5-قىسم
خۇدانى تونۇش
سىز مەسلىھەت ئىزدىگىنىڭىزدە، ئىشەنچىلىك بىرىنىڭ قېشىغا بارمامسىز؟ ئەگەر تەكلىپ پىكىرلەر سىز ئىشىنىدىغان بىرىدىن كەلسە، مەيلى ئاشۇ تەكلىپ پىكىرلەردىن دەرھاللا پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىڭ ياكى ئېرىشمەڭ، شۇ تەكلىپ پىكىرلەر بويىچە ئىش تۇتۇپ بېقىشقا يۈزلىنىسىز. ئەگەردە سىز مۇقەددەس كىتابتىكى ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچان مەسلىھەتلەردىن ھەقىقەتەن پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشسىڭىز، ئۇنىڭ مۇئەللىپى بىلەن چوقۇم تونۇشىشىڭىز لازىم. ھەتتا، سىز ئۇنىڭ بىلەن «دوست» بولالىشىڭىز مۇمكىن! — ياقۇپ 2:23، ھ.ز.
مۇقەددەس ئىسىم ئىبرانىي تىلىدا يېزىلغان مۇقەددەس كىتاب تېكىستلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ
2 ئەگەر بىر كىشى بىلەن دوست بولۇشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، شەك-شۈبھىسزكى ئۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى بىلگۈڭىز كېلىدۇ. مۇقەددەس كىتابنىڭ مۇئەللىپى بولغان خۇدانىڭ ئىسمى بارمۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا: «ئۆز ئىشىنى قىلىپ ۋۇجۇدغا كەلتۈرۈپ بىر قارار قىلىپ ئىسمى يەھۋا بولغان رەب خۇداۋەندە» دەپ بايان قىلىنغان (يەرەمىيا 33:2). ئۇنىڭ ئىسمى «يەھۋا» بولسا ئىبرانىي تىلدا יהוה (ئوڭدىن سولغا) دەپ يېزىلغان. مۇقەددەس كىتابنىڭ ئىبرانىي تىلىدا يېزىلغان تەۋرات ۋە زەبۇر تېكىستلىرىدە، بۇ ئىسىم 7000 قېتىمغا يېقىن ئۇچرايدۇ. بۇ مۇقەددەس ئىسىمنىڭ مەنىسى «ئۇ كىم بولۇشنى خالىسا، شۇ بولىدۇ»، بۇ يەھۋانىڭ ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىم بولۇشنى خالىسا، شۇ بولىدىغانلىقىنى يوشۇرۇن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنە، ئىبرانىي تىلىدا ئۇنىڭ ئىسمى ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئورۇندۇلۇش باسقۇچىدا بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان گىرامماتىكىلىق شەكىلدە ئىپادىلەنگەن. بۇ نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇ بىزگە خۇدانىڭ ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆتمۈشتە كىم بولۇشنى خالسا، شۇ بولغانلىقى ۋە ھازىرمۇ ھەم كىم بولۇشقا توغرا كەلسە، شۇ بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خۇدا ئۇ تىرىك خۇدادۇر، ھەرگىزمۇ ئەقىل-پاراسەتسىز، ھېس-تۇيغۇسىز كۈچ ئەمەس!
3 يەھۋا ياراتقۇچى بولغان (يارىتىلىش 1:1). «ئاسماننى ۋە يەرنى ۋە دېڭىزنى ۋە ئۇندا بولغان ھەممىسىنى ياراتقان تىرىك خۇدا» ئۇ دۇر (ئەلچىلەر 14:15). بىرىنچى بىر جۈپ ئىنسان، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەۋجۇداتلارنى يەھۋا ياراتقان. شۇڭا، خۇدا «ھاياتنىڭ بۇلىقى» (زەبۇر 36:9). يەنە ئۇ ھاياتنى قۇللاپ قۇۋۋەتلىگۈچى بولغان. شۇڭا، ئۇ «شۇنداق قىلغىنى بىلەن ئۆزىنى گۇۋاھسىز قويماي ياخشلىق قىلىپ ئاسماندىن سىزلەرگە يېغىن ۋە ھوسۇللۇق زامانلار ئەۋەتىپ كۆڭۈللىرىڭىزنى يىگۈلۈك ۋە خۇشلۇق بىلەن سۆيۈندۈردى» (ئەلچىلەر 14:17). ئافرىقا ۋە ئاسىيادا، نۇرغۇن كىشىلەر ئەجداتلىرى سەۋەبلىك ھاياتلىققا ئېرىشكەچ، ئەجدادلىرىغا تەشەككۈر ئېيتىپ ئۇلارغا چوقۇنىشىدۇ. ئەمما، بىرىنچى بىر جۈپ ئىنساننى يارىتىپ، ئۇلارغا پەرزەنت كۆرۈپ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى ئاتا قىلغان ياراتقۇچى ئىگە، ھەمدە ھاياتىمىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگۈچى خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىشقا تېخىمۇ بەك قەرىزدارمىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ چىن ھەقىقەتلەر توغرىسدا چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرۈڭ، نەتىجىدە سىز بەلكىم توختىماستىن مۇنداق توۋلىشىڭىز مۇمكىن: «سەن ئەي تەڭرى خۇداۋەندىمىز جالال [ئۇلۇغلۇق] ۋە ئىززەت ۋە قۇدرەت ئالغىلى لايىق دۇرسەن چۈنكى ھەممە نەرسىلەرنى سەن ياراتتىڭ ۋە سېنىڭ خاھىشىڭ بىلەن ۋۇجۇدغا كېلىپ يارىتىلدى». — ۋەھىيلەر 4:11.
4 مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق ياراتقۇچىڭىز يەھۋانى تونۇيالايسىز ۋە ئۇنىڭ قانداق خۇدا ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۆگىنەلەيسىز. مۇقەددەس كىتاب، «خۇدا مۇھەببەت دۇر» دەپ ئاشكارىلايدۇ (1-يۇھاننا 4:16؛ چىقىش 34:6، 7). مۇقەددەس كىتابنىڭ يارىتىلىش قىسىمىدىن باشلاپ ۋەھىيلەرگىچە ئوقۇغىنىڭىزدا، خۇدانىڭ ھەقىقەتەن مېھىر-مۇھەببەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيسىز. ئۆز ياراتقۇچىڭىزنى كۆپرەك چۈشىنىپ بېقىش ئۈچۈن ھەركۈنى ئۇنىڭ سۆزىنى ئوقۇشنى نېمە ئۈچۈن كۈندىلىك ئادىتىڭىزگە ئايلاندۇرۇپ باقمايسىز؟ مۇقەددەس كىتابنى پىششىق بىلىدىغان بىرسىنىڭ ياردىمىدە، مۇقەددەس كىتابنى ئەستايىدىل ئۆگىنىڭ (ئەلچىلەر 8:26–35). شۇنداق قىلىپ، يەھۋا ئادىللىقنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ رەزىللىكلەرنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيسىز (تەكرار قانۇن 32:4). ئادەمنى ئېلىپ ئېيتساق، مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئادىللىق ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئاسان ئەمەس؛ بىراق، يەھۋا ئۆز ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى مۇكەممەل ساقلايدۇ (رىملىقلار 11:33؛ 16:27). خۇدا ھەممىگە قادىر بولغاچ، ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشنى خالىسا، شۇنداق قىلىدىغان كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە (يارىتىلىش 17:1). مۇقەددەس كىتابتىكى دانا مەسلىھەتلەرنى ئۆز تۇرمۇشىڭىزدا ئەمەلىي ئىشلىتىشكە تىرىشىڭ. شۇنداق قىلىپ ياراتقۇچى ئىگىڭىزگە تېخىمۇ كۆپ تەشەككۈر ئېيتالايسىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ مەسلىھەتلىرىنىڭ دائىم بىزگە پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىسىز.
نېمە ئۈچۈن دۇئا ئارقىلىق يەھۋاغا يېقىنلىشىپ باقمايسىز؟
5 خۇداغا يېقىنلىشىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى بار. ئۇ بولسىمۇ دۇئا قىلىش. يەھۋا ئۇ «دۇئانى مۇستەجاب [قوبۇل] قىلغۇچى» (زەبۇر 65:2). ئۇ «تىلىگىنىمىزدىن ۋە پىكىر قىلغىنىمىزنىڭ ھەممىسىدىن قانچە زىيادىرەك قىلىشقا قادىر» (ئەفەسلىكلەر 3:19، 20). بىراق، «دوست» پەقەت ياردەم كېرەك بولغاندىلا ئىزدەپ كەلسە، سىز قانداق ئويلىشىڭىز مۇمكىن؟ بەلكىم ئاشۇ دوست سىزدە ياخشى تەسىر قالدۇرماسلىقى مۇمكىن. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىز ئۆزىڭىزدە بار بولغان دۇئا قىلىش ئىمتىيازىنى پەقەت ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى تىلەش ئۈچۈنلا ئىشلىتىپ قالماي، بەلكى ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتىش ۋە ئۇنى مەدھىيلەش ئۈچۈن ھەم ئىشلىتىڭ. — فىلىپىلىكلەر 4:6، 7؛ 1-سالونىكالىقلار 5:17، 18.