15-تەتقىق ماقالىسى
18-ناخشا خۇدانىڭ چىن مۇھەببىتى
يەھۋانىڭ تەشكىلاتىغا بولغان ئىشەنچىڭىزنى كۈچەيتىڭ
«ئاراڭلاردىكى سىلەرگە يېتەكچىلىك قىلغانلارنى ئەسكە ئېلىڭلار». —ئىبرانىي. 13:7.
مەركىزى ئىدىيە
يەھۋانىڭ تەشكىلاتىغا ھەردائىم ھۆرمەت كۆرسىتىش ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگىنىمىز.
1. يەھۋانىڭ بىرىنچى ئەسىردىكى خىزمەتچىلىرى قانداق تەشكىللەنگەنىدى؟
يەھۋا ئۆز خەلقىگە ۋەزىپە تاپشۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئاشۇ تاپشۇرۇلغان ئىشنى تەشكىللىك ۋە تەرتىپلىك ھالەتتە ئورۇندىشىنى خالايدۇ (1-كورىنت. 14:33). مەسىلەن، يەھۋانىڭ ئىرادىسى بولسا پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈش (مەتتا 24:14). يەھۋا بۇ خىزمەتكە يېتەكچلىك قىلىشنى ئەيسا مەسىھكە تاپشۇرغان. ئەيسا بۇ خىزمەتنىڭ تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. بىرىنچى ئەسىردە ھەرقايسى جايلاردا جامائەتلەر قۇرۇلغاندا، ئاقساقاللار جامائەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇلارغا يول كۆرسىتىش ئۈچۈن تەيىنلەنگەن (ئەلچى. 14:23). بىرىنچى ئەسىردە يېرۇسالىمدىكى ئەلچىلەر ۋە بەزى ئاقساقاللاردىن قۇرۇلغان بىر ئاقساقاللار كېڭىشى قارارلارنى چىقارغان. بارلىق جامائەتلەر بۇ بىر توپ ئاقساقاللارنىڭ چىقارغان قارارلىرى بويىچە ئىش قىلغان (ئەلچى. 15:2؛ 16:4). قېرىنداشلار ئاشۇ بېرىلگەن كۆرسەتمىلەرگە بويسۇنۇش نەتىجىسىدە، «جامائەتلەر ئىمان-ئېتىقادتا مۇستەھكەملىنىپ، ئېتىقادچىلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە» كۆپەيگەنىدى.—ئەلچى. 16:5.
2. 1919-يىلدىن باشلاپ، يەھۋا ئۆز خەلقىنى قانداق يېتەكلەپ كېلىۋاتىدۇ ۋە روھىي ئوزۇقلۇقلار بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ؟
2 يەھۋا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز خەلقىنى داۋاملىق تەشكىللەيدۇ. 1919-يىلدىن باشلاپ، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، مەسىھ قىلىنغان كىچىك بىر توپ ئېتىقادچىلارنى ئىشلىتىپ، ۋەز خىزمىتىنى تەشكىللىگەن ۋە ئېتىقادچىلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتىدىغان روھىي ئوزۇقلۇقلار بىلەن تەمىنلىگەنa (لۇقا 12:42). ئېنىقكى، يەھۋا شۇ كىچىك بىر توپ قېرىنداشلارنىڭ خىزمىتىنى بەرىكەتلىگەن.—يەشايا 60:22؛ 65:13، 14.
3، 4. (1) تەشكىللىنىشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بارلىقىنى مىسال كەلتۈرۈڭ. (2) بۇ ماقالىدە نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 ئەگەر بىز تەشكىللەنمىگەن بولساق، ئەيسا مەسىھ بىزگە تاپشۇرغان ئىشنى ئورۇندىيالمىغان بولاتتۇق (مەتتا 28:19، 20). ئويلاپ كۆرۈڭ، يېتەكچىلىك قىلغان بۇرادەرلەر ۋەز ئېيتىدىغان رايونلارنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرمىغان ۋە ھەممە ئادەم ئۆزى خالىغان جايدا ۋەز قىلغان بولسا، نەتىجىسى قانداق بولاتتى؟ بەزى رايونلاردا ئوخشىمىغان ۋەز ئېيتقۇچىلار قايتا-قايتا ۋەز قىلىشى ۋە باشقا رايونلاردا ۋەز قىلىش ئىشىغا سەل قارىلىپ قالاتتى. تەشكىللەشنىڭ بىز ئۈچۈن يەنە قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بارلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ!؟
4 ئەيسا يەر يۈزىدە بولغاندا، ئۆز شاگىرتلىرىنى تەشكىللىگەن. بۈگۈن كۈندىمۇ ئۇ بىزنى تەشكىللەپ، ئۆزى قالدۇرغان ئۈلگىگە ئەگىشىشكە يېتەكلەيدۇ. بۇ ماقالىدە، ئەيسانىڭ قالدۇرغان ئۈلگىسىنى ۋە شۇ ئۈلگىگە تەشكىلاتىمىز قانداق ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. بىز يەنە يەھۋانىڭ تەشكىلاتىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيدىغانلىقىمىزنى مۇلاھىزە قىلىمىز.
تەشكىلاتىمىز ئەيسانىڭ ئۈلگىسىگە ئەگىشىدۇ
5. ئەيسانىڭ ئۈلگىسىگە ئەگىشىپ، تەشكىلاتىمىز نېمە ئىش قىلىدۇ؟ (يۇھاننا 8:28)
5 ئەيسا نېمە قىلىش ۋە نېمە دېيىشنى ئاسماندىكى ئاتىسىدىن ئۆگەنگەن. ئەيسانىڭ قالدۇرغان ئۈلگىسىگە ئەگىشىپ، تەشكىلاتىمىز خۇدانىڭ سۆزى ئاساسىدا بىزنىڭ توغرا-خاتانى بىلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ ۋە تۇرمۇشىمىزدا كۆرسەتمىلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ (يۇھاننا 8:28-نى ئوقۇڭ؛ 2-تىموت. 3:16، 17). خۇدانىڭ تەشكىلاتى دائىم بىزگە خۇدا سۆزىنى ئوقۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىي ئىشلىتىش ھەققىدە ئەسكەرتىشلەرنى بېرىپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ نەسىھەتكە ئەمەل قىلساق، بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
6. نەشىرى ماتېرىياللىرىمىزنىڭ ياردىمىدە، مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشىنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
6 بىز مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نەشىرى ماتېرىياللىرىمىزنىڭ ياردىمىدە، مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشنىڭ بىز ئۈچۈن كۆپ پايدىسى بار. مەسىلەن، بىر تەرەپتىن مۇقەددەس كىتابتا نېمە دېيىلگەنلىكىنى ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن خۇدانىڭ تەشكىلاتى بەرگەن كۆرسەتمىلىرىنى ئوقۇپ، بىر-بىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق خۇدا تەشكىلاتى چىقارغان كۆرسەتمىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. بۇنداق قىلىش يەھۋانىڭ تەشكىلاتىغا بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.—رىملىقلار 12:2.
7. ئەيسا مەسىھ قانداق خەۋەرنى ۋەز قىلغان ۋە بۈگۈنكى كۈندە يەھۋانىڭ تەشكىلاتى ئۇنى قانداق ئۈلگە قىلىدۇ؟
7 ئەيسا مەسىھ «خۇدا پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى» جاكارلىغان (لۇقا 4:43، 44). ئۇ يەنە ئۆز شاگىرتلىرىنى پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى ۋەز قىلىشقا بۇيرىغان (لۇقا 9:1، 2؛ 10:8، 9). بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋانىڭ تەشكىلاتىدىكى بارلىق كىشىلەر، مەيلى قەيەردە ياشىسۇن ۋە تەشكىلاتتا قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولسۇن، ھەممىسى خۇدا پادىشاھلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى جاكارلايدۇ.
8. بىز قانداق شان-شەرەپكە ئىگە؟
8 بىز خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشنى شان-شەرەپ دەپ قارايمىز. بۇ خىزمەتنى قىلىشقا ھەممىلا ئادەم لاياقەتلىك بولالمايدۇ. مەسىلەن، ئەيسا يەر يۈزىدە بولغاندا، يامان روھلارنىڭ ئۇ توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىشىگە يول قويمىغان (لۇقا 4:41). بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىر ئادەم يەھۋانىڭ خەلقى بىلەن بىرلىكتە ۋەز ئېيتىشقا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى، ئۇ چوقۇم ۋەز قىلىش لاياقىتىگە ئېرىشىشى كېرەك. بىز ۋەز ئېيتىش شان-شەرىپىنى قەدىرلىگىنىمىزدە، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا باشقىلارغا گۇۋاھلىق بېرىمىز. ھەممىمىز ئەيساغا ئوخشاش، خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋەر ئۇرۇقىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە تېرىشنى ۋە ئۇنى سۇغۇرۇپ تۇرۇشنى خالايمىز. شۇنداق بولغاندا، شۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئاشۇ ئۇرۇق يىلتىز تارتىپ، بىخ چىقىرىدۇ.—مەتتا 13:3، 23؛ 1-كورىنت. 3:6.
9. تەشكىلات خۇدانىڭ ئىسىمىنى باشقىلارغا قانداق بىلدۈرىدۇ؟
9 ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ئىسىمىنى باشقىلارغا بىلدۈرگەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئاسماندىكى ئاتىسىغا دۇئا قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «مەن سېنىڭ ئىسىمىڭنى ئۇلارغا بىلدۈردۈم» (يۇھاننا 17:26). يەھۋا خۇدانىڭ تەشكىلاتى ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىپ، بارىچە ئاماللار بىلەن باشقىلارنىڭ خۇدانىڭ ئىسىمىنى تونۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. مۇقەددەس كىتابنىڭ «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى»، خۇدانىڭ ئىسىمىنى ئۆز ئورنىغا قويۇش ئارقىلىق، شۇ ئىسىمنى تونۇتۇشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا. ھازىر مۇقەددەس كىتابنىڭ «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» پۈتۈنلەي ياكى مەلۇم قىسىمى 270 تىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ تەرجىمىنىڭ 4A ۋە 5A قوشۇمچە مەلۇما قىسىمىدىن خۇدانىڭ ئىسىمىنىڭ ئەسلى ئورنىغا قويۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى مەلۇماتلارنى تاپالايسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى»نىڭ گرېكچە يازمىلار قىسىمىدا، خۇدانىڭ ئىسىمى جەمئىي 237 قېتىم ئىشلىتىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلار كۆرسىتىلگەن.
10. بېرمىدا ياشايدىغان بىر ئايالنىڭ تەجرىبىسىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
10 ئەيساغا ئوخشاش، بىزمۇ مۇمكىنقەدەر كۆپرەك كىشىلەرنىڭ خۇدانىڭ ئىسىمىنى بىلىشىگە ياردەم بېرىشنى خالايمىز. بېرمىدا ياشايدىغان 67 ياشلىق بىر ئايال، خۇدانىڭ ئىسىمى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «مەن ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم خۇدانىڭ ئىسىمى يەھۋا ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بۇ مەن ھاياتىمدا ئۆگەنگەن ئەڭ مۇھىم نەرسە». مۇشۇ ۋەقە، خۇدانىڭ ئىسىمىنى بىلىش سەمىمىي كىشىلەرنىڭ قەلبىگە قانچىلىك چوڭقۇر تەسىر قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
تەشكىلاتىمىزغا داۋاملىق ئىشەنچ قىلىڭ
11. ئاقساقاللار خۇدانىڭ تەشكىلاتىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى قانداق كۆرسىتەلەيدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
11 ئاقساقاللار خۇدانىڭ تەشكىلاتىغا بولغان ئىشەنچىسىنى قانداق كۆرسىتەلەيدۇ؟ بۇنىڭ بىر ئۇسۇلى كۆرسەتمىلەرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، ئاقساقاللار ئۇنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئاندىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاشۇ كۆرسەتمىلەر بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك. مەسىلەن، كۆرسەتمىلەر يىغىلىشلارنىڭ ھەربىر بۆلىكىنى قانداق ئۆتكۈزۈش، جامائەتتە قانداق دۇئا قىلىشلا ئەمەس، بەلكى مەسىھنىڭ پادىلىرىدىن قانداق خەۋەر ئېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر ئاقساقاللار ئەستايىدىللىق بىلەن تەشكىلاتنىڭ بۇ كۆرسەتمىلىرىگە ئەگەشسە، قېرىنداشلار يەھۋانىڭ ئۇلارنى سۆيىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.
ئاقساقاللار بىزگە يەھۋانىڭ تەشكىلاتى بېرىۋاتقان كۆرسەتمىگە ئىشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ (11-ئابزاسقا قاراڭ)b
12. (1) نېمە ئۈچۈن يېتەكچىلىك قىلىدىغانلار بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك؟ (ئىبرانىيلار 13:7، 17) (2) نېمە ئۈچۈن دىققىتىمىزنى يېتەكچىلىك قىلىدىغانلارنىڭ ياخشى پەزىلەتلىرىگە قارىتىشىمىز كېرەك؟
12 ئاقساقاللار بىزگە كۆرسەتمە بەرگەندە، ئۇنىڭغا خۇشاللىق بىلەن بويسۇنۇشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىدىغان بۇرادەرلەرنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ئاسانراق ئورۇندىشىغا ياردەم بېرىمىز. مۇقەددەس كىتاب بىزنى يېتەكچىلىك قىلىدىغانلارغا ئىتائەتچان بولۇپ، بويسۇنۇشقا ئۈندەيدۇ (ئىبرانىيلار 13:7، 17-نى ئوقۇڭ). بۇ بەزىدە ئاسانغا چۈشمەيدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، بۇ كىشىلەر نامۇكەممەل. بىراق، بىز ھەردائىم دىققىتىمىزنى ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىغا ئەمەس، كەمچىلىكلىرىگە قاراتساق، خۇدانىڭ دۈشمىنىگە ياردەم قىلغان بولىمىز. نېمىشقا بۇنداق دەيمىز؟ چۈنكى، بۇنداق قىلىش خۇدانىڭ تەشكىلاتىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. بۇ دەل دۈشمەننىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىتى. بۇنىڭدىن باشقا، دۈشمەن تارقاتقان يالغان-ياۋىداقلاردىن ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى قانداق بايقىيالايمىز ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىپ كېتىشتىن ساقلىنالايمىز؟
باشقىلار ئىشەنچىڭىزنى ئاجىزلاشتۇرۋەتمىسۇن
13. قانداق قىلىپ خۇدانىڭ دۈشمەنلىرى ئۇنىڭ تەشكىلاتىنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى يامان كۆرسىتىدۇ؟
13 خۇدانىڭ دۈشمەنلىرى ئۇنىڭ تەشكىلاتىنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى يامان كۆرسىتىپ، ياخشى بىلەن ياماننى ئارىلاشتۇرۋېتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. مەسىلەن، بىز مۇقەددەس يازمىلاردىن يەھۋانىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ جىسمانىي، ئەخلاقىي ۋە روھىي جەھەتتىن پاك بولۇشىنى خالايدىغانلىقىنى ئۆگەندۇق. مۇقەددەس كىتابتا يەنە پۇشايمان قىلىشنى خالىماي، داۋاملىق ناپاك ئىشلارنى قىلغانلارنى جامائەتتىن چىقىرىۋېتىش تەلەپ قىلىنغان (1-كورىنت. 5:11–13؛ 6:9، 10). بىزنىڭ تەشكىلاتىمىز بۇ مۇقەددەس بۇيرۇققا ئەمەل قىلىدۇ، ئەمما بىزگە قارشى چىققۇچىلار بۇنى باھانە-سەۋەب قىلىپ، بىزنى باغرىتاش، مېھىر-شەپقەتسىز، ئاق كۆڭۈل ئەمەس دەپ ئەيىبلىشىدۇ.
14. تەشكىلاتىمىز توغرىسىدىكى بارلىق يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى تارقىتىۋاتقان پەردە ئارقىسىدىكى دۈشمەن كىم؟
14 مۇشۇ ھۇجۇمنى تەشكىللىگەن پەردە ئارقىسىدا تۇرغان دۈشمەننى تونۇپ يېتىڭ. تەشكىلاتىمىز توغرىسىدىكى بارلىق يالغان-ياۋىداق سۆزلەر ئەمەلىيەتتە «يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسى» شەيتاندىن كەلگەن (يۇھاننا 8:44؛ يارىت. 3:1–5). شۇڭا، شەيتان ئۆز قوللىغۇچىلىرىدىن پايدىلىنىپ، يەھۋانىڭ تەشكىلاتى توغرىسىدا تۆھمەتلەرنى قىلىشىدۇ. بىرىنچى ئەسىردىمۇ ئۇ شۇنداق ئۇسۇلنى قوللانغان.
15. دىنىي رەھبەرلەر ئەيسا مەسىھكە ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە نېمىلەرنى قىلغان؟
15 بىرىنچى ئەسىردە، شەيتاننىڭ قوللىغۇچىلىرى مۇكەممەل ۋە نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن ئەيسا مەسىھ ھەققىدە كەينى-كەينىدىن يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى قىلىپ، ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ ھاقارەتلىگەن. مەسىلەن، دىنىي رەھبەرلەر كىشىلەرگە ئەيسانىڭ جىنلارنى قوغلاش ھوقۇقى جىنلارنىڭ ھۆكۈمرانى تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى ئېيتقان (ماركۇس 3:22). ئەيسا سوتلىنىۋاتقاندا، دىنىي رەھبەرلەر ئۇنى كۇپۇرلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن ۋە كىشىلەرنى ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە قۇتراتقان (مەتتا 27:20). كېيىن، مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەندە، قارشى تۇرغۇچىلار كىشىلەرنى ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا قۇتراتقان (ئەلچى. 14:2، 19). «كۈزىتىش مۇنارى» 1998-يىل 12-ئاي 1-كۈن سانىدا، ئەلچىلەر 14:2-ئايەت ھەققىدە مۇنداق چۈشەندۈرۈشلەر يېزىلغان: «قارشى چىققۇچىلار خۇش خەۋەرنى ئۆزلىرى رەت قىلىش بىلەنلا توختاپ قالماي، يەھۇدىي ئەمەس كىشىلەرنى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە قارشى چىقىشقا دەۋەت قىلغانىدى».
16. يالغان-ياۋىداق گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىساق، نېمىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇش كېرەك؟
16 شەيتان بۈگۈنكى كۈندىمۇ يالغانچىلىقىنى توختىتىپ قويمىدى. ئۇ ھازىر يەنىلا «پۈتۈن دۇنيانى» ئازدۇرىۋاتىدۇ (ۋەھىي. 12:9). ئەگەر سىز خۇدانىڭ تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان قېرىنداشلار ھەققىدە يالغان-ياۋىداق گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىسىڭىز، خۇدانىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئەيسا ۋە بىرىنچى ئەسىردىكى شاگىرتلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ. بۈگۈنكى كۈندە خۇدانىڭ خەلقى زىيانكەشلىككە ۋە ھاقارەتكە ئۇچرايدىغانلىقى مۇقەددەس كىتابتا ئاللىقاچان بېشارەت قىلىنغان (مەتتا 5:11، 12). يالغانچىلىقلارنى تارقىتىۋاتقان پەردە ئارقىسىدىكى دۈشمەننى تونۇپ، ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەت قىلساق، ئازدۇرۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىمىز. ئۇنداقتا، ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
17. يالغان-ياۋىداق گەپ-سۆزلەرنىڭ زىيانلىق تەسىرىدىن ئۆزىمىزنى قانداق ساقلىيالايمىز؟ (2-تىموتىي 1:13) («يالغان-ياۋىداق ئەپسانىلەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك؟» ناملىق رامكىغا قاراڭ)
17 يالغان-ياۋىداق گەپ-سۆزلەرگە قۇلاق سالماڭ. ئەلچى پاۋلۇس يالغان-ياۋىداق گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىساق، نېمە قىلىش توغرۇلۇق ئېنىق كۆرسەتمىلەرنى بەرگەن. ئۇ تىموتىينى بەزى كىشىلەرنى يالغان ھېكايىلەرگە قۇلاق سالماسلىققا ۋە بىمەنە ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى رەت قىلشقا بۇيرۇشنى ئېيتقان (1-تىموت. 1:3، 4؛ 4:7). گەرچە بىر بوۋاق ھېچنېمىنى چۈشەنمەي يەردىن بىر نەرسىنى ئېلىپ ئاغزىغا سالسىمۇ، ئەمما قورامىغا يەتكەن كىشى مۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئۇنىڭ تەن-ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بىز يالغان-ياۋىداقلارنى تارقىتىۋاتقان پەردە ئارقىسىدىكى دۈشمەننى تونۇغان ئىكەنمىز، ئۇنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى رەت قىلىمىز. بىز پەقەت ھەقىقەتنىڭ «ساغلام سۆزلىرىنى» ئاڭلايمىز.—2-تىموتىي 1:13-نى ئوقۇڭ.
18. خۇدانىڭ تەشكىلاتىغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
18 خۇدانىڭ تەشكىلاتى ھەر جەھەتتىن ئەيسانى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشىدۇ. بۇ ماقالىدە بىز پەقەت ئۈچ سوئالنى مۇھاكىمە قىلىپ چىقتۇق. مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەندە، خۇدا تەشكىلاتى يەنە قايسى جەھەتتە ئەيسانى ئۈلگە قىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ. جامائەتتىكى ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ خۇدانىڭ تەشكىلاتىغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان تەشكىلاتقا يېقىندىن ئەگىشىش ئارقىلىق داۋاملىق مىننەتدارلىقىڭىزنى كۆرسىتىڭ (زەبۇر 37:28). يەھۋانىڭ مېھرىبان ۋە سادىق خىزمەتچىلىرى بىلەن بىللە بولۇش شان-شەرىپى ئۈچۈن داۋاملىق مىننەتدار بولايلى.
قانداق جاۋاب بېرىسىز؟
خۇدانىڭ تەشكىلاتى قايسى جەھەتلەردە ئەيسانى ئۈلگە قىلغان؟
بىز يەھۋانىڭ تەشكىلاتىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
يالغان-ياۋىداق گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىسىڭىز، نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟
42-ناخشا ئاجىزلارغا ياردەم بەر
a «پاك ئىبادەت» (باشقا تىلدا) دېگەن كىتابنىڭ 102، 103-بەتلىرىدىكى «نېمە ئۈچۈن 1919-يىلى؟» دېگەن ماقالىگە قاراڭ.
b رەسىمدە: ئاقساقاللار ئاممىۋىي ئورۇنلاردا ۋەز قىلىش ئۇسۇللىرىنى مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن، توپقا مەسئۇل ئاقساقال قېرىنداشلارغا دۈمبىسىنى تامغا قارىتىپ تۇرۇش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىۋاتىدۇ.