7-بۆلۈم
ھەزرىتى ئەيسا كىم؟
يەھۋا ھەزرىتى ئەيسانى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن ئىدى. 1-يۇھاننا 4:9
ئەگەر يەھۋانى خۇرسەن قىلىشنى ئويلىساق، چوقۇم يەنە بىر مۇھىم شەخسنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك. ئادەم-ئاتىنى يارىتىشتىن ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى، يەھۋا ئاسماندا كۈچ-قۇدرەتلىك بىر پەرىشتىنى ياراتقان.
ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، يەھۋا شۇ پەرىشتىنى بەيتلەھەم شەھىرىدە مەريەم ئىسىملىك قىزدىن تۇغۇلۇشقا ئەۋەتتى. بالا تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويۇلغان ئىدى. — يۇھاننا 6:38.
يەر يۈزىدە ئىنسان بولۇپ ياشىغاندا، ئەيسا ئۇ خۇدانىڭ پەزىلەتلىرىنى مۇكەممەل ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇ ئاقكۆڭۈل، مېھرىبان ۋە مۇلايىم ئىدى. ئۇ يۈرەكلىك بىلەن باشقىلارغا يەھۋا خۇدا توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى ئۆگەتتى.
ئەيسا پەيغەمبەر ياخشى ئىشلارنى قىلغان، ئەمما باشقىلار ئۇنى ئۆچ كۆرگەن. 1-پېترۇس 2:21–24
دىنىي يېتەكچى ئۇستازلار ئەيسانى ئۆچ كۆرگەن، چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ يالغان تەلىملىرى ۋە يامان ئىشلىرىنى ئاشكارا قىلغان.
ھەزرىتى ئەيسا يەنە ئاغرىقلارنى ساقايتقان، ئۆلگەن بەزى ئادەملەرنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن.
دىنىي يېتەكچىلەر رىملىقلارنى ھەزرىتى ئەيسانى ئۇرۇپ-سوقۇشقا، ھەتتا ئۆلتۈرۈشكە قايىل قىلغان.