تەرجىمىھال
يەھۋاغا تايىنىپ، ھەقىقىي بىخەتەرلىكنى ھېس قىلدىم
كىشىلەر مەندىن ھاياتىم توغرۇلۇق سورىغاندا، ئۇلارغا دائىم «مەن يەھۋانىڭ قولىدىكى يۈك-تاق!»— دەيمەن. دېمەكچى بولغىنىم، مەن قەيەرگە بارسام، يۈك-تاقلىرىمنى ئۆزۈم بىلەن ئېلىپ بارغاندەك، يەھۋا ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتى مېنى شۇنداق ئېلىپ يۈرۈپ، قەيەرگە ۋە قاچان بېرىشىمغا يول كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن قىيىن، ھەتتا بەزىدە خەتەرلىك ۋەزىپىلەرنى قوبۇل قىلدىم. ئەمما، پەقەت يەھۋاغا تايانغىنىمدا ھەقىقىي بىخەتەرلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم.
يەھۋانى تونۇپ، ئۇنىڭغا تايىنىشقا باشلىدىم
مەن 1948-يىلى نىگېرىيىنىڭ غەربىي-جەنۇبىدىكى بىر كىچىك يېزىدا تۇغۇلغان. شۇ چاغلاردا، دادامنىڭ ئىنىسى مۇستافا ئاكام، ئاندىن چوڭ ئاكام ۋاھابى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بولغانىدى. مەن توققۇز ياشقا كىرگەندە، دادام ئۆلۈپ كەتتى. مەن قاتتىق يىغا-زار قىلىپ، قەلبىم زېدە بولدى. ئاكام ۋاھابى ماڭا كېلەچەكتىكى تىرىلىش ئۈمىدى توغرۇلۇق ئېيتىپ بەردى. بۇ كۆڭلۈمگە تەسەللى بېرىپ، مېنى مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشكە ئۈندىدى. شۇنىڭ بىلەن، 1963-يىلى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم. ئىككى ئاكام ۋە بىر ئۇكام ھەم چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى.
1965-يىلى، مەن لاگوستا ياشايدىغان ئاكام ۋىلسوننىڭ يېنىغا باردىم ۋە ئىگبوبى جامائىتىدىكى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ، خۇشال بولدۇم. ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ۋە قىزغىنلىقى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. 1968-يىلى 1-ئايدا، مەنمۇ پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولدۇم.
ئالبېرت ئولۇگبېبى ئىسىملىك بەيتەلدە خىزمەت قىلىدىغان بۇرادەر بىز ياشلار بىلەن شىمالىي نىگېرىيىدە مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلارغا بولغان ئېھتىياج توغرىسىدا ئالاھىدە بىر يىغىلىش ئۇيۇشتۇردى. ئولۇگبېبى بۇرادەرنىڭ ئېيتقان قىزغىن سۆزلىرى تېخىغىچە ئېسىمدە بار: «سىلەر ياش، سىلەر ۋاقتىڭلارنى ۋە كۈچۈڭلارنى يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتەلەيسىز. ئۇ يەردە سىلەرنى نۇرغۇن ئىشلار كۈتۈپ تۇرماقتا!» مەن يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىنى پىدا قىلىش روھىنى ئۈلگە قىلىپ، يەھۋا مېنى قەيەرگە ئەۋەتسە، شۇ يەردە خىزمەت قىلىشنى خالىدىم. شۇڭا، ئىلتىماسنى تولدۇردۇم.—يەشايا 6:8.
1968-يىلى 5-ئايدا، مەن نىگېرىيىنىڭ شىمالىدىكى كانو شەھىرىگە مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى سۈپىتىدە تەيىنلەندىم. شۇ يىللىرى، يەنى 1967–1970-يىللىرى نىگېرىيىدە ئىچكى ئۇرۇش يۈز بەرگەن ئىدى. بۇ ئۇرۇش شۇ رايوندا مالىمانچىلىق، كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە ئۆلۈمگە يول ئاچقانىدى. كېيىن، بۇ ئۇرۇش نىگېرىيىنىڭ شىمالىدىن شەرقىدىكى رايونلارغا كۆچكەن. بىر بۇرادەر مېنىڭ شىمالدا زىيان-زەخمەتكە ئۇچراپ قېلىشىمنى خالىمىغاچ، مېنى بارماسلىققا قايىل قىلماقچى بولدى. لېكىن، مەن ئۇنىڭغا: «مەن ئۈچۈن غەم قىلغىنىڭىزغا رەھمەت. قانداقلا بولمىسۇن، يەھۋا مېنى شۇ يەرگە خىزمەت قىلىشقا تەيىنلىسە، ماڭا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ»،— دېدىم.
ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان رايوندا يەھۋاغا ئىشەنچ قىلىش
كانودىكى ئەھۋال ئىنتايىن قايغۇلۇق بولۇپ، بۇ چوڭ شەھەرنى ئىچكى ئۇرۇش ۋەيران قىلغانىدى. ۋەز خىزمەتتە، بەزىدە توقۇنۇشتا قىرغىن قىلىنغانلارنىڭ جەسىتىنى ئۇچرىتىپ قالاتتۇق. كانودا بىرقانچە جامائەت بولغان بولسىمۇ، بۇرادەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى قېچىپ كەتكەنىدى. شۇ يەردە قالغان قېرىنداشلار 15 كىشىگە يەتمەيتتى ۋە ئۇلار قورقۇپ، ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدى. بىز، ئالتە مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار كەلگەندە، ئۇلار بەك خۇشال بولۇپ كەتتى. بىز ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى. بىز جامائەت يىغىلىشلىرىنى، ۋەز خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق ۋە ئۇلارنىڭ ۋەز خىزمەت ۋە كىتاب-ژۇرناللار توغرۇلۇق بەيتەلگە مەلۇمات ئەۋەتىشىگە ياردەم بەردۇق.
بىز مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار خاۋسا تىلىنى ئۆگىنىشنى باشلىدۇق. كىشىلەر خۇش خەۋەرنى ئۆز ئانا تىلىدا ئاڭلىغاندا، نۇرغۇنلىرى قۇلاق سېلىپ تىڭشاشقا باشلىدى. شۇنداق بولسىمۇ، كانودىكى ئاساسىي دىننىڭ ئەزالىرى بىزنىڭ ۋەز ئېيتىشىمىزنى ياقتۇرمىدى. شۇڭا، بىز ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك ئىدى. بىر كۈنى بىر كىشى قولىغا پىچاق ئېلىپ بىزنى قوغلىدى. بەختكە يارىشا، ئۇنىڭدىن تېز يۈگرەپ، قېچىپ كەتتۇق. شۇنداق خەتەرلەرگە قارىماستىن، يەھۋا بىزنى «بىخەتەر» ئولتۇرغۇزغاچ، ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلىدى (زەبۇر 4:8). بۈگۈنكى كۈندە 500دىن كۆپرەك قېرىنداشلار كانودىكى 11 جامائەتتە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
نىگېردا زىيانكەشلىكنىڭ باشلىنىشى
نىئامېيدا (نىگېر) پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان چاغ
كانودا بىر نەچچە ئاي تۇرغاندىن كېيىن، 1968-يىلى 8-ئايدا، مېنى باشقا ئىككى مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بىلەن نىگېرنىڭ پايتەخت شەھىرى نىئامېيغا ئەۋەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا غەربىي ئافرىقىدىكى نىگېر — يەر شارىدىكى ئەڭ ئىسسىق رايون ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بىز ئىنتايىن ئىسسىق ھاۋادا قانداق ۋەز قىلىشنى ئۆگىنىپ قالماي، فرانسۇز تىلىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك ئىدى. بۇ قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، بىز يەھۋاغا ئىشەنچ باغلىدۇق ۋە شۇ يەردىكى ئاز ساندىكى ۋەز ئېيتقۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋەز قىلىشقا باشلىدۇق. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، نىئامېيدىكى ئوقۇشنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك «مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېلىپ بارىدىغان ھەقىقەت» ناملىق، مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كىتابنى تاپشۇرۇۋالدى. كىشىلەر بۇ كىتابنى سوراپ، بىزنى ئىزدەپ كېلەتتى!
ئۇزاق ئۆتمەي، بىز ھۆكۈمەتتىكى كىشىلەرنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتۇق. 1969-يىلى 7-ئايدا، بىز تەخمىنەن 20 ئادەم يىغىلىپ، بۇ دۆلىتىمىزدە تۇنجى قېتىم رايونلۇق چوڭ ئىبادەت يىغىلىشىنى ئۆتكۈزمەكچى بولدۇق. ئىككى ئادەم چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. بىراق، بىرىنچى كۈنى ساقچىلار كېلىپ، ئىبادەت يىغىلىشىمىزنى توختاتتى. ئۇلار بىزنى، مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلارنى ۋە جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىدىغان رايونغا مەسئۇل ئاقساقالنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كەتتى. ئۇلار بىزنى سوراققا تارتىپ، ئەتىسى يەنە كېلىشكە بۇيرىدى. بىز ئاۋارىچىلىق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، تېزلىكتە بىرىنىڭ ئۆيىنى تېپىپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتىدىغانلار ئۈچۈن نۇتۇق ئېيتىشنى ئورۇنلاشتۇردۇق. كېيىن، يوشۇرۇن ھالدا ئىككى قېرىنداشنى دەريادا سۇغا چۆمۈلدۈردۇق.
بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئەزالىرى مېنى ۋە باشقا بەش مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىنى نىگېردىن قوغلاپ چىقاردى. ئۇلار چېگرىدىن چىقىپ كېتىشىمىز ئۈچۈن 48 سائەت ۋاقىت بەردى. بىز ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇپ، ئۇدۇللا نىگېرىيىدىكى بەيتەلگە باردۇق، شۇ يەردە بىزنى باشقا جايغا تەيىنلىدى.
مەن نىگېرىيىنىڭ ئورىسۇنبارې دېگەن كىچىك شەھىرىگە تەيىنلەندىم. شۇ يەردىكى كىچىك بىر توپ ۋەز ئېيتقۇچىلار بىلەن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلدۇق. بىراق، ئالتە ئايدىن كېيىن، بەيتەل مېنى يالغۇز نىگېرغا قايتىشقا چاقىردى. بېشىدا بۇنىڭغا ھەيران قالدىم ۋە بىراز ئەنسىرىدىم. بىراق، نىگېردىكى قېرىنداشلار بىلەن قايتا كۆرۈشكە تەقەززا ئىدىم!
مەن نىئامېيغا قايتىپ كەلدىم. ئىككىنچى كۈنىلا نىگېرىيىلىك بىر تىجارەتچى يەھۋا گۇۋاھچىسى ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپ يېتىپ، مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە سوئال سوراشقا باشلىدى. بىز ئۆگىنىشنى باشلىدۇق. ئۇ تاماكا چېكىشنى، ھاراق ئىچىشنى تاشلىدى ۋە سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى. مەن نىگېرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پەرقلىق قېرىنداشلار بىلەن خىزمەت قىلىپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاستا بولسىمۇ ئادەملەرنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆردۈم. مەن دەسلەپتە كەلگىنىمدە، نىگېر دۆلىتىدە 31 گۇۋاھچى بار ئىدى، ئۇ يەردىن ئايرىلغاندا 69 ئادەم بولدى.
«بىز گۋىنىيىدىكى ۋەز خىزمىتى ھەققىدە كۆپ بىلمەيمىز»
1977-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مەن نىگېرىيىگە تەلىم-تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن قايتىپ كەلدىم. ئۈچ ھەپتىلىك كۇرس ئاخىرلاشقاندا، بەيتەل كومىتېتىنىڭ رىياسەتچىسى مالكوم ۋىگو بۇرادەر ماڭا سېررالېئون بەيتەلدىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى ئوقۇپ بەردى. ئۇلار گۋىنېيىدە جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلالايدىغان ۋە ئىنگلىزچە ۋە فرانسۇزچە بىلىدىغان، تېنى ساغلام، بويتاق بۇرادەرلەرنى ئىزدەۋاتقان ئىدى. بۇرادەر مالكوم مۇشۇ خىزمەت ئۈچۈن تەلىم-تەربىيە ئالغانلىقىمنى ئېيتتى. بۇ خىزمەتنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ، ئۇ: «قارار قىلىشتىن بۇرۇن كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىپ بېقىڭ»،— دېدى. مەن دەرھال: «مېنى يەھۋا خۇدا ئەۋەتكەن ئىكەن، مەن بارىمەن»،— دەپ جاۋاب بەردىم.
مەن سېررالېئونغا ئۇچۇپ بېرىپ، بەيتەلدىكى بۇرادەرلەر بىلەن كۆرۈشتۈم. كومىتېت ئەزالىرىدىن بىرى ماڭا: «بىز گۋىنىيىدىكى ۋەز خىزمەت ھەققىدە كۆپ بىلمەيمىز»،— دېدى. سېررا-لېئوندىكى بەيتەل قوشنا دۆلەت گۋىنىيىدىكى ۋەز خىزمىتىگە مەسئۇل ئىدى، بىراق ئۇ يەردىكى سىياسىي ۋەزىيەت جىددىي بولغاچ، ۋەز ئېيتقۇچىلار بىلەن ئالاقە قىلىش مۇمكىن بولمىغان. بەيتەل قانچە تىرىشىپ كۆرسىمۇ، ئۇ يەرگە بىرىنى ئەۋەتەلمىگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەيتەلدىكى بۇرادەرلەر مېنى گۋىنېيىنىڭ پەيتەختى كوناكرى شەھىرىگە ئەۋەتىپ، شۇ دۆلەتتە ياشاش رۇخسەت قەغىزىنى ئېلىشنى سورىدى.
«مېنى يەھۋا خۇدا ئەۋەتىۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بارىمەن»
مەن كوناكرىغا كېلىپ، نىگېرىيىنىڭ ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، باش ئەلچى بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ ماڭا قولغا ئېلىنىش ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچراش خەتىرى بارلىقىنى ئېيتىپ، مېنى بۇ يەردە ياشاش ئۈچۈن تۇرۇپ قالماسلىققا ئۈندىدى. ئۇ ماڭا: «نىگېرىيىگە قايتقىن، بېرىپ شۇ يەردە ۋەز قىلغىن»،— دېدى. مەن جاۋابەن: «مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشنى قارار قىلدىم»،— دېدىم. شۇنىڭ بىلەن، باش ئەلچى گۋىنېيىدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىغا خەت يازدى ۋە مىنىستىر ماڭا ياردەم بەردى.
كېيىن، سېررالېئونغا قايتىپ، بۇ خۇش خەۋەرنى بۇرادەرلەرگە ئېيتتىم. ئۇلار مېنىڭ يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن بۇ سەپىرىمدە گۋىنېيىدە ياشاش ئۈچۈن رۇخسەت قەغىزى ئالغانلىقىمنى ئاڭلاپ، خۇشاللىقىدىن ۋارقىراپ كېتىشىتى.
سېررالېئوندا جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا
1978–1989-يىللار ئارىسىدا، مەن گۋىنېيە ۋە سېررالېئوندا جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىش خىزمىتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ۋە لىبېرىيىدە ياردەمچى رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلدىم. دەسلەپتە، مەن پات-پات ئاغرىپ قالىدىغان بولدۇم. بولۇپمۇ يىراق رايونلاردا يالغۇز خىزمەت قىلغاندا شۇنداق بولىدىغان بولدى. بىراق شۇنداق ۋاقىتلاردىمۇ، قېرىنداشلار مېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ئۈچۈن ئامال تاپاتتى.
بىر قېتىم مەن قاتتىق ئاغرىپ، بەزگەك كېسىلىگە گىرىپتار بولدۇم. ئۇ ئاز كەلگەندەك، ئۈچەيلىرىمدە قۇتلار پەيدا بولدى. ئەھۋالىم شۇنچىلىك ناچارلىشىپ كەتكەن ئىدىكى، بۇرادەرلەر مېنى قەيەرگە دەپنە قىلىش توغرىسىدا مۇنازىرە قىلغان ئىكەن! ھاياتىمغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان بۇ ۋەقەلەرگە قارىماي، خىزمىتىمدىن ۋاز كېچىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ھەقىقىي بىخەتەرلىك پەقەت يەھۋا خۇدادىن كېلىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ كەتسەم ھەم ئۇ مېنى تىرىلدۈرەلەيدۇ.
ئايالىم ئىككىمىز يەھۋا خۇداغا تاياندۇق
1988-يىلى توي كۈنىمىز
1988-يىلى، مەن ئىنتايىن كەمتەر، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى دوركاس ئىسىملىك بىر قىز بىلەن تونۇشتۇم. بىز توي قىلدۇق، كېيىن جامائەتلەرنى بىللە زىيارەت قىلدۇق. ئايالىم مېھرىبان ۋە ئۆزىنى قۇربان قىلىدىغان پىداكار ئايال ئىدى. بىز بىرلىكتە، بىر جامائەتتىن باشقا جامائەتكە بېرىش ئۈچۈن يۈك-تاقلىرىمىزنى ئېلىپ، 25 كىلومېتر پىيادە يول يۈرەتتۇق. ئەگەر يولىمىز ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق بولغان چاغلاردا، يولدا ئۇچرىغان ھەرقانداق قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرۇپ، لاي-پاتقاق ۋە ئەگرى-توقاي يوللاردا سەپەر قىلاتتۇق.
دوركاس ئىنتايىن جاسارەتلىك ئىدى. مەسىلەن، بىز بەزىدە تىمساھلار بىلەن تولغان سۇلاردىن ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلەتتى. بىر قېتىم بەش كۈنلۈك سەپەر جەريانىدا، دەريادىكى ياغاچ كۆۋرۈكلەر بۇزۇلۇپ كەتكەچ، قولۋاققا ئولتۇرۇپ ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. دوركاس ئورنىدىن تۇرۇپ، قولۋاقتىن چىقىۋاتقاندا چوڭقۇر سۇغا چۈشۈپ كەتتى. ھەر ئىككىمىز سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيتتۇق ۋە شۇ دەريادا تىمساھلار بار ئىدى. بەختكە يارىشا، بىرنەچچە ياش يىگىت سۇغا چۈشۈپ، ئۇنى قۇتقۇزۇۋالدى. بۇ ۋەقە بەزى-بەزىدە چۈشىمىزگە كىرىپ، قارا تەرگە چۆمۈپ ئويغىنىپ كېتىپ يۈردۇق. شۇنداقتىمۇ ئۆز خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق.
بالىلىرىمىز ياھگېفىت ۋە ئېرىك يەھۋانىڭ بەرگەن سوغىلىرى
1992-يىلىنىڭ بېشىدا، بىز دوركاسنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىنى بىلىپ، ئىنتايىن ھەيران قالدۇق. تولۇق ۋاقىتلىق خىزمىتىمىز بىلەن نېمە بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئەنسىرىدۇق. بىراق، بالىمىزنى يەھۋادىن كەلگەن سوۋغات دەپ قارىدۇق. شۇڭا، قىزىمىزغا «يەھۋانىڭ سوۋغىسى» دېگەن مەنىدە، ياھگېفىت دېگەن ئىسىمنى قويدۇق. تۆت يىلدىن كېيىن ياھگېفىتنىڭ ئىنىسى ئېرىك تۇغۇلدى. ھەر ئىككىسى بىز ئۈچۈن ئاجايىپ سوۋغات. قىزىمىز بىر مەزگىل كوناكرى شەھىرىدىكى يىراقتىن ياردەم بېرىدىغان تەرجىمە بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. ئوغلىمىز جامائەتتە ياردەمچى خىزمەتچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
گەرچە دوركاس مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بالىلىرىمىزنى بېقىش بىلەن بىللە، داۋاملىق پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. مەن بولسام، يەھۋانىڭ ياردىمىدە مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇردۇم. بالىلىرىمىز چوڭ بولغاندىن كېيىن، دوركاس قايتىدىن مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولدى. ھازىر ئىككىمىز كوناكرى شەھىرىدە مىسسىئونېر سۈپىتىدە خىزمەت قىلىۋاتىمىز.
ھەقىقىي بىخەتەرلىكنىڭ مەنبەسى
مەن ھەردائىم يەھۋا مېنى قەيەرگە ئېلىپ، بارسا، شۇ يەرگە باردىم. ئايالىم ئىككىمىز يەھۋانىڭ بىزنى قوغداپ، بەرىكەتلىگەنلىكىنى دائىم ھېس قىلدۇق. ماددىي نەرسىلەرگە ئەمەس، يەھۋاغا ئىشەنگەچ، نۇرغۇن غەم-قايغۇدىن ساقلىنىپ قالدۇق. دوركاس ئىككىمىز ھەقىقىي بىخەتەرلىكنىڭ مەنبەسى يەھۋا ئىكەنلىكىنى ئۆز ھاياتىمىزدا كۆرۈپ يەتتۇق (1-تارىخ. 16:35). شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، يەھۋا ئۆزىگە ئىشەنچ قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ «جېنىنى قانىتى ئاستىغا ئېلىپ، بىخەتەر ساقلايدۇ».—1-سام. 25:29.