كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 فېۋرال 16-‏21 ب.‏
  • روھىي ئادە‌م بولۇ‌ش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • روھىي ئادە‌م بولۇ‌ش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • روھىي ئادە‌م دېگە‌ن كىم؟‏
  • ئۈلگە قىلىشقا ئە‌رزىيدىغان مىساللار
  • ‏«مە‌سىھنىڭ ئە‌قلىگە» ئىگە بولۇ‌ڭ
  • روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • ياشلار،‏ سىلە‌ر بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرە‌لە‌يسىلە‌ر
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 فېۋرال 16-‏21 ب.‏
قېرىنداش مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌يسا توغرىسىدا يېزىلغانلار ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىۋاتىدۇ

روھىي ئادە‌م بولۇ‌ش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

‏«سە‌ۋر-‏تاقە‌ت ۋە تە‌سە‌للىي بېرىدىغان خۇ‌دانىڭ ئارقىسىدىن سىلە‌ردىمۇ مە‌سىھ ئە‌يسادا بولغان ئوي-‏پىكىرلە‌ر تە‌رزى بولسۇ‌ن» (‏رىملىقلارغا 15:‏5)‏.‏

ناخشىلار:‏ 25،‏ 5

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • روھىي ئادە‌منى قانداق ئېنىقلاشقا بولىدۇ؟‏

  • روھىي ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۈلگىسىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏

  • نېمىشقا «مە‌سىھنىڭ ئە‌قلىگە» ئىگە بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ قولۇ‌مىزدىن كە‌لگىنىنىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

1،‏ 2.‏ ئا)‏ كۆپ قېرىنداشلار روھىي ئادە‌م بولۇ‌ش ھە‌ققىدە نېمە ئېيتىدۇ؟‏ ئە)‏ مۇ‌شۇ ماقالىدە قانداق مۇ‌ھىم سوئاللارنى مۇ‌لاھىزە قىلىمىز؟‏

كانادادىكى بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئېيتىشىچە،‏ روھىي ئادە‌م بولۇ‌ش ئۇ‌نى بە‌ختلىكىرە‌ك قىلىپ،‏ قىيىنچىلىقلار بىلە‌ن كۈرىشىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ برازىلىيىدىكى 23 يىل بۇ‌رۇ‌ن ئۆيلە‌نگە‌ن بىر بۇ‌رادە‌رنىڭ ئېيتقىنىدە‌ك،‏ روھىي ئادە‌م بولۇ‌ش ئايالى ئىككىسىنىڭ نىكاھىنىڭ بە‌خت-‏سائادە‌تلىك بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ فىلىپپىندىكى بىر بۇ‌رادە‌ر:‏ «روھىي ئادە‌م بولۇ‌ش ماڭا جان ئاراملىقىنى بېرىپ،‏ كېلىپ چىقىشى ھە‌ر تۈرلۈك قېرىنداشلار بىلە‌ن تىل تېپىشىشقا ياردە‌م بېرىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏

2 بە‌ك ئېنىقكى،‏ روھىي ئادە‌م بولۇ‌ش كۆپ بە‌رىكە‌تلە‌رنى ئېلىپ كېلىدۇ.‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلىش ھە‌م بە‌رىكە‌تلە‌ردىن ھوزۇ‌رلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ بىرىنچىدىن،‏ روھىي ئادە‌م،‏ يە‌نى خۇ‌دا روھىنىڭ يېتە‌كلىشى ئاسىتىدا يۈرىدىغان ۋە پىكىر قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى يە‌ھۋانىڭكىگە ئوخشاش بولغان ئادە‌م ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغانلىقىنى چۈشىنىش كېرە‌ك.‏ بۇ ماقالىدە ئۈچ مۇ‌ھىم سوئالنى مۇ‌لاھىزە قىلىمىز:‏ 1)‏ روھىي ئادە‌م بولۇ‌ش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ 2)‏ كىملە‌رنىڭ ئۈلگىلىرى روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ 3)‏ «مە‌سىھنىڭ ئە‌قلىگە» ئىگە بولۇ‌ش ئۈچۈن تىرىشىش روھىي ئادە‌م بولۇ‌شىمىزغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

روھىي ئادە‌م دېگە‌ن كىم؟‏

3.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب جىسمانىي ئادە‌م بىلە‌ن روھىي ئادە‌منىڭ پە‌رقى بار ئىكە‌نلىكىنى قانداق چۈشە‌ندۈرىدۇ؟‏

3 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىزگە «روھىي ئادە‌م» بىلە‌ن «جىسمانىي ئادە‌م» ئارىسىدىكى پە‌رقنى چۈشىنىشكە ياردە‌م بە‌رگە‌ن ‏(‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 2:‏14—‏16نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ جىسمانىي ئادە‌م «خۇ‌دا روھىدىن بولغان نە‌رسىنى قوبۇ‌ل قىلمايدۇ،‏ چۈنكى بۇ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئە‌خمە‌قلىقتە‌ك بىلىنىدۇ ھە‌م بۇ‌نى ئۇ چۈشىنىشكە قابىل ئە‌مە‌س».‏ روھىي ئادە‌م بولسا،‏ «ھە‌ممە نە‌رسىگە باھا بېرە‌لە‌يدۇ» ۋە «مە‌سىھنىڭ ئە‌قلىنى» تونۇ‌پ-‏بىلىشكە،‏ يە‌نى ئە‌يسادە‌ك ئويلاشقا تىرىشىدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىزنى روھىي ئادە‌م بولۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلغانىدى.‏ جىسمانىي ئادە‌م بىلە‌ن روھىي ئادە‌منىڭ يە‌نە قانداق پە‌رقى بار؟‏

4،‏ 5.‏ جىسمانىي ئادە‌منى قانداق ئېنىقلاشقا بولىدۇ؟‏

4 جىسمانىي ئادە‌منىڭ ئوي-‏پىكىرى قانداق؟‏ دۇ‌نيادىكى ئادە‌ملە‌ر پە‌قە‌ت ھە‌ۋە‌سلىرىنى قاندۇ‌رۇ‌شنىلا كۆزلە‌يدۇ ۋە جىسمانىي ئادە‌م بۇ كۆزقاراشقا مۇ‌ۋاپىق ياشايدۇ.‏ پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق كۆزقاراشنى «ھازىر بېقىنماسلىقنىڭ پە‌رزە‌نتلىرىدە ھە‌رىكە‌ت قىلىۋاتقان روھ» دە‌پ تە‌سۋىرلىگە‌ن (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 2:‏2)‏.‏ بۇ كۆزقاراش كۆپ كىشىلە‌رنى باشقىلار نېمە قىلسا شۇ‌نى قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە سە‌ل قاراپ،‏ ئۆز بىلگىنىنى قىلىدۇ.‏ جىسمانىي ئادە‌م ئاساسە‌ن جىسمانىي نە‌رسىلە‌ر ھە‌ققىدە ئويلايدۇ ۋە مە‌نسە‌پ،‏ پۇ‌ل ھە‌م ھوقۇ‌قلىرىنى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم دە‌پ ھېسابلايدۇ.‏

5 جىسمانىي ئادە‌م مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغا ئېلىنغان «تە‌ننىڭ ئىشلىرى» بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىدۇ (‏گالاتىلىقلارغا 5:‏19—‏21)‏.‏ پاۋلۇ‌س كورىنتتىكى مە‌سىھىيلە‌رگە يازغان بىرىنچى خېتىدە جىسمانىي ئادە‌م قىلىدىغان باشقىمۇ ئىشلارنى تىلغا ئالغانىدى.‏ ئۇ‌لار جېدە‌للە‌رگە ئارىلىشىدۇ،‏ بۆلگۈنچىلىكلە‌رنى تۇ‌غدۇ‌رىدۇ،‏ باشقىلارنى ئىسىيان كۆتۈرۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ،‏ بىر-‏بىرىنى سوتقا ئاپىرىدۇ،‏ باشچىلىق ھوقۇ‌قىنى ھۆرمە‌تلىمە‌يدۇ ۋە يە‌پ-‏ئىچىشكنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا جىسمانىي ئادە‌م ئېزىقتۇ‌رۇ‌شقا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يامان ئىش قىلىشتىن ساقىلىنىشقا ھە‌رىكە‌ت قىلمايدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 7:‏21،‏ 22)‏.‏ شاگىرت يە‌ھۇ‌دا جىسمانىي ئادە‌منىڭ ھە‌تتا خۇ‌دانىڭ روھىدىن ئايرىلىشى مۇ‌مكىنلىكىنى ئېيتقان (‏يە‌ھۇ‌دا 18،‏ 19)‏.‏

6.‏ روھىي ئادە‌منى قانداق ئېنىقلاشقا بولىدۇ؟‏

6 جىسمانىي ئادە‌مگە قارىغاندا روھىي ئادە‌م خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋە‌تنى بە‌ك مۇ‌ھىم دە‌پ ھېسابلايدۇ.‏ روھىي ئادە‌م مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ئۆزىنى يېتە‌كلىشىگە يول بېرىپ،‏ يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشىدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏1)‏.‏ يە‌ھۋادە‌ك پىكىر قىلىشنى ۋە ھە‌ر ئىشلارغا ئۇ‌نىڭدە‌ك كۆزقاراشتا قاراشنى ئۆگىنىشكە ھە‌رىكە‌ت قىلىدۇ.‏ خۇ‌دا ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن تىرىك شە‌خس.‏ جىسمانىي ئادە‌مگە قارىغاندا روھىي ئادە‌م ھاياتىنىڭ ھە‌ر ساھە‌سىدە يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىنى ھۆمە‌تلە‌پ ياشايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏33؛‏ 143:‏10)‏.‏ ئۇ «تە‌ننىڭ ئىشلىرىغا» ئارىلاشمايدۇ،‏ ئە‌مما «روھنىڭ مېۋىسىنى» يېتىلدۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ (‏گالاتىلىقلارغا 5:‏22،‏ 23)‏.‏ روھىي ئادە‌م دېگە‌ن ئىبارىنىڭ مە‌نىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ مۇ‌نۇ كە‌لتۈرۈلگە‌ن تە‌مسىلنى قاراپ باقايلى:‏ سودا-‏سېتىق قىلىشقا ئۇ‌ستا ئادە‌منى تىجارە‌تچى دە‌پ ئاتايدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش بارلىق دىققىتىنى روھىي ئىشلارغا ئاغدۇ‌رىدىغان ئادە‌منى روھىي ئادە‌م دە‌پ ئېيتساق بولىدۇ.‏

7.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا روھىي ئادە‌م ھە‌ققىدە نېمە يېزىلغان؟‏

7 ئە‌يسا روھىي ئادە‌ملە‌رنىڭ بە‌ختلىك ئىكە‌نلىكىنى ئېيتقان.‏ مە‌تتا 5:‏3‏-‏ئايە‌تتە مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «ئۆزىنىڭ روھىي ئېھتىياجلىرىنى چۈشە‌نگە‌نلە‌ر بە‌ختلىك،‏ چۈنكى ئاسمان پادىشاھلىقى شۇ‌لارغا تە‌ئە‌للۇ‌قتۇ‌ر».‏ رىملىقلارغا 8:‏6-‏ئايە‌تتە يە‌ھۋادە‌ك پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىشنىڭ مۇ‌ھىملىقى تە‌كىتلە‌نگە‌ن.‏ ئۇ يە‌ردە:‏ «تە‌نگە خاس ئوي-‏پىكىرلە‌ر ئۆلۈمنى،‏ روھىي ئوي-‏پىكىرلە‌ر ھاياتلىقنى ھە‌م تىنچلىقنى بىلدۈرىدۇ»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ دېمە‌ك،‏ ئە‌گە‌ر بىز روھىي ئادە‌م بولساق،‏ خۇ‌دا بىلە‌ن ئىناقلىقتا بولىمىز ۋە كۆڭلىمىز خاتىرجە‌ملىك تاپىدۇ،‏ يە‌نە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدىگە ئېرىشىمىز.‏

8.‏ روھىي ئادە‌م بولۇ‌ش ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىن ساغلاملىقنى ساقلاپ ياشاش نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

8 لېكىن،‏ بىز خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌رگە تولغان دۇ‌نيادا ياشاۋاتىمىز.‏ ئە‌تراپىمىزدىكى ئادە‌ملە‌ر خۇ‌دانىڭ پىكىر قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى رە‌ت قىلغانلىقتىن،‏ ئە‌قلىمىزنى قوغداش ئۈچۈن،‏ كۈچ چىقىرىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌قلىمىزنى يە‌ھۋانىڭ ئويلىرى بىلە‌ن تولدۇ‌رمىساق،‏ ئۇ‌نى بۇ دۇ‌نيا جىسمانىي كۆزقاراش ھە‌م ئويلىرى بىلە‌ن تولدۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

ئۈلگە قىلىشقا ئە‌رزىيدىغان مىساللار

9.‏ ئا)‏ روھىي ئادە‌م بولۇ‌شنى قانداق ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ ئە)‏ بىز كىملە‌رنىڭ ياخشى ئۈلگىلىرىنى قاراپ چىمىز؟‏

9 بالىلار ئاتا-‏ئانىسىنىڭ تە‌ربىيىسىگە مۇ‌ھتاج بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ياخشى تە‌رە‌پلىرىنى ئۈلگە قىلىپ ئۇ‌لاردىن ئۆگىنىدۇ.‏ بىزمۇ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولغان ئادە‌ملە‌رنى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئۇ‌لاردىن ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلىپ روھىي ئادە‌م بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌كلىكىنى بىلە‌لە‌يمىز.‏ جىسمانىي ئادە‌ملە‌ر بولسا،‏ بىز ئۈچۈن ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شتۇ‌ر:‏ ئۇ‌لارغا قاراپ نېمە قىلماسلىقىمىز كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىمىز (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 3:‏1—‏4)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھە‌م ياخشى،‏ ھە‌م يامان ئۈلگىلە‌ر بار.‏ ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان ياقۇ‌پ،‏ مە‌رىيە‌م ۋە ئە‌يسادىن قانداق ساۋاق ئالالايدىغانلىقىمىزنى قاراپ باقايلى.‏

بۇ‌رادە‌ر ياقۇ‌پنىڭ ئۈلگىسى ھە‌ققىدە ئويلىنىۋاتىدۇ

بىز ياقۇ‌پ ئۈلگىسىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ (‏10-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

10.‏ ياقۇ‌پ روھىي ئادە‌م بولغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

10 كۆپۈنچىلىرىمىزگە ئوخشاش،‏ ياقۇ‌پمۇ ھاياتىدا نۇ‌رغۇ‌ن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن.‏ بىر قوساق قېرىندىشى ئە‌ساۋ ئۇ‌نى ئۆلتۈرمە‌كچى بولغان.‏ قېيىناتىسى بولسا،‏ ئۇ‌نى قايتا-‏قايتا ئالداشقا تىرىشقان.‏ ئە‌مما،‏ ياقۇ‌پ يە‌ھۋانىڭ ئىبراھىمغا بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىگە مە‌ھكە‌م ئىشە‌نگە‌ن.‏ ياقۇ‌پ ئائىلىسىنىڭ بۇ ئاجايىپ ۋە‌دىنىڭ ئورۇ‌نلىنىشىغا ھە‌سسە قوشىدىغانلىقىنى بىلگە‌نلىكتىن،‏ ئۇ‌لاردىن ياخشى خە‌ۋە‌ر ئالغان (‏يارىتىلىش 28:‏10—‏15)‏.‏ ئۇ ئە‌تراپىدىكى ئادە‌ملە‌رنىڭ جىسمانىي كۆزقارىشى ئۆزىگە تە‌سىر قىلىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىلىرىنى ئۇ‌نتۇ‌لدۇ‌رۇ‌شىغا يول بە‌رمىگە‌نىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قېرىندىشى ئە‌ساۋ ئۇ‌نىڭغا خە‌ۋپ تۇ‌غدۇ‌رغاندا،‏ ياقۇ‌پ يە‌ھۋادىن ئۇ‌نى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌شنى ئۆتۈنگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دۇ‌ئا قىلغان:‏ «سە‌ن ئۆزۈڭ:‏ «مە‌ن ساڭا ئىلتىپاتلىق بولۇ‌پ،‏ ئە‌ۋلادىڭنى دېڭىز قىرغىغىدىكى قۇ‌مدە‌ك سان-‏ساناقسىز كۆپ قىلىمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن ئېدىڭغۇ» (‏يارىتىلىش 32:‏6—‏12)‏.‏ شۇ‌نداق،‏ ياقۇ‌پنىڭ يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىلىرىگە بولغان ئىشە‌نچى كامىل بولغان ۋە ئۇ بۇ‌نى ئۆز ھاياتىدا ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى بىلە‌ن كۆرسە‌تكە‌ن.‏

قېرىنداش مە‌رىيە‌منىڭ ئۈلگىسى ھە‌ققىدە جاۋاب بېرىۋاتىدۇ

بىز مە‌رىيە‌منىڭ ئۈلگىسىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ (‏11-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

11.‏ مە‌رىيە‌منىڭ روھىي ئادە‌م بولغانلىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

11 ئە‌مدى،‏ مە‌رىيە‌منى ئالايلى.‏ روھىي ئادە‌م بولغانلىقتىن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى ئە‌يسانىڭ ئانىسى بولۇ‌شقا تاللىغانىدى.‏ مە‌رىيە‌م زە‌كە‌رىيا بىلە‌ن ئېلىزابېت ئىسىملىك تۇ‌غقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا يۈز بە‌رگە‌ن ۋە‌قە‌نى ئوقۇ‌پ كۆرۈڭ ‏(‏لۇ‌قا 1:‏46—‏55نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌رىيە‌منىڭ خۇ‌دا سۆزىنى ياخشى كۆرگە‌نلىكى ۋە ئىبرانىي يازمىلارنى ياخشى بىلگە‌نلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ (‏يارىتىلىش 30:‏13؛‏ سامۇ‌ئىلنىڭ 1-‏يازمىسى 2:‏1—‏10؛‏ مالاكى 3:‏12)‏.‏ شۇ‌نداقلا يۈسۈپ بىلە‌ن مە‌رىيە‌م ئۆيلە‌نسىمۇ،‏ ئە‌يسا تۇ‌غۇ‌لمىغىچە جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولمىغان.‏ خۇ‌دانىڭ تاپشۇ‌رۇ‌غى ئۇ‌لار ئۈچۈن ئۆز ھە‌ۋە‌سلىرىدىن مۇ‌ھىمىراق بولغان (‏مە‌تتا 1:‏25‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ مە‌رىيە‌م ئە‌يسا چوڭ بولغىچە يۈز بېرىۋاتقان ھە‌ربىر ۋە‌قە‌گە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ ئۆگە‌تكە‌ن تە‌لىملە‌رنى ئاڭلاپ يۈرە‌تتى.‏ ئۇ «بارلىق سۆزلە‌رنى يۈرىكىدە ساقلىدى» (‏لۇ‌قا 2:‏51)‏.‏ ئۇ‌نىڭ مە‌سىھكە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك خۇ‌دانىڭ ۋە‌دىلىرىگە بە‌ك قىزىققانلىقى ناھايىتى ئېنىق.‏ مە‌رىيە‌منى ئۈلگە قىلىپ ھە‌رقاچان خۇ‌دانىڭ نىيىتى بويىچە ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا تىرىشىمىزمۇ؟‏

12.‏ ئا)‏ ئە‌يسا ئاتىسىنى قانداق ئۈلگە قىلغان؟‏ ئە)‏ بىز قانداق قىلىپ ئە‌يسانى ئۈلگە قىلالايمىز؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

12 يە‌ردە ياشىغان ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رنىڭ ئىچىدە،‏ ئە‌يسا ئە‌ڭ ئۈلگىلىك روھىي ئادە‌م بولغان.‏ ئۇ يە‌ردىكى ھاياتى ۋە خىزمىتىدە ئاتىسىنى ئۈلگە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغانىدى.‏ ئۇ‌نىڭ ئويلىرى،‏ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى يە‌ھۋانىڭكىگە ئوخشاش بولغان.‏ ئە‌يسا خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌ندىغان ۋە ئۇ‌نىڭ ئۆلچە‌م-‏تە‌لە‌پلىرىنى ھۆرمە‌تلىگە‌ن (‏يوھاننا 8:‏29؛‏ 14:‏9؛‏ 15:‏10)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌شايانىڭ يە‌ھۋانىڭ ھېسداشلىقىنى تە‌سۋىرلىگە‌ن سۆزلىرى بىلە‌ن ماركۇ‌سنىڭ ئە‌يسانىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى تە‌سۋىرلىگە‌ن سۆزلىرىنى سېلىشتۇ‌رساق بولىدۇ ‏(‏يە‌شايا 63:‏9؛‏ ماركۇ‌س 6:‏34نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ،‏ ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولغانلارغا ھېسداشلىق قىلىشقا ھە‌ردائىم تە‌ييارمۇ؟‏ ئۇ‌نىڭغا ئوخشاش خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىش ۋە تە‌لىم بېرىش ئىشىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويىمىزمۇ؟‏ (‏لۇ‌قا 4:‏43)‏ روھىي ئادە‌ملە‌ر ھېسداشلىق كۆرسىتىپ،‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىشكە تىرىشىدۇ.‏

13،‏ 14.‏ ئا)‏ بۈگۈنكى كۈندىكى روھىي ئادە‌ملە‌ردىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ ئە)‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

13 بۈگۈنكى كۈندە ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان روھىي قېرىنداشلار ئاز ئە‌مە‌س.‏ ئۇ‌لارنىڭ خىزمىتىنى قىزغىنلىق بىلە‌ن ئورۇ‌ندايدىغان،‏ مېھماندوستلۇ‌ق ۋە ھېداشلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقايدىغانسىز.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ‌لارمۇ نامۇ‌كە‌ممە‌ل.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار ياخشى خىسلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈش ۋە يە‌ھۋا خالايدىغان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رنى قىلىش ئۈچۈن كۆپ تە‌ر تۆكىدۇ.‏ برازىلىيىدە ياشايدىغان رېيچېل ئىسىملىك قېرىندىشىمىز مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بۇ‌رۇ‌ن مە‌ن بۇ دۇ‌نيادىكى مودىنى قوغلايتتىم،‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن ئە‌دە‌ب-‏ئە‌خلاقلىق كىيىنمە‌يتتىم.‏ لېكىن،‏ ھە‌قىقە‌تنى بىلگىنىم مېنى زۆرۈر ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىپ،‏ روھىي ئادە‌م بولۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلدى.‏ بۇ ئاسان بولمىدى،‏ بىراق ئۆزۈمنى بۇ‌رۇ‌نقىدىن ئاللىقانچە بە‌ختلىك ھېس قىلىمە‌ن ۋە ھاياتلىقنىڭ ھە‌قىقىي مە‌نىسىنى تاپتىم».‏

14 فىلىپپىندا ياشايدىغان رېيلىن ئىسىملىك قېرىندىشىمىز بولسا،‏ تامامە‌ن باشقىچە قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌نىدى.‏ ھە‌قىقە‌تنى بىلسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ ھە‌ممە ئويلىرى ئالىي بىلىم ئېلىش ۋە ياخشى ئىشقا كىرىش بولغان.‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ روھىي مە‌قسە‌تلە‌ر ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئانچە مۇ‌ھىم ئە‌مە‌س بولۇ‌پ قالدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېدى:‏ «ئاستا-‏ئاستا ھاياتىمدا بىر نە‌رسىنىڭ كە‌ملىكىنى چۈشىنىشكە باشلىدىم.‏ ئۇ قىلىۋاتقان ئىشىمدىنمۇ بە‌ك مۇ‌ھىم بىر ئىش ئىدى».‏ رېيلىن پىكىر قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ يە‌ھۋاغا بولغان خىزمىتىنى ئە‌ڭ بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شنى قارار قىلغان.‏ ھازىر ئۇ يە‌ھۋانىڭ مە‌تتا 6:‏33،‏ 34‏-‏ئايە‌تتتىك ۋە‌دىسىگە ئىشىنىدۇ.‏ «يە‌ھۋا ماڭا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىمە‌ن!‏»—‏ دە‌يدۇ ئۇ.‏ سىزمۇ جامائىتىڭىزدە مۇ‌نداق كۆزقاراشتا بولغان قېرىنداشلارنى بىلىدىغانسىز.‏ مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىپ ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنىڭ سادىق ئۈلگىلىرىگە ئە‌گىشىشنى خالايمىز،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏!‏ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 11:‏1؛‏ سالونىكىلىقلاغا 2-‏خە‌ت 3:‏7)‏.‏

‏«مە‌سىھنىڭ ئە‌قلىگە» ئىگە بولۇ‌ڭ

15،‏ 16.‏ ئا)‏ ئە‌يساغا ئوخشاش بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ ئە)‏ مە‌سىھنىڭ ئوي-‏پىكىرى بىزگە تە‌سىر قىلىشى ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

15 ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏ كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 2:‏16-‏ئايە‌تتە،‏ بىزدە «مە‌سىھنىڭ ئە‌قلى» بولۇ‌شى كېرە‌كلىكى يېزىلغان.‏ رىملىقلارغا 15:‏5-‏ئايە‌تتە بولسا،‏ بىزنى «مە‌سىھ ئە‌يسادا بولغان ئوي-‏پىكىرلە‌ر تە‌رزىنى» يېتىلدۈرۈشكە ئۈندە‌يدۇ.‏ مە‌سىھتىن ئۈلگە ئېلىش ئۈچۈن بىز ئۇ‌نىڭ قانداق ئويلىغانلىقىنى،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لاردا بولغانلىقىنى ۋە قانداق ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌يسا ئە‌ڭ ئاۋۋال يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتى ھە‌ققىدە ئويلىغان.‏ دېمە‌ك،‏ ئۇ‌نى ئۈلگە قىلساق،‏ بىز يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئە‌يساغا ئوخشاش ئويلاشنى ئۆگىنىشىمىز بە‌ك مۇ‌ھىم.‏

16 بىز بۇ‌نى قانداق ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ شاگىرتلىرى ئە‌يسا كۆرسە‌تكە‌ن مۆجىزىلە‌رنى كۆرگە‌ن،‏ كۆپچىلىككە بە‌رگە‌ن تە‌لىمىنى تىڭشىغان،‏ ھە‌رخىل ئادە‌ملە‌رگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغانلىقى ۋە يە‌ھۋانىڭ ئوي-‏پىكىرىنى نە‌زە‌رگە ئېلىپ ياشىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرگە‌نىدى.‏ ئۇ‌لار:‏ «قىلغان ئىشلىرىغا بىزمۇ گۇ‌ۋاھچى»،‏—‏ دېگە‌ن (‏ئە‌لچىلە‌ر 10:‏39)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ بىز ئە‌يسانى كۆرە‌لمىسە‌كمۇ،‏ ئىنجىلدىكى ۋە‌قە‌لە‌ر ئارقىلىق ئۇ‌نى ياخشى تونۇ‌پ-‏بىلە‌لە‌يمىز.‏ مە‌تتا‏،‏ مارك‏،‏ لۇ‌قا ۋە يوھاننا كىتابلىرىنى ئوقۇ‌پ مۇ‌لاھىزە قىلغاندا،‏ ئە‌يسانىڭ ئوي-‏پىكىرلىرى ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلە‌لە‌يمىز.‏ بۇ بىزگە «ئۇ‌نىڭ ئىزى بىلە‌ن توغرا مېڭىشقا» ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىپ بىزمۇ ئە‌يساغا ئوخشاش ئوي-‏پىكىردە بولغانلىقىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 2:‏21؛‏ 4:‏1)‏.‏

17.‏ ئە‌يسادە‌ك ئويلاشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

17 ئە‌يسادە‌ك ئويلىساق،‏ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏ پايدىلىق تائام يېيىش تېنىمىزنى كۈچلۈك قىلغاندە‌ك،‏ ئە‌قلىمىزنى ئە‌يسانىڭ ئويلىرى بىلە‌ن تولدۇ‌رغاندا روھىي جە‌ھە‌تتىن كۈچلۈك بولىمىز.‏ ئاستا-‏ئاستا،‏ ئۇ ھە‌ربىر ۋە‌زىيە‌تتە قانداق يول تۇ‌تۇ‌شى مۇ‌مكىنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىمىز.‏ كېيىن،‏ خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ۋە پاك ۋىجدانغا ئىگە قىلىدىغان دانا قارارلارنى چىقىرىدىغان بولىمىز.‏ بۇ «ئە‌يسا مە‌سىھكە تە‌قلىت قىلىشقا» سە‌ۋە‌ب بولمامدۇ؟‏ (‏رىملىقلارغا 13:‏14)‏.‏

18.‏ روھىي ئادە‌م بولۇ‌ش ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى بىلىۋالدىڭىز؟‏

18 مۇ‌شۇ ماقالە بىزگە روھىي ئادە‌م بولۇ‌شنىڭ نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە ياردە‌م بە‌ردى.‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ يېتە‌كلىشى ئاستىدا ياشىغانلارنىڭ ئۈلگىسىدىن ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆردۇ‌ق.‏ ئاخىرىدا،‏ «مە‌سىھنىڭ ئە‌قلىگە» ئىگە بولغانلىقىمىز بىزگە يە‌ھۋاغا ئوخشاش پىكىر قىلىشقا ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن زىچ مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۇ‌ق.‏ بىراق،‏ يە‌نە تېخىمۇ كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن كۈچلۈك ياكى كۈچلۈك ئە‌مە‌سلىكىمىزنى قانداق ئېنىقلاشقا بولىدۇ؟‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏ روھىي ئادە‌م بولۇ‌ش ھاياتىمىزغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏ كېلە‌ركى ماقالىدە بۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • روھىي ئادە‌م دېگىنىمىز مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ئوي-‏پىكىرىنى يېتە‌كلىشىگە يول بېرىدىغان ئادە‌م.‏ ئۇ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن زىچ مۇ‌ناسىۋە‌تكە ئىگە.‏ ئۇ باشقىلارنى خۇ‌شال قىلىشقا قارىغاندا يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويىدۇ

  • جىسمانىي ئادە‌منىڭ ئويلىرىنى بولسا،‏ ئۆزىنىڭ ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرى يېتە‌كلە‌يدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋىتى يوق ۋە ئۇ يە‌ھۋانى ئە‌مە‌س،‏ ئۆز-‏ئۆزىنىلا خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى ئويلايدۇ

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش