كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • بالايىئاپە‌تلە‌ر ئۈمىد بېرە‌ر
    كۈزىتىش مۇ‌نارى.‏ 2011 | ماي 1
    • بالايىئاپە‌تلە‌ر ئۈمىد بېرە‌ر

      ‏«ئاخىر زاماندا ئىنتايىن تە‌س ۋاقىتلار كېلىدۇ».‏—‏2-‏تىموتىي 3:‏1.‏

      سىز تۆۋە‌ندە تىلغا ئېلىنغان ئېچىنارلىق ۋە‌قە‌لە‌رنى ئاڭلىدىڭىز ياكى كۆردىڭىزمۇ؟‏

      ● نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئادە‌ملە‌ر ۋابا كېسىلىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ.‏

      ● ئاچارچىلىق سە‌ۋە‌بىدىن يۈزلىگە‌ن كىشىلە‌ر ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ.‏

      ● يە‌ر تە‌ۋرە‌شتە مىڭلىغان ئادە‌ملە‌ر جېنىدىن ئايرىلىپ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر ئۆي-‏ماكانسىز قېلىۋاتىدۇ.‏

      كېيىنكى ماقالىلە‌ردە،‏ سىز مۇ‌شۇ ۋە‌قە‌لە‌رگە ئوخشاش،‏ دۇ‌نيانىڭ ئە‌ھۋالى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان يە‌نە باشقا ۋە‌قە‌لە‌رنى كۆرۈپ چىقىسىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بۇ ۋە‌قە‌لە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا «ئاخىر زامان» دە‌پ ئاتالغان دە‌ۋردە يۈز بېرىدىغانلىقى بېشارە‌ت قىلىنغانلىقىنى كۆرىسىز.‏

      بە‌لكىم،‏ سىز بۇ‌نداق ۋە‌قە‌لە‌رنى ئۆز كۆزۈڭىز بىلە‌ن كۆرۈۋاتقانسىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىر قاتار ماقالىلە‌رنىڭ مە‌قسىتى سىزنى بالايئاپە‌تلە‌رگە تولغان دۇ‌نيادا ياشاۋاتقانلىقىمىزغا ئىشە‌ندۈرۈش ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۈمىد بېرىشتۇ‌ر.‏ بىز ئالتە بېشارە‌تنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتقانلىقى،‏ مۇ‌شۇ «ئاخىر زامان»نىڭ پات-‏يېقىندا ئاخىرلىشىدىغان كۈنى كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.‏ يە‌نە بىر قاتار ماقالىلە‌ردە،‏ «ئاخىر زامان»نىڭ ئالامە‌تلىرىگە قارشى كە‌ڭ تارقالغان كۆزقاراش مۇ‌ھاكىمە قىلىنىدۇ ۋە كە‌لگۈسىدە ئاجايىپ گۈزە‌ل تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىشنىڭ سە‌ۋە‌بلىرى كۆرسىتىلىدۇ.‏

  • 1.‏ يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر
    كۈزىتىش مۇ‌نارى.‏ 2011 | ماي 1
    • 1.‏ يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر

      ‏«شىددە‌تلىك يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر يۈز بېرىدۇ».‏—‏لۇ‌قا 21:‏11.‏

      ● ھايتىدا يۈز بە‌رگە‌ن يە‌ر تە‌ۋرە‌ش ھە‌ققىدە خە‌ۋە‌ر قىلىۋاتقان مۇ‌خبىر بىر كىچىك بالىنىڭ پە‌س ئاۋازدا يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى.‏ بۇ بىر يېرىم ياشلىق ۋىننې ئىسىملىك قىز ئىدى.‏ ئۇ‌نى خارابىلە‌ر ئاستىدىن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌پ چىقاردى.‏ گە‌رچە ئۇ ئامان قالغان بولسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ ئاتا-‏ئانىسى ھاياتىدىن ئايرىلدى.‏

