كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 فېۋرال 3-‏8 ب.‏
  • نۇ‌ھ،‏ دانىيال ۋە ئايۇ‌پنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىتائە‌تچانلىقىنى ئۈلگە قىلايلى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • نۇ‌ھ،‏ دانىيال ۋە ئايۇ‌پنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىتائە‌تچانلىقىنى ئۈلگە قىلايلى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • نۇ‌ھ 900 يىل جە‌ريانىدا سادىق ۋە ئىتائە‌تچان بولغان
  • رە‌زىل شە‌ھە‌ردە ياشىسىمۇ،‏ دانىيال ئېتىقادنى ۋە ئىتائە‌تچانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن
  • ئايۇ‌پ باي ۋە گاداي بولغاندىمۇ ئېتىقاد ۋە ئىتائە‌تچانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن
  • يە‌ھۋا سىزنى «مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ»‏
  • يە‌ھۋانى نۇ‌ھ،‏ دانىيال ۋە ئايۇ‌پ بىلگە‌ندە‌ك ياخشى بىلە‌مسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • دانىيالنىڭ ئۈلگىسىدىن ئۆگىنىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌ر زامانىدا،‏ خۇ‌دا سۆزىگە كىملە‌ر قۇ‌لاق سالدى؟‏ كىملە‌ر سالمىدى؟‏
    خۇ‌دانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىپ مە‌ڭگۈ ياشاڭ!‏
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 فېۋرال 3-‏8 ب.‏
دانىيال ھە‌م ئۇ‌نىڭ ئۈچ دوستى پادىشاھنىڭ داستىخىنىدىن تائاملارنى يېيىشنى رە‌ت قىلغان

نۇ‌ھ،‏ دانىيال ۋە ئايۇ‌پنىڭ ئېتىقادى بىلە‌ن ئىتائە‌تچانلىقىنى ئۈلگە قىلايلى

‏«نۇ‌ھ،‏ دانىيال ۋە ئايۇ‌پ.‏.‏.‏ ئۆز ھە‌ققانىيلىقى تۈپە‌يلىدىن پە‌قە‌ت ئۆز جانلىرىنىلا ساقلالىيالىغان بولاتتى» (‏ھە‌زقىيال 14:‏14)‏.‏

ناخشىلار:‏ 6،‏ 54

تۆۋە‌ندىكى ئۈچ كىشىنىڭ ئېتىقادىنى قانداق ئۈلگە قىلالايسىز؟‏

  • نۇ‌ھ

  • دانىيال

  • ئايۇ‌پ

1،‏ 2.‏ ئا)‏ نۇ‌ھ،‏ دانىيال ۋە ئايۇ‌پنىڭ ئۈلگىلىرىنى قاراشتۇ‌رۇ‌ش نېمىشقا بىزگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ؟‏ ئە)‏ ھە‌زقىيال 14:‏14تىكى سۆزلە‌رنى ھە‌زقىيال قاچان يازغان؟‏

سالامە‌تلىك،‏ پۇ‌ل ياكى زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چراش دېگە‌ندە‌ك قيىنچىلىقلارنى باشتىن كە‌چۈرۈۋاتامسىز؟‏ بە‌زىدە يە‌ھۋاغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىش قىيىنمۇ؟‏ شۇ‌نداق چاغلاردا نۇ‌ھ،‏ دانىيال ۋە ئايۇ‌پنىڭ ۋە‌قە‌لىرىنى قاراشتۇ‌رۇ‌ش سىزگە تە‌سە‌للىي بېرىشى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌لارمۇ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىدى ۋە بىزگە ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ۋە بە‌زىدە ھە‌تتا ھاياتىغا خە‌ۋپ تۇ‌غدۇ‌رىدىغان ۋە‌قە‌لە‌رمۇ يۈز بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار سادىقلىقىنى ساقلىغانلىقتىن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى ئىشە‌نچ ۋە ئىتائە‌تچانلىقنىڭ ئۈلگىلىرى،‏ دە‌پ سانىغان ‏(‏ھە‌زقىيال 14:‏12—‏14نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

2 ھە‌زقىيال بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي ئايىتىنى مىلادىدىن بۇ‌رۇ‌نقى 612-‏يىلى بابىلون ئۆلكىسىدە يازغانa (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏ (‏ھە‌زقىيال 1:‏1؛‏ 8:‏1)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن بىراز ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ مىلادىن بۇ‌رۇ‌نقى 607-‏يىلى يېرۇ‌سالىم شە‌ھىرى ۋە‌يران قىلىنغان.‏ شۇ زاماندا يېرۇ‌سالىمدا نۇ‌ھ،‏ دانىيال ۋە ئايۇ‌پنىڭكىگە ئوخشاش ئېتىقاد ھە‌م ئىتائە‌تچانلىقنى كۆرسە‌تكە‌ن ناھايىتى ئازلا ئادە‌م ئامان قالغان (‏ھە‌زقىيال 9:‏1—‏5)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا يە‌رە‌مىيا،‏ بارۇ‌ق،‏ ئە‌بە‌د-‏مە‌لە‌ك ۋە رە‌قابنىڭ جە‌مە‌تىدىكىلە‌ر بار ئىدى.‏

3.‏ بۇ ماقالىدە نېمە ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

3 بۈگۈنكى كۈندىمۇ يە‌ھۋا سادىق دە‌پ ھېسابلايدىغان،‏ يە‌نى نۇ‌ھ،‏ دانىيال ۋە ئايۇ‌پقا ئوخشاش ئادە‌ملە‌رلا مۇ‌شۇ رە‌زىل دۇ‌نيانىڭ ئاخىرىدا ئامان قالىدۇ (‏ۋە‌ھىي 7:‏9،‏ 14)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ ئۈچ كىشى يە‌ھۋانىڭ كۆز ئالدىدا نېمە ئۈچۈن ھە‌ققانىي بولالىغانلىقى ھە‌ققىدە قاراپ چىقايلى.‏ بىز ئۇ‌لارنىڭ 1)‏ ھە‌رقايسى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌نلىكىنى ۋە 2)‏ ئېتىقادى بىلە‌ن ئىتائە‌تچانلىقىنى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

نۇ‌ھ 900 يىل جە‌ريانىدا سادىق ۋە ئىتائە‌تچان بولغان

4،‏ 5.‏ نۇ‌ھ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏ نۇ‌ھنىڭ يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌شى نېمە ئۈچۈن ئاسانغا چۈشمىگە‌ن؟‏

4 نۇ‌ھ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏ نۇ‌ھنىڭ بوۋىسىنىڭ دادىسى بولغان ھانۇ‌خنىڭ زامانىدا رە‌زىل ئادە‌ملە‌ر كۆپ بولغان.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا ھە‌ققىدە «ئىسىيانكار گە‌پلە‌رنى» ئېيتقان (‏يە‌ھۇ‌دا 14،‏ 15)‏.‏ شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ،‏ ئادە‌ملە‌ر بارغانسىرى زوراۋان بولۇ‌پ،‏ نۇ‌ھنىڭ كۈنلىرىدە دۇ‌نيا «زۇ‌لۇ‌ملۇ‌ققا تولدى».‏ يامان پە‌رىشتىلە‌ر يە‌رگە ئادە‌م سىياقىغا كىرىپ چۈشۈپ،‏ ئاياللارنى خوتۇ‌نلۇ‌ققا ئالغان.‏ ئۇ‌لاردىن ۋە‌ھشىي ۋە رە‌ھىمسىز ئوغۇ‌للار تۇ‌غۇ‌لغان (‏يارىتىلىش 6:‏2—‏4،‏ 11،‏ 12)‏.‏ لېكىن،‏ نۇ‌ھ باشقىلاردىن پە‌رقلىق بولغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نۇ‌ھ «يە‌ھۋانىڭ كۆزىدە رە‌ھىملىك تاپقانلىغى» يېزىلغان.‏ ئۇ توغرا ئىشلارنى قىلغانلىقتىن،‏ باشقا ئادە‌ملە‌ردىن قاتتىق پە‌رقلە‌نگە‌ن.‏ «نۇ‌ھ ھە‌قىقىي خۇ‌دا بىلە‌ن يۈرە‌تتى» (‏يارىتىلىش 6:‏8،‏ 9)‏.‏

5 بۇ سۆزلە‌ردىن نۇ‌ھ توغرىسىدا نېمىنى بىلىمىز؟‏ بىرىنچىدىن،‏ توپان سۈيىنىڭ ئالدىدا نۇ‌ھنىڭ شۇ رە‌زىل دۇ‌نيادا يە‌ھۋاغا قانچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت سادىق خىزمە‌ت قىلغانلىقىنى قاراپ باقايلى.‏ بۇ پە‌قە‌ت 70 ياكى 80 يىل ئە‌مە‌س،‏ تە‌خمىنە‌ن 600 يىل ئىدى!‏ (‏يارىتىلىش 7:‏11)‏.‏ ئىككىنچىدىن،‏ نۇ‌ھنىڭ زامانىدا بىزنىڭ زامانىمىزغا ئوخشاش ياردە‌م بىلە‌ن تە‌سە‌للىي بېرىدىغان جامائە‌ت بولمىغان.‏ نۇ‌ھنى ھە‌تتا قېرىنداشلىرىمۇ قوللىمىغان ئوخشايدۇb (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏

6.‏ نۇ‌ھ قانداق قىلىپ باتۇ‌رلۇ‌قىنى كۆرسە‌تتى؟‏

6 نۇ‌ھ ئۆزۈم ياخشى ئادە‌م بولساملا بولدى،‏ دە‌پ ئويلىمىغان.‏ ئۇ باتۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن باشقىلارغا ئۆزىنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادى ھە‌ققىدە ئېيتقان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۇ «ھە‌ققانىي يولىنى خە‌ۋە‌رلە‌پ يۈرگە‌ن نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌ر»،‏ دە‌پ ئاتالغان (‏پېترۇ‌سنىڭ 2-‏خېتى 2:‏5)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئۇ توغرىسىدا:‏ «[نۇ‌ھ] ئېتىقادى ئارقىلىق دۇ‌نيانى ئە‌يىپلىدى»،‏—‏ دېگە‌ن (‏ئىبرانىيلارغا 11:‏7)‏.‏ ئېنىقكى،‏ ئادە‌ملە‌ر نۇ‌ھنى زاڭلىق قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا توسالغۇ‌لۇ‌ق قىلماقچى بولغان.‏ ھە‌تتا،‏ ئۇ‌نىڭغا تە‌ھتىت سېلىپ پوپوزا قىلغانمۇ بولۇ‌شى مۇ‌مكىن،‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ نۇ‌ھ ئىنسان بالىسىدىن قورقمىغان (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 29:‏25)‏.‏ نۇ‌ھنىڭ ئېتىقادى سە‌ۋە‌بلىك،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا جاسارە‌تنى ئاتا قىلغان.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئېتىقادى كۈچلۈك سادىق خىزمە‌تچىلىرىگە يە‌ھۋا دە‌ل شۇ‌نداق جاسارە‌تنى بېرىدۇ.‏

7.‏ كېمىنى ياسىغاندا،‏ نۇ‌ھ قانداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن؟‏

7 نۇ‌ھنىڭ يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌ن بولۇ‌پ،‏ 500 يىلچە ۋاقىت ئۆتكە‌ندە،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا چوڭ بىر كېمىنى ياساشنى بۇ‌يرىغان.‏ بۇ كېمە ئارقىلىق بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ۋە ھايۋانلار توپان سۈيىدىن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لاتتى (‏يارىتىلىش 5:‏32؛‏ 6:‏14)‏.‏ كېمىنى ياساش نۇ‌ھقا بە‌ك قىيىن ۋە‌زىپە بولۇ‌پ كۆرۈنگە‌ندۇ.‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۇ‌نى بۇ‌رۇ‌نقىدىنمۇ كۆپرە‌ك زاڭلىق قىلىپ،‏ ھاياتىنى قىيىنلاشتۇ‌رىدىغانلىقىنىمۇ ناھايىتى ئېنىق بىلگە‌ن.‏ لېكىن،‏ نۇ‌ھ ئىشە‌نچ كۆرسە‌تتى ۋە يە‌ھۋاغا بويسۇ‌ندى.‏ «نۇ‌ھ ھە‌ممىنى خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا بۇ‌يرىغاندە‌ك قىلدى.‏ ئۇ نە‌ق شۇ‌نداق قىلدى» (‏يارىتىلىش 6:‏22)‏.‏

8.‏ نۇ‌ھ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئائىلىسىدىن خە‌ۋە‌ر ئالىدىغانلىقىغا قانداق ئىشە‌نچ كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

8 نۇ‌ھ يە‌نە باشقا قىيىنچىلىقلارغىمۇ دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭغا ئايالى بىلە‌ن بالا-‏چاقىسىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ توپان سۈيىدىن بۇ‌رۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر ئاشلىقلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تە‌ر تۆكۈپ ئە‌مگە‌ك قىلغانىدى.‏ نۇ‌ھمۇ شۇ‌نداق قىلغان (‏يارىتىلىش 5:‏28،‏ 29)‏.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ ئۇ‌نىڭ ئۇ‌چۈن ئۆز ئائىلىسىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىش ئە‌ڭ باش قاتتۇ‌رۇ‌پ غە‌م قىلىدىغان ئىش بولمىغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ خىزمە‌ت قىلىش ھە‌رقاچان ھاياتىدىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىش بولغان.‏ كېمىنى ياساش ئىشى 40—‏50 يىلدە‌ك داۋاملاشسىمۇ،‏ نۇ‌ھنىڭ دىققىتى يە‌ھۋادا بولغان.‏ توپان سۈيىدىن كېيىن،‏ يە‌نە 350 يىل داۋامىدا ئۇ ھە‌ق يولدا تايماي ماڭغان (‏يارىتىلىش 9:‏28)‏.‏ نۇ‌ھ —‏ ئېتىقاد ۋە ئىتائە‌تچانلىقنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسى!‏

9،‏ 10.‏ ئا)‏ نۇ‌ھنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىتائە‌تچانلىقىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏ ئە)‏ خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نۇ‌شقا بە‌ل باغلىسىڭىز،‏ نېمىگە ئىشىنە‌لە‌يسىز؟‏

9 نۇ‌ھنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىتائە‌تچانلىقىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏ بۇ‌نى بىز يە‌ھۋانىڭ ھە‌ققانىي ئۆلچە‌م-‏قائىدىلىرىنى قوغداش،‏ شە‌يتاننىڭ دۇ‌نياسىغا تە‌ۋە بولماي ۋە يە‌ھۋانى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ش ئارقىلىق ئېرىشە‌لە‌يمىز (‏مە‌تتا 6:‏33‏؛‏ يوھاننا 15:‏19)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بۇ دۇ‌نيا بىزنى ئۆچ كۆرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌ت ۋە نىكاھ ھە‌ققىدىكى خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نۇ‌شقا بە‌ل باغلىغانلىقتىن،‏ ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بىز ھە‌ققىدە يامان گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى ئېيتىدۇ ‏(‏مالاكى 3:‏17،‏ 18نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ نۇ‌ھقا ئوخشاش،‏ بىزمۇ ئىنسانلاردىن قورقمايمىز.‏ بىز يە‌ھۋادىن ئە‌يمىنىمىز،‏ يە‌نى ئۇ‌نى چوڭقۇ‌ر ھۆرمە‌تلە‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى رە‌نجىتىشنى خالىمايمىز.‏ بىز پە‌قە‌ت يە‌ھۋا خۇ‌دا مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىقنى بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى بىلىمىز (‏لۇ‌قا 12:‏4،‏ 5)‏.‏

10 ئۆزىڭىزدىن:‏ «باشقىلار مېنى زاڭلىق قىلسا ياكى تە‌نقىت قىلسا،‏ خۇ‌دانىڭ كۆز ئالدىدا توغرا بولغان نە‌رسىلە‌رنى داۋاملىق قىلىمە‌نمۇ؟‏ جان بېقىش قىيىن بولغاندىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئائىلە‌مدىن خە‌ۋە‌ر ئالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمە‌نمۇ؟‏»،‏ دە‌پ سوراڭ.‏ ئە‌گە‌ر سىز نۇ‌ھقا ئوخشاش يە‌ھۋاغا تايىنىپ،‏ ئىتائە‌تچان بولسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭ غېمىڭىزنى يە‌يدىغانلىقىغا تولۇ‌ق ئىشىنە‌لە‌يسىز (‏فىلىپپىلىقلارغا 4:‏6،‏ 7)‏.‏

رە‌زىل شە‌ھە‌ردە ياشىسىمۇ،‏ دانىيال ئېتىقادنى ۋە ئىتائە‌تچانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن

11.‏ دانىيال ۋە ئۇ‌نىڭ ئۈچ دوستى قانداق سىناقلارغا ئۇ‌چرىغان؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

11 دانىيال قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏ دانىيال ياش ۋاقىتدا ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلىپ،‏ بابىلدا ياشاشقا مە‌جبۇ‌رلانغان.‏ بۇ شە‌ھە‌ر ئۆيىدىن يىراق بولۇ‌پ،‏ بۇ‌تپە‌رە‌سلىك ۋە جىنكە‌شلىككە تولغان.‏ شۇ يە‌ردىكى ئادە‌ملە‌ر يە‌ھۇ‌دىيلارنى ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئۆرپ-‏ئادە‌تلىرىنى ئۆچ كۆرگە‌ن.‏ بابىلونلىقلار ئۇ‌لارنى ۋە ئۇ‌لارنىڭ خۇ‌داسى،‏ يە‌ھۋانى،‏ مە‌سخىرە قىلغان (‏زە‌بۇ‌ر 137:‏1،‏ 3)‏.‏ بۇ يە‌ھۋانى سۆيىدىغان دانىيال ۋە باشقا يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ كۆڭلىنى ھە‌م ئاغرىتقانلىقى شە‌ك-‏شۈبھىسىز!‏ شۇ‌نداقلا،‏ دانىيال ۋە ئۇ‌نىڭ ئۈچ دوستى ھانانىيا،‏ مىشائېل ۋە ئازارىيا بابىل پادىشاھىغا خىزمە‌ت قىلىشقا ئۆگىتىلگە‌نلىكى سە‌ۋە‌بلىك،‏ ھە‌ممىسى ئۇ‌لارنى دىققە‌ت بىلە‌ن كۈزە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌لارغا پادىشاھنىڭ داستىخىنىدىكى تائاملار،‏ جۈملىدىن يە‌ھۋانىڭ خە‌لقىنىڭ يېيىشى مە‌نئىي قىلىنغان تائاملار بېرىلگە‌ن.‏ بىراق،‏ دانىيال «ئۆزىنى خۇ‌دا ئالدىدا ناپاك قىلماسلىق ئۈچۈن پادىشاھ بە‌لگىلىگە‌ن تاماقلارنى» يېمىگە‌ن (‏دانىيال 1:‏5—‏8،‏ 14—‏17)‏.‏

12.‏ ئا)‏ دانىيال قانداق ئادە‌م بولغان؟‏ ئە)‏ يە‌ھۋا دانىيالغا قانداق قارىغان؟‏

12 دانىيال بېشىدا بە‌كمۇ قىيىن ئە‌مە‌س كۆرۈنىدىغان يە‌نە بىر سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ بە‌ك قابىلىيە‌تلىك بولغان،‏ شۇ‌ڭا پادىشاھ ئۇ‌نىڭغا ئالاھىدە ۋە‌زىپىلە‌رنى تاپشۇ‌رغان (‏دانىيال 1:‏19،‏ 20)‏.‏ لېكىن،‏ دانىيال مە‌غرۇ‌رلانمىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئۆي-‏پىكىرىنى ھە‌رقاچان توغرا دە‌پ قارىمىغان.‏ ئۇ كە‌متە‌ر ۋە كىچىك پېئىل بولغانىدى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ھە‌ممە ئۇ‌تۇ‌قلىرى ئۈچۈن دائىم يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرگە‌ن (‏دانىيال 2:‏30)‏.‏ مۇ‌شۇ ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ:‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا،‏ نۇ‌ھ ۋە ئايۇ‌پقا ئوخشاش ئۈلگە ئېلىشقا لايىق خىزمە‌تچىلىرى قاتارىدا دانىيالنىمۇ تىلغا ئالغان.‏ شۇ چاغدا،‏ نۇ‌ھ بىلە‌ن ئايۇ‌پ يە‌ھۋاغا ئۆمۈرۋايە‌ت سادىق بولۇ‌پ،‏ ئاللىقاچان ئۆلۈپ كە‌تكە‌نىدى.‏ دانىيال بولسا،‏ تېخى ياش يىگىت بولغان.‏ ھە‌ئە،‏ يە‌ھۋا ھە‌قىقە‌تە‌ن دانىيالغا كامىل ئىشە‌نگە‌ن!‏ دانىيال ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېتىقادىنى ساقلاپ،‏ خۇ‌داغا ئىتائە‌تچان بولۇ‌ش ئارقىلىق يە‌ھۋانىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىغانىدى.‏ دانىيال تە‌خمىنە‌ن 100 ياشقا كىرگە‌ندە،‏ خۇ‌دانىڭ پە‌رىشتىسى:‏ «ئە‌ي،‏ دانىيال،‏ سە‌ن خۇ‌دانىڭ ئىنتايىن سۆيۈملۈك ئادىمى!‏»—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏دانىيال 10:‏11)‏.‏

13.‏ يە‌ھۋانىڭ دانىيالغا يۇ‌قىرى مە‌نسە‌پكە ئېرىشىشىگە ياردە‌م بېرىشىنىڭ بىر سە‌ۋە‌بى قانداق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

13 يە‌ھۋا ئۇ‌نى قوللىغانلىقتىن،‏ دانىيال ئاۋۋال بابىل،‏ كېيىن بولسا مىدىيا بىلە‌ن پارس ئىمپېرىيىسىدە چوڭ ئە‌مە‌لدار بولغان (‏دانىيال 1:‏21؛‏ 6:‏1،‏ 2)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە ياردە‌م قىلىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭ مۇ‌نداق يۇ‌قىرى مە‌نسە‌پكە ئېرىشىشىگە كاپالە‌تلىك قىلغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن،‏ خۇ‌ددى مىسىردا يۈسۈپنىڭ ۋە پارس دۆلىتىدە ئە‌ستە‌ر بىلە‌ن موردىكاي قىلغانلىرىغا ئوخشاشc (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏ (‏دانىيال 2:‏48)‏.‏ ھە‌زقىيال بىلە‌ن تۇ‌تقۇ‌ندىكى باشقا يە‌ھۇ‌دىيلار يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارغا دانىيال ئارقىلىق ياردە‌م بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۆزلىرىنى قانداق ھېس قىلغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ بۇ چوقۇ‌م ئۇ‌لارغا تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن!‏

ياش گۇ‌ۋاھچى تاماقنىڭ ئالدىدا دۇ‌ئا قىلىۋاتقاندا باشقىلىرى زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ

يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا سادىق بولۇ‌پ قالغانلارنى قە‌دىرلە‌يدۇ (‏14،‏ 15-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

14،‏ 15.‏ ئا)‏ بىزنىڭ ۋە‌زىيىتىمىز دانىيالنىڭ ۋە‌زىيىتىگە قانداق ئوخشايدۇ؟‏ ئە)‏ بۈگۈنكى كۈندە ئاتا-‏ئانىلار دانىيالنىڭ ئاتا-‏ئانىسىدىن قانداق ساۋاق ئالالايدۇ؟‏

14 دانىيالنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىتائە‌تچانلىقىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏ بۈگۈنكى دۇ‌نيا ئە‌خلاقسىزلىق ۋە ساختا ئىبادە‌تكە تولۇ‌پ كە‌تتى.‏ ئادە‌ملە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا «جىنلارنىڭ ماكانى»،‏ دە‌پ ئاتالغان كاتتا بابىلنىڭ،‏ يە‌نى دۇ‌نياۋىي يالغان دىنلار ئىمپېرىيىسىنىڭ تە‌سىرى ئاستىدا (‏ۋە‌ھىي 18:‏2)‏.‏ ئە‌مما،‏ بىز بۇ دۇ‌نيادا چە‌ت ئە‌للىكلە‌ردە‌ك.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئادە‌ملە‌ر بىزنى ئۇ‌لاردىن قاتتىق پە‌رقلىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرىدۇ،‏ ھە‌تتا بە‌زىدە بىزنى زاڭلىق قىلىدۇ (‏ماركۇ‌س 13:‏13)‏.‏ دانىيالغا ئوخشاش،‏ خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋاغا يېقىنلىشايلى.‏ بىز كە‌متە‌ر بولساق،‏ يە‌ھۋاغا تايانساق ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىتائە‌ت قىلساق،‏ بىزمۇ ئۇ‌نىڭ كۆز ئالدىدا قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك ھېسابلىنىمىز (‏ھاگاي 2:‏7)‏.‏

15 زامانىۋىي ئاتا-‏ئانىلار دانىيالنىڭ ئاتا-‏ئانىسىدىن مۇ‌ھىم ساۋاق ئالالايدۇ.‏ دانىيال تېخى كىچىك ۋاقتىدا،‏ يە‌ھۇ‌دىدىكى ئادە‌ملە‌رنىڭ تە‌ڭدىن تولىسى بە‌ك رە‌زىل بولغان.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ ئۇ يە‌ھۋانى سۆيىدىغان ئادە‌م بولۇ‌پ ئۆستى.‏ بۇ ئۆز-‏ئۆزىدىن شۇ‌نداق بولغانمۇ؟‏ ياق.‏ ئاتا-‏ئانىسى ئۇ‌نىڭغا يە‌ھۋا ھە‌ققىدە تە‌لىم بە‌رگە‌ن ئوخشايدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏6)‏.‏ ھە‌تتا،‏ دانىيالنىڭ «مېنىڭ سوت قىلغۇ‌چۇ‌م خۇ‌دادۇ‌ر»،‏ دېگە‌ن مە‌نىدە قويۇ‌لغان ئىسمىدىن ئاتا-‏ئانىسىنىڭ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرگە‌نلىكى كۆرۈنۇ‌پ تۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئاتا-‏ئانىلار،‏ بالىلىرىڭلارغا يە‌ھۋا توغرىسىدا تە‌لىم بە‌رگە‌ندە،‏ سە‌ۋرچان بولۇ‌پ،‏ ۋاز كە‌چمە‌ڭلار (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 6:‏4)‏.‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن بىرگە ئۇ‌لار ئۈچۈن ھە‌م دۇ‌ئا قىلىڭلار.‏ بالىلارنىڭ يە‌ھۋانىڭ كۆز ئالدىدا توغرا بولغان نە‌رسىلە‌رنى ياخشى كۆرۈشى ئۈچۈن بار كۈچىڭىزنى چىقىرىڭ.‏ شۇ چاغدا يە‌ھۋا سىزنى مول بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏5)‏.‏

ئايۇ‌پ باي ۋە گاداي بولغاندىمۇ ئېتىقاد ۋە ئىتائە‌تچانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن

16،‏ 17.‏ ئايۇ‌پ ھاياتىدا ھە‌رخىل ۋە‌زىيە‌تتە قانداق سىناقلارنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن؟‏

16 ئايۇ‌پ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏ ئايۇ‌پنىڭ ھاياتىدا چوڭ ئۆزگىرىشلە‌ر يۈز بە‌رگە‌ن.‏ ئاۋۋال،‏ ئۇ «شە‌رىقنىڭ ھە‌ممە ئادە‌ملىرىدىن داڭقلىق ئىدى» (‏ئايۇ‌پ 1:‏3)‏.‏ ئۇ ناھايىتى باي بولغانلىقتىن،‏ بە‌ك مە‌شھۇ‌ر ۋە ھۆرمە‌تكە سازاۋە‌ر بولغان (‏ئايۇ‌پ 29:‏7—‏16)‏.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ ئۇ ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن ھېسابلىمىغان ياكى خۇ‌داسىزمۇ ياشالايمە‌ن دە‌پ ئويلىمىغان.‏ بۇ‌نى نە‌دىن بىلىمىز؟‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى «قۇ‌لۇ‌م» دە‌پ ئاتىغان ھە‌م ئايۇ‌پ ھە‌ققىدە:‏ «خۇ‌دادىن قورقىدىغان ھە‌م يامانلىقتىن يىراق تۇ‌رىدىغان،‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل،‏ توغرا ئادە‌م»،‏—‏ دېگە‌ن (‏ئايۇ‌پ 1:‏8)‏.‏

17 ئە‌مما،‏ تۇ‌يۇ‌قسىز ئايۇ‌پنىڭ ھاياتى پۈتۈنلە‌ي ئۆزگە‌رگە‌نىدى.‏ ئۇ قول ئىلىكىدىكى ھە‌ممە نە‌رسىسىدىن ئايرىلغان.‏ ئۇ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت ئىچىدە،‏ ھە‌تتا ئۆلۈشنى خالىغانىدى.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ بىز ئايۇ‌پنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا شە‌يتان سە‌ۋە‌بچى بولغانلىقىنى بىلىمىز.‏ ئۇ‌نىڭ ئېيتىشىچە،‏ ئايۇ‌پ پە‌قە‌ت ئۆز مە‌نپە‌ئە‌تىنى ئويلىغانلىقتىنلا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلغان ‏(‏ئايۇ‌پ 1:‏9،‏ 10نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا شە‌يتاننىڭ شۇ‌نداق ئە‌يىبلىشىگە يول قويغان،‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ‌نىڭ ئە‌يىبلىشىنىڭ يالغان ئىكە‌نلىكىنى ئايۇ‌پنىڭ ساداقە‌تمە‌نلىكى ئارقىلىق ئىسپاتلىماقچى بولغان.‏ يە‌نى ئايۇ‌پ ئۆز مە‌نپە‌ئە‌تىنى دە‌پ ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى خۇ‌دانى ياخشى كۆرگە‌نلىكى سە‌ۋە‌بلىك ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشكە پۇ‌رسە‌ت بە‌رگە‌نىدى.‏

18.‏ ئا)‏ ئايۇ‌پنىڭ ساداقە‌تمە‌نلىكى سىزگە قانداق تە‌سىر قىلدى؟‏ ئە)‏ يە‌ھۋانىڭ ئايۇ‌پقا بولغان كۆزقارىشىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

18 شە‌يتان ئايۇ‌پقا قايتا-‏قايتا دە‌ھشە‌تلىك ھۇ‌جۇ‌م قىلىپ،‏ بۇ سىناقلار خۇ‌دادىن كېلىۋاتىدۇ،‏ دە‌پ ئويلىشىغا سە‌ۋە‌پ بولغان (‏ئايۇ‌پ 1:‏13—‏21)‏.‏ ئاندىن ئايۇ‌پنىڭ ئۈچ يالغان دوستى ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان زە‌ھە‌ردە‌ك سۆزلە‌رنى ئېيتقان.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دا ئۇ‌نى يامانلىقى ئۈچۈن جازالاۋاتىدۇ،‏ دېگە‌نىدى (‏ئايۇ‌پ 2:‏11؛‏ 22:‏1،‏ 5—‏10)‏.‏ ئايۇ‌پ بۇ‌لارغا پە‌رۋا قىلماي،‏ يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌پ قالغان.‏ راست،‏ بە‌زىدە ئۇ ئويلىماي سۆزلىگە‌نىدى (‏ئايۇ‌پ 6:‏1—‏3)‏.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ ئازاپ-‏ئوقۇ‌بە‌ت ئىچىدە،‏ دە‌رت-‏ئە‌لە‌م تارتىۋاتقانلىقى سە‌ۋە‌بلىك شۇ‌نداق گە‌پلە‌رنى قىلغانلىقىنى ياخشى چۈشە‌نگە‌ن.‏ شە‌يتان ئايۇ‌پقا توختىماي قايتا-‏قايتا ھۇ‌جۇ‌م قىلىپ،‏ ئۇ‌نى خورلىغان بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئايۇ‌پنىڭ ئۆزىدىن يۈز ئۆرمىگە‌نلىكىنى كۆرگە‌ن.‏ بۇ ئېغىر سىناقتىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا ئايۇ‌پنى بۇ‌رۇ‌نقىدىن ئىككى ھە‌سسە ئارتۇ‌ق بە‌رىكە‌تكە ئىگە قىلغان ۋە يە‌نە ئۆمرىنى 140 يىل ئۇ‌زارتقانىدى (‏ياقۇ‌پ 5:‏11)‏.‏ شۇ چاغدىمۇ،‏ ئۇ خۇ‌داغا پۈتۈن قە‌لبى بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلغان.‏ بىز بۇ‌نى نە‌دىن بىلىمىز؟‏ بۇ ماقالىدىكى ئاساسىي تىما قىلىنغان ئايە‌ت،‏ ھە‌زقىيال 14:‏14،‏ ئايۇ‌پ ئۆلۈپ،‏ نە‌چچە يۈز يىللار كېيىن يېزىلغان.‏

19،‏ 20.‏ ئا)‏ ئايۇ‌پنىڭ ئېتىقادى بىلە‌ن ئىتائە‌تچانلىقىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏ ئە)‏ باشقىلارغا قانداق قىلىپ يە‌ھۋاغا ئوخشاش ھە‌مدە‌رتلىك قىلالايمىز؟‏

19 ئايۇ‌پنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىتائە‌تچانلىقىنى ئۈلگە قىلالايمىز؟‏ ۋە‌زىيىتىمىز قانداق بولمىسۇ‌ن،‏ ھاياتىمىزدىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم شە‌خس ھە‌رقاچان يە‌ھۋا بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ بىز ئۇ‌نىڭغا پۈتۈنلە‌ي ئىشىنىشىمىز ۋە پۈتۈن قە‌لب بىلە‌ن بويسۇ‌نۇ‌شىمىز لازىم.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئايۇ‌پقا قارىغاندا،‏ بىزنىڭ شۇ‌نداق قىلىشىمىزغا تېخىمۇ كۆپرە‌ك سە‌ۋە‌پ بار.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ بىزگە كۆپ نە‌رسە مە‌لۇ‌م.‏ بىز شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ ھىيلە-‏مىكىرلىرىنى ياخشى بىلىمىز (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 2:‏11)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن،‏ بولۇ‌پمۇ ئايۇ‌پ كىتابىدىن،‏ خۇ‌دانىڭ نېمە ئۈچۈن ئازاپ-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە يول قويىدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز.‏ دانىيالنىڭ بېشارىتىدىن بىز خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ ئە‌يسا مە‌سىھ باشقۇ‌رىدىغان ھە‌قىقىي ھۆكۈمە‌ت ئىكە‌نلىكىنى بىلىمىز (‏دانىيال 7:‏13،‏ 14)‏.‏ شۇ‌نداقلا بۇ پادىشاھلىقنىڭ پات-‏ئارىدا پۈتكۈل يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ،‏ قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىدىغانلىقىمۇ بىزگە مە‌لۇ‌م.‏

20 ئايۇ‌پنىڭ ۋە‌قە‌سىدىن ئازاپ چە‌ككە‌ن قېرىنداشلىرىمىزغا ھە‌مدە‌رت بولۇ‌شنى ئۆگىنىمىز.‏ ئايۇ‌پقا ئوخشاش،‏ ئۇ‌لارمۇ بە‌زىدە ئويلىماي سۆزلىشى مۇ‌مكىن (‏ۋە‌ز 7:‏7)‏.‏ بىراق،‏ بىز ئۇ‌لار ھە‌ققىدە يامان ئوي-‏خىيالدا بولماسلىقىمىز ياكى ئۇ‌لارنى ئە‌يىبلىمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌لارنى چۈشىنىشكە تىرىشىشىمىز لازىم.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ مېھرىبانلىقى ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى مول ئاتىمىز يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئالىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏8)‏.‏

يە‌ھۋا سىزنى «مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ»‏

21.‏ پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 5:‏10-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر قانداقلارچە نۇ‌ھ،‏ دانىيال ۋە ئايۇ‌پنىڭ باشتىن كە‌چۈرگە‌نلىرىنى يادىمىزغا سالىدۇ؟‏

21 گە‌رچە نۇ‌ھ،‏ دانىيال ۋە ئايۇ‌پ ئوخشىمىغان زامان ۋە ماكان ھە‌م ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ياشىغان بولسىمۇ،‏ ئۈچىلىسى قىيىنچىلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ سە‌ۋىر-‏تاقە‌تلىك بولغانىدى.‏ ئۇ‌لارنىڭ باشتىن كە‌چۈرگە‌نلىرى،‏ ئە‌لچى پېترۇ‌سنىڭ مۇ‌نداق سۆزلىرىنى يادىمىزغا سالىدۇ:‏ «پۈتكۈل مول مېھىرلىكنىڭ خۇ‌داسى.‏.‏.‏ قىسقا ۋاقىت ئازاپ چە‌ككىنىڭلاردىن كېيىن،‏ ئۆزى سىلە‌رنىڭ ئۆگىنىشىڭلارنى ئاخىرىغىچە يە‌تكۈزۈپ،‏ مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌پ،‏ سىلە‌رنى كۈچلۈك قىلىدۇ» (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 5:‏10)‏.‏

22.‏ كېلە‌ركى ماقالىدە نېمە ھە‌ققىدە ئۆگىنىمىز؟‏

22 پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 5:‏10-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر ئارقىلىق،‏ يە‌ھۋا خىزمە‌تچىلىرىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌م ۋە كۈچلۈك قىلىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىدۇ.‏ ھە‌ممىمىز يە‌ھۋانىڭ بىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىشىنى ۋە ئاخىرغىچە مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌پ،‏ سادىق بولۇ‌پ قېلىشنى خالايمىز.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ نۇ‌ھ،‏ دانىيال ۋە ئايۇ‌پنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىتائە‌تچانلىقىنى ئۈلگە قىلىشنى خالايمىز.‏ كېلە‌ركى ماقالىدە بۇ كىشىلە‌رنىڭ سادىقلىقىنى ساقلىيالىغانلىقىنىڭ سە‌ۋە‌بى يە‌ھۋانى ياخشى تونۇ‌غانلىقى ئىكە‌نلىكىنى ئۆگىنىمىز.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىشى كېرە‌ك بولغان «ھە‌ممە ئىشنى چۈشە‌نگە‌ن» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 28:‏5)‏.‏ بۇ بىزنىڭمۇ قولۇ‌مىزدىن كېلىدۇ!‏

a ھە‌زقىيال مىلادىدىن بۇ‌رۇ‌نقى 617-‏يىلى بابىلغا ئە‌سىرلىككە ئېلىپ كېتىلگە‌نىدى.‏ ئۇ ھە‌زقىيال 8:‏1—‏19:‏14تىكى سۆزلە‌رنى ئە‌سىرگە ئېلىنىپ كېتىشتىن كېيىنكى «ئالتىنچى يىلى»،‏ يە‌نى مىلادىدىن بۇ‌رۇ‌نقى 612-‏يىلى يازغان.‏

b نۇ‌ھنىڭ دادىسى لامە‌ھ خۇ‌داغا ئىشە‌نگە‌ن،‏ بىراق توپان سۈيىدىن تە‌خمىنە‌ن بە‌ش يىل بۇ‌رۇ‌ن ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر نۇ‌ھنىڭ ئاپىسى بىلە‌ن قېرىنداشلىرى توپان سۈيى باشلانغاندا تىرىك بولغان بولسا،‏ ئۇ‌لار ئامان قالمىغانىدى.‏

c يە‌ھۋا خۇ‌دا خە‌لقىگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ ھانانىيا،‏ مىشائېل ۋە ئازارىيانىڭمۇ يۇ‌قىرى مە‌نسە‌پكە ئېرىشىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏دانىيال 2:‏49)‏.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش