ئىزاھات
1. بۈيۈك بابىلنى ئېنىقلاش
بۈيۈك بابىل بارلىق ساختا دىنلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى قەيەردىن بىلدىڭىز؟ (ۋەھىيلەر 17:5). بۇنى تۆۋەندىكىلەردىن بىلەلەيمىز:
ئۇ پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئايەتلەردە، بۈيۈك بابىل بارلىق مىللەتلەر ۋە خەلقلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ،—دەپ تەسۋىرلەنگەن.—ۋەھىيلەر 17:15، 18.
ئۇ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەمەس. بۈيۈك بابىل ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ۋە سودىگەرلەر يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.—ۋەھىيلەر 18:9، 15.
ئۇ خۇدا ھەققىدە يالغان تەلىملەرنى تارقىتىدۇ. بۈيۈك بابىل پۇل ۋە باشقا پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، سىياسىي ھۆكۈمەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلاشقان، شۇڭا پاھىشە دەپ ئاتالغان (ۋەھىيلەر 17:1، 2). ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئازدۇرغان ۋە نۇرغۇن قان تۆكۈلۈشلەرگە سەۋەبچى بولغان.—ۋەھىيلەر 18:23، 24.
13-دەرىسنىڭ 6-نۇقتىسىغا قايتىش
2. مەسىھ قاچان مەيدانغا كەلگەن؟
مۇقەددەس كىتابتا، مەسىھ كەلگىچە 69 ھەپتە ۋاقىت ئۆتۈشى كېرەكلىكى بېشارەت قىلىنغان.—دانىيال 9:25-نى ئوقۇڭ.
69 ھەپتە قاچان باشلانغان؟ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 455-يىلى، ۋالىي نەھەمىيا يېرۇسالىمغا قايتىپ كېلىپ، شەھەر سېپىل تاملىرىنى قايتا ياساشقا باشلىغاندا باشلانغان.—دانىيال 9:25؛ نەھەمىيا 2:1، 5–8.
69 ھەپتە قانچە ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىدۇ؟ مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى بېشارەتلەردە بىر كۈن بىر يىلنى كۆرسىتىدۇ (سانلار 14:34؛ ھەزەكىيال 4:6). ھەر ھەپتە يەتتە يىلنى كۆرسەتسە، بۇ بېشارەتتىكى 69 ھەپتە، 483 يىل داۋاملىشىدۇ (69 ھەپتە x 7 كۈن).
69 ھەپتە قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟ 483 يىل ۋاقىت، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 455-يىلىدىن باشلانسا، مىلادى 29-يىلى ئاخىرلىشىدۇa. دەل شۇ يىلى ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ، مەسىھ قىلىنغان!—لۇقا 3:1، 2، 21، 22.
15-دەرىسنىڭ 5-نۇقتىسىغا قايتىش
3. قانغا مۇناسىۋەتلىك داۋالاش ئۇسۇللىرى
مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى قان قۇيدۇرمايدۇ ياكى ئۆز قېنىنى تەغدىم قىلمايدۇ. ئۇنداقتا، ئۇلار ئۆز قېنىنى ئىشلىتىپ داۋالاش ئۇسۇللىرىغا قانداق كۆزقاراشتا بولىدۇ؟ ئۇلار شۇنداق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى، مەسىلەن، ئۆز قېنىنى ئالدىن-ئالا ساقلاپ قويۇپ، كېيىن ئوپېراتسىيە جەريانىدا ئىشلىتىشنى قوبۇل قىلمايدۇ.—تەكرار قانۇن 15:23.
مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بەزى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، قان تەكشۈرۈش، قاننى دىئالىزلاش، قان سۇيۇلدۇرۇش، يۈرەك-ئۆپكە ماشىنىسى ياكى قان سۇيۇقلىقىنى يىغىۋېلىش ماشىنىسىنى قوللىنىدۇ. تاشقى كېسەل ئوپېراتسىيەسى، تىببىي تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى ياكى ھازىر قوللىنىۋاتقان داۋالاش ئۇسۇللىرىدا ئۆز قېنىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ھەربىر مەسىھ ئەگەشكۈچىسى چوقۇم ئۆزى قارار قىلىشى كېرەك. ھەربىر دوختۇرنىڭ مۇشۇ داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشى بىراز پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ھەربىر مەسىھ ئەگەشكۈچىسى ھەرقانداق تاشقى كېسەل ئوپېراتسىيەسى، تىببىي داۋالاش، تىببىي تەكشۈرۈش ياكى داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلىشتىن ئاۋۋال، ئۆز قېنىنىڭ قانداق ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىشى كېرەك. تۆۋەندىكى سوئاللار توغرۇلۇق ئويلاپ كۆرۈڭ:
مەلۇم مىقداردىكى قان تارتىپ چىقىرىلسا، ھەتتا ئاشۇ قاننىڭ ئايلىنىشى بىراز ۋاقىتقا توختاپ قالسا، شۇ قاننى تېنىمنىڭ بىر قىسىمى، ئۇنى سۇدەك «يەرگە» تۆكۈۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىسام، ۋىجدانىم يول قويامدۇ؟—تەكرار قانۇن 12:23، 24.
ئەگەر داۋالىنىش جەريانىدا تېنىمدىن مەلۇم مىقداردىكى قان تارتىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، دورا سۇيۇقلۇقلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ، تېنىمگە قايتۇرۇلسىچۇ؟ مۇقەددەس كىتاب بويىچە تەربىيىلەنگەن ۋىجدانىم ئازابلىنامدۇ ياكى ئاشۇ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلىمەنمۇ؟
39-دەرىسنىڭ 3-نۇقتىسىغا قايتىش
4. ئايرىم تۇرۇش
مۇقەددەس كىتاب ئەر-ئايالغا ئايرىم ياشىماسلىقنى ئېيتىدۇ. يەنە ئايرىم ياشىغانلارنىڭ قايتا توي قىلىش ھوقۇقى بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ (1-كورىنتلىقلار 7:10، 11). ئەمما، تۆۋەندىكى ۋەزىيەتلەردە مەسىھ ئەگەشكۈچىسى ئايرىم ياشاشنى ئويلىشى مۇمكىن.
ئائىلىسىنى تەمىنلەشنى رەت قىلىش. ئەر كىشى ئائىلىسىنى بېقىشنى رەت قىلىپ، نەتىجىدە ئائىلىدىكىلەر زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىگە ئېرىشەلمىسە.—1-تىموتىي 5:8.
خورلاشقا ئۇچراش ۋە تەن-سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر يېتىش. جورىسىغا زوراۋانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە تەن-سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزسە.—گالاتىيالىقلار 5:19–21.
جورىسىنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈش. بىرى جورىسىنىڭ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلسا.—ئەلچىلەر 5:29.
5. بايراملار ۋە تەبرىكلەشلەر
مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى يەھۋانى خۇرسەن قىلمايدىغان بايراملارغا قاتناشمايدۇ. بىراق، باشقا كىشىلەر شۇ بايراملارغا قاتناشسا، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى مۇقەددەس كىتاب بويىچە تەربىيىلەنگەن ۋىجدانىغا ئاساسەن بۇ ۋەزىيەتكە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلىشى كېرەك. بىرقانچە مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى.
بىرى سىزنى بايرام بىلەن تەبرىكلەپ، سالام بەرسە. بەلكىم، سىز ئاددىيلا «رەھمەت» دېيىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر قارشى تەرەپ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ تەبرىك سۆزىنى قىلمىغانلىقىڭىزنى بىلمەكچى بولسا، سىز بايرامنى تەبرىكلىمەيدىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر جورىڭىز يەھۋا گۇۋاھچىسى بولمىسا، ئۇ سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن بايرام كۈنى تاماق يېيىشنى ئېيتسا. ئەگەر ۋىجدانىڭىز شۇ يىغىلىشقا بېرىشقا يول قويسا، بېرىشتىن ئاۋۋال ئۆز جورىڭىزغا ئاشۇ داستىخاندا ئولتۇرغاندا، غەيرى ئۇرۇپ-ئادەتلەر ئۆتكۈزۈلسە، ئۇلارغا قاتناشمايدىغانلىقىڭىزنى ئالدىن-ئالا چۈشەندۈرسىڭىز بولىدۇ.
خوجايىنىڭىز بايرام مەزگىلىدە سىزگە مۇكاپات پۇلىنى بەرسە. چوقۇم شۇ مۇكاپات پۇلىنى رەت قىلىشىڭىز كېرەكمۇ؟ بۇنداق قىلىش شەرت ئەمەس. ئويلاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ: خوجايىن مۇكاپات پۇلىنى تارقىتىشنى بايرامنىڭ بىر قىسىمى دەپ قارامدۇ ياكى خىزمەتچىلىرىنىڭ جاپالىق ئىشلىگىنى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشنى خالامدۇ؟
بايرام مەزگىلىدە بىرى سىزگە سوۋغا تەغدىم قىلسا. سوۋغىنى بەرگەن كىشى، بەلكىم، مۇنداق ئېيتىشى مۇمكىن: «مەن مۇشۇ بايرامنى تەبرىكلىمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. بىراق، مۇشۇ سوۋغىنى قوبۇل قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن». سوۋغىنى بەرگەن كىشى پەقەت ياخشى نىيىتىنى ئىپادىلەپ، شۇ سوۋغىنى بەرمەكچى بولغانمۇ؟ ئەكسىچە، ئۇ ئېتىقادىڭىزنىڭ مۇستەھكەم ياكى ئەمەسلىكىنى سىنىماقچىمۇ؟ ياكى بولمىسا، مۇشۇ ئۇسۇلدا سىزنى ئاشۇ بايرامغا قاتناشتۇرماقچىمۇ؟ سىز قارشى تەرەپنىڭ نىيىتىنى ئويلاپ كۆرگەندىن كېيىن، شۇ سوۋغىنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى ئۆزىڭىز قارار قىلىشىڭىز كېرەك. مەيلى قانداق قارار قىلمايلى، بىز ۋىجدانىمىزنىڭ پاك بولۇشىنى ۋە يەھۋاغا سادىق بولۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.—ئەلچىلەر 23:1.
44-دەرىسنىڭ 1-نۇقتىسىغا قايتىش
6. يۇقۇملۇق كېسەللەر
بىز ئادەملەرنى ياخشى كۆرىمىز. شۇڭا، باشقىلارغا يۇقۇملۇق كېسەلنى يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىمىز. مەيلى يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولايلى ياكى يۇقۇملۇق كېسەلنى يۇقتۇرۇۋالدىم،— دەپ ئويلايلى، شۇنداق ئەھۋاللاردا ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك. چۈنكى، مۇقەددەس كىتاب بىزگە: يېنىڭدىكى كىشىنى ئۆزۈڭدەك سۆيگىن،— دەپ بۇيرىغان.—رىملىقلار 13:8–10.
يۇقۇملانغان كىشى مۇشۇ بۇيرۇققا بويسۇنۇپ، باشقىلارنى سۆيىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتەلەيدۇ؟ بۇنداق كىشى باشقىلار بىلەن كۆرۈشكەندە، بىرىنچى بولۇپ قۇچاقلىشىپ ياكى سۆيۈشۈپ سالاملىشىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئەگەر بەزىلەر ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى قوغداش ئۈچۈن شۇنداق كېسىلى بار كىشىنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلمىسا، شۇ كىشى بۇنىڭغا سەلبىي ئىنكاس قايتۇرماسلىقى كېرەك. ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسىگە ئېيتىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ئاقساقاللار چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتىدىغان باشقا كىشىلەرنى قوغداش چارە-تەدبىرلىرىنى كۆرەلەيدۇ. مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈشنى باشلاشتىن ئاۋۋال، يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشى ئۆزلىكىدىن قان تەكشۈرتۈپ كۆرۈشى كېرەك. بۇ ئارقىلىق «ئۆز مەنپەئىتىڭلارنىلا ئەمەس، باشقىلارنى مەنپەئىتىنىمۇ ئويلاڭلار» دېگەن بۇيرۇققا ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىسىز.—فىلىپىلىكلەر 2:4.
56-دەرىسنىڭ 2-نۇقتىسىغا قايتىش
7. سودا-تىجارەت ۋە قانۇنىي ئىشلار
بىز پۇل ياكى سودا-تىجارەت ئىشلىرىدا توختام ياكى كېلىشىملەرنى يېزىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز. باشقا مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بىلەن كېلىشىم تۈزگەندىمۇ، چوقۇم شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك (يەرەمىيا 32:9–12). چۈنكى، بەزىدە خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ پۇل ۋە باشقا ئىشلارغا بولغان كۆزقاراشلىرى بىر-بىرىدىن كىچىككىنە پەرقلىنىشى مۇمكىن. ئۇلار ئارىسىدىكى شۇنداق كىچىككىنە مەسىلىلەرنى تېزلىكتە تىنچ يول بىلەن ئۆزئارا ھەل قىلالىشى كېرەك.
ئەمما، ئالدامچىلىق ياكى تۆھمەت قىلىشقا ئوخشاش جىددىي مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىشىمىز كېرەك؟ (مەتتا 18:15–17-نى ئوقۇڭ). ئەيسا شۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈچ قەدىمىنى كۆرسەتكەن:
مەسىلىنى ئۆزئارا ھەل قىلىشقا تىرىشىڭلار.—15-ئايەتنى كۆرۈڭ.
ئەگەر مەسىلە ھەل بولمىسا، جامائەتتىكى بىر ياكى ئىككى پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادداشلارنى ئۆزىڭىز بىلەن بىللە بېرىشقا تەكلىپ قىلىڭ.—16-ئايەتنى كۆرۈڭ.
مەسىلە يەنىلا ھەل بولمىسا، شۇ چاغدا ئاقساقاللاردىن ياردەم سوراڭ.—17-ئايەتنى كۆرۈڭ.
كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، بىز قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى، بۇ يەھۋا خۇدا ۋە جامائەتنىڭ نامىغا داغ كەلتۈرىدۇ (1-كورىنتلىقلار 6:1–8). بىراق، بەزى ئەھۋاللاردا قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بار. مەسىلەن، نىكاھتىن ئاجرىشىش، بالىنى بېقىش ھوقۇقى، بالا بېقىش ھەققىنى تەلەپ قىلىش، سۇغۇرتا تۆلەم پۇلىنى تەلەپ قىلىش، ۋەيران بولۇش ۋە ۋەسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قانۇنىي يولدا ھەل قىلىمىز. بۇنداق ئىشلارنى تىنچ يول بىلەن سوت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىدىغان خۇدا خىزمەتچىسى مۇقەددەس كىتابتىكى نەسىھەت سۆزلىرىنى بۇزمايدۇ.
ئەگەر ئېغىر جىنايەت، يەنى باسقۇنچىلىق، بالىلارنى خورلاش، باشقىلارغا قەستەن ھۇجۇم قىلىش، چوڭ ئوغرىلىق ياكى قاتىللىققا ئوخشاش ئىشلار يۈز بەرگەندە، خۇدا خىزمەتچىسى شۇنداق ئىشلارنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا خەۋەر قىلسا، مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىنى بۇزغان بولمايدۇ.
a مىلادىدىن ئىلگىرىكى 455-يىلدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1-يىلغىچە، 454 يىل ئۆتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1-يىلدىن مىلادى 1-يىلغىچە، بىر يىل ئۆتكەن (چۈنكى، مىلادى نۆلىنچى يىل يوق). مىلادى 1-يىلدىن مىلادى 29-يىلغىچە، 28 يىل. مۇشۇ ئۈچ ساننى قوشساق، جەمئىي 483 يىل بولىدۇ.