20-تەتقىق ماقالىسى
23-ناخشا يەھۋا بىزنىڭ كۈچىمىز
يەھۋا سىزگە چوقۇم تەسەللى بېرىدۇ
«ھەزرىتىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى ۋە ئاتىسىغا مەدھىيىلەر بولسۇن. ئۇ رەھىم-شەپقەتلىك ئاتا ۋە بارچە تەسەللىنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدادۇر».—2-كورىنت. 1:3.
مەركىزى ئىدىيە
يەھۋا بابىلوندىكى ئەسىرلىكتە ياشىغان يەھۇدىيلارغا قانداق تەسەللى بەرگەن ۋە بىز بۇنىڭدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
1 .بابىلونغا ئەسىرلىككە ئېلىپ كېتىلگەن يەھۇدىيلارنىڭ ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ بېرىڭ.
ئۆتمۈشتە بابىلوندا ئەسىرلىكتە ياشىغان يەھۇدىيلارنىڭ ئەھۋالىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. ئۇلار ئۆزىنىڭ يۇرت-ماكاننىڭ بابىلونلىقلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، ۋەيران قىلىنغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى يەھۋاغا قارشى گۇناھلارنى ئۆتكۈزگەچكە، يۇرت-ماكانىدىن يات بىر يۇرتقا سۈرگۈن قىلىنغان (2-تارىخ. 36:15، 16، 20، 21). ئۇلار گەرچە ئەركىن ھايات كەچۈرگەن بولسىمۇ، يات كىشىلەرنىڭ يۇرتىدا كۈن كەچۈرۈش ئانچە ئاسانغا چۈشمىگەن، يەنى ئۇ يەردە ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغاندەك ھايات كەچۈرەلمىگەن (يەرەم. 29:4–7). ئۇلار شۇنداق ئەھۋالدا ئۆزلىرىنى قانداق ھېس قىلغان؟ بىر ساداقەتمەن كىشى ئۆز ھېس-تۇيغۇسىنى تۆۋەندىكىدەك تەسۋىرلىگەن: «بابىلون دەرياسى بويىدا ئولتۇرغاندا، سىئوننى ئەسلەپ كۆزلىرىمىز تولدى ياشقا» (زەبۇر 137:1). شەك-شۈبھىسىزكى، يەھۇدىيلار تەسەللىگە موھتاج ئىدى. لېكىن ئۇلار تەسەللىنى قەيەردىن تاپالايتتى؟
2، 3 .(1) يەھۋا بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلارغا نېمە قىلغان؟ (2) بۇ ماقالىدە، نېمىلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
2 يەھۋا — تەسەللىنىڭ مەنبەسى (2-كورىنت. 1:3). ئۇ ئۆز خىزمەتچىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۆزىگە يېقىنلاشقان كىشىلەرگە تەسەللى بېرىشنى خالايدۇ. يەھۋا سۈرگۈن قىلىنغانلاردىن بەزىلەرنىڭ گۇناھىغا توۋا قىلىپ، قايتا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن (يەشايا 59:20). شۇڭا، يەھۇدىيلار بابىلونغا سۈرگۈن قىلىنىشتىن 100 يىل ئىلگىرى، ئۇ يەشايا پەيغەمبەرگە يوليورۇق بېرىپ، «يەشايا» كىتابىنى يازدۇرغان. مەقسىتى ئۇلارغا تەسەللى بېرىش ئىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خۇدايىڭلار مۇنداق دەيدۇ: ‹تەسەللى بېرىڭلار، خەلقىمگە تەسەللى بېرىڭلار!›» (يەشايا 40:1). ئېنىقكى، يەشايا پەيغەمبەرنىڭ كىتابى ئارقىلىق، خۇدا تەسەللىگە موھتاج بولغان يەھۇدىيلارغا ئىلھام-مەدەت بەرگەن.
3 بىزمۇ سۈرگۈن قىلىنغان يەھۇدىيلارغا ئوخشاش بەزىدە تەسەللىگە موھتاج بولىمىز. بۇ ماقالىدە، يەھۋانىڭ ئۈچ جەھەتتىن يەھۇدىيلارغا تەسەللى بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز. (1) توۋا قىلغانلارنى كەچۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. (2) ئۆز خەلقىگە ئۈمىد بەرگەن. (3) ئۇلارنىڭ قورقۇنچلىرىنى يېڭىپ، تىنچ-خاتىرجەم ياشىشىغا ياردەم بەرگەن. مۇشۇ نۇقتىلارنى مۇھاكىمە قىلغاندا، يەھۋانىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاش ئۇسۇلدا بىزگە قانداق تەسەللى بېرىۋاتقانلىقىغا دىققەت ئاغدۇرىمىز.
يەھۋا بىزنى كەچۈرىدۇ
4 .يەھۋا ئۆزىنىڭ رەھىم-شەپقەتلىك خۇدا ئىكەنىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ (يەشايا 55:7)
4 يەھۋا — رەھىم-شەپقەتلىك ئاتا (2-كورىنت. 1:3). ئۇ يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق توۋا قىلغان يەھۇدىيلارنى كەچۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغاندا، ئۆزىنىڭ رەھىم-شەپقەتلىك خۇدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن (يەشايا 55:7-نى ئوقۇڭ). ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەمدى مەڭگۈلۈك سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىم بىلەن ساڭا رەھىم-شەپقەت قىلىمەن» (يەشايا 54:8). ئۇنداقتا، يەھۋا ئۆز رەھىم-شەپقىتىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ گەرچە يەھۇدىيلار ئۆز قىلمىشلىرى سەۋەبلىك ئاچچىق ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چېكىۋاتقان بولسىمۇ، خۇدا ئۇلارنىڭ بابىلوندا مەڭگۈ قالمايدىغانلىقىنى ۋە ئاخىرى بىر كۈنى ئۆز يۇرت-ماكانىغا قايتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان (يەشايا 40:2). مۇشۇ سۆزلەر چوقۇم ئاشۇ توۋا قىلغان يەھۇدىيلارنىڭ كۆڭلىگە كۆپ تەسەللى بەرگەن.
5 .سۈرگۈندە ياشىغان يەھۇدىيلارغا قارىغاندا، نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقەتلىك خۇدا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىمىز ئۈچۈن كۆپرەك سەۋەبلەر بار؟
5 بىز نېمىنى ئۆگەندۇق؟ يەھۋا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆز خىزمەتچىلىرىنى كەچۈرۈشكە تەييار. بۈگۈنكى كۈندە يەھۋا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرىدىغانلىقىغا تېخىمۇ كۆپرەك ئىشىنەلەيمىز. نېمىشقا؟ چۈنكى، بىز ھازىر يەھۋانىڭ نېمىگە ئاساسەن گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. يەشايا پەيغەمبەر بېشارەتلەرنى يېزىپ نەچچە يۈز يىللاردىن كېيىن، توۋا قىلغان ھەممە گۇناھكارلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈش ئۈچۈن، يەھۋا ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىنى تۆلەم بېرىشكە يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن. ئاشۇ تۆلەم قۇربانلىقى ئاساسىدا، يەھۋا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ (ئەلچى. 3:19؛ يەشايا 1:18؛ ئەفەس. 1:7). ھەقىقەتەن، ياراتقۇچى يەھۋا — رەھىم-شەپقەتلىك خۇدادۇر!
6 .يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش بىزگە قانداق تەسەللى بېرىدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
6 ئەگەر ۋىجدان ئازابى كۆڭلىمىزنى ئارام تاپقۇزمىسا، يەشايا 55:7-ئايەتتىكى سۆزلەر بىزگە تەسەللى بېرەلەيدۇ. بەزىلەر ھەتتا ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھى ئۈچۈن توۋا قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا كۆڭلى ئازابلىنىپ، ئۆزىنى ئەيىبلەپ يۈرۈشى مۇمكىن. ئەگەر گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلىپ، ئۇخشاش خاتالىقنى قايتا تەكرارلىمىساق، يەھۋانىڭ بىزنى كەچۈرگەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالايمىز. يەھۋا بىزنى كەچۈرگەندە، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى قايتا يادىغا ئالمايدۇ (يەرەمىيا 31:34-نى سېلىشتۇرۇڭ). ئەگەر خۇدا گۇناھلىرىمىزنى يادىغا ئالمىسا، بىزمۇ ئۇ توغرۇلۇق ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. يەھۋا ئۈچۈن ئۆتمۈشتە سادىر قىلغان خاتالىقلىرىمىز ئەمەس، بەلكى ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز مۇھىم (ھەزەك. 33:14–16). پات يېقىندا، رەھىم--شەپقەتلىك ياراتقۇچىمىز ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمىز سەۋەبلىك چېكىۋاتقان بارچە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى مەڭگۈگە يوق قىلىدۇ.
يەھۋا ئۈچۈن بۇرۇنقى خاتالىقلىرىمىز ئەمەس، ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز مۇھىم (6-ئابزاسقا قاراڭ)
7 .ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويساق، نېمە بىزنى ئاقساقاللار بىلەن سۆزلىشىشكە دەۋەت قىلىشى مۇمكىن؟
7 ئەگەر ئېغىر گۇناھ قىلىپ قويۇپ، ئۇنى يوشۇرۇپ، ۋىجدانىمىز ئازابلانسا، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ مۇقەددەس كىتاب بىزنى ئاقساقاللاردىن ياردەم سوراشقا دەۋەت قىلىدۇ (ياقۇپ 5:14، 15). ئەمما، قىلغان گۇناھىمىزنى ئېتىراپ قىلىش ئاسانغا چۈشمەسلىكى مۇمكىن. بىراق، شۇنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەككى، يەھۋا ئاقساقاللار ئارقىلىق بىزگە ياردەم بېرىدۇ ۋە ئۇلار خۇدانى ئۈلگە قىلىپ، بىزگە سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ. بۇنى ئەستە تۇتۇپ، چىن قەلبىمىزدىن توۋا قىلساق، ئاقساقاللارغا گۇناھىمىز ھەققىدە ئېيتىپ بېرىش ئاسانراق بولىدۇ. ۋىجدان ئازابى تارتقان ئارتۇرa ئىسىملىك بۇرادەرنىڭ يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقىتىدىن قانداق تەسەللى تاپقانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تەخمىنەن بىر يىل شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆردۈم. بىر كۈنى جامائەت يىغىلىشىدا ۋىجدان توغرۇلۇق نۇتۇق بولدى. بۇ نۇتۇق مېنى گۇناھىمنى ئىقرار قىلىشقا دەۋەت قىلدى. مەن ئايالىم ۋە ئاقساقاللارغا ھەممىنى ئېيتىپ بەردىم. ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، يەلكەمدىن ئېغىر بىر يۈك چۈشۈپ كەتكەندەك بولدى. لېكىن، مەن قىلغان ئىشلىرىمنى ئويلاپ، يەنىلا ئۆز-ئۆزۈمدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندىم. ئاقساقاللار يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى يادىمغا سالدى. ئۇلار يەھۋا مېنى سۆيگەچكە، تۈزىتىپ تەربىيە بېرىدىغانلىقىنى، مېنىڭدىن ۋاز كەچمەي، مەن بىلەن داۋاملىق دوست بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمگە ياردەم بەردى. ئاقساقاللارنىڭ سۆزلىرى قەلبىمگە قاتتىق تەسىر قىلىپ، يەھۋا مېنى ھەقىقەتەن كەچۈرگەنلىكىگە ئىشەندۈردى». ھازىر ئارتۇر پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ۋە ياردەمچى خىزمەتچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بىز توۋا قىلساق، يەھۋا بىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلىش كۆڭلىمىزنى تەسەللى تاپقۇزىدۇ!
يەھۋا بىزگە ئۈمىد بېرىدۇ
8 .(1) يەھۋا سۈرگۈندىكى يەھۇدىيلارغا قانداق ئۈمىد بەرگەن؟ (2) يەشايا 40:29–31-ئايەتلەردىكى ئۈمىد بېرىدىغان سۆزلەر توۋا قىلغان يەھۇدىيلارغا قانداق تەسىر قىلغان؟
8 سۈرگۈن قىلىنغان يەھۇدىيلار ئەمدى ئۆز يۇرت-ماكانىغا قايتىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، شۇ زاماندا دۇنيا كۈچى بولغان بابىل ئىمپېرىيىسى ئەسىرلىككە ئالغانلارنى قويۇپ بەرمەيتتى (يەشايا 14:17). بىراق، يەھۋا ئۆز خەلقىگە ئۈمىد بەرگەن. ئۇ ئۆز خەلقىنى ئازادلىققا چىقىرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ۋە ئۇنىڭ بۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ھېچنەرسە توسالغۇ بولالمايتتى (يەشايا 44:26؛ 55:12). خۇدانىڭ نەزىرىدە بابىل چاڭ-توزاندەك ئىدى (يەشايا 40:15). پۈۋلەپ قويسا، شۇ چاڭ-توزان يوقۇلۇپ كېتەتتى. بۇ ئۈمىد يەھۇدىيلارغا قانداق تەسىر قىلغان؟ بۇ ئۇلارغا تەسەللى بەرگەندىن باشقا يەنە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلغان. يەشايا پەيغەمبەر مۇنداق يازغان: «قايتا كۈچ-قۇۋۋەتكە تولار يەھۋاغا ئۈمىد باغلىغانلار» (يەشايا 40:29–31-نى ئوقۇڭ). دەرۋەقە، ئۈمىد ئۇلارغا كۈچ-مەدەت بەرگەچ، ھەتتا «ئۇلار خۇددى بۈركۈتلەردەك قانات قاقار» ئىدى.
9 .يەھۇدىيلارنىڭ يەھۋانىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىشى ئۈچۈن قانداق سەۋەبلەر بار ئىدى؟
9 يەھۋا يەنە سۈرگۈن قىلىنغان يەھۇدىيلارنى ئۆز ۋەدىسىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن. ئۇ بۇنى قانداق قىلغان؟ ئاللىبۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بېشارەتلەر توغرىسىدا ئويلاپ بېقىڭ. مەسىلەن، ئۇلار ئاسسۇرىيەنىڭ شىمالىي ئىسرائىل پادىشاھلىقىنى بېسىۋېلىپ، ئۇنىڭ خەلقىنى ئەسىرلىككە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن (يەشايا 8:4). ئۇلار يەنە بابىلونلۇقلارنىڭ يېرۇسالىم شەھىرىنى ۋەيران قىلىپ، پۇقرالىرىنى بابىلونغا ئەسىرلىككە ئېلىپ، كەتكەنلىكىنى كۆرگەن (يەشايا 39:5–7). ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ پادىشاھ سەدىقىيانىڭ كۆزلىرىنى قارىغۇ قىلىۋېتىپ، ئۇنى بابىلونغا ئېلىپ كەتكىنىنى كۆرگەن (يەرەم. 39:7؛ ھەزەك. 12:12، 13). كۆرگىنىمىزدەك، يەھۋانىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق قىلغان بېشارەتلىرى ئەمەلگە ئاشقان (يەشايا 42:9؛ 46:10). بۇ ئەمەلگە ئاشقان بېشارەتلەر ھەققىدە ئويلانغاندا، ئۇلارنىڭ كېلەچەكتە يەھۋا يەھۇدىيلارنى چوقۇم ئازاد قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسى چوقۇم كۈچەيگەن.
10 .ئاخىرقى كۈنلەردە، ئۈمىدىمىزنى ھەردائىم قەلبىمىزدە ساقلاپ، ئوي-خىيالىمىزدىن چىقارماسلىق ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
10 بىز نېمىنى ئۆگەندۇق؟ ئۈمىدسىزلىنىپ، روھىمىز چۈشۈپ كەتكەندە، ئۈمىد بىزگە تەسەللى بېرىپ، قايتىدىن كۈچ-مەدەت بېرەلەيدۇ. بىز ئىنتايىن تەس كۈنلەردە ياشاۋاتىمىز ۋە دۈشمەنلىرىمىز بىزگە قارشىلىق كۆرسەتمەكتە. شۇنداقتىمۇ، ئۈمىدىمىزنى ئۈزمەسلىكىمىز كېرەك. يەھۋا بىزگە ھەقىقىي تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكتىن بەھرىمەن بولۇپ، مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىنى بەرگەن. بۇ ئۈمىدنى قەلبىمىزدە مەھكەم ساقلاپ، ئوي-خىيالىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. خۇدا بەرگەن ئۈمىد خۇددى دېرىزە سىرتىدىكى گۈزەل مەنزىرىگە ئوخشايدۇ. ئەگەر دېرىزىنى چاڭ-توزان بېسىپ كەتكەن بولسا، بىز سىرتقا قارىغاندا، شۇ گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنالماي قالىمىز. ئۇنداقتا، «دېرىزىنى پاكىز سۈرۈتۈش»، يەنى ئۈمىدىمىزنى كۈچلۈك ساقلاش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ يېڭى دۇنيادا ھاياتىمىزنىڭ نەقەدەر گۈزەل بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىڭ. يەنە ئۈمىدىمىز توغرىسىدىكى ماقالىلەرنى ئوقۇپ، فىلىملەرنى كۆرۈڭ ۋە ناخشىلارنى تىڭشاڭ. تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقان كەلگۈسى جەننەت ھەققىدىكى ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ھەققىدە خۇداغا دۇئا قىلىڭ.
11 .ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان قېرىندىشىمىزغا بەرداشلىق بېرىشكە نېمە ياردەم بەرگەن؟
11 ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان جوي ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۈمىد ئۇنىڭغا تەسەللى ۋە كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى، ئۈمىدسىزلىنىپ، روھۇم چۈشۈپ كەتكەندە، يەھۋاغا ئىچ-باغرىمنى تۆكۈپ، ھەممە غەم-ئەندىشىلىرىمنى ئېيتىپ بېرىمەن. ئۇنىڭ مېنى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلىمەن. يەھۋا ماڭا ‹ئادەتتىكى كۈچتىن ئېشىپ چۈشىدىغان كۈچنى› ئاتا قىلىپ، دۇئالىرىمغا جاۋاب قايتۇرىدۇ» (2-كورىنت. 4:7). جوي يەنە ئۆزىنى ھېچكىم «مەن ئاغرىق» دېمەيدىغان يېڭى دۇنيادا تەسەۋۋۇر قىلىدۇ (يەشايا 33:24). ئەگەر بىزمۇ دۇئادا يەھۋاغا ئىچ باغرىمىزنى تۆكۈپ، ھەممىنى ئېيتىپ بەرسەك ۋە دىققىتىمىزنى ئالدىمىزدىكى ئۈمىدكە قاراتساق، كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشىپ، بارلىق قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيمىز.
12 .يەھۋانىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشىنىشىمىز ئۈچۈن قانداق سەۋەبلەر بار؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
12 ئۆتمۈشتىكى يەھۇدىيلارغا ئوخشاش، بىزنىڭمۇ يەھۋانىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشەنچ قىلىشىمىزغا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان كۆپلىگەن بېشارەتلەر ھەققىدە ئويلاپ بېقىڭ. مەسىلەن، ئانگلو-ئامېرىكا دۇنيا كۈچىنىڭ بىر قىسىمى كۈچلۈك بولۇپ، يەنە بىر قىسىمى ئاجىز بولۇۋاتىدۇ (دانىيال 2:42، 43). يەنە بىز دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى يەر-تەۋرەشلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلايمىز ۋە قىزغىنلىق بىلەن «بارچە مىللەتلەرگە» ۋەز قىلىۋاتىمىز (مەتتا 24:7، 14). بۇلار ۋە باشقا بېشارەتلەر يەھۋانىڭ تەسەللى بېرىدىغان ۋەدىلىرىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلگە ئاشقان بېشارەتلەر بىزنى يەھۋانىڭ باشقا ۋەدىلىرىمۇ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ (12-ئابزاسقا قاراڭ)
يەھۋا قورقۇنچىمىزنى يېڭىشكە ياردەم بېرىدۇ
13 .(1) يەھۇدىيلار ئەركىنلىككە چىققان ۋاقىتتا قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلەتتى؟ (2) يەشايا 41:10–13-ئايەتلەردىن كۆرگىنىمىزدەك، يەھۋا ئەسىرلىكتە ياشىغان يەھۇدىيلارغا قانداق تەسەللى بەرگەن؟
13 گەرچە يەھۋا سۈرگۈن قىلىنغان يەھۇدىيلارغا ئاجايىپ ئۈمىد ۋە تەسەللى بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلار ئەركىنلىككە ئېرىشكەندە يەنە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن. يەھۇدىيلارنىڭ ئەسىرلىكتە ياشايدىغان ۋاقتى ئاخىرلىشاي دەپ قالغاندا، كۈچلۈك پادىشاھنىڭ ئەتراپىدىكى خەلقلەرنى بېسىۋېلىپ، ئاندىن بابىلون شەھىرىنى قورشاۋغا ئالىدىغانلىقىنى يەھۋا ئالدىن بېشارەت قىلغان (يەشايا 41:2–5). شۇ ۋاقىتتا، بابىلوندا ياشاۋاتقان يەھۇدىيلارنىڭ قورقۇشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. چۈنكى، يەھۋا ئۆز خەلقىگە ئالدىن-ئالا تەسەللى بېرىپ: «قورقمىغىن، چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللەدۇرمەن. ئەندىشە قىلمىغىن، چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن» (يەشايا 41:10–13-نى ئوقۇڭ). يەھۋا «مەن سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن» دېگەن؟ ئۇ يەھۇدىيلارغا «پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار» دېگەندە، زادى نېمە دېمەكچى بولغان؟ يەھۇدىيلارنىڭ چوقۇم ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەنمىدى؟ ياق، ئۇلار بۇنى ياخشى بىلەتتى. ئەكسىنچە، يەھۋا ئۇلارنى تاشلىمايدىغانلىقى، ھەرقاچان ئۇلار بىلەن بىللە بولىدىغانلىقىنى يادىغا سالغان.—زەبۇر 118:6.
14 .يەھۇدىيلارنىڭ قورقماسلىقى ئۈچۈن، يەھۋا يەنە نېمە قىلغان؟
14 سۈرگۈندە ياشاۋاتقان يەھۇدىيلارغا، يەھۋا ئۆزىنىڭ چەكسىز كۈچ-قۇۋۋىتى بىلەن دانالىقىنى ئەسلىتىپ، ئۇلارنى تىنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرگەن. خۇدا ئۇلارنى يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا كۆز تىكىشكە دەۋەت قىلغان. ئۇ يەھۇدىيلارغا يۇلتۇزلارنى يارىتىپلا قالماي، ھەتتا ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئىسىمىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (يەشايا 40:25–28). ئەگەر يەھۋا ھەربىر يۇلتۇزنىڭ ئىسىمىنى بىلسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ ھەربىر خىزمەتچىسىنىڭ ئىسىمىنى چوقۇم بىلىدۇ. ئەگەر يەھۋا يۇلتۇزلارنى يارىتىشقا قادىر بولسا، ناھايىتى ئېنىقكى ئۆز خەلقىگە ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە كۈچى يېتىدۇ. دېمەك، ئەسىرلىكتە ياشىغان يەھۇدىيلارنىڭ غەم-تەشۋىش قىلىشى ۋە قورقۇشى ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەب يوق ئىدى.
15 .يەھۇدىيلارنى كېلەچەكتە كۈتۈۋاتقان ۋەقەلەرگە تەييارلاش ئۈچۈن يەھۋا نېمە قىلغان؟
15 بۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا ئۆز خەلقىنى پات يېقىندا يۈز بېرىدىغان ئىشلارغا تەييارلىغان. يەشايا 26:20-ئايەتتە خۇدا مۇنداق دېگەن: «خەلقىم، ئىچكىرى ھۇجرا ئۆيۈڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، ئىشىكلىرىڭلارنى تاقاپ قويۇڭلار. غەزەپ ئۆتۈپ كەتكەنگە قەدەر بىر ئاز يوشۇرۇنۇپ تۇرۇڭلار». قورەش ئىسىملىك پادىشاھ بابىلون شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا، يەھۇدىيلار بۇ كۆرسەتمىگە ئەمەل قىلغان بولۇشى مۇمكىن. قەدىمقى گرېك تارىخى تەتقىقاتچىسى مۇنداق دېگەن: «پادىشاھ قورەش بابىلونغا بېسىپ كىرگەندە، ئەسكەرلىرىگە ئۆيلەرنىڭ سىرتىدا قالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇغان». بابىلوننىڭ پۇقرالىرى قانچىلىك قورقۇپ كەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. ئەمما، يەھۇدىيلار يەھۋانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنغاچقا، ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلغان.
16 .دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتتە مەزگىلىدە يۈز بېرىدىغان ئىش-ۋەقەلەردىن نېمە ئۈچۈن قورقماسلىقىمىز كېرەك؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
16 بىز نېمىنى ئۆگەندۇق؟ بىزنى ئالدىمىزدا ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەزەلدىن كۆرۈلمىگەن دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت كۈتمەكتە. بۇ دۇنيادىكى پۈتكۈل ئىنسانلارنى قورقۇنچ بېسىپ، ئۇلار ھودۇقۇپ كېتىدۇ. لېكىن، خۇدانىڭ خەلقى تامامەن باشقىچە ئىنكاس قايتۇرىدۇ. چۈنكى، يەھۋا بىزنىڭ خۇدايىمىز. بىز قۇتقۇزۇلۇشىمىزنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ، ئورنىمىزدىن دەس تۇرىمىز (لۇقا 21:28). ھەتتا دۆلەتلەر ئىتتىپاقى بىزگە ھۇجۇم قىلغاندا، بىز ئۆزىمىزنى رۇسلاپ، خۇدايىمىز يەھۋاغا داۋاملىق ئىشەنچ باغلايمىز. يەھۋا بىزنى پەرىشتىلىرى ئارقىلىق ھىمايە قىلىدۇ ۋە ئامان قېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان كۆرسەتمىلەرنى بېرىدۇ. بۇ كۆرسەتمىلەرنى قانداق ئالىمىز؟ بۇ ھازىرچە بىزگە نامەلۇم. بەلكىم، بۇنداق كۆرسەتمىلەر بىزگە جامائەتلىرىمىز ئارقىلىق يەتكۈزۈلۈشى مۇمكىن. ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە، جامائەتلىرىمىز خۇددى «ئىچكىرى ھۇجرا» ئۆيگە ئوخشاش پاناھگاھىمىز بولىدۇ. كەلگۈسىدە بولىدىغان ۋەقەلەرگە قانداق تەييارلىق قىلساق بولىدۇ؟ بىز چوقۇم ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تېخىمۇ ئىناق-ئىتتىپاق بولۇپ، يەھۋانىڭ تەشكىلاتى بېرىۋاتقان كۆرسەتمىلەرگە بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ ئۆز تەشكىلاتىنى يېتەكلەۋاتقانلىقىغا ئىشەنچ قىلىشىمىز لازىم.—ئىبرانىي. 10:24، 25؛ 13:17.
يەھۋانىڭ بىزنى قۇتۇلدۇرۇشقا قادىر، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلانساق، دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە، ھەددىدىن زىيادە غەم-ئەندىشە قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. (16-ئابزاسقا قاراڭ)b
17 .يەھۋادىن تەسەللى ئىزدەش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
17 گەرچە بابىلوندا ئەسىرلىكتە ياشاۋاتقان يەھۇدىيلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولسىمۇ، يەھۋا ئۇلارغا تەسەللى بەرگەن. ئۇ بىزگىمۇ تەسەللى بېرىدۇ. شۇڭا، ھاياتىڭىزدا قانداق ئىشلار يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، داۋاملىق يەھۋادىن تەسەللى ئىزدەڭ. ئۇ ئۆزىنىڭ ساداقەتمەن خىزمەتچىلىرىنى كەچۈرىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىدىن گۇمان قىلماڭ. ئۇ ئاتا قىلغان ئۈمىدكە مەھكەم باغلىنىپ ياشاڭ. شۇنى ئۇنتۇماڭكى، خۇدايىمىز يەھۋا بىز بىلەن بىللە، شۇڭا ھېچنېمىدىن قورقماڭ.
152-ناخشا كۈچىمىز، ئۈمىدىمىز ۋە يار-يۆلىكىمىز
a بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
b رەسىمدە: . كىچىك بىر گۇرۇپپا ئېتىقادچىلار جەم بولغان. خۇدا خەلقى قەيەردە ياشىمىسۇن، يەھۋانىڭ ئۆز خەلقىنى ھىمايە قىلىشقا قادىر ئىكەنىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە پۈتۈنلەي ئىشىنىدۇ.