كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 فېۋرال 9-‏15 ب.‏
  • يە‌ھۋانى نۇ‌ھ،‏ دانىيال ۋە ئايۇ‌پ بىلگە‌ندە‌ك ياخشى بىلە‌مسىز؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋانى نۇ‌ھ،‏ دانىيال ۋە ئايۇ‌پ بىلگە‌ندە‌ك ياخشى بىلە‌مسىز؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • نۇ‌ھ رە‌زىل دۇ‌نيادا خۇ‌دا بىلە‌ن يۈرگە‌ن
  • دانىيال بۇ‌تلارغا تولغان بابىلوندا خۇ‌دانىڭ دانالىقىنى نامايان قىلغان
  • ئايۇ‌پ ياخشى ۋە يامان كۈنلىرىدە خۇ‌دانىڭ پرىنسىپلىرىغا ماس ياشىغان
  • نۇ‌ھ،‏ دانىيال ۋە ئايۇ‌پنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىتائە‌تچانلىقىنى ئۈلگە قىلايلى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌ر زامانىدا،‏ خۇ‌دا سۆزىگە كىملە‌ر قۇ‌لاق سالدى؟‏ كىملە‌ر سالمىدى؟‏
    خۇ‌دانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىپ مە‌ڭگۈ ياشاڭ!‏
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 فېۋرال 9-‏15 ب.‏
لامە‌ك نۇ‌ھقا يە‌ھۋا ھە‌ققىدە تە‌لىم بېرىۋاتىدۇ

يە‌ھۋانى نۇ‌ھ،‏ دانىيال ۋە ئايۇ‌پ بىلگە‌ندە‌ك ياخشى بىلە‌مسىز؟‏

‏«رە‌زىللە‌ر ئادالە‌تنى چۈشە‌نمە‌س،‏ بىراق پە‌رۋە‌ردىگارنى [يە‌ھۋانى] ئىزدە‌نگۈچىلە‌ر ھە‌ممە ئىشنى چۈشىنە‌ر» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 28:‏5)‏.‏

ناخشىلار:‏ 43،‏ 49

قانداق جاۋاب بېرە‌تتىڭىز؟‏

  • نۇ‌ھ ئېتىقادىنى ۋە خۇ‌دانىڭ دانالىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

  • دانىيال ئېتىقادىنى ۋە خۇ‌دانىڭ دانالىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

  • ئايۇ‌پ ئېتىقادىنى ۋە خۇ‌دانىڭ دانالىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

1—‏3.‏ ئا)‏ ئاخىرقى كۈنلە‌ردە خۇ‌داغا سادىق بولۇ‌پ قېلىشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ ئە)‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى مۇ‌لاھىزە قىلىمىز؟‏

بىز ئاخىرقى كۈنلە‌رنىڭ ئاخىرلىشىش پە‌يتىگە ئاز قالغان ۋاقىتتا ياشاۋاتىمىز.‏ زە‌رىل ئادە‌ملە‌ر بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لار «ئوت-‏چۆپتە‌ك» كۆكلە‌پ جاي-‏جايلارنى بېسىپ كېتىۋاتىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 92:‏7)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ كۆپ ئادە‌ملە‌رنىڭ خۇ‌دا توغرا دە‌پ قارىغانلارنى رە‌ت قىلىدىغانلىقىغا ھە‌يران قالمايمىز.‏ پاۋلۇ‌س مە‌سىھىيلە‌رگە:‏ «يامانلىققا گۆدە‌ك بولۇ‌ڭلار،‏ چۈشىنىش قابىلىيىتىدە بولسا،‏ چوڭلاردە‌ك يېتىلىڭلار»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 14:‏20)‏.‏ بىز بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏

2 جاۋابى بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي تىما قىلىنغان ئايىتىدە يېزىلغان:‏ «رە‌زىللە‌ر ئادالە‌تنى چۈشە‌نمە‌س،‏ بىراق پە‌رۋە‌ردىگارنى [يە‌ھۋانى] ئىزدە‌نگۈچىلە‌ر ھە‌ممە ئىشنى چۈشىنە‌ر» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 28:‏5)‏.‏ دېمە‌ك،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن نېمە مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنە‌لە‌يدۇ.‏ شۇ‌نداقلا پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏6—‏9دا،‏ يە‌ھۋا توغرا ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغانلارغا دانالىقنى بېرىدىغانلىقى ئېيتىلغان.‏ شۇ چاغدا ئۇ‌لار «نېمىنىڭ ھە‌ققانىي،‏ ئادىل،‏ توغرا ئىكە‌نلىكىنى،‏ يە‌نە ھە‌ربىر ئە‌ۋزە‌ل يولنىڭ نېمە ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىدۇ».‏

3 نۇ‌ھ،‏ دانىيال ھە‌م ئايۇ‌پتا مۇ‌نداق دانالىق بولغان (‏ھە‌زقىيال 14:‏14)‏.‏ خۇ‌دانىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى خىزمە‌تچىلىرىدىمۇ شۇ‌نداق دانالىق بار.‏ سىز ھە‌ققىدە نېمە ئېيتىشقا بولىدۇ؟‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان «ھە‌ممە ئىشنى چۈشىنىش» كېرە‌كلىكىنى بىلە‌مسىز؟‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ھالقا،‏ ئۇ ھە‌ققىدە توغرا بىلىم بولۇ‌ش كېرە‌ك.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز بۇ ماقالىدە 1)‏ نۇ‌ھ،‏ دانىيال ھە‌م ئايۇ‌پ خۇ‌دانى قانداق تونۇ‌پ-‏بىلگىنىنى،‏ 2)‏ خۇ‌دانى بىلىش ئۇ‌لارغا قانداقلارچە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ۋە 3)‏ بىز ئۇ‌لارغا ئوخشاش ئېتىقادنى قانداق يېتىلدۈرە‌لە‌يمىز،‏ دېگە‌نلە‌ر ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىمىز.‏

نۇ‌ھ رە‌زىل دۇ‌نيادا خۇ‌دا بىلە‌ن يۈرگە‌ن

4.‏ نۇ‌ھ خۇ‌دانى قانداق تونۇ‌غان ۋە ئۇ‌نى ياخشى بىلىش ئۇ‌نىڭغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

نۇ‌ھ مە‌ۋجۇ‌داتلارنى كۆزە‌تكە‌ندە خۇ‌دانىڭ خىسلە‌تلىرى ھە‌ققىدە بىلە‌لىگە‌ن

4 نۇ‌ھ يە‌ھۋانى قانداق تونۇ‌پ-‏بىلىۋالغان؟‏ ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانا پە‌رزە‌نت كۆرگە‌ندىن باشلاپ،‏ ئادە‌ملە‌ر يە‌ھۋا توغرىسىدا ئۈچ ئۇ‌سۇ‌لدا بىلىم ئالماقتا:‏ كۆزگە كۆرۈنىدىغان مە‌ۋجۇ‌داتلىرى،‏ خۇ‌دانىڭ باشقا سادىق خىزمە‌تچىلىرى ۋە خۇ‌داغا بويسۇ‌نۇ‌شنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئارقىلىق (‏يە‌شايا 48:‏18)‏.‏ بە‌لكىم،‏ نۇ‌ھ مە‌ۋجۇ‌داتلارنى كۆزە‌تكىنىدە،‏ خۇ‌دانىڭ بارلىقىنىڭ دە‌لىل-‏ئىسپاتلىرىنى كۆرۈپ يېتىپ،‏ ئۇ‌نىڭ خىسلە‌تلىرى ھە‌ققىدە بىلگە‌ن.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درە‌تلىك ۋە بىردىن-‏بىر يالغۇ‌ز ھە‌ق خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن (‏رىملىقلارغا 1:‏20)‏.‏ شۇ‌نداق قىلىپ نۇ‌ھ خۇ‌داغا بولغان مۇ‌ستە‌ھكە‌م ئىمان-‏ئېتىقادنى يېتىلدۈرگە‌ن.‏

5.‏ خۇ‌دانىڭ ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن نېمىنى ئىرادە قىلغانلىقىنى نۇ‌ھ قە‌يە‌ردىن بىلگە‌ن؟‏

5 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ «ئېتىقاد ئاڭلاشتىن كېلىدۇ»،‏ يە‌نى بۇ دېگە‌نلىك ئاۋۋال خە‌ۋە‌رنى ئاڭلاپ ئېتىقادىمىز كۈچىيىشكە باشلايدۇ (‏رىملىقلارغا 10:‏17)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ نۇ‌ھ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە قە‌يە‌ردىن ئاڭلىغان؟‏ بە‌لكىم،‏ تۇ‌غقانلىرىدىن ئاڭلىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭ ئاتىسى لامە‌ك خۇ‌داغا ئىشە‌نگە‌ن ۋە ئادە‌م ئاتا تىرىك ۋاقتىدا تۇ‌غۇ‌لغان (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏.‏ ئۇ‌نىڭ بوۋىسى مە‌تۇ‌شالاھ،‏ مە‌تۇ‌شالاھنىڭ بوۋىسى بولسا يارېت بولغان.‏ يارېت نۇ‌ھ تۇ‌غۇ‌لغاندىن 366 يىل ئۆتكە‌ندىن كېيىن ئۆلۈپ كە‌تكە‌نa (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏ (‏لۇ‌قا 3:‏36،‏ 37)‏.‏ نۇ‌ھ بۇ كىشىلە‌ر بىلە‌ن ئۇ‌لارنىڭ ئاياللىرىدىن ئادە‌ملە‌رنى يە‌ھۋا ياراتقانلىقىنى ۋە خۇ‌دانىڭ نىيىتى بويىچە ئۇ‌لار بالىلىق بولۇ‌پ،‏ يە‌رنى تولدۇ‌رۇ‌شى ۋە ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشى كېرە‌كلىكىنى بىلگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ يە‌نە نۇ‌ھ،‏ ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانا يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نمىغانلىقى ۋە ئۇ‌لارنىڭ قارارى قانداق يامان ئاقىۋە‌تنى كە‌لتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلگە‌ن (‏يارىتىلىش 1:‏28؛‏ 3:‏16—‏19،‏ 24)‏.‏ نۇ‌ھ ئۆگىنىپ بىلگە‌نلىرىنى بە‌كمۇ ياخشى كۆرگە‌ن ۋە شۇ‌لار ئۇ‌نى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا ئۈندىگە‌ن (‏يارىتىلىش 6:‏9)‏.‏

6،‏ 7.‏ نۇ‌ھنىڭ ئۈمىدى ئۇ‌نىڭ ئېتىقادىنى قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىگە‌ن؟‏

6 ئۈمىد ئىمان-‏ئېتىقادنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ.‏ نۇ‌ھ ئۆزىنىڭ «ئارام» ياكى «تە‌سە‌للىي» دېگە‌ن مە‌نىدىكى ئىسمى ئۈمىد بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ندە،‏ ئېتىقادى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌نگە‌نلىكىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ (‏يارىتىلىش 5:‏29)‏.‏ خۇ‌دا لامە‌كنى ئۇ‌نىڭ ئوغلى نۇ‌ھ توغرىسىدا:‏ «يە‌ھۋا لە‌نە‌ت قىلغان يە‌رگە جاپالىق ھە‌م ئازاپلىق ئە‌مگە‌كلىرىمىزدە ئۇ بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتىشقا روھلاندۇ‌رغانىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دانىڭ يە‌ردىكى ئە‌ھۋالنى ئۆزگە‌رتىپ ياخشىلىشىغا ئۈمىد باغلىغانىدى.‏ ھابىل ۋە ھانۇ‌خقا ئوخشاش،‏ نۇ‌ھ بىر «نە‌سىلنىڭ» يىلاننىڭ بېشىنى يانچىيدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن (‏يارىتىلىش 3:‏15)‏.‏

7 نۇ‌ھ يارىتىلىش 3:‏15-‏ئايە‌تتىكى بېشارە‌تنى پۈتۈنلە‌ي چۈشە‌نمىگە‌ن بولسىمۇ،‏ بۇ بېشارە‌تنىڭ كېلە‌چە‌ك ئۈچۈن ئۈمىد بېرىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ ھانۇ‌خمۇ يە‌ھۋانىڭ رە‌زىللە‌رنى يوق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ،‏ ئوخشاش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزگە‌ن (‏يە‌ھۇ‌دا 14،‏ 15)‏.‏ ھانۇ‌خنىڭ ئارماگېدوندا پۈتۈنلە‌ي ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغان خە‌ۋىرى نۇ‌ھنىڭ ئېتىقادى ۋە ئۈمىدىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىگە‌نلىكى شە‌ك-‏شۇ‌بھىسىزدۇ‌ر!‏

ئېتىقاد ۋە دانالىق بىزنى شە‌يتاننىڭ ھىيلە-‏مىكىرلىرىدىن ۋە مۇ‌شۇ دۇ‌نيانىڭ تە‌سىرىدىن قوغدايدۇ

8.‏ خۇ‌دانى ياخشى بىلگىنى نۇ‌ھنى قانداق ھىمايە قىلدى؟‏

8 نۇ‌ھقا خۇ‌دا ھە‌ققىدىكى توغرا بىلىم قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ نۇ‌ھ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە بىلىم ئالغانلىقتىن،‏ ئۇ ئېتىقاد ۋە دانالىقنى يېتىلدۈرگە‌نىدى.‏ بۇ ئۇ‌نىڭغا ھىمايە بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى يە‌ھۋانى رە‌نجىتىشتىن ساقلىغان.‏ قانداقلارچە؟‏ نۇ‌ھ خۇ‌دانىڭ دوستى بولۇ‌شنى خالىغان،‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن يە‌ھۋاغا ئىشە‌نمىگە‌ن ۋە ئۇ‌نى ھۆرمە‌تلىمىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن دوست بولمىغان.‏ ئۇ ئۇ‌لارغا ئوخشىمىغان،‏ يە‌نى ئۇ يە‌رگە چۈشكە‌ن جىنلارنىڭ ئۆزىنى ئازدۇ‌رۇ‌شىغا يول بە‌رمىگە‌نىدى.‏ ئادە‌ملە‌ر كۈچلۈك جىنلارنىڭ كۈچى تە‌رىپىدىن جە‌لىپ قىلىنىپ ئازدۇ‌رۇ‌لغان ۋە ھە‌تتا ئۇ‌لارغا سە‌جدە قىلىشقا باشلىغانىدى (‏يارىتىلىش 6:‏1—‏4،‏ 9)‏.‏ نۇ‌ھ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىنسانلارنىڭ بالىلىق بولۇ‌پ،‏ يە‌رنى تولدۇ‌رۇ‌شىنى ئىرادە قىلغانلىقىنى بىلگە‌نىدى (‏يارىتىلىش 1:‏27،‏ 28)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ جىنلار ئاياللارنى ئېلىپ،‏ بالىلارنىڭ تۇ‌غۇ‌لغانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ نۇ‌ھ بۇ‌نىڭ ناتوغرا ئىكە‌نلىكىنى بىلە‌نگە‌ن.‏ شۇ بالىلار ئۆسۈپ،‏ باشقا بالىلارغا قارىغاندا بە‌كمۇ يوغان ۋە كۈچلۈك بولۇ‌پ،‏ بۇ تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى.‏ ئاخىرىدا يە‌ھۋا نۇ‌ھقا رە‌زىل ئادە‌ملە‌رنى يوق قىلىش ئۈچۈن،‏ توپان سۈيىنى ئە‌ۋە‌تمە‌كچى ئىكە‌نلىكىنى ئېيتتى.‏ نۇ‌ھ يە‌ھۋانىڭ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شىغا ئىشە‌نگە‌نلىكتىن،‏ كېمە ياساپ ئائىلىسى بىلە‌ن ئامان قالغانىدى (‏ئىبرانىيلارغا 11:‏7)‏.‏

9،‏ 10.‏ قانداق قىلىپ نۇ‌ھقا ئوخشاش ئىمان-‏ئېتىقادنى يېتىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏

9 قانداق قىلىپ نۇ‌ھقا ئوخشاش ئېتىقادنى يېتىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏ خۇ‌دا سۆزىنى ئە‌ستايىدىل تە‌تقىق قىلىش —‏ ئۆگىنىپ بىلگە‌نلە‌رنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇ‌نى ھاياتىمىزنى ئۆزگە‌رتىش ۋە توغرا قارارلارنى چىقىرىشتا پايدىلىنىش بە‌كمۇ مۇ‌ھىم (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 1:‏13—‏15)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئېتىقاد ۋە دانالىق بىزنى شە‌يتاننىڭ ھىيلە-‏مىكىرلىرىدىن ۋە مۇ‌شۇ دۇ‌نيانىڭ تە‌سىرىدىن قوغدايدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 2:‏11)‏.‏ بۇ دۇ‌نيادىكى كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر زوراۋانلىق ۋە ئە‌خلاقسىزلىقنى ياخشى كۆرۈپ،‏ يامان ھە‌ۋە‌سلە‌رنىڭ كە‌ينىگە كىرىدۇ (‏يوھاننانىڭ 1-‏خېتى 2:‏15،‏ 16)‏.‏ ئۇ‌لار مۇ‌شۇ رە‌زىل دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ دە‌لىل-‏ئىسپاتلىرىغا كۆز يۇ‌مىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئېتىقادىمىز مۇ‌ستە‌ھكە‌م بولمىسا،‏ بىزمۇ ئۇ‌لارغا ئوخشاش ئويلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌يسا بىزنىڭ كۈنلىرىمىزنى نۇ‌ھنىڭ كۈنلىرى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌پ سۆزلىگە‌ندە،‏ زوراۋانلىق ياكى ئە‌خلاقسىزلىق ھە‌ققىدە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى روھىي ئىشلار بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌شقا پە‌رۋاسىزلىق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇ‌رغان ‏(‏مە‌تتا 24:‏36‏—‏39نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

10 ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:‏ «مە‌ن يە‌ھۋانى ياخشى بىلىمە‌نمۇ؟‏ ئېتىقادىم يە‌ھۋانىڭ كۆز ئالدىدا توغرا ئىشلارنى قىلىشقا ۋە باشقىلارنىمۇ شۇ‌نىڭغا ئۆگۈتۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلامدۇ؟‏» سىزنىڭ جاۋابلىرىڭىز نۇ‌ھقا ئوخشاش خۇ‌دا بىلە‌ن يۈرگە‌ن-‏يۈرمىگە‌نلىكىڭىزنى چۈشىنىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

دانىيال بۇ‌تلارغا تولغان بابىلوندا خۇ‌دانىڭ دانالىقىنى نامايان قىلغان

11.‏ ئا)‏ ياش دانىيالنىڭ خۇ‌داغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدىن ئۇ‌نىڭ ئاتا-‏ئانىسى ھە‌ققىدە نېمە بىلىۋالدۇ‌ق؟‏ ئە)‏ سىز دانىيالنىڭ قايسى خىسلىتىنى ئۈلگە قىلىشنى خالايسىز؟‏

11 دانىيال يە‌ھۋانى قانداق تونۇ‌پ-‏بىلىۋالغان؟‏ ئاتا-‏ئانىسى دانىيالنى يە‌ھۋا بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ سۆزىنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگە‌تكە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئۆمۈر بويى شۇ‌نداق قىلغان.‏ ھە‌تتا،‏ يېشى چوڭىيىپ قېرىلىق يە‌تكە‌ندە ھە‌م ئۇ يازمىلارنى پۇ‌ختا تە‌تقىق قىلغان (‏دانىيال 9:‏1،‏ 2)‏.‏ دانىيال يە‌ھۋانى ناھايىتى ياخشى بىلگە‌نىدى.‏ شۇ‌نداقلا،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئىسرائىللىقلار ئۈچۈن قىلغانلىرىنىڭ ھە‌ممىسىنى بىلگە‌ن.‏ بۇ‌نى دانىيال 9:‏3—‏19-‏ئايە‌تلە‌ردە،‏ دانىيالنىڭ كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ۋە چىن يۈرە‌كتىن ئېيتقان دۇ‌ئاسىدىن كۆرىمىز.‏ مۇ‌شۇ دۇ‌ئانى ئوقۇ‌پ،‏ چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏ ئۇ سىزنى دانىيال توغرىسىدا نېمىگە ئۆگىتىدۇ؟‏

12—‏14.‏ ئا)‏ دانىيال دانالىقنى قانداق كۆرسە‌تتى؟‏ ئە)‏ يە‌ھۋا دانىيالنىڭ باتۇ‌رلۇ‌ق ۋە ساداقە‌تمە‌نلىكىنى قانداق بە‌رىكە‌تلىگە‌ن؟‏

12 دانىيالغا خۇ‌دا ھە‌ققىدىكى توغرا بىلىم قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ سادىق يە‌ھۇ‌دىيلارغا بۇ‌تلارغا تولغان بابىلوندا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىش ئاسان بولمىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا يە‌ھۇ‌دىيلارغا:‏ «مە‌ن سىلە‌رنى سۈرگۈنگە ئە‌ۋە‌تكە‌ن [شە‌ھە‌رنىڭ] تىنچ-‏ئاۋاتلىقىنى ئىزدە‌ڭلار»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏يە‌رە‌مىيا 29:‏7)‏.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ پۈتۈن قە‌لبى بىلە‌ن پە‌قە‌ت ئۇ‌نىڭغىلا ئىبادە‌ت قىلىشنى بۇ‌يرىغان (‏چىقىش 34:‏14)‏.‏ دانىيال بۇ ئىككى بۇ‌يرۇ‌قنى قانداق قىلىپ تە‌ڭ ئورۇ‌ندىيالايتتى؟‏ دانالىق ئۇ‌نىڭغا ئە‌ڭ ئاۋۋال يە‌ھۋاغا،‏ كېيىن ئىنسانىي ھۆكۈمرانلارغا بويسۇ‌نۇ‌ش كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىشكە ياردە‌م بە‌رگە‌نىدى.‏ نە‌چچە يۈز يىل ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ ئە‌يسامۇ شۇ‌نداق ئوخشاش قائىدە-‏پرىنسىپنى ئۆگە‌تكە‌ن (‏لۇ‌قا 20:‏25)‏.‏

13 ئوتتۇ‌ز كۈن جە‌ريانىدا پادىشاھتىن باشقا ھە‌رقانداق ئىلاھ ياكى كىشىگە سە‌جدە قىلىش مە‌نئىي قىلىنغانلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ دانىيالنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ ‏(‏دانىيال 6:‏7—‏10نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ باھانە ئىزدە‌پ،‏ «بۇ بارى-‏يوقى 30 كۈن ئىكە‌نغۇ!‏» دە‌پ ئېيتىسا بولاتتى.‏ ئە‌مما،‏ دانىيال ئىنسانلارنىڭ قانۇ‌نىنىڭ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشتىن مۇ‌ھىم بولۇ‌شىغا يول قويمىغان.‏ دانىيال يە‌ھۋاغا دۇ‌ئانى يوشۇ‌رۇ‌ن يە‌ردە قىلسا بولاتتى.‏ لېكىن،‏ ئۇ ھە‌ر كۈنى دۇ‌ئا قىلغاندا كۆپ ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆرۈدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ خە‌تە‌رلىك بولسىمۇ،‏ دانىيال ئادە‌ملە‌ر كۆرگە‌ن يە‌ردە دۇ‌ئا قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رغان،‏ چۈنكى ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۇ‌نىڭ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشنى توختاتتى،‏ دە‌پ ئويلىشىنى خالىمغانىدى.‏

14 يە‌ھۋا دانىيالغا باتۇ‌رلۇ‌ق ھە‌م ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن چىقارغان قارارى ئۈچۈن ئۇ‌نى بە‌رىكە‌تلىگە‌ن.‏ ئۇ مۆجىزە كۆرسىتىپ،‏ دانىيالنى شىرلارنىڭ يە‌پ كېتىشىدىن قوغداپ قالغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئادە‌ملە‌ر مىدىيا بىلە‌ن پارس ئىمپېرىيىسىنىڭ بۇ‌لۇ‌ڭ-‏پۇ‌شقاقلىرىغىچە يە‌ھۋا ھە‌ققىدە بىلگە‌ن (‏دانىيال 6:‏25—‏27)‏.‏

15.‏ قانداق قىلىپ دانىيالغا ئوخشاش ئېتىقادنى يېتىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏

15 قانداق قىلىپ دانىيالغا ئوخشاش ئېتىقادنى يېتىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏ مۇ‌ستە‌ھكە‌م ئېتىقادنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پلا قويماي،‏ ئۇ‌نىڭ مە‌نىسىنى چۈشىنىشىمىز كېرە‌ك (‏مە‌تتا 13:‏23‏)‏.‏ بىز يە‌ھۋانىڭ قانداقتۇ بىر مە‌سىلىگە بولغان ئوي-‏پىكىرلىرى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى بىلىشنى خالىغانلىقتىن،‏ ئوقۇ‌غانلىرىمىز ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداقلا پات-‏پات،‏ بولۇ‌پمۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ دۇ‌ئا قىلىشىمىز بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ يە‌ھۋا بىز سورىغان دانالىق ۋە كۈچنى سېخىيلىق بىلە‌ن بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يمىز (‏ياقۇ‌پ 1:‏5)‏.‏

ئايۇ‌پ ياخشى ۋە يامان كۈنلىرىدە خۇ‌دانىڭ پرىنسىپلىرىغا ماس ياشىغان

16،‏ 17.‏ ئايۇ‌پ يە‌ھۋانى قانداق تونۇ‌پ-‏بىلىۋالغان؟‏

16 ئايۇ‌پ يە‌ھۋانى قانداق تونۇ‌پ-‏بىلىۋالغان؟‏ ئايۇ‌پ ئۇ بىر ئىسرائىل ئە‌مە‌س ئىدى.‏ بىراق ئىبراھىم،‏ ئىسھاق ۋە ياقۇ‌پ ئۇ‌نىڭ يىراق تۇ‌غقانلىرى بولغان.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا ئۆزى ۋە ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسى ھە‌ققىدە تە‌لىم بە‌رگە‌ن.‏ بىز ئۇ‌نىڭ قانداق بىلگە‌نلىكىنى ئېنىق بىلمە‌يمىز،‏ بىراق ئايۇ‌پمۇ شۇ قىممە‌ت-‏باھا ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۆگە‌نگە‌ن (‏ئايۇ‌پ 23:‏12)‏.‏ ئۇ يە‌ھۋاغا:‏ «قۇ‌لىقىم ئارقىلىق خە‌ۋىرىڭنى ئاڭلىغانمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏ئايۇ‌پ 42:‏5)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆزى ئېيتقاندە‌ك،‏ ئايۇ‌پ باشقىلارغا ئۇ ھە‌ققىدە ھە‌قىقە‌تنى ئېيتقان (‏ئايۇ‌پ 42:‏7،‏ 8)‏.‏

دادىسى بالىلىرىغا قۇ‌شنىڭ ئۇ‌ۋىسىنى كۆرسىتىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ خىسلە‌تلىرى توغرىسىدا تە‌لىم بېرىۋاتىدۇ

مە‌ۋجۇ‌داتلارغا قاراپ،‏ يە‌ھۋانىڭ خىسلە‌تلىرىنى ياخشىراق بىلگە‌ندە،‏ ئېتىقادىمىز مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىدۇ (‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

17 ئايۇ‌پ يارىتىلغان مە‌ۋجۇ‌داتلارغا قاراپ يە‌ھۋانىڭ خىسلە‌تلىرىنى بىلىۋالغان (‏ئايۇ‌پ 12:‏7—‏9،‏ 13)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئېلىخۇ يارىتلغان مە‌ۋجۇ‌داتلارنى تىلغان ئېلىپ ئايۇ‌پنى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ خۇ‌دا بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغاندا ئىنسانلارنىڭ قانچىلىك تۆۋە‌ن تۇ‌رىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏ئايۇ‌پ 37:‏14؛‏ 38:‏1—‏4)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ سۆزلىرى ئايۇ‌پقا تە‌سىر قىلغاچ،‏ ئۇ كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن خۇ‌داغا تۆۋە‌ندىكى سۆزلە‌رنى ئېيتقانىدى:‏ «سە‌ن ھە‌ممە ئىشنى قىلالايسە‌ن!‏ سېنىڭ ھە‌رقانداق مۇ‌ددىئارىڭنى توساۋالغىلى بولمايدۇ،‏ دە‌پ بىلىپ قويدۇ‌م!‏» ئۇ يە‌نە:‏ «مە‌ن توپا-‏چاڭلار ۋە كۈللە‌ر ئارىسىدا توۋۋا قىلدىم»،‏—‏ دېگە‌نىدى (‏ئايۇ‌پ 42:‏2،‏ 6)‏.‏  

18،‏ 19.‏ ئايۇ‌پ يە‌ھۋانى ياخشى بىلگە‌نلىكىنى قانداق كۆرسە‌تتى؟‏

18 ئايۇ‌پقا خۇ‌دا ھە‌ققىدىكى توغرا بىلىم قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئايۇ‌پ خۇ‌دانىڭ قائىدە-‏پرىنسىپلىرىنى ياخشى چۈشە‌نگە‌ن.‏ يە‌ھۋانى ياخشى بىلگە‌نلىكى ئۇ‌نى توغرا ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رگە مېھرىبانلىق كۆرسە‌تمىسە،‏ خۇ‌دانى ياخشى كۆرىمە‌ن،‏ دە‌پ ئېيتالمايدىغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌نىدى (‏ئايۇ‌پ 6:‏14)‏.‏ ئايۇ‌پ ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن ھېسابلىمىغان،‏ ئە‌كسىچە،‏ بايلارغىمۇ،‏ كە‌مبە‌غە‌للە‌رگىمۇ قېرىنداشلارچە مۇ‌ئامىلە قىلغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مېنى بالىياتقۇ‌دا پە‌يدا قىلغۇ‌چى ئۇ‌نىمۇ پە‌يدا قىلغان ئە‌مە‌سمۇ؟‏» (‏ئايۇ‌پ 31:‏13—‏22)‏.‏ ھە‌تتا،‏ باي ۋە كۈچلۈك بولغاندىمۇ،‏ ئايۇ‌پ مە‌غرۇ‌رلىنىپ،‏ باشقىلارنى ئۆزىدىن تۆۋە‌ن ھېسابلىمىغان.‏ ئايۇ‌پ بۈگۈنكى كۈندە باي ۋە ئابرويلۇ‌ق دە‌پ سانالغانلاردىن قانداق چوڭ پە‌رق قىلىدۇ،‏ ھە!‏

19 ئايۇ‌پ ھېچنە‌رسىنىڭ،‏ يە‌نى مال دۇ‌نيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھە‌رقانداق نە‌رسىنىڭ يە‌ھۋادىن مۇ‌ھىمىراق بولۇ‌شىنى خالىمىغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئۆزى مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «شۇ‌نداق قىلغان بولسام،‏ مە‌ن ھە‌ممىدىن ئۈستۈنگە ۋاپاسىزلىق قىلاتتىم» ‏(‏ئايۇ‌پ 31:‏24—‏28نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌نە ئۇ نىكاھنى ئە‌ر-‏ئايال ئارىسىدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س قە‌سە‌م دە‌پ ھېسابلىغان.‏ ھە‌تتا،‏ باشقا ئاياللارغا ھە‌ۋە‌س قىلىپ نە‌زە‌ر سالماسلىق ئۈچۈن كۆزى بىلە‌ن كېلىشىم تۈزگە‌ن (‏ئايۇ‌پ 31:‏1)‏.‏ بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن دىققە‌تكە سازاۋە‌ر،‏ چۈنكى ئايۇ‌پنىڭ زامانىدا يە‌ھۋا خۇ‌دا كۆپ ئايال ئېلىشقا يول قوياتتى.‏ دېمە‌ك،‏ ئايۇ‌پ خالىسا،‏ ئىككىنچى ئايالنى ئالالايتتى.‏ ئە‌مما،‏ ئايۇ‌پ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئاساس سالغان بىرىنچى نىكاھ بىر ئە‌ر بىلە‌ن بىر ئايال ئوتتۇ‌رىسىدا بولغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن ئۇ‌مۇ بۇ ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شقا ماس ياشاشنى قارار قىلغانb (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏ (‏يارىتىلىش 2:‏18،‏ 24)‏.‏ تە‌خمىنە‌ن 1600 يىلدىن كېيىن ئە‌يسامۇ دە‌ل مۇ‌شۇ قائىدە-‏پرىنسىپنى،‏ يە‌نى جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌ت ۋە نىكاھنىڭ پە‌قە‌ت بىر ئە‌ر بىلە‌ن بىر ئايالنىڭ ئارىسىدا بولۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى ئۆگە‌تكە‌نىدى (‏مە‌تتا 5:‏28؛‏ 19:‏4،‏ 5‏)‏.‏

20.‏ يە‌ھۋانى ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌لە‌پلىرىنى بىلگىنىمىز دوستلارنى ۋە كۆڭۈل ئېچىش تۈرىنى توغرا تاللاشقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

20 قانداق قىلىپ ئايۇ‌پقا ئوخشاش ئېتىقادنى يېتىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏ ئۇ‌سۇ‌ل يە‌نىلا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋانى ياخشى تونۇ‌پ-‏بىلىشىمىز ۋە بۇ بىلىمنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكىتىمىزگە تە‌سىر قىلىشىغا يول قويۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋانىڭ «زوراۋانلىققا خۇ‌شتارلارغا.‏.‏.‏ ۋۇ‌جۇ‌دىدىن نە‌پرە‌تلىنىدىغانلىغى» ۋە يالغانچىلار بىلە‌ن ئارىلاشماسلىقىمىز كېرە‌كلىكى يېزىلغان ‏(‏زە‌بۇ‌ر 11:‏5؛‏ 26:‏4نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌مدى ئۆزىڭىزدىن:‏ «مۇ‌شۇ ئىككى ئايە‌تتىن يە‌ھۋانىڭ كۆزقارىشى ھە‌ققىدە نېمىنى بىلىۋالدىم؟‏ بۇ ھاياتىمدا نېمە ئە‌ڭ مۇ‌ھىم بولۇ‌شىغا،‏ توردىن نېمە كۆرۈشىمگە،‏ كىملە‌ر بىلە‌ن دوست بولۇ‌شىمغا ۋە ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىشىمغا قانداق تە‌سىر قىلىشى كېرە‌ك؟‏» —‏ دە‌پ سوراپ كۆرۈڭ.‏ مۇ‌شۇ سوئاللارغا بە‌رگە‌ن جاۋابىڭىز يە‌ھۋانى قانچىلىك ياخشى بىلىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىقلاشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانىڭ بىزگە تە‌سىر قىلىشىنى خالىمايمىز.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ «ئېڭىمىزنى» چېنىقتۇ‌رۇ‌شىمىز،‏ يە‌نى ياخشى بىلە‌ن ياماننىڭ،‏ دانالىق بىلە‌ن ئە‌قىلسىزلىقنىڭ پە‌رقىنى بىلىشكە ئۆگىتىشىمىز كېرە‌ك (‏ئىبرانىيلارغا 5:‏14؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏15)‏.‏

21.‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان «ھە‌ممە ئىشنى چۈشىنىشكە» نېمە بىزگە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

21 نۇ‌ھ،‏ دانىيال ۋە ئايۇ‌پ يە‌ھۋانى ياخشى تونۇ‌پ-‏بىلىش ئۈچۈن قولىدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلغانلىقتىن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان «ھە‌ممە ئىشنى چۈشىنىشكە» ياردە‌م بە‌رگە‌نىدى.‏ ئۇ‌لارنىڭ مىساللىرى يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسى بويىچە ياشاشنىڭ ھە‌قىقىي مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏1—‏3)‏.‏ شۇ‌ڭا ئۆزىڭىزدىن:‏ «مە‌ن يە‌ھۋانى نۇ‌ھ،‏ دانىيال ۋە ئايۇ‌پلاردە‌ك ياخشى تونۇ‌يمە‌نمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سوراپ كۆرۈڭ.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ بىز يە‌ھۋانى بۇ سادىق كىشىلە‌ردىن ياخشىراق بىلە‌لە‌يمىز.‏ چۈنكى ئۇ بىزگە ئۆزى ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌مات بە‌رمە‌كتە (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 4:‏18)‏.‏ ئۇ‌نداقتا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئە‌ستايىدىل تە‌تقىق قىلىڭ.‏ ئوقۇ‌غانلىرىڭىز ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە قىلىڭ.‏ دۇ‌ئا قىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سوراڭ.‏ شۇ چاغدا بۇ رە‌زىل دۇ‌نيا سىزگە تە‌سىر قىلالمايدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ خۇ‌دانىڭ دانالىقى بويىچە ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغان بولۇ‌پ،‏ ئە‌رشتىكى ئاتىڭىزغا تېخىمۇ يېقىنلىشالايسىز (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏4—‏7)‏.‏

a نۇ‌ھنىڭ بوۋىسىنىڭ ئاتىسى ھانۇ‌خمۇ «ھە‌قىقىي خۇ‌دا بىلە‌ن يۈردى».‏ لېكىن ئۇ نۇ‌ھنىڭ تۇ‌غۇ‌لۇ‌شىدىن 69 يىل بۇ‌رۇ‌ن ئالە‌مدىن ئۆتتى (‏يارىتىلىش 5:‏23،‏ 24)‏.‏

b نۇ‌ھمۇ شۇ‌نداق قىلغان.‏ ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانا،‏ خۇ‌داغا ئىتائە‌تسىزلىك قىلغاندىن كېيىن كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ ئادە‌ملە‌ر كۆپ ئايال ئېلىشقا باشلىغان بولسىمۇ،‏ نۇ‌ھنىڭ بىرلا ئايالى بولغان (‏يارىتىلىش 4:‏19)‏.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • خۇ‌دانىڭ دانالىقى —‏ يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌ن دانالىق.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى دىققە‌ت بىلە‌ن ئوقۇ‌پ،‏ ئوقۇ‌غانلىرىمىزنى چۈشە‌نگە‌ندە،‏ يە‌ھۋانى ياخشى تونۇ‌پ-‏بىلە‌لە‌يمىز.‏ نېمىنىڭ ياخشى ۋە نېمىنىڭ يامان،‏ نېمىنىڭ دانالىق ۋە نېمىنىڭ ئە‌قىلسىزلىق ئىكە‌نلىكىنى بىلىمىز.‏ شۇ بىلىمنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللانغاندا،‏ بىز خۇ‌دانىڭ دانالىقىغا ئىگە بولۇ‌مىز

  • خۇ‌دانىڭ قائىدە-‏پرىنسىپلىرى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئاساسىي ھە‌قىقە‌تلە‌ر.‏ ئۇ‌لار ھېچقاچان ئۆزگە‌رمە‌يدۇ ۋە بىزگە يە‌ھۋانىڭ كۆزقارىشىنى چۈشىنىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بۇ پرىنسىپلار ھە‌ققىدە ئە‌ستايىدىل ئويلانساق،‏ بۇ بىزگە خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان قارارلارنى چىقىرىشقا ياردە‌م بېرىدۇ

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش