كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م22 دېكابىر 22-‏27 ب.‏
  • باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىگە ياردە‌م بېرىڭ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىگە ياردە‌م بېرىڭ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للىك مە‌زگىلىدە باشقىلارغا ياردە‌م بېرىڭ
  • بالايىئاپە‌تلە‌رگە دۇ‌چ كە‌لگە‌نلە‌رگە ياردە‌م بېرىڭ
  • زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغانلارغا ياردە‌م بېرىڭ
  • ئېغىر كۈنلە‌ردە تىنچ-‏ئامانلىققا ئېرىشىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • ئاقساقاللار،‏ داۋاملىق ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنى ئۈلگە قىلىڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • جامائە‌ت قانداق تە‌شكىللە‌نگە‌ن؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • ئاقساقاللار جامائە‌ت ئۈچۈن قانداق خىزمە‌ت قىلىدۇ؟‏
    بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداۋاتىدۇ؟‏
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ك‌م22 دېكابىر 22-‏27 ب.‏

52-‏تە‌تقىق ماقالىسى

باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىگە ياردە‌م بېرىڭ

‏«ياردە‌م بېرىش قولۇ‌ڭدىن كە‌لسە،‏ ياخشىلىق قىلىشتىن باش تارتما ھاجە‌تمە‌ن كىشىگە»‏‏.‏—‏پە‌ند.‏ نە 3:‏27.‏

42-‏ناخشا ئاجىزلارغا ياردە‌م بە‌ر

بۇ ماقالىدەa

1.‏ يە‌ھۋا ھە‌مىشە خىزمە‌تچىلىرىنىڭ دۇ‌ئالىرىغا قانداق جاۋاب قايتۇ‌رىدۇ؟‏

ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا سىزنى قوللىنىپ،‏ باشقىلارنىڭ دۇ‌ئاسىغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلە‌مسىز؟‏ مە‌يلى سىز جامائە‌تتە ئاقساقال،‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى ياكى ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌ڭ،‏ يېشىڭىز ياشىنىپ قالغان ياكى ياش بولۇ‌ڭ،‏ يە‌ھۋا سىزنى قوللىنىپ،‏ باشقىلارنىڭ دۇ‌ئاسىغا جاۋاب بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋا ئۆزىنى سۆيگە‌ن كىشىنىڭ ياردە‌م سوراپ قىلغان دۇ‌ئاسىنى ئاڭلىغاندا،‏ دائىم ئاقساقال ياكى ئۆزىنىڭ ئىشە‌نچىلىك خىزمە‌تچىسىنى قوللىنىپ،‏ شۇ ياردە‌مگە ئېھتىياجلىق كىشىگە تە‌سە‌للى بېرىدۇ (‏كولوسى.‏ 4:‏11)‏.‏ مۇ‌شۇ ئۇ‌سۇ‌لدا خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋاغا ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا خىزمە‌ت قىلىش بىز ئۈچۈن ھە‌قىقە‌تە‌ن زور شان-‏شە‌رە‌پ!‏ يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌ل تارقالغاندا،‏ بالايىئاپە‌ت يۈز بە‌رگە‌ندە ياكى زىيانكە‌شلىككە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ بىز قېرىنداشلىرىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏

يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للىك مە‌زگىلىدە باشقىلارغا ياردە‌م بېرىڭ

2.‏ نېمە ئۈچۈن يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للىك تارقالغان مە‌زگىلدە باشقىلارغا ياردە‌م بېرىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

2 يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للىكنىڭ تارقىلىشى بىزنىڭ بىر-‏بىرىمىزگە ياردە‌م بېرىشىمىزنى قىيىنلاشتۇ‌رىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ دوستلىرىمىزنى كۆرۈشنى خالايمىز،‏ ئە‌مما بۇ‌نداق قىلىش خە‌تە‌رلىك ياكى ئىقتىسادىي جە‌ھە‌تتىن قىينىلىۋاتقانلارنى بىرلىكتە بىر ۋاق تاماق يېيىشكە تە‌كلىپ قىلىشنى خالىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما بۇ‌مۇ مۇ‌مكىن بولمايدۇ.‏ ئۆز ئائىلىدىكىمىزلە‌ر قىينىلىۋاتقان بولسا،‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ بىز قېرىنداشلىرىمىزغا ياردە‌م بېرىشنى خالايمىز.‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردە‌م بە‌رسە‌ك،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلالايمىز (‏پە‌ند.‏ نە 3:‏27؛‏ 19:‏17)‏.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏

3.‏ دېيسىنىڭ جامائىتىدىكى ئاقساقاللارنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ (‏يە‌رە‌مىيا 23:‏4)‏

3 ئاقساقاللار نېمە قىلالايدۇ؟‏ ئە‌گە‌ر سىز ئاقساقال بولسىڭىز،‏ جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار بىلە‌ن ياخشىراق تونۇ‌شۇ‌ڭ ‏(‏يە‌رە‌مىيا 23:‏4-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئالدىنقى ماقالىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكە‌ن دېيسى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مېنىڭ ۋە‌ز قىلىش توپىمدىكى ئاقساقال دائىم مە‌ن ۋە باشقىلار بىلە‌ن ۋە‌ز خىزمىتىگە چىقاتتى.‏ باشقا ۋاقىتلاردىمۇ بىز بىلە‌ن بىرگە ۋاقىت ئۆتكۈزە‌تتى»‏b‏.‏ 2019-‏يىلى تاجسىمان ۋىرۇ‌س تارقالغاندىن كېيىن دېيسىنىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌رنىڭ بە‌زىلىرى ۋىرۇ‌س بىلە‌ن يۇ‌قۇ‌ملىنىپ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ بىراق،‏ ئاقساقاللارنىڭ ئىلگىرى كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقى سە‌ۋە‌بلىك،‏ دېيسىنىڭ ئۇ‌لارنىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلىشى ئاسانراق بولغان.‏

4.‏ نېمە ئۈچۈن ئاقساقاللار دېيسىغا ياردە‌م بېرە‌لىدى ۋە بۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

4 دېيسى چۈشە‌ندۈرۈپ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئاقساقاللارنى ئىلگىرى ياخشى بىلگە‌چ ۋە ئۇ‌لارنى دوستلاردە‌ك قارىغاچ،‏ ئۇ‌لارغا قانداق ھېس قىلىۋاتقانلىقىمنى ۋە غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىمنى ئە‌ركىن ئېيتىپ بېرىش ئاسان بولغان».‏ بۇ‌نىڭدىن ئاقساقاللار نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏ جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارغا قىيىن ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كېلىشتىن ئىلگىرى غە‌مخورلۇ‌ق قىلىڭلار.‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌ق ئورنىتىڭلار.‏ ئە‌گە‌ر يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للىك مە‌زگىلىدە ئۇ‌لار بىلە‌ن يۈزمۇ-‏يۈز كۆرۈشۈشكە مۇ‌مكىنچىلىك بولمىسا،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن باشقا ئۇ‌سۇ‌لدا ئالاقىلىشىڭلار.‏ دېيسى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بە‌زىدە بىر كۈندە بىرنە‌چچە ئاقساقال ماڭا تېلېفون قىلاتتى ياكى ئۇ‌چۇ‌ر ئە‌ۋە‌تە‌تتى.‏ ئۇ‌لار ئە‌ۋە‌تكە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئايە‌تلە‌رنى ياخشى بىلسە‌ممۇ،‏ ئۇ‌لار قە‌لبىمگە كۈچلۈك تە‌سىر قىلغان».‏

5.‏ ئاقساقاللار قېرىنداشلارنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكە‌نلىكىنى قانداق بىلە‌لە‌يدۇ ۋە ئۇ‌لارغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

5 قېرىنداشلارنىڭ قانداق ئېھتىياجى بارلىقىنى قانداق بىلە‌لە‌يمىز؟‏ ئۇ‌نىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى —‏ پە‌م-‏پاراسە‌ت بىلە‌ن سوئاللارنى سوراپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئوي-‏پىكرىنى بىلىش (‏پە‌ند.‏ نە 20:‏5)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ يېتە‌رلىك يېمە‌ك-‏ئىچمىكى،‏ دورا ياكى باشقا كېرە‌كلىك نە‌رسىلىرى بارمۇ؟‏ ئۇ‌لار ئىش ئورنىدىن ياكى تۇ‌رۇ‌ۋاتقان ئۆيىدىن ئايرىلىپ قېلىش خە‌ۋىپىگە دۇ‌چ كېلىۋاتامدۇ؟‏ ئۇ‌لار ھۆكۈمە‌تنىڭ ياردىمىگە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ياردە‌مگە ئېھتىياجلىقمۇ؟‏ دېيسى ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنىڭ ماددىي ياردىمىگە ئېرىشكە‌ن.‏ بىراق،‏ ئاقساقاللارنىڭ ھېسسىي ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىكى ياردىمى ئۇ‌نىڭ سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ يە‌نە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاقساقاللار مە‌ن بىلە‌ن بىرگە دۇ‌ئا قىلدى.‏ گە‌رچە ئۇ‌لارنىڭ نېمە دېگە‌نلىكى ئېسىمدە قالمىغان بولسىمۇ،‏ شۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغانلىقىمنى ئە‌سلىيە‌لە‌يمە‌ن.‏ بۇ يە‌ھۋانىڭ ماڭا،‏ «سە‌ن يالغۇ‌ز ئە‌مە‌س» دېيىش ئۇ‌سۇ‌لى».‏—‏يە‌شايا 41:‏10،‏ 13.‏

كوللاژ:‏ 1.‏ بۇ‌رادە‌ر يىغىلىش زالىدىكى ئىبادە‌ت يىغىلىشىغا رىياسە‌تچىلىك قىلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ تاختا كومپيۇ‌تېرنى قوللىنىپ،‏ ۋىدىئولۇ‌ق ئۇ‌لىنىش ئارقىلىق جامائە‌ت يىغىلىشىغا قاتناشقان بۇ‌رادە‌رنى كۆرۈۋاتىدۇ.‏ 2.‏ جامائە‌تكە ئۆيىدىن قوشۇ‌لغان بۇ‌رادە‌ر جاۋاب بېرىش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرۈۋاتىدۇ.‏ ئۇ نە‌يچە ئارقىلىق ئوكسىگېندىن نە‌پە‌س ئېلىۋاتىدۇ.‏

بىر پروگراممىغا رىياسە‌تچىلىك قىلىۋاتقان بۇ‌رادە‌ر يۈزمۇ-‏يۈز يىغىلىشقا قاتناشقان قېرىنداشلارنىڭ ۋە ۋىدىئولۇ‌ق ئۇ‌لىنىش ئارقىلىق قاتناشقان ئاغرىق بۇ‌رادە‌رنىڭ ئىلھام بېرىدىغان جاۋابلىرىنى ئاڭلاپ خۇ‌شال بولۇ‌ۋاتىدۇ (‏6-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

6.‏ جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار باشقىلارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە قاراڭ)‏

6 باشقىلار نېمە قىلالايدۇ؟‏ بىز بىلىمىزكى،‏ جامائە‌تتە قېرىنداشلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ئاقساقاللارنىڭ مە‌سئۇ‌لىيىتى.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ھە‌ممىمىزنى بىر-‏بىرىمىزگە ئىلھام ۋە ياردە‌م بېرىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏گالاتىيا.‏ 6:‏10)‏.‏ ھە‌تتا كىچىك ئىشلاردىمۇ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ئىپادىلىسە‌ك،‏ بۇ كېسە‌ل ئازابى تارتىۋاتقان كىشىگە چوڭ ئىلھام بولالايدۇ.‏ كىچىك بالىلار خە‌تلە‌رنى يېزىپ ياكى رە‌سىملە‌رنى سىزىپ،‏ قېرىنداشلارغا ئىلھام بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ياش قېرىنداش بىر قېرىنداشنىڭ نە‌رسە-‏كېرە‌كلىرىنى سېتىۋېلىشى ياكى باشقا ئىشلارنى قىلىشىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ باشقىلار تاماق ئېتىپ ئاغرىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ،‏ ئىشىكنىڭ ئالدىغا قويۇ‌پ قويالايدۇ.‏ يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للىك مە‌زگىلىدە جامائە‌تتىكى ھە‌ربىر قېرىنداشنىڭ ئىلھامغا ئېھتىياجى بار.‏ مە‌يلى يۈزمۇ-‏يۈز ياكى ئىنتېرنېت ئارقىلىق جامائە‌ت يىغىلىشىغا قاتنىشايلى،‏ ھە‌ممىمىز جامائە‌تتىن كېيىن كېتىپ قالماي پاراڭلىشالايمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئاقساقاللارنىڭمۇ ئىلھامغا ئېھتىياجى بار.‏ يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للىك مە‌زگىلىدە ئۇ‌لار ناھايىتى ئالدىراش بولىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بە‌زى قېرىنداشلار ئۇ‌لارغا خە‌تلە‌رنى يېزىپ،‏ ئۆزلىرىنىڭ مىننە‌تدارلىقىنى ئىپادىلە‌يدۇ.‏ ئە‌گە‌ر «داۋاملىق بىر-‏بىرىڭلارغا تە‌سە‌للى بېرىڭلار ۋە بىر-‏بىرىڭلارنى كۈچلە‌ندۈرۈڭلار»،‏ دېگە‌ن نە‌سىھە‌ت سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىش ئۈچۈن تىرىشساق،‏ ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ كۆڭلىنى سۆيۈندۈرىمىز.‏—‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏11.‏

بالايىئاپە‌تلە‌رگە دۇ‌چ كە‌لگە‌نلە‌رگە ياردە‌م بېرىڭ

7.‏ بالايىئاپە‌ت كىشىنىڭ ھاياتىنى قانداق ئۆزگە‌رتە‌لە‌يدۇ؟‏

7 بالايىئاپە‌ت كۆزنى يۇ‌مۇ‌پ ئاچقۇ‌چە بىر كىشىنىڭ ھاياتىنى ئۆزگە‌رتىۋېتە‌لە‌يدۇ.‏ بالايىئاپە‌تكە ئۇ‌چرىغانلار مال-‏مۈلكى،‏ ئۆيى،‏ ھە‌تتا يېقىن كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌نداق پاجىئە‌لىك ۋە‌قە‌لە‌ر بە‌لكىم ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا كېلىدۇ.‏ بىز ئۇ‌لارغا ياردە‌م قولىمىزنى قانداق سۇ‌نالايمىز؟‏

8.‏ بالايىئاپە‌ت يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال ئاقساقاللار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى نېمە قىلالايدۇ؟‏

8 ئاقساقاللار نېمە قىلالايدۇ؟‏ ئاقساقاللار،‏ قېرىنداشلار ئاپە‌تكە ئۇ‌چراشتىن ئاۋۋال ئۇ‌لارنىڭ تە‌ييارلىق قىلىشىغا ياردە‌م بېرىڭلار.‏ جامائە‌تتىكى بارلىق كىشىلە‌رنىڭ بىخە‌تە‌رلىكى ۋە ئاقساقاللار بىلە‌ن ئالاقە قىلالىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرە‌كلىكىنى بىلىشىگە ياردە‌م بېرىڭلار.‏ ئالدىنقى ماقالىدە تىلغا ئالغان مارگارېت مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاقساقاللىرىمىز جامائە‌تنىڭ يە‌رلىك ئېھتىياج نۇ‌تۇ‌قىدا بىزگە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىدىغان پە‌سىلنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقى ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌لار مۇ‌نداق دېگە‌ن ئىدى:‏ ئە‌گە‌ر ھۆكۈمە‌ت ئاپە‌ت رايونىدىن تارقىتىۋېتىش بۇ‌يرۇ‌قىنى چۈشۈرسە ياكى خە‌تە‌رلىك ئە‌ھۋال بولۇ‌پ قالسا،‏ دە‌رھال ئۇ يە‌ردىن ئايرىلىشىمىز كېرە‌ك».‏ ئاقساقاللارنىڭ بۇ ئە‌سكە‌رتىشى دە‌ل ۋاقتىدا بېرىلگە‌ن.‏ چۈنكى بە‌ش ھە‌پتىدىن كېيىن شىددە‌تلىك ئوت ئاپىتى يۈز بە‌رگە‌ن ئىدى.‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌تتە ئائىلە باشلىقلىرى ھە‌ر بىر ئائىلە ئە‌زالىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىش كېرە‌كلىكىنى ئېنىق مۇ‌لاھىزە قىلىش كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر سىز ۋە بالىلىرىڭىز تە‌ييار بولساڭلار،‏ ئاپە‌ت يۈز بە‌رگە‌ندە تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلىيالايسىلە‌ر.‏

9.‏ بالايىئاپە‌تنىڭ ئالدى-‏كە‌ينىدە ئاقساقاللار ئۆزئارا ھە‌مكارلىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟‏

9 ئە‌گە‌ر سىز بىر توپقا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بولسىڭىز،‏ بالايىئاپە‌ت تېخى يۈز بە‌رمىگە‌ن ۋاقىتتا،‏ چوقۇ‌م ھە‌ربىر كىشىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇ‌چۇ‌رلىرىنى خاتىرىلىۋېلىڭ.‏ تىزىملىك تە‌ييارلاپ ئۇ‌نىڭدىكى ئۇ‌چۇ‌رلارنى ھە‌ر ۋاقىت يېڭىلاپ تۇ‌رۇ‌ڭ.‏ بالايىئاپە‌ت يۈز بە‌رگە‌ندە،‏ سىز ھە‌ر بىر ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بىلە‌ن ئالاقىلىشىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكە‌نلىكىنى بىلە‌لە‌يسىز.‏ كۆپچىلىك بىلە‌ن ئالاقە قىلغاندىن كېيىن،‏ ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رە‌ئىسىگە قېرىنداشلار ھە‌ققىدە خە‌ۋە‌ر بېرە‌لە‌يسىز.‏ ئۇ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقالغا خە‌ۋە‌ر بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئاقساقاللار ئۆزئارا ھە‌مكارلىشىش ئارقىلىق ياردە‌مگە ئېھتىياجلىق قېرىنداشلارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئوت ئاپىتى يۈز بە‌رگە‌ندىن كېيىن،‏ مارگارېتنىڭ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقىلى 36 سائە‌ت كۆز يۇ‌مماي،‏ تە‌خمىنە‌ن 450كە يېقىن ئاپە‌ت رايونىدىن تارقىتىۋېتىلگە‌ن قېرىنداشلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ئۈچۈن ئاقساقاللارنى تە‌شكىللە‌ش خىزمىتىنى قىلغان (‏2-‏كورىنت.‏ 11:‏27)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۆي ماكانىدىن ۋاقتىنچە ئايرىلغان قېرىنداشلار ۋاقىتلىق پاناھلىنىدىغان جايغا ئېرىشە‌لىگە‌ن.‏

10.‏ نېمە ئۈچۈن ئاقساقاللار قېرىنداشلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشنى مۇ‌ھىم دە‌پ قارايدۇ؟‏ (‏يۇ‌ھاننا 21:‏15)‏

10 قېرىنداشلارنىڭ ھېسسىي ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىكى ئېھتىياجلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش مە‌سئۇ‌لىيىتى بار (‏1-‏پېتر.‏ 5:‏2)‏.‏ ئاپە‌ت يۈز بە‌رگە‌ندىن كېيىن،‏ ئاقساقاللار دە‌رھال قېرىنداشلارنىڭ بىخە‌تە‌رلىكى،‏ ئۇ‌لارنىڭ يېمە‌ك-‏ئىچمىكى،‏ كىيىم-‏كېچىكى ياكى تۇ‌رىدىغان جايى بار-‏يوقلىقىنى بىلىشى كېرە‌ك.‏ ئاپە‌ت يۈز بېرىپ،‏ بىر قانچە ئايلار ئۆتكە‌ندىن كېيىنمۇ،‏ ئاپە‌تتىن ئامان قالغانلارنىڭ ھېسسىي ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىن قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌شكە مۇ‌ھتاج بولۇ‌شى مۇ‌مكىن ‏(‏يۇ‌ھاننا 21:‏15-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌رلىك بە‌يتە‌ل كومىتېتىدا خىزمە‌ت قىلىدىغان ۋە ئاپە‌تكە ئۇ‌چرىغانلار بىلە‌ن كۆرۈشكە‌ن خارولد بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۆزىگە كېلىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ.‏ قېرىنداشلارنىڭ تۇ‌رمۇ‌شى ئاستا-‏ئاستا ئۆز يولىغا چۈشۈشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ شۇ ئاپە‌ت جە‌ريانىدىكى ئە‌سلىمىلە‌رنى ئۇ‌نتۇ‌يالماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌لار ئايرىلىپ قالغان يېقىن كىشىلىرى،‏ قىممە‌تلىك سانالغان نە‌رسىلىرى ياكى قايتا-‏قايتا ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىك ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كە‌لگە‌نلىكىنى ئە‌سلىشى مۇ‌مكىن.‏ بۇ ھە‌رگىزمۇ ئىمان-‏ئېتىقادىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ بۇ ئىنساندىكى نورمال ئىنكاس».‏

11.‏ ئائىلىلە‌ر قانداق ياردە‌مگە ئېھتىياجلىق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

11 ئاقساقاللار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ «يىغلىغانلار بىلە‌ن بىللە يىغلاڭلار» دېگە‌ن نە‌سىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىشقا تىرىشىدۇ (‏رىملىقلار 12:‏15)‏.‏ بالايىئاپە‌تتە ئامان قالغانلار تە‌سە‌للىگە ئېھتىياجلىق.‏ ئۇ‌لارنى يە‌ھۋا ۋە قېرىنداشلارنىڭ سۆيىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرۈش كېرە‌ك.‏ ئاقساقاللار ئاپە‌تكە ئۇ‌چرىغان ئائىلىلە‌رنىڭ دۇ‌ئا قىلىش،‏ تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا ۋە ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق روھىي ئىشلارنى قىلىش ئادىتىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئاقساقاللار يە‌نە ئاتا-‏ئانىلارنى بالىلىرىنىڭ ھېچقانداق بالايىئاپە‌ت ۋە‌يران قىلالمايدىغان ئىشلارغا دىققىتىنى مە‌ركە‌زلە‌شتۈرۈشىگە ياردە‌م بېرىشكە ئۈندە‌يدۇ.‏ ئاتا-‏ئانىلار،‏ بالىلىرىڭلارغا يە‌ھۋا دائىم ئۇ‌لارنىڭ يېقىن دوستى بولىدىغانلىقى ۋە ئۇ‌لارغا يار-‏يۆلە‌ك بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن بىللە بولىدىغانلىقىنى ئە‌سكە‌رتىڭلار.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بالىلىرىڭلارغا ئۆزلىرىنىڭ خە‌لقئارا چوڭ بىر ئائىلىنىڭ ئە‌زاسى ئىكە‌نلىكى ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنىڭ ھە‌ر ۋاقىت ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىڭلار.‏—‏1-‏پېتر.‏ 2:‏17.‏

ئە‌ر-‏ئايال ۋاقتىنچە پاناھلىنىۋاتقان ئانا-‏بالا ئۈچۈن ئوزۇ‌ق تۈلۈك ۋە باشقا كېرە‌كلىك نە‌رسىلە‌رنى ئېلىپ كە‌لدى.‏

سىز تۇ‌رىدىغان جايدا بالايىئاپە‌ت يۈز بە‌رسە،‏ پىدائىي خىزمە‌تچى بولۇ‌پ ياردە‌م بېرە‌لە‌مسىز؟‏ (‏12-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏e

12.‏ ئاپە‌تكە ئۇ‌چرىغانلارغا ياردە‌م بېرىش خىزمىتىنى قانداق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌لە‌يسىز؟‏ (‏رە‌سىمگە قاراڭ)‏

12 باشقىلار نېمە قىلالايدۇ؟‏ يېقىن ئە‌تراپتىكى جايدا ئاپە‌ت يۈز بە‌رسە،‏ ئاقساقاللاردىن قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىڭىز ھە‌ققىدە سوراڭ.‏ بە‌لكىم،‏ سىز ۋاقتىنچە پاناھلىنىدىغان جاي بىلە‌ن تە‌مىنلىيە‌لىشىڭىز ياكى قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشى ئۈچۈن پىدائىي خىزمە‌تكە كۈچ چىقىرالىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ يە‌نە ياردە‌مگە ئېھتىياجلىق قېرىنداشلارغا تاماق توشۇ‌ش ۋە باشقا كېرە‌ك نە‌رسىلە‌رنى يە‌تكۈزۈپ بېرە‌لىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ تېخىمۇ يىراق بىر جايدا ئاپە‌ت يۈز بە‌رسە،‏ قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏ شۇ ئاپە‌تكە ئۇ‌چرىغانلار ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلالايسىز (‏2-‏كورىنت.‏ 1:‏8–‏11)‏.‏ يە‌نە دۇ‌نيا يۈزلۈك ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمە‌تكە ئىئانە بېرىش ئارقىلىق ئاپە‌ت ياردە‌م خىزمىتىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىيە‌لە‌يسىز (‏2-‏كورىنت.‏ 8:‏2–‏5)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئاپە‌ت يۈز بە‌رگە‌ن رايونغا بېرىپ ياردە‌م بېرىشكە ئىمكانىيىتىڭىز بولسا،‏ ئاقساقالغا پىدائىي خىزمە‌ت قىلىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ.‏ ئە‌گە‌ر پىدائىي خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌كلىپ قىلىنسىڭىز،‏ كۆپرە‌ك تە‌ربىيىلە‌شكە قاتنىشىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ كېيىن ئاپە‌ت ياردىمىگە ئېھتىياجلىق باشقا جايلاردىمۇ ياردە‌م بېرىش خىزمىتىگە قاتنىشالايسىز.‏

زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغانلارغا ياردە‌م بېرىڭ

13.‏ ئىش-‏پائالىيە‌تلىرىمىز چە‌كلە‌نگە‌ن دۆلە‌تلە‌ردە قېرىنداشلىرىمىز قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتىدۇ؟‏

13 ئىش-‏پائالىيە‌تلىرىمىز چە‌كلە‌نگە‌ن دۆلە‌تتە زىيانكە‌شلىك سە‌ۋە‌بلىك ھايات كە‌چۈرۈش تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ يە‌ردىكى بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كېلىۋاتىدۇ،‏ كېسە‌ل بولىۋاتىدۇ ۋە يېقىن كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ شۇ چە‌كلە‌شلە‌ر سە‌ۋە‌بلىك ئاقساقاللار ئە‌ركىن-‏ئازادە جامائە‌تلە‌رنى يوقلاپ بارالماسلىقى ۋە ياردە‌مگە ئېھتىياجلىق قېرىنداشلارغا ياردە‌م بېرە‌لمە‌سلىكى مۇ‌مكىن.‏ ئالدىنقى ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ئاندرېي شۇ‌نداق ئىشنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن.‏ ۋە‌ز ئېيتىش توپىدىكى بىر قېرىنداش ئىقتىسادىي جە‌ھە‌تتىن قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ كېيىن ئۇ قاتناش ھادىسىگە ئۇ‌چرىغان.‏ ئۇ‌نىڭغا بىر قانچە قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىش كېرە‌ك ئىدى ۋە ئۇ ئىشلىيە‌لمىگە‌ن.‏ شۇ مە‌نئىي قىلىشلارغا ۋە تارقىلىشچان ۋىرۇ‌سقا قارىماي،‏ بۇ‌رادە‌رلە‌ر قولىدىن كېلىشىچە ياردە‌م بە‌رگە‌ن ۋە يە‌ھۋا نېمە ئىش بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇ‌رغان.‏

14.‏ ئاقساقاللار يە‌ھۋاغا تايىنىشتا قانداق ئۈلگە قالدۇ‌رالايدۇ؟‏

14 ئاقساقاللار نېمە قىلالايدۇ؟‏ ئاندرېي دۇ‌ئا قىلىپ،‏ قولدىن كە‌لگە‌ن ئىشنى قىلغان.‏ يە‌ھۋا بۇ‌نىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇ‌رغان؟‏ ئۇ قېرىنداشلارنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپرە‌ك ئە‌ركىن-‏ئازادە ھە‌رىكە‌ت قىلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ بە‌زىلە‌ر شۇ ئايال قېرىنداشنى دوختۇ‌رغا ئاپارغان.‏ باشقىلىرى ئۇ‌نىڭغا ماددىي ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ كۆپچىلىك قولدىن كېلىشىچە جاسارە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن.‏ نە‌تىجىدە،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى بە‌رىكە‌تلە‌پ،‏ شۇ قېرىنداشنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تە‌مىنلە‌پ بېرىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏16)‏.‏ ئاقساقاللار،‏ ئە‌گە‌ر سىلە‌رنىڭ خىزمىتىڭلار توسالغۇ‌غا ئۇ‌چرىسا،‏ بۇ خىزمە‌تنى باشقىلارغا تاپشۇ‌رۇ‌ڭلار (‏يە‌رە‌م.‏ 36:‏5،‏ 6)‏.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىڭلار.‏ ئۇ سىلە‌رنىڭ ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشىڭلارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

15.‏ زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغان ۋاقتىمىزدا ئارىمىزدىكى تىنچ-‏ئىناقلىقنى قانداق ساقلىيالايمىز؟‏

15 باشقىلار نېمە قىلالايدۇ؟‏ مە‌نئىي قىلىنغان ئە‌ھۋالدا بىز ئاز ساندىكى قېرىنداشلار بىلە‌ن ئالاقە قىلالىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ بارلىق قېرىنداشلار بىلە‌ن ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ساقلاڭلار.‏ بۇ ھە‌رقانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا مۇ‌ھىم.‏ بىر-‏بىرىڭلار بىلە‌ن ئە‌مە‌س،‏ شە‌يتان بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىۋاتقىنىڭلارنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭلار.‏ ئە‌گە‌ر قېرىندىشىڭلار خاتالىق ئۆتكۈزسە،‏ بۇ‌نىڭغا سە‌ل قارىماي،‏ مە‌سىلىنى دە‌رھال ھە‌ل قىلىشقا تىرىشىڭلار (‏پە‌ند.‏ نە 19:‏11؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 4:‏26)‏.‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىشتە تە‌شە‌ببۇ‌سكار بولۇ‌ڭلار (‏تىتۇ‌س 3:‏14)‏.‏ ئىلگىرى تىلغا ئېلىنغان ۋە‌قە‌دە كۆپچىلىك كۈچ چىقىرىپ،‏ ياردە‌مگە ئېھتىياجلىق قېرىنداشقا ياردە‌م قولىنى سۇ‌نغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ شۇ ۋە‌ز ئېيتىش توپىدىكى ھە‌ممىسى خۇ‌ددى بىر ئائىلە كىشىلە‌ردە‌ك بىر-‏بىرىگە يېقىن بولۇ‌پ كە‌تكە‌ن.‏—‏زە‌بۇ‌ر 133:‏1.‏

16.‏ كولوسىلىقلار 4:‏3،‏ 18-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغان قېرىنداشلارغا بىز قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏

16 نە‌چچە ئون مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز ھۆكۈمە‌تنىڭ چە‌كلىمىسىگە قارىماي،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى ئىمان-‏ئېتىقادى سە‌ۋە‌بلىك تۈرمىگە تاشلاندى.‏ بىز ئۇ‌لار ئۈچۈن ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌ر ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلالايمىز.‏ شۇ‌نداقلا ئە‌ركىنلىكىنى خە‌تە‌رگە تە‌ۋە‌ككۈل قىلىپ،‏ تۈرمىگە تاشلانغان قېرىنداشلارغا روھىي،‏ جىسمانىي ۋە قانۇ‌نىي جە‌ھە‌تتىن ياردە‌م بېرىۋاتقانلار ئۈچۈنمۇ دۇ‌ئا قىلالايمىزc ‏(‏كولوسىلىقلار 4:‏3،‏ 18-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ھە‌رگىزمۇ دۇ‌ئانىڭ كۈچىنىڭ زور ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏—‏2-‏سالونىكا.‏ 3:‏1،‏ 2؛‏ 1-‏تىموت.‏ 2:‏1،‏ 2.‏

ئاتا-‏ئانا ئىككى بالىسى بىلە‌ن ئائىلىۋى ئىبادە‌ت ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.‏ كىچىك بالىسى دانىيال توغرۇ‌لۇ‌ق فىلىمدىكى قىزىقارلىق ئوي-‏پىكىرنى ئېيتىۋاتىدۇ.‏

ئائىلىڭىز بىلە‌ن ھازىرنىڭ ئۆزىدە زىيانكە‌شلىككە قانداق تە‌ييارلىق قىلالايسىز؟‏ (‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

17.‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە زىيانكە‌شلىككە قانداق تە‌ييارلىق قىلالايسىز؟‏

17 ئائىلىڭىز بىلە‌ن ھازىرنىڭ ئۆزىدە زىيانكە‌شلىككە تە‌ييارلىق قىلالايسىز (‏ئە‌لچى.‏ 14:‏22)‏.‏ بارچە يۈز بېرىشى مۇ‌مكىن بولغان يامان ئىشنى كۆز ئالدىڭىزغا كە‌لتۈرۈشتىن ساقلىنىڭ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىڭىزنى كۈچە‌يتىپ،‏ پە‌رزە‌نتلىرىڭىزنىڭمۇ شۇ‌نداق قىلىشىغا ياردە‌م بېرىڭ.‏ ئە‌گە‌ر بە‌زىدە غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلسىڭىز،‏ ئىچ-‏باغرىڭىزنى خۇ‌داغا تۆكۈپ دۇ‌ئا قىلىڭ (‏زە‌بۇ‌ر 62:‏7،‏ 8)‏.‏ ئائىلىڭىز بىلە‌ن بىرلىكتە ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋاغا نېمە ئۈچۈن ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىڭd‏.‏ زىيانكە‌شلىككە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ سىزنىڭ شە‌خسە‌ن تە‌ييارلىق قىلغىنىڭىز ۋە يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىڭىز پە‌رزە‌نتلىرىڭىزنىڭ جاسارە‌ت ۋە تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىككە ئېرىشىشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

18.‏ بىزنى قانداق كېلە‌چە‌ك كۈتىۋاتىدۇ؟‏

18 خۇ‌دانىڭ تىنچلىقى بىزنى بىخە‌تە‌ر ھېس قىلدۇ‌رىدۇ (‏فىلىپى.‏ 4:‏6،‏ 7)‏.‏ مۇ‌شۇ ئۇ‌سۇ‌ل ئارقىلىق،‏ يە‌ھۋا بۈگۈنكى كۈندە يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للىك،‏ تە‌بىئىي ئاپە‌ت ۋە زىيانكە‌شلىكلە‌رگە ئۇ‌چرىشىمىزغا قارىماي،‏ كۆڭلىمىزگە تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك بېرىدۇ.‏ ئۇ جاپا-‏مۇ‌شە‌ققە‌تكە باش ئە‌گمە‌يدىغان ئاقساقاللارنى قوللىنىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا يە‌ھۋا بىر-‏بىرىمىزگە ياردە‌م قولىمىزنى سۇ‌نۇ‌ش شان-‏شە‌رىپىنى بە‌رگە‌ن.‏ بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌ۋاتقان تىنچ-‏ئامانلىق كېلە‌چە‌كتىكى «دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت»كە ئۆزىمىزنى تە‌ييارلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏مە‌تتا 24:‏21‏)‏.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلىشىمىز ۋە باشقىلارنىڭمۇ شۇ‌نداق قىلىشىغا ياردە‌م بېرىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىراق،‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن بىزنى غە‌م-‏ئە‌ندىشىگە سالىدىغان قىيىنچىلىقلار ھە‌رگىز بولمايدۇ.‏ يە‌ھۋا خالىغاندە‌ك،‏ بىز مە‌ڭگۈ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكتىن ھۇ‌زۇ‌ر ئالىمىز.‏—‏يە‌شايا 26:‏3،‏ 4.‏

تۆۋە‌ندىكى ۋە‌زىيە‌تتە،‏ باشقىلارنىڭ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك تېپىشىغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏

  • يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للىك تارقالغاندا

  • بالايىئاپە‌ت يۈز بە‌رگە‌ندە

  • زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغاندا

25-‏ناخشا ھە‌قىقىي شاگىرت بولۇ‌شنىڭ بە‌لگىسى

a يە‌ھۋا ھە‌ردائىم سادىق خىزمە‌تچىلىرىنى ئىشلىتىپ،‏ قىيىن كۈنلە‌رنى باشتىن كە‌چۈرۈۋاتقانلارغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئۇ سىزنى ئىشلىتىپ،‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭىزغا ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرە‌لە‌يدۇ.‏ باشقىلار ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولغاندا،‏ ياردە‌م قولىمىزنى قانداق سۇ‌نالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

b بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

c تۈرمىگە تاشلانغان قېرىنداشلارغا خە‌ت يازسىڭىز،‏ خە‌تنى يە‌رلىك بە‌يتە‌ل ياكى باش ئىدارىدا ئارقىلىق ئە‌ۋە‌تىشنىڭ ھاجىتى يوق.‏

d ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2019-‏يىل،‏ ئىيۇ‌ل سانىدىكى «‏زىيانكە‌شلىككە ھازىر تە‌ييارلىق قىلىڭ‏» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.‏

e سۈرە‌تتە:‏ ئە‌ر-‏ئايال بالايىئاپە‌تتىن كېيىن ۋاقتىنچە پاناھلىنىۋاتقان ئائىلىگە ئوزۇ‌ق تۈلۈك ئېلىپ كە‌لدى.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش