44-دەرس
بارلىق تەبرىكلەشلەر خۇدانى خۇرسەن قىلامدۇ؟
ياراتقۇچى يەھۋا بىزنىڭ ھاياتتىن ھۇزۇر ئېلىپ شاد-خۇرام ياشىشىمىزنى، ھەتتا بەزىدە يېقىن كىشىلىرىمىز بىلەن بىرگە خۇشال-خۇرام ۋاقىت ئۆتكۈزۈشىمىزنى خالايدۇ. ئەمما، بارلىق تەبرىكلەش ۋە بايراملار ياراتقۇچىمىزنى خۇرسەن قىلامدۇ؟ بۇ مەسىلىدە يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
1. نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن تەبرىكلەشلەر يەھۋانى خۇرسەن قىلمايدۇ؟
نۇرغۇن تەبرىكلەشلەر ياكى بايراملارنىڭ مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرىگە ئاساسلانمىغانلىقىنى ياكى غەيرى ئىلاھلارغا چوقۇنۇشتىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلسىڭىز، ھەيران قالىسىز. بۇنداق تەبرىكلەشلەر ساختا دىن بىلەن باغلىنىشلىق بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم، ئۇلار جىنكەشلىك بىلەن باغلىنىشلىق ياكى روھ ئۆلمەيدۇ دېگەن كۆزقاراشنى ئاساس قىلغان. بەزى تەبرىكلەش ياكى بايراملار خۇراپاتلىق ۋە تەلەي ياكى تەقدىرگە ئىشىنىشتىن كېلىپ چىققان (يەشايا 65:11). يەھۋا ئۆزىگە ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ ئايرىڭلار ۋە ناپاك نەرسىگە تەگمەڭلار».—2-كورىنتلىقلار 6:17a.
2. يەھۋا ئىنسانلارنى ئۇلۇغلايدىغان تەبرىكلەشلەرگە قانداق قارايدۇ؟
يەھۋا بىزنى پەقەت ئىنسانلارغا ئىشەنچ باغلاش تۇزىقىغا چۈشۈپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ (يەرەمىيا 17:5-نى ئوقۇڭ). بەزى بايراملاردا ھۆكۈمرانلار ياكى ئەسكەرلەر ئۇلۇغلىنىدۇ. باشقا بايراملاردا دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىك كۈنى ۋە دۆلەتنىڭ سىمۋول بەلگىسى ياكى تۇغ-بايراقلىرى ئۇلۇغلىنىدۇ (1-يۇھاننا 5:21). يەنە بەزىلىرىدە سىياسىي ياكى ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەر تەشۋىق قىلىنىدۇ. بىز بىر ئىنساننى ياكى تەشكىلاتنى، بولۇپمۇ ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسىگە قارىمۇ-قارشى ئىدىيەلەرنى تەشۋىق قىلىدىغانلارنى ئۇلۇغلىساق، يەھۋا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟
3. قانداق ئىش-ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشىمىز لازىم؟
مۇقەددەس كىتاب ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت، ئاچكۆزلەرچە يەپ-ئىچىشنى ئەيىبلەيدۇ (1-پېترۇس 4:3). بەزى تەبرىكلەش ياكى بايراملاردا ئادەملەر ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئۆزىنى تۇتالمايدۇ ياكى ئەخلاقسىزلىق قىلىدۇ. بىز يەھۋانىڭ دوستلىرى بولۇش ئۈچۈن، بۇنداق ئەخلاقىي ناپاكلىقتىن يىراق تۇرۇشىمىز لازىم.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
بايراملار ۋە تەبرىكلەشلەرگە قاتنىشىش-قاتناشماسلىق ھەققىدە دانا قارارلارنى چىقىرىش ئارقىلىق يەھۋانى قانداق خۇرسەن قىلالايدىغانلىقىڭىزنى بىلىۋېلىڭ.
4. يەھۋانى رەنجىتىدىغان بايرام ۋە تەبرىكلەشكە قاتناشماڭ
ئەفەسلىكلەر 5:10-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
بايرامغا قاتنىشىش-قاتناشماسلىقنى قارار قىلىشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
سىز ياشايدىغان جايدا قايسى بايراملارنى تەبرىكلەش كەڭ تارقالغان؟
سىزنىڭچە، ئاشۇ بايراملار يەھۋانى خۇرسەن قىلامدۇ؟
مەسىلەن، سىز ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ، تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەشكە قارىتا خۇدانىڭ كۆزقارىشى قانداق؟ مۇقەددەس كىتابتا يەھۋاغا ئىبادەت قىلغانلارنىڭ تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلىگەنلىكى ھېچقاچان تىلغا ئېلىنمىغان. ئەكسىچە، پەقەتلا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلمايدىغان ئىككى كىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەنلىكى يېزىلغان. يارىتىلىش 40:20–22 ۋە مەتتا 14:6–10-نى ئوقۇڭ. كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
ئاشۇ ئىككى كىشى تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەندە، قانداق ئوخشاش ئىش يۈز بەرگەن؟
سىزنىڭچە، مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئۈزۈندىگە ئاساسلانغاندا، يەھۋا تۇغۇلغان كۈنگە قانداق قارايدۇ؟
بەلكىم، سىزدە مۇنداق سوئال پەيدا بولغاندۇ: «مېنىڭ تۇغۇلغان كۈن ياكى باشقا مۇقەددەس كىتابقا زىت تەبرىكلەشلەر ۋە بايراملارغا قاتنىشىش-قاتناشماسلىقىم يەھۋا ئۈچۈن راستىنلا مۇھىممۇ؟» چىقىش 32:1–8-نى ئوقۇڭ. كېيىن فىلىمنى كۆرۈپ، تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
نېمىنىڭ خۇدانى خۇرسەن قىلدىغان-قىلمايدىغانلىقىغا كۆز يەتكۈزۈش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
بۇنى قانداق قىلالايمىز؟
مەلۇم تەبرىكلەشكە قارىتا خۇدانىڭ كۆزقارىشىنى قانداق بىلەلەيمىز؟
ئۇ مۇقەددەس كىتابتىكى تەلىماتلارغا ئاساسلانغانمۇ؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ.
ئۇ ئىنسانلارنى، تەشكىلاتلارنى ياكى دۆلەتنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىلىرىنى ئۇلۇغلامدۇ؟ بىز پەقەت يەھۋانى ئۇلۇغلايمىز ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى بارلىق قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
ئۇ بايرامنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۆلچەملىرىگە زىتمۇ؟ ئەخلاقىي جەھەتتىن پاك بولۇشىمىز كېرەك.
5. كۆزقاراشىڭىزنى ھۆرمەتلىشى ئۈچۈن باشقىلارغا چۈشەندۈرۈڭ
بەلكىم، باشقىلار سىزنى يەھۋا ئۆچ كۆرىدىغان بايرام ياكى تەبرىكلەشكە قاتنىشىشقا زورلىسا، ئۇنى رەت قىلىش ئاسان بولمايدۇ. ئۆز قارارىڭىزنى سەۋرچانلىق ۋە پەم-پاراسەت بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ. بۇنى قانداق قىلالايدىغانلىقىڭىزنى بىلىش ئۈچۈن، فىلىمنى كۆرۈڭ.
مەتتا 7:12-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
بۇ ئايەتكە ئاساسلانغاندا، ئوخشاش دىندا بولمىغان ئائىلە ئەزالىرىڭىزغا بايرامنى تەبرىكلىمەڭلار دەپ ئېيتىش كېرەكمۇ؟
گەرچە مەلۇم بىر بايرامنى ئۆتكۈزمىسىڭىزمۇ، بىراق ئائىلىڭىزدىكىلەرنى سۆيىدىغانلىقىڭىزنى ۋە ھۆرمەتلەيدىغانلىقىڭىزنى ئۇلارغا قانداق بىلدۈرەلەيسىز؟
6. يەھۋا خۇشال بولۇشىمىزنى خالايدۇ
يەھۋا بىزنىڭ ئائىلە ئەزالىرىمىز ۋە دوستلىرىمىز بىلەن خۇشال-خۇرام ۋاقىت ئۆتكۈزۈشىمىزنى خالايدۇ. ۋەز 8:15-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
بۇ ئايەت يەھۋانىڭ خۇشال بولۇشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟
يەھۋا ئۆز خەلقىنىڭ شاد-خۇرام ۋە ئويۇن-كۈلكە بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشىنى خالايدۇ. فىلىمنى كۆرۈپ، خەلقئارالىق چوڭ يىغىلىشلىرىمىز بۇنىڭ روشەن دەلىل-ئىسپاتى ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈڭ.
گالاتىيالىقلار 6:10-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
باشقىلارغا «ياخشىلىق» قىلىش ئۈچۈن، كۆپچىلىككە ئوخشاش بايراملارنى چوقۇم تەبرىكلىشىمىز كېرەكمۇ؟
قاچان تېخىمۇ خۇشال بولىسىز: سوۋغىلارنى بايرام بولغىنى ئۈچۈن بەرگەندە ياكى ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا چىن كۆڭلىدىن بەرگەندە؟
نۇرغۇن گۇۋاھچىلار بەزىدە بالىلىرى ئۈچۈن ئولتۇرۇشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىدۇ ياكى كۈتۈلمىگەندە سوۋغاتلارنى بېرىپ تۇرىدۇ. ئەگەر بالىلىرىڭىز بولسا، ئۇلار خۇشال قىلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايسىز؟
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «بايرامنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇھىم ئەمەس. بۇ ئائىلىدىكىلەر ۋە دوستلار بىلەن بىرگە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنىڭ ياخشى پۇرسىتى».
سىز نېمە دەيسىز؟
خۇلاسە
يەھۋا بىزنىڭ ئائىلە ئەزالىرىمىز ۋە دوست-يارەنلىرىمىز بىلەن خۇشال-خۇرام ۋاقىت ئۆتكۈزۈشىمىزنى خالايدۇ. ئەمما، ئۇنى رەنجىتىدىغان بايراملار ۋە تەبرىكلەشلەرگە قاتنىشىشىمىزنى خالىمايدۇ.
تەكرارلاش
يەھۋانىڭ مەلۇم بىر تەبرىكلەشنى ياقتۇرىدىغان-ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قايسى سوئاللارنى سوراپ كۆرسەك بولىدۇ؟
ئائىلىمىزدىكىلەر ۋە دوستلىرىمىزنىڭ بايراملارغا بولغان كۆزقارىشىمىزنى چۈشىنىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
يەھۋا بىزنىڭ شاد-خۇرام ۋە ئويۇن-كۈلكە بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى قەيەردىن بىلىمىز؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
نېمە ئۈچۈن مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بەزى بايراملارنى تەبرىكلىمەيدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
«نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بەزى بايراملارنى تەبرىكلىمەيدۇ؟» (تور بېكەتتىكى ماقالە)
تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەشنىڭ خۇدانى رەنجىتىدىغانلىقىنى قەيەردىن بىلىمىز؟ تۆت سەۋەبىنى كۆرۈڭ.
«نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىمەيدۇ؟» (تور بېكەتتىكى ماقالە)
تەتىل مەزگىلىدە يەھۋا خۇدانى سۆيىدىغان بالىلارنىڭ ئۇنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
مىليونلىغان مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى روژدېستۋو بايرىمىنى تەبرىكلىمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قارارىغا قانداق قارايسىز؟
«ئۇلار تېخىمۇ ياخشى نەرسىلەرنى تاپتى» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2012-يىل، 1-دېكابىر)
a بايرام بىلەن باغلىنىشلىق بەزى ۋەزىيەتلەردە قانداق يول تۇتۇشنى بىلىش ئۈچۈن، 5-ئىزاھاتقا قاراڭ.