كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى قانداق كىشىلە‌ر؟‏
    بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداۋاتىدۇ؟‏
    • 1-‏دە‌رس

      يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى قانداق كىشىلە‌ر؟‏

      دانىيە

      تە‌يۋە‌ن

      ۋېنېسۇ‌ئېلا

      ھىندىستان

      يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىدىن بىرە‌رسىنى تونۇ‌مسىز؟‏ بە‌زىلىرىمىز قوشنىڭىز،‏ خىزمە‌تدىشىڭىز ياكى ساۋاقدىشىڭىز بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم ئىلگىرى بىز بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە سۆزلە‌شكە‌نسىز.‏ ئۇ‌نداقتا بىز زادى كىم؟‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى باشقىلار بىلە‌ن ئورتاقلىشىمىز؟‏

      بىز ئاددىي ئادە‌ملە‌ر.‏ بىز ھە‌رخىل ئارقا كۆرۈنۈش ۋە ئىجتىمائىي ئورۇ‌نغا ئىگە كىشىلە‌ردۇ‌رمىز.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بولۇ‌شتىن ئىلگىرى،‏ بە‌زىلىرىمىز ھە‌رخىل دىنغا ئېتىقاد قىلغان ۋە يە‌نە بە‌زىلىرىمىز خۇ‌داغا ئىشە‌نمىگە‌ن.‏ بىراق،‏ ھە‌ممىمىز ۋاقىت چىقىرىپ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرى ھە‌ققىدە قىزىقىپ ئىخلاس بىلە‌ن ئىزدە‌نگە‌ن (‏ئە‌لچىلە‌ر 17:‏11)‏.‏ ئۆگە‌نگە‌ن بىلىملە‌رنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشنى شە‌خسە‌ن ئۆزىمىز قارار قىلغان.‏

      مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىش بىزنى پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشتۈرىدۇ.‏ باشقىلارغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز ۋە كە‌مچىلىكلىرىمىز بار.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلىرىنى كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىمىزغا ئە‌مە‌لىي تە‌تبىقلاش بىزنى بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشتۈرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 128:‏1،‏ 2)‏.‏ بۇ نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۆگە‌نگە‌نلىرىمىزنى باشقىلار بىلە‌ن ئورتاقلىشىشىمىزنىڭ بىر سە‌ۋە‌بىدۇ‌ر.‏

      خۇ‌دانىڭ ئە‌خلاق ئۆلچە‌ملىرى بويىچە ياشايمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆلچە‌م-‏قائىدىلىرى باشقىلارنى ھۆرمە‌تلە‌ش،‏ سە‌مىمىي ۋە مېھرىبان بولۇ‌شقا ئوخشاش ياخشى مىجە‌ز-‏خۇ‌لقلارنى يېتىلدۈرۈشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ كىشىنى بە‌خت-‏سائادە‌تكە يېتە‌كلە‌يدۇ.‏ ئە‌دە‌ب-‏ئە‌خلاق كۆزقارىشىنى ئۆستۈرۈپ،‏ ئائىلىنى ئىناقلاشتۇ‌رىدۇ.‏ ساغلام ئىدىيىلىك جە‌مئىيە‌تكە تۆھپە قوشقۇ‌چىلارنى يېتىشتۈرىدۇ.‏ بىز «خۇ‌دانىڭ ھە‌رقانداق ئادە‌منى .‏ .‏ .‏ تە‌ڭ كۆرىدىغانلىقىنى» چوڭقۇ‌ر چۈشە‌نگە‌چ،‏ ئىرقىي كە‌مسىتىش ۋە سىياسىي ئايرىمچىلىقلاردىن خالىي بولغان،‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ خە‌لقئارالىق ھە‌قىقىي چوڭ ئائىلىسى بولۇ‌پ ئۇ‌يۇ‌شقان.‏ بىز ئاددىي ئادە‌ملە‌ر بولساقمۇ،‏ ئۆزگىچە بىر توپ كىشىلە‌ر بولۇ‌پ تە‌شكىللە‌نگە‌ن.‏ —‏ ئە‌لچىلە‌ر 4:‏13؛‏ 10:‏34،‏ 35.‏

      • يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ باشقىلار بىلە‌ن قانداق ئورتاقلىقى بار؟‏

      • يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن قانداق ئۆلچە‌م-‏قائىدىلە‌رنى ئۆگە‌نگە‌ن؟‏

  • بىز نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى دە‌پ ئاتالغان؟‏
    بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداۋاتىدۇ؟‏
    • 2-‏دە‌رس

      بىز نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى دە‌پ ئاتالغان؟‏

      نوُھ

      نۇ‌ھ

      ئىبراهىم ۋه ساره

      ئىبراھىم ۋە سارە

      موُسا

      مۇ‌سا

      ئه‌يسا مه‌سىھ

      ئە‌يسا مە‌سىھ

      نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنى يېڭى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇ‌چىلار،‏ دە‌پ ئويلىشىدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ 2700 يىل ئىلگىرى ھە‌ق خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى،‏ ئۇ‌نىڭ ‹گۇ‌ۋاھچىلىرى›،‏ دە‌پ ئاتالغان (‏يە‌شايا 43:‏10–‏12)‏.‏ بىز 1931-‏يىلغىچە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگۈچىلە‌ر،‏ دە‌پ ئاتىلىپ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى دېگە‌ن ئىسىمنى قوللاندۇ‌ق؟‏

      بۇ نام خۇ‌دايىمىزنىڭ كىملىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ قە‌دىمقى قول يازمىلىرىدا،‏ خۇ‌دانىڭ،‏ يە‌ھۋا،‏ دېگە‌ن ئىسمىنى نە‌چچە مىڭ قېتىم ئۇ‌چرىتىشقا بولىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ كۆپلىگە‌ن تە‌رجىمە نۇ‌سخىلاردا بۇ ئىسىمنىڭ ئورنىغا پە‌رۋە‌ردىگار،‏ رە‌ب ياكى خۇ‌دا،‏ دېگە‌نگە ئوخشاش نام-‏ئۇ‌نۋانلار ئىشلىتىلگە‌ن.‏ قە‌دىمدە ھە‌ق خۇ‌دا مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يە‌ھۋا،‏ دە‌پ ئاشكارىلاپلا قالماستىن،‏ يە‌نە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئە‌بە‌دكىچە بۇ مېنىڭ ئىسمىم» (‏چىقىش 3:‏15،‏ ب ج)‏.‏ بۇ ئارقىلىق،‏ ئۇ ئۆزىنى بارلىق يالغان ئىلاھلاردىن پە‌رقلە‌ندۈرگە‌ن.‏ بىز خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لۇ‌غ ئىسمى بىلە‌ن ئاتالغانلىقىمىزدىن پە‌خىرلىنىمىز.‏

      بۇ نام بۇ‌رچىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏ ھە‌ققانىي ئادە‌م ھابىلدىن باشلاپ،‏ قە‌دىمقى ئىخلاسمە‌ن كىشىلە‌ر يە‌ھۋاغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادى ھە‌ققىدە باشقىلارغا گۇ‌ۋاھلىق بېرىپ كە‌لگە‌ن.‏ ئە‌سىرلە‌ر داۋامىدا،‏ ‹چوڭ بۇ‌لۇ‌تتە‌ك گۇ‌ۋاھچىلار› قاتارىغا نۇ‌ھ،‏ ئىبراھىم،‏ سارە،‏ مۇ‌سا،‏ داۋۇ‌ت ۋە باشقىلار قوشۇ‌لغان (‏ئىبرانىيلار 11:‏4–‏12:‏1)‏.‏ خۇ‌ددى بىرە‌يلە‌ن گۇ‌ناھسىز كىشىنى ئاقلاش ئۈچۈن سوتتا گۇ‌ۋاھلىق بە‌رگە‌ندە‌ك،‏ بىز ھە‌م خۇ‌دا توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌ت ئۈچۈن باشقىلارغا گۇ‌ۋاھلىق بېرىمىز.‏

      مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ئە‌يسانى «سادىق ۋە ئىشە‌نچلىك گۇ‌ۋاھچى»،‏ دە‌پ ئاتىغان (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 3:‏14)‏.‏ ئە‌يسا ئۆزى ‹خۇ‌دا ئىسمىنى بىلدۈردۈم› داۋاملىق خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق ‹ھە‌قىقە‌تكە گۇ‌ۋاھلىق بېرىمە‌ن›،‏ دېگە‌نىدى (‏يۇ‌ھاننا 17:‏26،‏ ب‌ج؛‏ 18:‏37)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌سىھنىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى يە‌ھۋا ئۈچۈن گۇ‌ۋاھلىق بېرىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىسمىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشى كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى دە‌ل شۇ‌نداق قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.‏

      • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگۈچىلە‌ر نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى دېگە‌ن ئىسىمنى قوللانغان؟‏

      • يە‌ر يۈزىدە قاچاندىن باشلاپ يە‌ھۋا ئۈچۈن گۇ‌ۋاھلىق بە‌رگۈچىلە‌ر بولغان؟‏

      • كىم يە‌ھۋا ئۈچۈن گۇ‌ۋاھلىق بېرىشتە ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگە بولغان؟‏

      كۆپرە‌ك ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

      سىز تۇ‌رۇ‌شلۇ‌ق جايدىكى ئېتىقادچىلار جامائە‌تچىلىكى يىغىلىشلىرىغا قاتناشقىنىڭىزدا،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن كۆپرە‌ك تونۇ‌شۇ‌پ،‏ «نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌شنى قارار قىلغانىدىڭىز؟‏»،‏ دە‌پ سوراپ بېقىڭ.‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى قانداق قىلىپ قايتا بايقالغان؟‏
    بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداۋاتىدۇ؟‏
    • 3-‏دە‌رس

      مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى قانداق قىلىپ قايتا بايقالغان؟‏

      مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگۈچىلە‌ر،‏ 1870-‏يىللىرى

      ‏«كۆزىتىش مۇ‌نارى» نىڭ تۇ‌نجى سانى،‏ 1879-‏يىل

      بۈگۈنكى كۈندىكى «كۆزىتىش مۇ‌نارى»‏

      مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئارىسىدا ساختا يېتە‌كچىلە‌ر پە‌يدا بولۇ‌پ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى بۇ‌رمىلاپ ساختىلاشتۇ‌رىدىغانلىقى ھە‌ققىدە بېشارە‌ت قىلىنغان (‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏29،‏ 30)‏.‏ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلە‌ن،‏ دە‌ل شۇ‌نداق ئىشلار يۈز بە‌رگە‌ن.‏ شۇ يېتە‌كچىلە‌ر غە‌يرى دىنىي ئىدىيىلە‌رنى ئە‌يسانىڭ تە‌لىملىرىگە ئارىلاشتۇ‌رغان،‏ نە‌تىجىدە مە‌سىھنىڭ ساختا ئە‌گە‌شكۈچىلە‌ر توپى پە‌يدا بولغان (‏2-‏تىموتىي 4:‏3،‏ 4)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب زادى نېمە ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىدىغانلىقى ھە‌ققىدە بۈگۈنكى كۈندە توغرا چۈشە‌نچىگە ئىگە بولغانلىقىمىزغا قانداق جە‌زم قىلالايمىز؟‏

      يە‌ھۋانىڭ ھە‌قىقە‌تنى ئاشكارىلاش ۋاقىت-‏سائىتى يېتىپ كە‌لدى.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا:‏ ‹زاماننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە،‏ ھە‌قىقىي بىلىم ئېشىپ زىيادە مول بولىدۇ› دە‌پ ئالدىن ئېيتقانىدى (‏دانىيال 12:‏4،‏ ب‌ج)‏.‏ 1870-‏يىلغا كە‌لگە‌ندە،‏ كىچىك بىر گۇ‌رۇ‌پپا ھە‌قىقە‌تنى ئىزدىگۈچىلە‌ر دىنىي ئۇ‌ستازلارنىڭ تە‌لىملىرىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ماس كە‌لمە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئە‌سلى تە‌لىملىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىزدىنىشنى باشلىغان.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقلىرىنى بە‌رىكە‌تلىگە‌ن.‏

      سە‌مىمىي كىشىلە‌ر ئىخلاس بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئۆگە‌نگۈچىلىرى،‏ يە‌نى دە‌سلە‌پكى ئىخلاسمە‌ن ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئۇ‌سۇ‌لىنى بىز ھە‌م بۈگۈنكى كۈندە ئىشلىتىمىز.‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تېما بويىچە بىرمۇ بىر مۇ‌ھاكىمە قىلغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى چۈشىنىش قىيىن بولغان مە‌زمۇ‌نغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ شۇ‌نى چۈشە‌ندۈرىدىغان باشقا ئايە‌تلە‌رنى ئىزدىگە‌ن.‏ ئۇ‌لار باشقا ئايە‌تلە‌رگە ماس كېلىدىغان بىر خۇ‌لاسىنى چىقارغاندا،‏ شۇ خۇ‌لاسىنى خاتىرىلە‌پ قويغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆز-‏ئۆزىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ ئىسمى ۋە پادىشاھلىقى،‏ ئۇ‌نىڭ ئىنسانلار ۋە يە‌ر شارى ئۈچۈن قىلغان مە‌قسىتى‏،‏ ئۆلۈكلە‌رنىڭ ئە‌ھۋالى ۋە تىرىلدۈرۈلۈش ئۈمىدى توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رنى قايتا بايقىغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىزدىنىشى ئۇ‌لارنى نۇ‌رغۇ‌ن دىنىي يالغانچىلىقلار ۋە ناتوغرا ئادە‌تلە‌ردىن ئازاد قىلغان.‏ —‏ يۇ‌ھاننا 8:‏31،‏ 32.‏

      1879-‏يىلغا كە‌لگە‌ندە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگۈچىلە‌ر ھە‌قىقە‌تنى كە‌ڭ دائىرىدە بىلدۈرۈش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كە‌لگە‌نلىكىنى بىلىپ يە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار شۇ يىلى بىر ژۇ‌رنالنى نە‌شىر قىلىشنى باشلىغان،‏ بۈگۈنكى كۈندە «كۆزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىماقتا»،‏ دېگە‌ن نام بىلە‌ن شۇ ژۇ‌رنالنى نە‌شىر قىلىپ كېلىۋاتىمىز.‏ ھازىر،‏ بىز 240 دۆلە‌تتە تە‌خمىنە‌ن 750غا يېقىن تىللاردا كىشىلە‌ر بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى ئورتاقلىشىۋاتىمىز.‏ ھە‌قىقىي بىلىم ھېچقاچان بۈگۈنكىدە‌ك زىيادە مول بولغان ئە‌مە‌س!‏

      • مە‌سىھ ئۆلۈمىدىن كېيىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك قانداق ئىشلار يۈز بە‌رگە‌ن؟‏

      • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ھە‌قىقىتىنى قايتا بايقاش ئۈچۈن بىز قانداق ياردە‌مگە ئېرىشكە‌ن؟‏

  • ‏«يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى»نى نېمە ئۈچۈن نە‌شىر قىلدۇ‌ق؟‏
    بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداۋاتىدۇ؟‏
    • 4-‏دە‌رس

      ‏«يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى»نى نېمە ئۈچۈن نە‌شىر قىلدۇ‌ق؟‏

      كونگو (‏كىنشاسا)‏

      رۋاندا

      ئۈچىنچى ياكى تۆتىنچى ئە‌سىرگە تە‌ۋە،‏ سىمماكۇ‌س قول يازمىسىنىڭ زە‌بۇ‌ر 69:‏31-‏ئايىتىدە،‏ ئۇ‌لۇ‌غ ئىسىم ئىشلىتىلگە‌ن

      نە‌چچە ئون يىللار مابە‌ينىدە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ھە‌ر خىل نە‌شىرى نۇ‌سخىلىرىنى ئىشلە‌تكە‌ن،‏ بېسىپ چىقارغان ۋە تارقاتقان.‏ لېكىن،‏ كىشىلە‌رنىڭ ھە‌قىقە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق توغرا بىلىم ئېلىشىغا كۆپرە‌ك ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان يېڭى بىر تە‌رجىمىنىڭ بولۇ‌شىنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرۈپ يە‌تتۇ‌ق (‏1-‏تىموتىي 2:‏3،‏ 4)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ 1950-‏يىلىدىن باشلاپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ھازىرقى زامان ئىنگلىزچە «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى» نى بۆلە‌كلە‌ر بويىچە نە‌شىر قىلىپ تارقاتتۇ‌ق.‏ بۇ تە‌رجىمە نۇ‌سخىسى ھازىرغىچە 130 دىن ئارتۇ‌ق تىللارغا توغرا تە‌رجىمە قىلىندى.‏

      چۈشىنىشلىك بىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌رجىمىسىنىڭ بولۇ‌شى بە‌كمۇ زۆرۈر بولغان.‏ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئە‌گىشىپ تىللاردا ئۆزگىرىشلە‌ر بولىدۇ.‏ كۆپلىگە‌ن تە‌رجىمىلە‌ر مە‌نىسى ئېنىقسىز ياكى قوللىنىشتىن قالغان سۆز ئىبارىلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالغاچ،‏ ئوقۇ‌پ چۈشىنىش ئاسان ئە‌مە‌س.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يېقىندا تېخىمۇ كۆپ قە‌دىمقى قول يازمىلار تېپىلغان.‏ شۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب زامانىدىكى ئىبرانىي،‏ ئارامىي ۋە گرېك تىللىرىنى ياخشىراق چۈشىنىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

      خۇ‌دا سۆزىگە سادىق بىر تە‌رجىمىنىڭ بولۇ‌شى بە‌كمۇ زۆرۈر بولغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌رجىمە قىلغۇ‌چىلار خۇ‌دانىڭ ئىلھامى بىلە‌ن يېزىلغان يازمىلارنىڭ مە‌زمۇ‌نىنى ئۆزگە‌رتمە‌ي،‏ ئە‌سلى تېكىستكە سادىق تە‌رجىمە قىلىشى شە‌رت.‏ ئە‌مما،‏ كۆپىنچە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌رجىمە نۇ‌سخىلىرىدا ئۇ‌لۇ‌غ ئىسىم،‏ يە‌ھۋا،‏ ئىشلىتىلمىگە‌ن.‏

      مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مۇ‌ئە‌للىپىگە شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرىدىغان بىر تە‌رجىمىنىڭ بولۇ‌شى بە‌كمۇ زۆرۈر بولغان (‏2-‏سامۇ‌ئىل 23:‏2)‏.‏ تۆۋە‌ندە كۆرسىتىلگە‌ن سۈرە‌تتىكىگە ئوخشاش،‏ قە‌دىمقى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قول يازمىلىرىدا،‏ يە‌ھۋا،‏ دېگە‌ن ئىسىم 7000 قېتىمچە ئۇ‌چرايدۇ.‏ شۇ قول يازمىلاردا يېزىلغىنى بويىچە،‏ «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى»دە يە‌ھۋا دېگە‌ن ئىسىم ئە‌سلى ئورنىغا قايتا قويۇ‌لغان (‏زە‌بۇ‌ر 83:‏18)‏.‏ كۆپ يىللىق تىرىشىپ ئىزدىنىش نە‌تىجىسىدە،‏ ئوقۇ‌غاندا كىشىگە زوق بېغىشلايدىغان،‏ خۇ‌دانىڭ كۆزقارىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر تە‌رجىمە بارلىققا كە‌لگە‌ن.‏ سىزدە ئانا تىلىڭىزدىكى «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى» بولسۇ‌ن ياكى بولمىسۇ‌ن،‏ سىزنى يە‌ھۋانىڭ سۆزىنى كۈندە ئوقۇ‌شنى ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌شقا ئۈندە‌يمىز.‏ —‏ يە‌شۇ 1:‏8؛‏ زە‌بۇ‌ر 1:‏2،‏ 3.‏

      • نېمە ئۈچۈن بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ يېڭى بىر تە‌رجىمىسى بولۇ‌شى زۆرۈر دېگە‌ن قارارغا كە‌لدۇ‌ق؟‏

      • نېمىنى كۈندىلىك ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌ش خۇ‌دا ئىرادىسىنى بىلىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن پايدىلىق؟‏

ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
چېكىنىپ چىقىش
تىزىملىتىپ كىرىىش
  • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • ھەمبەھىرلەش
  • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
  • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
  • ئىشلىتىش شەرتلىرى
  • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
  • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
  • JW.ORG
  • تىزىملىتىپ كىرىىش
ھەمبەھىرلەش