-
ئاقساقاللار جامائەت ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
15-دەرس
ئاقساقاللار جامائەت ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟
فىنلاندىيە
تەلىم بېرىش
پادىدىن خەۋەر ئېلىش
تەشكىلاتىمىزدا مۇئاش ئالىدىغان دىنىي ئۇستازلار يوق. ئەكسىنچە، بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتىگە ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە تەلەپكە لايىق بولغان يېتەكچىلەر ‹خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىنى بېقىشقا› تەيىنلەنگەن (ئەلچىلەر 20:28). شۇ ئاقساقاللار ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن ئەر ئېتىقادچىلاردۇر. ئۇلار «مەجبۇرەن ئەمەس، بەلكى . . . رازىمەنلىك بىلەن قىلىڭلار؛ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، قىزغىنلىق بىلەن قىلىڭلار» دېگەن نەسىھەتكە قۇلاق سېلىپ، كۆيۈمچان پادىچىلاردەك جامائەتنى باقىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ (1-پېترۇس 5:1–3). ئۇلار بىز ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟
ئۇلار بىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە بىزنى ھىمايە قىلىدۇ. ئاقساقاللار جامائەتنى روھىي جەھەتتىن يېتەكلەيدۇ ۋە ھىمايە قىلىپ ياردەم بېرىدۇ. خۇدانىڭ ئۇلارغا ئىشىنىپ بۇ مۇھىم خىزمەتنى تاپشۇرغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئاقساقاللار خۇدانىڭ خەلقىگە ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ بەخت-سائادەت ۋە خۇشاللىق تېپىشىغا ياردەم بېرىدۇ (2-كورىنتلىقلار 1:24). خۇددى بىر پادىچى ئېھتىيات بىلەن ھەربىر قويىدىن خەۋەر ئالغىنىدەك، ئاقساقاللار جامائەتتىكى ھەربىر ئېتىقادچىنى ئوبدان بىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. — پەندى-نەسىھەت 27:23.
ئۇلار بىزگە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى قانداق ئورۇنداشنى ئۆگىتىدۇ. ئاقساقاللار ھەر ھەپتىسى جامائەت يىغىلىشلىرىدا ئىمان-ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تەلىم بېرىدۇ (ئەلچىلەر 15:32). شۇ جان كۆيدۈرەر ئەر قېرىنداشلار خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە باشچىلىق قىلىپ، ۋەز خىزمىتىدە ھەر جەھەتتىن تەربىيىلىنىشىمىز ئۈچۈن بىز بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىدۇ.
ئۇلار بىزگە ئىلھام بېرىدۇ. ئاقساقاللار روھىي ئېھتىياجلىرىمىزدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن بىزنى ئۆيىمىزدە ياكى پادىشاھلىق زالىدا يوقلاپ، مۇقەددەس كىتابقا ئاساسەن بىزگە تەسەللىي ۋە ياردەم بېرىدۇ. — ياقۇپ 5:14، 15.
كۆپلىگەن ئاقساقاللارنىڭ جامائەتتىكى خىزمەتتىن باشقا، تۇرمۇشىنى قامدايدىغان خىزمىتى ۋە ئائىلە مەسئۇلىيەتلىرى بار. شۇلارمۇ ئۇلارنىڭ ۋاقىت چىقىرىشىنى ۋە ئېتىبار بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇ جاپاكەش قېرىنداشلىرىمىز ھەقىقەتەن چوڭقۇر ھۆرمىتىمىزگە سازاۋەر. — 1-سالونىكالىقلار 5:12، 13.
جامائەتتە ئاقساقاللار نېمە ئىش قىلىدۇ؟
ئاقساقاللار ھەربىرىمىزدىن قانداق خەۋەر ئالىدۇ؟
-
-
ياردەمچى خىزمەتچىلەر جامائەت ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
16-دەرس
ياردەمچى خىزمەتچىلەر جامائەت ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟
بىرما
يىغىلىشتىكى بىر بۆلەك
ۋەز خىزمەت گۇرۇپپىسى
پادىشاھلىق يىغىلىش زالىنى ئاسراش
مۇقەددەس كىتابتا جامائەتتىكى مەسئۇلىيەتلەر ئىككى تۈرلۈك ئەر قېرىنداشلارغا يەنى جامائەت «باشلامچىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىگە» تاپشۇرۇلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان (فىلىپىلىكلەر 1:1). ئادەتتە، ھەربىر جامائەتتە بىر قانچە ئاقساقاللار ۋە ياردەمچى خىزمەتچىلەر بار. ئۇنداقتا، ياردەمچى خىزمەتچىلەر پايدا-مەنپەئىتىمىز ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟
ئۇلار ئاقساقاللارغا ياردەم بېرىدۇ. شۇ ياردەمچى خىزمەتچىلەر يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان، ئىشەنچلىك ۋە ئەستايىدىل ئەرلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ياش، يەنە بەزىلىرى ياشانغان ئېتىقادچىلار. ئۇلار جامائەتنىڭ تەشكىللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ۋە جىسمانىي ئەمگەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جامائەتتىكى مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئاقساقاللار زېھنىنى تەلىم بېرىش ۋە پادىلاردىن خەۋەر ئېلىش مەسئۇلىيەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ.
ئۇلار خىزمەتلەرگە ئەمەلىي ياردەم بېرىدۇ. بەزى ياردەمچى خىزمەتچىلەر يىغىلىشلارغا كەلگەنلەرنى قارشى ئېلىشقا بەلگىلىنىدۇ. يەنە بەزىلىرى ئاۋاز ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇش، كىتاب-ژۇرناللارنى تارقىتىش، جامائەت ھېساباتى ۋە قېرىنداشلارغا ۋەز ئېيتىش دائىرىسى بۆلۈپ بېرىش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار يەنە پادىشاھلىق يىغىلىش زالىنى ئاسراشقا ياردەملىشىدۇ. ئاقساقاللار ئۇلارنى ياشانغان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىن. ياردەمچى خىزمەتچىلەرگە مەيلى قانداق مەسئۇلىيەتلەر تاپشۇرۇلسۇن، ئۇلار شۇ خىزمەتلەرنى جان كۆيدۈرۈپ ئورۇنداشقا تەييار. ئۇلارنىڭ شۇنداق پوزىتسىيىسى ۋە قىلغان ئەجرى جامائەتتە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ. — 1-تىموتىي 3:13.
ئۇلار ئەر ئېتىقادچىلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى بولىدۇ. ياردەمچى خىزمەتچىلەر مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە خاس مىجەز-خاراكتېرلەرنى يېتىلدۈرگەچ، ئۇلار ياردەمچى خىزمەتچى بولۇشقا تەيىنلەنگەن. ئۇلار يىغىلىشلاردا بەزى بۆلەكلەرگە مەسئۇل بولۇپ، ئىمان-ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەيدۇ. ۋەز ئېيتىش خىزمىتىدە باش بولۇپ، بىزنىڭ قىزغىنلىقىمىزنى ئۆستۈرىدۇ. ئۇلار ئاقساقاللار بىلەن ماسلاشقاچ، جامائەتنىڭ شاد-خۇرام ۋە ئۆملۈك كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ (ئەفەسلىكلەر 4:16). ۋاقتى كەلگەندە، ئۇلارمۇ ئاقساقاللار سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشقا لايىق بولۇشى مۇمكىن.
ياردەمچى خىزمەتچىلەر جامائەتتە قانداق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ؟
ياردەمچى خىزمەتچىلەر جامائەتتە ئىشلارنىڭ راۋان ئېلىپ بېرىلىشىغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
-
-
زىيارەتچى ئاقساقاللار بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
17-دەرس
زىيارەتچى ئاقساقاللار بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
مالاۋى
ۋەز خىزمەت گۇرۇپپىسى
خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش
ئاقساقاللارنىڭ كېڭەش يىغىلىشى
مۇقەددەس كىتابتا بارنابا ۋە ئەلچى پاۋلۇس دائىم تىلغا ئېلىنغان. شۇ ئېتىقادچىلار زىيارەتچى ئاقساقاللار سۈپىتىدە بىرىنچى ئەسىردىكى جامائەتچىلىكلەرنى يوقلاپ زىيارەت قىلغانىدى. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇلار ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنىڭ ھال-ئەھۋالىغا بەكمۇ كۆڭۈل بۆلگەن. پاۋلۇس نەچچە يۈز كىلومېتىر سەپەر قىلىپ يىراقتىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتىشنى خالىغان. شۇڭا، ئۇ «ئېتىقادچىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ كېلەيلى»، دېگەنىدى (ئەلچىلەر 15:36). بۈگۈنكى كۈندىكى زىيارەتچى ئاقساقاللىرىمىزمۇ شۇنداق مەقسەتتە قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلىدۇ.
ئۇلار بىزگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن كېلىدۇ. ھەر بىر رايونغا مەسئۇل ئاقساقال تەخمىنەن 20 جامائەتچىلىكنى نۆۋەت بىلەن بىر ھەپتىدىن يىلىغا ئىككى قېتىم يوقلاپ بارىدۇ. شۇ زىيارەتچى قېرىنداشلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ۋە توي قىلغان بولسا، ئاياللىرىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن كۆپ پايدا-مەنپەئەتلەرگە ئېرىشەلەيمىز. شۇ ئاقساقاللار ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى جامائەتتىكى قېرى-ياش ھەممىمىز بىلەن تونۇشۇشقا تىرىشىدۇ. ئۇلار يەنە بىز بىلەن بىرگە ۋەز ئېيتىدۇ ۋە مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتىمىزغا قاتنىشىدۇ. زىيارەتچى ئاقساقاللار جامائەت ئاقساقاللىرى بىلەن بىرگە پادىلارنى بېقىش زىيارىتى قىلىدۇ. يىغىلىشلاردا ۋە چوڭ يىغىلىشتا ئۇلار كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان نۇتۇقلارنى سۆزلەپ، ئىمان-ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەيدۇ. — ئەلچىلەر 15:34، 35.
ئۇلار ھەممىمىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. زىيارەتچى ئاقساقاللار جامائەتنىڭ روھىي جەھەتتىكى ئەھۋالىغا بەكمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. زىيارەتچى ئاقساقاللار جامائەت ئاقساقاللىرى ۋە ياردەمچى خىزمەتچىلەر بىلەن جەم بولۇپ، جامائەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە پىكىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ. ئۇلار يەنە پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ خىزمىتىنى ئۇتۇقلۇق ئورۇندىشىغا ياردەم بېرىدۇ ۋە يېڭى كەلگەنلەر بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ھەققىدە ئاڭلاشقا قىزىقىدۇ. شۇ ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى پىدا قىلىدىغان ‹خىزمەتداشلىرىمىز› بولۇپ، بىزگە ياردەم بېرىدۇ (2-كورىنتلىقلار 8:23). ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادى ۋە خۇداغا ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ئۈلگە قىلىشىمىز لازىم. — ئىبرانىيلار 13:7.
زىيارەتچى ئاقساقاللار نېمە مەقسەتتە جامائەتچىلىكلەرنى يوقلايدۇ؟
ئۇلارنىڭ زىيارىتىدىن قانداق پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيسىز؟
-
-
مۈشكۈل ئەھۋالدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا قانداق ياردەم بېرىمىز؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
18-دەرس
مۈشكۈل ئەھۋالدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا قانداق ياردەم بېرىمىز؟
دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى
ياپونىيە
ھايتى
ئاپەت يۈز بەرگەندە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان قېرىنداشلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن دەرھال تەشكىللىنىدۇ. شۇ ئارقىلىق بىر-بىرىمىزگە بولغان ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى كۆرسىتىمىز (يۇھاننا 13:34، 35؛ 1-يۇھاننا 3:17، 18). بىز ياردەم قولىمىزنى قانداق سۇنىمىز؟
ئىئانە پۇلى بېرىمىز. بىرىنچى ئەسىردە ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار يەھۇدىيەدىكى ئاچارچىلىققا ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىغا ئىئانە پۇلى ئەۋەتكەن (ئەلچىلەر 11:27–30). شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدىكى قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جىددىي موھتاجلىقلىرىغا ماددىي ياردەم بېرىش ئۈچۈن جامائىتىمىز ئارقىلىق ئىئانىلەرنى ئەۋەتىمىز. — 2-كورىنتلىقلار 8:13–15.
ئەمەلىي ياردەم بېرىمىز. ئاپەت يۈز بەرگەن جايدىكى ئاقساقاللار ھەربىر جامائەت ئەزالىرىنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار بولىدۇ. ياردەم ئورۇنلاشتۇرۇش كېڭىشى يېمەك-ئىچمەك، پاكىزە سۇ، كىيىم-كېچەك، پاناھ جاي ۋە تېببىي ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى تەشكىللەيدۇ. كۆپلىگەن گۇۋاھچىلار بۇزۇلغان ئۆيلەر ۋە پادىشاھلىق يىغىلىش زاللىرىنى رېمونت قىلىش ياكى باشقا ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆز ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىپ ياردەمگە بارىدۇ. بىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئىناق-ئىتتىپاق بىر تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشقان ۋە دائىم بىرلىكتە خىزمەت قىلىپ كۆپلىگەن تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغاچ، ئاپەتلەرگە ياردەم بېرىشكە تېزلىكتە ھەرىكەتكە كېلەلەيمىز. بىز ياردەم قولىمىزنى «ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا» سۇنۇپلا قالماستىن، قانداق دىنغا ئېتىقاد قىلىشىغا قارىماي، باشقىلارغىمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارچە ياردەم بېرىمىز. — گالاتىيالىقلار 6:10.
مۇقەددەس كىتابتىن روھىي تەسەللىي بېرىمىز ۋە كۆڭلىنى ياسايمىز. ئاپەتكە ئۇچۇرغانلار تەسەللىيگە ئەڭ موھتاج بولىدۇ. شۇنداق مۈشكۈل ئەھۋالدا، «بارلىق تەسەللىنىڭ مەنبەسى بولغان» يەھۋا بىزگە كۈچ بېرىدۇ (2-كورىنتلىقلار 1:3، 4). چۈشكۈنلەشكەن كىشىلەر بىلەن مۇقەددەس كىتابتىكى ۋەدىلەرنى ئورتاقلىشىپ، خۇدا پادىشاھلىقى پات-ئارىدا قايغۇ-ھەسرەت ۋە ئازاب-ئوقۇبەتنى پەيدا قىلىدىغان بارلىق پاجىئەلەرنى چوقۇم يوق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارغا تەسەللىي بېرىمىز. — ۋەھىيلەر 21:4.
ئاپەتلەر يۈز بەرگەندە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نېمە ئۈچۈن ياردەم بېرىشكە تېزلىكتە ھەرىكەتكە كېلەلەيدۇ؟
ئاپەتكە ئۇچۇرغانلار ئۈچۈن قانداق روھىي تەسەللىي بېرەلەيمىز؟
-
-
كىملەر ئىشەنچلىك ۋە دانا قۇل؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
19-دەرس
كىملەر ئىشەنچلىك ۋە دانا قۇل؟
ھەممىمىز روھىي ئوزۇق-تۈلۈكلىرىمىزدىن مەنپەئەتلىنىمىز
ئەيسا ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى، تۆت شاگىرتى، پېترۇس، ياقۇپ، يۇھاننا ۋە ئەندەرلەر بىلەن ئايرىم پاراڭلاشقان. ئۇ ئاخىر زاماننىڭ ئالامىتى ھەققىدىكى بېشارەتنى ئېيتقىنىدا، مۇھىم بىر سوئالنى ئوتتۇرغا قويغان: ‹خوجايىنى ئۆز ئۆي خەلقىنىڭ ئۈستىدە ۋاقتىدا ئۇلارغا غىزا بەرمەك ئۈچۈن قويغان ئىشەنچلىك ۋە دانا قۇل كىمدۇر؟› (مەتتا 24:3، 45، ب ج؛ ماركۇس 13:3، 4). ئەيسا ئۆزىنىڭ «خوجايىن» سۈپىتىدە، كەلگۈسىدە بىر تۈركۈم ئېتىقادچىلارنى تاللاپ، ئاخىر زامان كۈنلىرىدە ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە داۋاملىق روھىي ئوزۇق-تۈلۈك تەقسىملەشكە بەلگىلەيدىغانلىقىنى شۇ تۆت شاگىرتىغا بىلدۈرگەنىدى. كىملەر بۇ «قۇل» نى تەشكىل قىلغان؟
ئۇ كىچىك بىر گۇرۇپپا ئەيسانىڭ مەسىھ قىلىنغان ئەگەشكۈچىلىرىدۇر. شۇ «قۇل» يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ مەركىزى يېتەكچى كېڭىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ۋاقتى-ۋاقتىدا يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچى قېرىنداشلىرىغا روھىي ئوزۇقلۇق تەقسىملەپ بېرىدۇ. بۇ ئىشەنچلىك قۇلنىڭ ‹ئۆز ۋاقتىدا ئوزۇق-تۈلۈك تەقسىم قىلىپ› بېرىشىگە مۇھتاھمىز. — لۇقا 12:42.
ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىنى باشقۇرىدۇ (1-تىموتىي 3:15). ئەيسا مەسىھ شۇ قۇلغا يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنىڭ يەر يۈزىدىكى قىسمىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئېغىر مەسئۇلىيەتنى، يەنى مال-مۈلۈكتىن خەۋەر ئېلىش، ۋەز ئېيتىش خىزمىتىگە كۆرسەتمە بېرىش ۋە جامائەتلىرىمىز ئارقىلىق بىزگە تەلىم بېرىش خىزمەتلىرىنى تاپشۇرغان. شۇڭا، ‹ئىشەنچلىك ۋە دانا قۇل› روھىي ئوزۇقلۇق بېرىدىغان يىغىلىشلار ۋە چوڭ يىغىلىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، نەشىرى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئۆز ۋاقتىدا روھىي موھتاجلىقلىرىمىزنى قاندۇرىدۇ.
شۇ قۇل ئىشەنچلىك، چۈنكى مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىگە ۋە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىگە سادىق. شۇ قۇل دانا، چۈنكى مەسىھنىڭ ئىشىنىپ تاپشۇرغان يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىشلىرىنى پەم-پاراسەتلىك بىلەن باشقۇرىدۇ (ئەلچىلەر 10:42). يەھۋا شۇ قۇلىنىڭ خىزمىتىنى بەرىكەتلەپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ تەشكىلاتىغا ئېلىپ كىرمەكتە ۋە ئۇنىڭ مول روھىي ئوزۇقلۇقلارنى تەقسىملىشىگە ياردەم بەرمەكتە. — يەشايا 60:22؛ 65:13.
ئەيسا مەسىھ ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى روھىي جەھەتتىن تەمىنلەشكە كىملەرنى تەيىنلىگەن؟
شۇ قۇل قايسى جەھەتتىن ئىشەنچلىك ۋە دانا؟
-
-
بۈگۈنكى كۈندە مەركىزى يېتەكچى كېڭەش خىزمەتلەرنى قانداق ئېلىپ بارىدۇ؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
20-دەرس
بۈگۈنكى كۈندە مەركىزى يېتەكچى كېڭەش خىزمەتلەرنى قانداق ئېلىپ بارىدۇ؟
بىرىنچى ئەسىردىكى يېتەكچى قېرىنداشلار كېڭەش ئۈستىدە
يېتەكچى قېرىنداشلارنىڭ خېتى ئوقۇلۇۋاتىدۇ
بىرىنچى ئەسىردە، كىچىك بىر گۇرۇپپا «ئەلچىلەر ۋە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرى» يېرۇسالېمدا يىغىلىپ، بارلىق مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن مۇھىم قارارلار ئۈستىدە كېڭەش قىلىشقان (ئەلچىلەر 15:2). كېڭەش قىلغاندا، مۇقەددەس يازمىلار نېمە دەيدىغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلغان ۋە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ يولباشچىلىقىغا ئەگەشكەن، نەتىجىدە ئۇلار بىر قارارغا كەلگەن (ئەلچىلەر 15:25). بۈگۈنكى كۈندە مەركىزى يېتەكچى كېڭەش شۇ ئۈلگە بويىچە قىلىدۇ.
مەركىزى يېتەكچى كېڭەش خۇدا تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداشقا ئىشلىتىلمەكتە. مەركىزى يېتەكچى كېڭەشتە خىزمەت قىلىدىغان مەسىھ قىلىنغان قېرىنداشلار خۇدانىڭ سۆزىگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان ھەمدە خىزمەتلەرنى قانداق ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلىش، ئىمان-ئېتىقاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بېرىش تەجرىبىسى مول. ئۇلار ھەر ھەپتىسى يىغىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئېھتىياجلىرى ھەققىدە كېڭىشىدۇ. بىرىنچى ئەسىردىكىگە ئوخشاش، خەت سېلىش، زىيارەتچى ئاقساقاللار ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان كۆرسەتمىلەرنى بېرىدۇ. بۇ خۇدانىڭ خەلقىنى ئوي-پىكىر ۋە ئىش-ھەرىكەتتە بىرلىككە كەلتۈرىدۇ (ئەلچىلەر 16:4، 5). مەركىزى يېتەكچى كېڭەش روھىي ئوزۇقلۇق تەييارلاش ۋە قېرىنداشلارغا مەسئۇلىيەت تاپشۇرۇشلارغا مەسئۇل، ھەمدە بارلىق قېرىنداشلارنى پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.
مەركىزى يېتەكچى كېڭەش مۇقەددەس روھنىڭ يولباشچىلىقىغا ئىككىلەنمەي ئەگىشىدۇ. مەركىزى يېتەكچى كېڭەش پۈتكۈل ئالەمنىڭ ھۆكۈمرانى يەھۋا بىلەن جامائەتنىڭ بېشى ئەيسا مەسىھنىڭ يولباشچىلىقىغا تايىنىدۇ (1-كورىنتلىقلار 11:3؛ ئەفەسلىكلەر 5:23). كېڭەش ئەزالىرى ئۆزلىرىنى خۇدا خەلقىنىڭ رەھبەرلىرى دەپ قارىمايدۇ. ئۇلار بارلىق مەسىھ قىلىنغان باشقا ئېتىقادچىلارغا ئوخشاش، «قوزا [ئەيسا] نەگە بارسا، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىدۇ» (ۋەھىيلەر 14:4). مەركىزى يېتەكچى كېڭەش بىزنىڭ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرى ئۈچۈن قىلغان دۇئالىرىمىزدىن مىننەتدار بولىدۇ.
بىرىنچى ئەسىردە، كىملەر جامائەتنىڭ مۇھىم قارارلىرىنى كېڭىشىش ئۈچۈن يىغىلغان؟
بۈگۈنكى كۈندە مەركىزى يېتەكچى كېڭەش خۇدانىڭ يولباشچىلىقىنى قانداق ئىزدەيدۇ؟
-
-
بەيتەل قانداق جاي؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
21-دەرس
بەيتەل قانداق جاي؟
گۈزەل-سەنئەت بۆلۈمى، ئامېرىكا
گېرمانىيە
كېنىيە
كولۇمبىيە
بەيتەل ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ، مەنىسى «خۇدانىڭ ئۆيى» (يارىتىلىش 28:17، 19). يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا تەسىس قىلغان تارماق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى ۋە ئىمارەت-ئەسلىھەلىرىنى «بەيتەل»، دەپ ئاتاش بەكمۇ مۇۋاپىق. شۇ تارماق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە كۆرسەتمە بېرىدۇ ۋە شۇ خىزمەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. مەركىزى يېتەكچى كېڭەش ئامېرىكا نىيويورك شتاتىدىكى بەيتەلدە، كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى تارماق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بەيتەلدە خىزمەت قىلىدىغان ئېتىقادچى قېرىنداشلار بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق-ئىتتىپاق بىرگە ياشاپ، بىرگە خىزمەت قىلىدۇ، بىرلىكتە غىزالىنىدۇ ۋە مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىدۇ. شۇڭا، ئۇلار بەيتەل ئائىلىسى، دەپ ئاتالغان. — زەبۇر 133:1.
ئۆزىنى بېغىشلىغانلارنىڭ ئۆزگىچە ئۆيى. بەيتەل ئائىلىسىدە خۇدا پادىشاھلىقىنى قوللاش ئۈچۈن تولۇق ۋاقىت خىزمەت قىلىدىغان ئەر ۋە ئايال ئېتىقادچىلار بار، ئۇلار خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان (مەتتا 6:33). ئۇلارغا ئىش ھەققى ياكى مائاش بېرىلمەيدۇ، ئەمما تۇرالغۇ جاي، يېمەك-ئىچمەك ۋە شەخسىي لازىمەتلىكلەر ئۈچۈن تۇرمۇش خىراجىتى بېرىلىدۇ. بەيتەلدە ھەممە كىشىگە ۋەزىپە تاپشۇرۇلغان. بەزىلەر ئىشخانا، ئاشخانا، باسمىخانىلاردا ئىشلەيدۇ. يەنە بەزىلەر كىتاب تۈپلەش، تازىلاش، كىر يۇيۇش، رېمونت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ.
پادىشاھلىق ۋەز خىزمىتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغان ئالدىراش جاي. بەيتەلنىڭ ئاساسىي نىشانى، ئىمكانىيەتنىڭ بارچە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىش. بۇ كىتابچە دەل شۇنىڭ مىسالىدۇر. كىتابچە مەركىزى يېتەكچى كېڭەشنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا يېزىلىپ، ئېلېكترونلۇق ھۆججىتى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى تەرجىمە گۇرۇپپىلىرىغا يوللانغان، بىر نەچچە بەيتەللەرنىڭ باسمىخانىسىنىڭ تېز سۈرەتلىك مەتبەئە ماشىنىسىدا بېسىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، 118000 دىن ئارتۇق جامائەتچىلىكلەرگە ئەۋەتىلگەن. شۇ ھەربىر قەدەم باسقۇچلار ئارقىلىق، بەيتەللەر ئەڭ جىددىي ۋەزىپە، يەنى خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتىنى زۆرۈر ياردەملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. — ماركۇس 13:10.
كىملەر بەيتەلدە خىزمەت قىلىدۇ؟ ئۇلار قانداق تەمىنلەشكە ئېرىشىدۇ؟
ھەربىر بەيتەلدىكى خىزمەتلەر قانداق جىددىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا ياردەم بېرىدۇ؟
-
-
تارماق ئىش بېجىرىش ئورنى قانداق ئىشلارغا مەسئۇل؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
22-دەرس
تارماق ئىش بېجىرىش ئورنى قانداق ئىشلارغا مەسئۇل؟
سولومون تاقىم ئاراللىرى
كانادا
جەنۇبىي ئافرىقا
ھەربىر تارماق ئىش بېجىرىش ئورنى بىر ياكى بىرقانچە دۆلەتلەردىكى ۋەز ئېيتىش پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل. شۇ تارماق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىدا بەيتەل ئائىلە ئەزالىرى ھەر تۈرلۈك بۆلۈملەردە خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار تەرجىمە گۇرۇپپىلىرىدا خىزمەت قىلىشى ياكى ژۇرناللارنى بېسىش، كىتابلارنى تۈپلەش، ئامباردىكى كىتاب-ژۇرناللارنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۈن-سىن نەشىرى ماتېرىياللىرى تەييارلاش ياكى تارماق ئىش بېجىرىش ئورنى مەسئۇل جايلار ئۈچۈن باشقا ئىشلارنى قىلىشى مۇمكىن.
تارماق ئىش بېجىرىش كېڭىشىنىڭ ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىشى. مەركىزى يېتەكچى كېڭەش تارماق ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى پائالىيەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشنى تارماق ئىش بېجىرىش كېڭىشىگە تاپشۇرغان. بۇ كېڭەش ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك لاياقەتلىك ئاقساقاللاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، مەسئۇل جايلاردىكى خىزمەتلەرنىڭ ئەھۋالى ۋە دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە مەركىزى يېتەكچى كېڭەشنى خەۋەردار قىلىدۇ. شۇ ئۇچۇرلار مەركىزى يېتەكچى كېڭەشنىڭ نەشىرى ماتېرىياللار، يىغىلىشلار ۋە چوڭ يىغىلىشلار ئۈچۈن قانداق تېمىلارنى تاللىشىغا ياردەم بېرىدۇ. مەركىزى يېتەكچى كېڭەش دائىم تارماق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلىشقا ۋەكىللەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدۇ. ئۇلار تارماق ئىش بېجىرىش كېڭىشىنىڭ خىزمەتلىرى ئۈچۈن كۆرسەتمىلەر بېرىدۇ (پەندى-نەسىھەت 11:14). زىيارەت قىلغۇچى ۋەكىل كەلگەندە، تارماق ئىش بېجىرىش ئورنى مەسئۇل بولغان جايلاردىكى كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ يىغىلىش مەركىزى يېتەكچى كېڭەش ئەۋەتكەن ۋەكىلنىڭ بىر نۇتۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يەرلىك جامائەتچىلىكلەرنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. تارماق ئىش بېجىرىش ئورنىدا بەزى قېرىنداشلار يېڭى جامائەت تەشكىللەش ئىلتىماسىنى تەستىقلاش ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە تارماق ئىش بېجىرىش ئورنى مەسئۇل جايلاردىكى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار، يات ئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچىلار ۋە زىيارەتچى ئاقساقاللارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل. تارماق ئىش بېجىرىش ئورنى چوڭ يىغىلىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، پادىشاھلىق يىغىلىش زاللىرىنىڭ يېڭى قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە جامائەتچىلىككە كېرەكلىك كىتاب-ژۇرناللارنى يەتكۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. تارماق ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك ئورۇندىلىشى ئۈچۈندۇر. — 1-كورىنتلىقلار 14:33، 40.
تارماق ئىش بېجىرىش كېڭىشى مەركىزى يېتەكچى كېڭەشكە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
تارماق ئىش بېجىرىش ئورنى قانداق ئىشلارغا مەسئۇل؟
-
-
كىتاب-ژۇرناللىرىمىز قانداق يېزىلىدۇ ۋە تەرجىمە قىلىنىدۇ؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
23-دەرس
كىتاب-ژۇرناللىرىمىز قانداق يېزىلىدۇ ۋە تەرجىمە قىلىنىدۇ؟
يېزىقچىلىق بۆلۈمى، ئامېرىكا
كورىيە
ئەرمېنىيە
بۇرۇندى
سىرىلانكا
«ھەربىر خەلق، قەبىلە ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرگە . . . خۇش خەۋەرنى» پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن جاكارلاش ئۈچۈن تەخمىنەن 750غا يېقىن تىلدا كىتاب-ژۇرناللارنى نەشىر قىلىمىز (ۋەھىيلەر 14:6). شۇنچە مۈشكۈل بۇ ۋەزىپە قانداق ئورۇندىلىدۇ؟ دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى ئۆزىنى پىدا قىلىدىغان يازغۇچىلار ۋە تەرجىمانلارنىڭ ياردىمىدە شۇ ۋەزىپىنى ئورۇندايمىز. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىدۇر.
ئەسلى تېكىست ئىنگلىز تىلىدا يېزىلىدۇ. مەركىزى يېتەكچى كېڭەش يېزىقچىلىق بۆلۈمىنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل. بۇ بۆلۈم ئامېرىكىدىكى بەيتەل ۋە باشقا تارماق ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى يازغۇچىلارنىڭ خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. يازغۇچىلار ھەر دۆلەت ۋە ھەر مىللەت كىشىلىرىدىن بولغاچ، ھەر خىل مەدەنىيەت تېمىلىرىدا يېزىلغان نەشىرى ماتېرىياللىرىمىز دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى ئادەملەرنى قىزىقتۇرىدۇ.
شۇ تېكىست تەرجىمانلارغا يوللىنىدۇ. يېزىلغان ماتېرىيال تەھرىرلىنىپ، تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئېلېكترونلۇق ھۆججىتى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى تەرجىمە گۇرۇپپىلىرىغا ئەۋەتىلىدۇ. تەرجىمە گۇرۇپپىسى ماتېرىيالنى تەرجىمە قىلىش، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ۋە ئوقۇپ تۈزىتىش خىزمەتلىرىنى تاماملايدۇ. ئۇلار ئىنگلىزچە تېكىستنىڭ مەنىسىنى تەرجىمە قىلىدىغان تىلدا تولۇق ئىپادىلەش ئۈچۈن «دۇرۇس، ھەقىقەت سۆزلىرىدىن» سۆز-ئىبارە تاللاشقا تىرىشىدۇ. — ۋەز 12:10.
كومپيۇتېر شۇ قەدەم باسقۇچلارنىڭ جەريانىنى تېزلىتىدۇ. كومپيۇتېر ئەلۋەتتە يازغۇچىلار ۋە تەرجىمانلارنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. بىراق، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى سۈپىتىدە تۈزۈلگەن لۇغەتلەر، تىل قوراللىرى ۋە ئىزدىنىش ماتېرىياللىرى ئۇلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى تېزلىتىدۇ. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى كۆپ تىللىق ئېلېكترونلۇق نەشىر سىستېمىسى (MEPS) لاھىيىلىگەن. بۇ سىستېمىغا نەچچە يۈزلىگەن تىلدا تېكىستلەرنى كىرگۈزۈشكە بولىدۇ، سىستېما مۇھىتىدا تەرجىمە قىلىنغان تېكىستلەر بىلەن سۈرەتلەر كىرىشتۈرۈلۈپ بەت ياسىلىپ باسمىغا تەييار قىلىنىدۇ.
بەزى تىللاردا سۆزلەيدىغان كىشىلەرنىڭ سانى بىرقانچە مىڭ بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ بارىچە شۇ تىللاردا ماتېرىياللارنى نەشىر قىلىمىز؟ سەۋەبى، يەھۋا ھەر تۈرلۈك «ئىنساننىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونۇشىنى خالايدۇ»، بۇ دەل ئۇنىڭ ئىرادىسىدۇر. — 1-تىموتىي 2:3، 4.
نەشىرى ماتېرىياللىرىمىزنى يېزىش قانداق جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن كىتاب-ژۇرناللىرىمىزنى شۇنچە كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىمىز؟
-
-
دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى خىزمەتلىرىمىزنى كىم ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەيدۇ؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
24-دەرس
دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى خىزمەتلىرىمىزنى كىم ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەيدۇ؟
نېپال
توگو
برىتانىيە
تەشكىلاتىمىز ھەر يىلى مىليونلىغان مۇقەددەس كىتاب ۋە باشقا نەشىرى ماتېرىياللارنى نەشىر قىلىپ ھەقسىز تارقىتىدۇ. پادىشاھلىق يىغىلىش زاللىرى ۋە تارماق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ ئىمارەت-ئەسلىھەلىرىنى سالىدۇ ۋە رېمونت قىلىدۇ. يەنە بەيتەلدە خىزمەت قىلىدىغان نەچچە ئون مىڭ كىشىنى ۋە يات ئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچىلارنى خىراجەت بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە ئاپەت يۈز بەرگەن جايلارغا ئىقتىسادى ياردەملەرنى بېرىدۇ. بەلكىم سىز، ‹كىم شۇ خىزمەتلەرنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەيدىغاندۇ؟› دەپ ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن.
ھېچكىمدىن پۇل تەلەپ قىلمايمىز. خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتىمىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە كۆپ ئىقتىساد كېتىدىغان بولسىمۇ، ھېچكىمدىن پۇل سورىمايمىز. بىر ئەسىر ئىلگىرى، «كۆزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلىنىڭ 2-سانىدا، بىز يەھۋانىڭ تەشكىلاتىمىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ۋە «ھەرگىز ئىنسانلاردىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى تىلىمەيمىز ياكى ئۇلارغا يېلىنمايمىز» دەپ جاكارلانغان. ھەقىقەتەن، بىز بۈگۈنگىچە ھېچكىمگە يېلىنمىدۇق. — مەتتا 10:8.
ئىختىيارى ئىئانىلەر ئارقىلىق خىزمەتلىرىمىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمىز. نۇرغۇن كىشىلەر مۇقەددەس كىتاب تەلىم-تەربىيە خىزمىتىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، خىزمىتىمىزنى قوللاپ ئىئانىلەرنى بېرىدۇ. گۇۋاھچىلار ھەم پۈتكۈل يەر يۈزىدە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداشقا ئۆز ۋاقتى، زېھىن كۈچى، ئىقتىسادى ۋە باشقا بايلىقلىرىنى خۇشاللىق بىلەن سەرپ قىلىشىدۇ (1-تارىخنامە 29:9). پادىشاھلىق يىغىلىش زالىدا ۋە چوڭ يىغىلىشلاردا ئىئانە بېرىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن ئىئانە ساندۇقلىرى بار، ياكى بىزنىڭ jw.org تور بېتىمىز ئارقىلىق ئىئانە بېرەلەيسىز. شۇ ئىئانىلەرنى بېرىدىغانلار ئاساسلىقى ئەيسا مەسىھ ماختىغان ئىككى تەڭگىسىنى ئىبادەتخانىدىكى ئىئانە ساندۇقىغا تاشلىغان كەمبەغەل تۇل ئايالغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاددىي كىشىلەردۇر (لۇقا 21:1–4). شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەركىم «ئۆز كۆڭلىدە نىيەت قىلغىنى بويىچە» بېرىش ئۈچۈن دائىم بىر قىسىم پۇللىرىنى «ئىئانىگە ئاجرىتىپ» قويالايدۇ. — 1-كورىنتلىقلار 16:2؛ 2-كورىنتلىقلار 9:7.
شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يەھۋا ئۆز ھەدىيىلىرى بىلەن ئۇنى ئۇلۇغلاشنى خالايدىغانلارنىڭ قەلبىنى پادىشاھلىق ۋەز خىزمىتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە داۋاملىق مايىل قىلىدۇ. شۇ يوسۇندا ئۇنىڭ ئىرادىسى ئورۇندىلىدۇ. — پەندى-نەسىھەت 3:9.
نېمە يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى باشقا دىنلاردىن پەرقلىق قىلىدۇ؟
ئىختىيارى ئىئانىلەر نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟
-
-
پادىشاھلىق يىغىلىش زاللىرىنى نېمە مەقسەتتە ۋە قانداق سالىمىز؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
25-دەرس
پادىشاھلىق يىغىلىش زاللىرىنى نېمە مەقسەتتە ۋە قانداق سالىمىز؟
بولىۋىيە
نىگېرىيە، ئىلگىرى ۋە ھازىر
تاخىيتى
«پادىشاھلىق يىغىلىش زالى» دېگەن ئىسىمدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ جايدا خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاساسىي تەلىمىنى مۇلاھىزە قىلىمىز. ئەيسامۇ شۇ پادىشاھلىققا دائىر خۇش خەۋەرنى ۋەز ئېيتقانىدى. — لۇقا 8:1.
ئۇلار مەھەللىدىكى ھەق ئىبادەتنىڭ مەركىزىدۇر. پادىشاھلىق يىغىلىش زاللىرىدا يەرلىك يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ۋەز خىزمەتلىرىنى تەشكىللەيدۇ (مەتتا 24:14). يىغىلىش زاللىرى چوڭ-كىچىكلىكى، لاھىيىلىنىشى ھەر خىل بولۇپ، ھەشەمەتلىك ئەمەس، بەلكى ئېھتىياجغا لايىق ئىمارەتلەردۇر. ئادەتتە، بىرقانچە جامائەت بىر يىغىلىش زالىنى ئىشلىتىدۇ. يېقىنقى يىللاردا، جامائەتچىلىكلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن نەچچە ئون مىڭ پادىشاھلىق يىغىلىش زاللىرىنى سېلىپ كېلىۋاتىمىز (ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە بەش زال). بۇ ئىشلارنى قىلىش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ — مەتتا 19:26.
ئۇلار پادىشاھلىق يىغىلىش زالى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قىلىنغان ئىئانىلەر ئارقىلىق سېلىنغان. توپلانغان شۇ ئىئانىلەر تارماق ئىش بېجىرىش ئورنىغا ئەۋەتىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق پادىشاھلىق يىغىلىش زالى سېلىش ياكى ئوڭشاپ يېڭىلاشقا ئېھتىياجلىق بولغان جامائەتلەر ياردەم بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
ئۇلار ھەر تۈرلۈك ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە كىشىلەرنىڭ ھەقسىز ئەمگىكى ئارقىلىق سېلىنغان. نۇرغۇن دۆلەتلەردە «پادىشاھلىق يىغىلىش زالى قۇرۇلۇش گۇرۇپپىلىرى» تەشكىللەنگەن. قۇرۇلۇش خىزمەتچىلىرى ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلىگۈچىلەر گۇرۇپپىلىرى دۆلەت ئىچىدە، ھەتتا چەت جايلاردىكى جامائەتلەرگە نۆۋەت بىلەن بېرىپ، يەرلىك جامائەتنىڭ پادىشاھلىق يىغلىش زالى سېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. باشقا دۆلەتلەردە، بەلگىلەنگەن رايۇندىكى يىغىلىش زاللىرىنى سېلىش ۋە ئوڭشاپ يېڭىلاش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا لاياقەتلىك گۇۋاھچىلارنى مەسئۇل قىلغان. گەرچە شۇ رايۇندىكى نۇرغۇن تېخنىك ئۇستىلار ھەقسىز ئەمگىكى بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلىسىمۇ، قۇرۇلۇش ئىشىدا ھەقسىز ئەمگەك كۈچى چىقارغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى يەرلىك جامائەتتىكى قېرىنداشلاردۇر. يەھۋانىڭ روھى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ جان-دىل بىلەن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىق بۇ ئىشلارنى قىلىش مۇمكىن بولىدۇ. — زەبۇر 127:1؛ كولوسىلىقلار 3:23.
نېمە ئۈچۈن ئىبادەت قىلىدىغان جايىمىز پادىشاھلىق يىغىلىش زالى دەپ ئاتالغان؟
دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا پادىشاھلىق يىغىلىش زاللىرىنى سېلىش قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟
-
-
پادىشاھلىق يىغىلىش زالىنى ئاسراشقا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
26-دەرس
پادىشاھلىق يىغىلىش زالىنى ئاسراشقا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
ئېستونىيە
زىمبابۋې
موڭغۇلىيە
پوئېرتورىكو
يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ پادىشاھلىق يىغىلىش زالى يەھۋانىڭ مۇقەددەس ئىسمى بىلەن باغلىنىشلىق بولغاچ، شۇ جاينى پاكىزە، كۆركەم ۋە رەتلىك ساقلاش بىز ئۈچۈن شان-شەرەپتۇر. بۇ ھەم ھەق ئىبادەتلىرىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، ھەممىمىز ئۆز كۈچىمىزنى قوشالايمىز.
يىغىلىشتىن كېيىن تازىلىق قىلىشقا كۈچ چىقىرىش. ھەربىر يىغىلىشتىن كېيىن، قېرىنداشلار خۇشال-خۇراملىق بىلەن پادىشاھلىق يىغىلىش زالىنى تازىلاپ رەتلەيدۇ. ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم چوڭراق تازىلىق قىلىدۇ. بىر ئاقساقال ياكى ياردەمچى خىزمەتچى بۇ تازىلىق ئىشىغا مەسئۇل بولۇپ، ئادەتتە قىلىدىغان ئىشلار تىزىملىكى بويىچە تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بەزىلەر سۈپۈرۈش، پول سۈرۈتۈش، چاڭ-توزاننى تازىلاش، ئورۇندۇقلارنى رەتلەش، تازىلىق ئۆيلىرىنى تازىلاش ۋە مىكروبسىزلاندۇرۇش، ئەينەكلەرنى سۈرۈتۈش، ئەخلەتلەرنى تاشلاش ۋە يىغىلىش زال ھويلىسىنى تازىلاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ. يىلدا ئاز بولغاندا بىر قېتىم بىر كۈنلۈك چوڭ تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. پەرزەنتلىرىمىزگە بەزى ئىشلارنى بۆلۈپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارغا ئىبادەت جايىمىزنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىتىمىز. — ۋەز 5:1.
زۆرۈر تۈزەپ ئوڭشاش ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىش. ھەر يىلى پادىشاھلىق يىغىلىش زالىنىڭ ئىچى-تېشى تەپسىلىي تەكشۈرۈلىدۇ. شۇ تەكشۈرۈشكە ئاساسەن، يىغىلىش زالىنى ئاسراش ۋە ئوڭشاش ئىشلىرى قەرەللىك ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇنداق قىلىش ئارتۇقچە چىقىملاردىن خالىي بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ (2-تارىخنامە 24:13؛ 34:10). پاكىزە ۋە رەتلىك ساقلانغان پادىشاھلىق يىغىلىش زالى خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق جايدۇر. بۇ ئىشلارغا ئۆز كۈچىمىزنى چىقىرىش ئارقىلىق يەھۋانى سۆيىدىغانلىقىمىزنى ۋە ئىبادەت جايىمىزنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (زەبۇر 122:1). بۇ ھەم مەھەللىدىكى باشقا كىشىلەرگە ياخشى تەسىر قالدۇرىدۇ. — 2-كورىنتلىقلار 6:3.
نېمە ئۈچۈن ئىبادەت جايىمىزنى قەدىرلەيمىز؟
پادىشاھلىق يىغىلىش زالىنى پاكىزە ساقلاش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىمىز؟
-
-
پادىشاھلىق يىغىلىش زالى كۇتۇپخانىسىدىن قانداق پايدىلىنالايمىز؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
27-دەرس
پادىشاھلىق يىغىلىش زالى كۇتۇپخانىسىدىن قانداق پايدىلىنالايمىز؟
ئىسرائىلىيە
چېخ جۇمھۇرىيىتى
بېنىن
كايمان تاقىم ئاراللىرى
سىز مۇقەددەس كىتاب ھەققىدىكى بىلىمىڭىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىشلەرنى قىلىپ بېقىشنى خالامسىز؟ مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنغان مەلۇم بىر ئايەت، شەخس، ئورۇن ياكى نەرسىگە ئالاھىدە قىزىقامسىز؟ ياكى غەم-ئەندىشىڭىز بولسا، مۇقەددەس كىتاب ياردەم بېرەلەرمۇ دەپ ئويلاۋاتامسىز؟ ئۇنداقتا، پادىشاھلىق يىغىلىش زالى كۇتۇپخانىسىنى زىيارەت قىلىڭ.
كۇتۇپخانىدا ئىزدىنىش قوراللىرىدىن پايدىلىنالايسىز. بەلكىم، سىزدە يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ئانا تىلىڭىزدىكى نەشىرى ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسى يوق بولۇشى مۇمكىن. بىراق، پادىشاھلىق يىغىلىش زالى كۇتۇپخانىسىدا يېقىنقى يىللاردا نەشىر قىلىنغان ماتېرىياللارنىڭ كۆپىنچىسى بار. يەنە مۇقەددەس كىتابنىڭ بىرقانچە تەرجىمە نۇسخىلىرى، ياخشى بىر لۇغەت ۋە باشقا پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىمۇ بار بولۇشى مۇمكىن. يىغىلىشلاردىن ئاۋۋال ياكى كېيىن، كۇتۇپخانىدىن خالىغانچە پايدىلىنالايسىز. ئەگەر كومپيۇتېر قويۇلغان بولسا، «كۆزىتىش مۇنارى كۇتۇپخانىسى» قاچىلانغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى كۆپلىگەن نەشىرى ماتېرىياللىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىشلىتىش ئاسان بولغان ئىزدەش ئىقتىدارى ئارقىلىق بىر تېما، بىر سۆز ياكى بىر ئايەتنى تاپالايسىز.
ۋەز خىزمەت ۋە ھاياتىمىز — يىغىلىشىدا ئوقۇغۇچىلار كۇتۇپخانىدىن پايدىلىنالايدۇ. تاپشۇرۇقلىرىڭىزغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، پادىشاھلىق يىغىلىش زالى كۇتۇپخانىسىدىن ياخشى پايدىلىنالايسىز. ۋەز خىزمەت ۋە ھاياتىمىز — يىغىلىشىغا مەسئۇل ئاقساقال كۇتۇپخانىنى باشقۇرىدۇ. ئۇ ئەڭ يېڭى ماتېرىياللارنىڭ شۇ يەردە بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ رەتلىك ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇ ئاقساقال ياكى سىز بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىۋاتقان گۇۋاھچى سىزگە كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى قانداق ئىزدەپ تېپىشنى كۆرسىتىپ قويىدۇ. ئەمما، كۇتۇپخانىدىكى كىتابلارنى پادىشاھلىق يىغىلىش زالىدىن ئېلىپ كېتىشكە بولمايدۇ. بىز كىتابلارنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىپ، ھەرقانداق بەلگىلەرنى سىزىپ قويماسلىقىمىز كېرەك.
مۇقەددەس كىتاب ‹خۇدانى ھەقىقىي تونۇش› ئۈچۈن، چوقۇم «يوشۇرۇن خەزىنە ئىزدىگەندەك» ئىزدىنىشكە ئىنتىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ (پەندى-نەسىھەت 2:1–5). پادىشاھلىق يىغىلىش زالى كۇتۇپخانىسى سىزنىڭ ئىزدىنىشنى باشلىشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
پادىشاھلىق يىغىلىش زالى كۇتۇپخانىسىدا قانداق ئىزدىنىش قوراللىرى بار؟
كۇتۇپخانىدىن ئەڭ ياخشى پايدىلىنىشىڭىزغا كىم ياردەم بېرەلەيدۇ؟
-
-
تور بېكىتىمىزدىن نېمىلەرنى تاپالايسىز؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
28-دەرس
تور بېكىتىمىزدىن نېمىلەرنى تاپالايسىز؟
فرانسىيە
پولشا
روسىيە
ئەيسا مەسىھ ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە: «سىلەرنىڭ نۇرۇڭلار ئىنسانلار ئالدىدا شۇنداق چاقنىسۇنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ، ئەرشتىكى ئاتاڭلارغا مەدھىيىلەر ئوقۇسۇن»، دېگەنىدى (مەتتا 5:16). شۇنداق قىلىش ئۈچۈن، ئىنتېرنېتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زامانىۋى تېخنىكىلاردىن ياخشى پايدىلانماقتىمىز. تور بېكىتىمىز www.jw.org يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئىمان-ئېتىقادى ۋە ئىش-پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى توردىكى قانۇنلۇق ئۇچۇرلارنىڭ مەنبەسى. تور بېكىتىمىزدە يەنە قانداق مەزمۇنلار بار؟
مۇقەددەس كىتابنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سوئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرى. تور بېكىتىمىزدىن كىشىلەر كۆپ سورايدىغان بەزى ئەڭ مۇھىم سوئاللارغا جاۋاب تاپالايسىز. مەسىلەن، «ئازاب-ئوقۇبەتلەر بىر كۈنى تۈگەرمۇ؟» ۋە «ئۆلۈكلەر راستتىنلا قايتا ھاياتلىققا ئېرىشەلەمدۇ؟» دېگەن ۋاراقچىلارنىڭ 600 دىن كۆپرەك تىلدا تور نەشىرى بار. يەنە 130 دىن كۆپرەك تىللاردا مۇقەددەس كىتابنىڭ «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» ۋە مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان «مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ھەقىقەت بار؟» دېگەن كىتابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماتېرىياللارنى تېپىشقا بولىدۇ. ھەمدە «كۆزىتىش مۇنارى» ۋە «ئويغىنىش!» ژۇرناللىرىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىرىنىمۇ تاپالايسىز. شۇ نەشىرى ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى توردا ئوقۇش ياكى ئاڭلاشقا بولىدۇ ۋە ياكى شۇلارنىڭ MP3، PDF ۋە EPUB ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرۈشكە بولىدۇ. ھەتتا قىزىقىدىغان كىشىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلىدىكى ماتېرىياللارنىڭ بىرقانچە بەتلىرىنى بېسىپ چىقىرالايسىز! كۆپلىگەن ئىما-ئىشارەت تىللىرىدا سىن نەشىرى ماتېرىياللىرى بار. بوش ۋاقىتلاردا ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن دراما شەكىلدىكى مۇقەددەس كىتاب ئوقۇشلۇقى، مۇقەددەس كىتاب درامىلىرى ۋە يېقىملىق مۇزىكىلارنىمۇ چۈشۈرەلەيسىز.
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەققىدىكى توغرا ئۇچۇرلار. تور بېكىتىمىزدە دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى خىزمەتلىرىمىز، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىغا تەسىر قىلىۋاتقان ئىش-ۋەقەلەر ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا بەرگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر ۋە قىسقىچە فىلىملەر ئېلان قىلىنغان. سىز يەنە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان چوڭ يىغىلىشلارنىڭ ئۇقتۇرۇشلىرى ۋە تارماق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىمىزنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى تاپالايسىز.
ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق، بىز يەر يۈزىنىڭ چەت جايلىرىغىچە چېچىۋاتقان ھەقىقەت نۇرىدىن ئانتاركتىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە قىتئەدىكى كىشىلەر مەنپەئەتلەنمەكتە. شۇنداق دۇئا قىلىمىزكى، يەھۋانىڭ سۆزى يەر يۈزىنىڭ ھەممىلا جايلىرىغا تېز تارقىلىپ، خۇداغا شان-شەرەپ، مەدھىيىلەر ئوقۇلسۇن. — 2-سالونىكالىقلار 3:1.
كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىنى ئۆگىنىشىگە www.jw.org قانداق ياردەم بېرىۋاتىدۇ؟
تور بېكىتىمىزدىن قانداق ئۇچۇرلارنى ئىزدىمەكچىسىز؟
-