كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 فېۋرال 22-‏27 ب.‏
  • روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • روھىي ئە‌ھۋالىمىزنى قانداق تە‌كشۈرە‌لە‌يمىز؟‏
  • روھىي ئۆسۈشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ
  • كۈندىلىك ھاياتتا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى قوللىنىڭ
  • روھىي ئادە‌م بولۇ‌ش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • ياشلار،‏ سىلە‌ر بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرە‌لە‌يسىلە‌ر
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • ياشلار،‏ روھىي مە‌خسە‌تلە‌رگە ئىنتىلامسىلە‌ر؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • ياشلار،‏ چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 فېۋرال 22-‏27 ب.‏
ئە‌ر كىشى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىۋاتىدۇ،‏ دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ ۋە ئاممىۋىي سورۇ‌ندا ۋە‌ز قىلىۋاتىدۇ

روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ

‏«روھ بويىچە ئىش قىلىڭلار» (‏گالاتىلىقلارغا 5:‏16)‏.‏

ناخشىلار:‏ 136،‏ 10

چۈشە‌ندۈرۈپ بېرە‌لە‌مسىز؟‏

  • بىزگە روھىي ئە‌ھۋالىمىزنى تە‌كشۈرۈشكە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

  • روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏

  • مە‌سىھنىڭ ئە‌قلىگە ئىگە بولغانلىقىمىز كۈندىلىك ھاياتىمىزغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

1،‏ 2.‏ بىر بۇ‌رادە‌ر ئۆزى ھە‌ققىدە نېمىنى چۈشە‌نگە‌ن ۋە نېمە قىلغان؟‏

روبېرت ئۆسمۈر چېغىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌نىدى،‏ ئە‌مما ھە‌قىقە‌ت ئۇ‌نىڭ ھاياتىدا ئە‌ڭ مۇ‌ھىم بولمىغان.‏ ئۇ:‏ «مە‌ن ھېچ يامانلىقنى قىلمىدىم،‏ لېكىن روھىي ئىشلار مە‌ن ئۈچۈن ئادە‌تكە ئايلىنىپ قالغانىدى،‏ يىغىلىشلاردىن قالماي ۋە يىلىدا بىرنە‌چچە قېتىم پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىپ،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن كۈچلۈك كۆرۈنگىنىم بىلە‌ن،‏ ماڭا بىرنە‌رسە كە‌مدە‌ك ھېس قىلاتتىم»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏

2 روبېرت توي قىلمىغىچە ئۇ‌نىڭغا نېمە كە‌م ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌نمىگە‌ن.‏ ئايالى ئىككىسى ئويۇ‌ن تە‌رىقىسىدە بىر-‏بىرىگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان سوئاللارنى قويۇ‌شقان.‏ ئۇ‌نىڭ ئايالى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ياخشى بىلگە‌چ،‏ سوئاللارغا جاۋابلارنى تېز بە‌رگە‌ن.‏ لېكىن،‏ روبېرت كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا سوئاللارغا جاۋابلارنى بېرە‌لمىگە‌ي خىجىل بولغانىدى.‏ ئۇ:‏ «مە‌ن ئۆزۈمنى ھېچنېمە بىلمىگە‌ندە‌ك سېزە‌تتىم.‏ شۇ چاغدا ئىچىمدە:‏ «ئايالىمغا روھىي جە‌ھە‌تتىن ياخشى باشچى بولۇ‌شنى خالىسام،‏ بىر ئىش قىلىشىم كېرە‌ك»،‏—‏ دە‌پ ئويلىدىم».‏ روبېرت ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا باشلىغان.‏ ئۇ:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشنى باشلىدىم،‏ قايتا-‏قايتا تە‌تقىق قىلدىم.‏ شۇ ئارقىلىق ھە‌قىقە‌تنى ياخشىراق چۈشىنىپ،‏ ھە‌ممە نە‌رسە ئۆز ئورنىغا چۈشتى.‏ نە‌تىجىدە چۈشە‌نچىگە ئىگە بولۇ‌پ،‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلاشتىم»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏

3.‏ ئا)‏ روبېرتنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ ئە)‏ ھازىر قانداق مۇ‌ھىم مە‌زمۇ‌ننى مۇ‌لاھىزە قىلىمىز؟‏

3 روبېرتنىڭ ئۈلگىسىدىن مۇ‌ھىم ساۋاق ئالالايمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى نە‌رسىلە‌رنى بىلىشىمىز،‏ يىغىلىشلارغا ۋە ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتنىشىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ بۇ بىزنىڭ روھىي ئادە‌م ئىكە‌نلىكىمىزنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ بىز ئاللىقاچان روھىي ئادە‌م بولۇ‌ش ئۈچۈن ھە‌رىكە‌ت قىلغاندىمىز.‏ ئە‌مما،‏ ئۆزۈمىزنى تە‌كشۈرگە‌ندە،‏ يە‌نە كۆپ تە‌رە‌پتىن تىرىشىش كېرە‌كلىكىنىمۇ كۆرۈپ يېتە‌لە‌يمىز (‏فىلىپپىلىقلارغا 3:‏16)‏.‏ بۇ ماقالىدىن بىز ئۈچ مۇ‌ھىم سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپىمىز:‏ 1)‏ روھىي ئادە‌م بولغان ياكى بولمىغانلىقىمىزنى قانداق تە‌كشۈرە‌لە‌يمىز؟‏ 2)‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌ك؟‏ 3)‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن كۈچلۈك بولۇ‌ش كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا بىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

روھىي ئە‌ھۋالىمىزنى قانداق تە‌كشۈرە‌لە‌يمىز؟‏

4.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏23،‏ 24-‏ئايە‌تتىكى مە‌سلىھە‌ت كىملە‌رگە پايدىلىق؟‏

4 خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىغاندا،‏ بىز ھاياتىمىزنىڭ ھە‌ربىر ساھە‌سىگە تە‌سىر قىلغان ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلدۇ‌ق.‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن كېيىنمۇ شۇ‌نداق قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌ردۇ‌ق.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى ئە‌قلىمىزنى «ئويغىتىدىغان كۈچ بىلە‌ن يېڭىلىنىشقا»‏ دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏23،‏ 24)‏.‏ بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغانلىقتىن،‏ دائىم ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋاغا كۆپ يىل خىزمە‌ت قىلغان بولساقمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋە‌تنى مۇ‌ستە‌ھكە‌م ساقلىشىمىز مۇ‌ھىم (‏فىلىپپىلىقلارغا 3:‏12،‏ 13)‏.‏

5.‏ قانداق سوئاللار روھىي ئە‌ھۋالىمىزنى تە‌كشۈرۈشكە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

5 مە‌يلى ياش ياكى ياشانغان بولايلى،‏ ھە‌ممىمىز ئۆزۈمىزنى سە‌مىمىيلىك بىلە‌ن تە‌كشۈرۈش زۆرۈر.‏ بىز ئۆزۈمىزدىن مۇ‌نداق سورىساق بولىدۇ:‏ «روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىمنى بايقاۋاتىمە‌نمۇ؟‏ بارغانسىرى مە‌سىھكە ئوخشاش بولۇ‌ۋاتىمە‌نمۇ؟‏ يىغىلىشلارغا بولغان كۆزقارىشىم ۋە يىغىلىشلاردا بولغان چاغدىكى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمدىن نېمە كۆرۈنىدۇ؟‏ گە‌پ-‏سۆزلىرىم ھە‌قىقىي نىيە‌تلىرىم ھە‌ققىدە نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟‏ تە‌تقىق قىلىش ئادىتىم،‏ كىيىمىم ۋە تاشقى كۆرۈنۈشۈم ھە‌م مە‌سلىھە‌تلە‌رگە قايتۇ‌رغان ئىنكاسىم قانداق ئادە‌م ئىكە‌نلىكىمنى كۆرسىتىدۇ؟‏ ئازدۇ‌رۇ‌لغاندا،‏ قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلىمە‌ن؟‏ مە‌ن يېتىلگە‌ن ئېتىقادچىمۇ؟‏» (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏13)‏.‏ بۇ سوئاللار بىزنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتە قانچىلىك ئۆسكە‌نلىكىمىزنى تە‌كشۈرۈشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

6.‏ روھىي ئە‌ھۋالىمىزنى تە‌كشۈرۈشكە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

6 بە‌زىدە روھىي ئە‌ھۋالىمىزنى تە‌كشۈرۈش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇ‌ھتاج بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س جىسمانىي ئادە‌م ئۆز ھايات كە‌چۈرۈش ئۇ‌سۇ‌لى خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىمايدىغانلىقىنى چۈشە‌نمە‌يدۇ،‏ دە‌پ ئېيتقان.‏ ئە‌مما،‏ روھىي ئادە‌م خۇ‌دانىڭ مە‌سىلىلە‌رگە بولغان كۆزقارىشىنى چۈشىنىدۇ.‏ ئۇ جىسمانىي كۆزقاراش بىلە‌ن ياشاش يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 2:‏14—‏16؛‏ 3:‏1—‏3)‏.‏ ئاقساقاللار مە‌سىھنىڭ پىكىر قىلىش يولىنى ئە‌كىس ئە‌تتۈرگە‌نلىكتىن،‏ جىسمانىي كۆزقاراش بىلە‌ن ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا باشلىغانلارنى تېزلا بايقاپ،‏ ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىشكە تىرىشىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار بىزگە ياردە‌م بېرىشكە تىرىشسا،‏ ياردە‌منى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ زۆرۈر ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىمىزمۇ؟‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشنى ھە‌قىقە‌تە‌ن خالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (‏ۋە‌ز 7:‏5،‏ 9)‏.‏

روھىي ئۆسۈشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ

7.‏ روھىي ئادە‌م دېگىنىمىز پە‌قە‌ت مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى بىلىدىغان ئادە‌م ئە‌مە‌سلىكىنى قانداق بىلىمىز؟‏

7 روھىي ئادە‌م بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بىلىم ئېلىش يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سۇ‌لايمان پادىشاھ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە كۆپ بىلگە‌ن،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭ بە‌زى ھېكمە‌تلىك سۆزلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بىر بۆلكى بولغان.‏ ئە‌مما،‏ كېيىنىرە‌ك ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتى ئاجىزلاپ،‏ ئۇ ساداقە‌تمە‌ن بولۇ‌پ قالالمىغانىدى (‏پادىشاھلار 1-‏يازما 4:‏29،‏ 30؛‏ 11:‏4—‏6)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئالغان بىلىمدىن باشقا بىزگە يە‌نە نېمە كېرە‌ك؟‏ ئېتىقادىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك (‏كولوسىلىقلارغا 2:‏6،‏ 7)‏.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏

8،‏ 9.‏ ئا)‏ ئېتىقادىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ ئە)‏ تە‌تقىق قىلىپ مۇ‌لاھىزە قىلغاندا،‏ نېمىنى مە‌قسە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

8 پاۋلۇ‌س بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى «پىشىپ-‏يېتىلىشكە ئالدىراشقا» ئۈندىگە‌ن (‏ئىبرانىيلارغا 6:‏1)‏.‏ بىز بۈگۈنكى كۈندە بۇ مە‌سلىھە‌تنى ئۆزىمىزگە قانداق تە‌دبىقلىيالايمىز؟‏ بۇ‌نىڭ بىر مۇ‌ھىم يولى —‏ «‏خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدە ئىچىدە ياشاڭلار‏»،‏ دېگە‌ن كىتابنى تە‌تقىق قىلىش.‏ بۇ كىتاب سىزگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلىرىنى ھاياتتا قانداق قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بۇ كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ بولسىڭىز،‏ ئېتىقادىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە ياردە‌م بېرىدىغان باشقا ماتېرىياللارنى ئۆگە‌نسىڭىز بولىدۇ (‏كولوسىلىقلارغا 1:‏23)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىلگە‌نلىرىمىز ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىشىمىز ۋە شۇ بىلىمنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئىشلىتىشكە يە‌ھۋانىڭ ياردە‌م بېرىشىنى سورىشىمىز لازىم.‏

9 تە‌تقىق قىلىپ مۇ‌لاھىزە قىلغاندا،‏ يە‌ھۋاغا ئىتائە‌ت قىلىش ۋە ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئارزۇ-‏ئۈمىدىنى يېتىلدۈرۈشنى مە‌قسە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏زە‌بۇ‌ر 40:‏8؛‏ 119:‏97)‏.‏ يە‌نە روھىي ئۆسۈشكە توسالغۇ‌لۇ‌ق قىلىدىغان ھە‌رقانداق نە‌رسىنى رە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏تىتقا 2:‏11،‏ 12)‏.‏

10.‏ ياشلار روھىي جە‌ھە‌تتە كۈچلۈك بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلسا بولىدۇ؟‏

10 ياشلار،‏ سىلە‌ردە روھىي مە‌قسە‌تلە‌ر بارمۇ؟‏ بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىدىغان بىر بۇ‌رادە‌ر بىر كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشتا چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتمە‌كچى بولغان ياشلار بىلە‌ن سۆزلىشىپ،‏ روھىي مە‌قسە‌تلىرى ھە‌ققىدە پاراڭلىشىدىكە‌ن.‏ ئۇ كۆپ ياشلارنىڭ كە‌لگۈسىدە يە‌ھۋاغا قانداق خىزمە‌ت قىلىش ھە‌ققىدە ئە‌ستايىدىل ئويلانغانلىقىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌ن.‏ بە‌زىلىرى تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىشنى مە‌قسە‌ت قىلغان بولسا،‏ يە‌نە بە‌زىلىرى ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار ئاز يە‌رگە كۆچۈشنى پىلان قىلغان.‏ لېكىن،‏ بە‌زى ياشلار ئۇ‌نىڭ سوئالىغا قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلمىگە‌ن.‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ روھىي مە‌قسە‌تنى ئانچە مۇ‌ھىم دە‌پ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ياش بولسىڭىز،‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «يىغىلىشلارغا ۋە ۋە‌ز خىزمە‌تكە پە‌قە‌ت ئاتا-‏ئانام ئۈچۈن قاتنىشىمە‌نمۇ؟‏ ياكى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان شە‌خسىي مۇ‌ناسىۋىتىمنى كۈچە‌يتىۋاتىمە‌نمۇ؟‏» ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياش ياكى ياشانغان بولايلى،‏ ھە‌ممىمىزدە روھىي مە‌قسە‌تلە‌ر بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ شۇ مە‌قسە‌تلە‌ر بىزگە روھىي جە‌ھە‌تتە كۈچلۈك بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ (‏ۋە‌ز 12:‏1،‏ 13)‏.‏

11.‏ ئا)‏ روھىي جە‌ھە‌تتە ئۆسۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ ئە)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى كىمنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلالايمىز؟‏

11 قايسى تە‌رە‌پتىن تېخىمۇ ياخشىراق بولۇ‌شقا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يە‌تسە‌ك،‏ ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشنى باشلىشىمىز لازىم.‏ بۇ شۇ‌نچىلىك مۇ‌ھىمكى،‏ ھايات-‏ماماتىمىزغا تە‌سىر قىلىدۇ (‏رىملىقلارغا 8:‏6—‏8)‏.‏ يە‌ھۋا بىزدىن مۇ‌كە‌ممە‌للىكنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ ۋە بىزگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى ئە‌ۋە‌تىدۇ.‏ بىراق،‏ بىز يە‌نە ئۆز-‏ئۆزىمىز ئۈستىدىن ئۆزگە‌رتىشلە‌ر قىلىشقا كۆپ تىرىشىشىمىز كېرە‌ك.‏ رە‌ھبە‌رلىك كېڭە‌شنىڭ ئە‌زاسى بولغان جون بارر قېرىنداش بىر قېتىم لۇ‌قا 13:‏24-‏ئايە‌تنى چۈشە‌ندۈرگە‌ندە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «كۆپ ئادە‌منىڭ تار ئىشىكتىن كىرە‌لمە‌يدىغانلىقىنىڭ سە‌ۋە‌بى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئە‌ستايىدىل تە‌تقىق قىلماسلىقىدا».‏ بىز خۇ‌ددى بە‌رىكە‌ت ئالمىغىچە بە‌ل قويۋە‌تمە‌ي،‏ پە‌رىشتە بىلە‌ن چېلىشقان ياقۇ‌پنى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏يارىتىلىش 32:‏26—‏28)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشنى قىزىقارلىق قىلىشقا بولسىمۇ،‏ لېكىن ئۇ تېلېۋىزوردا كۆرىدىغان مۇ‌سابىقە ياكى كىنودە‌ك قىزىقارلىق بولىدۇ،‏ دە‌پ ئارزۇ قىلماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ‌نىڭدىن ئۆزۈمىزگە ياردە‌م بېرىدىغان قىممە‌ت-‏باھا ھە‌قىقە‌تلە‌رنى تېپىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرە‌ك.‏

روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

  • خۇ‌دا سۆزىنى چوڭقۇ‌ر تە‌تقىق قىلىپ،‏ ئوقۇ‌غانلىرىڭىز ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىڭ

  • بىلگە‌نلىرىڭىزنى دە‌رھال ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىڭ

  • يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ رە‌ھبە‌رلىكىگە ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىڭ

  • باشقىلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ مىننە‌تدار بولۇ‌ڭ

12،‏ 13.‏ ئا)‏ رىملىقلارغا 15:‏5-‏ئايە‌تنى ئە‌مە‌لىيە‌تكە تە‌دبىقلاشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ ئە)‏ پېترۇ‌سنىڭ ئۈلگىسى ۋە مە‌سلىھىتى بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ ب)‏ روھىي جە‌ھە‌تتە كۈچلۈك بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏ (‏«‏روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏.‏

12 روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈش ئۈچۈن كۈچ سالغاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ پىكىر قىلىش ئۈسۇ‌لىمىز ئۆزگە‌رتىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئاستا-‏ئاستا بىز مە‌سىھكە ئوخشاش ئويلاشنى ئۆگىنىمىز (‏رىملىقلارغا 15:‏5)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ يامان ھە‌ۋە‌سلىرىمىزدىن ۋاز كېچىشكە ۋە خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان خىسلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشكە ياردە‌م بېرىدۇ (‏گالاتىلىقلارغا 5:‏16،‏ 22،‏ 23)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز مال-‏مۈلۈك ياكى ئويۇ‌ن-‏تاماشىغا كۆپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىمىزنى بايقىساق،‏ ئالدىراپ بە‌ل قويۋە‌تمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋادىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھ سوراپ،‏ توغرا ئىشلارغا دىققىتىمىزنى مە‌ركە‌زلە‌شتۈرۈشكە ياردە‌م بېرىشنى سورىشىمىز لازىم (‏لۇ‌قا 11:‏13)‏.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌سنىڭ مىسالىنى يادىمىزغا ئالايلى.‏ ئۇ ھە‌ردائىم مە‌سىھتە‌ك ئويلىمىغان (‏مە‌تتا 16:‏22،‏ 23؛‏ لۇ‌قا 22:‏34،‏ 54—‏62؛‏ گالاتىلىقلارغا 2:‏11—‏14)‏.‏ لېكىن،‏ ئۇ ۋاز كە‌چمىگە‌ن ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ پېترۇ‌س ئاستا-‏ئاستا ئە‌يسادە‌ك ئوي-‏پىكىر قىلىشنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ بىزمۇ شۇ‌نداق قىلىشنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏

13 كېيىنىرە‌ك،‏ پېترۇ‌س بىزگە ياردە‌م بېرىدىغان خىسلە‌تلە‌رنى ئاتاپ ئۆتكە‌نىدى ‏(‏پېترۇ‌سنىڭ 2-‏خېتى 1:‏5—‏8نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز ئۆز-‏ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت،‏ قېرىنداشلار ئارا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە باشقا ياخشى خىسلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ بىز ئۆزۈمىزدىن ھە‌ر كۈنى:‏ «روھىي جە‌ھە‌تتە كۈچلۈك بولۇ‌ش ئۈچۈن بۈگۈن قانداق خىسلە‌تنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمە‌ن؟‏»،‏ دە‌پ سورىساق بولىدۇ.‏

كۈندىلىك ھاياتتا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى قوللىنىڭ

14.‏ روھىي ئادە‌م بولۇ‌ش ھاياتىمىزغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

14 ئە‌گە‌ر بىز مە‌سىھكە ئوخشاش ئوي-‏پىكىر قىلىساق،‏ ئۇ ئىشتا ياكى مە‌كتە‌پتە،‏ قانداق ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىز،‏ قانداق گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قىلىشىمىز ۋە ھە‌ر كۈنى قانداق قارالارنى چىقىرىشىمىزغا تە‌سىر قىلىدۇ.‏ قارارلىرىمىز مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.‏ بىز روھىي ئادە‌م بولغاچ،‏ ھېچ نە‌رسىنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى بۇ‌زۇ‌شىنى خالىمايمىز.‏ يامان ئىشلارنى قىلىشقا ئېزىقتۇ‌رۇ‌لغاندا،‏ روھىي جە‌ھە‌تتە كۈچلۈك بولۇ‌ش ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شقا قارشى تۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ قارار قىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ توختاپ تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۆز-‏ئۆزۈمىزدىن مۇ‌نداق سورىشىمىز لازىم:‏ «بۇ مە‌سىلىدە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ قايسى پرىنسىپلىرى ماڭا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ بۇ ۋە‌زىيە‌تتە مە‌سىھ نېمە قىلاتتى؟‏ يە‌ھۋانى قايسى قارار خۇ‌رسە‌ن قىلىدۇ؟‏».‏ بىز مۇ‌نداق مۇ‌لاھىزە قىلىشنى ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ھازىر ھاياتىمىزدا دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن بولغان بىرنە‌چچە ۋە‌زىيە‌تكە قاراپ باقايلى.‏ ھە‌ربىرىدە دانا قارار قىلىشقا ياردە‌م بېرىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

15،‏ 16.‏ مە‌سىھكە ئوخشاش ئوي-‏پىكىر قىلىش تۆۋە‌ندىكى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە توغرا قارار قىلىشىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ:‏ ئا)‏ جورا تاللىغاندا؟‏ ئە)‏ دوستلارنى تاللىغاندا؟‏

15 جورا تاللاش.‏ كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 6:‏14،‏ 15-‏ئايە‌تلە‌ردىكى (‏ئوقۇ‌ڭ)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپىنى ئالايلى.‏ پاۋلۇ‌س روھىي ئادە‌م بىلە‌ن جىسمانىي ئادە‌منىڭ كۆزقارىشىدىكى پە‌رقنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بۇ قائىدە-‏پرىنسىپ جورا تاللاشقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

16 دوستلارنى تاللاش.‏ كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 15:‏33-‏ئايە‌تتىكى (‏ئوقۇ‌ڭ)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپىنى ئالايلى.‏ روھىي ئادە‌م ئېتىقادىنى ئاجىزلىتىشى مۇ‌مكىن روھىي ئادە‌م ئېتىقادىنى ئاجىزلىتىدىغان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن دوست بولمايدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بۇ قائىدە-‏پرىنسىپنى ھە‌ر تۈرلۈك ۋە‌زىيە‌تكە قانداق تە‌دبىقلاشقا بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىشنى قارار قىلغاندا،‏ بۇ پرىنسىپ قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ ئىنتېرنىت تورىدىكى ئويۇ‌نلارنى ناتونۇ‌ش ئادە‌م بىلە‌ن ئويناش-‏ئوينىماسلىقنى قارار قىلغاندا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

بۇ‌رادە‌ر ئۆز يالغۇ‌ز ئولتۇ‌رۇ‌پ ناتوغرا فىلىمنى كۆرۈۋاتىدۇ؛‏ بۇ‌رادە‌ر Broadcasting JW تېلېۋىزىيىسىنى كۆرۈۋاتىدۇ

قارارلىرىم روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشكە ياردە‌م بېرە‌مدۇ؟‏ (‏17‏-‏ئابزايسلارغا قاراڭ)‏

17—‏19.‏ روھىي ئادە‌م بولۇ‌ش سىزگە تۆۋە‌ندىكى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ:‏ ئا)‏ «ئۆلۈك ئىشلاردىن» ئۆزىمىزنى يىراق تۇ‌تۇ‌شقا؟‏ ئە)‏ ياخشى مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شقا؟‏ ب)‏ كېلىشمە‌سلىكلە‌رنى ھە‌ل قىلىشقا؟‏

17 روھىي ئە‌ھۋالىمىزغا زىيان كە‌لتۈرىدىغان ئىشلار.‏ ئىبرانىيلارغا 6:‏1-‏ئايە‌تتە (‏ئوقۇ‌ڭ)‏ مۇ‌ھىم ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش بار.‏ ئايە‌تتە،‏ ئۆزۈمىزنى يىراق تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك بولغان «ئۆلۈك ئىشلارغا» نېمە كىرىدىغانلىقى تىلغان ئېلىنغان؟‏ شۇ‌لار روھىي ئۆسۈشىمىزگە ھېچ قانداق ياردە‌م بە‌رمە‌يدىغان پايدىسىز ئىشلاردۇ‌ر.‏ شۇ ئۆلۈك ئىشلار ھە‌ققىدىكى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش مۇ‌نۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا ياردە‌م بېرىدۇ:‏ «بۇ ئىش پايدىلىقمۇ ياكى «ئۆلۈك ئىشلارغا» كېرە‌مدۇ؟‏ پۇ‌ل تېپىشقا بولىدىغان سودا-‏سېتىق پىلانىغا قاتنىشايمۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن دۇ‌نيانىڭ ئە‌ھۋالىنى ئۆزگە‌رتىشكە تىرىشىۋاتقان مۇ‌شۇ دۇ‌نيادىكى ئىش-‏پائالىيە‌تكە ئارىلاشماسلىقىم كېرە‌ك؟‏»‏

بۇ‌رادە‌ر ياخشى خىزمە‌ت ئورنىغا ئېرىشىشنى ئويلاۋاتىدۇ؛‏ بۇ‌رادە‌ر تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت ھە‌ققىدە ئويلاۋاتىدۇ

قارارلىرىم روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شقا ياردە‌م بېرە‌مدۇ؟‏ (‏18-‏ئابزايسلارغا قاراڭ)‏

18 روھىي مە‌قسە‌تلە‌ر.‏ تاغدىكى تە‌لىمىدە‏،‏ ئە‌يسا مە‌قسە‌تلە‌ر ھە‌ققىدە ياخشى مە‌سىلىھە‌تلە‌رنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بە‌رگە‌ن (‏مە‌تتا 6:‏33‏)‏.‏ روھىي ئادە‌م،‏ پادىشاھلىقنى ئۆز ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويىدۇ.‏ بۇ پرىنسىپ تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە ياردە‌م بېرىدۇ:‏ «ئاساسىي بىلىمنى ئالغاندىن كېيىن،‏ ئالىي مە‌كتە‌پكە ئوقۇ‌شقا كىرىشىم كېرە‌كمۇ؟‏ جان بېقىش ئۈچۈن مۇ‌شۇ خىزمە‌تنى قىلىشىم كېرە‌كمۇ؟‏»‏

ئىككى بۇ‌رادە‌ر سۆز تالىشىۋاتىدۇ؛‏ ئىككى بۇ‌رادە‌ر بىر-‏بىرى بىلە‌ن ئىناقلىقنى ساقلاشقا تىرىشىدۇ

قارارلىرىم باشقىلار بىلە‌ن ئىناقلىق ياشاشقا ياردە‌م بېرە‌مدۇ؟‏ (‏19-‏ئابزايسلارغا قاراڭ)‏

19 كېلىشمە‌سلىكلە‌ر.‏ باشقىلار بىلە‌ن جېدە‌للىشىپ قالغاندا،‏ بىزگە پاۋلۇ‌سنىڭ رىمدىكى ئېتىقادچىلارغا بە‌رگە‌ن مە‌سلىھىتى ياردە‌م بېرىدۇ (‏رىملىقلارغا 12:‏18)‏.‏ ئە‌يسانى ئۈلگە قىلغانلىقتىن،‏ بىز «ھە‌ممىسى بىلە‌ن تىنچلىقتا» ئىناق ئۆتۈشكە تىرىشىمىز.‏ باشقىلار بىلە‌ن كېلىشمە‌سلىكلە‌ر پە‌يدا بولغاندا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىمىز؟‏ باشقا بىرسىنىڭ كۆزقارىشىنى قوبۇ‌ل قىلىش بىز ئۈچۈن قىيىنمۇ؟‏ ياكى باشقىلار بىزنىڭ ئىناقلىقنى ساقلاشقا تىرىشىدىغان ئادە‌م ئىكە‌نلىكىمىزنى بىلە‌مدۇ؟‏ (‏ياقۇ‌پ 3:‏18)‏.‏

20.‏ نېمە ئۈچۈن روھىي جە‌ھە‌تتىن ئالغا بېسىشىڭىز كېرە‌ك؟‏؟‏

20 بۇ يۇ‌قىرىقى مىساللاردىن كۆرۈۋالالايمىز،‏ ئە‌ستايىدىللىق بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلىرىنى مۇ‌لاھىزە قىلىش توغرا قارار چىقىرىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بۇ بىزنىڭ خۇ‌دا روھى ئارقىلىق يېتە‌كلە‌نگە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ.‏ روھىي ئادە‌م بولساق،‏ ھاياتىمىزدا خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىق ۋە شۈكۈر-‏قانائە‌تكە ئېرىشىمىز.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان روبېرت:‏ «يە‌ھۋا بىلە‌ن ھە‌قىقىي زىچ مۇ‌ناسىۋە‌تنى يېتىلدۈرگە‌ندە،‏ مە‌ن ياخشى ھە‌مراھ ۋە ياخشى ئاتا بولدۇ‌م.‏ مە‌ن خۇ‌رسە‌نلىك تاپتىم ۋە بارىغا شۈكۈر قىلدىم»،‏—‏ دە‌پ ئېيتتى.‏ روھىي ئادە‌م سۈپىتىدە ئالغا بېسىش ئۈچۈن قولۇ‌مىزدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلساق،‏ بۇ‌نىڭ كۆپ پايدىسىنى كۆرىمىز.‏ ھازىر خۇ‌شال-‏خورام ھايات كە‌چۈرە‌لە‌يمىز،‏ كېلە‌چە‌كتە بولسا،‏ «ھە‌قىقىي ھاياتلىققا» ئېرىشىمىز (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 6:‏19)‏.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • بىز روھىي جە‌ھە‌تتىن كۈچلۈك بولغاندا،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىز ھاياتىمىزدا ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌ندا بولىدۇ.‏ بۇ بىزنىڭ كۆزقارىشىمىز،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىز ۋە ھايات كە‌چۈرۈشىمىزگە تە‌سىر قىلىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ ئوي-‏پىكىر قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى بىلگە‌ندە ۋە ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشقاندا،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈمىز.‏ روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ش يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشنىڭ يوللىرى ھە‌ققىدە ئويلاپ،‏ ئۇ‌لارنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م قىلىدىغان پىلانلارنى تۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش