كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م23 نويابىر 8-‏13 ب.‏
  • بىر-‏بىرىمىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۈچلۈك ساقلايلى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • بىر-‏بىرىمىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۈچلۈك ساقلايلى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • نېمە ئۈچۈن بىر-‏بىرىمىزنى سۆيۈشىمىز كېرە‌ك؟‏
  • بىر-‏بىرىمىزگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى قانداق كۆرسىتىمىز؟‏
  • بىر-‏بىرىمىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى قانداق ساقلالايمىز؟‏
  • نېمە ئۈچۈن بولۇ‌پمۇ بۈگۈنكى كۈندە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك؟‏
  • مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت —‏ ئېسىل پە‌زىلە‌ت
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز بىلە‌ن داۋاملىق باشقىلارنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى داۋاملىق كۈچە‌يتىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
ك‌م23 نويابىر 8-‏13 ب.‏

47-‏تە‌تقىق ماقالىسى

بىر-‏بىرىمىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۈچلۈك ساقلايلى

‏«داۋاملىق بىر-‏بىرىمىزگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌يلى.‏ چۈنكى،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت خۇ‌دادىندۇ‌ر».‏​—‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏7.‏

25-‏ناخشا ھە‌قىقىي شاگىرت بولۇ‌شنىڭ بە‌لگىسى

بۇ ماقالىدە:‏a

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌لچى پاۋلۇ‌س «ئە‌ڭ ئۇ‌لۇ‌غ بولغىنى مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر» دە‌پ ئېيتالىغان؟‏ (‏2)‏ قانداق سوئاللارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئېتىقاد،‏ ئۈمىد ۋە مۇ‌ھە‌ببە‌ت ھە‌ققىدە سۆزلىگە‌ندە،‏ «بۇ‌لاردىن ئە‌ڭ ئۇ‌لۇ‌غ بولغىنى مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر» دە‌پ خۇ‌لاسە قىلغان (‏1-‏كورىنت.‏ 13:‏13)‏.‏ پاۋلۇ‌س نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دېگە‌ن؟‏ چۈنكى،‏ كە‌لگۈسىدە بىزنىڭ خۇ‌دانىڭ يېڭى دۇ‌نيا ھە‌ققىدىكى ۋە‌دىسىگە ئىشىنىشىمىزنىڭ ياكى ئۇ‌لارنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ،‏ ئۇ‌لار ئاللىبۇ‌رۇ‌ن ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لۇ‌پ بولغان بولىدۇ.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋاغا ۋە باشقىلارغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ھە‌ر زامان ئىپادىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئۇ‌لارغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز مە‌ڭگۈ كۈچىيىدۇ.‏

2 بىز ھە‌ردائىم مۇ‌ھە‌ببە‌تكە مۇ‌ھتاج بولغاچقا،‏ تۆۋە‌ندىكى ئۈچ سوئالنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز:‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن بىر-‏بىرىمىزنى سۆيۈشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ بىر-‏بىرىمىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى قانداق كۆرسىتىمىز؟‏ (‏3)‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى قانداق قىلىپ كۈچلۈك ساقلىيالايمىز؟‏

نېمە ئۈچۈن بىر-‏بىرىمىزنى سۆيۈشىمىز كېرە‌ك؟‏

3.‏ بىر-‏بىرىمىزنى سۆيۈشكە قانداق سە‌ۋە‌بلىرىمىز بار؟‏

3 نېمە ئۈچۈن بىر-‏بىرىمىزنى سۆيۈش ئىنتايىن مۇ‌ھىم؟‏ بۇ‌نىڭ بىر سە‌ۋە‌بى،‏ بىر-‏بىرىمىزنى سۆيسە‌ك،‏ مە‌سىھنىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئىكە‌نلىكىمىزنى ئىسپاتلايمىز.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆز شاگىرتلىرىغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئە‌گە‌ر ئاراڭلاردا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بولسا،‏ بۇ‌نىڭدىن ھە‌ممىسى سىلە‌رنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكە‌نلىكىڭلارنى بىلىدۇ» (‏يۇ‌ھاننا 13:‏35)‏.‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىزنى ئىناق-‏ئىتتىپاقلاشتۇ‌رىدۇ.‏ پاۋلۇ‌س مۇ‌ھە‌ببە‌تنى «بىرلىكنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل رىشتىسىدۇ‌ر» دە‌پ ئاتىغان (‏كولوسى.‏ 3:‏14)‏.‏ بىر-‏بىرىمىزنى سۆيۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنىڭ يە‌نە بىر مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بى بار.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «خۇ‌دانى سۆيگە‌ن كىشى قېرىندىشىنى ھە‌م سۆيسۇ‌ن» (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏21)‏.‏ بىز بىر-‏بىرىمىزنى سۆيسە‌ك،‏ خۇ‌دانى سۆيىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏

4،‏ 5.‏ خۇ‌داغا بولغان سۆيگىمىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزغا كۆرسە‌تكە‌ن سۆيگىمىز بىلە‌ن قانداق باغلىنىشى بار؟‏

4 خۇ‌داغا بولغان سۆيگىمىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزغا كۆرسە‌تكە‌ن سۆيگىمىز بىلە‌ن قانداق باغلىنىشى بار؟‏ مىسال قىلىپ كۆرە‌يلى.‏ يۈرىكىمىز بىلە‌ن بە‌دىنىمىزنىڭ باشقا ئە‌زالىرى ئارىسىدىكى باغلىنىشنى ئالايلى.‏ دوختۇ‌ر قان تومۇ‌رىمىزنىڭ سوقۇ‌شىنى تە‌كشۈرۈپ،‏ يۈرىكىمىزنىڭ ئە‌ھۋالى توغرۇ‌لۇ‌ق بە‌زى نە‌رسىلە‌رنى بىلە‌لە‌يدۇ.‏ بىز مىسالدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

5 خۇ‌ددى دوختۇ‌ر قان تومۇ‌رىمىزنىڭ سوقۇ‌شىنى تە‌كشۈرۈپ،‏ يۈرىكىمىزنىڭ قانچىلىك ساغلام ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ندە‌ك،‏ باشقىلارغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىمىز ئارقىلىق خۇ‌داغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكە‌نلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ.‏ قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنىڭ ئاجىزلاپ قالغانلىقىنى بايقىساق،‏ بۇ خۇ‌داغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنىڭمۇ ئاجىزلىشىپ كە‌تكە‌نلىكىنىڭ بە‌لگىسى بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ دائىم قېرىنداشلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكىنىمىزدە،‏ بۇ بىزنىڭ خۇ‌داغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنىڭ كۈچلۈك ئىكە‌نلىكىنىڭ بە‌لگىسى.‏

6.‏ ئە‌گە‌ر قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز ئاجىزلاپ كە‌تسە،‏ نېمىشقا بۇ خە‌تە‌رلىك؟‏ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏7–‏9،‏ 11)‏

6 ئە‌گە‌ر قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز ئاجىزلاپ كە‌تسە،‏ پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ نېمىشقا؟‏ چۈنكى،‏ بۇ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنىڭ خە‌تە‌رلىك ئە‌ھۋالدا ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا بىزگە شۇ‌نداق دە‌پ ئە‌سكە‌رتىش بە‌رگە‌ن:‏ «كىمدۇ‌ر بىرى:‏ ‹مە‌ن خۇ‌دانى سۆيىمە‌ن› دېسە،‏ لېكىن ئۆز قېرىندىشىنى ئۆچ كۆرسە،‏ ئۇ يالغانچىدۇ‌ر.‏ چۈنكى،‏ كۆرۈپ تۇ‌رغان قېرىندىشىنى سۆيمىگە‌ن كىشى،‏ كۆرۈپ باقمىغان خۇ‌دانى قانداقمۇ سۆيە‌لىسۇ‌ن؟‏» (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏20)‏.‏ بىز بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ پە‌قە‌ت «بىر-‏بىرىمىزگە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت» كۆرسە‌تسە‌ك،‏ شۇ‌ندىلا يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزدىن مە‌منۇ‌ن بولىدۇ‏.‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏7–‏9،‏ 11-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

بىر-‏بىرىمىزگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى قانداق كۆرسىتىمىز؟‏

7،‏ 8.‏ بىر-‏بىرىمىزگە بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى نامايان قىلىدىغان بە‌زى ئۇ‌سۇ‌للار قايسى؟‏

7 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌غىنىمىزدا،‏ خۇ‌دانىڭ قايتا-‏قايتا بىزنى بىر-‏بىرىمىزنى سۆيۈشكە بۇ‌يرۇ‌غانلىقىنى كۆرە‌لە‌يمىز (‏يۇ‌ھاننا 15:‏12،‏ 17؛‏ رىملىقلار 13:‏8؛‏ 1-‏سالونىكا.‏ 4:‏9؛‏ 1-‏پېتر.‏ 1:‏22؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏11)‏.‏ بىراق،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان قە‌لبىمىزدىكى بىر ھېس-‏تۇ‌يغۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بىز قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ بۇ‌نى گە‌پ-‏سۆزلىرىمىز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىز ئارقىلىق كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏

8 قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ئىپادىلە‌شنىڭ ھە‌رخىل يوللىرى بار.‏ شۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى مۇ‌شۇ:‏ «بىر-‏بىرىڭلارغا راست گە‌پ قىلىڭلار» (‏زە‌كە‌رىيا 8:‏16)‏.‏ «ئاراڭلاردا تىنچلىقنى ساقلاڭلار» (‏ماركۇ‌س 9:‏50)‏.‏ «تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن بىر-‏بىرىڭلارنى ھۆرمە‌تلە‌ڭلار» (‏رىملىقلار 12:‏10)‏.‏ «بىر-‏بىرىڭلارنى قوبۇ‌ل قىلىڭلار» (‏رىملىقلار 15:‏7)‏.‏ «داۋاملىق … بىر-‏بىرىڭلارنى ئە‌پۇ قىلىڭلار» (‏كولوسى.‏ 3:‏13)‏.‏ «بىر-‏بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار» (‏گالاتىيا.‏ 6:‏2)‏.‏ «بىر-‏بىرىڭلارغا تە‌سە‌للى بېرىڭلار» (‏1-‏سالونىكا.‏ 4:‏18)‏.‏ «بىر-‏بىرىڭلارنى كۈچلە‌ندۈرۈڭلار» (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏11)‏.‏ «بىر-‏بىرىڭلار ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىڭلار».‏​—‏ياقۇ‌پ 5:‏16.‏

كوللاژ:‏ 1.‏ قېرىندىشىمىز دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏ 2.‏ ئۇ باشقا قېرىنداشنى تىڭشاۋاتىدۇ.‏ 3.‏ ئۇ ئاغرىۋاتقان بىر ياشانغان قېرىنداش بىلە‌ن ۋىدىئولۇ‌ق تېلېفون قىلىۋاتىدۇ.‏ 3.‏ ئۇ سوۋغات بىلە‌ن ئە‌ۋە‌تىش ئۈچۈن خاتىرە يېزىۋاتىدۇ.‏ 4.‏ ئۇ بىر قولى تېڭىلغان قېرىنداش بىلە‌ن تاماق يە‌ۋاتىدۇ.‏

قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏ (‏7–‏9-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

9.‏ نېمىشقا باشقىلارغا تە‌سە‌للى بېرىش سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنىڭ ئىپادىسى؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

9 سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى ئىپادىلە‌شنىڭ يوللىرىدىن بىرىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ پاۋلۇ‌س بىزگە نە‌سىھە‌ت بېرىپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بىر-‏بىرىڭلارغا تە‌سە‌للى بېرىڭلار».‏ نېمە ئۈچۈن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى كۆرسىتىشىنىڭ مۇ‌ھىم بىر يولى —‏ باشقىلارغا تە‌سە‌للى بېرىش؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بىر پايدىلىنىش ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا،‏ پاۋلۇ‌س ئىشلە‌تكە‌ن «تە‌سە‌للى» سۆزىنىڭ مە‌نىسى،‏ «باشقا بىرى قاتتىق سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە ئۇ‌نىڭ يېنىدا تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىلھام بېرىشنى» بىلدۈرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ تە‌سە‌للى بېرىش ئارقىلىق قىيىنچىلىقتا قالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئە‌سلىگە كېلىپ،‏ داۋاملىق ھاياتلىق يولىدا مېڭىشىغا ياردە‌م بېرىمىز.‏ ھە‌ر قېتىم قېرىنداشلىرىمىزغا ھە‌مراھ بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا تە‌سە‌للى بە‌رسە‌ك،‏ قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ئىپادىلە‌يمىز.‏​—‏2-‏كورىنت.‏ 7:‏6،‏ 7،‏ 13.‏

10.‏ ھېسداشلىق بىلە‌ن تە‌سە‌للى بېرىشنىڭ قانداق زىچ باغلىنىشى بار؟‏

10 ھېسداشلىق قىلىش بىلە‌ن تە‌سە‌للى بېرىش بىر-‏بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق.‏ كۆيۈمچان كىشى باشقىلارغا تە‌سە‌للى بېرىپ،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرىنى يە‌ڭگىللىتىش ئۈچۈن ياردە‌م بېرىشكە تېپىشقا تىرىشىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئالدى بىلە‌ن بىز ئىچ ئاغرىتىمىز،‏ كېيىن تە‌سە‌للى بېرىمىز.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س چۈشە‌ندۈرگە‌ندە‌ك،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆز خە‌لقىگە بولغان ھېسداشلىقى،‏ ئۇ‌نى ئۇ‌لارغا رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت بىلە‌ن تە‌سە‌للى بېرىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ پاۋلۇ‌س يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌ققىدە مۇ‌نداق سۆزلە‌رنى يازغان:‏ ئۇ «رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك ئاتا ۋە بارچە تە‌سە‌للىنىڭ مە‌نبە‌سى بولغان خۇ‌دادۇ‌ر» (‏2-‏كورىنت.‏ 1:‏3)‏ بۇ يە‌ردە پاۋلۇ‌س «رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك» دېگە‌ن سۆزنى ئىشلىتىپ،‏ باشقىلارغا كۆيۈنۈش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سىنى تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋا رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت ۋە تە‌سە‌للىنىڭ مە‌نبە‌سى بولغاچ،‏ «ھە‌رتۈرلۈك سىناقلاردا دۇ‌چ كە‌لگە‌نلە‌رگە»،‏ يە‌نى بىزگە تە‌سە‌للى بېرىشنى خالايدۇ (‏2-‏كورىنت.‏ 1:‏4)‏.‏ بۇ‌لاقتىن ئېقىپ چىققان سۈزۈك سۇ ئۇ‌سساپ چاڭقىغانلارنىڭ ۋۇ‌جۇ‌دىغا ھوزۇ‌ر بېغىشلىغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋا ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌ككە‌نلە‌رگە تە‌سە‌للى بېرىپ،‏ جېنىنى ئارام تاپقۇ‌زىدۇ.‏ رە‌ھىم شە‌پقە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ باشقىلارغا تە‌سە‌للى بېرىشتە يە‌ھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏ بۇ‌نداق قىلىشىنىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى بە‌زى گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تلىرىنى يېتىلدۈرۈش.‏ ئاشۇ پە‌زىلە‌تلە‌ر قايسىلار؟‏

11.‏ كولوسىلىقلار 3:‏12؛‏ 1 ۋە 1-‏پېترۇ‌س 3:‏8-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ باشقىلارنى ياخشى كۆرۈپ،‏ تە‌سە‌للى بېرىشكە يە‌نە قانداق پە‌زىلە‌تلە‌ر دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏

11 ھە‌ر كۈنى بىر-‏بىرىمىزگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ،‏ «‏داۋاملىق … تە‌سە‌للى» بېرىشىمىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ بىز قېرىنداشلارغا ئىچ ئاغرىتىپ،‏ ئۇ‌لارنى ياخشى كۆرۈپ،‏ مېھرىبان بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك ‏(‏كولوسىلىقلار 3:‏12؛‏ 1-‏پېترۇ‌س 3:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ پە‌زىلە‌تلە‌ر بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ بىز قېرىنداشلارغا ھېسداشلىق قىلىپ،‏ ئۇ‌لارغا سە‌مىمىي كۆيۈنسە‌ك،‏ ئۇ‌لار قىيىنچىلىقلارغا ئۇ‌چرىغاندا تە‌سە‌للى بە‌رمە‌ي تۇ‌رالمايمىز.‏ خۇ‌ددى ئە‌يسا ئېيتقاندە‌ك،‏ «كۆڭۈلدە نېمە بولسا،‏ ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ.‏ ياخشى ئادە‌م ياخشى خە‌زىنىسىدىن ياخشى نە‌رسىلە‌رنى چىقىرىدۇ» (‏مە‌تتا 12:‏34،‏ 35‏)‏.‏ مۇ‌ھتاجلىقتا قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا تە‌سە‌للى بېرىش —‏ ئۇ‌لارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى كۆرسىتىشىنىڭ مۇ‌ھىم بىر يولى.‏

بىر-‏بىرىمىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى قانداق ساقلالايمىز؟‏

12.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن ھوشيارلىقنى ساقلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ ھازىر قانداق سوئالنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

12 بىز ھە‌ممىمىز «بىر-‏بىرىمىزگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت» كۆرسىتىشنى خالايمىز (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏7)‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئە‌يسا بىزگە مۇ‌ھىم بىر ئە‌سكە‌رتىشنى بېرىپ ئاگاھلاندۇ‌رغان:‏ «كۆپىنچە ئىنسانلاردا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت سوۋۇ‌پ كېتىدۇ» (‏مە‌تتا 24:‏12‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى سوۋۇ‌پ كېتىدۇ دېمىگە‌ن.‏ بىراق،‏ بىز سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تمە‌يدىغان بۇ دۇ‌نيانىڭ تە‌سىرىگە قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ھوشيارلىقىمىزنى ساقلىشىمىز كېرە‌ك.‏ مۇ‌شۇ‌نى ئە‌ستە تۇ‌تقان ھالدا،‏ تۆۋە‌ندىكى بىر مۇ‌ھىم سوئالنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ باقايلى:‏ قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنىڭ كۈچلۈك ياكى ئە‌مە‌سلىكىنى قانداق بىلىشكە بولىدۇ؟‏

13.‏ بىزنىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى نېمە سىنىشى مۇ‌مكىن؟‏

13 سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنىڭ كۈچلۈك ياكى ئە‌مە‌سلىكىنى تە‌كشۈرۈش ئۈچۈن ھاياتىمىزدىكى ھە‌رخىل ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغانلىقىمىزنى تە‌كشۈرۈپ كۆرسە‌ك بولىدۇ (‏2-‏كورىنت.‏ 8:‏8)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ پېترۇ‌س مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ھە‌ممىدىن مۇ‌ھىمى شۇ‌كى،‏ بىر-‏بىرىڭلارنى چىن قە‌لبىڭلاردىن سۆيۈڭلار،‏ چۈنكى سۆيگۈ كۆپلىگە‌ن گۇ‌ناھلارنى ياپىدۇ» (‏1-‏پېتر.‏ 4:‏8)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ باشقىلارنىڭ ئاجىزلىقلىرى ۋە كە‌مچىلىكلىرى بىزنىڭ ئۇ‌لارنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىمىزنى بىلىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

14.‏ 1-‏پېترۇ‌س 4:‏8 ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ قېرىنداشلارنى قانداق سۆيۈشىمىز كېرە‌ك؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

14 بىز پېترۇ‌سنىڭ سۆزلىرىنى دىققە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ھاكىمە قىلايلى.‏ 8-‏ئايە‌تنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە «بىر-‏بىرىڭلارنى چىن قە‌لبىڭلاردىن سۆيۈڭلار» دېيىلگە‌ن.‏ «چىن قە‌لبىڭلاردىن» دېگە‌ن سۆزنىڭ ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىسى «سوزۇ‌ش» دېگە‌ننى بىلدۈرىدۇ.‏ ئايە‌تنىڭ داۋامىدا شۇ‌نداق سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسە‌تسە‌ك،‏ نېمە بولىدىغانلىقى يېزىلغان.‏ چىن قە‌لبتىن سۆيۈش «كۆپلىگە‌ن گۇ‌ناھلارنى ياپىدۇ».‏ مۇ‌نداق مىسال كە‌لتۈرە‌يلى.‏ بىز مە‌ينە‌ت بولۇ‌پ كە‌تكە‌ن بىر ئۈستە‌لنىڭ ئۈستىنى رە‌خت بىلە‌ن ياپتۇ‌ق دە‌يلى.‏ ئە‌گە‌ر بۇ رە‌ختنى بە‌كرە‌ك تارتىپ ياپساق،‏ ئۈستە‌لنىڭ ئۈستىدىكى كۆپرە‌ك داغلارنى ياپالايدۇ.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ بىز قېرىنداشلىرىمىزنى «چىن قە‌لبىمىزدىن سۆيسە‌ك»،‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرنە‌چچە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى نۇ‌رغۇ‌ن خاتالىقلىرىنى كە‌چۈرە‌لە‌يمىز.‏

15.‏ قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىمىز كۈچلۈك بولسا،‏ نېمە قىلالايمىز؟‏ (‏كولوسىلىقلار 3:‏13)‏

15 قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز شۇ‌نداق كۈچلۈك بولۇ‌شى كېرە‌ككى،‏ ھە‌تتا قىيىن بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ كە‌مچىلىكىنى كە‌چۈرۈشىمىز كېرە‌ك ‏(‏كولوسىلىقلار 3:‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز باشقىلارنى كە‌چۈرگە‌ندە،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنىڭ كۈچلۈك ئىكە‌نلىكىنى ۋە يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ باشقىلارنىڭ بىزنى رە‌نجىتىدىغان قىلىقلىرىنى ۋە خاتالىقلارنى كە‌چۈرۈشىمىزگە يە‌نە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

بىر بۇ‌رادە‌ر يانفونىدىن قېرىنداشلار بىلە‌ن چۈشكە‌ن سۈرە‌تلە‌ردىن بىرىنى ئۆچۈرۈۋاتىدۇ.‏ بۇ سۈرە‌تلە‌رنىڭ بىرى بېسىپ چىقىرىلىپ،‏ رامكىغا ئېلىنىپ،‏ تىزىپ قويۇ‌لغان.‏

بىز ئە‌ڭ ياخشى رە‌سىملە‌رنى ساقلاپ،‏ ناچار چىققان سۈرە‌تلە‌رنى ئۆچۈرۈۋە‌تكە‌نگە ئوخشاش،‏ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياخشى ئە‌سلىمىلىرىنى ئېسىمىزدە تۇ‌تىمىز ۋە يامان تە‌رە‌پلىرىنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالىمىز (‏16،‏ 17-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

16،‏ 17.‏ باشقىلارنىڭ كىچىك گۇ‌ناھلىرىغا دىققە‌ت ئاغدۇ‌رماسلىقىمىزغا يە‌نە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏

16 قېرىنداشلارنىڭ سە‌لبىي تە‌رە‌پلىرىگە ئە‌مە‌س،‏ ئىجابىي تە‌رە‌پلىرىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌ڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر توپ قېرىنداشلار بىلە‌ن جە‌م بولغانلىقىڭىزنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ كۆڭۈللۈك ۋاقىت ئۆتكۈزدۈڭلار،‏ ئاخىرىدا خوشلىشىش ئالدىدا،‏ بىللە بىر سۈرە‌تكە چۈشمە‌كچى بولدۇ‌ڭلار.‏ تارتقان بىرىنچى پارچە سۈرە‌ت ياخشى چىقمىغاچ،‏ يە‌نە ئىككى پارچە سۈرە‌تكە تارتىڭىز.‏ شۇ‌نداق قىلىپ ئۈچ پارچە سۈرە‌ت بار.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرىدە بىر بۇ‌رادە‌رنىڭ چىرايى ياخشى كۆرۈنمىگە‌ن.‏ بۇ بىر پارچە سۈرە‌تنى نېمە قىلىسىز؟‏ ئۇ‌نى ئۆچۈرۈۋېتىسىز.‏ چۈنكى،‏ سىزدە شۇ بۇ‌رادە‌رنىڭ ۋە باشقىلارنىڭمۇ ياخشى چىققان يە‌نە ئىككى پارچە سۈرە‌ت بار.‏

17 سۈرە‌تلە‌رنى ئېسىمىزدە ساقلىغان ئە‌سلىمىلە‌ر بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ.‏ بىز ئادە‌تتە قېرىنداشلىرىمىز بىلە‌ن ئۆتكۈزگە‌ن ۋاقىتلىرىمىزنى ياخشى ئە‌سلە‌يمىز.‏ ئە‌مما،‏ شۇ ۋاقىتتا بىرسى سىزنى خاپا قىلىدىغان بىر نە‌رسىنى ئېيتىپ ياكى قىلىپ قويدى دە‌يلى.‏ ناچار تارتىلغان سۈرە‌تنى ئۆچۈرۈۋە‌تكە‌ندە‌ك،‏ شۇ ئە‌سلىمىنى ئېسىمىزدىن چىقىرىۋە‌تسە‌ك ياخشى بولىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 19:‏11؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 4:‏32)‏.‏ قېرىنداشلىرىمىز بىلە‌ن ئۆتكۈزگە‌ن نۇ‌رغۇ‌ن ياخشى ئە‌سلىمىلە‌ر كۆپ بولغاچ،‏ مە‌لۇ‌م بىرىنىڭ كىچىك خاتالىقىنى ئۇ‌نتۇ‌پ كېتە‌لە‌يمىز.‏ بىز پە‌قە‌ت قېرىنداشلىرىمىز بىلە‌ن ئۆتكۈزگە‌ن ياخشى ئە‌سلىمىلە‌رنى ئە‌ستە ساقلاپ،‏ شۇ‌لارنى قە‌دىرلە‌شنى خالايمىز.‏

نېمە ئۈچۈن بولۇ‌پمۇ بۈگۈنكى كۈندە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك؟‏

18.‏ بۇ ماقالىدە،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ھە‌ققىدە قايسى مۇ‌ھىم ئوي-‏پىكىرلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلدۇ‌ق؟‏

18 نېمە ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈشىمىز كېرە‌ك؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ قېرىنداشلىرىمىزنى سۆيسە‌ك،‏ يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى نامايان قىلىمىز.‏ قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈمىزنى قانداق ئىپادىلە‌يمىز؟‏ بۇ‌نى قىلىشنىڭ بىر يولى —‏ ئۇ‌لارغا تە‌سە‌للى بېرىش.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلارغا ئىچ ئاغرىتىشىمىز كېرە‌ك.‏ قىيىن بولسىمۇ،‏ قېرىنداشلارنىڭ خاتالىقلىرىنى كە‌چۈرسە‌ك،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۈچلۈك ساقلىيالايمىز.‏

19.‏ نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە قېرىنداشلارنى سۆيۈش بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏

19 نېمە ئۈچۈن بولۇ‌پمۇ ھازىر سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏ پېترۇ‌س سە‌ۋە‌بىنى چۈشە‌ندۈرۈپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ھە‌ممە نە‌رسىنىڭ ئاخىرى يېقىنلاشتى.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ … بىر-‏بىرىڭلارنى چىن قە‌لبىڭلاردىن سۆيۈڭلار» (‏1-‏پېتر.‏ 4:‏7،‏ 8)‏.‏ بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى يېقىنلاشقانسېرى،‏ بىزنى ئالدىمىزدا قانداق ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌ر كۈتمە‌كتە؟‏ ئە‌يسا ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مېنىڭ ئىسىمىم تۈپە‌يلى پۈتكۈل مىللە‌تلە‌ر سىلە‌ردىن نە‌پرە‌تلىنىدۇ» (‏مە‌تتا 24:‏9‏)‏.‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئۆچمە‌نلىكىگە قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن،‏ بىز ئۆزئارا ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ساقلىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ چاغدا،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن مە‌ھكە‌م باغلىنىپ،‏ ئارىمىزدا بىرلىكنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل رىشتىسى بولىدۇ ۋە شە‌يتاننىڭ ئارىمىزغا چاچىدىغان بۆلگۈنچىلىك ئۇ‌رۇ‌قى يىلتىز تارتالمايدۇ.‏—‏كولوسى.‏ 3:‏14؛‏ فىلىپى.‏ 2:‏1،‏ 2.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • قېرىنداشلىرىمىزنى سۆيۈشنىڭ قانداق سە‌ۋە‌بلىرى بار؟‏

  • قېرىنداشلارغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى قانداق ئىپادىلىيە‌لە‌يمىز؟‏

  • نېمە ئۈچۈن چىن قە‌لبىمىزدىن كە‌چۈرۈش سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنىڭ بە‌لگىسى؟‏

35-‏ناخشا رە‌ھمە‌ت خۇ‌دا سە‌ۋرچانلىقىڭغا

a ھازىر ئىلگىرىكى ھە‌رقانداق ۋاقىتقا قارىغاندا بىز ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان مۇ‌ھە‌ببە‌تنى نامايان قىلىش ناھايىتى مۇ‌ھىم.‏ نېمىشقا ۋە قانداق بىز سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى تېخىمۇ تولۇ‌ق نامايان قىلالايمىز؟‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش