كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ش‌ي 4-‏دە‌رس
  • كىم ھە‌ق خۇ‌دا؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • كىم ھە‌ق خۇ‌دا؟‏
  • مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ
  • خۇ‌لاسە
  • ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
  • مۇ‌قە‌ددە‌س ئىسىم —‏ ئۇ‌نىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە مە‌نىسى
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى سىز ئۈچۈن قانچىلىك مۇ‌ھىم؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • خۇ‌دا بىزنى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
م‌ش‌ي 4-‏دە‌رس
4-‏دە‌رس.‏ تېلېسكوپ ئارقىلىق كۆرگە‌ن كېچە ئاسمىنىدىكى چاقناپ تۇ‌رغان يۇ‌لتۇ‌زلار ۋە سامانيولى سىستېمىسىنىڭ كۆرۈنىشى.‏

04-‏دە‌رس

كىم ھە‌ق خۇ‌دا؟‏

باسما نەشىرى
باسما نەشىرى
باسما نەشىرى

ئىنسانلار يارىتىلغاندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئىلاھلارغا ئىبادە‌ت قىلىپ كە‌لگە‌ن.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا باشقا بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن تۇ‌رىدىغان ھە‌ق بىر خۇ‌دا تىلغا ئېلىنغان (‏2-‏تارىخنامە 2:‏5)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۇ نېمە ئۈچۈن باشقا ئىلاھلاردىن ئۈستۈن تۇ‌رىدۇ؟‏ بۇ دە‌رستە خۇ‌دا ئۆزىنى سىزگە قانداق تونۇ‌شتۇ‌رىدىغانلىقىنى كۆرۈمىز.‏

1.‏ خۇ‌دانىڭ ئىسىمى نېمە ۋە ئۇ ئۆز ئىسىمىنى بىلىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى قانداق بىلە‌لە‌يمىز؟‏

خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۆزىنى بىزگە تونۇ‌شتۇ‌رىدۇ:‏ «مە‌ن يە‌ھۋامە‌ن،‏ بۇ مېنىڭ ئىسمىمدۇ‌ر» (‏يە‌شايا 42:‏5،‏ 8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ «يە‌ھۋا»،‏ دېگە‌ن ئىبرانىيچە ئىسىمنىڭ تە‌رجىمىسى «ئۇ بولغۇ‌زىدۇ»،‏ دېگە‌ننى بىلدۈرىدۇ.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ ئۇ‌نىڭ ئىسىمىنى بىلىشىمىزنى خالايدۇ (‏چىقىش 3:‏15)‏.‏ بىز بۇ‌نى قانداق بىلە‌لە‌يمىز؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۇ‌نىڭ ئىسىمى 7000 قېتىمدىن كۆپرە‌ك تىلغا ئېلىنغانa‏.‏ يۇ‌قىرىدا ئاسماندا ۋە تۆۋە‌ندە يە‌ر يۈزىدە پە‌قە‌ت بىرلا ھە‌ق خۇ‌دا بار ۋە ئۇ‌نىڭ ئىسىمى يە‌ھۋادۇ‌ر.‏—‏تە‌كرار .‏قا 4:‏39

2.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يە‌ھۋا ھە‌ققىدە نېمە دە‌يدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئىنسانلار ئىبادە‌ت قىلغان بارلىق ئىلاھلارنىڭ ئارىسىدا،‏ يە‌ھۋا يالغۇ‌ز ھە‌ق خۇ‌دا،‏ دە‌يدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ بىرقانچە سە‌ۋە‌بلىرى بار.‏ يە‌ھۋا ئە‌ڭ ئالىي ھوقۇ‌ققا ئىگە،‏ پە‌قە‌ت ئۇ تامام يە‌ر يۈزىنىڭ ئۈستىگە يۇ‌قىرى مە‌رتىۋىلىك ئاللا (‏زە‌بۇ‌ر 83:‏18-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ «ھە‌ممىگە قادىر».‏ بۇ ئۇ‌نىڭ ھە‌رقانداق ئىشنى قىلىشقا كۈچ-‏قۇ‌درىتى يېتىدۇ،‏ دېگە‌ننى بىلدۈرىدۇ.‏ ئۇ پۈتكۈل مە‌ۋجۇ‌داتلارنى —‏ ئالە‌م بوشلۇ‌قى ۋە يە‌ر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلارنى ياراتقان (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 4:‏8،‏ 11)‏.‏ يە‌ھۋا ئە‌زە‌لدىن مە‌ۋجۇ‌ت ۋە ئە‌بە‌دىل-‏ئە‌بە‌د مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 90:‏2.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

خۇ‌دانىڭ نام-‏ئۇ‌نۋانلىرى بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ خاس ئىسىمى ئوتتۇ‌رىسىدا قانداق پە‌رق بارلىقىنى كۆرۈڭ.‏ كېيىن،‏ ئۇ قانداق ۋە نېمە ئۈچۈن ئۆز ئىسىمىنى سىزگە ئاشكارە قىلغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏

بىر ئادە‌م كېچە ئاسمىنىغا تىكىلىپ قاراۋاتىدۇ.‏ يە‌ھۋا دېگە‌ن ئىسمى ئاسماندا تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏

3.‏ خۇ‌دانىڭ نام-‏ئۇ‌نۋانلىرى كۆپ،‏ ئە‌مما ئىسىمى بىر

بىر شە‌خسنىڭ نام-‏ئۇ‌نۋانى بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ئىسىمى ئوتتۇ‌رىسىدىكى پە‌رقنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن،‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «نام-‏ئۇ‌نۋانلىرى كۆپ،‏ ئە‌مما ئىسىمى بىر» (‏41:‏0)‏

  • خۇ‌دانىڭ نام-‏ئۇ‌نۋانلىرى بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ خاس ئىسىمى ئوتتۇ‌رىسىدا قانداق پە‌رق بار؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئىنسانلارنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن ئىلاھلارغا ئىبادە‌ت قىلغانلىقى ئېيتىلغان.‏ چىقىش 18:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بۇ ئايە‌ت ھە‌ق خۇ‌دا ھە‌ققىدە نېمە دە‌يدۇ؟‏

4.‏ يە‌ھۋا ئۆز ئىسىمىنى بىلىشىڭىزنى ۋە ئۇ‌نى قوللىنىشىڭىزنى خالايدۇ

يە‌ھۋانىڭ ئۆز ئىسىمىنى بىلىشىڭىزنى خالايدىغانلىقىنى نېمە كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «خۇ‌دانىڭ ئىسىمى بارمۇ؟‏ —‏ ئۈزۈندە» (‏11:‏3)‏

‏«خۇ‌دانىڭ ئىسمى بارمۇ؟‏» دېگە‌ن بىر فىلىمدىن بىر كۆرۈنۈش.‏ بىر كىشى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ 1611-‏يىلىنىڭ «پادىشاھ جېيمىس» نۇ‌سخىسىدىكى زە‌بۇ‌رنىڭ 83:‏18-‏ئايىتىدىن خۇ‌دانىڭ ئىسمى يە‌ھۋا،‏ ئىكە‌نلىكىنى تە‌كشۈرۈۋاتىدۇ.‏
  • سىزنىڭچە،‏ يە‌ھۋا ئۆز ئىسىمىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشنى خالامدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

يە‌ھۋا ئۆز ئىسىمىنى ئادە‌ملە‌رنىڭ قوللىنىشىنى خالايدۇ.‏ رىملىقلار 10:‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • خۇ‌دانىڭ يە‌ھۋا دېگە‌ن ئىسىمىنى قوللىنىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

  • بىر كىشى ئىسىمىڭىزنى ئېسىدە تۇ‌تۇ‌ۋېلىپ،‏ سىزنى ئىسىمىڭىز بىلە‌ن چاقىرسا،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىسىز؟‏

  • سىزنىڭچە،‏ يە‌ھۋانى ئىسىمى بىلە‌ن چاقىرسىڭىز،‏ ئۇ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدۇ؟‏

5.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ دوستى بولۇ‌شىڭىزنى خالايدۇ

كامبودژادا ياشايدىغان سوتېن ئىسىملىك بىر ئايال خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى بىلىش،‏ ئۇ‌نى شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمدۈرگە‌نلىكىنى ئېيتىپ بە‌رگە‌ن.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «ھە‌ق خۇ‌دانى ئىزدىدىم» (‏18:‏8)‏

كوللاژ:‏ «ھە‌ق خۇ‌دانى ئىزدىدىم»،‏ دېگە‌ن فىلىمدىن كۆرۈنۈشلە‌ر.‏ 1.‏ سوتېن ئورماندا بىر دە‌رە‌خنىڭ ئاستىدا ئولتۇ‌رۇ‌ۋاتىدۇ،‏ ئاسمانغا قاراپ ھە‌ق خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏ 2.‏ خېرولد خۇ‌دانىڭ ئىسمى يە‌ھۋا ئىكە‌نلىكىنى سوتېنغا چۈشە‌ندۈرۈۋاتىدۇ.‏
  • خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى بىلىش سوتېنغا قانداق تە‌سىر قىلغان؟‏

سىز ئادە‌تتە بىرى بىلە‌ن دوست بولۇ‌شتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئۇ‌نىڭ ئىسىمىنى سورايسىز.‏ ياقۇ‌پ 4:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • يە‌ھۋا سىزنى نېمە ئىش قىلىشقا تە‌كلىپ قىلىدۇ؟‏

  • خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى بىلىش ۋە ئۇ‌نى ئىشلىتىش ئۆزىڭىزنى ئۇ‌نىڭغا يېقىن ھېس قىلىشىڭىزغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاللا بىر،‏ ئۇ‌نىڭ ئىسىملىرى كۆپ.‏ ئۇ‌نى قانداقلا چاقىرساڭ بولىدۇ».‏

  • خۇ‌دانىڭ ئىسىمى يە‌ھۋا ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنە‌مسىز؟‏

  • خۇ‌دا ئۆز ئىسىمىنى قوللىنىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى قانداق چۈشە‌ندۈرە‌لە‌يسىز؟‏

خۇ‌لاسە

بىردىن-‏بىر ھە‌ق خۇ‌دانىڭ ئىسىمى يە‌ھۋا.‏ ئۇ شۇ ئىسىمنى ئىشلىتىشىمىزنى خالايدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ بىز ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشالايمىز.‏

تە‌كرارلاش

  • ئادە‌ملە‌ر ئىبادە‌ت قىلىدىغان بارلىق ئىلاھلاردىن يە‌ھۋا قانداق پە‌رقلىنىدۇ؟‏

  • نېمە ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى ئىشلىتىشىمىز كېرە‌ك؟‏

  • يە‌ھۋانىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى نېمە كۆرسىتىدۇ؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

خۇ‌دانىڭ مە‌ۋجۇ‌تلىقىنى ئىسپاتلايدىغان،‏ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بە‌ش دە‌لىل-‏ئىسپاتنى كۆرۈڭ.‏

‏«خۇ‌دا بارمۇ؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

خۇ‌دانىڭ ئە‌زە‌لدىن بارلىقىغا ئىشىنىش نېمە ئۈچۈن ئە‌قىلگە مۇ‌ۋاپىق ئىكە‌نلىكىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىڭ.‏

‏«كىم خۇ‌دانى ياراتتى؟‏»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2014-‏يىل،‏ 1-‏ئاۋغۇ‌ست)‏

خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنىڭ قە‌دىمدە قانداق تە‌لە‌پپۇ‌ز قىلىنغانلىقىنى بىلمىسە‌كمۇ،‏ نېمە ئۈچۈن شۇ ئىسىمىنى ئىشلىتىشىمىز كېرە‌كلىكىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«يە‌ھۋا كىم؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

خۇ‌دانى قانداقلا چاقىرساق بولامدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن بىز ئۇ‌نىڭ پە‌قە‌ت بىرلا ئۆزىگە خاس ئىسىمى بار،‏ دە‌پ ئېيتالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈڭ.‏

‏«خۇ‌دانىڭ قانچە ئىسىمى بار؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

a خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنىڭ مە‌نىسى ۋە بۇ ئىسىم مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بە‌زى تە‌رجىمىلىرىدە چىقىرىۋېتىلگە‌نلىكىنىڭ سە‌ۋە‌بىنى بىلىش ئۈچۈن،‏ «‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مە‌دھىيە تە‌رجىمىسى‏»-‏گە قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش