9-تەتقىق ماقالىسى
7-ناخشا يەھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاش
ئىككىلەنمەي چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈڭ
«يەنە نېمىنى ساقلاپ تۇرىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىن».—ئەلچى. 22:16.
مەركىزى ئىدىيە
سىزنىڭ چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈشىڭىزگە ھېچنېمە توسالغۇ بولالمايدۇ. سامارىيىلىكلەر، تارسۇسلۇق سائۇل، كورنىلىي ۋە كورىنتلىقلاردىن ئۈلگە ئېلىپ، چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈڭ.
1. چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
يەھۋا سىزگە بارلىق ئەڭ ياخشى سوۋغاتلارنى بەرگەن، ھەتتا ھاياتنى ھەدىيە قىلغانىكەن، ئۇنى سۆيەمسىز؟ ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلەشنى خالامسىز؟ سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلەشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى — ھاياتىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈش. ئەگەر بۇنداق قىلسىڭىز، يەھۋا سىزنى ئۆز ئائىلىسىگە قوبۇل قىلىپ، سىز ئۇنىڭغا تەۋە بولىسىز. شۇنىڭ بىلەن، يەھۋا دائىم سىزنى يېتەكلەپ يول كۆرسىتىدىغان، غەمخور ئاتىڭىز ۋە دوستىڭىزغا ئايلىنىدۇ (زەبۇر 73:24؛ يەشايا 43:1، 2). بۇنىڭدىن باشقا، ھاياتىڭىزنى خۇداغا بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتكەندە، سىزنىڭ مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىڭىز بار بولىدۇ.—1-پېتر. 3:21.
2. بۇ ماقالىدە، بىز نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
2 چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈشتىن ئىككىلىنەمسىز؟ بەلكىم، ئوي-پىكرىڭىزنى ياكى يۈرۈش-تۇرۇشىڭىزنى ئۆزگەرتىش كېرەكتۇ. شۇنداق بولسا، سىز يالغۇز ئەمەس. مىليونلىغان ئادەملەر ھاياتىنى ئۆزگەرتىپ، چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتكەن. ھازىر ئۇلار خۇشاللىق بىلەن يەھۋاغا قىزغىن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. كېلىڭلار، بىرىنچى ئەسىردە چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتكەن بەزى ئادەملەرنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكى ۋە بىز ئۇلاردىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلايلى.
سامارىيىلىكلەر چۆمۈلدۈرۈلگەن
3. بەزى سامارىيىلىكلەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈشىگە نېمە توسالغۇ بولغان بولۇشى مۇمكىن؟
3 سامارىيىلىكلەر ئەيسانىڭ زامانىدىكى بىر دىنىي مەزھەپ تەۋە كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەھۇدىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان شەكەم ۋە سامارىيە رايونلىرىدا ياشىغان. ئۇلار پەقەت مۇسانىڭ بەش كىتابى (تەۋرات) ۋە ئېھتىمال يەنە يەشۇئا كىتابى خۇدادىن كەلگەنلىكىگە ئىشەنگەن. شۇڭا، چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئۇلار خۇدانىڭ سۆزى ھەققىدە تېخىمۇ تولۇقراق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى زۆرۈر ئىدى. ئۇلار تەكرار قانۇن 18:18، 19-ئايەتلەردىكى خۇدانىڭ ۋەدىسىنى بىلگەچكە، مەسىھنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن (يۇھاننا 4:25). شۇنداقتىمۇ، چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئۇلار يەنە ئەيسانى دەل ئاشۇ ۋەدە قىلىنغان مەسىھ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى كېرەكتى. كېيىن، «نۇرغۇن سامارىيىلىكلەر» قوبۇل قىلغان (يۇھاننا 4:39). بۇنىڭدىن باشقا، بەلكىم بەزى سامارىيىلىكلەرگە، قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن يەھۇدىيلارنى كەمسىتىدىغان ناتوغرا كۆز قاراشنى تاشلاشقا توغرا كەلگەن.—لۇقا 9:52–54.
4. ئەلچىلەر 8:5، 6، 14-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بەزى سامارىيىلىكلەر فىلىپ ئېيتقان خۇش خەۋەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
4 سامارىيىلىكلەرگە چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈشكە نېمە ياردەم بەرگەن؟ فىلىپ سامارىيىلىكلەرگە مەسىھ توغرۇلۇق ۋەز ئېيتقان. شۇڭا، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى «خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل» قىلغان (ئەلچىلەر 8:5، 6، 14-نى ئوقۇڭ). فىلىپ يەھۇدىي بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۇ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشنى رەت قىلمىغان. بەلكىم، سامارىيىلىكلەر تەۋرات قانۇنىدا خۇدانىڭ ئايرىمچىلىق قىلماي ھەممىگە تەڭ قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلەرنى ئېسىگە ئالغاندۇ (ق. شەر. 10:17–19). مەيلى قانداق بولسۇن، ئۇلار فىلىپنىڭ مەسىھ توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ، خۇدانىڭ فىلىپنى ئەۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، فىلىپ كېسەللەرنى ساقايتىپ، جىنلارنى قوغلاپ، نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى قىلغان.—ئەلچى. 8:7.
5. سامارىيىلىكلەرنىڭ ئۈلگىسىدىن قانداق ساۋاق ئالالايسىز؟
5 سامارىيىلىكلەر فىلىپنى يەھۇدىي بولغانلىقى ئۈچۈن ياقتۇرماي ياكى ھېچقاچان ئاڭلاپ باقمىغان سۆزلەرنى قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئۇنى تىڭشىماي قويسا بولاتتى. لېكىن، ئۇلار بۇنداق قىلمىغان. ئۇلار فىلىپنىڭ ئېيتقانلىرى ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزگەندە، دەرھال چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتكەن. مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغاندەك: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ ئىسىمى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرگە ئىشەنگەن ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ھەممىسى چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى» (ئەلچى. 8:12). سىز خۇدا سۆزىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئايرىمچىلىق قىلماي ھەممىسىگە تەڭ قاراپ، بىر-بىرىنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا كۆز يەتكۈزدىڭىزمۇ؟ (يۇھاننا 13:35) ئۇنداقتا، قورقماي چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈڭ. شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، يەھۋا سىزنى چوقۇم بەرىكەتلەيدۇ.
6. رۇبېننىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيسىز؟
6 گېرمانىيىدە ياشايدىغان رۇبېن گۇۋاھچىلارنىڭ ئائىلىسىدە چوڭ بولغان بولسىمۇ، ياش ۋاقتىدا يەھۋانىڭ ھەقىقەتەن بارلىقىدىن گۇمان قىلغان. ئۇ گۇمانلىرىنى قانداق يېڭەلىگەن؟ ئۇ ئۆزىنىڭ بىلىمى ئازلىقىنى چۈشىنىپ، كۆپرەك بىلىم ئېلىشنى قارار قىلغان. رۇبېن مۇنداق دەيدۇ: «ئىزدىنىپ تەتقىق قىلغاندا ئۆزۈم گۇمان قىلغان نەرسىلەرگە كۆپرەك دىققەت ئاغدۇردۇم. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى توغرۇلۇق بىرنەچچە قېتىم ئىزدىنىپ ئۆگىنىشكە توغرا كەلدى». «بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ياراتقۇچى بارمۇ؟» دېگەن كىتاب رۇبېننىڭ ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىپ، ئۇ ھەتتا كۆڭلىدە: «يەھۋا ھەقىقەتەن بار ئىكەنغۇ!»— دېگەن ۋاقىتلار بولغان. دۇنياۋى مەركىزى باش ئىدارىگە ئېكسكۇرسىيەگە بارغاندا، ئۇ تەشكىلاتنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ۋە بۇ خەلقئارا قېرىنداشلىق رىشتىسى بىلەن مەھكەم ئۇيۇشقان چوڭ ئائىلىگە بولغان مۇھەببىتى تېخىمۇ كۈچەيگەن. رۇبېن گېرمانىيىگە قايتىپ كېلىپ كۆپ ئۆتمەي، 17 يېشىدا چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتكەن. سىزدىمۇ گۇمان پەيدا بولسا، نەشرى ماتېرىياللىرىمىزنى تەتقىق قىلىڭ. توغرا بىلىم گۇمانلارنى يېڭىشكە ياردەم بېرىدۇ (ئەفەس. 4:13، 14). ئۇنىڭدىن باشقا، جامائىتىڭىزدىكى ۋە دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ چىن كۆڭلىدىن بىر-بىرىگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ. شۇ چاغدا، خۇدا خەلقىنىڭ ئارىسىدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ئىناقلىقنى كۆرۈپ ھەيران قالىسىز.
سائۇل چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتكەن
7. سائۇل قانداق ئوي-پىكىرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك ئىدى؟
7 تارسۇسلۇق سائۇلنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ قانۇنلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ياخشى بىلەن بىلگەن ۋە ئۇ يەھۇدىيلار ئارىسىدا نام-ئابروي قازىنىشقا باشلىغانىدى (گالاتىيا. 1:13، 14؛ فىلىپى. 3:5). يەھۇدىيلار مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى ھەق دىندىن يۈز ئۆرۈگەن ساتقۇنلار دەپ قارىغان. سائۇلمۇ شۇنداق دەپ قارىغاچقا، ۋەھشىيلەرچە ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلغان، ھەتتا ئۇ شۇنداق قىلىش ئارقىلىق خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاۋاتىمەن دەپ ئويلىغان (ئەلچى. 8:3؛ 9:1، 2؛ 26:9–11). ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن، ئەمدى سائۇل ئۆزى شۇنداق زىيانكەشلىككە ئۇچراشقا تەييار بولۇشى كېرەك ئىدى.
8. (1) سائۇلغا چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈشكە نېمە ياردەم بەرگەن؟ (2) ئەلچىلەر 22:12–16 ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ھانانىيا سائۇلغا قانداق ياردەم بەرگەن؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
8 سائۇلغا چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈشكە نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئەيسا سائۇلغا سۆزلىگەندە، ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئۇنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان (ئەلچى. 9:3–9). ئۇ ئۈچ كۈن روزا تۇتۇپ، بولغان ۋەقە ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلانغان. شۇ چاغدا، ئەيسا ۋەدە قىلىنغان مەسىھ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ھەق دىن يولىدا مېڭىۋاتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىگە كۆزى يەتكەن. سائۇل ئىستىپاننىڭ قېنىنى تۆككەنلەرنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىگە قاتتىق پۇشايمان قىلغان (ئەلچى. 22:20). ئۈچ كۈندىن كېيىن، ھانانىيا ئىسىملىك بىر شاگىرت كېلىپ، سائۇلنىڭ كۆزىنى ساقايتقان ۋە مۇلايىملىق بىلەن ئۇنى دەرھال چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈشكە دەۋەت قىلغان (ئەلچىلەر 22:12–16-نى ئوقۇڭ). سائۇل كىچىك پېئىللىق بىلەن ياردەمنى قوبۇل قىلىپ، يېڭىچە ھايات يولىغا قەدەم باسقان.—ئەلچى. 9:17، 18.
بىرسى سىزنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئۈندىسە، سائۇلغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلامسىز؟ (8-ئابزاسقا قاراڭ)
9. سائۇلنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
9 بىز سائۇلنىڭ ئۈلگىسىدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. ئۇ تەكەببۇرلۇق قىلغان ياكى ئىنسانلاردىن قورققان بولسا، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلمىغان بولاتتى. ئەمما، ئۇ تەكەببۇر ياكى قورقۇنچاق بولمىغان. ئەكسىنچە، سائۇل ئەيسا مەسىھ توغرۇلۇق ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىپ، كەمتەرلىك بىلەن ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەن (ئەلچى. 26:14، 19). دۈشمەنلەرنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، سائۇل ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇشقا تەييار بولغان (ئەلچى. 9:15، 16؛ 20:22، 23). چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ، سائۇل داۋاملىق يەھۋانىڭ ياردىمىگە تايىنىپ، ھەر تۈرلۈك سىناقلارغا بەرداشلىق بەرگەن (2-كورىنت. 4:7–10). سىزمۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، سىناقلار ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىڭكى، ياراتقۇچى يەھۋا ۋە مەسىھ ئەيسا سىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ.—فىلىپى. 4:13.
10. ئاننانىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
10 شەرقىي ياۋرۇپادا ياشايدىغان ئاننا ئائىلىسى كۇرد مىللىتى ئىدى. ئاپىسى چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاننا 9 يېشىدا دادىسىدىن رۇخسەت سوراپ، مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلىغان. لېكىن، ئۇلار نۇرغۇن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىر ئۆيدە ياشىغاچقا، ئاننا ئۇلارنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان. چۈنكى، ئۇلار ئاتا-بوۋىسىنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈپ، يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشنى نومۇس ئىش دەپ ھېسابلايتتى. 12 يېشىدا ئاننا چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتمەكچى بولۇپ، دادىسىدىن رۇخسەت سورىغان. دادىسى: «بۇنى ئۆزىڭىز خالامسىز ياكى بىرى مەجبۇرلاۋاتامدۇ؟»— دەپ سورىغان. ئاننا: «مەن يەھۋا خۇدانى سۆيىمەن، شۇڭا چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتكۈم بار»،— دەپ جاۋاب بەرگەندە، دادىسى چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى داۋاملىق ئۇنىڭغا ناچار مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى زاڭلىق قىلغان. بوۋىسى: «سەن يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشنىڭ ئورنىغا ئەخلاقسىز ھايات كەچۈرۈپ، تاماكا چەكسەڭ ياخشىراق بولاتتى»،— دېگەن. ئاننانىڭ بۇ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۇ: «يەھۋا مېنىڭ كۈچلۈك بولۇشۇمغا ياردەم بەردى، دادام بىلەن ئاپام مېنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى»،— دەيدۇ. ئاننا يەھۋانىڭ ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى يېزىپ قويغان ۋە ئۇنىڭ ياردىمىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن بەزىدە شۇ يازغانلىرىنى ئوقۇپ تۇرغان. ئەگەر سىزمۇ قارشىلىققا دۇچ كېلىشتىن قورقسىڭىز، يەھۋانىڭ سىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ.—ئىبرانىي. 13:6.
كورنىلىي چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتكەن
11. كورنىلىينىڭ چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈشىگە نېمە توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن ئىدى؟
11 مۇقەددەس كىتابتا يەنە كورنىلىي دېگەن كىشىنىڭ مىسالى بار. ئۇ رىم قوشۇنىدا «يۈزبېشى» بولۇپ، يۈز لەشكەرنى باشقۇراتتى (ئەلچى. 10:1). شۇڭا، ئۇنىڭ ئەمەلدار مەرتىۋىسى بار بولۇپ، خەلق ئارىسىدىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. ئۇ «خەلققە كۆپ خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىپ» تۇرغان (ئەلچى. 10:2). يەھۋا ئەلچى پېترۇسنى ئەۋەتىپ، كورنىلىيغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەن. كورنىلىينىڭ ئەمەلدارلىق مەرتىۋىسى ئۇنىڭ چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈشىگە توسالغۇ بولغانمۇ؟
12. كورنىلىينىڭ چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟
12 كورنىلىينىڭ چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈشكە نېمە ياردەم بەرگەن؟ كورنىلىي «خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، ئۆزى ۋە ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى خۇدادىن قورقاتتى». بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ خۇداغا دائىم دۇئا قىلاتتى (ئەلچى. 10:2). ئەلچى پېترۇس كورنىلىيغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەندە، ئۇ ئۆزى ۋە پۈتۈن ئائىلىسى مەسىھكە ئىشىنىپ، دەرھال چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغان (ئەلچى. 10:47، 48). شەك-شۈبھىسىزكى، كورنىلىي ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ھاياتىدا ھەرقانداق ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشقا تەييار بولغان.—يەشۇئا 24:15؛ ئەلچى. 10:24، 33.
13. كورنىلىينىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
13 سائۇلغا ئوخشاش، كورنىلىي ھەم نام-ئابرويىنى ئويلىماي، دەرھال چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغان. سىزچۇ؟ بەلكىم، چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن سىزمۇ ھاياتىڭىزدا كۆپ ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشىڭىز كېرەكمۇ؟ شۇنداق بولسا، يەھۋا ئۆزى سىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى بويىچە ياشاپ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلسىڭىز، ياراتقۇچىمىز چوقۇم سىزگە مول بەرىكەتلەيدۇ.
14. سۇيوشىنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
14 ياپونىيىدە ياشايدىغان سۇيوشى ئىسىملىك بۇرادەر چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئىش ئورنىدا بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشقا توغرا كەلگەن. ئۇ گۈلچەمبىرەك ياساشنى ئۆگەتكەن داڭلىق بىر مەكتەپنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى بولغان. مەكتەپ مۇدىرى بەزىدە بۇدا دىنى بويىچە، ماتەم مۇراسىمىدا گۈلچەمبىرەك تەييارلاش ۋە تەزىيە بىلدۈرۈشكە قاتنىشالمىغاندا، سۇيوشى ئۇنىڭ ئورنىغا بېرىپ قاتنىشاتتى. لېكىن، سۇيوشى ئۆلگەنلەر توغرۇلۇق ھەقىقەتنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، داۋاملىق ئۇنداق مۇراسىملارغا قاتناشسا، چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈشىگە توسالغۇ بولىدىغانلىقى چۈشەنگەن ئىدى. شۇڭا، ئۇ شۇنداق مۇراسىملارغا قاتناشماسلىقنى قارار قىلغان (2-كورىنت. 6:15، 16). سۇيوشى بۇ قارارى توغرۇلۇق باشلىقىغا ئېيتقاندا، باشلىقى سۇيوشىنىڭ قاتناشماسلىقىغا رۇخسەت قىلغان. سۇيوشى بىر يىلچە مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەندىن كېيىن چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتكەنa. سىزگىمۇ يەھۋانىڭ خۇدانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئىش ئورنىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئۇنىڭ سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىدىن قىلچىمۇ گۇمانلانماڭ.—زەبۇر 127:2؛ مەتتا 6:33.
كورىنتلىقلار چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتكەن
15. كورىنتلىقلارنىڭ چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈشىگە نېمە توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن ئىدى؟
15 قەدىمكى كورىنت شەھىرىنىڭ ئاھالىسى دۇنياپەرەسلىككە ۋە ئەخلاقسىزلىققا بېرىلىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار خۇدا ئۆچ كۆرىدىغان ھەر تۈرلۈك رەزىل ئىشلارنى قىلغان. شۇنداق مۇھىتتا ياشىغان ئادەملەرنىڭ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى ئۆزگەرتىشى چوقۇم ئاسانغا چۈشمىگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، ئەلچى پاۋلۇس بۇ شەھەرگە كېلىپ، مەسىھ توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى ئېيتقاندا، «كۆپلىگەن كورىنتلىقلار ئىشىنىپ»، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغان (ئەلچى. 18:7–11). ئاندىن كېيىن، ئەيسا مەسىھ بىر غايىبانە كۆرۈنۈش ئىچىدە پاۋلۇسقا: «بۇ شەھەردە مېنىڭ نۇرغۇن خەلقىم بار»،— دېگەن. شۇڭا پاۋلۇس بۇ شەھەردە بىر يېرىم يىل ۋەز قىلغان.
16. بەزى كورىنتلىقلارنىڭ چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟ (2-كورىنتلىقلار 10:4، 5)
16 كورىنتلىقلارغا چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈشكە نېمە ياردەم بەرگەن؟ (2-كورىنتلىقلار 10:4، 5-نى ئوقۇڭ) خۇدانىڭ سۆزى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمىدە ئۇلار ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەن (ئىبرانىي. 4:12). بەزى كورىنتلىقلار مەسىھ توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىپ، ھاراقكەشلىك، ئوغرىلىق ۋە ئوخشاش جىنىسلىقلار ئارىسىدا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا ئوخشاش يامان ئادەتلىرىنى تاشلىيالىغان.—1-كورىنت. 6:9–11b.
17. كورىنتلىقلارنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
17 بەزى كورىنتلىقلارنىڭ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن يامان ئادەتلىرى بولغان بولسىمۇ، ئۇلار بىز مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولالمايمىز دەپ ئويلىمىغان. ئۇلار مەڭگۈ ھاياتقا ئاپىرىدىغان يولدا مېڭىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقان (مەتتا 7:13، 14). سىزمۇ چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈشىڭىزگە توسالغۇ بولۇۋاتقان قانداقتۇ بىر يامان ئادەتنى تاشلىماقچى بولسىڭىز، بەل قويۋەتمەي داۋاملىق تىرىشىڭ. يامان ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، يالۋۇرۇپ مۇقەددەس روھىنى سوراڭ.
18. مونىكانىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
18 گرۇزىيىدە ياشايدىغان مونىكا ئۆسمۈرلۈك چېغىدا چۆمۈلدۈرۈشكە لاياقەتلىك بولۇش ئۈچۈن، ئاغزىنى بۇزۇپ يامان گەپ-سۆزلەرنى قىلىشنى، ساغلام بولمىغان ناخشا-مۇزىكىلارنى ئاڭلاشنى ۋە كىنولارنى كۆرۈشنى تاشلاپ، ھاياتىدا كۆپ ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشقا تىرىشقان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئاۋۋال، ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈچ سوراپ يەھۋاغا كۆپ دۇئا قىلاتتىم، ئۇ مېنىڭ توغرا يولدا ماڭماقچى ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپ، دائىم ماڭا ياردەم ۋە يوليورۇق بەردى». مونىكا 16 يېشىدا چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتكەن. سىزگىمۇ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىڭىزغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان يامان ئادەتلىرىڭىز بولسا، ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن يەھۋادىن داۋاملىق كۈچ سوراڭ. ئۇ چوقۇم سېخىيلىق بىلەن مۇقەددەس روھىنى ئەۋەتىپ، ئۆزگىرىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.—يۇھاننا 3:34.
ئىشەنچىڭىز تاغنىمۇ كۆچۈرەلەيدۇ
19. سىز تاغدەك چوڭ قىيىنچىلىقلارنى قانداق يېڭەلەيسىز؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
19 شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، يەھۋا سىزنى سۆيىدۇ ۋە ئۇنىڭ چوڭ ئائىلىسىگە قوشۇلۇشىڭىزنى خالايدۇ. چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈشىڭىزگە ھەرقانداق نەرسە توسالغۇ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ سىزگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىدىن ھەرگىز گۇمانلانماڭ. ئەيسا مەسىھ بىرىنچى ئەسىردىكى ئەگەشكۈچىلىرىگە: «ئەگەر سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك كىچىككىنە ئىمان بولسا، بۇ تاغقا: ‹بۇ يەردىن ئۇ يەرگە كۆچكىن› دېسەڭلار، ئۇ كۆچىدۇ ۋە قولۇڭلاردىن كەلمەيدىغان ھېچقانداق ئىش بولمايدۇ»،— دېگەن (مەتتا 17:20). ئەيسانىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلار ئۇنىڭ بىلەن پەقەت بىرنەچچە يىل بىللە بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسى تېخى ئانچە مۇستەھكەم بولمىغان. لېكىن، ئۇلار مۇستەھكەم ئىشەنچنى يېتىلدۈرگەن بولسا، يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن ھەتتا تاغدەك چوڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيتتى. يەھۋا سىزنىڭمۇ دەل شۇنداق قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
يەھۋا خۇدا سىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قوشۇلۇشىڭىزنى خالايدۇ (19-ئابزاسقا قاراڭ)c
20. بۇ ماقالىدە ئۆگەنگەن ئەيسانىڭ بىرىنچى ئەسىردىكى ۋە ھازىرقى ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ مىساللىرى سىزنى نېمە قىلشقا ئۈندىدى؟
20 چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشىڭىزغا نېمە توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەنسىڭىز، دەرھال شۇ توسالغۇنى يېڭىشقا تىرىشىڭ. خۇدانىڭ بىرىنچى ئەسىردىكى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ مىساللىرى توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرۈڭ. ئۇلارنىڭ ئۈلگىسى سىزگە تەسەللى ۋە كۈچ بېرىپ، ھاياتىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلاشقا ئۈندىسۇن. ھاياتىڭىزنى خۇداغا بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتۈش ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى قارار!
23-ناخشا يەھۋا بىزنىڭ كۈچىمىز
a سۇيوشى فۇجىي بۇرادەرنىڭ تەرجىمىھالىنى «ئويغىنىش!» (باشقا تىلدا) 2005-يىل، 8-ئاۋغۇست سانى 20–23-بەتلەردىن ئوقۇيالايسىز.
c رەسىمدە: قېرىنداشلار يېڭىدىن چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتكەن قېرىنداشلارنى خۇشال-خۇرام قارشى ئېلىۋاتىدۇ.