كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م23 نويابىر 20-‏25 ب.‏
  • يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمغا جاۋاب بېرە‌مدۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمغا جاۋاب بېرە‌مدۇ؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • بىز يە‌ھۋادىن نېمىنى كۈتىمىز؟‏
  • يە‌ھۋا بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟‏
  • دۇ‌ئالىرىمىزدا ئۆتۈنگە‌ن بە‌زى نە‌رسىلە‌رنى ئۆزگە‌رتىشىمىز كېرە‌ك
  • يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىدۇ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • دۇ‌ئا ئارقىلىق خۇ‌داغا يېقىنلىشىش
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • دۇ‌ئالىرىمىزنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلايلى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • دۇ‌ئا قىلىش شان-‏شە‌رىپىنى قە‌دىرلە‌ڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
ك‌م23 نويابىر 20-‏25 ب.‏

49-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمغا جاۋاب بېرە‌مدۇ؟‏

‏«سىلە‌ر مېنى چاقىرىسىلە‌ر،‏ كېلىپ ماڭا دۇ‌ئا قىلىسىلە‌ر ۋە مە‌ن سىلە‌رگە قۇ‌لاق سالىمە‌ن».‏—‏يە‌رە‌م.‏ 29:‏12.‏

6-‏ناخشا خۇ‌دا خىزمە‌تچىسىنىڭ دۇ‌ئاسى

بۇ ماقالىدە:‏a

1،‏ 2.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب بە‌رمە‌يدۇ دە‌پ ئويلىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

‏«سە‌ن شاد-‏خۇ‌راملىقنى يە‌ھۋادىن ئىزدە،‏ شۇ‌ندا ئۇ كۆڭلۈڭدىكى ئارزۇ-‏ئارمانلىرىڭنى ئاشۇ‌رار ئە‌مە‌لگە» (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏4)‏.‏ بۇ نە‌قە‌دە‌ر كىشىگە خۇ‌شاللىق بېغىشلايدىغان ۋە‌دە-‏ھە!‏ بىز دۇ‌ئادا خۇ‌دادىن سورىغان نە‌رسىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىگە ئېرىشىمىز دە‌پ ئۈمىد قىلىشىمىز كېرە‌كمۇ؟‏ بۇ سوئال نېمە ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏ بىر قانچە مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى.‏ توي قىلمىغان بىر قېرىنداش پادىشاھلىق ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلىرىنى تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتىپىدە ئوقۇ‌ش توغرۇ‌لۇ‌ق دۇ‌ئا قىلىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بىر نە‌چچە يىل ئۆتۈپ كە‌تكە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ تېخىغىچە مە‌كتە‌پكە تە‌كلىپ قىلىنمىغان.‏ بىر ياش بۇ‌رادە‌ر جامائە‌تتە كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن كېسىلىدىن ساقىيىپ كېتىشىنى يە‌ھۋادىن دۇ‌ئادا سورايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نىڭ سالامە‌تلىكى ياخشىلىنىشقا قاراپ ئۆزگە‌رمە‌يدۇ.‏ ئاتا-‏ئانا بالىسىنىڭ ھە‌قىقە‌تتە قېلىشى ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىدۇ.‏ بىراق،‏ بالىسى يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختىتىدۇ.‏

2 بە‌لكىم،‏ سىزمۇ يە‌ھۋاغا مە‌لۇ‌م بىر ئىش ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىپ كېلىۋاتىسىز،‏ بىراق دۇ‌ئالىرىڭىز جاۋابسىز قالماقتا.‏ بۇ‌نىڭدىن يە‌ھۋا باشقىلارنىڭ دۇ‌ئاسىغا جاۋاب بېرىپ،‏ سىزنىڭ دۇ‌ئالىرىڭىزغا جاۋاب بە‌رمە‌يدۇ دە‌پ خۇ‌لاسە چىقىرىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ جە‌نېسb ئىسىملىك بىر قېرىنداش دە‌ل شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغان.‏ ئۇ يولدىشى بىلە‌ن بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكى توغرۇ‌لۇ‌ق يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن پات-‏يېقىندا بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىدىغانلىقىمىزغا ئىشە‌نگە‌ن ئىدىم».‏ ئە‌مما،‏ ئايلار ئۆتتى،‏ يىللار ئۆتتى،‏ ئۇ‌لار بە‌يتە‌لگە تە‌كلىپ قىلىنمىدى.‏ جە‌نېس مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «كۆڭلۈم يېرىم بولۇ‌پ،‏ گاڭگىراپ قالدىم.‏ مە‌ن يە‌ھۋانى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرىدىغان بىرە‌ر ئىش قىلىپ قويدۇ‌ممۇ دە‌پ ئويلىدىم.‏ مە‌ن بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىش توغرۇ‌لۇ‌ق ئېنىق دۇ‌ئا قىلدىم.‏ ئۇ نېمە ئۈچۈن دۇ‌ئايىمغا جاۋاب بە‌رمىدى؟‏»‏

3.‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

3 بە‌زى ۋاقىتلاردا،‏ يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزنى ئاڭلاۋاتامدىغاندۇ دە‌پ ئە‌نسىرىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏ ھە‌تتا قە‌دىمقى زاماندا بە‌زى سادىق خىزمە‌تچىلە‌رمۇ شۇ‌نداق ئويلىغان (‏ئايۇ‌پ 30:‏20؛‏ زە‌بۇ‌ر 22:‏2؛‏ ھاباق.‏ 1:‏2)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ دۇ‌ئالىرىڭىزغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا سىزنى نېمە قايىل قىلالايدۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 65:‏2)‏ مۇ‌شۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن تۆۋە‌ندە بىرقانچە سوئاللارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ چىقىمىز:‏ (‏1)‏ بىز يە‌ھۋادىن نېمىلە‌رنى كۈتىمىز؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۋا بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟‏ (‏3)‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زى ئارزۇ-‏تىلە‌كلىرىمىزنى ئۆزگە‌رتىشىمىز كېرە‌ك؟‏

بىز يە‌ھۋادىن نېمىنى كۈتىمىز؟‏

4.‏ يە‌رە‌مىيا 29:‏12-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ يە‌ھۋا نېمە قىلىشقا ۋە‌دە بېرىدۇ؟‏

4 يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزغا قۇ‌لاق سالىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان (‏يە‌رە‌مىيا 29:‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ خۇ‌دا ئۆزىنىڭ ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇ‌لارنىڭ دۇ‌ئالىرىغا ھە‌رگىزمۇ بىپە‌رۋالىق قىلمايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 10:‏17؛‏ 37:‏28)‏.‏ بىراق،‏ بۇ ھە‌رگىزمۇ بارلىق ئارزۇ-‏تىلە‌كلىرىمىزنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ بىز سورىغان بە‌زى نە‌رسىلە‌رنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ يېڭى دۇ‌نيانىڭ كېلىشىنى ساقلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.‏

5.‏ يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزنى ئاڭلىغاندا،‏ نېمىلە‌رگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رىدۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

5 يە‌ھۋا ئارزۇ-‏تىلە‌كلىرىمىزنىڭ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسى بىلە‌ن قانداق باغلىنىشى بارلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ (‏يە‌شايا 55:‏8،‏ 9)‏.‏ خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئادە‌ملە‌رنىڭ يە‌ردە بە‌ختلىك ياشىشى ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنىڭ بىر قىسىمى.‏ ئە‌مما،‏ شە‌يتان ئىنسانلار ئۆز-‏ئۆزىنى باشقۇ‌رسا،‏ تېخىمۇ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان (‏يارىت.‏ 3:‏1–‏5)‏.‏ ئىبلىسنىڭ بۇ تە‌شە‌ببۇ‌سى يالغان ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا ئىنسانلارنىڭ ئۆز-‏ئۆزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا يول قويغان.‏ بىراق،‏ ئىنسانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بۈگۈن دۇ‌چ كېلىۋاتقان نۇ‌رغۇ‌ن قىيىنچىلىقلارنى كە‌لتۈرۈپ چىقارغان (‏ۋە‌ز 8:‏9)‏.‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن دە‌ل ھازىر قىيىنچىلىقلىرىمىزنىڭ ھە‌ممىسىنى يوق قىلمايدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ يوق قىلسا،‏ بە‌زىلە‌ر ئىنسانلار ئۆز-‏ئۆزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلالايدۇ ۋە ئىنسانىيە‌تنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئۆزلىرى ھە‌ل قىلالايدۇ دە‌پ يە‌كۈن چىقىرىشى مۇ‌مكىن.‏

6.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا دائىم سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ئادالە‌ت بىلە‌ن جاۋاب قايتۇ‌رىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

6 يە‌ھۋا ئوخشاش ئارزۇ-‏تىلە‌كلە‌رگە تۈرلۈك يوللار بىلە‌ن جاۋاب قايتۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ پادىشاھ ھىزقىيا ئېغىر كېسە‌ل بىلە‌ن ئاغرىغاندا،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ كېسىلىدىن ساقىيىپ كېتىشكە ياردە‌م بېرىشنى ئۆتۈنگە‌ن.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ دۇ‌ئاسىغا جاۋاب بېرىپ،‏ ئۇ‌نى ساقايتقان (‏2-‏پادىشاھ.‏ 20:‏1–‏6)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س يە‌ھۋادىن تېنىدىكى «تىكە‌ن»نى ئېلىۋېتىشنى ئۆتۈنگە‌ن.‏ بە‌لكىم،‏ بۇ جىسمانىي جە‌ھە‌تتىكى بىر كېسە‌ل بولغان.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى ساقايتمىغانىدى (‏2-‏كورىنت.‏ 12:‏7–‏9)‏.‏ ئە‌لچى ياقۇ‌پ بىلە‌ن پېترۇ‌سنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ پادىشاھ ھىرود ئۇ‌لارنىڭ ئىككىلىسىنى ئۆلتۈرۈشىنى خالىغان.‏ جامائە‌تتىكىلە‌ر ھە‌ر ئىككىلىسى ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلغان.‏ لېكىن،‏ ياقۇ‌پ ئۆلتۈرۈلگە‌ن،‏ پېترۇ‌س بولسا مۆجىزىلىك يول بىلە‌ن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لغان (‏ئە‌لچى.‏ 12:‏1–‏11)‏.‏ بىز بە‌لكىم،‏ «يە‌ھۋا نېمىشقا پېترۇ‌سنى قۇ‌تقۇ‌زىدۇ،‏ لېكىن ياقۇ‌پنى قۇ‌تقۇ‌زمايدۇ؟‏» دە‌پ ئويلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق ھېچنېمە دېيىلمىگە‌نc‏.‏ بىراق،‏ بىز شۇ‌نىڭغا ئىشىنە‌لە‌يمىزكى،‏ يە‌ھۋانىڭ « يوللىرى ئادالە‌تلىكتۇ‌ر» (‏تە‌كرار.‏ قا 32:‏4)‏.‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پېترۇ‌س ۋە ياقۇ‌پ ھە‌ر ئىككىسىنى ياخشى كۆرگە‌نلىكىنى بىلىمىز (‏ۋە‌ھىي.‏ 21:‏14)‏.‏ بە‌زى ۋاقىتلاردا،‏ يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزغا ئۆزىمىز ئۈمىد قىلغان يول بىلە‌ن جاۋاب بە‌رمە‌سلىكى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئۇ ھە‌ردائىم سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ئادالە‌ت بىلە‌ن جاۋاب قايتۇ‌رىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌چ،‏ ئۇ‌نىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا قانداق يول بىلە‌ن جاۋاب بېرىشنى تاللىشىدىن گۇ‌مان قىلمايمىز.‏—‏ئايۇ‌پ 33:‏13.‏

7.‏ بىز نېمە قىلماسلىقىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

7 بىز ئۆز ۋە‌زىيىتىمىزنى باشقىلارنىڭ ۋە‌زىيىتى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شتىن ساقلىنىشقا تىرىشىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋادىن ئېنىق بىر نە‌رسىنى سورىشىمىز مۇ‌مكىن،‏ بىراق تىلىگە‌ن نە‌رسىگە ئېرىشە‌لمە‌سلىكىمىز مۇ‌مكىن.‏ كېيىن،‏ باشقىلارنىڭمۇ يە‌ھۋادىن ئوخشاش نە‌رسىنى سورىغانلىقى ۋە يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ دۇ‌ئاسىغا جاۋاب بە‌رگە‌نلىكىنى ئاڭلايمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاننا ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىزنىڭ باشتىن كە‌چۈرگە‌ن مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ يولدىشى مە‌تتىيۇ‌نىڭ راك كېسىلىدىن ساقىيىپ كېتىشىنى تىلىگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىر ۋاقىتتا،‏ ئىككى ياشانغان ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭمۇ راك كېسىلىگە قارشى كۈرە‌ش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ ئاننا دائىم يولدىشى مە‌تتىيۇ ۋە شۇ ئىككى قېرىنداش ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلغان.‏ شۇ ئىككى قېرىنداش راك كېسىلىدىن ساقىيىپ كە‌تكە‌ن،‏ ئە‌مما مە‌تتىيۇ ساقايماي ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ دە‌سلە‌پتە ئاننا شۇ ئىككى قېرىنداشنىڭ ساقىيىپ كە‌تكە‌نلىكىنى ئويلىغاندا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن دە‌پ قارىغان.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن بولسا،‏ نېمە ئۈچۈن يولدىشى ئۈچۈن قىلغان دۇ‌ئاسىغا يە‌ھۋا جاۋاب بە‌رمىدى؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ شۇ ئىككى قېرىنداشنىڭ قانداق ساقىيىپ كە‌تكە‌نلىكىنى بىلمە‌يمىز.‏ بىراق،‏ شۇ‌نى ئېنىق بىلىمىزكى،‏ يە‌ھۋا بارلىق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرىمىزنى مە‌ڭگۈگە يوق قىلىدۇ ۋە ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن دوستلىرىنى تىرىلدۈرۈشكە تە‌شنا بولۇ‌پ،‏ تۆت كۆزى بىلە‌ن كۈتىۋاتىدۇ.‏—‏ئايۇ‌پ 14:‏15.‏

8.‏ (‏1)‏ يە‌شايا 43:‏2-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ يە‌ھۋا بىزنى قانداق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ؟‏ (‏2)‏ سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ دۇ‌ئا بىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏«‏دۇ‌ئا ئېغىر كۈنلە‌ردە بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م قىلىدۇ‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ)‏

8 يە‌ھۋا بىزنى ھە‌ردائىم قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏ ئۇ كۆيۈمچان ئاتىمىز بولغاچ،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىشىمىزنى خالىمايدۇ (‏يە‌شايا 63:‏9)‏.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ بىزنى ھە‌ممە قىيىنچىلىقلاردىن قۇ‌تۇ‌لدۇ‌رمايدۇ ‏(‏يە‌شايا 43:‏2-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ سىناقلاردىن ‹ئۆتۈشىمىزگە› ياردە‌م بېرىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ۋە‌دە بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋا بىز ئۇ‌چرىغان سىناقلارنىڭ بىزگە مە‌ڭگۈ زىيان يە‌تكۈزۈشىگە يول قويمايدۇ.‏ ئۇ يە‌نە داۋاملىق بە‌رداشلىق بېرىشىمىز ئۈچۈن بىزگە كۈچلۈك مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى بېرىدۇ (‏لۇ‌قا 11:‏13؛‏ فىلىپى.‏ 4:‏13)‏.‏ خۇ‌لاسە قىلساق،‏ سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا سادىق قېلىشىمىز ئۈچۈن،‏ ئۇ دە‌ل ۋاقتىدا،‏ مۇ‌ھتاج بولغان نە‌رسىنى بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلالايمىزd‏.‏

يە‌ھۋا بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟‏

9.‏ ياقۇ‌پ 1:‏6،‏ 7-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋا بىزگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

9 يە‌ھۋا بىزنىڭ ئۇ‌نىڭغا ئىشىنىشىمىزنى كۈتىدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 11:‏6)‏.‏ بە‌زىدە قىيىنچىلىقلار بىزنى چىرمىۋالغاندە‌ك ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىز ھە‌تتا يە‌ھۋانىڭ بىزگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا گۇ‌مان قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ خۇ‌دانىڭ كۈچى بىلە‌ن بىز «سېپىل تامدىن ئاتلاپ» ئۆتە‌لە‌يمىز (‏زە‌بۇ‌ر 18:‏29)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ گۇ‌مان قىلىشنىڭ ئورنىغا،‏ يە‌ھۋانىڭ دۇ‌ئايىمىزغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا تولۇ‌ق ئىشە‌نچ قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏ياقۇ‌پ 1:‏6،‏ 7-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

10.‏ دۇ‌ئالىرىمىزغا ماس قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلالايمىز؟‏

10 يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزغا ماس ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىزنى كۈتىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر بۇ‌رادە‌ر چوڭ يىغىلىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىش ئورنىدىن رۇ‌خسە‌ت سورىماقچى بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋادىن ياردە‌م سورايدۇ.‏ يە‌ھۋا بۇ دۇ‌ئاغا قانداق جاۋاب بېرىشى مۇ‌مكىن؟‏ ئۇ بۇ‌رادە‌رگە خوجايىنىنىڭ ئالدىغا كىرىشى ئۈچۈن جاسارە‌ت بېرىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ بۇ بۇ‌رادە‌ر دۇ‌ئاسىغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىشى كېرە‌ك.‏ بە‌لكىم،‏ خوجايىندىن قايتا-‏قايتا سوراشقا توغرا كېلىدۇ.‏ ھە‌تتا باشقا بىر خىزمە‌تچى بىلە‌ن ئىش ۋاقتىنى ئالماشتۇ‌رۇ‌شنى سوراپ كۆرۈشكە توغرا كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ ياكى زۆرۈر بولسا،‏ مائاش ئالماي دە‌م ئېلىش تە‌كلىپىنى ئوتتۇ‌رغا قويۇ‌ش كېرە‌ك بولىدىغاندۇ.‏

11.‏ غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە ئۈچۈن قايتا-‏قايتا دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

11 يە‌ھۋا بىزدىن غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق قايتا-‏قايتا دۇ‌ئا قىلىشىمىزنى كۈتىدۇ (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏17)‏.‏ ئە‌يسا بە‌زى دۇ‌ئا تىلە‌كلىرىمىزنىڭ دە‌رھال ئە‌مە‌لگە ئاشمايدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏لۇ‌قا 11:‏9)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ داۋاملىق دۇ‌ئا قىلىڭ!‏ چىن كۆڭلۈڭىزدىن قايتا-‏قايتا دۇ‌ئا قىلىپ سوراڭ (‏لۇ‌قا 18:‏1–‏7)‏.‏ مە‌لۇ‌م بىر ئىش توغرۇ‌لۇ‌ق داۋاملىق دۇ‌ئا قىلغىنىمىزدا،‏ ئارزۇ-‏تىلە‌كلىرىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى يە‌ھۋاغا كۆرسىتىمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ بىزگە ياردە‌م بېرىشكە قادىر ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نچ قىلغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏

دۇ‌ئالىرىمىزدا ئۆتۈنگە‌ن بە‌زى نە‌رسىلە‌رنى ئۆزگە‌رتىشىمىز كېرە‌ك

12.‏ (‏1)‏ خۇ‌دادىن سورىغان ئارزۇ-‏تىلە‌كلىرىمىز ھە‌ققىدە ئۆزىمىزگە قانداق سوئال قويۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ دۇ‌ئالىرىمىز يە‌ھۋانى ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏«‏ئارزۇ-‏تىلە‌كلىرىم يە‌ھۋاغا بولغان ھۆرمىتىمنى كۆرسىتە‌مدۇ؟‏‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏

12 ئە‌گە‌ر دۇ‌ئادا سورىغان نە‌رسىلىرىمىزگە دە‌رھال ئېرىشە‌لمىسە‌ك،‏ ئۆزىمىزدىن مۇ‌نداق ئۈچ سوئالنى سوراپ كۆرسە‌ك بولىدۇ.‏ بىرىنچى،‏ «مە‌ن سورىغان نە‌رسىلە‌ر خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە ماس كېلە‌مدۇ؟‏»‏‏.‏ بىز ھە‌مىشە ئۆزىمىزگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى بىلىمىز دە‌پ ئويلايمىز.‏ ئە‌مما،‏ تىلىگە‌ن نە‌رسىلە‌رنىڭ بىز ئۈچۈن ھە‌قىقىي پايدىلىق بولۇ‌شى ناتايىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر قىيىنچىلىقنىڭ ھە‌ل قىلىنىشى توغرۇ‌لۇ‌ق دۇ‌ئا قىلىۋاتىمىز،‏ بىراق ھە‌ل قىلىشنىڭ بىز سورىغاندىنمۇ ياخشىراق يولى بار.‏ بە‌لكىم،‏ بىز سورىغان بە‌زى نە‌رسىلە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىگە ماس كە‌لمە‌يدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏14)‏.‏ تىلغا ئېلىنغان ئاتا-‏ئانىنىڭ مىسالىنى قاراپ باقايلى.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋادىن بالىسىنىڭ ھە‌قىقە‌ت يولىدا قېلىشىنى سورىغان.‏ بۇ ئۆتۈنۈش خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە مۇ‌ۋاپىق.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا ھېچكىمنى ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشقا مە‌جبۇ‌رلىمايدۇ.‏ ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىش ئۆزىمىزنىڭ شە‌خسىي تاللىشى بولۇ‌شىنى خالايدۇ (‏تە‌كرار.‏ قا 10:‏12،‏ 13؛‏ 30:‏19،‏ 20)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆز پە‌رزە‌نتىنىڭ يۈرىكىگە تە‌سىر قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ چىن قە‌لبىدىن خۇ‌دانى سۆيۈشنى ۋە ئۇ‌نىڭ دوستى بولۇ‌شنى تاللىشىغا ياردە‌م بېرە‌لىشى ئۈچۈن،‏ ئاتا-‏ئانىلار دۇ‌ئا قىلىپ،‏ يە‌ھۋادىن ئۆزلىرىگە ياردە‌م بېرىشنى سورىيالايدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 22:‏6؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 6:‏4.‏

ئارزۇ-‏تىلە‌كلىرىم يە‌ھۋاغا بولغان ھۆرمىتىمنى كۆرسىتە‌مدۇ؟‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ ۋە دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى خالايدۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ ياراتقۇ‌چىمىز بولغاچ،‏ بىزنىڭ ھۆرمىتىمىزگە لايىق (‏ۋە‌ھىي.‏ 4:‏11)‏.‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزغا دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

  • ئارزۇ-‏تىلە‌كلىرىڭىز خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە ماس ۋە نىيىتىڭىز توغرا ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزۈڭ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏14)‏.‏ دۇ‌ئالىرىمىزدا شە‌خسىيە‌تچىلىك قىلىپ،‏ پە‌قە‌ت ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجلىرىمىز ۋە ئارزۇ-‏ئارمانلىرىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق سورىماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ياقۇ‌پ بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئېتىقادچىلارنى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ ئە‌گە‌ر «ناتوغرا نىيە‌ت بىلە‌ن»،‏ شە‌خسىيە‌تچىلىك قىلسا،‏ ئۇ‌نداق دۇ‌ئالارغا يە‌ھۋانىڭ جاۋاب بە‌رمە‌يدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏—‏ياقۇ‌پ 4:‏3.‏

  • يە‌ھۋا خۇ‌دادىن تە‌لە‌پ قىلماڭ (‏مە‌تتا 4:‏7‏)‏.‏ يە‌ھۋا دۇ‌ئايىمىزغا ئە‌ڭ ياخشى يول بىلە‌ن جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلىڭ.‏ بە‌زىدە ئۇ‌نىڭ جاۋابى كۈتكىنىمىزدىن پە‌رقلىق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏​—‏ئە‌فە‌س.‏ 3:‏20.‏

  • يە‌ھۋانىڭ ھە‌ر كۈنى سىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏ ئۇ‌نىڭ ياردىمى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىڭىزنى بىلدۈرسىڭىز،‏ خۇ‌دانىڭ قانچىلىك خۇ‌رسە‌ن بولىدىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ.‏—‏كولوسى.‏ 3:‏15؛‏ 1-‏سالونىكا.‏ 5:‏17،‏ 18.‏

13.‏ ئىبرانىيلار 4:‏16-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ يە‌ھۋا بىزگە قاچان ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

13 ئىككىنچى سوئال:‏ ‏«ھازىر يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمغا جاۋاب بېرىدىغان ۋاقتىمۇ؟‏»‏ بە‌لكىم،‏ بىز دۇ‌ئالىرىمىزغا دە‌رھال جاۋاب ئېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ يە‌ھۋا قاچان جاۋاب بە‌رسە،‏ ئە‌ڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ ‏(‏ئىبرانىيلار 4:‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر دۇ‌ئالىرىمىزغا دە‌رھال جاۋاب ئالالمىساق،‏ بە‌لكىم يە‌ھۋانى «ياق» دە‌پ جاۋاب بە‌ردى دە‌پ ئويلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئۇ تېخى جاۋاب بە‌رمىدى.‏ كېسىلىدىن ساقىيىپ كېتىشى ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىپ كە‌لگە‌ن بىر ياش بۇ‌رادە‌رنىڭ مىسالىنى ئالايلى.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا ئۇ‌نى مۆجىزە ئارقىلىق ساقايتقان بولسا،‏ شە‌يتان «بۇ بۇ‌رادە‌ر ساقايغانلىقى ئۈچۈنلا يە‌ھۋاغا داۋاملىق خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ» دە‌پ ئە‌يىبلىيە‌لە‌يتتى (‏ئايۇ‌پ 1:‏9–‏11؛‏ 2:‏4)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا بارلىق ئاغرىقلارنى داۋالاپ ساقايتىدىغان ۋاقىتنى ئاللىقاچان بە‌لگۈلە‌پ قويغان (‏يە‌شايا 33:‏24؛‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 21:‏3،‏ 4)‏.‏ شۇ ۋاقىت كە‌لگىچە،‏ بىز مۆجىزىلىك يول بىلە‌ن ساقىيىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلالمايمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ‌رادە‌ر بە‌رداشلىق بېرىپ،‏ خۇ‌داغا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن يە‌ھۋادىن كۈچ-‏مە‌دە‌ت ۋە تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك بېرىشنى سورىيالايدۇ.‏​—‏زە‌بۇ‌ر 29:‏11.‏

14.‏ جە‌نېسنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

14 بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىش توغرۇ‌لۇ‌ق دۇ‌ئا قىلغان جە‌نېس ئۆز دۇ‌ئاسىغا يە‌ھۋانىڭ قانداق جاۋاب بە‌رگە‌نلىكىنى بە‌ش يىلدىن كېيىن چۈشىنىپ يە‌تكە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋا شۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ،‏ ماڭا كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىتىپ،‏ تېخىمۇ ياخشىراق خىزمە‌تچى بولۇ‌شۇ‌مغا ياردە‌م بە‌ردى.‏ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىم تېخىمۇ كۈچە‌يدى.‏ شە‌خسىي تە‌تقىق ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈش ئادىتىمنى ياخشىلاشقا مۇ‌ھتاج ئىدىم.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مە‌يلى قە‌يە‌ردە يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلساممۇ،‏ خۇ‌شال بولۇ‌شقا ئۆگىنىشىم كېرە‌كتى».‏ كېيىنرە‌ك،‏ جە‌نېس يولدىشى بىلە‌ن جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىپ خىزمە‌ت قىلغان.‏ ئۆتمۈشىنى ئە‌سلە‌پ،‏ جە‌نېس مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋانىڭ دۇ‌ئايىمغا شۇ‌نداق ئۇ‌سۇ‌لدا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.‏ ئۇ ماڭا قىممە‌تباھا سوۋغات بە‌رگە‌نلىكىنى چۈشىنىپ يېتىش ئۈچۈن ۋاقىت كېرە‌ك بولدى.‏ بىراق،‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ۋە مېھرىبانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئىنتايىن مىننە‌تدارمە‌ن».‏

كوللاژ:‏ 1.‏ ئىككى قېرىنداش ئالايتە‌ن پادىشاھلىق ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلىرىنى تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتىپىدە ئوقۇ‌ش ئىلتىماسىنى تولدۇ‌رۇ‌ۋاتىدۇ.‏ ھە‌ر ئىككىلىسى ئىلتىماسنى ئە‌ۋە‌تىشتىن بۇ‌رۇ‌ن دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏ 2.‏ شۇ قېرىنداشلارنىڭ بىرى يىغىلىش زالىدا دوستلىرىغا مە‌كتە‌پنىڭ تە‌كلىپنامىسىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا ئىلتىماسنى تولدۇ‌رغان باشقا قېرىنداشمۇ بار.‏ 3.‏ مە‌كتە‌پكە تە‌كلىپ قىلىنمىغان قېرىنداش دۇ‌ئا قىلىپ،‏ خە‌ت يېزىۋاتىدۇ.‏ كېيىن،‏ ئۇ چە‌ت ئە‌لگە كۆچۈپ خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ ۋە قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشىغا قاتنىشىۋاتىدۇ.‏

ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا دۇ‌ئايىڭىزغا جاۋاب بە‌رمە‌يۋاتقاندە‌ك ھېس قىلسىڭىز،‏ باشقا نە‌رسىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق دۇ‌ئا قىلىڭ (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏f

15.‏ نېمە ئۈچۈن دۇ‌ئالىرىمىزنىڭ مە‌زمۇ‌نىنى مە‌لۇ‌م بىر ئارزۇ-‏ئىستە‌ك بىلە‌ن چە‌كلە‌پ قويماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

15 ئۈچىنچى سوئال بولسا:‏ ‏«مە‌ن باشقا بىر نە‌رسە ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىشىم كېرە‌كمۇ؟‏»‏ نېمىگە مۇ‌ھتاجلىقىمىزنى دۇ‌ئادا ئېنىقراق ئېيتىش ياخشى.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋانىڭ بىز ئۈچۈن نېمىنى ئىرادە قىلغانلىقىنى ياخشىراق بىلىش ئۈچۈن،‏ بە‌زىدە دۇ‌ئالىرىنىڭ مە‌زمۇ‌نىنى مە‌لۇ‌م بىر ئارزۇ-‏ئىستە‌ك بىلە‌ن چە‌كلە‌پ قويماسلىقىمىز لازىم.‏ ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان توي قىلمىغان قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ پادىشاھلىق ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلىرى مە‌كتىپىدە ئوقۇ‌ش ھە‌ققىدە يە‌ھۋاغا داۋاملىق دۇ‌ئا قىلغان.‏ ئۇ ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارغا مۇ‌ھتاج يە‌رلە‌ردە خىزمە‌ت قىلىشنى خالىغاچ،‏ ئۇ‌نىڭ شۇ مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌ش ئارزۇ‌سى بار ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ داۋاملىق مە‌كتە‌پ توغرۇ‌لۇ‌ق ۋە يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشنىڭ باشقا يوللىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌م دۇ‌ئا قىلسا بولىدۇ (‏ئە‌لچى.‏ 16:‏9،‏ 10)‏.‏ كېيىن،‏ ئۇ دۇ‌ئاسىغا ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىپ،‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقالدىن يېقىن ئە‌تراپتىكى قايسى جامائە‌تلە‌ر پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارغا مۇ‌ھتاجلىقىنى سورىسا بولىدۇ ياكى بە‌يتە‌لگە خە‌ت يېزىپ،‏ قە‌يە‌ردە ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارغا ئېھتىياج بارلىقىنى سورىيالايدۇe‏.‏

16.‏ نېمىگە ئىشە‌نچ قىلالايمىز؟‏

16 بۇ ماقالىدە ئۆگىنىپ ئۆتكىنىمىزدە‌ك،‏ يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزغا كۆيۈمچانلىق ۋە ئادالە‌ت بىلە‌ن جاۋاب بېرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 4:‏3؛‏ يە‌شايا 30:‏18)‏.‏ بە‌زىدە ئۆزىمىز ئويلىغاندە‌ك جاۋابقا ئېرىشە‌لمە‌سلىكىمىز مۇ‌مكىن،‏ بىراق يە‌ھۋا ھە‌رگىزمۇ دۇ‌ئالىرىمىزغا بىپە‌رۋالىق قىلمايدۇ.‏ ئۇ بىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ ۋە بىزنى ھە‌رگىزمۇ تاشلىمايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 9:‏10)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ «ھە‌ردائىم ئۇ‌نىڭغا ئىشىنىڭلار!‏» دېگە‌ن نە‌سىھە‌تكە قولاق سېلىپ،‏ دۇ‌ئادا ئىچ باغرىڭىزنى ئۇ‌نىڭغا تۆكۈپ بېرىڭ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 62:‏8.‏

دۇ‌ئالىرىمىزغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك…‏

  • … بىز يە‌ھۋادىن نېمىنى كۈتە‌لە‌يمىز؟‏

  • … يە‌ھۋا بىزدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟‏

  • … نېمە ئۈچۈن بە‌زى ئارزۇ-‏تىلە‌كلىرىمىزنى ئۆزگە‌رتىشىمىز كېرە‌ك؟‏

13-‏ناخشا شۈكۈر دۇ‌ئاسى

a بۇ ماقالە،‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌دا دۇ‌ئالىرىمىزغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ئادالە‌ت بىلە‌ن جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلساق بولىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىدۇ.‏

b بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

c ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» 2022-‏يىل،‏ 2-‏ئاي سانىدىكى «يە‌ھۋانىڭ دائىم توغرا ئىش قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌مسىز؟‏» دېگە‌ن ماقالىنىڭ 3–‏6-‏ئابزاسلىرىغا قاراڭ.‏

d قىيىن سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە يە‌ھۋانىڭ قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن،‏ jw.org تور بېكىتىدىكى «‏دۇ‌ئا ئېغىر كۈنلە‌ردە بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م قىلىدۇ‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ.‏

e باشقا بە‌يتە‌لنىڭ ۋە‌ز خىزمە‌ت تېررىتورىيىسىدە خىزمە‌ت قىلىش توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌مات ئېلىش ئۈچۈن،‏ ‏«يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن تە‌شكىللە‌ش» ناملىق كىتابنىڭ 10-‏باب،‏ 6–‏9-‏ئابزاسلارغا قاراڭ.‏

f سۈرە‌تتە:‏.‏ ئىككى قېرىنداش پادىشاھلىق ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلىرىنى تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتىپىدە ئوقۇ‌ش ئىلتىماسىنى تولدۇ‌رۇ‌ۋاتىدۇ.‏ كېيىن بىر قېرىنداشنى تە‌كلىپ قىلىندى،‏ باشقىسى تە‌كلىپ قىلىنمىدى.‏ تە‌كلىپ قىلىنمىغان قېرىنداش ئۈمىدسىزلىنىشنىڭ ئورنىغا،‏ كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن باشقىمۇ پۇ‌رسە‌تلە‌رنى ئىزدە‌پ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏ كېيىن،‏ ئۇ بە‌يتە‌لگە خە‌ت يېزىپ،‏ قە‌يە‌ردە ئېھتىياج بارلىقىنى سوراۋاتىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش