كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 ئاۋغۇ‌ست 27-‏29 ب.‏
  • سە‌ۋر-‏تاقە‌ت ئۈمىد ئۈزمە‌سلىككە ياردە‌م بېرىدۇ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • سە‌ۋر-‏تاقە‌ت ئۈمىد ئۈزمە‌سلىككە ياردە‌م بېرىدۇ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • سە‌ۋر-‏تاقە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏
  • سە‌ۋر-‏تاقە‌تنى قانداق يېتىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏
  • سە‌ۋر-‏تاقە‌تنى تە‌لە‌پ قىلىدىغان ۋە‌زىيە‌تلە‌ر
  • يە‌ھۋانىڭ سە‌ۋر-‏تاقىتىنى ئۈلگە قىلىڭ
  • داۋاملىق سە‌ۋر-‏تاقە‌ت قىلىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • سىز سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن كۈتۈشكە تە‌ييارمۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • ‏«قولۇ‌ڭ تىنىم تاپمىسۇ‌ن»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 ئاۋغۇ‌ست 27-‏29 ب.‏

سە‌ۋر-‏تاقە‌ت ئۈمىد ئۈزمە‌سلىككە ياردە‌م بېرىدۇ

  • مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت

  • خۇ‌شاللىق

  • تىنچلىق

  • سە‌ۋر-‏تاقە‌ت

  • مېھرىبانلىق

  • ھىممە‌تلىك

  • ئېتىقاد

  • مۇ‌لايىملىق

  • ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ش

مۇ‌شۇ «ئاخىرقى كۈنلە‌ردە»،‏ تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا بە‌ك كۆپ قىيىنچىلىقلار پە‌يدا بولۇ‌ۋاتقاچقا،‏ بىزگە ھازىر ئىلگىرىكىدىنمۇ بە‌كرە‌ك سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌ش زۆرۈر (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏1—‏5)‏.‏ ئە‌تراپىمىزدىكى كۆپ ئادە‌ملە‌رنىڭ سە‌ۋر-‏تاقىتى يوق.‏ ئۇ‌لار شە‌خسىيە‌تچى،‏ تالاش-‏تارتىشقا ئامراق،‏ ئۆزىنى تۇ‌تالمايدىغان كىشىلە‌ر.‏ بىز ئۆزۈمىزدىن مۇ‌نداق سورىشىمىز لازىم:‏ «مە‌ن ئە‌تراپىمدىكىلە‌رگە ئوخشاش سە‌ۋر-‏تاقە‌تسىز بولۇ‌پ كېتىۋاتىمە‌نمۇ؟‏ ھە‌قىقىي سە‌ۋرچانلىق نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ سە‌ۋرچان كىشى بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايمە‌ن؟‏»‏

سە‌ۋر-‏تاقە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغا ئېلىنغان «سە‌ۋر-‏تاقە‌ت» نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ بۇ خىسلە‌ت پە‌قە‌ت ئامالسىزلىق ئىچىدە بە‌رداشلىق بېرىشنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ سە‌ۋرچان كىشى ۋە‌زىيە‌تنىڭ ياخشى تە‌رە‌پكە ئۆزگىرىشىگە ئۈمىد باغلاپ،‏ بە‌رداشلىق بېرىدۇ.‏ شۇ‌نداق ئادە‌م پە‌قە‌ت ئۆزىنىلا ئويلىماي،‏ باشقىلارنىڭ،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نى تېرىكتۈرىدىغان ياكى ناچار مۇ‌ئامىلە قىلىدىغان ئادە‌ملە‌رنىڭمۇ،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى ھە‌ققىدە ئويلايدۇ.‏ سە‌ۋرچان كىشى شۇ ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتى ياخشىلىنىدۇ دە‌پ ئۈمىد قىلىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە تولغان كىشى سە‌ۋرچانلىق كۆرسىتىدۇ دە‌يدۇa (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏،‏ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 13:‏4)‏.‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسىدۇ‌ر (‏گالاتىلىقلارغا 5:‏22،‏ 23)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌قىقىي سە‌ۋرچانلىقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

سە‌ۋر-‏تاقە‌تنى قانداق يېتىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏

سە‌ۋرچان بولۇ‌شىمىز ئۈچۈن يە‌ھۋادىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھ سوراپ،‏ دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى ئۇ‌نىڭغا تايىنىدىغان ئادە‌ملە‌رگە بېرىدۇ (‏لۇ‌قا 11:‏13)‏.‏ بۇ روھنىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى بە‌ك زور،‏ بىراق بىز دۇ‌ئالىرىمىزغا مۇ‌ۋاپىق ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏زە‌بۇ‌ر 86:‏10،‏ 11)‏.‏ بۇ بىز ھە‌ر كۈنى بارچە كۈچىمىز بىلە‌ن سە‌ۋر-‏تاقە‌ت كۆرسىتىشىمىز ۋە ئۇ‌نى ئۆز مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىمىزغا ئايلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۆزىمىزگە سىڭدۈرۈشىمىز لازىم دېگە‌نلىكتۇ‌ر.‏ بىراق،‏ بە‌زىدە بۇ ئاسان ئە‌مە‌س.‏ ئۇ‌نداقتا بىزگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

ئە‌يسانىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگىسى ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك ئۆگىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىنى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س سە‌ۋر-‏تاقە‌تنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان يېڭى شە‌خس ھە‌ققىدە ئېيتقاندا،‏ بىزنى:‏ «ئە‌يسا مە‌سىھ ئاتا قىلغان تىنچ-‏ئامانلىق قە‌لبىڭلارنى باشقۇ‌رسۇ‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئۈندىگە‌ن (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏10،‏ 12،‏ 15،‏ ئۇ‌م‌ك‌ج)‏.‏ تىنچ-‏ئامانلىقنىڭ قە‌لبىمىزنى باشقۇ‌رۇ‌شى ئۈچۈن،‏ بىز ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ،‏ ۋاقىت-‏سائىتى كە‌لگە‌ندە خۇ‌دانىڭ چوقۇ‌م بارلىق قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ھە‌ل قىلىدىغانلىقىغا چىن قە‌لبىمىزدىن ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر بىز خۇ‌داغا ئىشە‌نچ باغلىساق،‏ مە‌يلى قانداق ۋە‌زىيە‌تتە بولسۇ‌ن،‏ سە‌ۋرچانلىق كۆرسىتە‌لە‌يمىز (‏يوھان 14:‏27؛‏ 16:‏33)‏.‏

ھە‌ممىمىز تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن يېڭى دۇ‌نيانى كۈتىمىز،‏ يە‌ھۋامۇ ئۇ‌نىڭ تېزراق كېلىشىنى خالايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ بىزگە قانچىلىك سە‌ۋر-‏تاقە‌ت كۆرسە‌تكە‌نلىكى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلساق،‏ بىزمۇ سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌شنى ئۆگىنىمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «بە‌زى كىشىلە‌رگە كېچىكتۈرۈلۈۋاتقاندە‌ك تۇ‌يۇ‌لسىمۇ،‏ يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شنى كېچىكتۈرمە‌يدۇ،‏ لېكىن سىلە‌رگە سە‌ۋرلىك قىلماقتا،‏ چۈنكى ئۇ ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇ‌شىنى خالىمايدۇ،‏ ئە‌مما ھە‌ممىسىنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏پېترۇ‌سنىڭ 2-‏خېتى 3:‏9)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە كۆرسە‌تكە‌ن سە‌ۋر-‏تاقىتى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلغاندا،‏ بىز ھە‌م باشقىلارغا تېخىمۇ سە‌ۋرچان بولىمىز (‏رىملىقلارغا 2:‏4)‏.‏ قانداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە سە‌ۋرچان بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

