز تىنچلىق بېرىدۇ.—يەشايا 26:3.
18 كېيىنكى ماقالىدە، زاماننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتى توغرىسىدىكى بېشارەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز. شۇنى كۆرىمىزكى، بۇ بېشارەتلەر زاماننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىدىغان باشقا بارلىق بېشارەتلەرگە ماس كېلىدۇ. بىز پادىشاھىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھازىر ئۆزىنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن يېتەكلەۋاتقانلىقىغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئىسپاتلارنى كۆرىمىز.
17-ناخشا ئالغا باس، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى!
a بىز ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كىشىنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدىغان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز! مۇقەددەس كىتابنىڭ كۆپلىگەن بېشارەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغاندەك، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىقىنى باشلىدى. بۇ ماقالىدە مۇھاكىمە قىلىدىغان بېشارەتلەر يەھۋاغا بولغان ئىمان-ئېتىقادىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ ۋە ھازىر ۋە ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تىنچ-خاتىرجەملىكنى ۋە ئىشەنچنى ساقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
b «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» دېگەن كىتابنىڭ 32-دەرسىدىكى 4-نۇقتىنى ۋە jw.org تور بېكىتىدە «1914-يىلى خۇدا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىقنى باشلىدى» دېگەن فىلىمنى كۆرۈڭ.
c دانىيالنىڭ بېشارىتى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، «كۈزىتىش مۇنارى» 2012-يىل، 6-ئاي، 15-كۈنى سانىنى كۆرۈڭ.
d يېقىن كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى «خۇدا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا» (باشقا تىلدا) ناملىق كىتابنىڭ 21-بابىغا قاراڭ.