كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ش‌ي 45-‏دە‌رس
  • بىتە‌رە‌پ تۇ‌رۇ‌ش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • بىتە‌رە‌پ تۇ‌رۇ‌ش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏
  • مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ
  • خۇ‌لاسە
  • ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
  • نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى سىياسىي بېتە‌رە‌پلىكنى ساقلايدۇ؟‏
    يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ھە‌ققىدە كۆپچىلىكنى قىزىقتۇ‌رىدىغان سوئاللار
  • ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى قانداق ئېنىقلىيالايمىز؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • 3-‏قىسىم ئۈچۈن نە‌شىرى ماتېرىياللار
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • سىلە‌ر بۇ دۇ‌نياغا مە‌نسۇ‌پ ئە‌مە‌س!‏
    خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
كۆپرەك ئۇچۇرلار
مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
م‌ش‌ي 45-‏دە‌رس
45-‏دە‌رس.‏ بىر ياش قېرىنداش ساداقە‌تمە‌نلىك قە‌سىمى بېرىۋاتقانلار ئارىسىدا،‏ ھۆرمە‌ت بىلە‌ن تۇ‌رىدۇ،‏ ئە‌مما،‏ ئۇ قە‌سە‌م سۆزلىرىنى يادقا ئېيتمايدۇ ۋە باشقا ئوقۇ‌غۇ‌چىلاردە‌ك قولىنى مە‌يدىسىگە قويمايدۇ.‏

45-‏دە‌رس

بىتە‌رە‌پ تۇ‌رۇ‌ش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

باسما نەشىرى
باسما نەشىرى
باسما نەشىرى

ئە‌يسا ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە بۇ دۇ‌نياغا مە‌نسۇ‌پ ياكى تە‌ۋە بولماسلىقى كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان (‏يۇ‌ھاننا 15:‏19)‏.‏ بىتە‌رە‌پ تۇ‌رۇ‌ش دۇ‌نيانىڭ سىياسىي ئىشلىرىدا ۋە ئۇ‌رۇ‌ش ياكى جە‌ڭلە‌ردە ھېچ تە‌رە‌پتە تۇ‌رماسلىقنى بىلدۈرىدۇ.‏ بىراق،‏ بىتە‌رە‌پ تۇ‌رۇ‌ش ھە‌مىشە ئاسان ئە‌مە‌س.‏ مۇ‌شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بىز مە‌سخىرىگە ئۇ‌چرىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلاپ،‏ ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋاغا سادىق قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

1.‏ ھە‌قىقىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئىنسانىي ھۆكۈمە‌تلە‌رگە قانداق كۆزقاراشتا؟‏

مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ھۆكۈمە‌تنى ھۆرمە‌تلە‌يدۇ.‏ بىز ئە‌يسا مە‌سىھ بۇ‌يرىغاندە‌ك قىلىمىز ۋە قە‌يسە‌رنىڭ ھە‌ققىنى قە‌يسە‌رگە بېرىمىز‏،‏ يە‌نى ئۆزىمىز ياشىغان دۆلە‌تنىڭ قانۇ‌نلىرىغا بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ تە‌لە‌پ قىلىنغان باجنى تاپشۇ‌رىمىز (‏ماركۇ‌س 12:‏17)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب شۇ‌نداق تە‌لىم بېرىدۇ‌كى،‏ يە‌ھۋا ئىنسانىي ھۆكۈمە‌تلە‌رنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا رۇ‌خسە‌ت قىلغىنى ئۈچۈنلا،‏ ئۇ‌لار ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ (‏رىملىقلار 13:‏1)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئىنسانىي ھۆكۈمە‌تلە‌رنىڭ پە‌قە‌ت نىسبىي ياكى چە‌كلىك ھوقۇ‌ققا ئىگە ئىكە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلىمىز.‏ بىز خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭ پادىشاھلىقى ئىنسانىيە‌تنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلىرىنى پات-‏ئارىدا ھە‌ل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.‏

2.‏ بىز بىتە‌رە‌پ تۇ‌رىدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

ئە‌يساغا ئوخشاش،‏ بىز سىياسە‌تكە ئارىلاشمايمىز.‏ كىشىلە‌ر ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ بىر مۆجىزىسىنى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌نى يە‌ر يۈزىدە ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى قىلماقچى بولغان.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنى رە‌ت قىلغان ئىدى (‏يۇ‌ھاننا 6:‏15)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ جاۋابنى ئە‌يسانىڭ كېيىنرە‌ك ئېيتقان مۇ‌نۇ سۆزلىرىدىن تاپالايمىز:‏ ‏«مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇ‌نيادىن ئە‌مە‌س»‏ (‏يۇ‌ھاننا 18:‏36)‏.‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى سۈپىتىدە بىزلە‌ر بىتە‌رە‌پ تۇ‌رىدىغانلىقىمىزنى بىرقانچە ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌ن كۆرسىتىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز قوللىرىمىزغا قورال ئېلىپ ئۇ‌رۇ‌شقا بارمايمىز (‏مىكاھ 4:‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ دۆلە‌تلە‌رنىڭ بايراقلىرىغا ئوخشاش سىمۋوللۇ‌ق بە‌لگىلە‌رگە ھۆرمە‌ت كۆرسىتىمىز،‏ بىراق خۇ‌داغا بېرىدىغان شان-‏شە‌رە‌پنى ئۇ‌لارغا بە‌رمە‌يمىز (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏21)‏.‏ ھېچقانداق سىياسىي پارتىيە ياكى نامزاتلار تە‌رە‌پتە تۇ‌رمايمىز ياكى ئۇ‌لارغا قارشى چىقمايمىز.‏ مۇ‌شۇ‌نداق ۋە باشقا ئۇ‌سۇ‌للاردا،‏ بىز خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمىتىگە،‏ يە‌نى ئۇ‌نىڭ پادىشاھلىقىغا پۈتۈنلە‌ي سادىق ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلىشىمىزغا قىيىنچىلىق تۇ‌غدۇ‌رىدىغان ۋە‌زىيە‌تلە‌رنى بىلىۋېلىڭ ۋە يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان قارارلارنى قانداق چىقىرالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ بېقىڭ.‏

بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلاۋاتقان كىشى.‏ ئۇ بىر-‏بىرىگە قارشى سىياسىي نامزاتلارنىڭ كىشىلە‌رگە قىلغان سۆزلىرىگە دىققە‌ت قىلمايدۇ.‏

3.‏ ھە‌قىقىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بىتە‌رە‌پ تۇ‌رىدۇ

ھە‌زرىتى ئە‌يسا ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بىزگە ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ رىملىقلار 13:‏1،‏ 5–‏7 ۋە 1-‏پېترۇ‌س 2:‏13،‏ 14-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ كېيىن فىلىمنى كۆرۈپ‏،‏ تۆۋە‌ندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «ھە‌قىقىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلايدۇ —‏ 1-‏قىسىم» (‏28:‏4)‏

  • بىز نېمە ئۈچۈن ئىنسانىي ھۆكۈمە‌تلە‌رنى ھۆرمە‌تلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

  • ئۇ‌لارغا بويسۇ‌نىدىغانلىقىمىزنى قايسى يوللار بىلە‌ن كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

ئۇ‌رۇ‌ش مە‌زگىلىدە،‏ بە‌زى دۆلە‌تلە‌ر ئۆزىنى بىتە‌رە‌پ دە‌پ جاكارلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌رۇ‌ش پە‌يتىدە ئۇ‌لار جە‌ڭ قىلىۋاتقان ھە‌ر ئىككىلا تە‌رە‌پكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ھە‌قىقىي بىتە‌رە‌پلىك دېگە‌ن نېمە؟‏ يۇ‌ھاننا 17:‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «ھە‌قىقىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلايدۇ —‏ 2-‏قىسىم» (‏11:‏3)‏

  • بىتە‌رە‌پلىك دېگە‌ن نېمە؟‏

ئە‌گە‌ر ئىنسانىي ھۆكۈمە‌ت خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىغا زىت بىر ئىشنى قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلسىچۇ؟‏ ئە‌لچىلە‌ر 5:‏28،‏ 29-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «ھە‌قىقىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلايدۇ —‏ 3-‏قىسىم» (‏18:‏1)‏

  • ئە‌گە‌ر ئىنسانلارنىڭ قانۇ‌نى خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىغا زىت بولسا،‏ كىمنىڭ قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

  • سىزنىڭچە،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى قايسى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئىنسانىي ھۆكۈمە‌تلە‌رگە بويسۇ‌نمايدۇ؟‏

4.‏ ئوي-‏پىكىر ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تتە بىتە‌رە‌پ تۇ‌رۇ‌ڭ

1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏21-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى جاسارە‌تلىك بولۇ‌ش كېرە‌ك؟‏ _ بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلاش» (‏49:‏2)‏

  • بۇ فىلىمدا،‏ ئايېنگې نېمە ئۈچۈن سىياسىي پارتىيىنىڭ ئە‌زا بولماسلىقنى ۋە بايراققا سالام بېرىشتە‌ك ۋە‌تە‌نپە‌رۋە‌رلىك مۇ‌راسىملىرىغا قاتناشماسلىقنى قارار قىلدى؟‏

  • سىزنىڭچە،‏ ئۇ ئاقىلانە قارار قىلدىمۇ؟‏

يە‌نە قانداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلاشتا سىناققا دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى»دىن ئۆگە‌نگە‌نلىرىمىز —‏ بۆلۈنگە‌ن دۇ‌نيادا بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلاڭ» (‏16:‏5)‏

  • خە‌لقئارا تە‌نتە‌ربىيە مۇ‌سابىقىلىرىدە بىتە‌رە‌پلىكنى قانداق ساقلىيالايمىز؟‏

  • ھە‌تتا سىياسە‌تچىلە‌رنىڭ قارارلىرى تۈپە‌يلى،‏ ئۆزىمىز زىيان تارتساق ياكى پايدا كۆرسە‌كمۇ،‏ بىتە‌رە‌پلىكنى قانداق ساقلىيالايمىز؟‏

  • ئاخبارات خە‌ۋە‌رلىرى ياكى تونۇ‌ش كىشىلە‌ردىن ئاڭلىغان مە‌لۇ‌ماتلار بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلىشىمىزغا قانداق تە‌سىر كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏

كوللاژ:‏ 1.‏ قوللىرىدا تاختايلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىۋاتقان غە‌زە‌پلە‌نگە‌ن بىر توپ كىشىلە‌ر.‏ 2.‏ تە‌نتە‌ربىيە مۇ‌سابىقىسىدە بايراقنى كۆتۈرۈپ،‏ خۇ‌شال بولۇ‌ۋاتقان كىشى.‏ 3.‏ ساداقە‌تمە‌نلىك قە‌سىمىنى يادقا ئېيتىۋاتقان بىر ئوقۇ‌غۇ‌چى.‏ 4.‏ قولىغا قورال ئېلىۋالغان بىر ئە‌سكە‌ر.‏ 5.‏ بە‌س-‏مۇ‌نازىرە قىلىۋاتقان ئىككى سىياسىي نامزات.‏ 6.‏ سايلام بېلىتىنى ساندۇ‌ققا تاشلاۋاتقان بىر ئايال.‏

مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى قايسى ساھە‌لە‌ردە ئوي-‏پىكىر ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تتە بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلىشى كېرە‌ك؟‏

بە‌لكىم،‏ بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق سورايدۇ:‏ «نېمىشقا بايراققا سالام قىلمايسىز ياكى دۆلە‌ت شېئىرىنى ئېيتمايسىز؟‏»‏

  • سىز بۇ‌نىڭغا قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

خۇ‌لاسە

مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى سىياسىي ئىشلارغا قارىتا ئوي-‏پىكىر،‏ گە‌پ-‏سۆز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تتە بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلاش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن تىرىشىدۇ.‏

تە‌كرارلاش

  • ھۆكۈمە‌تلە‌ر ئالدىدا قانداق مە‌جبۇ‌رىيە‌تلىرىمىز بار؟‏

  • نېمە ئۈچۈن سىياسىي ئىشلاردا بىتە‌رە‌پ تۇ‌رىمىز؟‏

  • قايسى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلاشتا سىناققا دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

بىتە‌رە‌پ تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قانداق قۇ‌ربانلىقلارنى بېرىشىمىزگە توغرا كېلىشى مۇ‌مكىن؟‏

‏«يە‌ھۋا ھە‌رگىزمۇ بىزنى تاشلىمايدۇ»‏ (‏14:‏3)‏

ئائىلىلە‌ر بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلاش ئۈچۈن ئالدىن-‏ئالا قانداق تە‌ييارلىق قىلسا بولىدۇ؟‏

‏«ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلاڭ»‏ (‏25:‏4)‏

نېمە ئۈچۈن ئۆز ۋە‌تىنىنى قوغداش كىشى ئېرىشە‌لە‌يدىغان ئە‌ڭ ئالىي شە‌رە‌پ ئە‌مە‌س؟‏

‏«خۇ‌دانىڭ قولىدىن كە‌لمە‌يدىغان ئىش يوق»‏ (‏19:‏5)‏

ئىش ئورنى تاللاشنى قارار قىلغاندا،‏ بۇ دۇ‌نياغا مە‌نسۇ‌پ ئە‌مە‌سلىكىڭىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يسىز؟‏

‏«ھە‌ركىم ئۆز يۈكىنى ئۆزى كۆتىرىدۇ»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2006-‏يىل،‏ 15-‏مارت)‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش