كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • خ‌خ 15-‏دە‌رس 1-‏4 سۇ‌ئال.‏
  • نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا ھە‌ققىدە ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىڭىز لازىم؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا ھە‌ققىدە ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىڭىز لازىم؟‏
  • خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • قانداق قىلىپ خۇ‌داغا يېقىنلىشالايسىز؟‏
    خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • بىز ئۈچۈن «خۇ‌داغا يېقىنلىشىش ياخشىدۇ‌ر»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى داۋاملىق تە‌تقىق قىلىشىڭىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • ئىلگىرى ئۆزىڭىزدىن شۇ‌نداق سوراپ باققانمۇ؟‏
    كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
كۆپرەك ئۇچۇرلار
خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
خ‌خ 15-‏دە‌رس 1-‏4 سۇ‌ئال.‏

15-‏دە‌رس

نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا ھە‌ققىدە ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىڭىز لازىم؟‏

1.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش سىزگە قانداق پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌ت ئېلىپ كېلىدۇ؟‏

ىشتىكی ئوٰزوٰلوٰشته موُقه‌دده‌س كىتابنی ئوقوُپ-‏ئوگىنىۋاتقان ئىككی ئايال

مۇ‌شۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئاساسىي تە‌لىملىرى ھە‌ققىدىكى قىسقىچە بايانلار،‏ سىزنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى كۈچە‌يتكە‌نلىكى شە‌ك-‏شۈبھىسىزدۇ‌ر.‏ بۇ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ يېتىلدۈرۈش زۆرۈر (‏1-‏پېترۇ‌س 2:‏2)‏.‏ سىزنىڭ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىق ئۈمىدىڭىز،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىش ئارقىلىق خۇ‌داغا يېقىنلىشىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىڭىزغا باغلىقتۇ‌ر.‏​‏—‏ يۇ‌ھاننا 17:‏3؛‏ 1-‏تىموتىي 2:‏3،‏ 4-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

خۇ‌دا ھە‌ققىدىكى بىلىمىڭىز ئاشقانسېرى،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزمۇ بارغانسېرى كۈچىيىدۇ.‏ ئىمان-‏ئېتىقاد خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏ئىبرانىيلار 11:‏1،‏ 6)‏.‏ يە‌نە سىزنى توۋا قىلىش ۋە تۇ‌رمۇ‌ش ئادە‌تلىرىڭىزدە بە‌زى پايدىلىق ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشقا ھە‌رىكە‌تلە‌ندۈرىدۇ.‏​‏—‏ ئە‌لچىلە‌ر 3:‏19-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

2.‏ خۇ‌دا ھە‌ققىدىكى بىلىمىڭىز باشقىلارغا قانداق پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌ت ئېلىپ كېلە‌لە‌يدۇ؟‏

خوُداغا دوُئا قىلىۋاتقان ئايال

يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلۇ‌قتا بولۇ‌شنى خالايدىغىنىڭىزنى دۇ‌ئادا ئېيتىڭ

ئۆزىڭىزنىڭ ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى باشقىلار بىلە‌ن ئورتاقلىشىشقا تە‌قە‌ززا بولۇ‌ش ناھايىتى تە‌بئىي ئىش.‏ چۈنكى،‏ ھە‌ممىمىز باشقىلارنى خۇ‌ش قىلىدىغان خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈشنى ياخشى كۆرىمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رغىنىڭىزدا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئىشلىتىپ،‏ ئۆزىڭىزنىڭ يە‌ھۋاغا ۋە خۇ‌شخە‌ۋە‌رگە بولغان ئىشە‌نچىنى قانداق قىلىپ باشقىلارغا چۈشە‌ندۈرۈشنى ئۆگىنە‌لە‌يسىز.‏​‏—‏ رىملىقلار 10:‏13–‏15-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

كۆپلىگە‌ن كىشىلە‌ر خۇ‌شخە‌ۋە‌رنى ئۆز دوست-‏يارە‌ن ۋە ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرى بىلە‌ن ئورتاقلىشىشقا باشلايدۇ.‏ پە‌م-‏پاراسە‌تلىك بولۇ‌ڭ!‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىشە‌نچ ئە‌قىدىسىنى خاتا دېمە‌ي،‏ ئە‌كسىچە ئۇ‌لارغا خۇ‌دانىڭ ۋە‌دىلىرى ھە‌ققىدىكى خە‌ۋە‌رنى ئېيتىڭ.‏ شۇ‌نىمۇ ئە‌ستە ساقلاش كېرە‌ككى،‏ ئېيتقان سۆزلىرىڭىزگە قارىغاندا مېھرىبانلىق بىلە‌ن قىلغان ئىشلىرىڭىز باشقىلارنى بە‌كرە‌ك تە‌سىرلە‌ندۈرىدۇ.‏​‏—‏ 2-‏تىموتىي 2:‏24،‏ 25-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

3.‏ خۇ‌دا بىلە‌ن قانداق مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورنىتالىشىڭىز مۇ‌مكىن؟‏

خۇ‌دانىڭ سۆزىنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش سىزنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتە ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ سىز ئاخىرىدا يە‌ھۋا بىلە‌ن ئالاھىدە مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورنىتالايسىز.‏ يە‌نى خۇ‌داغا تە‌ۋە بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئە‌زاسى بولالايسىز.‏​‏—‏ 2-‏كورىنتلىقلار 6:‏18-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

4.‏ قانداق قىلىپ داۋاملىق روھىي جە‌ھە‌تتە ئۆسۈپ يېتىلە‌لە‌يسىز؟‏

خۇ‌دانىڭ سۆزىنى تە‌تقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق سىز روھىي جە‌ھە‌تتە ئالغا ئىلگىرىلىيە‌لە‌يسىز (‏ئىبرانىيلار 5:‏13،‏ 14)‏.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىدىن بىرىنى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏ دېگە‌ن كىتابنى ئىشلىتىش ئارقىلىق سىز بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە تە‌كلىپ قىلىڭ.‏ خۇ‌دا سۆزىدىن كۆپرە‌ك ئۆگە‌نگە‌نسېرى،‏ تۇ‌رمۇ‌شىڭىز تېخىمۇ بە‌ختلىك بولىدۇ.‏​‏—‏ زە‌بۇ‌ر 1:‏1–‏3؛‏ 73:‏27،‏ 28-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

موُقه‌دده‌س كىتاب ئوقوُپ-‏ئوگىنىشنی ته‌غدىم قىلىۋاتقان يه‌هۋا گوُۋاهچىلىری

خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر «شاد-‏خۇ‌رام خۇ‌دا» يە‌ھۋادىن كېلىدۇ (‏1-‏تىموتىي 1:‏11،‏ ي د)‏.‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە يېقىنلىشىش ئارقىلىق ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشالايسىز (‏ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25)‏.‏ ھە‌قىقىي ھايات،‏ يە‌نى مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن داۋاملىق يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشقا تىرىشىڭ.‏ دە‌رۋە‌قە،‏ سىز قىلالايدىغان ئىشلار ئارىسىدا خۇ‌داغا يېقىنلىشىشتىنمۇ ئارتۇ‌ق ياخشى ئىش يوقتۇ‌ر!‏​‏—‏ 1-‏تىموتىي 6:‏19-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏ دېگە‌ن كىتابنىڭ 18-‏بابىغا قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش