كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ش‌ي 57-‏دە‌رس
  • ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ قويسىڭىز،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ قويسىڭىز،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏
  • مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ
  • خۇ‌لاسە
  • ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
  • ئاقساقاللار گۇ‌ناھكارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • جامائە‌ت قانداق تە‌شكىللە‌نگە‌ن؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • جامائە‌تتىن چىقىرىۋېتىلگە‌نلە‌رگە ياردە‌م بېرىش
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • ئاقساقاللار جامائە‌ت ئۈچۈن قانداق خىزمە‌ت قىلىدۇ؟‏
    بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداۋاتىدۇ؟‏
مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
م‌ش‌ي 57-‏دە‌رس
57-‏دە‌رس.‏ ياش بۇ‌رادە‌ر ئىككى ئاقساقالغا ئۆزىنىڭ گۇ‌ناھىنى ئىقرار قىلىۋاتىدۇ.‏

57-‏دە‌رس

ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ قويسىڭىز،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

باسما نەشىرى
باسما نەشىرى
باسما نەشىرى

سىز چوقۇ‌م يە‌ھۋانى چىن يۈرە‌كتىن سۆيىسىز ۋە ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىققا تىرىشىسىز.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئاندا-‏ساندا خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ قويىسىز.‏ ئە‌مما،‏ بە‌زى گۇ‌ناھلار باشقىلىرىغا قارىغاندا تولىمۇ ئېغىر (‏1-‏كورىنتلىقلار 6:‏9،‏ 10)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئېغىر گۇ‌ناھ قىلىپ قويسىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ سىزنى سۆيۈشنى توختاتمىغانلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.‏ ئۇ سىزنى كە‌چۈرۈشنى ۋە سىزگە ياردە‌م بېرىشنى خالايدۇ.‏

1.‏ يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇ‌م نېمە قىلالايسىز؟‏

يە‌ھۋانى سۆيىدىغانلار ئۆزلىرىنىڭ ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌نلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ندە قاتتىق ئازابلىنىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە قىلغان ۋە‌دىلىرى ئارقىلىق كىشىنىڭ كۆڭلىگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ ‏«گۇ‌ناھىڭلار قىپقىزىل بولسىمۇ،‏ قاردە‌ك ئاپئاق بولىدۇ»‏ (‏يە‌شايا 1:‏18)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز چىن دىلىمىزدىن توۋا قىلساق،‏ يە‌ھۋا بىزنى پۈتۈنلە‌ي كە‌چۈرىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ توۋا قىلغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ چوڭقۇ‌ر پۇ‌شايمان قىلىش ئارقىلىق بىز يامان ئىشلارنى قىلىشنى توختىتىمىز ۋە يە‌ھۋادىن كە‌چۈرۈم تىلە‌يمىز.‏ ئاندىن بىزنى گۇ‌ناھقا يېتە‌كلە‌يدىغان ئوي-‏پىكىر ياكى ئادە‌تلە‌رنى ئۆزگە‌رتىش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقىرىمىز ۋە يە‌ھۋانىڭ پاك ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ياشاشقا تىرىشىمىز.‏—‏يە‌شايا 55:‏6،‏ 7-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

2.‏ گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگىنىمىزدە،‏ يە‌ھۋا ئاقساقاللار ئارقىلىق بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

ئە‌گە‌ر بىز ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزسە‌ك،‏ يە‌ھۋا بىزگە:‏ «‏جامائە‌تنىڭ ئاقساقاللىرىنى»‏‏،‏—‏ دە‌يدۇ (‏ياقۇ‌پ 5:‏14،‏ 15-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ تە‌يىنلە‌نگە‌ن كىشىلە‌ر يە‌ھۋا خۇ‌دانى ۋە ئۇ‌نىڭ قويلىرىنى سۆيىدۇ.‏ ئۇ‌لار بىزنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈشىمىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏—‏گالاتىيالىقلار 6:‏1.‏

ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ قويساق،‏ ئاقساقاللار بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ ئىككى ياكى ئۈچ ئاقساقال بىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى نە‌سىھە‌ت سۆزلىرىنى ئىشلىتىپ تۈزىتىدۇ.‏ ئۇ‌لار يە‌نە قايتا گۇ‌ناھ قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز ئۈچۈن،‏ بىزگە ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌ت ۋە ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىدۇ.‏ ئاقساقاللار باشقا ئېتىقادچىلارنى زىيانلىق تە‌سىردىن قوغدايدۇ.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ،‏ گۇ‌ناھىغا توۋا قىلمىغان كىشى جامائە‌تتىن چىقىرىلىدۇ.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

ئە‌گە‌ر ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ قويساق،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى ياخشىراق بىلىۋېلىڭ ۋە ئۇ‌نىڭغا تېخىمۇ چوڭقۇ‌ر مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.‏

3.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋە‌تنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈش

بىز قىلغان ھە‌رقانداق گۇ‌ناھ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈش ئۈچۈن،‏ گۇ‌ناھىمىزنى ئۇ‌نىڭغا ئىقرار قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ زە‌بۇ‌ر 32 :‏1–‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • نېمە ئۈچۈن گۇ‌ناھلىرىمىزنى يوشۇ‌رۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ يە‌ھۋاغا ئىقرار قىلىش ياخشىراق؟‏

يە‌ھۋاغا گۇ‌ناھىمىزنى ئىقرار قىلىشتىن باشقا،‏ ئاقساقاللاردىن ياردە‌م سورىساق،‏ ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشىراق ھېس قىلىمىز.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «يە‌ھۋا كىمنى ياخشى كۆرسە،‏ شۇ‌نى تە‌ربىيىلە‌يدۇ» (‏01:‏3)‏

  • بۇ فىلىمدا،‏ كېنوننىڭ يە‌ھۋاغا قايتىپ كېلىشىگە ئاقساقاللار قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

بىز ھېچنېمىنى يوشۇ‌رماي،‏ ئاقساقاللارغا راستىنى ئېيتىشىمىز لازىم.‏ ئۇ‌لار بىزگە ھە‌رقاچان ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار.‏ ياقۇ‌پ 5:‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ئاقساقاللارغا راستىنى ئېيتىش ئۇ‌لارنىڭ بىزگە ياردە‌م بېرىشىنى قانداق ئاسانلاشتۇ‌رىدۇ؟‏

كوللاژ:‏ 1.‏ بېشىنى ساڭگىلىتىپ،‏ ئازابلىنىۋاتقان بىر بۇ‌رادە‌ر.‏ 2.‏ ئاشۇ بۇ‌رادە‌ر يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏ 3.‏ ئاشۇ بۇ‌رادە‌ر تېلېفوندا بىر ئاقساقال بىلە‌ن سۆزلىشىۋاتىدۇ.‏ 4.‏ شۇ بۇ‌رادە‌ر ئۈچ ئاقساقال بىلە‌ن كۆرۈشىۋاتىدۇ.‏ 5.‏ بۇ‌رادە‌رنىڭ ۋىجدانى پاك بولغاچقا،‏ كۈلۈمسىرە‌ۋاتىدۇ.‏

گۇ‌ناھلىرىڭىزنى ئىقرار قىلىپ،‏ ئاقساقاللارغا راستىنى ئېيتىڭ ۋە يە‌ھۋانىڭ مېھرىبانلىق بىلە‌ن كۆرسە‌تكە‌ن ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلىڭ

4.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ناھكارلارغا رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت قىلىدۇ

ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن كىشى يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە ئە‌مە‌ل قىلىشنى رە‌ت قىلسا،‏ ئۇ ئە‌مدى جامائە‌تنىڭ ئە‌زاسى بولالمايدۇ.‏ ئۇ جامائە‌تتىن چىقىرىلىدۇ ۋە بىز ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئالاقە قىلمايمىز،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن سۆزلە‌شمە‌يمىز.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 5:‏6،‏ 11 ۋە 2-‏يۇ‌ھاننا 9–‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • خۇ‌ددى خېمىرتۇ‌رۇ‌چ خېمىرنى ئېچىتقانغا ئوخشاش،‏ پۇ‌شايمان قىلمىغان گۇ‌ناھكار بىلە‌ن ئالاقە قىلىش جامائە‌تكە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

يە‌ھۋانىڭ گۇ‌ناھكارلارغا كۆرسە‌تكە‌ن رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىنى ئۈلگە قىلغان ھالدا،‏ ئاقساقاللار جامائە‌تتىن چىقىرىۋېتىلگە‌نلە‌رگە ياردە‌م بېرىشكە تىرىشىدۇ.‏ نە‌سىھە‌ت ئاچچىق مېۋىسى تاتلىق دېگە‌ندە‌ك،‏ گە‌رچە تە‌نبىھ-‏تە‌ربىيە ئازابلىق بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌س-‏ھوشىنى تېپىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌چ،‏ كۆپلىگە‌ن كىشىلە‌ر جامائە‌تكە قايتىپ كە‌لگە‌ن.‏ –‏زە‌بۇ‌ر 141:‏5.‏

يە‌ھۋانىڭ گۇ‌ناھكارلارغا قىلغان مۇ‌ئامىلىسى ئۇ‌نىڭ غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان،‏ رە‌ھىمدىل ۋە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى قانداق كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟‏

5.‏ بىز توۋا قىلغاندا،‏ يە‌ھۋا بىزنى كە‌چۈرىدۇ

بىر كىشى توۋا قىلغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ ئە‌يسا بىر تە‌مسىلنى ئېيتىپ بە‌رگە‌ن.‏ لۇ‌قا 15:‏1–‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بۇ سىزگە يە‌ھۋا ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى ئۆگىتىدۇ؟‏

ھە‌زە‌كىيال 33:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ھە‌قىقىي توۋا قىلغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

پادىچى سىلىق-‏سىپايىلىك بىلە‌ن قوينىڭ يارىسىنى تېڭىۋاتىدۇ.‏

خۇ‌ددى پادىچىغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋا ئۆز قويلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ

ب‍ە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاقساقاللارغا ئۆتكۈزگە‌ن گۇ‌ناھىمنى ئېيتىپ بە‌رسە‌م،‏ ئۇ‌لار مېنى جامائە‌تتىن چىقىرىۋېتىشىدىن قورقىمە‌ن».‏

  • سىز بۇ‌نداق ئويلىغانلارغا نېمە دە‌يسىز؟‏

خۇ‌لاسە

ھە‌تتا بىز ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ قويساقمۇ،‏ چىن كۆڭلىمىزدىن پۇ‌شايمان قىلىپ،‏ يامان ئىشلارنى قىلىشنى توختىتىشنى قە‌تئىي قارار قىلساق،‏ يە‌ھۋا بىزنى كە‌چۈرىدۇ.‏

تە‌كرارلاش

  • ئە‌گە‌ر ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزسە‌ك،‏ نېمە ئۈچۈن گۇ‌ناھىمىزنى يە‌ھۋاغا ئىقرار قىلىشىمىز لازىم؟‏

  • يە‌ھۋا گۇ‌ناھىمىزنى كە‌چۈرۈم قىلىشى ئۈچۈن چوقۇ‌م نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

  • ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ قويساق،‏ نېمە ئۈچۈن ئاقساقاللاردىن ياردە‌م سورىشىمىز كېرە‌ك؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

بىر كىشىنىڭ يە‌شايا 1:‏18-‏ئايە‌تتە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن يە‌ھۋانىڭ رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىنى قانداق باشتىن كە‌چۈرگە‌نلىكىنى كۆرۈڭ.‏

‏«يە‌ھۋانىڭ رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىدىن ھە‌رگىز گۇ‌مان قىلماڭ»‏ (‏02:‏5)‏

ئاقساقاللار ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌نلە‌رگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا تىرىشىدۇ؟‏

‏«يە‌ھۋا جامائە‌تنىڭ گۇ‌ناھكارلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشىنى خالايدۇ؟‏»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2024-‏يىل،‏ ئاۋغۇ‌ست)‏

گۇ‌ۋاھچى ئە‌مە‌سلە‌رگە جامائە‌تتىن چىقىرىلىش ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شىنى چۈشە‌ندۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.‏

‏«ئاقساقاللار گۇ‌ناھكارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2024-‏يىل،‏ ئاۋغۇ‌ست)‏

‏«مە‌ن يە‌ھۋاغا قايتىشىم كېرە‌ك ئىدى» ناملىق تە‌رجىمىھالدىن ھە‌قىقە‌تنى تاشلاپ كە‌تكە‌ن بىر كىشى نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋاغا قايتىپ كە‌لگە‌نلىكىنى توغرۇ‌لۇ‌ق ئوقۇ‌ڭ.‏

‏«مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھاياتنى ئۆزگە‌رتىدۇ»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2012-‏يىل،‏ 1-‏ئاپرېل)‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش