51-تەتقىق ماقالىسى
152-ناخشا كۈچىمىز، ئۈمىدىمىز ۋە يار-يۆلىكىمىز
يەھۋا تۆككەن كۆز ياشلىرىڭىزنى ئۇنتۇمايدۇ
«كۆز ياشلىرىمنى تۇلۇمغا يىغىپ قويغىن. ئۇلار سېنىڭ كىتابىڭغا يېزىپ قويۇلغان ئەمەسمۇ؟».—زەبۇر 56:8.
مەركىزى ئىدىيە
يەھۋا ئازاب-ئوقۇبەتلىك ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى تولۇق چۈشىنىدۇ ۋە بىزگە تەسەللى بېرىدۇ.
1، 2. قانداق ۋەزىيەتلەر بىزنىڭ ياش تۆكۈشىمىزگە سەۋەب بولىدۇ؟
ھەممىمىزنىڭ كۆز ياشلارنى تۆككەن چاغلىرى بولغان. بەزى پەيتلەردە ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالالماي خۇشاللىق كۆز يېشى قىلىمىز. مەسىلەن، پەرزەنت كۆرگەندە، خۇشال ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنى ئەسلىگەندە ياكى ئۇزاق ۋاقىت كۆرۈشمىگەن جان دوستىمىز بىلەن كۆرۈشكەندە ھاياجان ئىلكىدە كۆزلىرىمىزدىن ياشلار تۆكۈلىدۇ.
2 بىراق، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كۆڭلىمىز يېرىم بولغاندا ياكى ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندە كۆزلىرىمىزنى ياشقا تولىدۇ. مەسىلەن، بىرى كۆڭلىمىزنى ئاغرىتقاندا، كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئاغرىق توختىماي جېنىمىز قىينالسا ياكى يېقىن كىشىلىرىمىز ئۆلۈپ كەتسە، كۆز يېشى قىلىمىز. شۇنداق چاغلاردا، بىز خۇددى يەرەمىيا پەيغەمبەر كەبى ھېس-تۇيغۇدا بولۇمىز. بابىلون قوشۇنى يېرۇسالىمنى ۋەيران قىلغاندا، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئاقتى كۆز ياشلىرىم دەريا بولۇپ. كۆز ياشلىرىم ھېچ توختىماس، كۆزۈمدىن ياش قۇرۇماس».—يەرەم. يىغ 3:48، 49.
3. يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆرگەندە قانداق ھېس تۇيغۇدا بولىدۇ؟ (يەشايا 63:9)
3 بېشىمىزغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە، قانچە قېتىملاپ ئازابلىق كۆز ياشلارنى تۆككەنلىكىمىزنى يەھۋا ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ. مۇقەددەس كىتاب شۇنداق دەيدۇ: يەھۋا بىزنىڭ قانداق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ۋە قىلغان نالە-پەريادىمىزنى ئاڭلايدۇ (زەبۇر 34:15). يەھۋا پەقەت كۆرۈپ ياكى ئاڭلاپلا قويمايدۇ. سۆيگۈ-مۇھەببەتلىك ئاتا-ئانا كەبى، يەھۋا يىغا-زارىمىزنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ كۆڭلى ئازابلىنىدۇ ۋە دەرھال بىزگە ياردەم بېرىشكە ئاتلىنىدۇ.—يەشايا 63:9-نى ئوقۇڭ.
4. بىز كىملەرنىڭ مىساللىرىنى مۇھاكىمە قىلىمىز ۋە يەھۋا توغرۇلۇق نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
4 مۇقەددەس كىتابتا، يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرى كۆز يېشى قىلغاندا، ئۇ قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇنى ھاننا، داۋۇت ۋە پادىشاھ ھىزقىيانىڭ مىسالىدىن كۆرەلەيمىز. ئۇلار نېمە ئۈچۈن كۆز يېشى قىلغان؟ يەھۋا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرگەن؟ يەنە كۆڭلىمىز ئازابلانغاندا، بىرى ۋاپاسىزلىق قىلغاندا ياكى ئۈمىدسىزلەنگەندە، ئۇلارنىڭ مىسالى بىزگە قانداق تەسەللى بېرىدۇ؟ مۇشۇ سوئاللارنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلايلى.
قايغۇ-ھەسرەتكە تولغان كۆز ياشلار
5. ھاننا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغان؟
5 ھاننانىڭ بېشىدىن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ئۆتكەچكە، كۆزىدىن قايغۇ-ھەسرەتلىك كۆز ياشلار قۇرۇمىغان. مەسىلەن، ھاننانىڭ ئېرىنىڭ پىنىننا ئىسىملىك يەنە بىر ئايالى بولغان. پىنىننا ھاننانى ناھايىتى ئۆچ كۆرگەن. بۇ ئازابى ئۇنىڭغا ئازدەك، ھاننانىڭ بىرمۇ بالىسى يوق، پىنىننانىڭ بىرقانچە بالىلىرى بار ئىدى (سام. 1-ياز. 1:1، 2). پىنىننا توختىماي ھاننانى تۇغماس دەپ مەسخىرە قىلاتتى. ھاننانىڭ ئورنىدا سىز بولغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلاتتىڭىز؟ ھاننا كۆز يېشى قىلىپ، ھېچنېمە يېمىگەن. چۈنكى، كۆڭلى ناھايىتى ئازابلانغان.—سام. 1-ياز. 1:6، 7، 10.
6. ھاننا تەسەللى تېپىش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟
6 ھاننا قەيەردىن كۆڭلىگە تەسەللى تاپقان؟ ئۇ يەھۋا خۇدانىڭ ئىبادەت چېدىرىغا بارغان. بەلكىم، ئۇ ئىبادەت چېدىرنىڭ ھويلىسىغا كىرىش ئېغىزىغا يېقىن بىر جايدا، «ئۆزىنى باسالماي يىغلاپ، يەھۋاغا دۇئا قىلىشنى» باشلىغان. ھاننا يالۋۇرۇپ يەھۋاغا مۇنداق دېگەن: «ئۆز قۇلۇڭنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىگە نەزەر سېلىپ، مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن» (سام. 1-ياز. 1:10، 11). ھاننا ئىچ باغرىنى يەھۋاغا تۆكۈپ دۇئا قىلغان. سۆيۈملۈك قىزىنىڭ ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرىنى كۆرۈپ، يەھۋا قانداق ھېس-تۇيغۇلاردا بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ!
7. ھاننا يەھۋاغا ئىچ-باغرىنى تۆكۈپ، قانداق تەسەللىگە ئېرىشكەن؟
7 ھاننا دۇئاسىدا ئىچىدىكى ئاچچىق قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى يەھۋاغا ئېيتقاندا، باش روھانىي ئەلى ئۇنىڭغا دۇئاسىنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىغا ئېيتقان. شۇ چاغدا، ھاننا ئۆزىنى قانداق ھېس قىلغان؟ مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ قايتىپ كېتىپ، تاماق يېدى ۋە ئەمدى چىرايى ئىلگىرىكىدەك غەمكىن كۆرۈنمىدى» (سام. 1-ياز. 1:17، 18). ھەتتا، ئۇنىڭ ۋەزىيىتى تېخى ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھاننانىڭ كۆڭلى ئارام تاپقان. ئۇ ئۆزىنى باسقان ئېغىر يۈكنى، يەنى قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى يەھۋاغا تاشلىغان. يەھۋا ھاننانىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆرگەن، نالە-پەريادىنى ئاڭلىغان. كېيىن، ئۇنىڭغا پەرزەنت بېرىپ بەرىكەتلىگەن.—سام. 1-ياز. 1:19، 20؛ 2:21.
8، 9. ئىبرانىيلار 10:24، 25-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نېمە ئۈچۈن جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش مۇھىم؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
8 بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگەندۇق؟ بەلكىم، ئائىلە ئەزالىرىڭىزدىن بىرىنىڭ ياكى يېقىن دوستىڭىزنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك، ھازىر كۆڭلىڭىز يېرىم، كۆزلىرىڭىز قايغۇ-ھەسرەتلىك ياشلاردىن قۇرۇمايۋاتقاندۇ. بۇنداق ۋەزىيەتتە، ھېچكىمنى كۆرۈشنى خالىماي، يالغۇز قېلىشنى خالىسىڭىز، بۇ تەبىئىي ئەھۋال. ئەمما، ھاننانىڭ ئۈلگىسىنى ئەسكە ئېلىڭ. ئۇ ئىبادەت چېدىرىغا بارغان ۋە ئۇ يەردە يەھۋا ئۇنىڭغا تەسەللى ۋە ئىلھام بەرگەن. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەتتا ئۆزىڭىزنى ھېرىپ چارچىغان ۋە كۆڭلىڭىز بىئارام ھېس قىلغاندا، جامائەت يىغىلىشلىرىغا بارسىڭىز، يەھۋا سىزگە تەسەللى ۋە كۆڭۈل ئاراملىقى بېرىدۇ (ئىبرانىيلار 10:24، 25-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، جامائەت يىغىلىشىدا مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇلغان ئايەتلەر يامان ھېس-تۇيغۇلارنى قوزغايدىغان سەلبىي ئوي-پىكىرنىڭ ئورنىنى ئىجابىي ئوي-پىكىر ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بەلكىم، ۋەزىيەتتە ھېچقانداق بىر ئۆزگۈرۈش بولمىغان ھالەتتە، بىز كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئېرىشىپ، ئۆزىمىزنى ياخشىراق ھېس قىلالايمىز.
9 بىز جامائەت يىغىلىشلىرىغا بارغاندا، بىزگە ھېسداشلىق قىلىدىغان ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن كۆرۈشەلەيمىز. ئۇلارنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتى ۋە غەمخورلۇقى روھىمىزنى كۆتۈرىدۇ (1-سالونىكا. 5:11، 14). قەدىناس ئايالىدىن ئايرىلغان مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئايالىمنى ناھايىتى سېغىنىمەن. بەزىدە بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ، ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلاپ كېتىمەن. لېكىن، ئىبادەت يىغىلىشلىرىمىز ماڭا كۆپ ئىلھام-مەدەتلەرنى بېرىدۇ. ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ قىلغان سۆزلىرى ۋە بەرگەن جاۋابلىرى ماڭا تەسەللى بېرىدۇ. جامائەت يىغىلىشىغا بېرىشتىن ئىلگىرى غەم-ئەندىشە قىلىپ، ئۆزۈمنى ناھايىتى بىئارام ھېس قىلساممۇ، يىغىلىشتىن كېيىن ھەمىشە ئۆزۈمنى ياخشىراق ھېس قىلىمەن». بىز جامائەت يىغىلىشلىرىغا بارساق، ئېتىقادچى قېرىنداشلار ئارقىلىق يەھۋا بىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ.
ئېتىقادداشلىرىمىز بىزگە تەسەللى بېرەلەيدۇ (8، 9-ئابزاسلارغا قاراڭ)
10. ئازابلىق ھېس-تۇيغۇلاردىن ئېزىلگەن كۆڭلىڭىزگە تەسەللى تېپىش ئۈچۈن، ھاننادىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
10 ھاننا تەسەللى تېپىش ئۈچۈن يەنە نېمە قىلغان؟ ئۇ ئىچ باغرىنى يەھۋاغا تۆكۈپ دۇئا قىلغان. سىزمۇ ھانناغا ئوخشاش بارچە غەم-تەشۋىشلىرىڭىزنى يەھۋا خۇداغا تاپشۇرۇڭ. ئۇ چوقۇم دۇئالىرىڭىزغا جاۋاب قايتۇرۇپ، سىزگە ياردەم بېرىدۇ (1-پېتر. 5:7). ئېرىنى قوراللىق بۇلاڭچىلار ئۆلتۈرۈۋەتكەن بىر قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «شۇ چاغدا، يۈرىكىم پارە-پارە بولۇپ كەتتى، قەلبىمدىكى بۇ يارا مەڭگۈ ساقايمايدىغاندەك ھېس قىلدىم. ھەر قېتىم مېھىر-شەپقەتلىك، ئاسماندىكى ئاتامغا دۇئا قىلغىنىمدا، ئۇ ماڭا كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ئاتا قىلىدۇ. بەزىدە ھېس-تۇيغۇلىرىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن سۆز تاپالماي قالىمەن، لېكىن يەھۋا مېنى چۈشىنىدۇ. ئىچ-ئىچىمدىن ئازابلىنىپ، ئۆزۈمنى تاشلىۋېتىپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كېتىشكە ئازلا قالغاندا، يەھۋادىن كۆڭۈل خاتىرجەملىكى تىلەپ دۇئا قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۆزۈمنى ياخشىراق ھېس قىلىپ، شۇ كۈن ئۈچۈن پىلانلىغان ئىشلىرىمنى قىلىمەن». يىغلاپ تۇرۇپ، ئىچ-باغرىمىزنى يەھۋاغا تۆككەندە، ئۇ كۆڭلى ھەم ئازابلىنىدۇ ۋە بىزنىڭ ئازابلىق ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى تولۇق چۈشىنىدۇ. ۋەزىيىتىڭىزدە تېخى ھېچقانداق بىر ئۆزگۈرۈش بولمىغان ھالەتتىمۇ، يەھۋا كۆڭلىڭىزگە تەسەللى بېرىپ، ئۆزىڭىزنى تىنچ-خاتىرجەم ھېس قىلىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ (زەبۇر 94:19؛ فىلىپى. 4:6، 7). ئۇ سىزنىڭ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۇنىڭغا داۋاملىق سادىق بولغانلىقىڭىزنى چوقۇم مۇكاپاتلايدۇ.—ئىبرانىي. 11:6.
ۋاپاسىزلىققا چىدىماي تۆككەن كۆز ياشلار
11. باشقىلار داۋۇتقا ۋاپاسىزلىق قىلىغاندا، ئۇ قانداق ھېس-تۇيغۇلاردا بولغان؟
11 داۋۇت ھاياتىدا بەزى چاغلاردا ناھايىتى ئازابلىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. مەسىلەن، باشقىلار ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلغان. ھەتتا ئائىلە ئەزالىرى ۋە يېقىن دوستلىرى ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلغان (سام. 1-ياز. 19:10، 11؛ سام. 2-ياز. 15:10–14، 30). داۋۇت بىر قېتىم مۇنداق يازغان: «نالە-پەرياد قىلىپ، چارچاپ ماغدۇرۇمدىن كېتىمەن؛ كېچىچە يىغلاپ، ياتقان جاينى نەم قىلىۋېتىمەن؛ كۆز ياشلىرىم دەريادەك ئېقىپ، يوتقان-كۆرپەمنى ھۆل قىلىۋېتىمەن». ئۇنداقتا، داۋۇت نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى شۇنداق ھېس قىلغان؟ ئۇ: «دۈشمەنلىرىم دەستىدىن»،— دەپ چۈشەندۈرگەن (زەبۇر 6:6، 7). باشقىلارنىڭ رەھىمسىز مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغاندا، داۋۇت ناھايىتى ئازابلىنىپ، كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىغان ئىدى.
12. زەبۇر 56:8-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، داۋۇت نېمىگە ئىشەنگەن؟
12 گەرچە داۋۇت ھاياتىدا نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇ يەھۋانىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. ئۇ: «يەھۋا يىغا-زارىمغا چوقۇم قۇلاق سالار»،— دەپ يازغان (زەبۇر 6:8). يەنە بىر قېتىم، داۋۇت زەبۇر 56:8-ئايەتتە (ئوقۇڭ) كىشنى ھاياجانغا سالىدىغان سۆزلەرنى قىلغان. شۇ سۆزلەردىن يەھۋانىڭ بىزگە بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ۋە غەمخورلۇقىنى كۆرەلەيمىز. داۋۇت شۇنداق ھېس قىلغانكى، يەھۋا ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى تۇلۇمغا يىغىپ، تارقاتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىنى ئۆز كىتابىغا يېزىپ قويغان. ئۇ ئاسماندىكى ئاتىسى پەقەت ئۆزىنىڭ قانداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولۇپلا قالماي، بەلكى قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ ياخشى بىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.
13. ئەگەر باشقىلار بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈسە ياكى ۋاپاسىزلىق قىلسا، نېمىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
13 بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگەندۇق؟ بىرلىرى سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكى ياكى ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان ئادىمىڭىز سىزگە ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ئازابلىق ھېس-تۇيغۇلار سىزنى قىيناۋاتامدۇ؟ مەسىلەن، مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈپ توي قىلىشقا پۈتۈشكەن ئادىمىڭىز ياكى ئۆمۈرلۈك جورىڭىز سىزنى تاشلاپ كەتسە، ۋە ياكى سىز ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم خۇداغا خىزمەت قىلىشنى توختاتسا، يۈرىكىڭىز خەنجەر سانجىغاندەك ئازابلىنىپ، قايغۇ-ھەسرەتلىك كۆز ياشلار كۆزىڭىزدىن قۇرۇمايۋاتامدۇ؟ ئايالى ۋاپاسىزلىق قىلىپ تاشلاپ كەتكەن بۇرادەر مۇنداق دېگەن: «مۇنداق ئىش بېشىمغا كەلگىنىدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم ۋە ئىشەنگۈم كەلمىدى. مەن بىردە ئازابلانسام، بىردە ئاچچىقلىنىپ، ئۆزۈمنى ھېچنېمىگە يارىماس، پايدىسىزدەك ھېس قىلدىم». ئەگەر كىمدۇ-بىرى سىزگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ كۆڭلۈڭىزنى ئاغرىتسا، يەھۋانىڭ سىزنى ئەسلا تاشلىۋەتمەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىڭ. شۇ بۇرادەر: «شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، ئىنسان بىزگە ۋاپاسىزلىق قىلسىمۇ، لېكىن قورام تېشىمىز يەھۋا بىزگە مەڭگۈ ۋاپادار بولىدۇ. مەيلى قانداق ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كېلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئۇ دائىم يېنىمىزدا بولىدۇ، ئۇ ئۆزىگە سادىق ئادەملەرنى ھەرگىز تاشلىمايدۇ»،— دېگەن (زەبۇر 37:28). شۇنى ئەستە ساقلاڭكى، يەھۋا سىزنى سۆيگەندەك، ھېچبىر ئىنسان سىزنى شۇنداق سۆيمەيدۇ. ئىشەنگەن كىشى ۋاپاسىزلىق قىلىپ، سىزنى تاشلاپ كەتسە، كۆڭلىڭىز قاتتىق ئازار يەپ، ئۆزىڭىزنى ئەرزىمەس ھېس قىلىسىز. ئەمما، يەھۋانىڭ سىزگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى قىلچىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە، سىز يەنىلا ناھايىتى قەدىر-قىممەتلىك (رىملىقلار 8:38، 39). ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئادەملەر سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئەرشتىكى ئاتىڭىز سىزنى سۆيىدۇ.
زەبۇر كىتابى يەھۋانىڭ كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىن تۇرىدىغانلىقىغا بىزنى ئىشەندۈرىدۇ (13-ئابزاسقا قاراڭ)
14. زەبۇر 34:18-ئايەتتىكى سۆزلەر بىزنى نېمىگە ئىشەندۈرىدۇ؟
14 كىمدۇ-بىرى بىزگە ۋاپاسىزلىق قىلسا، داۋۇت پادىشاھنىڭ زەبۇر 34:18-دە (ئوقۇڭ) ئېيتقان سۆزلىرى كۆڭلىمىزگە تەسەللى بېرەلەيدۇ. بىر لۇغەتتە «روھىي ئېزىلگەنلەر» دېگەن ئىپادە، «كېلەچەكتىن پۈتۈنلەي ئۈمىد ئۈزگەنلەرگە قارىتا ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن. ئەگەر بىز شۇنداق ھېس-تۇيغۇدا بولساق، ياراتقۇچىمىز يەھۋا بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ يەھۋا بىزگە يېقىن تۇرىدۇ. ئۇ خۇددى ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقان بالىسىنى باغرىغا بېسىپ، بەزلىگەن ئاتا-ئانىغا ئوخشاش، كىمدۇ-بىرى بىزگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ تاشلاپ كەتكەندە، قاتتىق ئازابلانساق، يەھۋا بىزگە ئىچ ئاغرىتىپ، دەرھال ياردەم بېرىدۇ. يارىلانغان قەلبىمىزگە تەسەللى بېرىپ، ئۆزىمىزنى ھېچنېمىگە ئەرزىمەستەك ھېس-تۇيغۇلارغا كەلتۈرىدىغان ئوي-خىياللاردىن قۇتۇلدۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا كەلگۈسى ھەققىدە ئاجايىپ ۋەدىلەرنى بېرىدۇ. بۇ ھەم بىزنىڭ ھازىرقى قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.—يەشايا 65:17.
ئۈمىدسىزلىككە تولغان كۆز ياشلار
15. پادىشاھ ھىزقىيا نېمە ئۈچۈن ياش تۆككەن؟
15 يەھۇدا پادىشاھى ھىزقىيا 39 ياشقا كەلگەندە، ساقايماس كېسەل بىلەن ئاغرىغان. يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق، يەھۋا ھىزقىيانىڭ شۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا ئېيتقان (2-پادىشاھ. 20:1). بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ھىزقىيانىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇمىغان. قارىماققا، ئۇ پۈتۈنلەي ئۈمىد ئۈزگەن ئىدى. ئۇ يەھۋاغا يالۋۇرۇپ، دۇئا قىلىشقا باشلىغان.—2-پادىشاھ. 20:2، 3.
16. يەھۋا ھىزقىيانىڭ دۇئاسىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
16 ھىزقىيانىڭ كۆز ياشلار بىلەن يالۋۇرۇپ قىلغان دۇئاسىنى ئاڭلىغان يەھۋا ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقان ۋە مېھرىبانلىق بىلەن مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم، كۆز ياشلىرىڭنى كۆردۈم. مانا، مەن سېنى ساقايتىمەن». يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەھۋا پادىشاھ ھىزقىياغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىپ، يېرۇسالىمنى ئاسسۇرىيىلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ قالىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.—2-پادىشاھ. 20:4–6.
17. ئەگەر ساقايماس ئېغىر كېسەل بىلەن ئاغرىساق، يەھۋا بىزگە قانداق تەسەللى بېرىدۇ؟ (زەبۇر 41:3) (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
17 بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگەندۇق؟ ئەگەر سىزمۇ قارىماققا ساقايماس كېسەل بىلەن ئاغرىۋاتقان بولسىڭىز، نېمە قىلالايسىز؟ ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى يەھۋاغا ئېيتىپ دۇئا قىلىپ، ھەتتا كۆز يېشىڭىزنى تۇتالمىسىڭىز، يىغلاپ تۇرۇپ ئىچ باغرىڭىزنى ئۇنىڭغا تۆكۈپ بېرىڭ. مۇقەددەس كىتاب بىزنى شۇنىڭغا ئىشەندۈرىدۇكى، مەيلى قانداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزەيلى، «رەھىم-شەپقەتلىك ئاتا ۋە بارچە تەسەللىنىڭ مەنبەسى بولغان» يەھۋا خۇدا بىزگە تەسەللى بېرىدۇ (2-كورىنت. 1:3، 4). بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋا بىزنى بارچە قىيىنچىلىقلاردىن خالاس قىلىشنى كۈتمەيمىز، لېكىن ئۇ بىزگە ھەردائىم تەسەللى بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز (زەبۇر 41:3-نى ئوقۇڭ). يەھۋا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئىشلىتىپ، بىزگە كۈچ، دانالىق ۋە كۆڭۈل خاتىرجەملىكى بېرىدۇ (پەند ن. 18:14؛ فىلىپى. 4:13). ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ مۇقەددەس كىتابتىكى كېلەچەكتە ھېچكىم: «مەن كېسەل»— دېمەيدۇ دېگەن ۋەدىسى ئارقىلىق بىزگە تەسەللى بېرىدۇ.—يەشايا 33:24.
يەھۋا دۇئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بىزگە كۈچ، دانالىق ۋە كۆڭۈل خاتىرجەملىكى بېرىدۇ (17-ئابزاسقا قاراڭ)
18. ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگىنىڭىزدە، مۇقەددەس كىتابتىكى قايسى ئايەت سىزگە تەسەللى بېرىدۇ؟ («سۇنۇق دىلىمىزغا تەسەللى بېرىدىغان ئايەتلەر» دېگەن رامكىغا قاراڭ).
18 يەھۋانىڭ سۆزلىرى ھىزقىياغا تەسەللى بەرگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوخشاش بىزگە تەسەللى بېرەلەيدۇ. بىزنىڭ بېشىمىزغا قىيىن كۈنلەر كەلسە، مۇقەددەس كىتابتىكى كۆڭۈلنى تەسەللى تاپقۇزىدىغان سۆزلەر بىلەن، يەھۋا بىزگە كۈچ-مەدەت بېرىدۇ (رىملىقلار 15:4). غەربىي ئافرىقىدا ياشايدىغان بىر قېرىندىشىمىز راك كېسىلى بولغانلىقىنى بىلگەندە، دائىم يىغلاپ، كۆزىدىن ياش قۇرۇمىغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «يەشايا 26:3-ئايەتتىكى سۆزلەردىن ئۆزۈمگە تەسەللى تاپتىم. گەرچە ھازىر ھاياتىمىزدا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتلەرنى ئۆزگەرتىش قولىمىزدىن كەلمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئايەتتە ئېيتىلغاندەك، بېشىمىزغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە، يەھۋا بىزگە تىنچ-خاتىرجەملىك بېرىپ، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشمىزگە ياردەم بېرىدۇ». سىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، ھەتتاكى ئۈمىدسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندەك ھېس قىلسىڭىز، سىزگە ئىلھام-مەدەت بېرىدىغان بىرەر ئايەتنى ياد ئېلىۋالدىڭىزمۇ؟
19. بىزنى قانداق كېلەچەك كۈتۈۋاتىدۇ؟
19 مۇشۇ زاماننىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقىت يېقىنلاشقانسېرى، كۆز ياشلارنى تۆكۈشىمىزگە سەۋەب بولىدىغان قىيىنچىلىقلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئەمما، ھاننا، داۋۇت ۋە پادىشاھ ھىزقىيانىڭ مىساللىرىدىن ئۆگەنگىنىمىزدەك، يەھۋا تۆككەن ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرىمىزنى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭمۇ كۆڭلى ناھايىتى بىئارام بولىدۇ. ئۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە قارىماي، سادىق قالغانلىقىمىزنى كۆرۈپ ناھايىتى سۆيۈنىدۇ ۋە تۆككەن ھەر تامچە كۆز يېشىمىزنى ئۇنتۇمايدۇ. شۇڭا، قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىپ ئۈمىدسىزلەنگەندە، يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىچ-باغرىمىزنى تۆكۈپ بېرەيلى. جامائەتتىكى ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن باردى-كەلدى قىلىشنى تاشلىماي، ئۇلارنىڭ بەرگەن تەسەللىسىنى قوبۇل قىلايلى. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ئارقىلىق يەھۋادىن كېلىدىغان تەسەللىگە ئېرىشىمىز. ئەگەر بىز داۋاملىق بەرداشلىق بېرىپ يەھۋاغا سادىق بولساق، ئۇ بىزنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالايمىز. يەھۋا بىزگە ۋەدە قىلغانكى، كۆڭلىمىز ئازابلانغاندا، بىرى ۋاپاسىزلىق قىلغاندا ياكى ئۈمىدسىزلەنگەندە تۆككەن كۆز ياشلىرىمىزنى ئېرتىدۇ (ۋەھىي. 21:4). شۇ ۋاقىتتا، بىز پەقەت خۇشاللىق كۆز يېشىنى تۆكىمىز.
22-ناخشا يەھۋا — مېنىڭ پادىچىمدۇر