كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م24 ماي 20-‏25 ب.‏
  • ئۆزىڭىزگە لايىق جۈپتىڭىزنى قانداق تاپالايسىز؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئۆزىڭىزگە لايىق جۈپتىڭىزنى قانداق تاپالايسىز؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • لايىق تېپىش
  • دىققە‌ت بىلە‌ن كۈزىتىشكە ۋاقىت چىقىرىڭ
  • ئۇ‌چرىشىپ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىشنى باشلاش
  • باشقىلار توي قىلمىغانلارنى قانداق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىيە‌لە‌يدۇ؟‏
  • مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىپ يۈرۈش قانداق دانا قارارلارنى چىقىرىشقا ياردە‌م بېرىدۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • بىر-‏بىرىڭلارغا ۋاپادارلىقنى ساقلاڭلار
    ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
  • نىكاھ —‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك خۇ‌دانىڭ سوۋغىتىدۇ‌ر
    خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بويتاقلىق ۋە نىكاھ ھە‌ققىدە نېمە دە‌يدۇ؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
ك‌م24 ماي 20-‏25 ب.‏

21-‏تە‌تقىق ماقالىسى

50-‏ناخشا خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئۈلگىسى

ئۆزىڭىزگە لايىق جۈپتىڭىزنى قانداق تاپالايسىز؟‏

‏«كىم ياخشى بىر ئايالنى تاپىدۇ؟‏ ئۇ‌نىڭ قە‌دىر-‏قىممىتى مە‌رۋايىتلاردىن ئە‌ۋزە‌لدۇ‌ر»‏‏.‏—‏پە‌ند.‏ نە 31:‏10.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

بۇ ماقالىدە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرى لايىق تېپىش ۋە توي قىلىشنى خالايدىغانلارغا قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى ۋە جامائە‌تتىكى باشقىلارنىڭ ئۇ‌لارنى قانداق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىيە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىپ يۈرۈشنى باشلاشتىن بۇ‌رۇ‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى نېمە ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشى لازىم؟‏ (‏2)‏ «قىز-‏يىگىتلە‌رنىڭ يىغىلىشى» دېگە‌ن نېمە؟‏ (‏«سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى» دېگە‌ن يە‌رگە قاراڭ)‏

سىز توي قىلىشنى خالامسىز؟‏ بە‌ختلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن توي قىلىش شە‌رت ئە‌مە‌س بولسىمۇ،‏ ياش ياكى ياشتا چوڭىيىپ قالغان بولسۇ‌ن،‏ نۇ‌رغۇ‌ن توي قىلمىغان ئېتىقادداشلار توي قىلىشنى خالايدۇ.‏ بىر كىشى لايىق تېپىش ئۈچۈن مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىشىنى باشلاشتىن ئاۋۋال پىشىپ يېتىلىپ،‏ ئىقتىسادىي،‏ روھىي ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ جە‌ھە‌تتىن توي قىلىشقا تە‌ييار بولۇ‌شى كېرە‌كa (‏1-‏كورىنت.‏ 7:‏36)‏.‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌شۇ تە‌رە‌پلە‌ردە پۇ‌ختا تە‌ييارلىق قىلغان بولسىڭىز،‏ ئېھتىمال سىز بە‌ختلىك ئائىلىگە ئېرىشە‌لە‌يسىز.‏

2 بىراق،‏ ئۆزىڭىزگە لايىق كىشىنى تېپىش ھە‌مىشە ئاسان ئە‌مە‌س (‏پە‌ند.‏ نە 31:‏10)‏.‏ ئۇ‌نى ياخشىراق تونۇ‌ش ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن باردى-‏كە‌لدى ئالاقىدە بولۇ‌شنى باشلاش ئاسانغا چۈشمە‌يدۇb‏.‏ بۇ ماقالىدە،‏ توي قىلمىغان ئېتىقادداشلارنىڭ لايىق تېپىش ۋە ئۇ‌چرىشىشنى باشلىشىغا نېمە ياردە‌م بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ جامائە‌تتىكىلە‌رنىڭ توي قىلىشنى خالايدىغان ئېتىقادداشلارغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

لايىق تېپىش

3.‏ توي قىلمىغان ئېتىقادداش ئۆزىگە لايىق كىشىنى ئىزدىگە‌ندە نېمىلە‌رنى كۆزدە تۇ‌تۇ‌شى كېرە‌ك؟‏

3 ئە‌گە‌ر توي قىلماقچى بولسىڭىز،‏ بولغۇ‌سى جۈپتىڭىزنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ياخشى بىلىۋېلىشىڭىز كېرە‌ك.‏ ئۇ‌نداق قىلمىسىڭىز،‏ ئۆزىڭىزگە لايىق ئادە‌منى بايقىماي قالىسىز ياكى لايىق كە‌لمە‌يدىغان بىرى بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىپ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىشكە باشلايسىز.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ توي قىلماقچى بولغان كىشى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن بىرى بولۇ‌شى كېرە‌ك (‏1-‏كورىنت.‏ 7:‏39)‏.‏ ئە‌مما،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن ھە‌ممىلا كىشى سىزگە لايىق كە‌لمە‌سلىكى مۇ‌مكىن.‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «ھاياتىمدا قانداق مە‌قسە‌ت-‏نىشانلىرىم بار؟‏ تاللىماقچى بولغان كىشىنىڭ چوقۇ‌م قانداق پە‌زىلە‌تلىرى بولۇ‌شىنى خالايمە‌ن؟‏ تە‌لە‌پلىرىم بە‌ك يۇ‌قىرى ئە‌مە‌سمۇ؟‏»‏

4.‏ بە‌زىلە‌ر دۇ‌ئالىرىدا نېمىلە‌رنى تىلغا ئالىدۇ؟‏

4 ئە‌گە‌ر توي قىلماقچى بولسىڭىز،‏ چوقۇ‌م بۇ توغرىسىدا دۇ‌ئا قىلىڭ (‏فىلىپى.‏ 4:‏6)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋا ھېچكىمگە ئۆمۈرلۈك جۈپتىنى بېرىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ۋە‌دە بە‌رمىگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئۇ مۇ‌ھتاجلىقىڭىزنى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى ياخشى چۈشىنىدۇ ۋە لايىق تېپىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌داغا داۋاملىق دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئۆز خاھىشلىرىڭىز ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى ئېيتىپ بېرىڭ (‏زە‌بۇ‌ر 62:‏8)‏.‏ خۇ‌دادىن سە‌ۋرچانلىق ۋە دانالىق سوراڭ (‏ياقۇ‌پ 1:‏5)‏.‏ ئامېرىكىدىكى جونc ئىسىملىك بويتاق بۇ‌رادە‌رنىڭ قانداق دۇ‌ئا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:‏ «مە‌ن يە‌ھۋا خۇ‌داغا كېلە‌چە‌كتىكى جۈپتۈمنىڭ قانداق پە‌زىلە‌تلىرى بولۇ‌شىنى خالايدىغانلىقىمنى ئېيتىمە‌ن.‏ شۇ لايىق بىرىنى ئۇ‌چرىتىش پۇ‌رسە‌تلىرى ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىمە‌ن ۋە ئۆزۈم ھە‌م ياخشى ئە‌ر بولۇ‌ش ئۈچۈن كېرە‌كلىك پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشكە ياردە‌م بېرىشىنى ئۆتىنىمە‌ن».‏ سىرىلانكىدىكى تانيا ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۆزۈمگە لايىق كىشىنى ئىزدىگە‌ندە،‏ يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌شۇ‌م،‏ ئىجابىي كە‌يپىياتتا بولۇ‌پ،‏ خۇ‌شاللىقنى ساقلىشىم ئۈچۈن ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلىمە‌ن».‏ ئە‌گە‌ر ئۆزىڭىزگە لايىق بىرىنى دە‌رھال تاپالماي قالسىڭىز،‏ يە‌ھۋا جىسمانىي ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ جە‌ھە‌تتىن ئېھتىياجلىرىڭىزنى داۋاملىق تە‌مىنلە‌شكە ۋە‌دە بە‌رگە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 55:‏22.‏

5.‏ توي قىلمىغان ئېتىقادداشلار يە‌ھۋا خۇ‌دانى سۆيىدىغان كىشىنى قانداق پە‌يتلە‌ردە ئۇ‌چرىتالايدۇ؟‏ (‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏58)‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

5 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى دە‌ۋە‌ت قىلىپ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھە‌ردائىم رە‌بنىڭ ئىشى بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌ڭلار» ‏(‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏58-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر سىز يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىپ،‏ ھە‌رخىل قېرىنداشلار بىلە‌ن ئارىلاشسىڭىز،‏ ئۆزىڭىزگە ئوخشاش يە‌ھۋا خۇ‌داغا چىن دىلى بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىۋاتقان بىرىنى ئۇ‌چرىتىشقا مۇ‌مكىنچىلىك بولىدۇ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن قولۇ‌ڭىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسە‌تسىڭىز،‏ ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىققا ئېرىشە‌لە‌يسىز.‏

كوللاژ:‏ 1.‏ توي قىلمىغان قېرىنداش ۋە‌ز خىزمە‌تتە ياشانغان قېرىنداش بىلە‌ن خۇ‌شال-‏خۇ‌رام سۆزلىشىۋاتىدۇ.‏ 2.‏ توي قىلمىغان قېرىنداش قۇ‌رۇ‌لۇ‌شتا تاماق بېرىۋاتىدۇ.‏ 3.‏ بويتاق بۇ‌رادە‌ر بىلە‌ن بىر ئاقساقال بىرلىكتە بىر ئائىلىنى پادىچىلىق زىيارىتى قىلىپ يوقلاپ كە‌لدى.‏ 4.‏ ئاشۇ بۇ‌رادە‌ر قۇ‌رۇ‌لۇ‌شتا ھە‌رە بىلە‌ن تۇ‌ربىنى كېسىۋاتىدۇ.‏

ئە‌گە‌ر يە‌ھۋاغا تولۇ‌ق ۋاقىت خىزمە‌ت قىلىپ،‏ پە‌رقلىق ئېتىقادداشلار بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزسىڭىز،‏ توي قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان ئېتىقادداشلارنى ئۇ‌چرىتىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ (‏5-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


6.‏ ئۆزىگە لايىق بىرىنى ئىزدىگە‌ندە،‏ ئېتىقادداش نېمىلە‌رنى ئە‌ستىن چىقارماسلىقى كېرە‌ك؟‏

6 لېكىن پە‌خە‌س بولۇ‌ڭ،‏ مۇ‌ھىم ئىشلارنى قويۇ‌پ،‏ لايىق ئىزدە‌ش بىلە‌ن ئالدىراش بولۇ‌پ كە‌تمە‌ڭ (‏فىلىپى.‏ 1:‏10)‏.‏ ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىق توي قىلىش-‏قىلماسلىقىڭىزغا ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىڭىزغا باغلىق (‏مە‌تتا 5:‏3‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر توي قىلمىغان بولسىڭىز،‏ ۋە‌ز خىزمە‌تكە كۆپرە‌ك ۋاقىت چىقىرالىشىڭىز مۇ‌مكىن (‏1-‏كورىنت.‏ 7:‏32،‏ 33)‏.‏ بويتاق چاغلىرىڭىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ.‏ ئامېرىكىدىكى جېسسىكا ئىسىملىك قېرىنداش 30 ياشتىن ئاشقاندا تۇ‌رمۇ‌شقا چىققان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «توي قىلىشتىن ئىلگىرى،‏ قىزغىن ۋە‌ز خىزمە‌ت بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولدۇ‌م.‏ بۇ خۇ‌شاللىقىمنى يوقاتماي كۈتۈپ تۇ‌رۇ‌شۇ‌مغا ياردە‌م بە‌ردى».‏

دىققە‌ت بىلە‌ن كۈزىتىشكە ۋاقىت چىقىرىڭ

7.‏ كۆڭلىڭىز چۈشكە‌ن كىشىگە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى ئىزھار قىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ‌نى كۈزىتىش مۇ‌ھىم؟‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 13:‏16)‏

7 سىز ئۆزىڭىزگە لايىق كىشىنى تاپتىڭىز دە‌يلى.‏ ئۇ‌نىڭغا دە‌رھال ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى ئېيتىش كېرە‌كمۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب دانا كىشىنىڭ ھە‌ر قە‌دە‌منى بېسىشتىن ئاۋۋال،‏ پە‌م بىلە‌ن چوڭقۇ‌ر ئويلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 13:‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ كۆڭلىڭىز چۈشكە‌ن كىشىگە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى ئىزھار قىلىشتىن ئاۋۋال،‏ ئۇ كىشىنى دىققە‌ت بىلە‌ن كۈزىتىشكە ۋاقىت چىقىرىڭ.‏ شۇ‌نداق دانا ئىش قىلغان بولىسىز.‏ گوللاندىيىدىكى ئېشۋىن ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لار قانداقلا تېز پە‌يدا بولسا،‏ شۇ‌نداقلا تېز ئۆتۈپ كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ دىققە‌ت بىلە‌ن كۈزىتىشكە ۋاقىت چىقارسىڭىز،‏ ئالدىراقسانلىق بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىشقا چىقىپ،‏ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىپ يۈرۈشنى باشلىمايسىز».‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ دىققە‌ت بىلە‌ن كۈزە‌تكە‌ندە،‏ سىزگە يېقىملىق تۇ‌يۇ‌لغان كىشىنىڭ ئۆزىڭىزگە لايىق كە‌لمە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏

8.‏ سىز ياقتۇ‌رۇ‌پ قالغان كىشىنىڭ ئە‌سلىدە كىم ئىكە‌نلىكىنى قانداق بىلە‌لە‌يسىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

8 بىر كىشىنى قانداق كۈزىتە‌لە‌يسىز؟‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا ياكى دوستلار ئارا ئولتۇ‌رۇ‌شلاردا شۇ كىشىنىڭ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقى،‏ يۈرۈش تۇ‌رۇ‌شى ۋە يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىگە دىققە‌ت قىلالايسىز.‏ ئۇ‌نىڭ دوستلىرى كىم؟‏ ئۇ نېمە توغرۇ‌لۇ‌ق سۆزلە‌يدۇ؟‏ (‏لۇ‌قا 6:‏45)‏ ئۇ‌نىڭ مە‌قسە‌تلىرى بىلە‌ن سىزنىڭ مە‌قسە‌تلىرىڭىز ئوخشاشمۇ؟‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌نى ياخىشى تونۇ‌يدىغان ئۇ‌نىڭ جامائىتىدىكى ئاقساقاللار ياكى روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن قېرىنداشلار بىلە‌ن پاراڭلىشىپ كۆرۈڭ (‏پە‌ند.‏ نە 20:‏18)‏.‏ ئۇ‌لاردىن ئۇ كىشىنىڭ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقى ۋە نام-‏ئابرويى ھە‌ققىدە سوراپ بېقىڭ (‏رۇ‌ت 2:‏11)‏.‏ كۈزىتىپ يۈرگە‌ندە،‏ ئۇ كىشىنى راھە‌تسىزلە‌ندۈرۈپ قويۇ‌شتىن ساقلىنىڭ.‏ ئۇ‌نىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى ۋە شە‌خسىي مە‌خپىيە‌تلىكىنى ھۆرمە‌تلە‌ڭ،‏ كۆپرە‌ك تونۇ‌يمە‌ن دە‌پ دائىم پە‌رۋانىدە‌ك ئە‌تراپىدا ئايلىنىپ يۈرمە‌ڭ.‏

كوللاژ:‏ يۇ‌قىرىقى رە‌سىمدىكى توي قىلمىغان بۇ‌رادە‌ر ۋە قېرىنداش جامائە‌ت يىغىلىشىدا بىر-‏بىرىنى يىراقتىن كۈزىتىۋاتىدۇ.‏ 1.‏ قېرىنداش،‏ ياشانغان ئاقساقاللار بىلە‌ن ھە‌مكارلىشىۋاتقان بۇ‌رادە‌رنى كۈزىتىۋاتىدۇ.‏ 2.‏ بۇ‌رادە‌ر ھە‌پتە ئوتتۇ‌رسىدىكى يىغىلىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش تاپشۇ‌رۇ‌قى بىلە‌ن چىققان قېرىنداشنى كۈزىتىۋاتىدۇ.‏

ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ئىزھار قىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ بىر مە‌زگىل ئۇ‌نى كۈزىتىپ بېقىڭ (‏7،‏ 8-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏


9.‏ بىرىگە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارنى ئېيتىشتىن ئاۋۋال،‏ نېمىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌ش كېرە‌ك؟‏

9 ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى ئېيتىشتىن ئاۋۋال،‏ بىرىنى قانچە ئۇ‌زۇ‌ن كۈزىتىپ بېقىشىڭىز كېرە‌ك؟‏ ئە‌گە‌ر ناھايىتى تېزلا ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىز ھە‌ققىدە ئېيتسىڭىز،‏ كىشى سىزنى ئالدىراقسان ئادە‌م دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن (‏پە‌ند.‏ نە 29:‏20)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىر كىشى ئۇ‌نى ياقتۇ‌رۇ‌پ قالغانلىقىڭىزنى بايقىسا،‏ لېكىن ئۆز ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى ئۇ‌نىڭغا ئېيتماي يۈرسىڭىز،‏ ئۇ كىشى سىزنى جۈرئە‌تسىز دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن (‏ۋە‌ز 11:‏4)‏.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ ئۇ كىشى بىلە‌ن توي قىلىشقا يۈزدە-‏يۈز ئىشە‌نچ قىلغاندىن كېيىن ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمنى ئېيتىمە‌ن دە‌پ كۈتۈپ تۇ‌رماڭ.‏ لېكىن،‏ سىز ئۆزىڭىز ئائىلە قۇ‌رۇ‌شقا تە‌ييار بولغانلىقىڭىزغا ۋە ئۇ كىشىنىڭ لايىقىڭىز بولۇ‌شقا ماس كېلىدىغانلىقىغا جە‌زم قىلىڭ.‏

10.‏ ئە‌گە‌ر بىرىنىڭ سىزنى ياقتۇ‌رۇ‌پ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز،‏ لېكىن سىز ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىشقا چىقىشنى خالىمىسىڭىز،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

10 ئە‌گە‌ر بىرىنىڭ سىزنى ياقتۇ‌رۇ‌پ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏ ئە‌گە‌ر ئۇ كىشى بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىپ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىشنى خالىمىسىڭىز،‏ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىڭىز ئارقىلىق بۇ‌نى ئۇ‌نىڭغا ئوچۇ‌ق بىلدۈرۈشكە تىرىشىڭ.‏ يە‌نى،‏ ئۇ‌چرىشىشقا چىقىشنى ئويلىمىغان بولسىڭىز،‏ دە‌ل ۋاقتىدا قىزىل چىراغنى ياندۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ئۇ‌نداق بولمىسا،‏ ئۇ كىشىگە يە‌نىلا ئۈمىد باردە‌ك خاتا تە‌سىرات بېرىپ قويۇ‌پ،‏ كېيىن كۆڭۈل ئاغرىقى پە‌يدا بولۇ‌پ قېلىشى مۇ‌مكىن.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 10:‏24؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 4:‏25.‏

11.‏ ئە‌گە‌ر بىرى سىزدىن بىرلىرى بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىپ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىش ياكى توي قىلىشنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ياردە‌م سورىسا،‏ نېمىنى ئېسىڭىزدە تۇ‌تۇ‌شىڭىز كېرە‌ك؟‏

11 بە‌زى جايلاردا ئاتا-‏ئانىلار ياكى باشقا چوڭلار ئۆزىنىڭ توي قىلمىغان تۇ‌غقانلىرىغا لايىق تاللايدۇ.‏ يە‌نە باشقا جايلاردا بولسا،‏ ئائىلە ئە‌زالىرى ياكى دوستلىرى توي قىلمىغانلارغا لايىق ئىزدە‌پ،‏ ئۇ‌لارنى كۆرۈشۈپ بېقىشقا ئورۇ‌نلاشتۇ‌رىدۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار بىر-‏بىرى بىلە‌ن مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىپ يۈرۈش-‏يۈرمە‌سلىكنى ئۆزلىرى قارار قىلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر سىزگە بىرلىرى توي قىلىش ئۈچۈن لايىق ئىزدە‌ۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ،‏ سىزدىن ئۇ‌چرىشىشقا چىقىشنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌پ بېرىشنى سورىسا،‏ ئە‌ر ۋە ئايال ھە‌ر ئىككى تە‌رە‌پنىڭ ئېھتىياجلىرى ۋە مىجە‌ز-‏خۇ‌لقلىرى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ ئە‌گە‌ر بىرىنى ماڭا لايىق كە‌لگۈدە‌ك دە‌پ قارىسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقى،‏ پە‌زىلە‌تلىرى ۋە ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان يېقىن مۇ‌ناسىۋىتى توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىپ بېقىشقا تىرىشىڭ.‏ بىرىنىڭ پۇ‌لى،‏ بىلىمى ۋە قانداق ئائىلىدىن كېلىپ چىقىشىغا قارىغاندا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتى مۇ‌ھىمراق.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ توي قىلمىغانلار ئائىلە قۇ‌رۇ‌ش-‏قۇ‌رماسلىقنى ئاخىرىدا ئۆزلىرى قارار قىلىدۇ.‏—‏گالاتىيا.‏ 6:‏5.‏

ئۇ‌چرىشىپ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىشنى باشلاش

12.‏ ئە‌گە‌ر لايىق كۆرگە‌ن كىشى بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىپ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىشنى قارار قىلسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭ بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق قانداق ئېغىز ئاچالايسىز؟‏

12 ئە‌گە‌ر كىمدۇ بىرى بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىپ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىپ يۈرۈشنى باشلىماقچى بولسىڭىز،‏ ئۇ كىشىگە بۇ ھە‌ققىدە قانداق ئېغىز ئاچالايسىزd‏؟‏ ئادە‌ملە‌ر كۆرىدىغان يە‌ردە كۆرۈشۈش ياكى تېلېفون ئارقىلىق سۆزلىشىش ئۈچۈن بىر ۋاقىتنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ئۆزىڭىزنىڭ نىيە‌ت-‏مە‌قسىتىنى ئېنىق ئېيتىڭ (‏1-‏كورىنت.‏ 14:‏9)‏.‏ كېرە‌ك بولسا،‏ ئۇ كىشىگە ئويلىنىشقا ۋاقىت بېرىڭ (‏پە‌ند.‏ نە 15:‏28)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ ئارىلىشىپ ئۆتۈشنى خالىمىسا،‏ ئۇ‌نىڭ قارارىنى ھۆرمە‌تلە‌ڭ.‏

13.‏ ئە‌گە‌ر بىرى سىزگە كۆڭلىنى ئىزھار قىلسا،‏ نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏ (‏كولوسىلىقلار 4:‏6)‏

13 ئە‌گە‌ر بىرى سىزگە كۆڭلىنى ئىزھار قىلسىچۇ؟‏ ئۇ‌نىڭ ئۆز كۆڭلىدىكى گە‌پ-‏سۆزلىرىنى ئېغىزدىن چىقىرىشقا قانچىلىك جۈرئە‌ت ۋە جاسارە‌ت كۆرسە‌تكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ،‏ شۇ‌ڭا مۇ‌لايىملىق ۋە ھۆرمە‌ت بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا مۇ‌ئامىلە قىلىڭ ‏(‏كولوسىلىقلار 4:‏6-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىپ يۈرۈشكە ماقۇ‌ل بولۇ‌ش-‏بولماسلىقنى قارار چىقىرىش ئۈچۈن ئويلىنىشقا ۋاقىت كېرە‌ك بولسا،‏ بۇ‌نى ئۇ‌نىڭغا ئېيتىڭ.‏ بىراق،‏ جاۋابىڭىزنى تېزراق بېرىشكە تىرىشىڭ (‏پە‌ند.‏ نە 13:‏12)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئارىلىشىپ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىشىنى خالىمىسىڭىز،‏ بۇ‌نى ئېنىق،‏ ئە‌مما مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن ئېيتىڭ.‏ ئاۋسترىيىدىكى خانس ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر بىر قېرىنداشنىڭ كۆڭۈل ئىزھارىنى قانداق رە‌ت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ مۇ‌نداق جاۋاب بە‌رگە‌ن:‏ «مە‌ن ئۆز قارارىمنى ئېيتقاندا،‏ گە‌پ-‏سۆزلىرىمگە دىققە‌ت قىلدىم،‏ لېكىن رە‌ت قىلغانلىقىمنى ئېنىق بىلدۈردۈم.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌نىڭ بە‌لكىم كېيىنرە‌ك ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە ئۈمىد بار دە‌پ چۈشىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دە‌رھال جاۋاب بە‌ردىم.‏ يە‌نە ئوخشاش سە‌ۋە‌ب تۈپە‌يلى،‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن قانداقتۇ سالاملىشىش ۋە ئالاقىدە بولۇ‌شقا توغرا كە‌لگە‌ندە ھە‌م،‏ گە‌پ-‏سۆزلە‌ردە كۆپرە‌ك ئېھتىياتچان بولدۇ‌م».‏ دە‌ل ئە‌كسىچە،‏ ئە‌گە‌ر شۇ كىشى بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىشقا چىقىپ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىپ،‏ ئۇ‌نى كۆپرە‌ك تونۇ‌شۇ‌شنى خالىسىڭىز،‏ بۇ‌نى ئېنىق ئېيتىڭ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى ۋە ئۇ‌چرىشىپ ئارىلىشىپ يۈرگە‌ن مە‌زگىلدە،‏ قانداق ۋاقىتلاردا ئۇ‌چرىشىش،‏ نېمە قىلىش-‏قىلماسلىق،‏ كىمگە ئېيتىش-‏ئېيتماسلىق دېگە‌ندە‌ك ئىشلار ھە‌ققىدە پاراڭلىشىڭ.‏ چوڭ بولغان مە‌دە‌نىيە‌ت ياكى باشقا سە‌ۋە‌بلە‌ر تۈپە‌يلى،‏ كۆز قاراشتا ۋە باشقا تە‌رە‌پلە‌ردە ھە‌ممە نە‌رسە ئۆزۈڭلار كۈتكە‌ندە‌ك بولماسلىقى مۇ‌مكىن.‏

باشقىلار توي قىلمىغانلارنى قانداق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىيە‌لە‌يدۇ؟‏

14.‏ توي قىلمىغان ئېتىقادداشلىرىمىزنى قانداق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىسە‌ك بولىدۇ؟‏

14 بويتاق قېرىنداشلار توي قىلىشنى خالىسا،‏ ئۇ‌لارنى قانداق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌لە‌يمىز؟‏ بىر يولى —‏ گە‌پ-‏سۆزلىرىمىزگە دىققە‌ت قىلىش (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏29)‏.‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «توي قىلىشنى خالىغانلارنىڭ ئۈستىدىن چاقچاقلارنى قىلىمە‌نمۇ؟‏ تېخى توي قىلمىغان بىر بۇ‌رادە‌ر بىلە‌ن بىر قېرىنداش بىر-‏بىرى بىلە‌ن پاراڭلىشىپ تۇ‌رغانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا قانداقتۇ بىر رومانتىك ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لار بارمىكىن دە‌پ پە‌رە‌ز قىلىمە‌نمۇ؟‏» (‏1-‏تىموت.‏ 5:‏13)‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بويتاق ئېتىقادداشلارنى توي قىلمىغانلىقى ئۈچۈن مە‌لۇ‌م نە‌رسىلە‌ردىن مە‌ھرۇ‌م قالغاندە‌ك ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌غا كە‌لتۈرۈپ قويۇ‌شتىن پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان خانس مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بە‌زىدە جامائە‌تتىكىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «قاچان توي قىلىسە‌ن؟‏ يېشىڭ بىر يە‌رگە بېرىپ قالدى».‏ بۇ‌نىڭغا ئوخشاش سۆزلە‌رنى ئاڭلىغان توي قىلمىغان قېرىنداشلار ئۆزىنى قە‌دىرسىزدە‌ك ياكى چاپسانراق توي قىلىشى كېرە‌كتە‌ك ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن».‏ باشقىلارنى شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌غا كە‌لتۈرۈشتىن ساقلىنايلى،‏ ئۇ‌نىڭ ئورنىغا توي قىلمىغان قېرىنداشلارنى ماختاش ئۈچۈن پۇ‌رسە‌تلە‌رنى ئىزدە‌يلى.‏—‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏11.‏

15.‏ (‏1)‏ بىرىگە لايىق تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌شتىن ئاۋۋال،‏ نېمە توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىپ كۆرۈشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏رىملىقلار 15:‏2)‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏ (‏2)‏ فىلىمنى كۆرگە‌ندە،‏ قانداق مۇ‌ھىم نۇ‌قتىلارغا دىققە‌ت قىلدىڭىز؟‏

15 ئە‌گە‌ر توي قىلمىغان ئىككى ئېتىقادداشنى خۇ‌ددى ئالتۇ‌ن ئۈزۈككە ياقۇ‌ت كۆز ياراشقاندە‌ك بىر-‏بىرىگە بە‌ك ماس كېلىدۇ دە‌پ ئويلانغان بولسىڭىز،‏ نېمە قىلىشقا بولىدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى باشقىلارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى كۆزدە تۇ‌تۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ ‏(‏رىملىقلار 15:‏2-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ توي قىلمىغان نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلىرىمىز بىرلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن لايىق تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌شىنى خالىمايدۇ،‏ شۇ‌ڭلاشقا ئۇ‌لارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ھۆرمە‌تلىشىمىز كېرە‌ك (‏2-‏سالونىكا.‏ 3:‏11)‏.‏ يە‌نە بە‌زىلىرى،‏ باشقىلارنىڭ ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىشىنى خالايدۇ،‏ شۇ‌نداقتىمۇ ئۇ‌لار ئۆزلىرى سورىمىسا،‏ ئۇ‌لاغا لايىق تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌شتىن ساقلىنىڭe (‏پە‌ند.‏ نە 3:‏27)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بە‌زىلە‌ر مۇ‌ۋاپىق بىر پە‌يتتە تە‌بئىي شە‌كلىدە بىرى بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌شنى خالايدۇ.‏ گېرمانىيىدىكى لىدىيا ئىسىملىك توي قىلمىغان قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «قېرىنداشلارنى دوستلار ئولتۇ‌رۇ‌شىغا چاقىرساق بولىدۇ.‏ بۇ ئۇ‌لارغا بىر-‏بىرى بىلە‌ن كۆرۈشۈشكە پۇ‌رسە‌ت يارىتىپ بېرىدۇ ۋە قالغان ئىشلار ئۇ‌لارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىختىيارىدا قالىدۇ».‏

توي قىلمىغان ياش قىز-‏يىگىت بىر دوستلار ئولتۇ‌رۇ‌شىدا پاراڭلىشىۋاتىدۇ.‏

كۆپ كىشىلە‌ر يىغىلغان ئولتۇ‌رۇ‌شلار توي قىلمىغانلارنىڭ ئۆزئارا تونۇ‌شىشىغا مۇ‌مكىنچىلىك يارىتىپ بېرىدۇ (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


16.‏ توي قىلمىغان ئېتىقادداشلار نېمىنى ئە‌ستە ساقلىشى كېرە‌ك؟‏

16 مە‌يلى توي قىلغانلار ياكى قىلمىغانلار بولسۇ‌ن،‏ ھە‌ممىمىز بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرە‌لە‌يمىز (‏زە‌بۇ‌ر 128:‏1)‏.‏ ئە‌گە‌ر توي قىلىشنى خالىسىڭىز،‏ بىراق ئۆزىڭىزگە لايىق بىرىنى تېخى تاپمىغان بولىسىڭىز،‏ دىققىتىڭىزنى داۋاملىق يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا قارىتىڭ.‏ ماكاۋدىكى (‏ئاۋمىن)‏ شېن يى ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «توي قىلمىغان ۋاقتىڭىز بىلە‌ن جە‌ننە‌تتە ئۆز جۈپتىڭىز بىلە‌ن ئۆتكۈزگە‌ن ۋاقتىڭىزنى سېلىشتۇ‌رغاندا،‏ توي قىلمىغان ۋاقتىڭىز بە‌ك قىسقا بولىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ ۋاقتنى قە‌دىرلە‌پ،‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ئۆتكۈزۈڭ».‏ لېكىن،‏ ئۆزىڭىزگە لايىق كىشىنى تاپقان بولسىڭىز ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئارىلىشىپ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىپ يۈرۈۋاتقان بولسىڭىز،‏ نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىپ يۈرگە‌ن ۋاقىتتا نېمىلە‌رنى قىلىش دانا قارار چىقىرىشقا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  •  ئۆزىڭىزگە لايىق كىشىنى تېپىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

  •  ئۇ‌چرىشىپ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىشنى باشلاشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئۆزىڭىز ياقتۇ‌رغان كىشىنى بىر مە‌زگىل كۈزىتىشنى نېمە ئۈچۈن دانا ئىش قىلغانلىق دە‌يمىز؟‏

  •  جامائە‌تتىكىلە‌ر توي قىلىشنى خالايدىغانلارنى قانداق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىيە‌لە‌يدۇ؟‏

3-‏ناخشا ‏«خۇ‌دا ئۆزى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر»‏

a  توي قىلىشقا تە‌ييار بولغان-‏بولمىغانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن jw.org تور بېكىتىدىكى «‏قىز-‏يىگىتلە‌رنىڭ ئۇ‌چرىشىشى —‏ 1-‏قىسىم.‏ مە‌ن بىرى بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىپ ئارىلىشىپ يۈرۈشكە تە‌ييارمۇ؟‏‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

b  سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ «ئۇ‌چرىشىشقا چىقىپ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىش»‏ —‏ ئە‌ر ۋە ئايال ئۇ‌چرىشىپ،‏ بىر-‏بىرىگە ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھ بولۇ‌شقا لايىق ياكى لايىق كە‌لمە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن بىر-‏بىرىنى ياخشىراق تونۇ‌ش مە‌قسىتىدە بىرلىكتە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى بىلدۈرىدۇ.‏ بە‌زى دۆلە‌تلە‌ردە بۇ‌نداق ئۇ‌چرىشىشنى بىرسى بىلە‌ن مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىپ يۈرۈش دە‌پ ئاتىلىدۇ.‏ قىز-‏يىگىتلە‌رنىڭ ئۆزئارا كۆڭلىنى بىر-‏بىرىگە ئىزھار قىلىپ،‏ رومانتىك ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ئېيتىشى ئۇ‌لارنىڭ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىپ يۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.‏ بۇ ئۇ‌لار توي قىلىشقا پۈتۈشكە‌ندە ياكى ئايرىلىپ كېتىشنى قارار قىلغاندا ئاخىرلىشىدۇ.‏

c  بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

d  بە‌زى مە‌دە‌نىيە‌تلە‌ردە،‏ ئادە‌تتە يىگىت قىزغا ئارىلىشىپ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىش تە‌كلىپىنى قويىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ قىزنىڭ يىگىتكە ئۇ‌چرىشىپ ئارىلىشىپ ئۆتۈش تە‌كلىپىنى بېرىشى قويسا،‏ بۇ‌نىڭ ھېچبىر يامان يېرى يوق (‏رۇ‌ت 3:‏1–‏13)‏.‏ بۇ ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن «ئويغىنىش!‏» دېگە‌ن ژۇ‌رنىلى 2004-‏يىلى،‏ 22-‏ئۆكتە‌بىر سانىدىكى «‏ياشلارنىڭ سوئاللىرى —‏ ئۇ‌نىڭغا كۆڭلۈمدىكى ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارنى قانداق ئېيتالايمە‌ن؟‏‏» (‏باشقا تىلدا)‏ دېگە‌ن ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

e ‏ jw.org تور بېكىتىدىكى «ئىمان-‏ئېتىقادى ئۈچۈن مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت كۈرە‌ش قىلىۋاتىدۇ.‏ توي قىلمىغان ئېتىقادداشلار» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق فىلىمنى قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش