20-تەتقىق ماقالىسى
47-ناخشا خۇش خەۋەرنى جاكارلا!
مۇھەببەت سىزنى داۋاملىق ۋەز قىلىشقا دەۋەت قىلسۇن!
«ئاۋۋال خۇش خەۋەر بارچە مىللەتلەرگە يەتكۈزۈلۈشى كېرەك».—ماركۇس 13:10.
مەركىزى ئىدىيە
مۇھەببەت بىزنى ۋەز خىزمەتتە قىزغىن ۋە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ۋەز قىلىشقا ئۈندەيدۇ.
1. 2023-يىلىدىكى يىللىق يىغىلىشتا، بىز نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
2023-يىلدىكى يىللىق يىغىلىشىداa، ئىمان-ئېتىقادىمىز توغرىسىدا كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان يېڭى چۈشەندۈرۈش ۋە ۋەز خىزمىتىمىز توغرىسىدا ئاجايىپ يېڭى خەۋەرنى ئاڭلىدۇق. مەسىلەن، كاتتا بابىلون ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىنمۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ يەھۋانىڭ خەلقى تەرەپتە تۇرۇش پۇرسىتىنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە 2023-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ، پادىشاھلىق خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ۋەز خىزمىتى ھەققىدە سانلىق مەلۇماتلارنى تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۇق. بۇنداق ئۆزگىرىشلەر ۋەز خىزمىتىمىزنىڭ ئىلگىرىكىدەك مۇھىم ياكى جىددىي ئەمەسلىكىنى كۆرسىتەمدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس!
2. نېمە ئۈچۈن ۋەز خىزمىتىمىز كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ جىددىي بىر ۋەزىپىگە ئايلىنىدۇ؟ (ماركۇس 13:10)
2 بىزنىڭ ۋەز خىزمىتىمىز كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ جىددىي بىر ۋەزىپىگە ئايلىنىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، كۆپ ۋاقىت قالمىدى. ئەيسانىڭ ئاخىرقى كۈنلەردە ۋەز ئېيتىش خىزمىتى توغرۇلۇق نېمىلەرنى بېشارەت قىلغانلىقىغا قاراپ باقايلى (ماركۇس 13:10-نى ئوقۇڭ). مەتتا كىتابىدىكى ئوخشاش ئۈزۈندىلەرگە قارىغاندا، ئەيسا «ئاخىر» كېلىشتىن ئاۋۋال يەر يۈزىدە جاي-جايلاردا ئىنسانلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (مەتتا 24:14). «ئاخىر» شەيتاننىڭ بۇ رەزىل دۇنياسىنىڭ پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەھۋا ئاللىقاچان پات-يېقىندا يۈز بېرىدىغان ئىشلارنىڭ ‹ۋاقىت-سائىتنى› بەلگۈلەپ قويغان (مەتتا 24:36؛ 25:13؛ ئەلچى. 1:7). بىر كۈن ئۆتسە، ئاشۇ ۋاقىت-سائەتكە بىر كۈن يېقىنلىشىمىز (رىملىقلار 13:11). شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز «ئاخىر» يېتىپ كەلگەنگە قەدەر داۋاملىق ۋەز قىلىشىمىز كېرەك.
3. نېمە ئۈچۈن خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىمىز؟
3 ۋەز خىزمىتىمىز ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغىنىمىزدا، بىز پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن بىر سوئال ئۈستىدە ئويلاپ كۆرۈشىمىز كېرەك. بىز نېمە ئۈچۈن خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىمىز؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، سۆيگۈ-مۇھەببەت بىزنى ۋەز قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ۋەز خىزمىتىمىز خۇش خەۋەرگە بولغان، ئىنسانلارغا بولغان، ھەممىدىن مۇھىمى يەھۋا خۇداغا ۋە ئۇنىڭ ئىسىمىغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ھازىر بۇلارنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ چىقىمىز.
خۇش خەۋەرنى ياخشى كۆرگەچ، ۋەز قىلىمىز
4. خۇش خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندا، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىمىز؟
4 سىز بەزى خۇش خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندا، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغانلىقىڭىزنى ئەسلى ئالامسىز؟ مەسىلەن، بىر بوۋاق تۇغۇلۇپ، ئائىلىڭىزگە يېڭى بىر ئەزا قوشۇلدى ياكى سىز ئېھتىياج بولۇپ تۇرغاندا بىر ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىڭىز ھەققىدە خەۋەر كەلدى. شەك-شۈبھىسىزكى، بۇ خۇش خەۋەرنى پۈتۈن ئائىلىڭىزدىكىلەر ۋە دوستلىرىڭىزغا ئېيتىشقا ئالدىرايسىز. سىز دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، يەنى خۇدا پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، ئۇنى باشقىلارغا ئېيتىشقا ئالدىرامسىز؟
5. تۇنجى قېتىم مۇقەددەس كىتابتىن ھەقىقەتنى ئۆگەنگىنىڭىزدە، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولدىڭىز؟ (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ)
5 تۇنجى قېتىم مۇقەددەس كىتابتىن ھەقىقەتنى ئۆگەنگىنىڭىزدە قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغانلىقىڭىزنى قايتا ئەسلەپ كۆرۈڭ. سىز ئاسماندىكى ئاتىڭىزنىڭ سىزنى سۆيىدىغانلىقىنى، سىزنىڭ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ئائىلىنىڭ ئەزاسى بولۇشىڭىزنى خالايدىغانلىقىنى، ئازاب-ئوقۇبەت ۋە قايغۇ-ھەسرەتلەرنى يوق قىلىشقا ۋەدە قىلغانلىقىنى، ئۆلۈپ كەتكەن يېقىن كىشىلىرىڭىزنىڭ يېڭى دۇنيادا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىغا ئۈمىد قىلالايدىغانلىقىڭىزنى بىلگەن. ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ھەقىقەتلەرنى ئۆگەنگەن ئىدىڭىز (ماركۇس 10:29، 30؛ يۇھاننا 5:28، 29؛ رىملىقلار 8:38، 39؛ ۋەھىي. 21:3، 4). ئاشۇ ھەقىقەتلەر قەلبىڭىزگە چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئىدى (لۇقا 24:32). سىز ئاشۇ ئۆگىنىۋاتقان ھەقىقەتلەرنى ياخشى كۆرگەن ۋە شۇ قىممەتلىك ھەقىقەتلەرنى باشقىلارغا ئېيتماي تۇرالمىغان ئىدىڭىز!—يەرەمىيا 20:9-نى سېلىشتۇرۇڭ.
تۇنجى قېتىم مۇقەددەس كىتابتىن ھەقىقەتنى ئۆگەنگىنىمىزدە، بىز ھاياجانلىنىپ، باشقىلارغا ئۆگەنگەنلىرىنى ئېيتىپ بەرمەي تۇرالمايمىز! (5-ئابزاسقا قاراڭ)
6. ئەرنېست ۋە روزا باشتىن ئۆتكۈزگەن تەجرىبىلەردىن نېمىلەرنى ئۆگەندىڭىز؟
6 مۇنداق بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. ئەرنېستb ئىسىملىك بىر بۇرادەر 10 ياش ۋاقتىدا، ئۇنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆزۈمدىن شۇنداق سوئاللارنى سورايتتىم: «ئۇ ئاسمانغا چىقىپ كەتتىمۇ؟ ئۇ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇش ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتتىمۇ؟» مەن يەنىلا دادىسى بار باشقا بالىلارغا بەكمۇ ھەۋەس قىلاتتىم». ئەرنېست دائىم دادىسىنىڭ قەبرىسىنىڭ بېشىغا بېرىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلغان: «خۇدا، دادامنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلگۈم بار». دادىسى ۋاپات بولۇپ تەخمىنەن 17 يىلدىن كېيىن، ئەرنېست مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان ۋە بۇ تەكلىپنى ئاسانلا قوبۇل قىلغان. ئۇ مۇقەددەس كىتابتىن ئۆلۈكلەرنىڭ ھېچنېمىنى ھېس قىلمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە قاتتىق ئۇيقىغا كەتكەندەك ھالەتتە بولىدىغانلىقىنى، كېلەچەكتىكى تىرىلىش ھەققىدىكى ۋەدىلەرنى ئۆگىنىپ ئىنتايىن خۇشال بولغان (ۋەز 9:5، 10؛ ئەلچى. 24:15). ئاخىرىدا، ئۇ شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئويلاپ يۈرگەن سوئاللىرىغا جاۋاب تاپقان. ئەرنېست ئۆزى ئۆگىنىۋاتقان مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەردىن تولىمۇ مەمنۇن بولۇپ ھاياجانلانغان. ئايالى روزا ئەرنېستكە قوشۇلۇپ مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش ۋە پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە باشلىغان. 1978-يىلى، ئۇلار سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەن. ئۇلار ئۆگەنگەن قىممەتلىك ھەقىقەتلەرنى قىزغىنلىق بىلەن ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە، دوستلىرىغا ۋە باشقىلارغا ئېيتقان. نەتىجىدە، ئەرنېست ۋە روزا 70 تىن كۆپرەك كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتنى تونۇپ، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە ياردەم بەرگەن.
7. مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت قەلبىڭىزدە يىلتىز تارتسا، سىز نېمە قىلالمايسىز؟ (لۇقا 6:45)
7 ناھايىتى ئېنىقكى، مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىگە بولغان مۇھەببەت قەلبىمىزدە يىلتىز تارتقاچقا، بىز سۈكۈتتە تۇرالمايمىز (لۇقا 6:45-نى ئوقۇڭ). بىز ئەيسانىڭ بىرىنچى ئەسىردىكى شاگىرتلىرىغا ئوخشاش ھېس-تۇيغۇدا. ئۇلار مۇنداق دېگەن: «بىز كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز» (ئەلچى. 4:20). بىز ھەقىقەتنى چوڭقۇر سۆيگەچكە، مۇمكىنقەدەر كۆپرەك ئىنسانلارغا ھەقىقەت توغرۇلۇق ئېيتىشنى خالايمىز.
بىز ئىنسانلارنى سۆيگەچ، ۋەز قىلىمىز
8. نېمە ئۈچۈن سىز باشقىلارغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى خالايسىز؟ («ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تەييارلاڭ» ناملىق كىتابچىگە قاراڭ) (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
8 ياراتقۇچىمىز يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش، بىز ئىنسانلارنى سۆيىمىز (پەند. نە 8:31؛ يۇھاننا 3:16). بىز «خۇداسىز» ۋە «ئۈمىدسىز» يۈرگەن كىشىلەرگە ئىنتايىن چوڭقۇر ھېسداشلىق بىلدۈرىمىز (ئەفەس. 2:12). ئۇلار تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار بىلەن بوغۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ ۋە بىزدە ئۇلارغا كېرەكلىك ھاياتلىقنى قۇتقۇزىدىغان قۇتقۇزۇش كىيىمى بار. بۇ بولسا خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەر! شۇنداق قىيىنچىلىقلار ئىچىدە يۈرگەن كىشىلەرگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ھېسداشلىق بىزنى قولىمىزدىن كېلىشىچە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئۈندەيدۇ. بۇ قىممەتلىك خۇش خەۋەر ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئۈمىد بىلەن تولدۇرالايدۇ، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرۈش يولىنى تېپىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ ۋە كېلەچەكتە خۇدانىڭ يېڭى دۇنياسىدا ھەقىقىي ھاياتلىققا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلالايدۇ.—1-تىموت. 6:19.
ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز ۋە ھېسداشلىقىمىز بىزنى ئەھۋالىمىزغا يارىشا، ئۇلارغا خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ (8-ئابزاسقا قاراڭ)
9. ئادەملەرنى كېلەچەك ھەققىدە قانداق ئاگاھلاندۇرۇشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟ (ھەزەكىيال 33:7، 8)
9 ئىنسانلارغا بولغان مۇھەببىتىمىز بىزنى ئۇلارنى بۇ رەزىل دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى يېقىنلاپ قالغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشقا ئۈندەيدۇ (ھەزەكىيال 33:7، 8-نى ئوقۇڭ). بىز خولۇم-قوشنىلىرىمىز، ئوخشاش ئىمان-ئېتىقادتا بولمىغان ئائىلە ئەزالىرىمىزغا ئىچىمىز ئاغرىيدۇ. ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرسىز يۈرىدۇ، يەنى پات-ئارىدا دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى ھېچقاچان يۈز بېرىپ باقمىغان دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ (مەتتا 24:21). بىز ئۇلارنىڭ شۇ ھۆكۈم قىلىنىدىغان مەزگىلدە نېمە ئىشلار يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىشىنى خالايمىز. پات-ئارىدا يالغان دىن يوق بولىدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، بۇ رەزىل دۇنيانىڭ تۈزۈلمىسى ئارماگېدوندا يوق بولىدۇ (ۋەھىي. 16:14، 16؛ 17:16، 17؛ 19:11، 19، 20). بىز ئاگاھلاندۇرۇش خەۋىرىگە مۇمكىنقەدەر كۆپرەك كىشىلەرنىڭ قۇلاق سېلىپ، ھازىرنىڭ ئۆزىدە پاك ئىبادىتىمىزگە قوشۇلۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز. ئەمما، ھازىر ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالمىغانلار، يەنى ئائىلىمىزدىكى يېقىن كىشىلىرىمىزگە نېمە بولىدۇ؟
10. پات-يېقىندا قانداق ئىشلار يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئېيتىپ بېرىش نېمە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم؟
10 ئالدىنقى ماقالىدە چۈشەندۈرۈلگەندەك، كاتتا بابىلوننىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى كۆرگەندە، قەلبى ئۆزگەرگەن كىشىلەر يەھۋاغا ئىشىنىشكە باشلىشى، نەتىجىدە ئۇلار قۇتقۇزۇلۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئاگاھلاندۇرۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈش ھەربىرىمىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىنتايىن جىددىي ئىشتۇر. ھازىر بىز ئۇلارغا ئېيتىۋاتقان خەۋەرنى كېلەچەكتە ئۇلار ئەسكە ئېلىشى مۇمكىن (ھەزەكىيال 33:33-نى سېلىشتۇرۇڭ). بەلكىم، ئۇلار بىزدىن ئاڭلىغان ئاگاھلاندۇرۇش ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ كۆرۈپ، ئاخىر كېلىشتىن ئاۋۋال ھەرىكەتكە كېلىپ، بىز بىلەن بىرلىكتە پاك ئىبادەتكە قوشۇلۇشى مۇمكىن. خۇددى فىلىپى شەھىرىدىكى زىندان قاراۋۇلى قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن قەلبى ئۆزگەرگەندەك، بەلكىم ھازىر خەۋىرىمىزگە ئىنكاس قايتۇرمىغانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قەلبى، كاتتا بابىلون ۋەيران قىلىنىپ، بۇ دۇنيا زىل-زىلىگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزگۈرۈشى مۇمكىن.—ئەلچى. 16:25–34.
يەھۋا ۋە ئۇنىڭ ئىسىمىغا بولغان مۇھەببەت بىزنى ۋەز قىلىشقا ئۈندەيدۇ
11. يەھۋا خۇداغا ئۇلۇغلۇق، شان-شەرەپ ۋە كۈچىمىزنى قانداق بېرىمىز؟ (ۋەھىيلەر 4:11) (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ)
11 خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىشىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى، بىز يەھۋا خۇدانى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىسىمىنى ياخشى كۆرىمىز. ۋەز خىزمىتىمىزنى ئۆزىمىز سۆيىدىغان خۇدايىمىزنى مەدھىيىلەشنىڭ بىر يولى دەپ قارايمىز (ۋەھىيلەر 4:11-نى ئوقۇڭ). چىن قەلبىمىزدىن شۇنى ئېتىراپ قىلىمىزكى، ئۇلۇغلۇق، شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەتكە يەھۋا خۇدا لايىقتۇر. بىز باشقىلارغا ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن «ھەممە نەرسىلەرنى» ياراتقان خۇداغا قەرزدار ئىكەنلىكىمىزنى قايىل قىلارلىق دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن سۆزلىگىنىمىزدە، بىز ئۇنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمىز. ئۆز ئەھۋالىمىزغا يارىشا، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ۋەز خىزمەتكە قاتنىشىپ، ۋاقتىمىزنى، كۈچىمىزنى ۋە مال-مۈلكىمىزنى سەرپ قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭغا كۈچىمىزنى بېرىمىز (مەتتا 6:33؛ لۇقا 13:24؛ كولوسى. 3:23). ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، خۇدايىمىز ھەققىدە سۆزلەشنى ياخشى كۆرىمىز، چۈنكى ياراتقۇچىمىزنى سۆيىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ ئىسىمى ۋە پەزىلەتلىرى ھەققىدە باشقىلارغا سۆزلىمەي تۇرالمايمىز. نېمە ئۈچۈن؟
بىز ئەھۋالىمىزغا يارىشا ۋاقتىمىز، كۈچىمىز ۋە مال-مۈلكىمىزنى سەرپ قىلىپ، خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشساق، يەھۋاغا كۈچىمىزنى بېرىمىز (11-ئابزاسقا قاراڭ)
12. يەھۋانىڭ ئىسىمىنى ۋەز خىزمىتىدە قانداق مۇقەددەس قىلىمىز؟
12 يەھۋاغا بولغان مۇھەببىتىمىز بىزنى ئۇنىڭ ئىسىمىنى مۇقەددەس قىلىشقا ئۈندەيدۇ (مەتتا 6:9). شۇڭا، يەھۋا خۇدا ھەققىدە كەڭ تارقالغان شەيتاننىڭ يالغان-ياۋداقلىرىنىڭ ئۇچىغا چىققان يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى باشقا كىشىلەرگە ئېيتىشنى خالايمىز (يارىت. 3:1–5؛ ئايۇپ 2:4؛ يۇھاننا 8:44). ۋەز خىزمىتىمىزدە خۇدايىمىز تەرەپتە تۇرۇپ، يەھۋا توغرۇلۇق ئاڭلاشنى خالايدىغان بارلىق كىشىلەرگە مۇنۇ ھەقىقەتنى ئېيتىشقا تەشنامىز: ياراتقۇچىمىزنىڭ ئەڭ ئېسىل پەزىلىتى مۇھەببەت؛ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى ھەققانىي ۋە ئادىلدۇر؛ ئۇنىڭ پادىشاھلىقى پات-ئارىدا بارچە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تۈگىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ چوڭ ئائىلىسىگە تىنچلىق ۋە شاد-خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ. بىز ھەربىر كىشىنىڭ بۇلارنى بىلىشىنى خالايمىز (زەبۇر 37:10، 11، 29؛ 1-يۇھاننا 4:8). ۋەز خىزمىتىدە باشقىلار يەھۋا توغرۇلۇق شۇ ھەقىقەتلەرنى ئېيتساق، ئۇنىڭ ئىسىمىنى مۇقەددەس قىلىمىز. بىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلساق، شاد-خۇراملىققا ئېرىشىمىز. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟
13. نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دېگەن ئىسىمىمىزدىن پەخىرلىنىمىز؟ (يەشايا 43:10–12)
13 يەھۋا بىزنى ئۇنىڭ ئۈچۈن «گۇۋاھچى» بولۇشقا چاقىرغان (يەشايا 43:10–12-نى ئوقۇڭ). ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، يېتەكچى كېڭەشنىڭ بىر خېتىدە مۇنداق سۆزلەر يېزىلغان: «يەھۋا گۇۋاھچىسى دەپ ئاتىلىش ھەربىرىمىز ئۈچۈن ئاجايىپ چوڭ شان-شەرەپتۇر!»c. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟ بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. ئەگەر سوت مەھكىمىسىدە بىر گۇۋاھچىغا مۇھتاج بولسىڭىز، چوقۇم سىز تونۇيدىغان ۋە ئىشىنىدىغان بىرىنى تاللايسىز. بۇ كىشىنىڭ ياخشى نام-ئابرويى بەرگەن گۇۋاھلىقىنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، يەھۋانىڭ بىزنى گۇۋاھچىسى بولۇشقا تاللىشى، بىزنى ياخشى تونۇيدىغانلىقى ۋە ئۇ بىردىن-بىر ھەق خۇدا ئىكەنلىكى توغرۇلۇق باشقىلارغا گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشنى تولىمۇ زور شان-شەرەپ دەپ ھېس قىلىمىز. شۇڭلاشقا، ھەربىر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ ئىسىمىنى باشقىلارغا تونۇتىمىز ۋە ئۇ توغرۇلۇق ئېيتىلغان بارچە يالغان-ياۋىداقلارنىڭ قىپقىزىل يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىمىز. مۇشۇ ئارقىلىق، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دېگەن ئىسىمىمىزغا لايىق ياشايمىز ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز!—زەبۇر 83:18؛ رىملىقلار 10:13–15.
ئاخىرى كەلگۈچە داۋاملىق ۋەز قىلىمىز
14. ئالدىمىزدا بىزنى قانداق ئاجايىپ ھاياجانلىق ئىشلار كۈتمەكتە؟
14 ئالدىمىزدا بىزنى ئاجايىپ ھاياجانلىق ئىشلار كۈتمەكتە! يەھۋانىڭ بەرىكەتلىشى بىلەن دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت باشلىنىشتىن ئاۋۋال نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇلۇقىغا تولغان مەزگىلدە، يەنى دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە، بەزى كىشىلەرنىڭ بەلكىم بىزگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلىش كىشىنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ. كۆپرەك كىشىلەر شەيتاننىڭ ھالاك بولۇش ئالدىدا تۇرغان دۇنياسىدىن چىقىپ، بىز بىلەن بىرلىكتە يەھۋانى مەدھىيىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.—ئەلچى. 13:48.
15، 16. بىز نېمە قىلىشنى قەتئىي قارار قىلدۇق ۋە قاچانغىچە؟
15 ھازىر بەك مۇھىم ۋە قايتا تەكرارلانمايدىغان ئىش بار. بىز پۈتكۈل يەر يۈزىدە خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلاش ئىشىغا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشالايمىز، بۇ بىز ئۈچۈن ئاجايىپ شان-شەرەپ! ئۇنىڭدىن باشقا، بىز چوقۇم داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇش خەۋىرىنى جاكارلىشىمىز لازىم. كىشىلەر چوقۇم شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇ رەزىل دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى ئىنتايىن تېز يېقىنلىشىۋاتىدۇ. يېقىندا ئاشۇ ھۆكۈم ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە، كىشىلەر بىز ۋەز قىلىپ كېلىۋاتقان خەۋەرنىڭ يەھۋا خۇدادىن كەلگەنلىكىنى بىلىدۇ.—ھەزەك. 38:23.
16 بىز خۇش خەۋەرنى، ئىنسانلارنى، ھەممىدىن مۇھىمى يەھۋا خۇدانى ۋە ئۇنىڭ ئىسىمىنى سۆيىمىز. شۇڭلاشقا، بىز جىددىي ۋە قىزغىن كەيپىياتتا، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ۋەز قىلىشنى تاكى يەھۋا «بولدى، يېتەرلىك!» دېگەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇشنى قەتئىي قارار قىلدۇق.
32-ناخشا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى!
a 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىر كۈنى، ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شتاتىدىكى نيۇبۇرگ شەھىرىدىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ چوڭ يىغىلىش سارىيىدا يىللىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى. كېيىنرەك، بۇ يىغىلىش پروگراممىسىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قىسىملىرى 2024-يىلى نويابىر ۋە يانۋار ئايلىرىدا JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىدە كۆرسىتىلدى.
b «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلى، 2015-يىلى، 1-فېۋرال سانىدىكى «مۇقەددەس كىتابنىڭ ئېنىق، مەنتىقىگە ئۇيغۇن جاۋابلىرى مېنى قايىل قىلدى» (باشقا تىلدا) ناملىق ماقالىگە قاراڭ.