37-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋاغا بويسۇنۇشقا تەييار بولايلى
«روھىي ھايات بەرگەن ئاتىمىزغا تېخىمۇ بەكرەك بويسۇنۇشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟»—ئىبرانىي. 12:9.
46-ناخشا يەھۋا پادىشاھىمىز!
بۇ ماقالىدەa
1. نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك؟
يەھۋا بىزنى ياراتقاچ، بىز ئۇنىڭغا بويسۇنۇشىمىزb كېرەك. ياراتقۇچىمىز سۈپىتىدە ئۇنىڭ بىزگە نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى ئېيتىش ھوقۇقى بار (ۋەھىي. 4:11). لېكىن، يەھۋاغا ئىتائەت قىلىشىمىزنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى — ئۇ ئەڭ ياخشى ھۆكۈمران. تارىخقا نەزەر سالساق، كۆپلىگەن ئادەملەر باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن. ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، يەھۋا ئەڭ دانا، مېھىر-مۇھەببەتلىك ۋە رەھىم-شەپقەتلىك ھۆكۈمراندۇر.—چىق. 34:6؛ رىملىقلار 16:27؛ 1-يۇھاننا 4:8.
2. ئىبرانىيلار 12:9—11-ئايەتلەردە، يەھۋاغا بويسۇنۇشنىڭ قانداق سەۋەبلىرى يېزىلغان؟
2 كۆيۈمچان ئاتىمىز يەھۋا ئۇنىڭدىن قورققانلىقتىن ئەمەس، ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن بويسۇنۇشىمىزنى خالايدۇ. ئەلچى پاۋلۇس ئىبرانىيلارغا يازغان خېتىدە، بىز ئاسماندىكى ئاتىمىزغا ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن ئىتائەت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرگەن، چۈنكى ئۇ بىزنى ئۆز پايدىمىز ئۈچۈن تەربىيىلەيدۇ.—ئىبرانىيلار 12:9—11-نى ئوقۇڭ.
3. (1) يەھۋاغا بېقىنىدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتىمىز؟ (2) بىز قايسى سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟
3 بىز بار كۈچىمىز بىلەن يەھۋاغا ئىتائەت قىلىشقا تىرىشقاندا ۋە ئۆز ئەقلىمىزگە تايىنىش خاھىشى بىلەن كۈرەش قىلغاندا، ئۇنىڭغا بېقىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (پەند. نە 3:5). خۇدانىڭ قىلغان ئىشلىرى توغرۇلۇق كۆپرەك بىلگەنسېرى، ئۇنىڭغا بويسۇنۇش بىز ئۈچۈن ئاسانراق بولىدۇ. چۈنكى، ھەممە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى كۆرىمىز (زەبۇر 145:9). يەھۋا توغرۇلۇق قانچە كۆپ بىلسەك، ئۇنى شۇنچە كۆپ ياخشى كۆرىمىز. خۇدانى چىن قەلبىمىزدىن سۆيسەك، بىزگە ئاق-قارا، ياخشى-ياماننى ئارىيدىغان قائىدىلەرنىڭ تىزىمى كېرەك ئەمەس. بىز ئوي-پىكىر ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى يەھۋانىڭكىگە ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشىپ، يامانلىقتىن يىراق تۇرۇشنى ئۆگىنىمىز (زەبۇر 97:10). لېكىن، بەزىدە يەھۋاغا بويسۇنۇش نېمە ئۈچۈن بىزگە قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟ ئاقساقاللار نەھەمىيادىن قانداق ئۈلگە ئالالايدۇ؟ ئاتىلار داۋۇت پادىشاھتىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟ ئانىلار مەريەمنى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟ كېلىڭلار، بۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپايلى.
يەھۋاغا بويسۇنۇش نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟
4، 5. رىملىقلار 7:21—23-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، يەھۋاغا بويسۇنۇش نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟
4 يەھۋاغا بويسۇنۇش بىز ئۈچۈن قىيىن بولۇشىنىڭ بىر سەۋەبى — بىز گۇناھكار ۋە نامۇكەممەل. شۇڭا، بىز بويسۇنماسلىققا مايىل. ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا مەنئىي قىلىنغان مېۋىنى يەپ، خۇداغا قارشى چىققاندىن كېيىن، ئۇلار نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرى قارار قىلغان (يارىت. 3:22). بۈگۈنكى كۈندىمۇ نۇرغۇن ئادەملەر بىرىنچى بىر جۈپكە ئوخشاش، خۇدانى رەت قىلىدۇ ۋە نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرى قارار قىلىشنى خالايدۇ.
5 ھەتتا يەھۋانى تونۇيدىغان ۋە ئۇنى سۆيىدىغان ئادەملەر ئۈچۈنمۇ ھەردائىم ئۇنىڭغا بويسۇنۇش ئاسان ئەمەس. ئەلچى پاۋلۇس بۇنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن (رىملىقلار 7:21—23-نى ئوقۇڭ). پاۋلۇسقا ئوخشاش، بىزمۇ يەھۋا توغرا دەپ ھېسابلايدىغان ئىشلارنى قىلىشنى خالىساقمۇ، ھەرقاچان يامان ئىشلارنى قىلىش ئىستىگى بىلەن كۈرەش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
6، 7. خۇداغا بويسۇنۇشنىڭ نېمە ئۈچۈن قىيىن بولىدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى نېمە؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
6 بويسۇنۇشنىڭ ئاسان بولماسلىقىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى — بىزگە مەدەنىيىتىمىز ۋە ئۆپ-چۆرىمىزدىكى ئادەملەرنىڭ ئوي-پىكىرى تەسىر قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئوي-پىكىرى يەھۋانىڭ ئوي-پىكىرىگە تامامەن ئوخشىمىغاچ، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم. بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.
7 بەزى جايلاردا ياشلارنى كۆپ پۇل تېپىشقا ئۈندەش — تەبىئىي ئىشتۇر. مەلىكەc ئىسىملىك ياش قېرىنداش شۇنداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. ھەقىقەتنى بىلمىگەندە، ئۇ ئۆز دۆلىتىدىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرىدە ئوقۇغان. ئۆيدىكىلىرى ئۇنى ھۆرمەتكە سازاۋەر كەسىپكە ئىگە بولۇپ، يۇقىرى مائاشلىق ئىشقا كىرىشكە مەجبۇرلىماقچى بولغان. مەلىكەنىڭ ئۆزىمۇ شۇنى خالىغان. لېكىن، يەھۋا خۇدا توغرۇلۇق بىلىم ئېلىپ، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى كۈچەيگەن ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز مەقسەتلىرىنى ئۆزگەرتكەن. لېكىن، بۇ مەلىكە ئۈچۈن ئاسان بولمىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بەزىدە كۆپ پۇل تېپىش مۇمكىنچىلىكى پەيدا بولىدۇ، لېكىن بۇ مەن ئۈچۈن يەھۋاغا ھازىرقىدەك كۆپ خىزمەت قىلىشقا توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئالغان تەربىيەم سەۋەبىدىن، بۇ مۇمكىنچىلىكنى رەت قىلىش بەك قىيىن. شۇڭا، مەن يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشقا توسالغۇ بولىدىغان ئىشتىن باش تارتىشقا ياردەم بېرىشىنى يالۋۇرىمەن».—مەتتا 6:24.
8. بىز نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
8 يەھۋاغا بويسۇنۇش ئۆزۈمىز ئۈچۈن پايدىلىق. لېكىن، ھوقۇقى بارلار، مەسىلەن ئاقساقاللار، ئاتا-ئانىلار خۇداغا ئىتائەت قىلسا، باشقىلارغا پايدا ئېلىپ كېلەلەيدۇ. ھازىر يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان ئۇسۇلدا ھوقۇقىنى ئىشلەتكەن مۇقەددەس كىتابتىكى بىرنەچچە ئادەمنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن نېمىنى ئۆگىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.
ئاقساقاللار نەھەمىيادىن قانداق ئۈلگە ئالالايدۇ؟
نەھەمىيانىڭ خەلق بىلەن بىللە يېرۇسالىمنىڭ تاملىرىنى ياسىغىنىغا ئوخشاش، ئاقساقاللارمۇ ئىبادەت ئۆيىدىكى ئىشلارغا قاتنىشىدۇ (9—11-ئابزاسلارغا قاراڭ)d
9. نەھەمىيا قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟
9 يەھۋا ئاقساقاللارغا ئۆز خەلقىگە غەمخورلۇق قىلىشنى تاپشۇرغان (1-پېتر. 5:2). ئاقساقاللار يەھۋانىڭ خەلقىگە غەمخورلۇق قىلغان نەھەمىيادىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟ نەھەمىيا يەھۇدانىڭ ئەمەلدارى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ خېلى كۆپ ھوقۇقى بولغان (نەھەم. 1:11؛ 2:7، 8؛ 5:14). نەھەمىيا قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەسكە ئالايلى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىنى ناپاك قىلغانلىقىنى ۋە قانۇندا كۆرسىتىلگەن بويىچە لاۋىيلارنى ماددىي جەھەتتىن قوللىمىغانلىقىنى بىلگەن. نەھەمىيا يەنە ئۇلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنى توغرىسىدىكى قانۇننى بۇزغانلىقى ۋە بەزى ئەر كىشىلەرنىڭ يات خەلقتىن ئايال ئالغانلىقىمۇ ھەققىدە ھەم بىلگەن. نەھەمىيا شۇ قىيىن ۋەزىيەتتە نېمە ئىش قىلغان؟—نەھەم. 13:4—30.
10. نەھەمىيا قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغاندا نېمە قىلغان؟
10 نەھەمىيا ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، خۇدا خەلقىنى ئۆزىنىڭ ئۆلچەم-قائىدىلىرى بويىچە قىلىشقا مەجبۇرلىمىغان. ئەكسىچە، ئۇ يەھۋاغا چىن يۈرەكتىن دۇئا قىلىپ، ياردەم سورىغان ۋە خەلققە خۇدانىڭ قانۇنىنى ئۆگەتكەن (نەھەم. 1:4—10؛ 13:1—3). نەھەمىيا كىچىك پېئىل بولۇپ، ھەتتا يېرۇسالىم تاملىرىنى ياساشقا ياردەم بەرگەن.—نەھەم. 4:15.
11. 1-سالونىكالىقلار 2:7، 8-ئايەتلەرگە ئاساسەن، ئاقساقاللار جامائەتتىكىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟
11 ئاقساقاللار شۇنداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەيدۇ، شۇنداق بولسىمۇ نەھەمىيادىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ. مەسىلەن، ئۇلار قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىدۇ، ھوقۇقى بولغانلىقتىن، ئۆزىنى باشقىلاردىن يۇقىرى سانىمايدۇ. ئۇلار جامائەتتىكىلەرگە مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ (1-سالونىكالىقلار 2:7، 8-نى ئوقۇڭ). كەمتەر بولغاچقا ۋە باشقىلارنى چىن يۈرەكتىن ياخشى كۆرگەچكە، ئاقساقاللار ئۇلار بىلەن سىلىق-سىپايە سۆزلىشىدۇ. ئاسىمجان دېگەن تەجرىبىلىك ئاقساقال مۇنداق دەيدۇ: «بايقىشىمچە، ئاقساقاللارنىڭ مېھرىبانلىقى ۋە ئىللىق مۇئامىلىسى قېرىنداشلارنى جەلپ قىلىدۇ. ئاقساقاللارنىڭ شۇنداق سۈپەتلىرى قېرىنداشلارنى ئۇلار بىلەن ئەركىن خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ». كۆپ يىللار ئاقساقال بولۇپ كېلىۋاتقان تاھىر: «مەن فىلىپىلىكلەر 2:3-ئايەتتىكى نەسىھەتكە قۇلاق سېلىپ، باشقىلارنى ئۆزۈمدىن ئارتۇق دەپ ساناشقا تىرىشىمەن. بۇ ماڭا باشقىلارنى بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىماسلىققا ياردەم بېرىدۇ»،— دەپ ئېيتقان.
12. ئاقساقاللار نېمە ئۈچۈن كەمتەر بولۇشى مۇھىم؟
12 ئاقساقاللار يەھۋا خۇدانى ئۈلگە قىلىپ، كەمتەر بولۇشى كېرەك. يەھۋا ئالەمنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى بولسىمۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، «بىچارىنى توپا-چاڭلاردىن يۆلەپ تۇرغۇزار» (زەبۇر 18:35؛ 113:6، 7). يەھۋا تەكەببۇر كىشىلەردىن يىرگىنىدۇ.—پەند. نە 16:5.
13. ئاقساقاللار نېمە ئۈچۈن «تىلىنى تىزگىنلىشى» كېرەك؟
13 يەھۋاغا بويسۇنىدىغان ئاقساقال «تىلىنى تىزگىنلىشى» كېرەك. چۈنكى، تىلىغا ئىگە بولمىسا، ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان كىشىگە قوپال سۆزلىشى مۇمكىن (ياقۇپ 1:26؛ گالاتىيا. 5:14، 15). ئاسىمجان يەنە مۇنداق دېگەن: «مېنى ئاقساقال سۈپىتىدە ھۆرمەت قىلمىغان قېرىنداشلارغا بەزىدە قاتتىق-قاتتىق سۆز قايتۇرغۇم كېلىدۇ. لېكىن، مۇقەددەس كىتابتىكى سادىق ئادەملەرنىڭ مىساللىرى توغرۇلۇق ئويلىنىش كەمتەر ۋە كىچىك پېئىل بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئېسىمگە سالىدۇ». ئاقساقاللار جامائەتتىكىلەرگە، شۇنىڭ ئىچىدە باشقا ئاقساقاللارغا، مېھرىبانلىق ۋە ھۆرمەت بىلەن سۆزلىگەندە، يەھۋاغا بويسۇنىدۇ.—كولوسى. 4:6.
ئاتىلار داۋۇت پادىشاھتىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟
14. يەھۋا خۇدا ئاتىلارغا قانداق ۋەزىپىنى بەرگەن؟
14 يەھۋا خۇدا ئاتىلارنى ئائىلە بېشى قىلىپ بەلگىلىگەچ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بالىلارغا تەلىم-تەربىيە بېرىش (1-كورىنت. 11:3؛ ئەفەس. 6:4). بىراق، بۇ ئاتىلار ھوقۇقىنى ئۆزى خالىغاندەك قوللىنالايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ئائىلە بېشى ئۆيدىكىلىرىگە قىلغان مۇئامىلسى ئۈچۈن ئائىلىنىڭ قۇرغۇچىسى يەھۋانىڭ ئالدىدا جاۋاب بېرىدۇ (ئەفەس. 3:14، 15). يەھۋا خۇداغا بويسۇنىدىغان ئاتىلار ھوقۇقىنى ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئۇسۇلدا قوللىنىدۇ. ئۇلار داۋۇت پادىشاھتىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ.
ئائىلە بېشىنىڭ دۇئالىرىدىن كەمتەر ئىكەنلىكى كۆرۈنۈشى كېرەك (15، 16-ئابزاسلارغا قاراڭ)e
15. نېمە ئۈچۈن داۋۇت پادىشاھنىڭ ئۈلگىسى ئاتىلارنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر؟
15 داۋۇت پادىشاھ سۈپىتىدە كۆپ ھوقۇققا ئىگە بولغان. يەھۋا ئۇنىڭ قولىغا پەقەت ئائىلىسىنىلا ئەمەس، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى تاپشۇرغان. بەزىدە داۋۇت ھوقۇقىنى توغرا قوللانماي، ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن (2-سام. 11:14، 15). لېكىن، ئۇ يەھۋا خۇدانىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان. داۋۇت دۇئا قىلىپ، يەھۋاغا ئىچ باغرىنى تۆكۈپ بەرگەن ۋە ئۇنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىشقا بار كۈچى بىلەن تىرىشقان (زەبۇر 51:1—4). شۇنىڭ بىلەن، ئۇ كەمتەر بولۇپ، ئەر كىشىلەرنىڭلا ئەمەس، ئاياللارنىڭمۇ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلغان (1-سام. 19:11، 12؛ 25:32، 33). داۋۇت ئۆز خاتالىقلىرىدىن ساۋاق ئالغان ۋە يەھۋاغا بولغان خىزمىتىنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇنغا قويغان.
16. ئاتىلار داۋۇت پادىشاھتىن قانداق ساۋاق ئالالايدۇ؟
16 ئاتا بولسىڭىز، داۋۇت پادىشاھتىن قانداق ساۋاق ئالالايسىز؟ يەھۋا خۇدا بەرگەن ھوقۇقتىن ناتوغرا پايدىلانماڭ. خاتالىقلىرىڭىزنى بوينىڭىزغا ئېلىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نەسىھىتىنى قوبۇل قىلىڭ. شۇ چاغدا ئائىلىڭىز سىزنى كەمتەرلىكىڭىز ئۈچۈن ھۆرمەتلەيدىغان بولىدۇ. ئائىلىڭىز بىلەن بىللە دۇئا قىلغاندا، ئۇلار سىزنىڭ يەھۋانىڭ يول-يورۇقىغا موھتاج ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسۇن. ئەڭ مۇھىمى، يەھۋاغا بولغان خىزمەت ھاياتىڭىزدا بىرىنچى ئورۇندا بولسۇن (تەكرار. قا 6:6—9). ياخشى ئۈلگىڭىز — سىز ئائىلىڭىزگە بېرەلەيدىغان ئەڭ قىممەت سوۋغاتدۇر.
ئانىلار مەريەمنى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟
17. يەھۋا خۇدا ئانىلارغا قانداق مۇھىم ۋەزىپىنى تاپشۇرغان؟
17 يەھۋا خۇدا ئانىلارغىمۇ مۇھىم ۋەزىپىنى تاپشۇرغان. ئۇلارنىڭمۇ ئۆز بالىلىرى ئۈستىدىن ھوقۇقى بار (پەند. نە 22:6). ئانىسىنىڭ گەپ-سۆزلىرى بىلەن ئىش-ھەرىكەتلىرى بالىلارنىڭ يۈرىكىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرىدۇ (پەند. نە 6:20). ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم، ئانىلارغا ئاجايىپ ئۈلگە قالدۇرغان.
18، 19. ئانىلار مەريەمدىن قانداق ئۈلگە ئالالايدۇ؟
18 مەريەم مۇقەددەس يازمىلارنى ياخشى بىلگەن. ئۇ يەھۋا خۇدانى چوڭقۇر ھۆرمەتلىگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە بولغان. پۈتكۈل ھاياتىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسىمۇ، مەريەم خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشقا تەييار بولغان.—لۇقا 1:35—38، 46—55.
ھېرىپ قالغاندا ئۆيىدىكىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ئۈچۈن ئانىسىغا كۆپرەك كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن (19-ئابزاسقا قاراڭ)f
19 ئانا بولسىڭىز، مەريەمنى قانداق ئۈلگە قىلالايسىز؟ بىرىنچى، شەخسىي تەتقىق قىلىش ۋە دائىم دۇئا قىلىش ئارقىلىق يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىڭىزنى مەھكەم ساقلاڭ. ئىككىنچى، يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، ھاياتىڭىزدا ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشقا تەييار بولۇڭ. بەلكىم، ئاتا-ئانىڭىز تېز ئاچچىقلانغان ۋە سىزگە قوپال سۆزلىگەن. شۇڭا، سىزمۇ بالىلارنى شۇنداق تەربىيىلەش تەبىئىي ئەھۋال دەپ قارايدىغانسىز. ھەتتا يەھۋانىڭ كۆز قارىشىنى بىلگەندىن كېيىنمۇ، بالىلىرىڭىز گېپىڭىزگە كىرمىسە، سىز ئۈچۈن سەۋرچانلىقنى ساقلاش قىيىن بولۇشى مۇمكىن (ئەفەس. 4:31). بولۇپمۇ سىز ھېرىپ-چارچىغاندا، يەھۋا خۇدادىن ياردەم سوراش بەك مۇھىم. لەيلىگۈل ئىسىملىك ئانا شۇنداق دېگەن: «بەزىدە ئوغلۇم مېنى تىڭشىمىغاندا، ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىش ۋە ئۇنىڭغا قوپال سۆزلىمەسلىك ئۈچۈن دۇئا قىلاتتىم. بەزىدە بولسا سۆز ئوتتۇرىسىدا ئۆزۈمنى توختىتىپ، تىلىمنى تارتىشقا ۋە يەھۋاغا ئىچىمدىن دۇئا قىلىشقا توغرا كېلەتتى. دۇئا قىلىش سەۋرچان بولۇشىمغا ياردەم بېرىدۇ».—زەبۇر 37:5.
20. بەزى ئانىلارنىڭ قانداق قىيىنچىلىقى بار ۋە ئۇلار ئۇنى قانداق يېڭەلەيدۇ؟
20 بەزى ئانىلارنىڭ يەنە بىر قىيىنچىلىقى بار: ئۇلار ئۆز بالىلىرىغا مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتەلمەيدۇ (تىتۇس 2:3، 4). چۈنكى، ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرىنى كۆرمەي ئۆسكەن. سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئەركىن ئىپادىلىمىگەن ئائىلىدە چوڭ بولسىڭىزمۇ، بالىلىرىڭىزغا ئاتا-ئانىڭىزنىڭ خاتالىقىنى قايتىلىماي تەربىيە بېرەلەيسىز. يەھۋاغا بويسۇنماقچى بولسىڭىز، بالىلىرىڭىزغا مۇھەببىتىڭىزنى بىلدۈرۈشنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك. قېنىڭىزغا سىڭىپ كەتكەن ئوي-پىكىرىڭىز، ھېس-تۇيغۇلىرىڭىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئاسان ئەمەس بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، بۇنى قىلىش قولۇڭىزدىن كېلىدۇ ۋە شۇ ئۆزگىرىشلەر ئۆزىڭىزگىمۇ ھەم ئائىلىڭىزگىمۇ زور پايدا ئەكېلىدۇ.
يەھۋاغا بويسۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ
21، 22. يەشايا 65:13، 14-ئايەتلەرگە ئاساسەن، يەھۋاغا بويسۇنۇش قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ؟
21 داۋۇت پادىشاھ يەھۋاغا بويسۇنۇش مول بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى بىلگەن. ئۇ مۇنداق يازغان: «يەھۋانىڭ بۇيرۇقلىرى ئادىلدۇر، كۆڭۈلنى خۇشال قىلار. يەھۋانىڭ ئەمرى پاكتۇر، كۆزلەرنى روشەن قىلار… . خىزمەتكارىڭنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى ئۇلار، ئۇلارغا ئەمەل قىلغانلار كاتتا مۇكاپاتىنى ئالار» (زەبۇر 19:8، 11). بۈگۈنكى كۈندە بىز يەھۋاغا بويسۇنىدىغانلار ۋە ئۇنىڭ يول-يورۇقىنى رەت قىلىدىغانلار ئارىسىدىكى پەرقنى ئېنىق كۆرىمىز. خۇداغا بويسۇنىدىغان كىشىلەر «كۆڭلى شاد-خۇراملىققا تولغاچ، … تەنتەنە قىلىپ توۋلار».—يەشايا 65:13، 14-نى ئوقۇڭ.
22 ئاقساقاللار، ئاتا-ئانىلار يەھۋاغا تەييارلىق بىلەن بويسۇنغاندا، ھاياتى ياخشىلىنىدۇ، ئائىلىسى بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ ۋە جامائەتنىڭ ئىناق بولۇشىغا ئۆز ھەسسىسىنى قوشىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار يەھۋانىڭ قەلبىنى خۇرسەن قىلىدۇ (پەند. نە 27:11). بۇنىڭدىن ئارتۇق مۇكاپات بولۇشى مۇمكىنمۇ؟
43-ناخشا ھوشيار تۇر، چىڭ تۇر ۋە قەيسەر بول!
a بۇ ماقالىدە، يەھۋاغا نېمە ئۈچۈن بويسۇنۇشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز. يەنە ھوقۇقى بارلارنىڭ ھەممىسى، يەنى ئاقساقاللار، ئاتا-ئانىلار، نەھەمىيا، داۋۇت پادىشاھ ۋە ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەمدىن قانداق ئۈلگە ئالالايدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىمىز.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: بويسۇنۇش ۋە بېقىنىش، دېگەن سۆزلەر سەلبىي مەنىگە ئىگە، چۈنكى ئۇلار مەجبۇرىي ھالدا بىرسىگە ئىتائەت قىلىشنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما، خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۇنىڭغا ئۆز ئىختىيارى بىلەن بويسۇنغاچ، بۇنى سەلبىي تەرەپتىن چۈشەنمەيدۇ.
c بۇ ماقالىدىكى بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
d سۈرەتتە: نەھەمىيا خەلق بىلەن بىللە يېرۇسالىمنىڭ تاملىرىنى ياسىغانغا ئوخشاش، ئاقساقالمۇ ئوغلى بىلەن ئىبادەت ئۆيىنى ئاسراپ-ساقلاش ئىشىغا قاتنىشىۋاتىدۇ.
e سۈرەتتە: ئائىلە بېشى ئائىلىسى بىلەن بىللە يەھۋاغا چىن يۈرەكتىن دۇئا قىلىۋاتىدۇ.
f سۈرەتتە: بالىسى بىرنەچچە سائەت ئېلكتورۇنلۇق ئويۇنلارنى ئويناپ، ئۆي تاپشۇرۇقىنى ۋە ئۆي ئىشلىرىنى قىلمىدى. ئىشتىن ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەن ئاپىسى ئاچچىقلانماي، ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق بىلەن تەربىيە بېرىۋاتىدۇ.