24-تەتقىق ماقالىسى
سىز ئوي-پىكىرىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز!
«بىز تۈرلۈك بىمەنە سەپسەتىلەرنى ۋە خۇدانى تونۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بارچە تەكەببۇر كۆز قاراشلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاۋاتىمىز».—2-كورىنت. 10:5.
18-ناخشا خۇدانىڭ چىن مۇھەببىتى
بۇ ماقالىدەa
1. ئەلچى پاۋلۇس مايلانغان قېرىنداشلارغا قانداق ئاگاھلاندۇرۇشنى بەرگەن؟
«بۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا كىرمەڭلار» (رىملىقلار 12:2). ئەلچى پاۋلۇس بۇ سۆزلەرنى بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھىيلەرگە ئېيتقان. خۇداغا بېغىشلانغان ۋە مۇقەددەس روھ بىلەن مايلانغان قېرىنداشلارغا نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن؟—رىملىقلار 1:7.
2، 3. بىزنى يەھۋادىن يۈز ئۆرۈتۇش ئۈچۈن شەيتان نېمە قىلىدۇ؟ يىلتىز تارتقان ئويلىرىمىزنى قانداق قۇمۇرۇپ تاشلالايمىز؟
2 بۇ دۇنيادا كەڭ تارقالغان يامان ئوي-پىكىرلەر ۋە پەلسەپە مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە تەسىر قىلغاچ، پاۋلۇس بەك قاتتىق ئەنسىرىگەن (ئەفەس. 4:17—19). شۇنداق ئوي-پىكىرلەر بىزگىمۇ تەسىر قىلىشى مۇمكىن. شەيتان بىزنى يەھۋا خۇدادىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل تۇزاقلارنى قۇرىدۇ. مەسىلەن، شەيتان شۆھرەتپەرەسلىككە ياكى نام-ئاتاققا ئېرىشىشكە ئىنتىلىدىغانلىقىمىزنى بايقىسا، ئۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىزنى يەھۋادىن يۈز ئۆرۈشكە ئازدۇرىدۇ. ئۇ ئوي-پىكىرىمىزنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇش ئۈچۈن ئۆتمۈشىمىز، مەدەنىيىتىمىز ۋە بىلىمىمىزنى قوللىنىشى مۇمكىن.
3 يىلتىز تارتىپ كەتكەن ئويلىرىمىزنى قۇمۇرۇپ تاشلىشىمىز مۇمكىنمۇ؟ (2-كورىنت. 10:4). پاۋلۇس بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «بىز تۈرلۈك بىمەنە سەپسەتىلەرنى ۋە خۇدانى تونۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بارچە تەكەببۇر كۆز قاراشلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاۋاتىمىز. ھەرقانداق ئوي-پىكىرنى ئەسىرگە ئېلىپ، ئۇنى مەسىھكە بويسۇندۇرۇۋاتىمىز» (2-كورىنت. 10:5). دېمەك، يەھۋا خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن ناتوغرا كۆز قاراشلىرىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز. خۇددى دورا زەھەرنى قايتۇرىدىغاندەك، مۇقەددەس كىتاب شەيتان دۇنياسىنىڭ زەھەرلىك تەسىرىنى يوققا چىقىرالايدۇ.
ئەقلىڭلارنى يېڭىلاڭلار
4. بىز ھەقىقەتنى بىلگەندە قانداق ئۆزگەرتىشلەرنى قىلدۇق؟
4 سىز ھەقىقەتنى بىلىپ، يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىشنى قارار قىلغاندا، قانداق ئۆزگىرىشلەرنى قىلغانلىقىڭىز توغرۇلۇق ئويلاپ كۆرۈڭ. نۇرغۇنلىرىمىزغا يامان قىلىقلىرىمىزنى تاشلاشقا توغرا كەلگەن (1-كورىنت. 6:9—11). يەھۋا خۇدا ئۇلاردىن ئايرىلىشىمىزغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن بىز ئۇنىڭغا بەك مىننەتدار!
5. رىملىقلار 12:2-ئايەتتە يېزىلغاندەك، بىز قايسى ئىككى نەرسىنى قىلىشىمىز كېرەك؟
5 شۇنداق بولسىمۇ، ئەمدى ئۆزگىرىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قول قوشلاپ ئولتۇرماسلىقىمىز كېرەك. گەرچە بىز چۆمدۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى قىلغان ئېغىر گۇناھلارنى تاشلىساقمۇ، شۇ قىلىقلارغا قايتىشىمىزغا دەۋەت قىلىدىغان ھەرقانداق ئىشتىن قېچىشىمىز مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟ ئەلچى پاۋلۇس مۇنداق دېگەن: «بۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا كىرمەڭلار. ئەكسىچە، … ئەقلىڭلارنى يېڭىلاپ، ئۆزۈڭلارنى ئۆزگەرتىڭلار» (رىملىقلار 12:2). دېمەك، بىز ئىككى نەرسىنى قىلىشىمىز لازىم. بىرىنچى، «بۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا» كىرمەسلىكىمىز ياكى ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىمىز لازىم. ئىككىنچى، بىز ئەقلىمىزنى يېڭىلاپ، يەنى يېڭى كۆز قاراشقا ئىگە بولۇپ، ‹ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز» كېرەك.
6. ئەيسانىڭ مەتتا 12:43—45-ئايەتلەردىكى سۆزلىرىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
6 ئەلچى پاۋلۇس تىلغا ئالغان ئۆزگىرىش پەقەت تاشقى قىياپەتنىلا ئۆزگەرتىشنى ئەمەس، بەلكى ئۆز تەبىيىتىمىزنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگەرتىشنى بىلدۈرىدۇ («ئۆزگىرىشمۇ ياكى شۇنداق كۆرۈنۈشمۇ؟» دېگەن رامكىغا قاراڭ). بىز ئەقلىمىزنى، يەنى ئوي-پىكىر، ھېس-تۇيغۇ ۋە خاھىشلىرىمىزنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. شۇڭا، ھەربىرىمىز ئۆزىمىزدىن: «ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىش ئۈچۈن يۈرىكىمنى ۋە ئەقلىمنى ئۆزگەرتىۋاتىمەنمۇ ياكى پەقەت سىرتتىنلا ئۆزگەرگەندەك كۆرۈنەمدۇ؟» دەپ سورىشىمىز كېرەك. بۇ سوئالنىڭ جاۋابى بەك مۇھىم. مەتتا 12:43—45-ئايەتلەردە (ئوقۇڭ)، ئەيسا بىزدىن نېمە تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. بۇ سۆزلەردىن مۇھىم ساۋاق ئالىمىز: ناتوغرا ئوي-خىياللاردىن ئايرىلىپلا قويماي، ئۇلارنىڭ ئورنىنى خۇداغا ياقىدىغان ئوي-پىكىرلەر بىلەن تولدۇرۇشىمىز لازىم.
ئوي-پىكىرىڭلار يېڭىلانسۇن
7. ئۆز ئىچكى دۇنيايىمىزنى قانداق ئۆزگەرتەلەيمىز؟
7 ئۆز خاھىشىمىز ياكى ئىچكى دۇنيايىمىزنى ئۆزگەرتىش مۇمكىنمۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: «چوقۇم ئەقىل يۈرگۈزۈپ، كۆز قارىشىڭلارنى داۋاملىق يېڭىلاڭلار، ھەقىقىي ھەققانىيلىققا ۋە ساداقەتكە ئۇيغۇن، خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق يارىتىلغان يېڭى شەخسنى كىيىڭلار» (ئەفەس. 4:23، 24). ھەئە، ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن، لېكىن، بۇ ئاسان ئەمەس. ناتوغرا ھەۋەسلەرنى رەت قىلىش ۋە يامان ئىشلارنى قىلىشنى توختىتىش يېتەرلىك ئەمەس. بىز ئوي-پىكىرىمىزنى يېڭىلىشىمىز ياكى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. بۇنىڭغا يۈرۈش-تۇرۇشىمىز، ئارزۇ-ئىستەكلىرىمىز ۋە نىيەت-مەقسەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتىش كىرىدۇ. ئۆزگىرىش ئۈچۈن بىز ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقىرىشىمىز زۆرۈر.
8، 9. بىر بۇرادەرنىڭ مىسالىدىن كۆرۈنگەندەك، ئىچكى دۇنيايىمىزنى ئۆزگەرتىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
8 بۇرۇن بەك زوراۋان بولغان بىر ئېتىقادداشنىڭ مىسالىنى كۆرەيلى. ئۇ ھاراق ئىچىپ، باشقىلار بىلەن سوقۇشاتتى. كېيىن، شۇ قىلىقلىرىنى تاشلاپ، ئاخىرىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن. بۇ خولۇم-قوشنىلىرىغا ياخشى گۇۋاھلىق بولغان. بىراق، چۆمۈلدۈرۈلۈپ كۆپ ئۆتمەي، بىر كېچىسى ئۇ كۈتۈلمىگەن سىناققا دۇچ كەلگەنىدى. بۇرادەرنىڭ ئۆيىنىڭ قېشىغا بىر مەست كىشى كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشماقچى بولغان. بېشىدا ئۇ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، شۇ كىشى بىلەن سوقۇشمىغان. بىراق، مەس كىشى يەھۋانى ھاقارەتلىگەندە، بۇرادەر چىدالماي، قاتتىق ئاچچىقلانغان ۋە ئۇ ئۆيىدىن چىقىپ ھېلىقى مەستنى دۇمبالاپ ئۇرۇپ كەتكەن. ئۇ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى تۇتالماي قالغان؟ مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىش بۇرادەرگە سوقۇشماسلىققا ياردەم بەرسىمۇ، ئۇ تېخىچە ئوي-پىكىرىنى ئۆزگەرتمىگەن. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇ ئىچكى دۇنياسىنى ئۆزگەرتمىگەن ئىدى.
9 لېكىن، ئۇ ئۆزگىرىشكە تىرىشىشنى توختاتمىغان (پەند. نە 24:16). بۇرادىرىمىز ئاقساقاللارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزگىرىپ، ۋاقىت ئۆتۈپ ئۆزىمۇ ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىغان. ئۇ بىرنەچچە يىل بۇرۇن دۇچ كەلگەن سىناققا قايتا دۇچ كەلگەن. بىر كۈنى كەچقۇرۇن ئىبادەت زالىنىڭ ئالدىدا مەست كىشى بىر ئاقساقالنى ئۇرماقچى بولغان. شۇ چاغدا، بۇ بۇرادەر نېمە قىلغان؟ ئۇ ئاچچىقلانماي، سىلىق-سىپايە سۆزلەپ، مەست كىشىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغان. بۇ قېتىم بۇرادىرىمىز نېمە ئۈچۈن باشقىچە ھەرىكەت قىلغان؟ چۈنكى، ئۇ ئوي-پىكىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگەرتكەنىدى. ئەمدى ئۇ تىنچلىقپەرۋەر ۋە كەمتەر ئادەم بولۇپ، يەھۋا خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈردى.
10. ئۆزگىرىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
10 شۇنداق ئۆزگىرىشلەر بىر كۈننىڭ ئىچىدە ياكى ئۆزىدىن ئۆزى پەيدا بولمايدۇ. ئۆزگىرىش ئۈچۈن بىز نۇرغۇن يىل داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك (2-پېتر. 1:5). يەھۋا خۇداغا ئۇزۇندىن بىرى، خىزمەت قىلىۋاتقانلىقتىنلا ئۆزگىرىپ كەتمەيمىز. يۈرىكىمىزنى ۋە ئوي-پىكىرىمىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقىرىشىمىز كېرەك. كېلىڭلار، ئۆزگىرىشكە ياردەم بېرىدىغان بەزى ئۇسۇللارنى كۆرۈپ چىقايلى.
ئوي-پىكىرىمىزنى قانداق قىلىپ ئۆزگەرتەلەيمىز؟
11. دۇئا ئوي-پىكىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
11 بىرىنچى ئۇسۇل — دۇئا قىلىش«ئىچىمدە پاك قەلب يارات، ئەي خۇدا، مۇستەھكەم، يېڭى بىر روھ بەر ماڭا» دەپ دۇئا قىلغان زەبۇر يازغۇچىسىدىن ئۈلگە ئالساق بولىدۇ (زەبۇر 51:10). بىز ئوي-پىكىرىمىزنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز ۋە يەھۋا خۇدادىن ياردەم سورىشىمىز كېرەك. يەھۋا ئۆزگىرىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشەنچ قىلالايمىز؟ يەھۋا خۇدا ھەزەكىيالنىڭ زامانىدا ياشىغان تەرسا ئىسرائىللارغا مۇنداق ۋەدە بەرگەن: «مەن ئۇلارغا ئىناق بىر قەلب ئاتا قىلىپ، ئىچىگە يېڭى بىر روھنى سالىمەن… . ئۇلارغا گۆش يۈرەكنى بېرىمەن» (ھەزەك. 11:19). يەھۋا ئىسرائىللارنىڭ ئۆزگىرىشكە ياردەم بېرىشنى خالىغاندەك، بىزگىمۇ ياردەم بېرىشكە تەييار.
12، 13. (1) زەبۇر 119:59-ئايەتكە ئاساسەن، بىز نېمە توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز كېرەك؟ (2) ئۆزىڭىزگە قانداق سوئاللارنى قويسىڭىز بولىدۇ؟
12 ئىككىنچى مۇھىم ئۇسۇل — چوڭقۇر ئويلىنىش. خۇدا سۆزىنى ھەر كۈنى ئوقۇغاندا، ئۆز ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ، قانداق ئوي-پىكىرلەر ۋە ھېس-تۇيغۇلاردىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن چوڭقۇر ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقىرىشىمىز لازىم. (زەبۇر 119:59-نى ئوقۇڭ؛ ئىبرانىي. 4:12؛ ياقۇپ 1:25). دۇنيانىڭ ئوي-پىكىرلىرى ئەقلىمىزگە ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىمىزغا تەسىر قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشىمىز كېرەك. بىز ئاجىز تەرەپلىرىمىزنى بىلىپ، ئۇلارنى مۇستەھكەملەشكە كۈچ چىقىرىشىمىز زۆرۈر.
13 مەسىلەن، ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سورىسىڭىز بولىدۇ: «يۈرىكىمدە ئازراق بولسىمۇ كۆرەلمەسلىك بارمۇ؟» (1-پېتر. 2:1). «تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېرىم، ئالغان بىلىمىم ياكى مال-دۇنيارىم تۈپەيلىدىن ئۆزۈمنى باشقىلاردىن ئارتۇق دەپ سانايمەنمۇ؟» (پەند. نە 16:5). «ماڭا ئوخشاش مال-مۈلكى يوق ياكى باشقا مىللەتتىن بولغان ئادەملەرنى ئۆزۈمدىن تۆۋەن كۆرىمەنمۇ؟» (ياقۇپ 2:2—4). «شەيتاننىڭ دۇنياسى تەمىنلىگەن نەرسىلەرگە قىزىقىمەنمۇ؟» (1-يۇھاننا 2:15—17). «زوراۋانلىق ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىق كۆرسىتىلىدىغان ئويۇن-تاماشىلارنى ياخشى كۆرىمەنمۇ؟» (زەبۇر 97:10؛ 101:3؛ ئاموس 5:15). بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، سىز قايسى تەرەپتىن ئۆزگىرىشىڭىز كېرەكلىكىنى چۈشىنىسىز. قېنىمىزغا سىڭىپ قالغان شۇنداق ئوي-پىكىرلەر بىلەن ھېس-تۇيغۇلارنى ئۆزگەرتىپ، بىز ئاسماندىكى ئاتىمىزنى خۇشال قىلىمىز.—زەبۇر 19:14.
14. ياخشى دوستلارنى تاللاش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
14 ئۈچىنچى ئۇسۇل — ياخشى دوستلارنى تاللاش. دوستلىرىمىز بىزگە قاتتىق تەسىر قىلىدۇ (پەند. نە 13:20). ئىشتا ياكى مەكتەپتە، بەلكىم بىزنى خۇدانى خۇشال قىلىدىغان ئوي-پىكىرلەرنى يېتىلدۈرۈشكە دەۋەت قىلىمايدىغانلار كۆپ. ئەمما، جامائەتتە بىز ئەڭ ياخشى دوستلارنى تاپالايمىز. ئېتىقادداشلار بىزنى «مېھىر-مۇھەببەتكە ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا» ئۈندەيدۇ «مېھىر-مۇھەببەت ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەش ئۈچۈن، بىر-بىرىمىز ھەققىدە ئويلىنايلى. بەزىلەر ئادەتلەنگەندەك يىغىلىشلىرىمىزنى قالدۇرمايلى، ئەكسىچە بىر-بىرىمىزگە ئىلھام بېرەيلى. شۇ كۈننىڭ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىكەنمىز، تېخىمۇ كۆپرەك شۇنداق قىلايلى».—ئىبرانىي. 10:24، 25.
ئېتىقادتا مەھكەم تۇرۇڭلار
15، 16. شەيتان ئوي-پىكىرىمىزنى بۇرمىلاشقا قانداق تىرىشىدۇ؟
15 شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك، شەيتان بىزنىڭ ئوي-پىكىرىمىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بەل باغلىغان. ئۇ خۇدانىڭ سۆزىدىكى ھەقىقەتنىڭ ئوي-پىكىرلىرىمىزگە ياخشى تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا، شەيتان ئوي-پىكىرىمىزنى بۇرمىلاش ۋە بىزدە گۇمان تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ھەرتۈرلۈك ئوي-پىكىرلەردىن پايدىلىنىدۇ.
16 ئېرەم بېغىدا ھاۋا ئانىدىن سورىغاندەك، شەيتان بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىزدىن: «خۇدا راستتىنلا … دېدىمۇ؟»— دەپ سورايدۇ (يارىت. 3:1). شەيتاننىڭ قول ئاستىدىكى دۇنيادا بىز پات-پات گۇمان تۇغدۇرىدىغان سوئاللارنى ئاڭلايمىز: «خۇدا راستتىنلا كۆپ ئاياللىق بولۇشقا رۇخسەت بەرمەمدۇ؟ خۇدا راستتىنلا يېڭى يىلنى ۋە تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلىشىڭلارنى خالىمامدۇ؟ خۇدايىڭلار راستتىنلا قان سالدۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلامدۇ؟ سىلەرنى سۆيگەن بولسا، مېھىر-مۇھەببەتلىك خۇدا راستتىنلا جامائەتتىن چىقىرىلغان دوستلۇرۇڭلار ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلار بىلەن ئارىلاشماسلىقنى تەلەپ قىلامدۇ؟»
17. گۇمان تۇغدۇرىدىغان سوئاللارنى ئاڭلىغاندا نېمە قىلىشىمىز كېرەك ۋە كولوسىلىقلار 2:6، 7-ئايەتلەر قانداق نەتىجىدە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟
17 بىز مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇپ-بىلگەنلىرىمىزگە مەھكەم ئىشىنىشىمىز كېرەك. ئەگەر مۇھىم سوئاللىرىمىزغا جاۋاب تېپىشقا ھەرىكەت قىلمىساق، ئىشەنگەنلىرىمىزنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە گۇمان قىلىشقا باشلىشىمىز مۇمكىن. گۇمانلار ئوي-پىكىرىمىزنى بۇرمىلاپ، ئېتىقادىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. ئۇنداقتا نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ مۇقەددەس كىتاب بىزنى «خۇدانىڭ ياخشى، مەقبۇل ۋە مۇكەممەل ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈش» ئۈچۈن ئوي-پىكىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە ئۈندەيدۇ (رىملىقلار 12:2). مۇقەددەس كىتاب بىلەن نەشىرى ماتېرىياللىرىمىزنى دائىم تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئوقۇپ ئۆگەنگەنلىرىمىزنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزەلەيمىز. شۇندىلا، يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرى توغرا ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشىنىمىز. شۇ چاغدا، بىز چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دەرەخكە ئوخشاش، ‹ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملىيەلەيمىز›.—كولوسىلىقلار 2:6، 7-نى ئوقۇڭ.
18. شەيتان دۇنياسىنىڭ زەھەرلىك تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
18 ئېتىقادىڭىزنى ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىم مەھكەم قىلالمايدۇ. شۇڭا، ئەقلىڭىزنى يېڭىلاشنى ياكى ئوي-پىكىرىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. ھەردائىم دۇئا قىلىپ، يەھۋا خۇدادىن مۇقەددەس روھ بېرىشنى يالۋۇرۇپ سوراڭ. چوڭقۇر ئويلىنىڭ ۋە ئوي-پىكىرلىرىڭىزنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ. ياخشى دوستلارنى ئىزدەڭ ۋە ئوي-پىكىرىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بېرىدىغان ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، شەيتان دۇنياسىنىڭ زەھەرلىك تەسىرىگە بېرىلمەي، «خۇدانى تونۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بارچە تەكەببۇر كۆز قاراشلارنى ئاغدۇرۇپ» تاشلايسىز.—2-كورىنت. 10:5.
48-ناخشا ھەر كۈنى يەھۋا بىلەن يۈر!
a بىزنىڭ ئوي-پىكىرىمىزگە ئۆتمۈشىمىز، مەدەنىيىتىمىز ۋە بىلىمىمىز تەسىر قىلىدۇ. بەزى ناتوغرا كۆز قاراشلار ئەقلىمىزگە سىڭىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ماقالىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان شۇ كۆز قاراشلاردىن قانداق قۇتۇلۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز.