5-ناخشا
مەسىھ ئۈلگىمىز
(رىملىقلار 5:8)
1. يەھۋا چىن مۇھەببەت،
كۆڭلى كەڭ دېڭىزدەك،
ئىنسانلار ئۈچۈن ئوغلىنى بەرگەن.
مەسىھ، ئۇ نان بولغان،
بىزلەرنى تويدۇرغان
ۋە مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بەرگەن.
2. مەسىھ، مۇنداق تىلەپ:
‹ئىسمىڭ ئۇلۇغلانغاي،
پادىشاھلىقىڭ كەلگەي ئەي خۇدا،
ئىرادەڭ قىلىنغاي،
بىزگە نان بەرگەيسەن›،
دەپ ئۆگەتكەن ئۈلگىلىك دۇئادا.
3. ئۆگىتىپ ھەقىقەت،
بەرگەن مەسىھ مەدەت،
قويلاردەك سادىق ئەگەشكەنلەرگە.
خۇش خەۋەر ئۇرۇقى
چاچساق بىز ھەر كۈنى،
ئېرىشەرمىز شۈكۈر-قانائەتكە.
(مەتتا 6:9–11؛ يۇھاننا 3:16؛ 6:31–51؛ ئەفەسلىكلەر 5:2-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).