47-تەتقىق ماقالىسى
بىر-بىرىمىزگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى كۈچلۈك ساقلايلى
«داۋاملىق بىر-بىرىمىزگە سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى. چۈنكى، سۆيگۈ-مۇھەببەت خۇدادىندۇر».—1-يۇھاننا 4:7.
25-ناخشا ھەقىقىي شاگىرت بولۇشنىڭ بەلگىسى
بۇ ماقالىدە:a
1، 2. (1) نېمە ئۈچۈن ئەلچى پاۋلۇس «ئەڭ ئۇلۇغ بولغىنى مۇھەببەتتۇر» دەپ ئېيتالىغان؟ (2) قانداق سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
ئەلچى پاۋلۇس ئېتىقاد، ئۈمىد ۋە مۇھەببەت ھەققىدە سۆزلىگەندە، «بۇلاردىن ئەڭ ئۇلۇغ بولغىنى مۇھەببەتتۇر» دەپ خۇلاسە قىلغان (1-كورىنت. 13:13). پاۋلۇس نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېگەن؟ چۈنكى، كەلگۈسىدە بىزنىڭ خۇدانىڭ يېڭى دۇنيا ھەققىدىكى ۋەدىسىگە ئىشىنىشىمىزنىڭ ياكى ئۇلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، ئۇلار ئاللىبۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ بولغان بولىدۇ. بىراق، يەھۋاغا ۋە باشقىلارغا بولغان مۇھەببىتىمىزنى ھەر زامان ئىپادىلىشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز مەڭگۈ كۈچىيىدۇ.
2 بىز ھەردائىم مۇھەببەتكە مۇھتاج بولغاچقا، تۆۋەندىكى ئۈچ سوئالنى مۇھاكىمە قىلىمىز: (1) نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى سۆيۈشىمىز كېرەك؟ (2) بىر-بىرىمىزگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى قانداق كۆرسىتىمىز؟ (3) سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى قانداق قىلىپ كۈچلۈك ساقلىيالايمىز؟
نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى سۆيۈشىمىز كېرەك؟
3. بىر-بىرىمىزنى سۆيۈشكە قانداق سەۋەبلىرىمىز بار؟
3 نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى سۆيۈش ئىنتايىن مۇھىم؟ بۇنىڭ بىر سەۋەبى، بىر-بىرىمىزنى سۆيسەك، مەسىھنىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلايمىز. ئەيسا مەسىھ ئۆز شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئاراڭلاردا سۆيگۈ-مۇھەببەت بولسا، بۇنىڭدىن ھەممىسى سىلەرنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ» (يۇھاننا 13:35). سۆيگۈ-مۇھەببەت بىزنى ئىناق-ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ. پاۋلۇس مۇھەببەتنى «بىرلىكنىڭ مۇكەممەل رىشتىسىدۇر» دەپ ئاتىغان (كولوسى. 3:14). بىر-بىرىمىزنى سۆيۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى بار. ئەلچى يۇھاننا شۇنداق دېگەن: «خۇدانى سۆيگەن كىشى قېرىندىشىنى ھەم سۆيسۇن» (1-يۇھاننا 4:21). بىز بىر-بىرىمىزنى سۆيسەك، خۇدانى سۆيىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.
4، 5. خۇداغا بولغان سۆيگىمىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزغا كۆرسەتكەن سۆيگىمىز بىلەن قانداق باغلىنىشى بار؟
4 خۇداغا بولغان سۆيگىمىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزغا كۆرسەتكەن سۆيگىمىز بىلەن قانداق باغلىنىشى بار؟ مىسال قىلىپ كۆرەيلى. يۈرىكىمىز بىلەن بەدىنىمىزنىڭ باشقا ئەزالىرى ئارىسىدىكى باغلىنىشنى ئالايلى. دوختۇر قان تومۇرىمىزنىڭ سوقۇشىنى تەكشۈرۈپ، يۈرىكىمىزنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق بەزى نەرسىلەرنى بىلەلەيدۇ. بىز مىسالدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
5 خۇددى دوختۇر قان تومۇرىمىزنىڭ سوقۇشىنى تەكشۈرۈپ، يۈرىكىمىزنىڭ قانچىلىك ساغلام ئىكەنلىكىنى بىلگەندەك، باشقىلارغا بولغان مۇھەببىتىمىز ئارقىلىق خۇداغا بولغان مۇھەببىتىمىزنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ. قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان مۇھەببىتىمىزنىڭ ئاجىزلاپ قالغانلىقىنى بايقىساق، بۇ خۇداغا بولغان مۇھەببىتىمىزنىڭمۇ ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، دائىم قېرىنداشلارغا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسەتكىنىمىزدە، بۇ بىزنىڭ خۇداغا بولغان مۇھەببىتىمىزنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسى.
6. ئەگەر قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز ئاجىزلاپ كەتسە، نېمىشقا بۇ خەتەرلىك؟ (1-يۇھاننا 4:7–9، 11)
6 ئەگەر قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز ئاجىزلاپ كەتسە، پەخەس بولۇشىمىز كېرەك. نېمىشقا؟ چۈنكى، بۇ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەلچى يۇھاننا بىزگە شۇنداق دەپ ئەسكەرتىش بەرگەن: «كىمدۇر بىرى: ‹مەن خۇدانى سۆيىمەن› دېسە، لېكىن ئۆز قېرىندىشىنى ئۆچ كۆرسە، ئۇ يالغانچىدۇر. چۈنكى، كۆرۈپ تۇرغان قېرىندىشىنى سۆيمىگەن كىشى، كۆرۈپ باقمىغان خۇدانى قانداقمۇ سۆيەلىسۇن؟» (1-يۇھاننا 4:20). بىز بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ پەقەت «بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت» كۆرسەتسەك، شۇندىلا يەھۋا خۇدا بىزدىن مەمنۇن بولىدۇ.—1-يۇھاننا 4:7–9، 11-نى ئوقۇڭ.
بىر-بىرىمىزگە سۆيگۈ-مۇھەببەتنى قانداق كۆرسىتىمىز؟
7، 8. بىر-بىرىمىزگە بولغان مۇھەببىتىمىزنى نامايان قىلىدىغان بەزى ئۇسۇللار قايسى؟
7 مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغىنىمىزدا، خۇدانىڭ قايتا-قايتا بىزنى بىر-بىرىمىزنى سۆيۈشكە بۇيرۇغانلىقىنى كۆرەلەيمىز (يۇھاننا 15:12، 17؛ رىملىقلار 13:8؛ 1-سالونىكا. 4:9؛ 1-پېتر. 1:22؛ 1-يۇھاننا 4:11). بىراق، سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان قەلبىمىزدىكى بىر ھېس-تۇيغۇ. ئۇنداقتا، بىز قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ بۇنى گەپ-سۆزلىرىمىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز ئارقىلىق كۆرسىتەلەيمىز.
8 قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلەشنىڭ ھەرخىل يوللىرى بار. شۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇشۇ: «بىر-بىرىڭلارغا راست گەپ قىلىڭلار» (زەكەرىيا 8:16). «ئاراڭلاردا تىنچلىقنى ساقلاڭلار» (ماركۇس 9:50). «تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر-بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار» (رىملىقلار 12:10). «بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار» (رىملىقلار 15:7). «داۋاملىق … بىر-بىرىڭلارنى ئەپۇ قىلىڭلار» (كولوسى. 3:13). «بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار» (گالاتىيا. 6:2). «بىر-بىرىڭلارغا تەسەللى بېرىڭلار» (1-سالونىكا. 4:18). «بىر-بىرىڭلارنى كۈچلەندۈرۈڭلار» (1-سالونىكا. 5:11). «بىر-بىرىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار».—ياقۇپ 5:16.
قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ (7–9-ئابزاسلارغا قاراڭ)
9. نېمىشقا باشقىلارغا تەسەللى بېرىش سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنىڭ ئىپادىسى؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
9 سۆيگۈ-مۇھەببەتنى ئىپادىلەشنىڭ يوللىرىدىن بىرىنى كۆرۈپ باقايلى. پاۋلۇس بىزگە نەسىھەت بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بىر-بىرىڭلارغا تەسەللى بېرىڭلار». نېمە ئۈچۈن سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى كۆرسىتىشىنىڭ مۇھىم بىر يولى — باشقىلارغا تەسەللى بېرىش؟ مۇقەددەس كىتابنىڭ بىر پايدىلىنىش ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، پاۋلۇس ئىشلەتكەن «تەسەللى» سۆزىنىڭ مەنىسى، «باشقا بىرى قاتتىق سىناققا دۇچ كەلگەندە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىشنى» بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، تەسەللى بېرىش ئارقىلىق قىيىنچىلىقتا قالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەسلىگە كېلىپ، داۋاملىق ھاياتلىق يولىدا مېڭىشىغا ياردەم بېرىمىز. ھەر قېتىم قېرىنداشلىرىمىزغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارغا تەسەللى بەرسەك، قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلەيمىز.—2-كورىنت. 7:6، 7، 13.
10. ھېسداشلىق بىلەن تەسەللى بېرىشنىڭ قانداق زىچ باغلىنىشى بار؟
10 ھېسداشلىق قىلىش بىلەن تەسەللى بېرىش بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق. كۆيۈمچان كىشى باشقىلارغا تەسەللى بېرىپ، ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ياردەم بېرىشكە تېپىشقا تىرىشىدۇ. شۇڭا، ئالدى بىلەن بىز ئىچ ئاغرىتىمىز، كېيىن تەسەللى بېرىمىز. ئەلچى پاۋلۇس چۈشەندۈرگەندەك، يەھۋانىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان ھېسداشلىقى، ئۇنى ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت بىلەن تەسەللى بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ. پاۋلۇس يەھۋا خۇدا ھەققىدە مۇنداق سۆزلەرنى يازغان: ئۇ «رەھىم-شەپقەتلىك ئاتا ۋە بارچە تەسەللىنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدادۇر» (2-كورىنت. 1:3) بۇ يەردە پاۋلۇس «رەھىم-شەپقەتلىك» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىپ، باشقىلارغا كۆيۈنۈش ھېس-تۇيغۇسىنى تەسۋىرلىگەن. دېمەك، يەھۋا رەھىم-شەپقەت ۋە تەسەللىنىڭ مەنبەسى بولغاچ، «ھەرتۈرلۈك سىناقلاردا دۇچ كەلگەنلەرگە»، يەنى بىزگە تەسەللى بېرىشنى خالايدۇ (2-كورىنت. 1:4). بۇلاقتىن ئېقىپ چىققان سۈزۈك سۇ ئۇسساپ چاڭقىغانلارنىڭ ۋۇجۇدىغا ھوزۇر بېغىشلىغاندەك، يەھۋا ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەرگە تەسەللى بېرىپ، جېنىنى ئارام تاپقۇزىدۇ. رەھىم شەپقەتلىك بولۇپ، باشقىلارغا تەسەللى بېرىشتە يەھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ بۇنداق قىلىشىنىڭ بىر ئۇسۇلى بەزى گۈزەل پەزىلەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش. ئاشۇ پەزىلەتلەر قايسىلار؟
11. كولوسىلىقلار 3:12؛ 1 ۋە 1-پېترۇس 3:8-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، باشقىلارنى ياخشى كۆرۈپ، تەسەللى بېرىشكە يەنە قانداق پەزىلەتلەر دەۋەت قىلىدۇ؟
11 ھەر كۈنى بىر-بىرىمىزگە سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، «داۋاملىق … تەسەللى» بېرىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ بىز قېرىنداشلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى ياخشى كۆرۈپ، مېھرىبان بولۇشىمىز كېرەك (كولوسىلىقلار 3:12؛ 1-پېترۇس 3:8-نى ئوقۇڭ). بۇ پەزىلەتلەر بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ بىز قېرىنداشلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، ئۇلارغا سەمىمىي كۆيۈنسەك، ئۇلار قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغاندا تەسەللى بەرمەي تۇرالمايمىز. خۇددى ئەيسا ئېيتقاندەك، «كۆڭۈلدە نېمە بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ. ياخشى ئادەم ياخشى خەزىنىسىدىن ياخشى نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ» (مەتتا 12:34، 35). مۇھتاجلىقتا قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا تەسەللى بېرىش — ئۇلارغا سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى كۆرسىتىشىنىڭ مۇھىم بىر يولى.
بىر-بىرىمىزگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى قانداق ساقلالايمىز؟
12. (1) نېمە ئۈچۈن ھوشيارلىقنى ساقلىشىمىز كېرەك؟ (2) ھازىر قانداق سوئالنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
12 بىز ھەممىمىز «بىر-بىرىمىزگە سۆيگۈ-مۇھەببەت» كۆرسىتىشنى خالايمىز (1-يۇھاننا 4:7) شۇنداقتىمۇ، ئەيسا بىزگە مۇھىم بىر ئەسكەرتىشنى بېرىپ ئاگاھلاندۇرغان: «كۆپىنچە ئىنسانلاردا سۆيگۈ-مۇھەببەت سوۋۇپ كېتىدۇ» (مەتتا 24:12). ئەلۋەتتە، ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى سوۋۇپ كېتىدۇ دېمىگەن. بىراق، بىز سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسەتمەيدىغان بۇ دۇنيانىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھوشيارلىقىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك. مۇشۇنى ئەستە تۇتقان ھالدا، تۆۋەندىكى بىر مۇھىم سوئالنى مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى: قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان مۇھەببىتىمىزنىڭ كۈچلۈك ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق بىلىشكە بولىدۇ؟
13. بىزنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى نېمە سىنىشى مۇمكىن؟
13 سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنىڭ كۈچلۈك ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ھاياتىمىزدىكى ھەرخىل ۋەزىيەتلەردە قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىمىزنى تەكشۈرۈپ كۆرسەك بولىدۇ (2-كورىنت. 8:8). مەسىلەن، پېترۇس مۇنداق دېگەن: «ھەممىدىن مۇھىمى شۇكى، بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن سۆيۈڭلار، چۈنكى سۆيگۈ كۆپلىگەن گۇناھلارنى ياپىدۇ» (1-پېتر. 4:8). شۇڭلاشقا، باشقىلارنىڭ ئاجىزلىقلىرى ۋە كەمچىلىكلىرى بىزنىڭ ئۇلارنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىمىزنى بىلىشكە ياردەم بېرىدۇ.
14. 1-پېترۇس 4:8 ئايەتكە ئاساسلانغاندا، قېرىنداشلارنى قانداق سۆيۈشىمىز كېرەك؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
14 بىز پېترۇسنىڭ سۆزلىرىنى دىققەت بىلەن مۇھاكىمە قىلايلى. 8-ئايەتنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە «بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن سۆيۈڭلار» دېيىلگەن. «چىن قەلبىڭلاردىن» دېگەن سۆزنىڭ ئۇدۇل مەنىسى «سوزۇش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ داۋامىدا شۇنداق سۆيگۈ-مۇھەببەتنى كۆرسەتسەك، نېمە بولىدىغانلىقى يېزىلغان. چىن قەلبتىن سۆيۈش «كۆپلىگەن گۇناھلارنى ياپىدۇ». مۇنداق مىسال كەلتۈرەيلى. بىز مەينەت بولۇپ كەتكەن بىر ئۈستەلنىڭ ئۈستىنى رەخت بىلەن ياپتۇق دەيلى. ئەگەر بۇ رەختنى بەكرەك تارتىپ ياپساق، ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى كۆپرەك داغلارنى ياپالايدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، بىز قېرىنداشلىرىمىزنى «چىن قەلبىمىزدىن سۆيسەك»، ئۇلارنىڭ بىرنەچچە ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن خاتالىقلىرىنى كەچۈرەلەيمىز.
15. قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان مۇھەببىتىمىز كۈچلۈك بولسا، نېمە قىلالايمىز؟ (كولوسىلىقلار 3:13)
15 قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىز شۇنداق كۈچلۈك بولۇشى كېرەككى، ھەتتا قىيىن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كەمچىلىكىنى كەچۈرۈشىمىز كېرەك (كولوسىلىقلار 3:13-نى ئوقۇڭ). بىز باشقىلارنى كەچۈرگەندە، سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ۋە يەھۋانى خۇرسەن قىلىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. باشقىلارنىڭ بىزنى رەنجىتىدىغان قىلىقلىرىنى ۋە خاتالىقلارنى كەچۈرۈشىمىزگە يەنە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
بىز ئەڭ ياخشى رەسىملەرنى ساقلاپ، ناچار چىققان سۈرەتلەرنى ئۆچۈرۈۋەتكەنگە ئوخشاش، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياخشى ئەسلىمىلىرىنى ئېسىمىزدە تۇتىمىز ۋە يامان تەرەپلىرىنى ئۇنتۇپ قالىمىز (16، 17-ئابزاسلارغا قاراڭ)
16، 17. باشقىلارنىڭ كىچىك گۇناھلىرىغا دىققەت ئاغدۇرماسلىقىمىزغا يەنە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
16 قېرىنداشلارنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىگە ئەمەس، ئىجابىي تەرەپلىرىگە دىققەت ئاغدۇرۇڭ. مەسىلەن، بىر توپ قېرىنداشلار بىلەن جەم بولغانلىقىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. كۆڭۈللۈك ۋاقىت ئۆتكۈزدۈڭلار، ئاخىرىدا خوشلىشىش ئالدىدا، بىللە بىر سۈرەتكە چۈشمەكچى بولدۇڭلار. تارتقان بىرىنچى پارچە سۈرەت ياخشى چىقمىغاچ، يەنە ئىككى پارچە سۈرەتكە تارتىڭىز. شۇنداق قىلىپ ئۈچ پارچە سۈرەت بار. ئەمما، ئۇلارنىڭ بىرىدە بىر بۇرادەرنىڭ چىرايى ياخشى كۆرۈنمىگەن. بۇ بىر پارچە سۈرەتنى نېمە قىلىسىز؟ ئۇنى ئۆچۈرۈۋېتىسىز. چۈنكى، سىزدە شۇ بۇرادەرنىڭ ۋە باشقىلارنىڭمۇ ياخشى چىققان يەنە ئىككى پارچە سۈرەت بار.
17 سۈرەتلەرنى ئېسىمىزدە ساقلىغان ئەسلىمىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. بىز ئادەتتە قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىمىزنى ياخشى ئەسلەيمىز. ئەمما، شۇ ۋاقىتتا بىرسى سىزنى خاپا قىلىدىغان بىر نەرسىنى ئېيتىپ ياكى قىلىپ قويدى دەيلى. ناچار تارتىلغان سۈرەتنى ئۆچۈرۈۋەتكەندەك، شۇ ئەسلىمىنى ئېسىمىزدىن چىقىرىۋەتسەك ياخشى بولىدۇ (پەند. نە 19:11؛ ئەفەس. 4:32). قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن نۇرغۇن ياخشى ئەسلىمىلەر كۆپ بولغاچ، مەلۇم بىرىنىڭ كىچىك خاتالىقىنى ئۇنتۇپ كېتەلەيمىز. بىز پەقەت قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن ياخشى ئەسلىمىلەرنى ئەستە ساقلاپ، شۇلارنى قەدىرلەشنى خالايمىز.
نېمە ئۈچۈن بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەك؟
18. بۇ ماقالىدە، سۆيگۈ-مۇھەببەت ھەققىدە قايسى مۇھىم ئوي-پىكىرلەرنى مۇھاكىمە قىلدۇق؟
18 نېمە ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈشىمىز كېرەك؟ سەۋەبى، قېرىنداشلىرىمىزنى سۆيسەك، يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى نامايان قىلىمىز. قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈمىزنى قانداق ئىپادىلەيمىز؟ بۇنى قىلىشنىڭ بىر يولى — ئۇلارغا تەسەللى بېرىش. بۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلارغا ئىچ ئاغرىتىشىمىز كېرەك. قىيىن بولسىمۇ، قېرىنداشلارنىڭ خاتالىقلىرىنى كەچۈرسەك، سۆيگۈ-مۇھەببەتنى كۈچلۈك ساقلىيالايمىز.
19. نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە قېرىنداشلارنى سۆيۈش بەك مۇھىم؟
19 نېمە ئۈچۈن بولۇپمۇ ھازىر سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىش بەك مۇھىم؟ پېترۇس سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ھەممە نەرسىنىڭ ئاخىرى يېقىنلاشتى. شۇڭلاشقا، … بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن سۆيۈڭلار» (1-پېتر. 4:7، 8). بۇ رەزىل دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى يېقىنلاشقانسېرى، بىزنى ئالدىمىزدا قانداق ئىش-ۋەقەلەر كۈتمەكتە؟ ئەيسا ئەگەشكۈچىلىرىگە مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئىسىمىم تۈپەيلى پۈتكۈل مىللەتلەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ» (مەتتا 24:9). بۇ دۇنيانىڭ ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، بىز ئۆزئارا ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ساقلىشىمىز كېرەك. شۇ چاغدا، سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن مەھكەم باغلىنىپ، ئارىمىزدا بىرلىكنىڭ مۇكەممەل رىشتىسى بولىدۇ ۋە شەيتاننىڭ ئارىمىزغا چاچىدىغان بۆلگۈنچىلىك ئۇرۇقى يىلتىز تارتالمايدۇ.—كولوسى. 3:14؛ فىلىپى. 2:1، 2.
35-ناخشا رەھمەت خۇدا سەۋرچانلىقىڭغا
a ھازىر ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتقا قارىغاندا بىز ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان مۇھەببەتنى نامايان قىلىش ناھايىتى مۇھىم. نېمىشقا ۋە قانداق بىز سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى تېخىمۇ تولۇق نامايان قىلالايمىز؟