16-دەرس
ياردەمچى خىزمەتچىلەر جامائەت ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟
بىرما
يىغىلىشتىكى بىر بۆلەك
ۋەز خىزمەت گۇرۇپپىسى
پادىشاھلىق يىغىلىش زالىنى ئاسراش
مۇقەددەس كىتابتا جامائەتتىكى مەسئۇلىيەتلەر ئىككى تۈرلۈك ئەر قېرىنداشلارغا يەنى جامائەت «باشلامچىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىگە» تاپشۇرۇلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان (فىلىپىلىكلەر 1:1). ئادەتتە، ھەربىر جامائەتتە بىر قانچە ئاقساقاللار ۋە ياردەمچى خىزمەتچىلەر بار. ئۇنداقتا، ياردەمچى خىزمەتچىلەر پايدا-مەنپەئىتىمىز ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟
ئۇلار ئاقساقاللارغا ياردەم بېرىدۇ. شۇ ياردەمچى خىزمەتچىلەر يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان، ئىشەنچلىك ۋە ئەستايىدىل ئەرلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ياش، يەنە بەزىلىرى ياشانغان ئېتىقادچىلار. ئۇلار جامائەتنىڭ تەشكىللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ۋە جىسمانىي ئەمگەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جامائەتتىكى مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئاقساقاللار زېھنىنى تەلىم بېرىش ۋە پادىلاردىن خەۋەر ئېلىش مەسئۇلىيەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ.
ئۇلار خىزمەتلەرگە ئەمەلىي ياردەم بېرىدۇ. بەزى ياردەمچى خىزمەتچىلەر يىغىلىشلارغا كەلگەنلەرنى قارشى ئېلىشقا بەلگىلىنىدۇ. يەنە بەزىلىرى ئاۋاز ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇش، كىتاب-ژۇرناللارنى تارقىتىش، جامائەت ھېساباتى ۋە قېرىنداشلارغا ۋەز ئېيتىش دائىرىسى بۆلۈپ بېرىش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار يەنە پادىشاھلىق يىغىلىش زالىنى ئاسراشقا ياردەملىشىدۇ. ئاقساقاللار ئۇلارنى ياشانغان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىن. ياردەمچى خىزمەتچىلەرگە مەيلى قانداق مەسئۇلىيەتلەر تاپشۇرۇلسۇن، ئۇلار شۇ خىزمەتلەرنى جان كۆيدۈرۈپ ئورۇنداشقا تەييار. ئۇلارنىڭ شۇنداق پوزىتسىيىسى ۋە قىلغان ئەجرى جامائەتتە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ. — 1-تىموتىي 3:13.
ئۇلار ئەر ئېتىقادچىلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى بولىدۇ. ياردەمچى خىزمەتچىلەر مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە خاس مىجەز-خاراكتېرلەرنى يېتىلدۈرگەچ، ئۇلار ياردەمچى خىزمەتچى بولۇشقا تەيىنلەنگەن. ئۇلار يىغىلىشلاردا بەزى بۆلەكلەرگە مەسئۇل بولۇپ، ئىمان-ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەيدۇ. ۋەز ئېيتىش خىزمىتىدە باش بولۇپ، بىزنىڭ قىزغىنلىقىمىزنى ئۆستۈرىدۇ. ئۇلار ئاقساقاللار بىلەن ماسلاشقاچ، جامائەتنىڭ شاد-خۇرام ۋە ئۆملۈك كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ (ئەفەسلىكلەر 4:16). ۋاقتى كەلگەندە، ئۇلارمۇ ئاقساقاللار سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشقا لايىق بولۇشى مۇمكىن.
ياردەمچى خىزمەتچىلەر جامائەتتە قانداق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ؟
ياردەمچى خىزمەتچىلەر جامائەتتە ئىشلارنىڭ راۋان ئېلىپ بېرىلىشىغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