14-تەتقىق ماقالىسى
34-ناخشا ئىسىمىمىزغا ماس ياشايلى!
«پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ ماڭايلى»
«پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ ماڭايلى».—ئىبرانىي. 6:1.
مەركىزى ئىدىيە
پىشىپ يېتىلگەن مەسىھ ئەگەشكۈچىسى قانداق قىلىپ توغرا قارارلارنى چىقىرالايدىغانلىقى ۋە خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ماس ئوي-پىكىر ۋە ئىش قىلالايدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
1. يەھۋا بىزدىن نېمىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟
ئاتا-ئانا ئۈچۈن بالىسىنىڭ ساغلام تۇغۇلۇشى ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق بىر ئىش. ئۇلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى ئىنتايىن ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ چوڭ بولماي، ئاشۇ بوۋاق ھالىتىدە تۇرۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. ئەكسىنچە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە بوۋىقىنىڭ چوڭ بولۇشىنى خالايدۇ. ئەگەر ئۇ ئۆسۈپ، چوڭ بولمىسا، ئۇلار ئەنسىرەشكە باشلايدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇپ، تۇنجى قەدەمنى باسقىنىمىزدا، يەھۋا ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ. ئەمما، ئۇ بىزنىڭ روھىي جەھەتتىن بوۋاق ھالىتىدە قېلىشىمىزنى خالىمايدۇ (1-كورىنت. 3:1). ئەكسىنچە، ئۇ بىزنىڭ ئىمان-ئېتىقادتا «پىشىپ يېتىلگەن» ئېتىقادچى بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.—1-كورىنت. 14:20.
2. بۇ ماقالىدە نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
2 پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچى بولۇش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ روھىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچىغا ئايلىنىش ئۈچۈن، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ قاتتىق روھىي ئوزۇقلۇقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزدە قانداق رولى بار؟ بىز نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك؟ بۇ ماقالىدە مۇشۇ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
پىشىپ يېتىلگەن مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولۇش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
3. پىشىپ يېتىلگەن مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولۇش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
3 مۇقەددەس كىتابتا «قورامىغا يەتكەن»، دەپ تەرجىمە قىلىنغان گرېكچە سۆزنىڭ يەنە «پىشىپ يېتىلگەن»، «كامىل» ۋە «تولۇق» دېگەندەك مەنىلىرىمۇ بارa (1-كورىنت. 2:6). بىر كىچىك بالا ئۆسۈپ يېتىلىپ، قورامىغا يەتكەنگە ئوخشاش، بىزمۇ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئىماندا يېتىلگەن مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولۇشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، بىز پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىنمۇ، داۋاملىق روھىي جەھەتتىن ئىلگىرىلەشنى ھەرگىز توختاتماسلىقىمىز لازىم (1-تىموت. 4:15). مەيلى ياشتا چوڭ ياكى كىچىك بولايلى، بىز ھەممىمىز ئىماندا پىشىپ يېتىلەلەيمىز. بىراق، بىزنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىمىزنى نېمە كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟
4. ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن كىشىنى تەسۋىرلەپ بېرىڭ.
4 پىشىپ يېتىلگەن بىر ئېتىقادچى پەقەت ئۆزى ياقتۇرىدىغانلارغىلا ئەمەس، بەلكى يەھۋانىڭ بارلىق تەلەپلىرىگە بويسۇنۇپ ياشايدۇ. ئۇ نامۇكەممەل بولغاچقا، بەزىدە ئۇمۇ خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. ئەمما، ئۇ ھەر كۈنى پۈتۈن كۈچى بىلەن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ماس ئوي-پىكىر ۋە ئىش قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئۇ يېڭى تەبىئەتنى، يەنى مىجەز-خۇلقنى كىيىپ، يەھۋاغا ئوخشاش ئوي-پىكىر قىلىشقا داۋاملىق تىرىشىدۇ (ئەفەس. 4:22–24). پىشىپ يېتىلگەن كىشى قارار چىقارغاندا، نېمە قىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان قائىدىلەرنىڭ تىزىملىكىگە مۇھتاج بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ يەھۋانىڭ قانۇنلىرى ۋە پرىنسىپلىرى ئاساسىدا ئاقىلانە قارار چىقىرىشنى ئۆگەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ بىر قارارنى چىقارغاندىن كېيىن، چوقۇم شۇنىڭغا ماس ئىش قىلىشقا تىرىشىدۇ.—1-كورىنت. 9:26، 27.
5. پىشىپ يېتىلمىگەن مەسىھ ئەگەشكۈچىسى قانداق خەۋپ-خەتەرلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن؟ (ئەفەسلىكلەر 4:14، 15)
5 روھىي جەھەتتىن بوۋاق ھالىتىدە تۇرۇپ قالغان ئېتىقادچى بولسا، ناھايىتى ئاسانلا «ئېزىقتۇرىدىغان ھىيلە-مىكىرلەرگە» ئالدىنىپ قالىدۇ. مەسىلەن، ئۇ يالغان خەۋەرلەر، مىش-مىش پاراڭلار، ئاساسسىز گەپ-سۆزلەر، ھەتتا ھەقىقەتنى تاشلاپ كەتكەنلەرگە ئىشىنىپ كېتىشى مۇمكىنb (ئەفەسلىكلەر 4:14، 15-نى ئوقۇڭ). بەلكىم، ئۇ يەنە ھەسەتخورلۇق، جېدەل-ماجىرا، باشقىلاردىن رەنجىش ياكى ئېزىقتۇرۇشقا ئاسانلا مايىل بولۇشى مۇمكىن.—1-كورىنت. 3:3.
6. نېمە ئۈچۈن ئىماندا پىشىپ يېتىلىش جەريانىنى، بوۋاقنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
6 يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مۇقەددەس يازمىلاردا ئىنساننىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشى، كىچىك بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا سېلىشتۇرۇلغان. كىچىك بالا كۆپ ئىشلارنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا قورامىغا يەتكەن چوڭلار ئۇلارنى قوغدىشى ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. مەسىلەن، يولدىن ئۆتكەندە بىر ئانا كىچىك قىزىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ يېتەكلەپ ماڭىدۇ. قىزى چوڭ بولغاندا، ئانىسى بۇرۇنقىدەك ئۇنى يېتەكلەپ ماڭمايدۇ. ئەمما، يەنىلا ئۇنى دىققەت قىلىپ مېڭىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. بالا چوڭ بولۇپ، قورامىغا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ بۇنداق خەۋپ-خەتەردىن ئۆزىنى ساقلايدۇ. كىچىك بالىلار خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىشى ئۈچۈن چوڭلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولغىنىدەك، ئىماندا تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن ئېتىقادچىلارمۇ روھىي جەھەتتىكى خەۋپ-خەتەرلەردىن ساقلىنىشى ۋە دانا قارار چىقىرىشى ئۈچۈن دائىم ئىماندا پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدۇ. بىراق، پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچىلار قارار چىقىرىشقا توغرا كەلگەندە، ئۇلار يەھۋا بۇ ئىشقا قانداق كۆز قاراشتا بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىنىش ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى ئۈستىدە ئوي-پىكىر يۈرگۈزىدۇ. ئاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى چىقارغان شۇ قارارىغا ئاساسەن ئىش قىلىدۇ.
ئىماندا پىشىپ يېتىلمىگەن كىشى مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارنى ئەمەلىي قوللىنىش ئارقىلىق توغرا قارارلارنى قانداق چىقىرىشنى ئۆگىنىشى كېرەك (6-ئابزاسقا قاراڭ)
7. پىشىپ يېتىلگەن كىشىلەر باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولامدۇ؟
7 ئۇنداقتا، پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچىلار ھېچقاچان ياردەمگە مۇھتاج بولمامدۇ؟ ياق. بەزىدە ئۇلار ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا، بىلىمى ۋە تەجرىبىسى مول باشقا قېرىنداشلاردىن ياردەم سورايدۇ. ئەمما، ئۇلار ھەرگىز تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن ئېتىقادچىلاردەك، باشقىلارنىڭ ئۇلارغا نېمە قىلىشنى ئېيتىپ بېرىشىنى ياكى ئۆزلىرى ئۈچۈن قارار چىقىرىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ. پىشىپ يېتىلگەنلەر بولسا ئۆزلىرى قارار چىقىرىدۇ، چۈنكى يەھۋا ئۇلاردىن نېمىنى كۈتىدىغانلىقىنى، يەنى ئۇلار «ئۆزىنىڭ يۈكىنى ئۆزى» كۆتۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلىدۇ.—گالاتىيا. 6:5.
8. پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچىلار قايسى جەھەتلەردە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ؟
8 قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر تاشقى قىياپىتىدە پەرقلىنىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچىلارمۇ ئەقىل-پاراسەت، جاسارەت، سېخىيلىق ۋە ھېسداشلىق دېگەندەك پەزىلەتلەرنى كۆرسىتىشتە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پىشىپ يېتىلگەن ئىككى ئېتىقادچى ئوخشاش بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندە، ئۇلار مۇقەددەس كىتابقا زىت كەلمەيدىغان پەرقلىق ئىككى خىل قارارنى چىقىرىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ۋىجدان مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەندە، تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭلاشقا، پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچىلار باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىدىن پەرقلىق قارارنى چىقارغانلىقىنى ئەيىبلىمەيدۇ، ئەكسىنچە ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ساقلاشقا تىرىشىدۇ.—رىملىقلار 14:10؛ 1-كورىنت. 1:10.
ئىمان-ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىمىز؟
9. ئىماندا ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ئۆزلىكىدىن بولامدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ
9 بىز ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، جىسمانىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىپ، ياش قورامىمىزغا يېتىمىز. ئەمما، ئىماندا ئۆسۈپ يېتىلىش ئۇنداق ئۆزلىكىدىن بولمايدۇ. مەسىلەن، كورىنت شەھىرىدىكى قېرىنداشلار خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغان. ئۇلار سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن، مۇقەددەس روھقا ئېرىشكەن ۋە ئەلچى پاۋلۇسنىڭ تەلىملىرىدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن (ئەلچى. 18:8–11). بىراق، ئۇلار سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈپ بىرقانچە يىلدىن كېيىن، ئۇلاردىن كۆپىنچىسى يەنىلا ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلمىگەنىدى (1-كورىنت. 3:2). بىز شۇنداق ئەھۋالدا بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
10. ئىماندا پىشىپ يېتىلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟ (يەھۇدا 20)
10 ئىماندا پىشىپ يېتىلىش ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن پىشىپ يېتىلىش ئارزۇ-ئىستىكىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. «نادانلار»، يەنى روھىي جەھەتتىن بوۋاق ھالەتتە قېلىشنى خالايدىغانلار ھەرگىزمۇ ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ (پەند. نە 1:22). بىز جىسمانىي جەھەتتىن يېتىلىپ قورامىغا يەتكەن، ئەمما داۋاملىق ئاتا-ئانىسىغا تايىنىپ، ئۇلارنىڭ قارار چىقىرىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلارغا ئوخشاش بولۇشنى خالىمايمىز. ئەكسىنچە، بىز ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، ئىماندا ئۆسۈپ يېتىلىشىمىز ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز (يەھۇدا 20-نى ئوقۇڭ). ئەگەر ئىماندا ئۆسۈپ يېتىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسىڭىز، يەھۋادىن سىزگە شۇنداق ئارزۇ-ئىستەك بېرىشىنى سوراپ دۇئا قىلىڭ.—فىلىپى. 2:13.
11. روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ (ئەفەسلىكلەر 4:11–13)
11 يەھۋا بىزنىڭ ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ، ئىماندا پىشىپ يېتىلىشىمىزنى كۈتمەيدۇ. ئۇ جامائەتتىكى پادىچى ۋە تەلىم بەرگۈچى بولۇپ خىزمەت قىلىدىغانلارنى ئىشلىتىپ، روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. شۇ ئارقىلىق، بىز «مەسىھنىڭ كامىل ئۆلچىمىگە يەتكەنگە قەدەر پىشىپ» يېتەلەيمىز (ئەفەسلىكلەر 4:11–13-نى ئوقۇڭ). يەھۋا يەنە ئۆز مۇقەددەس روھى ئارقىلىق، «مەسىھنىڭ ئوي-پىكىرى»نى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. (1-كورىنت. 2:14–16). ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدا ئۆز ئىلھامى بىلەن يازدۇرغان تۆت خۇش خەۋەر كىتابى ئارقىلىق، مەسىھ قانداق ئوي-پىكىردە بولغانلىقى، گەپ-سۆز ۋە ئىش قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئەيسا مەسىھنىڭ ئوي-پىكىر ۋە ئىش قىلىش ئۇسۇلىنى ئۈلگە قىلىش ئارقىلىق ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچى بولۇش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز.
قاتتىق روھىي ئوزۇقلۇقنىڭ رولى
12. «مەسىھ ھەققىدىكى باشلانغۇچ تەلىملەر» دېگەن نېمە؟
12 ئىمان-ئېتىقادى پىشىپ يېتىلگەن مەسىھ ئەگەشكۈچىسى ئۈچۈن، بىز يەنە «مەسىھ ھەققىدىكى باشلانغۇچ تەلىملەر»نى بىلىپلا توختاپ قالماي، تېخىمۇ كۆپرەك بىلىم ئېلىشىمىز كېرەك. ئاساسىي تەلىملەر توۋا قىلىش، خۇداغا ئىشىنىش، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈش ۋە تىرىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (ئىبرانىي. 6:1، 2). بۇ تەلىملەر مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنىڭ ئۇل ئاساسىدۇر. شۇڭلاشقا، ئەلچى پېترۇس 50-كۈن بايرام كۈنىدە كۆپچىلىككە ۋەز قىلغاندا، ئۇلارغا مۇشۇ تەلىملەر ھەققىدە سۆز قىلغان (ئەلچى. 2:32–35، 38). بىز مەسىھنىڭ شاگىرتى بولۇش ئۈچۈن، بۇ ئاساسىي تەلىملەرنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، پاۋلۇس قايتا تىرىلىش تەلىماتىنى رەت قىلغانلارنىڭ مەسىھنىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان (1-كورىنت. 15:12–14). بىراق، ئىماندا پىشىپ يېتىلىش ئۈچۈن پەقەت ئاساسىي ھەقىقەتلەرنى بىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك.
13. ئىبرانىيلار 5:14-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان روھىي قويۇق تاماقنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
13 باشلانغۇچ تەلىملەرنى سېلىشتۇرغاندا، قاتتىق روھىي ئوزۇقلۇق يەھۋانىڭ قانۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇنىڭ قائىدە-پرىنسىپلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قائىدە-پرىنسىپلار يەھۋانىڭ ئوي-پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بۇنداق قاتتىق يېمەكلىكلەرنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن، بىز چوقۇم مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشىمىز، چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز ۋە تۇرمۇشىمىزدا قانداق ئەمەلىي ئىشلىتىش ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغىنىمىزدا، يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان قارارلارنى چىقىرىشنى ئۆگىنىمىزc.—ئىبرانىيلار 5:14-نى ئوقۇڭ.
روھىي قويۇق تاماق بىزگە يەھۋا خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قارارلارنى قانداق چىقىرىشنى ئۆگىتىدۇ (13-ئابزاسقا قاراڭ)d
14. ئەلچى پاۋلۇس كورىنتتىكى ئېتىقادچىلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە قانداق ياردەم بەرگەن؟
14 مۇقەددەس كىتابتا ئېنىق بىر قانۇن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىماندا پىشىپ يېتىلمىگەن ئېتىقادچىلارنىڭ توغرا قارار چىقىرىشى قىيىن بولىدۇ. بەزى كىشىلەر ئەگەر ئېنىق قانۇن بولمىسا، ئۆزىمىز خالىغان ئىشنى قىلالايمىز دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن قائىدە بەلگىلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، كورىنت شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلار پاۋلۇستىن بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىققا سۇنۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش ياكى يېمەسلىك توغرىسىدا سورىغان. پاۋلۇس ئۇلارغا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىشنىڭ ئورنىغا، ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز ۋىجدانىغا ئاساسەن تاللاش ھوقۇقى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە بەزى پرىنسىپلارنى تىلغا ئېلىپ، ھەربىر ئادەم ۋىجدان ئازابى تارتمايدىغان ۋە باشقىلارغا پۇتلىكاشاڭ بولمايدىغان قارارنى چىقىرىشى لازىملىقىنى كۆرسەتكەن (1-كورىنت. 8:4، 7–9). مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق پاۋلۇس ئۇلارنىڭ ئىماندا پىشىپ يېتىلىپ، باشقىلارغا ياكى مەلۇم قائىدىگە تايىنىپ ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس يازمىلارنى ئىشلىتىپ ئۆزلىرى قارار چىقىرىشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بەرگەن.
15. پاۋلۇس ئىبرانىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەپ ئىماندا پىشىپ يېتىلىشىگە قانداق ياردەم بەرگەن؟
15 بىز ئەلچى پاۋلۇسنىڭ ئىبرانىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە يازغان خېتىدىن ئىنتايىن مۇھىم ساۋاقلارنى ئۆگىنەلەيمىز. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى داۋاملىق ئىماندا ئۆسۈپ يېتىلمىگەن، يەنى «قويۇق تاماق ئەمەس، بەلكى سۈتكە مۇھتاج» ھالدا تۇرۇپ قالغان (ئىبرانىي. 5:12). ئۇلار يەھۋا جامائەت ئارقىلىق ئاستا-ئاستا ئاشكارا قىلغان ھەقىقەتكە ئەگىشىپ ماڭالمىغان ئىدى (پەند. نە 4:18). مەسىلەن، ئاللىقاچان 30 يىل ئىلگىرى مەسىھنىڭ قۇربانلىقى بىلەن مۇسانىڭ قانۇنى بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، نۇرغۇن يەھۇدىي ئېتىقادچىلار يەنىلا بۇ قانۇننى مەھكەم تۇتۇۋالغان (رىملىقلار 10:4؛ تىتۇس 1:10). ئەمەلىيەتتە، ئۇلار ئۆز كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن 30 يىل يېتەرلىك ئىدى. لېكىن، ئۇلار يەنىلا ئۆزگەرتمىگەن. شۇڭلاشقا، پاۋلۇس شۇ خەتنى ئەۋەتىپ تەلىم بېرىپ، ئۇلارنىڭ چوڭقۇر ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلىشىغا، يەنى يەھۋانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭىچە ئىبادەت قىلىشنىڭ يولىنى ئاچقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم بەرمەكچى بولغان. ئۇنىڭ خېتى يەنە ئىبرانىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، داۋاملىق ۋەز ئېيتىشتا جۈرئەتلىك بولۇشىغا ياردەم بەرگەن.—ئىبرانىي. 10:19–23.
ئۆز-ئۆزىڭىزگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىشتىن ساقلىنىڭ
16. ئىماندا پىشىپ يېتىلىش ئۈچۈن، يەنە چوقۇم نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
16 بىز ئىماندا پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچى بولغاندىن كېيىن، داۋاملىق بۇ ھالىتىمىزنى ساقلاش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم. شۇڭلاشقا، بىز ئۆز-ئۆزىمىزگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كېتىشتىن قەتئىي ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك (1-كورىنت. 10:12). بىز داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىگەن-ئىلگىرىلىمىگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى «داۋاملىق تەكشۈرۈپ» تۇرۇشىمىز لازىم.—2-كورىنت. 13:5.
17. پاۋلۇس كولوسىلىقلارغا يازغان خېتىدە، ئىماندا پىشىپ يېتىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم قانداق تەكىتلىگەن؟
17 پاۋلۇس كولوسىلىقلارغا يازغان خېتىدە، پىشىپ يېتىلگەن ھالىتىمىزنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن. گەرچە كولوسى شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلار ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن بولسىمۇ، پاۋلۇس ئۇلارنى بۇ دۇنيانىڭ كۆز قارىشىنىڭ ئازدۇرۇپ كېتىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان (كولوسى. 2:6–10). كولوسىدىكى جامائەتنى ياخشى تونۇيدىغان ئېپافراس، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنىڭ ئىشەنچىسى كامىل بولۇشى، يەنى ئىماندا پىشىپ يېتىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلغانىدى (كولوسى. 4:12). بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پاۋلۇس بىلەن ئېپافراس ھەر ئىككىسى ئىماندا پىشىپ يېتىلگەن ھالەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، شەخسەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن باشقا، يەنە خۇدانىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. ئۇلار كولوسى شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ئىماندا پىشىپ يېتىلگەن، يەنى ئىشەنچى كامىل مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان.
18. پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچىغا نېمە بولۇشى مۇمكىن؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
18 پاۋلۇس ئىبرانىيلارغا يازغان خېتىدە، ئىماندا پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچىنىڭ خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. بىر مەسىھ ئەگەشكۈچىسى چىن قەلبىدىن توۋا قىلمىسا، ئۇ خۇدانىڭ كەچۈرۈم قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىشىنى خۇشال قىلارلىق يېرى، ئىبرانىي ئېتىقادچىلارنىڭ يۈرىكى تېخى تاشتەك قېتىپ كەتمىگەنىدى (ئىبرانىي. 6:4–9). بۈگۈنكى كۈندە، بەزى پائالىيەتسىز بولۇپ قالغان ياكى جامائەتتىن چىقىرىلغان، كېيىنچە توۋا قىلىدىغان ئېتىقادچىلارغا نېمە بولىدۇ؟ ئۇلار كەمتەرلىك بىلەن توۋا قىلسا، ئۆزلىرىنىڭ پاۋلۇس تىلغا ئالغان خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قالدىغانلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، ئۇلار جامائەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەھۋانىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىشى لازىم (ھەزەك. 34:15، 16). ئاقساقاللار شۇنداق قېرىنداشلارنىڭ قايتا يەھۋا بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن تەجرىبىسى مول ئېتىقادچىلاردىن ياردەم سورىشى مۇمكىن.
يەھۋا خۇدا روھىي كۈچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مۇھتاج بولغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىدۇ (18-ئابزاسقا قاراڭ)
19. ئالدىمىزغا قانداق مەقسەتنى قويۇشىمىز كېرەك؟
19 ئەگەر سىز ئىماندا پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسىڭىز، شۇ مەقسىتىڭىزگە چوقۇم يېتەلەيسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق قاتتىق روھىي ئوزۇقلۇقلار بىلەن ئوزۇقلۇنۇپ، تېخىمۇ كۆپرەك يەھۋاغا ئوخشاش ئوي-پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئۆگىنىڭ. ئەگەر ئاللىقاچان پىشىپ يېتىلگەن بىرى بولسىڭىز، شۇ ھالىتىڭىزنى داۋاملىق ساقلاش ئۈچۈن تىرىشىڭ.
قانداق جاۋاب بېرىسىز؟
ئىماندا پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچى بولۇش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
ئىماندا پىشىپ يېتىلىشىمىز ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم؟
45-ناخشا ئالغا باس!
a گەرچە ئىبرانىي يازمىلاردا «پىشىپ يېتىلگەن» ۋە «پىشىپ يېتىلمىگەن» دېگەن سۆز-ئىبارىلەر تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بۇ سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مەنىسىگە ئوخشاش سۆزلەر بار. مەسىلەن، پەندى-نەسىھەت دېگەن كىتابتا ياش ۋە تەجرىبىسىز كىشى بىلەن دانا ۋە ئىش ئۇقىدىغان كىشى ئارىسىدىكى پەرق سېلىشتۇرۇلۇپ كۆرسىتىلگەن.—پەند. نە 1:4، 5.
b jw.org تور بېكىتىدىكى ۋە ®JW Library ئەپ دېتالىدىكى «باشقا ماۋزۇلار» دېگەن سەھىپە ئاستىدىكى «ناتوغرا ئۇچۇرلارنى قانداق پەرقلەندۈرۈش» (باشقا تىلدا) دېگەن بىر قاتار ماقالىلەرنى ئوقۇڭ.
c بۇ ژۇرنالدىكى «شەخسىي تەتقىق ئۆگىنىشى پىلانى» دېگەن سەھىپىنى كۆرۈپ چىقىڭ.
d رەسىمدە: بۇرادەر تېلېۋىزوردىكى قايسى پروگراممىنى كۆرۈشنى تاللىغاندا، ئىلگىرى ئۆگەنگەن مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىپ قارار چىقىرىۋاتىدۇ.