26-دەرس
نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيادا يامانلىقلار ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەر كۆپ؟
ئادەملەر پاجىئەلىك ۋەقەلەرگە دۇچ كەلگەندە، تەبىئىيلا: «نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟»— دەپ سورايدۇ. مۇقەددەس كىتابنىڭ بۇ سوئالغا بەرگەن ئېنىق جاۋابى كىشىنىڭ كۆڭلىنى سۆيۈندۈرىدۇ!
1. بۇ دۇنيادا يامانلىق قانداق پەيدا بولغان؟
ئىبلىس شەيتان تەڭرى يەھۋاغا قارشى ئىسىيان كۆتەرگەن. ئۇ باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى خالىغانىدى. شۇڭا، شەيتان ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنى ئازدۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئىسيانىغا قوشۇلۇشقا دەۋەت قىلغان. ئۇ ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ھاۋا-ئانىغا يالغان ئېيتقان (يارىتىلىش 3:1–5). شەيتان ھاۋا-ئانىنى يەھۋا ياخشى نەرسىنى ئۇنىڭغا بەرمەيۋاتىدۇ دېگەن ئويغا كەلتۈرگەن. ئۇ يەنە ئىنسانلار خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىسا، بەختلىكرەك ياشىيالايدۇ دېگەننى يوشۇرۇن كۆرسەتكەن. شەيتان ھاۋا-ئانىغا ھەرگىز ئۆلمەيسەن دېيىش ئارقىلىق تۇنجى يالغان سۆزنى ئېيتقان. شۇڭا، مۇقەددەس كىتاب شەيتاننى يالغانچى ۋە يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسىدۇر، دەيدۇ.—يۇھاننا 8:44.
2. ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانا قانداق قارار چىقارغان؟
يەھۋا ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىغا ئېرەم بېغىدىكى ھەرخىل دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنى يېيىشكە رۇخسەت بېرىپ، سېخىيلىق كۆرسەتكەن ئىدى. بىراق، بىرلا دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەسلىكنى ئېيتقان (يارىتىلىش 2:15–17). ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماسلىقنى قارار قىلغانىدى. شۇڭا، ئاۋۋال ھاۋا-ئانا مېۋىدىن ئېلىپ يېگەن، كېيىن ئادەم-ئاتىمۇ ئۇنىڭدىن يېگەن (يارىتىلىش 3:6). ھەر ئىككىلىسى خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلغان. ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا مۇكەممەل يارىتىلغاچ، ئۇلارنىڭ توغرا ئىش قىلىش خاھىشى بار ئىدى. ئۇلار خۇداغا قەستەن ئىتائەتسىزلىك قىلىشنى تاللاپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى رەت قىلغان. نەتىجىدە، چىقارغان قارارى ئۇلارنى بېشىغا ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن.—يارىتىلىش 3:16–19.
3. تۇنجى ئىنسانلارنىڭ قارارى بىزگە قانداق تەسىر قىلغان؟
ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا گۇناھ قىلغاندا، ئۇلار نامۇكەممەل بولۇپ قالغان ۋە نامۇكەممەللىكنى كەلگۈسىدە تۇغۇلىدىغان ئەۋلاتلىرىغا مىراس قالدۇرغان. مۇقەددەس كىتاب ئادەم-ئاتا ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ: «بىر ئىنسان ئارقىلىق دۇنيادا گۇناھ پەيدا بولدى ۋە گۇناھ ئارقىلىق ئۆلۈم پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈم ھەممە ئىنسانلار ئارىسىغا تارقالدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى گۇناھ قىلغان».—رىملىقلار 5:12.
ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىزنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلىرى بار. ئۆزۈمىزنىڭ چىقارغان خاتا قارارى ياكى باشقىلارنىڭ چىقارغان قارارى تۈپەيلى، بەزىدە قايغۇ-ھەسرەتلەرنى چېكىمىز. يەنە بەزىدە كۈتۈلمىگەن ۋاقىت ياكى جايدا تاسادىپىي ئىشلارغا دۇچ كېلىپ، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىمىز.—ۋەز 9:11-نى ئوقۇڭ.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
بۇ دۇنيادىكى يامانلىقلار ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە خۇدا سەۋەبچى ئەمەسلىكى ۋە بىز ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەككەندە، خۇدا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
4. ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزگە كىم سەۋەبچى؟
نۇرغۇن كىشىلەر بۇ دۇنيانى خۇدا باشقۇرىدۇ دەپ چۈشىنىدۇ. بۇ راستمۇ؟ فىلىمنى كۆرۈڭ.
ياقۇپ 1:13 ۋە 1-يۇھاننا 5:19-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
ئىنسانلار چېكىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە يامانلىقلارغا خۇدا سەۋەبچىمۇ؟
5. شەيتاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ نەتىجىسى
يارىتىلىش 3:1–6-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
شەيتان قانداق يالغان سۆزلىگەن؟ 4، 5-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.
شەيتان ياراتقۇچى يەھۋانى ئىنسانلارغا ياخشى نەرسىنى بەرمەيدۇ دېگەننى قانداق يوشۇرۇن كۆرسەتكەن؟
شەيتاننىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىنسانلار بەختلىك ياشىشى ئۈچۈن خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا مۇھتاج بولامدۇ؟
ۋەز 8:9-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىقىسىز بۇ دۇنيادا نېمە ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ؟
(1) ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا مۇكەممەل بولۇپ جەننەتتە ياشىغان. بىراق ئۇلار شەيتاننىڭ سۆزىگە كىرىپ، يەھۋاغا قارشى ئىسىيان كۆتەرگەن
(2) ئىسياندىن كېيىن، بۇ دۇنيا گۇناھ، ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئۆلۈمگە تولدى
(3) يەھۋا گۇناھ، ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئۆلۈمنى يوق قىلىدۇ. ئىنسانلار قايتىدىن مۇكەممەل بولۇپ، جەننەتتە ياشايدۇ
6. يەھۋا ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ
بىز ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەك، خۇدا بىزگە كۆڭۈل بۆلەمدۇ؟ داۋۇت پادىشاھ ۋە ئەلچى پاۋلۇس بۇ توغرىسىدا نېمىلەرنى يازغانلىقىنى ئوقۇپ بېقىڭ. زەبۇر 31:7 ۋە 1-پېترۇس 5:7-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
يەھۋا چېكىۋاتقان قايغۇ-ھەسرەتلىرىمىزنى كۆرىدۇ ۋە بىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇنى سىزگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
7. خۇدا بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى يوق قىلىدۇ
يەشايا 65:17 ۋە ۋەھىيلەر 21:3، 4-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
يەھۋا بارلىق يامانلىقلارنى ۋە شۇلار تۈپەيلى پەيدا بولغان زىيانلارنى يوق قىلىدۇ. بۇنى بىلىش سىزگە تەسەللى بېرەمدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
سىز بىلەمسىز؟
شەيتان تۇنجى يالغاننى سۆزلىگەندە، يەھۋا خۇداغا تۆھمەت قىلغان. شۇ ئارقىلىق ئۇ ياراتقۇچىنىڭ ئادىل، مېھىر-شەپقەتلىك ھۆكۈمران دېگەن نام-ئۇنۋانىغا داغ تەككۈزگەن. پات-ئارىدا يەھۋا ئىنسانلارنىڭ چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى يوق قىلغاندا، ئۆز ئىسىمىنى ئاقلايدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. كائىناتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش — خۇدانىڭ ئىسىمىنىڭ ئاقلىنىشى.—مەتتا 6:9، 10.
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «خۇدا بىزنى سىناش ئۈچۈن ياراتقان».
سىز بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟
خۇلاسە
ئىبلىس شەيتان ۋە ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا بۇ دۇنيادىكى يامانلىقلارنىڭ سەۋەبچىلىرى. يەھۋا ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، ۋە پات-ئارىدا ئۇلارنى يوق قىلىدۇ.
تەكرارلاش
شەيتان ئىبلىس ھاۋا-ئانىغا قانداق يالغان سۆزلىگەن؟
ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنىڭ ئىسيانى بىزگە قانداق تەسىر قىلغان؟
يەھۋانىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
مۇقەددەس كىتابتا گۇناھ ھەققىدە نېمە ئېيتىلغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
ئېرەم بېغىدا شەيتاننىڭ قانداق مەسىلىنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقى ھەققىدە كۆپرەك بىلىۋېلىڭ.
كۆپ سورالغان سوئالنىڭ كىشىگە تەسەللى بېرىدىغان جاۋابىنى بىلىۋېلىڭ.
ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر ھەققىدە بىر كىشىنىڭ نېمىنى چۈشەنگەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ.