11-دەرس
مۇقەددەس كىتاب ئوقۇشنىڭ سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
سىز چوڭ بىر ئىشنى باشلاش ھەققىدە ئويلانغىنىڭىزدا، ئۇنى قانداقمۇ تۈگىتەرمەن دەپ باش قاتتۇرغانمۇ؟ شۇ قىيىن كۆرگەن ئىشنى ئاسانراق تاماملاش ئۈچۈن، ئۇنى بۆلۈپ، بىر-بىرلەپ قىلىشىڭىز مۇمكىن. مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشنى شۇنىڭغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. بەلكىم، سىز: «قەيەردىن باشلىسام بولار؟» — دەپ ئويلايسىز. بۇ دەرستە، مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان ئاددىي بىرقانچە ئۇسۇللارنى كۆرۈپ چىقىمىز. شۇلار مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ۋە تەتقىق قىلىشتىن ھۇزۇر ئېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
1. نېمە ئۈچۈن ھەر كۈنى مۇقەددەس كىتاب ئوقۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك؟
مۇقەددەس كىتابنى يەنى، يەھۋانىڭ قانۇنلىرىنى ئوقۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان ئادەم، ھاياتىدا خۇشاللىق ۋە ئىشلىرىدا روناق تاپىدۇ (زەبۇر 1:1–3-نى ئوقۇڭ). دەسلەپتە، ھەر كۈنى پەقەت بىرقانچە مىنۇت ئوقۇشقا ھەرىكەت قىلىپ كۆرۈڭ. خۇدا سۆزى ھەققىدە بىلىملىرىڭىز ئاشقانسېرى، مۇقەددەس كىتاب ئوقۇش سىزگە شۇنچە كۆپ ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.
2. مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇغانلىرىمىزنىڭ پايدىسىنى كۆرۈشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇغانلىرىمىزنىڭ كۆپرەك پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن، بىراز توختاپ ئوقۇغانلىرىمىز ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز كېرەك (يەشۇئا 1:8). ئوقۇغاندا ئۆز-ئۆزىڭىزدىن شۇنداق سوئال سوراڭ: «ئوقۇغانلىرىم ياراتقۇچى يەھۋا ھەققىدە ماڭا نېمە ئېيتىپ بېرىدۇ؟ شۇلارنى ھاياتىمدا قانداق قوللىنالايمەن؟ شۇ ئايەتلەرنى ئىشلىتىپ باشقىلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمەن؟»
3. مۇقەددەس كىتاب ئوقۇشقا قاچان ۋاقىت چىقىرالايسىز؟
سىزگە مۇقەددەس كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن ۋاقىت تېپىش قىيىن بولۇۋاتامدۇ؟ كۆپىنچىمىز شۇنداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىمىز. ۋاقتىڭىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن تىرىشىڭ (ئەفەسلىكلەر 5:16). بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر كۈنى مۇقەددەس كىتاب ئوقۇشقا مەلۇم بىر ۋاقىتنى ئاجرىتىپ كۆرۈڭ. بەزىلەر مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشقا تاڭ سەھەردە ۋاقىت چىقىرىدۇ. باشقىلىرى كېيىنرەك، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ئوقۇيدۇ. يەنە باشقىلىرى بولسا، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئوقۇيدۇ. سىز ئۈچۈن ئەڭ قولاي ۋاقىت قاچان؟
چوڭقۇرراق قېزىڭ
مۇقەددەس كىتاب ئوقۇشتىن تېخىمۇ زوق ئېلىشنىڭ يولىنى بىلىۋېلىڭ. مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنىڭ كۆپرەك پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن، شۇنىڭغا قانداق ياخشىراق تەييارلىق قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
ھېچقاچان يەپ باقمىغان تاماقنىڭ تەمىگە ئادەتلىنىشنى ئۆگەنگەندەك، بىز مۇقەددەس كىتاب ئوقۇشتىن زوق ئېلىشنى ئۆگىنەلەيمىز
4. مۇقەددەس كىتاب ئوقۇشتىن ھۇزۇر ئېلىشنى ئۆگىنىش
بەلكىم، مۇقەددەس كىتاب ئوقۇشنى باشلاش ئاسانغا چۈشمەيدۇ. بىراق، ھېچقاچان يەپ باقمىغان تاماقنىڭ تەمىگە ئادەتلىنىشنى ئۆگەنگەندەك، بىز مۇقەددەس كىتاب ئوقۇشتىن زوق ئېلىشنى ئۆگىنەلەيمىز. 1-پېترۇس 2:2-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ.
سىزنىڭچە، ئەگەر ھەر كۈنى مۇقەددەس كىتاب ئوقۇسىڭىز، ئۇنىڭدىن ھۇزۇر ئالالامسىز ۋە تېخىمۇ كۆپرەك ئوقۇشنى خالامسىز؟
فىلىمنى كۆرۈپ، بەزىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتاب ئوقۇشتىن ھۇزۇر ئېلىشنى قانداق باشلىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ. كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
بۇ فىلىمدا، ياشلار قانداق قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەن؟
ئۇلارنىڭ داۋاملىق مۇقەددەس كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلىنىشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟
ئۇلار مۇقەددەس كىتاب ئوقۇشتىن تېخىمۇ ھۇزۇر ئېلىش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟
سىزگە ياردەم بېرىدىغان مەسلىھەتلەر:
چۈشىنىشلىك، تىلى راۋان تەرجىمىنى تاللاڭ. ئەگەر ئانا تىلىڭىزدا «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» بولسا، شۇ تەرجىمىنى ئوقۇپ كۆرۈڭ.
سىز ئەڭ قىزىقارلىق، دەپ قارىغان بۆلەكنى ئوقۇشقا باشلاڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن، «مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشنى باشلاڭ»، دېگەن جەدۋەلدىن پايدىلىنىڭ.
ئوقۇپ بولغان جايلارغا بەلگە قويۇڭ. «مۇقەددەس كىتابتىن نېمىلەرنى ئوقۇپ بولدىڭىز» دېگەن جەدۋەلنى ئىشلىتىڭ.
®JW Library پروگراممىسىنى ئىشلىتىڭ. تېلېفون، كومپيۇتېر ياكى باشقىلاردىن پايدىلىنىپ، مۇشۇ پروگراممىنى ئىشلىتىپ، ئۆزىڭىز چۈشىنىدىغان بىر تىلدا مۇقەددەس كىتابنى ھەر قانداق جايدا ۋە ۋاقىتتا ئوقالايسىز ياكى ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقىنى تىڭشىيالايسىز.
«مۇقەددەس كىتاب — مەدھىيە تەرجىمىسى»-نىڭ ئاخىرقى بەتلىرىدىكى قوشۇمچە ئىزاھاتقا قاراڭ. شۇ قوشۇمچە خەرىتىلەر، جەدۋەللەر ۋە چۈشەندۈرۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشتىن تېخىمۇ زوق ئېلىشىڭىز ياردەم بېرىدۇ.
5. مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىڭىزگە تەييارلىق قىلىڭ
زەبۇر 119:34-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
مۇقەددەس كىتاب ئوقۇش ياكى تەتقىق ئۆگىنىشىگە تەييارلىق قىلىشتىن بۇرۇن، دۇئا قىلىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
ھەر قېتىملىق تەتقىق ئۆگىنىشىڭىزنىڭ كۆپرەك پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن، نېمە قىلالايسىز؟ مۇشۇ دەرسلىكتىكى ھەر بىر دەرسكە تەييارلىق قىلغىنىڭىزدا، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىڭ:
(1) چوڭقۇرراق قېزىڭ، دېگەن بۆلەكنىڭ ئۈستىدىكى ئابزاسلارنى ئوقۇڭ.
(2) نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئايەتلەرنى ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىۋاتقان مەزمۇن بىلەن قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى چۈشىنىشكە ھەرىكەت قىلىڭ.
(3) ھەر بىر سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، مۇھىم سۆز-ئىبارىلەر ياكى جۈملىلەر ئاستىغا سىزىپ قويۇڭ؛ بۇ سىزگە مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىدە ياردەم بېرىدۇ.
سىز بىلەمسىز؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مۇقەددەس كىتابنىڭ بىرقانچە تەرجىمىلىرىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بىز «مۇقەددەس كىتاب — يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى»نى بەكرەك ياخشى كۆرىمىز. سەۋەبى، ئۇ توغرا، چۈشىنىشلىك، ئۇنىڭدا خۇدانىڭ ئىسمى ئىشلىتىلگەن. «يەھۋا گۇۋاھچىلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابى بارمۇ؟» دېگەن تور بەتتىكى ماقالىگە قاراڭ.
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ياكى تەتقىق قىلىش بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەس. مېنىڭ شۇنداق قىلغۇدەك ۋاقتىممۇ يوق».
سىزمۇ شۇنداق ئويلامسىز؟
خۇلاسە
مۇقەددەس كىتابنىڭ كۆپرەك پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئۇنى ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرىڭ. ئوقۇغانلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ ۋە مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىڭ.
تەكرارلاش
مۇقەددەس كىتابتىن كۆپرەك پايدا ئېلىشىڭىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشقا ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىشقا قاچان ۋاقىت چىقىرالايسىز؟
مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىڭىزگە تەييارلىق قىلىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشتىن پايدا ئېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان مەسلىھەتلەرنى قايتا كۆرۈپ چىقىڭ.
«مۇقەددەس كىتاب ئوقۇشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2017-يىل، 1-سان)
مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشنىڭ ئۈچ ئۇسۇلىنى بىلىۋېلىڭ.
مۇقەددەس كىتاب ئوقۇشتىن قانداق ھۇزۇر ئالالايدىغانلىقىڭىزنى بايقاشقا تىرىشىڭ.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇۋاتقانلاردىن تەتقىق قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى سوراپ كۆرۈڭ.