      دە‌لىل-‏ئىسپاتلار نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟‏

      2010-‏يىل،‏ يانۋاردا ھايتىدا يۈز بە‌رگە‌ن 7 بال يە‌ر تە‌ۋرە‌شتە 300000 دىن كۆپرە‌ك كىشى ئۆلۈپ كە‌تتى.‏ كۆزنى يۇ‌مۇ‌پ ئاچقۇ‌چە تە‌خمىنە‌ن 1 مىليون 300 مىڭ ئادە‌م ئۆي-‏ماكانسىز قالدى.‏ بىراق،‏ پە‌قە‌تلا ھايتىدا بۇ‌نداق شىددە‌تلىك يە‌ر تە‌ۋرە‌ش يۈز بېرىپ قالماي،‏ 2009-‏يىل ئاپرېلدىن 2010-‏يىل ئاپرېلغىچە،‏ دۇ‌نيانىڭ ھە‌ر قايسى جايلىرىدا كە‌م دېگە‌ندە 18 شىددە‌تلىك يە‌ر تە‌ۋرە‌ش يۈز بە‌رگە‌ن.‏

      كە‌ڭ تارقالغان كۆز قاراش

      يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر كۆپە‌يگىنى يوق.‏ زامانىۋىي پە‌ن-‏تېخنىكا تە‌رە‌ققىي قىلغاچ،‏ يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق بۇ‌رۇ‌نقىغا قارىغاندا كۆپرە‌ك خە‌ۋە‌رلە‌رنى ئاڭلايمىز.‏

      بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن شۇ‌نداقمۇ؟‏

      دىققە‌ت قىلىپ كۆرۈڭ:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئاخىر زاماندا يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌رنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ھېچنە‌رسە يېزىلمىغان.‏ ئە‌مما،‏ «نۇ‌رغۇ‌ن جايلاردا» «‏شىددە‌تلىك يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر»نىڭ بولۇ‌شى ئاخىر زاماننىڭ بە‌لگىلىرىدىن بىرى بولىدۇ،‏ دە‌پ يېزىلغان.‏—‏ماركۇ‌س 13:‏8؛‏ لۇ‌قا 21:‏11.‏

      سىز قانداق ئويلايسىز؟‏

      مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بېشارە‌ت قىلىنغان شىددە‌تلىك يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر بۈگۈنكى كۈندە بولۇ‌ۋاتامدۇ؟‏

      يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئىسپاتلايدىغان ئالتە بېشارە‌تنىڭ پە‌قە‌ت بىرى.‏ ھازىر ئىككىنچىسىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رايلى.‏

      ‏[قىستۇ‌رما تېكىسىت]‏

      ‏«بىز [گېئوفىزىكلار] ئۇ‌لارنى كۈچلۈك يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر دە‌يمىز.‏ باشقىلار بولسا،‏ ئۇ‌لارنى شىددە‌تلىك دە‌يدۇ».‏—‏كېن خادنات،‏ گېئولوگ،‏ ئامېرىكا.‏

      ‏[رە‌سىم]‏

      © William Daniels/‏​Panos Pictures

  • 2.‏ ئاچارچىلىق
    كۈزىتىش مۇ‌نارى.‏ 2011 | ماي 1
    • 2.‏ ئاچارچىلىق

      ‏«ئاچارچىلىق بولىدۇ».‏—‏ماركۇ‌س 13:‏8.‏

      ● بىر كىشى ئاچارچىلىقتىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌ش ئۈچۈن كۋاراتېگە (‏نىگېرىيە)‏ يېزىسىغا پاناھلىق ئىزدە‌پ كە‌لدى.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىمۇ شۇ يېزىسىغا كۆچۈپ كە‌لدى.‏ بىراق،‏ بۇ كىشى تۇ‌غقانلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇ‌رۇ‌پ يۈرىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ شۇ يېزىدىكى يىگىت بېشى سېدې سە‌ۋە‌بىنى چۈشە‌ندۈرۈپ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۇ ئۆز [ئائىلىسىنى] باقالمايدۇ،‏ شۇ‌ڭا ئۆز تۇ‌غقانلىرىنىڭ يۈزىگە قاراشتىن ئۇ‌يۇ‌لىدۇ».‏

      دە‌لىل-‏ئىسپاتلار نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟‏

      ھە‌ر كۈنى دۇ‌نيادا ھە‌ر يە‌تتە كىشىدىن بىرى ئاچ قورساق يۈرىدۇ.‏ ساخارا چۆللۈكىنىڭ جە‌نۇ‌بىدىكى ئافرىقا دۆلە‌تلىرىدە ئە‌ھۋال تېخىمۇ ناچار.‏ ئۇ يە‌رلە‌ردە ھە‌ر ئۈچ كىشىدىن بىرى دائىم يېگۈدە‌ك تاماق يوق ياكى قورسىقى تويماي يۈرىدۇ.‏ بۇ ئېچىنارلىق ئە‌ھۋالنى چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ ئاتا،‏ ئانا ۋە بىر بالا ئۈچ جان بار ئائىلىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ.‏ تاماق پە‌قە‌ت ئىككى كىشىگە يە‌تسە،‏ كىم ئاچ قالىدۇ؟‏ ئاتىمۇ؟‏ ئانىمۇ ياكى بالىسىمۇ؟‏ كۆپلىگە‌ن ئائىلىلە‌رنىڭ ھە‌ر كۈنى مۇ‌شۇ ئائىلىگە ئوخشاش قارار چىقىرىشىغا توغرا كېلىدۇ.‏

      كە‌ڭ تارقالغان كۆزقاراش.‏

      يە‌ردىن ئېلىنىدىغان مول ھوسۇ‌للار ھە‌ممە ئىنسانلارنىڭ قۇ‌رساق تويغۇ‌زۇ‌شى ئۈچۈن يېتە‌رلىك.‏ پە‌قە‌ت شۇ مە‌ھسۇ‌لاتلاردىن توغرا پايدىلىنىش كېرە‌ك.‏

      بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن شۇ‌نداقمۇ؟‏

      راست،‏ دېھقانلار بۇ‌رۇ‌نقىغا قارىغاندا،‏ كۆپرە‌ك ئاشلىق مە‌ھسۇ‌لاتلىرىنى ئىشلە‌پ چىقىرىپ،‏ ئۇ‌لارنى يە‌تكۈزۈپ بېرىدۇ.‏ ئە‌سلىدە ئىنسانىي ھۆكۈمە‌تلە‌ر شۇ مە‌ھسۇ‌لاتلاردىن توغرا پايدىلىنىپ،‏ ئاچارچىلىق مە‌سىلىسىنى ھە‌ل قىلىشى زۆرۈر.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار ھە‌تتا نە‌چچە ئون يىل تىرىشىپ باققان بولسىمۇ،‏ بۇ مە‌سىلىنى ھە‌ل قىلالماي كېلىۋاتىدۇ.‏

      سىز قانداق ئويلايسىز؟‏

      ماركۇ‌س 13:‏8-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتامدۇ؟‏ زامانىۋىي پە‌ن-‏تېخنىكىنىڭ تە‌رە‌ققىي قىلغان بولسىمۇ،‏ ئىنسانىيە‌تنىڭ ئاچارچىلىق مە‌سىلىسىنى تېخى ھە‌ل قىلالمىغانلىقى كىشىنى ھە‌يران قالدۇ‌رمامدۇ؟‏

      يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر ۋە ئاچارچىلىق قاتارلىق بالايى‌ئاپە‌تلە‌ردىن باشقا،‏ ئاخىر زاماننىڭ بە‌لگىسىدىن يە‌نە بىرى بولغان بالايىئاپە‌ت يۈز بېرىدۇ.‏

      ‏[قىستۇ‌رما تېكىسىت]‏

      ئۆپكە ياللۇ‌غى،‏ ئىچ سۈرۈش ۋە باشقا كېسە‌للىكلە‌ر بىلە‌ن ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن بالىلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ يېتە‌رلىك ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈكى بولغان بولسا،‏ ئامان قالغان بولاتتى.‏—‏ب.‏د.‏ت ئۆسمۈرلە‌ر فوندىنىڭ باشلىقى بولغان ئان م.‏ ۋېينېمان.‏

      ‏[رە‌سىم]‏

      © Paul Lowe/‏​Panos Pictures

  • 3.‏ كېسە‌للىكلە‌ر
    كۈزىتىش مۇ‌نارى.‏ 2011 | ماي 1
    • 3.‏ كېسە‌للىكلە‌ر

      ‏«يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للىكلە‌ر تارقىلىدۇ».‏—‏لۇ‌قا 21:‏11.‏

      ● ئافرىقىدىكى ئىچكى ئۇ‌رۇ‌ش پاتقىقىغا پاتقان بىر دۆلە‌تتە بونزالى ئىسىملىك ئاممىۋى ساغلاملىق ئىشلىرى ئە‌مە‌لدارى ئۆز يېزىسىدا ماربۇ‌رگ ۋىرۇ‌سىدىن يۇ‌قۇ‌ملىنىپ ئۆلۈۋاتقان كان ئىشچىلىرىغا ياردە‌م بېرىشكە تىرىشقان ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نىڭ قولىدىن كۆپ ئىش كە‌لمىگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ چوڭ شە‌ھە‌ردىكى ئە‌مە‌لدارلاردىن سورىغان ياردىمى جاۋابسىز قالدى.‏ ئاخىرى،‏ تۆت ئايدىن كېيىن ياردە‌م كە‌لگە‌ن.‏ بىراق،‏ بۇ ۋاقىتتا بونزالى ئاللىقاچان ئۆلۈپ كە‌تكە‌نىدى.‏ چۈنكى،‏ ئۇ كانچىلارنى قۇ‌تقۇ‌زىمە‌ن،‏ دە‌پ ئۆزى ماربۇ‌رگ ۋىرۇ‌سىدىن يۇ‌قۇ‌ملانغان.‏

      دە‌لىل-‏ئىسپاتلار نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟‏

      پە‌قە‌ت 2004-‏يىلنىڭ ئىچىدىلا تۆۋە‌ن نە‌پە‌س يوللىرى ياللۇ‌غلىرى (‏ئۆپكە ياللۇ‌غى)‏،‏ ئىچ سۈرۈش،‏ ئە‌يدىز كېسىلى،‏ سىل كېسىلى ۋە بە‌زگە‌ك قاتارلىق خە‌تە‌رلىك كېسە‌للىكلە‌ر سە‌ۋە‌بلىك،‏ تە‌خمىنە‌ن 10مىليون 700 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.‏ باشقىچە ئېيتقاندا،‏ بىر يىل ئىچىدە،‏ ھە‌ر ئۈچ سېكۇ‌نتتا بىر ئادە‌م ئۆلگە‌ن.‏

      كە‌ڭ تارقالغان كۆز قاراش.‏

      دۇ‌نيا نوپۇ‌سى كۈندىن-‏كۈنگە كۆپە‌يگە‌چكە،‏ كېسە‌لگە گىرىپتار بولىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى ھە‌يران قالارلىق ئە‌مە‌س.‏

      بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن شۇ‌نداقمۇ؟‏

      راست،‏ دۇ‌نيا نوپۇ‌سى ھە‌قىقە‌تە‌ن كۆپە‌يمە‌كتە.‏ ئە‌مما،‏ كېسە‌للىكلە‌رنى ئېنىقلاش،‏ نازارە‌ت قىلىش ۋە داۋالاشتا ئادە‌ملە‌ر كۆپ ئۇ‌تۇ‌قلارغا ئېرىشىۋاتىدۇ.‏ مە‌نتىقىگە ئۇ‌يغۇ‌ن پىكىر يۈرگۈزسە‌ك،‏ ئىلىم-‏پە‌ن يۈكسە‌ك دە‌رىجىدە تە‌رە‌ققىي قىلۋاتقان دە‌ۋردە كېسە‌للىكلە‌ر ئازىيىپ،‏ سالامە‌تلىككە تە‌سىرى قىلالمايدىغان ھالە‌تكە كېلىشى كېرە‌ك ئە‌مە‌سمۇ؟‏ لېكىن،‏ كېسە‌لگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى ئازلاشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌لار تېخىمۇ كۆپە‌يمە‌كتە.‏

      سىز قانداق ئويلايسىز؟‏

      مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ ئادە‌ملە‌ر يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للە‌ر تۈپە‌يلىدىن قاتتىق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىۋاتامدۇ؟‏

      يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر،‏ ئاچارچىلىق ۋە كېسە‌للىكلە‌ر مىليونلىغان ئىنسانلارغا زىيان سېلىۋاتقان بالايىئاپە‌تلە‌ردۇ‌ر.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر ئۆز يېقىنلىرى تە‌رىپىدىن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە دۇ‌چار بولىۋاتىدۇ،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لارنى قوغداشقا تېگىشىلىك كىشىلە‌ر،‏ ئۇ‌لارغا زىيانكە‌شلىك قىلىۋاتىدۇ.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمىلە‌ر بېشارە‌ت قىلىنغانلىقىنى بىلىسىز.‏

      ‏[قىستۇ‌رما تېكىسىت]‏

      شىر ياكى باشقا يىرتقۇ‌چ ھايۋانغا يە‌م بولۇ‌ش بە‌ك قورقۇ‌نچلۇ‌ق.‏ بىراق،‏ ئىچىڭىزدىن قانداقتۇ بىر يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌لگە يە‌م بولۇ‌ش تېخىمۇ قورقۇ‌نچلۇ‌ق.‏ بۇ‌نداق ئىشلارنى ئە‌تراپىمىزدىكى ئادە‌ملە‌ر بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.‏—‏ۋابا كېسە‌للىكلىرى ساھە‌سىدىكى تە‌تقىقاتچى مايكىل ئوستېرخولم.‏

      ‏[رە‌سىم]‏

      © William Daniels/‏​Panos Pictures

  • 4.‏ ئىنسانلار كۆيۈمسىز بولىدۇ
    كۈزىتىش مۇ‌نارى.‏ 2011 | ماي 1
    • 4.‏ ئىنسانلار كۆيۈمسىز بولىدۇ

      ‏«ئىنسانلار .‏ .‏ .‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تسىز .‏ .‏ .‏ بولىدۇ».‏—‏2-‏تىموتىي 3:‏1—‏3.‏

      ● شىمالىي ۋېلىس ئۆلكىسىدىكى كرىس ئىسىملىك كىشى ئائىلىسىدە زوراۋانلىققا ئۇ‌چرىغانلارغا ياردە‌م بېرىدىغان بىر ئورۇ‌ندا ئىشلە‌يدۇ.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىر ئايالنىڭ كە‌لگىنى ئېسىمدە.‏ ئۇ ئىلگىرى بىزدىن ياردە‌م سورىغان ئىدى.‏ ئۇ‌نى شۇ‌نچىلىك قاتتىق ئۇ‌رۇ‌ۋە‌تكە‌نكى،‏ ھە‌تتا بۇ قېتىم ئۇ‌نى كۆرگە‌ندە تونۇ‌يالماي قالغان ئىدىم.‏ باشقا ئاياللارنىڭ قە‌لبى شۇ‌نچىلىك جاراھە‌تلە‌نكى،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لار بېشىنى كۆتۈرۈپ،‏ ئادە‌ملە‌رگە قاراشتىن ئۇ‌يۇ‌لىدۇ».‏

      دە‌لىل-‏ئىسپاتلار نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟‏

      ئافرىقىدىكى بىر دۆلە‌تتە ئاياللارنىڭ تە‌خمىنە‌ن ئۈچتىن بىرى،‏ بالىلىق چېغىدا جىنسىي خورلۇ‌ققا ئۇ‌چرىغان.‏ شۇ دۆلە‌تتە خە‌لق ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تە‌كشۈرۈش ئاساسلانغاندا،‏ ئە‌رلە‌رنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆز ئاياللىرىنى ئۇ‌رۇ‌شنى ئاددىي بىر ئىش،‏ دە‌پ قارايدۇ.‏ بىراق،‏ ئائىلىلە‌ردە،‏ ئائىلە زوراۋانلىقنىڭ قۇ‌ربانى پە‌قە‌ت ئاياللار ئە‌مە‌س.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كانادادا تە‌خمىنە‌ن 30 پىرسە‌نت ئە‌رلە‌ر ئۆز ئاياللىرى تە‌رىپىدىن خورلاشقا ئۇ‌چرايدۇ.‏

      كە‌ڭ تارقالغان كۆز قاراش

      ئائىلىدە زوراۋانلىققا ئۇ‌چراش بۇ‌رۇ‌نمۇ بولغان.‏ بىراق،‏ بۇ مە‌سىلىگە بۈگۈنكى كۈندە بۇ‌رۇ‌نقىغا قارىغاندا،‏ كۆپرە‌ك كۆڭۈل بۆلۈنىۋاتىدۇ.‏

      بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن شۇ‌نداقمۇ؟‏

      راست،‏ يېقىنقى نە‌چچە ئون يىل ئىچىدە بۇ مە‌سىلە پات-‏پات تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ.‏ كۆپچىلىك بۇ‌نىڭدىن خە‌ۋە‌ردار بولدى،‏ ئە‌مما ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ سانى ئازايدىمۇ؟‏ ياق،‏ ئازايغىنى يوق.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئائىلىدە زوراۋانلىققا ئۇ‌چراش ۋە‌قە‌لىرى تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ.‏

      سىز قانداق ئويلايسىز؟‏

      2-‏تىموتىي 3:‏1—‏3-‏ئايە‌تتىكى بېشارە‌تلىك سۆزلە‌ر ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتامدۇ؟‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئائىلىلە‌ردە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ سوۋۇ‌پ كە‌تكە‌نلىكىنى بايقاۋاتامسىز؟‏

      كېيىنكى ماقالىدە،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى،‏ ماكان-‏جايىمىز بولغان يە‌ر شارى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك،‏ ھازىر ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتقان بە‌شىنچى بېشارە‌تنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

      ‏[قىستۇ‌رما تېكىسىت]‏

      ‏«ئائىلىدىكى زوراۋانلىق ۋە‌قە‌لىرى ھە‌ققىدىكى ستاتىستىكا مە‌لۇ‌ماتى جە‌مئىيە‌تتە ئېلان قىلىنمىغان جىنايە‌تلە‌رنىڭ بىرى دە‌پ قارىلىدۇ.‏ ئوتتۇ‌را ھېساپ بويىچە،‏ ئايال تە‌خمىنە‌ن 35 قېتىم ئېرى تە‌رىپىدىن زوراۋانلىققا ئۇ‌چرىغاندىن كېيىنلا ساقچىخانىغا مە‌لۇ‌م قىلىدىكە‌ن».‏—‏ۋېلىس ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇ‌چرىغانلارنى قوغداش ئورنىنىڭ ۋە‌كىلى.‏

  • 5.‏ خۇ‌دا ئە‌يىبكارمۇ؟‏
    كۈزىتىش مۇ‌نارى.‏ 2011 | ماي 1
    • 5.‏ خۇ‌دا ئە‌يىبكارمۇ‏؟‏

      مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ بۈگۈنكى كۈندە بىز كۆرۈۋاتقاندە‌ك دۇ‌نيانىڭ ئە‌ھۋالى ناچارلىشىپ كېتىدىغانلىقى بېشارە‌ت قىلىنغان ئىكە‌ن،‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىگە خۇ‌دا جاۋابكار دە‌پ ئېيتساق بولامدۇ؟‏ بىز تارتقان ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر ئۈچۈن خۇ‌دا ئە‌يىبكارمۇ؟‏ بۇ سوئاللارغا قانائە‌تلىنە‌رلىك جاۋابلارنى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نە‌شىر قىلغان «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏» دېگە‌ن كىتابنىڭ 11-‏بابىدىن تاپالايسىز.‏

  • 6.‏ دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى ۋە‌ز قىلىش پائالىيىتى
    كۈزىتىش مۇ‌نارى.‏ 2011 | ماي 1
    • 6.‏ دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى ۋە‌ز قىلىش پائالىيىتى

      ‏«بۇ پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرى بارچە مىللە‌تلە‌رگە يە‌تكۈزۈلۈشى ئۈچۈن پۈتۈن دۇ‌نيادا ۋە‌ز قىلىنىدۇ».‏—‏مە‌تتا 24:‏14‏.‏

      ● ۋىئاتېيا،‏ تۇ‌ئاموتۇ ئاركىپېلوگو دە‌پ ئاتىلىدىغان تىنچ ئوكياندىكى يىراق ئاراللارنىڭ بىرىدە ياشايدۇ.‏ تۇ‌ئاموتۇ ئومۇ‌مىي كۆلىمى تە‌خمىنە‌ن 802900 كۋادرات كىلومېتىرغا سوزۇ‌لغان 80گە يېقىن ئاراللاردىن تە‌شكىل تاپقان بولسىمۇ،‏ پە‌قە‌ت 16000 كىشى ياشايدۇ.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ۋىئاتېيا ۋە ئۇ‌نىڭ قوشنىلىرى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنى تونۇ‌يدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئادە‌ملە‌ر قە‌يە‌ردە ياشىشىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ھە‌ممىسىگە خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈشكە تىرىشىدۇ.‏

      دە‌لىل-‏ئىسپاتلار نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟‏ پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر دۇ‌نيانىڭ بۇ‌لۇ‌ڭ-‏پۇ‌شقاقلىرىغىچە ۋە‌ز قىلىنىدۇ.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى پە‌قە‌ت 2010-‏يىلى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى 236 دۆلە‌ت ۋە رايونلاردا ۋە‌ز قىلىپ،‏ بىر مىليارد 600 مىليون سائە‌تتىن كۆپرە‌ك ۋاقىت سە‌رپ قىلغان.‏ دېمە‌ك،‏ ھە‌ر بىر گۇ‌ۋاھچى ئوتتۇ‌را ھېساب بويىچە،‏ ھە‌ر كۈنى 30 مىنۇ‌ت ۋە‌ز قىلغان.‏ يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان 20 مىلياردتىن ئارتۇ‌ق ماتېرىياللارنى نە‌شىر قىلىپ تارقاتقان.‏

      كە‌ڭ تارقالغان كۆز قاراش.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى خە‌ۋە‌ر نە‌چچە مىڭ يىلدىن بۇ‌يان ۋە‌ز قىلىنىپ كە‌لمە‌كتە.‏

      بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن شۇ‌نداقمۇ؟‏ راستىنلا،‏ كۆپ ئادە‌ملە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىشقا تىرىشقان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ‌نى قىسقا ۋاقىت ۋە كىچىك كۆلە‌مدە قىلغان.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بولسا،‏ دۇ‌نيا جاي-‏جايلىرىدا كە‌ڭ كۆلە‌مدە ۋە‌ز قىلىش پائالىيىتىنى تە‌شكىللىك ھالە‌تتە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ۋە مىليونلىغان ئادە‌ملە‌ر خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئاڭلاۋاتىدۇ.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئىنسانىيە‌ت تارىخىدىكى ئە‌ڭ كۈچلۈك ۋە رە‌ھىمسىز تە‌شكىلاتلارنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن،‏ ۋە‌ز قىلىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇ‌رغان (‏ماركۇ‌س 13:‏13)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ۋە‌ز قىلغىنى ئۈچۈن ھە‌ق ئالمايدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ‌لار ئۆز ۋاقتىنى قۇ‌ربان قىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسە‌ن نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللارنى ھە‌قسىز تارقىتىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ پائالىيىتى ئىختىيارىي ئىئانىلە‌ر بىلە‌ن ياردىمىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.‏

      سىز قانداق ئويلايسىز؟‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ھە‌قىقە‌تە‌ن پۈتۈن دۇ‌نيادا ۋە‌ز قىلىنىۋاتامدۇ؟‏ بۇ بېشارە‌تنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشى كېلە‌چە‌كتە ئاجايىپ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏

      ‏[قىستۇ‌رما تېكىسىت]‏

      ‏«يە‌ھۋا يول قويۇ‌ۋاتقان ئىكە‌ن،‏ بىز پۇ‌رسە‌تنى قولىمىزدىن چىقارماي،‏ قىزغىنلىق بىلە‌ن خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى داۋاملىق ۋە‌ز قىلىمىز».‏—‏يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ 2010-‏يىللىق يىلنامىسى.‏

  • گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ك ئالدىمىزدا!‏
    كۈزىتىش مۇ‌نارى.‏ 2011 | ماي 1
    • گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ك ئالدىمىزدا!‏

      ‏«مانا ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىن رە‌زىللە‌ر يوق بولار.‏ 11 لېكىن،‏ يە‌ر يۈزىگە ۋارىسلىق قىلار كە‌متە‌ر كىشىلە‌ر،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك ئىچىدە،‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرە‌ر».‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏10،‏ 11.‏

      سىز بۇ ئايە‌تتە تىلغا ئېلىنغان پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزى ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلە‌ن كۆرۈشنى خالامسىز؟‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ چوقۇ‌م بە‌كمۇ خالايسىز.‏ بۇ سۆزلە‌رنىڭ پات-‏يېقىندا چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بلىرى بار.‏

      ئالدىنقى ماقالىلە‌ردە،‏ بىز زاماننىڭ ئاخىرىدا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى بېشارە‌تلە‌رنى كۆرۈپ چىققان ئىدۇ‌ق (‏2-‏تىموتىي 3:‏1—‏5)‏.‏ ياراتقۇ‌چىمىز بىزگە ئۈمىد بېرىش ئۈچۈن،‏ شۇ بېشارە‌تلە‌رنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا يازدۇ‌رغان (‏رىملىقلار 15:‏4)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتقانلىقى،‏ ھازىر بېشىمىزغا كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنىڭ پات-‏يېقىندا يوق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.‏

      ئاخىر زاماندىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ (‏مە‌تتا 6:‏9‏)‏.‏ شۇ چاغدا يە‌ر يۈزىدە قانداق ئۆزگۈرۈشلە‌ر بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغانلىقىغا دىققە‌ت قىلىڭ:‏

      ● ئاچارچىلىق بولمايدۇ.‏ «يە‌ر يۈزىدە زىرائە‌تلە‌ر مول بولار،‏ تاغ چوقىلىرىغىچە تولۇ‌پ تاشارۇ».‏—‏زە‌بۇ‌ر 72:‏16.‏

      ● كېسە‌للىكلە‌ر بولمايدۇ.‏ شۇ يە‌ردە تۇ‌رغۇ‌چى:‏ «مە‌ن كېسە‌ل» دېمە‌يدۇ.‏—‏يە‌شايا 33:‏24.‏

      ● يە‌ر يۈزى يېڭىلىنىدۇ.‏ «جاڭگال ۋە قۇ‌رۇ‌پ قاغجىرىغان يە‌ر خۇ‌شال بولىدۇ،‏ چۆل-‏باياۋان شادلىنىپ،‏ زە‌پىراندە‌ك چېچە‌كلە‌يدۇ».‏—‏يە‌شايا 35:‏1.‏

      بۇ پات-‏يېقىندا ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغان،‏ كىشىنى ھاياجانلاندۇ‌رىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنىڭ پە‌قە‌ت بىرنە‌چچىسى خالاس.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىدىن،‏ ئۇ‌لار شۇ‌نداق گۈزە‌ل كېلە‌چە‌كنىڭ بولىدىغانلىقىغا،‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە كۈچلۈك ئىشىنىدىغانلىقىنى سوراپ بېقىڭ.‏

ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
چېكىنىپ چىقىش
تىزىملىتىپ كىرىىش
  • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • ھەمبەھىرلەش
  • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
  • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
  • ئىشلىتىش شەرتلىرى
  • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
  • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
  • JW.ORG
  • تىزىملىتىپ كىرىىش
ھەمبەھىرلەش