23-دەرس
چۆمۈلدۈرۈلۈش گۈزەل ھاياتقا يول ئاچىدۇ!
ئەيسا ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇشنى خالايدىغانلارنىڭ چوقۇم چۆمۈلدۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان (مەتتا 28:19، 20-نى ئوقۇڭ). ئەمما چۆمدۈرۈلۈش دېگەن نېمە؟ كىشى بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك؟
1. چۆمۈلدۈرۈلۈش دېگەن نېمە؟
ئەيسا ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈلگەندە، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى سۇغا چۆكۈرۈلگەن ۋە كېيىن سۇدىن چىققان ئىدى (ماركۇس 1:9، 10). شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى چۆمۈلدۈرۈلگەندە، پۈتۈن بەدىنى سۇغا چۆكۈرۈلىدۇ.
2. چۆمۈلدۈرۈلۈش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن كىشى ئۆزىنى خۇدا يەھۋاغا بېغىشلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەم ئۆزىنى خۇداغا قانداق بېغىشلايدۇ؟ ئۇ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال، شەخسىي دۇئاسىدا ئۆزىنىڭ يەھۋاغا مەڭگۈ خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ پەقەت يەھۋاغا ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشنى ھاياتىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. خۇداغا ئۆزىنى بېغىشلىغان كىشى ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، دائىم ئەيسانىڭ تەلىملىرىگە ئەگىشىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ئۈلگە قىلىدىغانلىقىنى قارار قىلىدۇ (مەتتا 16:24). ئۆزىنى خۇداغا بېغىشلاپ، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن كىشى ياراتقۇچى خۇدا ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرى بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورنىتالايدۇ.
3 .چۆمۈلدۈرۈلۈش ئۈچۈن چوقۇم نېمە قىلىش كېرەك؟
سىز چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال يەھۋا توغرۇلۇق بىلىم ئېلىپ، ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئاشۇرۇشىڭىز كېرەك (ئىبرانىيلار 11:6-نى ئوقۇڭ). بىلىمىڭىز ئېشىپ، ئېتىقادىڭىز مۇستەھكەم بولغانسېرى، يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىز ئاشىدۇ. نەتىجىدە، باشقىلارغا ئۇ ھەققىدە ئېيتىش ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە ياشاش ئارزۇ-ئىستىكىڭىز پەيدا بولىدۇ (2-تىموتىي 4:2؛ 1-يۇھاننا 5:3). كىشى يەھۋا خۇدانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ماس ياشاشنى باشلىغاندا، ئۇ ھاياتىنى خۇداغا بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنى قارار قىلىشى مۇمكىن.—كولوسىلىقلار 1:9، 10a.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى ۋە بىرى بۇ مۇھىم قەدەمنى بېسىشقا قانداق تەييار بولالايدىغانلىقىنى كۆرۈڭ.
4. ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپرەك مەلۇماتلارنى بىلىش ئۈچۈن، مەتتا 3:13–17-نى ئوقۇڭ. كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
ئەيسا بوۋاق چېغىدا چۆمۈلدۈرۈلگەنمۇ؟
ئۇ قانداق چۆمۈلدۈرۈلگەن؟ ئۇنىڭ بېشىغا پەقەت سۇ سېپىلگەنمۇ ياكى باشقا ئۇسۇلدا چۆمۈلدۈرۈلگەنمۇ؟
ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ يەر يۈزىدە خۇدا تاپشۇرغان ئالاھىدە بىر خىزمەتنى باشلىغان. لۇقا 3:21–23 ۋە يۇھاننا 6:38-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ ھاياتىدا قايسى خىزمەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان؟
5. چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن سىزمۇ ئۆتەلەيسىز
ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش، قارىماققا سىز ئۈچۈن دەسلەپتە قىيىن تۇيۇلىشى مۇمكىن. بىراق، سىز بىلىم ئالغانسېرى، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز كۈچىيىپ، بۇ مۇھىم قارارنى چىقىرىشتىن قورقمايسىز. شۇنداق قارارلارنى چىقارغان بەزىلەرنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقايلى. فىلىمنى كۆرۈڭ.
يۇھاننا 17:3 ۋە ياقۇپ 1:5-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
كىشىگە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە تەييار بولۇشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
(1) بىز يەھۋاغا مەڭگۈ خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئۆزۈمىزنى بېغىشلايمىز
(2) بىز سۇغا چۆمدۈرۈلگەندە ئۆزۈمىزنى خۇداغا بېغىشلىغانلىقىمىزنى ئەتراپتا قاراپ تۇرغانلارغا كۆرسىتىمىز
6. چۆمۈلدۈرۈلۈش ئارقىلىق يەھۋانىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولالايمىز
بىز چۆمدۈرۈلگەندە، خەلقئارالىق چوڭ بىر ئائىلىنىڭ ئەزاسى بولالايمىز. گەرچە بىز دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا ياشىساقمۇ، كېلىپ چىقىشىمىز پەرقلىق بولسىمۇ، بىراق ئېتىقادىمىز بىردەك ۋە ئوخشاش ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە ماس ياشايمىز. زەبۇر 25:14 ۋە 1-پېترۇس 2:17-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش كىشىنىڭ يەھۋا ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغان باشقا كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «مەن چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە تېخى تەييار ئەمەس».
ئەگەر سىزمۇ شۇنداق ئوي-پىكىردە بولسىڭىز، سىزنىڭچە چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئەرزىمدۇ؟
خۇلاسە
ئەيسا ئۆزىگە ئەگىشىشنى خالىغانلارنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. بۇنىڭ ئۈچۈن كىشى يەھۋاغا بولغان كۈچلۈك ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە ياشىشى ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنى بېغىشلىشى كېرەك.
تەكرارلاش
چۆمۈلدۈرۈلۈش دېگەن نېمە؟ نېمە ئۈچۈن بۇ مۇھىم؟
چۆمۈلدۈرۈلۈش نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
كىشى ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشتىن ئاۋۋال قايسى قەدەملەرنى بېسىشى كېرەك؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈش نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ.
«سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈش دېگەن نېمە؟» (تور بېكەتتىكى ماقالە)
چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن كىشى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟
بىر كىشىنىڭ سۇغا چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش قارارى پەقەت ئۇنىڭ ھېس-تۇيغۇسىغا ئاساسلانمىغانلىقىنى ئوقۇڭ.
«ئۇلار ھەقىقەتكە كۆز يەتكۈزۈشۈمنى خالىغان» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2013-يىل، 1-فېۋرال)
نېمە ئۈچۈن سىزمۇ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك ۋە بۇ مۇھىم قەدەمنى بېسىشقا قانداق تەييار بولالايدىغانلىقىڭىزنى بىلىۋېلىڭ.
a كىشى ئىلگىرى باشقا دىندا بولۇپ، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇ چوقۇم قايتا چۆمۈلدۈرۈلۈشى كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى، شۇ دىن ئۇنىڭغا مۇقەددەس كىتاب ھەقىقەتلىرىنى ئۆگەتمىگەن. ئەلچىلەر 19:1–5 ۋە 13-دەرسكە قاراڭ.