49-ناخشا
يەھۋا بىزنىڭ پاناھگاھىمىز
(زەبۇر 91-باب)
1. يەھۋا مەڭگۈ ئىشەنچلىك
پاناھگاھىمىزدۇر.
سايىسى بىزگە دالدا؛
سايە ئاستىدا تۇر.
تايان خۇدانىڭ كۈچىگە،
بولار ئۇ يار-يۆلەك بىزگە.
يەھۋا، ئۇ مەزمۇت قورغان،
بولار ھەق كىشىگە پاناھ.
2. كۆر! يىقىلماقتا نۇرغۇن
ئىنسان ئەتراپىڭدا،
سادىق بول، ھەرگىز قورقما،
مەھكەم تۇر ئىماندا.
چوڭ زىيانكەشلىك كەلسىمۇ،
قىلما ئەندىشە قىلچىمۇ.
خۇدا باشپاناھ ساڭا،
ئالار قانىتى ئاستىغا.
3. دۇچ كەلسەڭ تۇزاقلارغا،
سەن ھەرگىز ھودۇقما،
قورقما ۋە چۈشكۈن بولما،
سېنى قوغدار خۇدا.
ياش قاۋۇل شىردىن قورقما سەن؛
چىپار يىلاننى يانجىيسەن.
پاناھگاھىمىز يەھۋا،
ئۇ مەڭگۈ بىزگە باشپاناھ.
(زەبۇر 97:10؛ 121:3، 5؛ يەشايا 52:12-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).