سە‌ۋر-‏تاقە‌تنى تە‌لە‌پ قىلىدىغان ۋە‌زىيە‌تلە‌ر

ھە‌ر كۈنى سە‌ۋرچانلىقنى تە‌لە‌پ قىلىدىغان نۇ‌رغۇ‌ن ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە دۇ‌چ كېلىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىز بىرىگە مۇ‌ھىم بىر نە‌رسىنى ئېيتماقچى بولدىڭىز دە‌يلى،‏ بىراق سىز سە‌ۋرچان بولۇ‌پ،‏ باشقىلار سۆزىنى تۈگە‌تكىچە سۆزىنى بۆلمە‌ي ئاڭلىشىڭىز كېرە‌ك (‏ياقۇ‌پ 1:‏19)‏.‏ بىرى سىز ياقتۇ‌رمايدىغان ئىشنى قىلسا،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن سە‌ۋرچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم.‏ بىز باشقىلارنىڭ كە‌مچىلىكىنى كۆرگە‌ندە،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌تنى يوقۇ‌تۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسانىڭ بىزنىڭ كە‌مچىلىكلىرىمىزگە قانداق كۆزقاراشتا ئىكە‌نلىكىنى ئە‌ستە ساقلايلى.‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا ئۇ‌ششاق-‏چۈششە‌ك خاتالىقلىرىمىزغا ھە‌ددىدىن زىيادە دىققە‌ت بۆلمە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار ياخشى تە‌رە‌پلىرىمىزگە دىققە‌ت قىلىدۇ ۋە سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن پىشىپ يېتىلىشىمىزگە ۋاقىت بېرىدۇ (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 1:‏16؛‏ پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 3:‏12)‏.‏

باشقىلار يە‌نە بىزنىڭ ئېيتقان سۆزۈمىز ياكى قىلغان ئىشىمىزنىڭ خاتا ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىپ بە‌رسە،‏ سە‌ۋرچان بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ بە‌لكىم،‏ بىز دە‌رھال خاپا بولۇ‌پ،‏ ئۆزۈمىزنى ئاقلاشقا ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق مە‌سلىھە‌ت يېزىلغان:‏ «سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك روھ تە‌كە‌ببۇ‌ر روھتىن ئە‌ۋزە‌لدۇ‌ر.‏ روھۇ‌ڭدا خاپا بولۇ‌شقا ئالدىرىما،‏ چۈنكى خاپىلىق ئە‌خمە‌قلارنىڭ باغرىدا قونۇ‌پ ياتىدۇ» (‏ۋە‌ز 7:‏8،‏ 9)‏.‏ بىرى بىزنى ھېچ ئاساسسىز ئە‌يىبلىسە،‏ بىز سە‌ۋرچان بولۇ‌پ،‏ دە‌رھال جاۋاب بېرىشكە ئالدىرىماي،‏ ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌يسانى باشقىلار يالغاندىن ئە‌يىبلىگە‌ندە،‏ ئۇ دە‌ل شۇ‌نداق ھە‌رىكە‌ت قىلغان (‏مە‌تتا 11:‏19‏)‏.‏

ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىنىڭ كۆزقارىشىنى تۈزىتىشىگە ياكى يامان ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلە‌ردىن يىراق تۇ‌رۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ندە،‏ ئالاھىدە سە‌ۋرچان بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ ياۋرۇ‌پادىكى بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىدىغان ماتتىئاسنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئۇ ئۆسمۈرلۈك چېغىدا،‏ ساۋاقداشلىرى ئۇ‌نى ئېتىقادى ئۈچۈن زاڭلىق قىلغان.‏ دە‌سلە‌پتە ئاتا-‏ئانىسىنىڭ مە‌كتە‌پتە بولغان ئىشلاردىن خە‌ۋىرى بولمىغان.‏ لېكىن،‏ كېيىنرە‌ك ئۇ‌لار ماتتىئاسنىڭ ھە‌قىقە‌تكە گۇ‌مان قىلىشقا باشلىغانلىقىنى بايقىغان.‏ ماتتىئاسنىڭ دادىسى گىللىسنىڭ ئېيتىشىچە،‏ ئايالى ئىككىسى ئوغلىغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن بە‌كمۇ سە‌ۋرچان بولۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى.‏ ماتتىئاس ئۇ‌لاردىن:‏ «خۇ‌دا دېگە‌ن كىم؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دانىڭ سۆزى بولمىسىچۇ؟‏ خۇ‌دانىڭ بىزدىن ئۇ‌نى ياكى بۇ‌نى قىلىشىمىزنى تە‌لە‌پ قىلىدىغانلىقىنى قانداق بىلە‌لە‌يمىز؟‏»—‏ دە‌پ سورىغان.‏ ئۇ دادىسىغا يە‌نە مۇ‌نداق سوئال قويغان:‏ «ئە‌گە‌ر مېنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىم ۋە ئىشە‌نچىم سىلە‌رنىڭكى بىلە‌ن ئوخشاش بولمىسا،‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يىبلىنىشىم كېرە‌ك؟‏»‏

دادىسى ئۆسمۈرلۈك دە‌ۋرىدىكى ئوغلىنى سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن تىڭشاۋاتىدۇ

گىللىس مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بە‌زىدە ئوغلۇ‌م ئاچچىقلىنىپ سوئال قوياتتى،‏ لېكىن ماڭا ياكى ئايالىمغا ئە‌مە‌س،‏ ھە‌قىقە‌تكە ئاچچىقلانغان ئىدى.‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ‌نىڭ ئويىچە،‏ ھە‌قىقە‌ت ئۇ‌نىڭ ھاياتىنى قىيىنلاشتۇ‌رغان».‏ گىللىس بالىسىغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ ئوغلى بىلە‌ن ئولتۇ‌رۇ‌پ ھە‌ر قېتىم پاراڭلاشقاندا نە‌چچە سائە‌تلە‌پ ۋاقتىنى سە‌رپ قىلغان.‏ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا گىللىس تىنچ ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئوغلىنىڭ سۆزىنى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشاپ،‏ ئارىلاپ-‏ئارىلاپ سوئاللارنى قويۇ‌پ،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ۋە كۆزقارىشىنى ياخشىراق چۈشىنىشكە تىرىشقان.‏ بە‌زىدە گىللىس ئوغلىغا بىرنە‌رسىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ ئويلىنىشىغا ۋاقىت بېرىپ،‏ بىر-‏ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇ‌لار يە‌نە مۇ‌شۇ ھە‌ققىدە پاراڭلاشقان.‏ يە‌نە بە‌زى چاغلاردا ئوغلى سوئال قويغاندا،‏ گىللىسقىمۇ ئۇ‌نىڭ سۆزلىرى ھە‌ققىدە بىرنە‌چچە كۈن ئويلىنىشقا توغرا كە‌لگە‌ن.‏ مۇ‌شۇ‌نداق دائىم سۆھبە‌تلىشىشنىڭ ئارقىسىدا،‏ ماتتىئاس ئاستا-‏ئاستا ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى،‏ يە‌ھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قى ۋە ئۇ‌نىڭ ئىنسانلارغا كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ھە‌ققىدە ئۈگە‌نگە‌ن ھە‌قىقە‌تلە‌رنى چۈشىنىشكە ۋە قوبۇ‌ل قىلىشقا باشلىغانىدى.‏ گىللىس يە‌نە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ماتتىئاسنىڭ يۈرىكىدە يە‌ھۋاغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ يىلتىز تارتىشى ئۈچۈن بىراز ۋاقىت كە‌تتى.‏ ئايالىم ئىككىمىز ناھايىتى خۇ‌شال،‏ چۈنكى ئوغلىمىزغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن چىقارغان كۈچىمىزگە يارىشا مېۋىسىنى كۆردۇ‌ق.‏

گىللىس بىلە‌ن ئايالى ئوغلىغا سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن ياردە‌م بە‌رگە‌ندە،‏ پۈتۈنلە‌ي يە‌ھۋاغا تايانغان.‏ گىللىس:‏ «مە‌ن ماتتىئاسقا دائىم ئاپىسى ئىككىمىز ئۇ‌نى بە‌كمۇ سۆيگە‌چكە،‏ ھە‌ردائىم يە‌ھۋاغا ئۇ‌نىڭ ھە‌قىقە‌تنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بېرىشىنى تىلە‌پ قىزغىن دۇ‌ئا قىلىمىز دە‌پ ئېيتاتتىم»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ ماتتىئاسنىڭ ئاتا-‏ئانىسى سە‌ۋرچان بولۇ‌پ،‏ بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمە‌ي ئوغلىغا ياردە‌م بە‌رگىنىگە بە‌كمۇ خۇ‌شال!‏

ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت كېسە‌لگە گىرىپتار بولغان تۇ‌ققىنىمىز ياكى دوستىمىزنىڭ كۈتۈنۈشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ندىمۇ،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ياۋرۇ‌پادا ياشايدىغان ئېللىننىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلىb (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏

ئايالى ئاغرىق ھە‌مراھىغا سە‌ۋرچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ

تە‌خمىنە‌ن 8 يىل بۇ‌رۇ‌ن،‏ ھە‌مراھىنىڭ مېيە قان تومۇ‌رى ئىككى قېتىم يېرىلىپ (‏ئىنسۇ‌لت)‏،‏ مېيىسى قاتتىق زە‌خىملە‌نگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا ئۇ خۇ‌شاللىق،‏ قايغۇ ۋە ئىچ ئاغرىتىشنى ھېس قىلالمايدىغان بولۇ‌پ قالغان.‏ بۇ ئېللىن ئۈچۈن ئېغىر سىناق بولغانىدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌شۇ‌م ۋە كۆپ دۇ‌ئا قىلىشىم كېرە‌ك ئىدى.‏ ماڭا فىلىپپىلىقلارغا 4:‏13 تە‌سە‌للىي بېرىدۇ،‏ بۇ ئايە‌تنى بە‌كمۇ ياخشى كۆرىمە‌ن.‏ ئۇ يە‌ردە ماڭا كۈچ بە‌رگۈچىگە تايىنىپ،‏ ھە‌رقانداق ئىشنى قىلالايدىغانلىقىم ئېيتىلغان».‏ ئېللىن يە‌ھۋانىڭ كۈچى ۋە قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشى بىلە‌ن سە‌ۋرچان بولۇ‌پ،‏ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىۋاتىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 62:‏5،‏ 6)‏.‏

يە‌ھۋانىڭ سە‌ۋر-‏تاقىتىنى ئۈلگە قىلىڭ

يە‌ھۋا خۇ‌دا —‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌تنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگىسىدۇ‌ر (‏پېترۇ‌سنىڭ 2-‏خېتى 3:‏15)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن يە‌ھۋانىڭ بە‌كمۇ سە‌ۋرچان ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ (‏نە‌ھە‌مىيا 9:‏30؛‏ يە‌شايا 30:‏18)‏.‏ ئىبراھىم يە‌ھۋادىن سودومنى ۋە‌يران قىلىش قارارى ھە‌ققىدە قايتا-‏قايتا سورىغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغانلىقى ئېسىڭىزدىمۇ؟‏ يە‌ھۋا ئىبراھىمنىڭ سۆزىنى بۆلمىگە‌ن.‏ ئۇ ئىبراھىمنىڭ ھە‌ربىر سوئالى ۋە غە‌م-‏ئە‌ندىشىسىنى سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن تىڭشىغانىدى.‏ كېيىن،‏ يە‌ھۋا ئىبراھىمنىڭ غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىنى چۈشە‌نگە‌نلىكىنى كۆرسىتىپ،‏ سودومدا پە‌قە‌ت ئون ھە‌ققانىي كىشى تېپىلسا،‏ شە‌ھە‌رنى ۋە‌يران قىلماسلىققا ۋە‌دە قىلغان (‏يارىتىلىش 18:‏22—‏33)‏.‏ يە‌ھۋا ھە‌رگىزمۇ بىر ئىشلارغا ئارتۇ‌قچە چېچىلمايدۇ،‏ ئە‌كسىچە ھە‌ردائىم سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن تىڭشايدۇ!‏

سە‌ۋر-‏تاقە‌ت —‏ يېڭى شە‌خسنىڭ مۇ‌ھىم بىر قىسمى بولۇ‌پ،‏ ھە‌ممە ئېتىقادچىلار ئۇ‌نى ئۆزىگە سىڭدۈرۈشى كېرە‌ك.‏ بىز ھە‌قىقىي سە‌ۋر-‏تاقە‌تنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقارساق،‏ ئاسماندىكى كۆيۈمچان ۋە سە‌ۋرچان ئاتىمىز يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈمىز.‏ شۇ‌نداقلا بىز «ئۆز ئېتىقادى ۋە سە‌ۋرچانلىقى بىلە‌ن خۇ‌دانىڭ ۋە‌دىسىگە ئېرىشىدىغانلارنى ئۈلگە قىلىدىغانلاردىن» بولىمىز (‏ئىبرانىيلارغا 6:‏10—‏12)‏.‏

a ‏«مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى» ناملىق بىر قاتار ماقالىلە‌رنىڭ بىرىنچىسىدە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت مۇ‌ھاكىمە قىلىنغان.‏

b ئىسىم ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش