-
يىغىلىشلىرىمىزدىن نېمىگە ئېرىشەلەيسىز؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
5-دەرس
يىغىلىشلىرىمىزدىن نېمىگە ئېرىشەلەيسىز؟
ئارگېنتىنا
سېررالېئون
بېلگىيە
مالايسىيا
كۆپلىگەن ئادەملەر دىنىي يىغىلىشلارغا قاتنىشىشنى توختاتتى، چۈنكى ئۇلار شۇ يىغىلىشلاردا روھىي يولباشچىلىق ياكى تەسەللىي تاپالمىغان. ئۇنداقتا، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىپ باقامسىز؟ يىغىلىشلاردىن نېمىگە ئېرىشەلەيسىز؟
مېھىر-مۇھەببەتلىك ۋە كۆيۈمچان كىشىلەر ئارىسىدا شاد-خۇراملىقتىن بەھرىمەن بولۇش. بىرىنچى ئەسىردە، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائەتچىلىكلەرنى تەشكىللەپ، خۇداغا ئىبادەت قىلىش، مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگىنىش ۋە بىر-بىرىنى ئىلھاملاندۇرۇش مەقسىتىدە يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزگەن (ئىبرانىيلار 10:24، 25). مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان كەيپىيات ئىچىدە، ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەقىقىي دوستلىرى بولغان ئېتىقادچى قېرىنداشلىرى ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقانىدى (2-سالونىكالىقلار 1:3؛ 3-يۇھاننا 14، 15). بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار قالدۇرغان ئۈلگە بويىچە قىلىپ، بىزمۇ شۇ خىل شاد-خۇراملىقتىن بەھرىمەن بولىمىز.
مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرىنى تەتبىقلاشنى ئۆگىنىش. مۇقەددەس كىتاب زامانىدىكىگە ئوخشاش، بىزمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئەر-ئايال، بالا-چاقا ھەممىمىز يىغىلىپ جەم بولىمىز. ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن يېتەكچىلەر مۇقەددەس كىتابنى ئىشلىتىپ، ئۇنىڭدىكى قائىدە-پرىنسىپلارنى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا قانداق تەتبىقلاشنى ئۆگىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ (تەكرار قانۇن 31:12؛ نەھەمىيا 8:8). شۇ يىغىلىشلاردا پىكىر بايان قىلىش ۋە مەدھىيىلەر ئوقۇشقا قاتنىشىش، ھەممىمىزگە ئىمان-ئېتىقاد ئۈمىدىگە چىڭ باغلانغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشكە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. — ئىبرانىيلار 10:23.
خۇداغا بولغان ئىمان-ئېتىقادنى كۈچەيتىش. ئەلچى پاۋلۇس ئۆز زامانىدا بىر جامائەتكە: «سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن. دېمەك، مەن ئاراڭلاردا بولسام، بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىدىن ئۆزئارا ئىلھام ئالالايمىز»، دېگەنىدى (رىملىقلار 1:11، 12). يىغىلىشلاردا، دائىم ئېتىقادچى قېرىنداشلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىش ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىپ، مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرى بويىچە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىرادىمىزنى مۇستەھكەملەيدۇ.
جامائىتىمىزنىڭ كېيىنكى يىغىلىشىغا قاتنىشىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئىشلارنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ باقامسىز؟ سىز قىزغىن قارشى ئېلىنىسىز. بارچە يىغىلىشلار ھەقسىز، ھېچكىمدىن پۇل تەلەپ قىلىنمايدۇ.
جامائەت يىغىلىشلىرىمىز نېمىنى ئۈلگە قىلغان؟
جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىپ نېمىگە ئېرىشەلەيمىز؟
-
-
ئېتىقادچى قېرىنداشلار ئارا باردى-كەلدى قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
6-دەرس
ئېتىقادچى قېرىنداشلار ئارا باردى-كەلدى قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
ماداغاسقار
نورۋېگىيە
لىۋان
ئىتالىيە
مەيلى قويۇق ئورمانلارنى كېسىپ ئۆتەيلى ياكى ناچار ھاۋا شارائىتىغا دۇچ كېلەيلى، بىز دائىم ئېتىقادچىلار يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىمىز. كىشىلىك تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلار ۋە بىر كۈنلۈك خىزمەتتىن كېيىنكى چارچاشلارغا قارىماي، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئېتىقادچى قېرىنداشلار ئارا باردى-كەلدى قىلىشقا تىرىشىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئۇلار شۇنداق قىلىدۇ؟
قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. جامائەتتە باردى-كەلدى قىلىش توغرىسىدا سۆز قىلغاندا، ئەلچى پاۋلۇس: «بىر-بىرىمىزنى قانداق رىغبەتلەندۈرۈشنى ئويلايلى»، دېگەنىدى (ئىبرانىيلار 10:24). شۇڭا، پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرى بىزنى باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئۇلارنى چۈشىنىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. جامائەتتىكى قېرىنداشلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن باردى-كەلدى قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بىزگە ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا قانداق تاقابىل تۇرغانلىقنى بىلەلەيمىز. ئۇلار بىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ.
ئۈزۈلمەس دوستلۇق رىشتىنى كۈچەيتىدۇ. يىغىلىشلىرىمىزدا جەم بولىدىغانلار شۇنداقلا تونۇشۇپ قالغان كىشىلەر ئەمەس، بەلكى بىر توپ يېقىن دوستلارمىز. باشقا چاغلاردا ھەم بىرلىكتە ساغلام بولغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىمىز. شۇنداق باردى-كەلدى قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟ ئۆزئارا بىر-بىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلەلەيمىز، مېھىر-مۇھەببەت رىشتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. قېرىنداشلىرىمىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە تەييار تۇرىمىز، چۈنكى دوستلۇق رىشتىمىز كۈچلۈك باغلانغان (پەندى-نەسىھەت 17:17). جامائەتتىكى بارلىق ئېتىقادچىلار باردى-كەلدى قىلىش ئارقىلىق «ئەزالار بىر-بىرگە ئوخشاش ئېتىبار بەرسۇن»، دېگەن نەسىھەتكە قۇلاق سالغانلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز. — 1-كورىنتلىقلار 12:25، 26.
بىز سىزنى يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتقانلارنى دوست تۇتۇشقا ئۈندەيمىز. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئارىسىدىن شۇنداق دوستلارنى تاپالايسىز. ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىشىڭىزغا توسالغۇ بولىدىغان ھەرقانداق توسقۇنلۇقلارغا يول قويماڭ.
يىغىلىشلاردا بىر-بىرىمىز بىلەن باردى-كەلدى قىلىش نېمە ئۈچۈن بەك پايدىلىق؟
قاچان جامائىتىمىز بىلەن تونۇشۇشنى خالايسىز؟
-
-
بىزنىڭ يىغىلىشلىرىمىز قانداق؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
7-دەرس
بىزنىڭ يىغىلىشلىرىمىز قانداق؟
يېڭى زېلاندىيە
ياپونىيە
ئۇگاندا
لىتۋانىيە
ئەيسانىڭ دەسلەپكى ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرى ئاساسلىقى مەدھىيە ئېيتىش، دۇئا قىلىش، مۇقەددەس كىتابنى ئۈنلۈك ئوقۇش ۋە ئايەتلەر ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان (1-كورىنتلىقلار 14:26). بۈگۈنكى كۈندىكى يىغىلىشلىرىمىز شۇ دەسلەپكى ئەگەشكۈچىلەرنىڭ يىغىلىشلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
تەلىملەر مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ۋە قوللىنىشچان. ھەپتە ئاخىرىدا، ھەربىر جامائەت 30 مىنۇتلۇق مۇقەددەس كىتاب نۇتىقى ئاڭلايدۇ. شۇ نۇتۇق مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۆز تۇرمۇشىمىز ۋە ياشاۋاتقان زامانىمىز بىلەن قانداق باغلىنىشى بارلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرىدۇ. مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغاندا، ھەممىمىز ئايەتلەرنى ئېچىپ كۆرىمىز. نۇتۇقتىن كېيىن، بىر سائەت «كۆزىتىش مۇنارى» تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. «كۆزىتىش مۇنارى» تەتقىق نەشرىدىكى ماقالە مۇلاھىزە قىلىنغاندا، يىغىلىشقا قاتناشقانلار پىكىر بايان قىلسا بولىدۇ. بۇ مۇلاھىزە مۇقەددەس كىتابنىڭ يولباشچىلىقىنى تۇرمۇشىمىزغا تەتبىقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى 118000 دىن ئارتۇق جامائەتچىلىك ئوخشاش بىر مەزمۇندىكى ماقالىنى تەتقىق قىلىمىز.
تەلىم بېرىش ماھارىتى ئۆستۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بىز يەنە ھەپتە ئارلىقىدىكى بىر كەچتە «ۋەز خىزمەت ۋە ھاياتىمىز» دېگەن تېمىدا ئۈچ بۆلەكتىن تەشكىل تاپقان يىغىلىشقا قاتنىشىمىز. يىغىلىش مەزمۇنى ھەر ئايلىق «ۋەز خىزمەت ۋە ھاياتىمىز —يىغىلىش قوللانمىسى» بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. يىغىلىشنىڭ بىرىنچى بۆلىكى، خۇدا سۆزىدىكى خەزىنلەر، جامائەت ئالدىن ئوقۇپ كەلگەن مۇقەددەس كىتابتىكى قىسقىچە مەزمۇننى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. كېيىنكى بۆلەك، ۋەز خىزمەتنى ئۈنۈملۈك قىلىش، قانداق قىلىپ باشقىلار بىلەن مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈلگىلىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر يېتەكچى قېرىنداش كۆزەتكىنى بويىچە، ئوقۇش ۋە سۆز قىلىش ماھارىتى ئۆستۈرۈشىمىز ئۈچۈن كېرەكلىك مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ (1-تىموتىي 4:13). ئاخىرقى بۆلەك، خۇدا يولىدىكى ھاياتىمىز، مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئەمەلىي ئىشلىتىش ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىدۇ. سوئال-جاۋاب شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇلاھىزىلەر مۇقەددەس كىتابقا بولغان چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
يىغىلىشلىرىمىزغا قاتناشسىڭىز، مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان تەلىم-تەربىيىلەرنىڭ سىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغانلىقى شەك-شۈبھىسىزدۇر. — يەشايا 54:13.
يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرى قانداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؟
پۇرسەت بولسا، قايسى يىغىلىشىمىزغا قاتنىشىشنى خالايسىز؟
-
-
نېمە ئۈچۈن يىغىلىشلىرىمىزغا رەتلىك كىيىنىپ بارىمىز؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
8-دەرس
نېمە ئۈچۈن يىغىلىشلىرىمىزغا رەتلىك كىيىنىپ بارىمىز؟
ئىسلاندىيە
مېكسىكا
گۋىنىيە بېسساۋ
فىلىپپىن
بۇ كىتابچىدىكى رەسىملەردە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ چىرايلىق كىيىنىپ يىغىلىشلارغا قاتناشقانلىقىغا دىققەت قىلدىڭىزمىكىن؟ نېمە ئۈچۈن بىز كىيىنىش ۋە ياسىنىشلىرىمىزغا شۇنچىلىك ئېتىبار بېرىمىز؟
خۇداغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن. ئەلۋەتتە خۇدا پەقەت تاشقى قىياپىتىمىزگىلا نەزەر سالمايدۇ (1-سامۇئىل 16:7). ئەمما، بىز خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن جەم بولغاندا، ئۇنىڭغا ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى ئىپادىلەشنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر بىز بىر پادىشاھ ياكى دۆلەت رەئىسى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولساق، ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسىتىش ئۈچۈن ئادەتتە تاشقى كۆرۈنىشىمىزگە ئېتىبار بېرىمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز يىغىلىشلارغا قاتناشقاندا ‹پۈتۈن ئالەمنىڭ سوراقچىسى› يەھۋاغا ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغان جايغا ھۆرمەت كۆرسىتىمىز. — يارىتىلىش 18:25.
ئەدەب-ئەخلاق ئۆلچىمىگە ماس ياشايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن. مۇقەددەس كىتاب: ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى «مۇۋاپىق ۋە ئەخلاقلىق كىيىنىشى كېرەك» دەيدۇ (1-تىموتىي 2:9، 10). ‹مۇۋاپىق ۋە ئەخلاقلىق كىيىنىش› — ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان، يېرىم يالىڭاچ، چاكىنا ياكى پەل-پەتىش كىيىنىشلەردىن خالىي بولۇپ، سالاپەتلىك ۋە يارىشىملىق كىيىنىش دېگەننى بىلدۈرىدۇ ۋە بىزنىڭ كىيىم-كېچەك تاللىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئاشۇ قائىدە-پرىنسىپلار ھەر خىل شەخسىي تاللاشلىرىمىزغا يەنىلا كۆپ ئەركىنلىك بەرگەن. بىزنىڭ سالاپەتلىك ۋە يارىشىملىق تاشقى كۆرۈنۈشىمىز، «قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ تەلىماتىغا ھەر جەھەتتىن زىننەت بولىدۇ» ۋە «خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ» (تىتۇس 2:10؛ 1-پېترۇس 2:12). يىغىلىشلار ئۈچۈن ياسىنىش ئارقىلىق، باشقىلارنىڭ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشقا بولغان كۆزقارىشىغا تەسىر قىلالايمىز.
ئەگەر يىغىلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق كىيىم-كېچىكىڭىز بولمىسا، خىجىل بولماي يىغىلىشقا قاتنىشىۋېرىڭ. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى سىزنى قارشى ئالىدۇ. كىيىم-كېچەكلىرىمىزنىڭ قىممەت باھالىق ياكى ئېسىل بولۇشى ھاجەتسىز، پاكىزە، رەتلىك ۋە لايىقىدا بولسىلا كۇپايە.
خۇداغا ئىبادەت قىلغاندا ياسىنىشلىرىمىزنىڭ لايىقىدا بولۇشى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئۈچۈن كىيىم-كېچەك تاللىشىمىزغا قايسى قائىدە-پرىنسىپلار ياردەم بېرىدۇ؟
-
-
يىغىلىشلارغا قانداق تەييارلىق قىلىمىز؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
9-دەرس
يىغىلىشلارغا قانداق تەييارلىق قىلىمىز؟
كامبودژا
ئۇكرائىنا
ئەگەر سىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىۋاتقان بولسىڭىز، ھەر قېتىملىق ئۆگىنىشتىن ئاۋۋال ماتېرىياللارنى ئالدىن كۆرۈپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ بېقىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن. جامائەت يىغىلىشىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن ھەم ماتېرىياللارنى ئالدىن كۆرۈش ياخشى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ھەقىقەتەن بەكمۇ پايدىلىق.
قاچان ۋە قەيەردە ئۆگىنىشنى قارار قىلىش. قاچان زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرەلەيسىز؟ تاڭ سەھەردە كۈندىلىك خىزمەتلەرنى باشلاشتىن بۇرۇنمۇ ياكى كەچتە بالىلار ئۇخلاپ كەتكەندىن كېيىنمۇ؟ ئەگەر ئۇزۇنراق ۋاقىت ئۆگىنىش قىلالمىسىڭىز، ئىمكانىيىتىڭىزگە يارىشا ۋاقىت بەلگىلەپ، شۇ ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن سىزگە دەخلى قىلىدىغان ھەرقانداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىڭ. زېھنىڭىزنى چاچىدىغان رادىئو، تېلېۋىزور ياكى تېلېفونلارنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، جىمجىت جاينى تېپىڭ. ئۆگىنىش باشلاشتىن ئاۋۋال كۈندىلىك غەم-ئەندىشىلىرىڭىزنى چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ. شۇندىلا خۇدانىڭ سۆزىگە زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرەلەيسىز. — فىلىپىلىكلەر 4:6، 7.
ماتېرىياللارغا بەلگە سېلىپ، ئوي-پىكىر بايان قىلىشقا تەييارلىق قىلىش. ئاساسىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش بىلەن باشلاش — ماقالە ياكى بابنىڭ ماۋزۇسى ھەققىدە ئويلىنىپ، ھەربىر كىچىك ماۋزۇ بىلەن باش تېمىنىڭ قانداق باغلىنىش بارلىقىنى مۇلاھىزە قىلىپ بېقىڭ. يەنە مۇھىم نۇقتىنى تەكىتلەيدىغان بارلىق رەسىملەر ۋە تەكرارلاش سوئاللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاندىن كېيىن، ھەربىر ئابزاسنى ئوقۇپ، سورالغان سوئالغا جاۋاب ئىزدەڭ. ئىشلىتىلگەن ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇپ، مەزمۇننى تەستىقلايدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ (ئەلچىلەر 17:11). سوئالغا جاۋاب تاپقاندا، شۇ ئابزاستىكى بىر قانچە ئاچقۇچلۇق سۆز-ئىبارىلەرنى سېزىپ قويۇڭ. يىغىلىشتا جاۋابنى ئېسىڭىزگە سالىدۇ. جامائەت يىغىلىشىدا خالىسىڭىز قول كۆتۈرۈپ، ئوي-پىكرىڭىزنى قىسقىچە بايان قىلسىڭىز بولىدۇ.
ھەر ھەپتىسى يىغىلىشلاردا مۇلاھىزە قىلىنىدىغان ئوخشاش بولمىغان مەزمۇنلارغا تەييارلىق قىلىپ، مۇقەددەس كىتاب ھەققىدىكى ئىلىم خەزىنىڭىزگە يېڭى بىلىملەرنى قوشالايسىز. — مەتتا 13:51، 52.
يىغىلىشلارغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن قانداق ئادەتنى يېتىلدۈرەلەيسىز؟
يىغىلىشلاردا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلالايسىز؟
-
-
ئائىلىۋى ئىبادەت دېگەن نېمە؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
10-دەرس
ئائىلىۋى ئىبادەت دېگەن نېمە؟
كورىيە
برازىلىيە
ئاۋسترالىيە
گۋىنىيە
قەدىمقى زاماندىن تارتىپ، يەھۋا ھەربىر ئائىلىنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ بىرلىكتە ئۇنىڭغا بولغان ئىمان-ئېتىقادنى مۇستەھكەملەشنى ۋە ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان (تەكرار قانۇن 6:6، 7). شۇ سەۋەب، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەر ھەپتىسى مەلۇم بىر ۋاقىتنى چىقىرىپ، ئائىلە ئەزالىرى بىرلىكتە ئىبادەت قىلىشقا جەم بولىدۇ. ئۇلار ئائىلىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا ياردەم بېرىدىغان روھىي ئىشلار ھەققىدە ئەركىن-ئازادە مۇلاھىزە ئېلىپ بارىدۇ. ھەتتا سىز يالغۇز تۇرۇۋاتقان بولسىڭىزمۇ، ۋاقىت چىقىرىپ بىر تېما ئاساسىدا مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى كۈچەيتىدۇ.
يەھۋاغا يېقىنلىشىشنىڭ پەيتىدۇر. «خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ» (ياقۇپ 4:8). مۇقەددەس كىتابتىن يەھۋانىڭ خاراكتېر-سۈپەتلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇنى ياخشىراق تونۇيالايمىز. ئائىلىۋى ئىبادەتنى باشلاشنىڭ ئاددىي بىر ئۇسۇلى، بىرلىكتە مۇقەددەس كىتابنى ئۈنلۈك ئوقۇش، مەسىلەن «ۋەز خىزمەت ۋە ھاياتىمىز — يىغىلىش قوللانمىسى» ھەپتىلىك جەدۋىلىگە ئاساسەن تەرتىپ بويىچە ھەربىر كىشى بىر بۆلەك مەزمۇننى ئوقۇپ، ئاندىن ئوقۇلغان ئايەتلەردىن نېمە ئۆگەنگەنلىكى ھەققىدە بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىش.
ئائىلە ئەزالىرى بىر-بىرىگە يېقىنلىشىشنىڭ پەيتىدۇر. بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىش نىكاھ مۇناسىۋىتى ۋە ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدۇ. ئائىلىۋى ئىبادەت ھەر ھەپتىسى ئائىلىدىكىلەر خاتىرجەملىك ۋە شاد-خۇراملىققا چۆمىدىغان ھەمدە كېلىشىنى ھەممە تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىغان بىر پەيت بولۇشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ياش پەرقىگە ئاساسەن ئۆگىنىش ئۈچۈن مۇۋاپىق تېما تاللىسا بولىدۇ، «كۆزىتىش مۇنارى» ۋە «ئويغىنىش!» ژۇرناللىرىدىكى ياكى jw.org تور بېتىمىزدىكى مەزمۇنلار ياخشى تاللاش بولالايدۇ. بالىلارنىڭ مەكتەپتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىنى قانداق ھەل قىلىش توغرۇلۇق پاراڭلىشىشقا بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن (tv.jw.org) تېلۋىزىيە پروگراممىسىنى كۆرۈپ، كېيىن بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىپ باقمايسىلەر؟ يىغىلىشلاردا ئېيتىلىدىغان مەدھىيە ناخشىلىرىنى مەشىق قىلىپ زوقلىنىش ۋە ئىبادەتتىن كېيىن تاتلىق تۈرمىلەرگە ئېغىز تېگىشكىمۇ بولىدۇ.
بىرلىكتە ھەر ھەپتىسى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلغان بۇ ئالاھىدە ۋاقىت ئائىلىدىكى ھەممىڭلارنىڭ خۇدا سۆزىدىن خۇشاللىق تېپىشىڭلارغا ياردەم بېرىدۇ. يەھۋا سىلەرنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭلارنى بەرىكەتلەيدۇ. — زەبۇر 1:1–3.
نېمە ئۈچۈن ئائىلىۋى ئىبادەت ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىمىز؟
مۇشۇ پەيتتە ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى خۇشاللىق تېپىشى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار نېمە قىلسا بولىدۇ؟
-
-
بىز نېمە ئۈچۈن چوڭ يىغىلىشلارغا قاتنىشىمىز؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
11-دەرس
بىز نېمە ئۈچۈن چوڭ يىغىلىشلارغا قاتنىشىمىز؟
مېكسىكا
گېرمانىيە
بوتسۋانا
نىكاراگۇئا
ئىتالىيە
نېمە ئۈچۈن بۇ كىشىلەرنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق جىلۋىلەنگەن؟ چۈنكى، ئۇلار چوڭ يىغىلىشلىرىمىزدىن بىرىگە قاتنىشىۋاتىدۇ. يىلدا ئۈچ قېتىم يىغىلىشقا بۇيرۇلغان قەدىمقى زاماندىكى خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىگە ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە بىزمۇ توپ توپ بولۇشۇپ يىغىلىشقا قاتنىشىشقا تەشنامىز (تەكرار قانۇن 16:16). ھەر يىلى ئۈچ چوڭ پائالىيىتىمىز بار: ئىككى قېتىم بىر كۈنلۈك «رايونلۇق چوڭ يىغىلىش» ۋە «ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىش». شۇ يىغىلىشلاردىن قانداق پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىمىز؟
قېرىنداشلىق رىشتىمىزنى كۈچەيتىدۇ. خۇددى قەدىمدە ئىسرائىللار «جامائەتلەرنىڭ ئىچىدە» يەھۋانى مەدھىيىلەپ شادلىق قىلغىنىدەك، بىز ھەم بىرلىكتە چوڭ يىغىلىشلاردا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىپ شاد خۇراملىققا چۆمىمىز (زەبۇر 26:12؛ 111:1). بۇ جەم بولۇشلار باشقا جامائەتلەردىكى، ھەتتا باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن گۇۋاھچىلار بىلەن بىرگە بولۇش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىدۇ. چۈشتە، يىغىلىش قىلغان جايدا بىرلىكتە غىزالىنىش، بۇ روھىي سورۇنلىرىمىزنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈپ، دوستلۇق رىشتىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىدۇ (ئەلچىلەر 2:46). شۇ پەيتلەردە دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى قېرىنداشلارنى ئۇيۇشتۇرىدىغان مېھىر-مۇھەببەتنى ھەقىقىي تۈردە ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. — 1-پېترۇس 2:17.
روھىي جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىللار شەرھلەنگەن ئايەتلەرنى چۈشىنىپ مەنپەئەتلەنگەنىدى (نەھەمىيا 8:8، 12). بىزمۇ چوڭ يىغىلىشلىرىمىزدا بېرىلگەن مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرىنى قەدىرلەيمىز. ھەربىر چوڭ يىغىلىشنىڭ تېمىسى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان. نۇتۇقلار، يۈرۈشلۈك نۇتۇقلار ۋە كەچۈرمىشلەرنى نەمۇنە كۆرسىتىشلەردىن ھاياتىمىزدا خۇدانىڭ ئىرادىسىنى قانداق ئورۇنداشنى ئۆگىنىمىز. بۇ تەس كۈنلەردە خۇدا يولىنى تۇتۇپ ياشاش جەريانىدا قېرىنداشلارنىڭ دۇچار بولغان قىيىنچىلىقلارنى قانداق يەڭگەنلىكىنى ئاڭلىغىنىمىزدا كۆپ ئىلھام ئالىمىز. «ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىش»لاردا، مۇقەددەس كىتابتىكى مەزمۇنلارنى رېئال تۇرمۇشقا ئېلىپ كىرىدىغان درامىلار ئارقىلىق بىزگە تەربىيە-ساۋاقلارنى بېرىدۇ. ھەربىر چوڭ يىغىلىشلاردا، ئۆزىنى خۇداغا بېغىشلىغانلىقىنى كۆرسىتىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
نېمە ئۈچۈن چوڭ يىغىلىشلار ھەممە شاد-خۇراملىققا چۆمىدىغان پەيت؟
چوڭ يىغىلىشقا قاتنىشىش سىزگە قانداق پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟
-
-
پادىشاھلىق ۋەز ئېيتىش خىزمىتىمىز قانداق تەشكىللەنگەن؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
12-دەرس
پادىشاھلىق ۋەز ئېيتىش خىزمىتىمىز قانداق تەشكىللەنگەن؟
ئىسپانىيە
بېلارۇسىيە
شياڭگاڭ
پېرۇ
ئەيسا مەسىھ ئۆز ئۆلۈمىدىن بۇرۇن: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنىڭ بارلىق مىللەتلەرگە ئاڭلىتىلىشى ئۈچۈن، ئۇ پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىدۇ، ئاندىن زامان ئاخىرى كېلىدۇ» دەپ جاكارلىغان ئىدى (مەتتا 24:14). ئۇنداقتا، يەر شارىنى قاپلايدىغان بۇ خۇش خەۋەر ئېيتىش خىزمىتى قانداق ئورۇندىلىدۇ؟ ئەيسا يەر يۈزىدە بولغاندا قالدۇرغان ئۈلگىلەرگە ئەگىشىش ئارقىلىق. — لۇقا 8:1.
كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بارىمىز. ئەيسا مەسىھ ئۆز شاگىرتلىرىنى ئۆيمۇ-ئۆي خۇش خەۋەرنى ۋەز ئېيتىش ئۈچۈن تەربىيىلىگەن (مەتتا 10:11–13؛ ئەلچىلەر 5:42؛ 20:20). ئاشۇ بىرىنچى ئەسىردىكى ۋەز ئېيتقۇچىلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئېنىق دائىرە بۆلۈپ بېرىلگەن (مەتتا 10:5، 6؛ 2-كورىنتلىقلارغا 10:13). شۇنىڭغا ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ۋەز ئېيتىش خىزمىتىمىزمۇ ياخشى تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھەربىر جامائەت ئۈچۈن بىر دائىرە بەلگىلەپ بېرىلگەن. بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش، مەسىھنىڭ خۇش خەۋەرنى ‹خەلققە جاكارلاڭلار› دېگەن بۇيرۇقىنى كەڭ كۆلەمدە ئورۇندىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. — ئەلچىلەر 10:42.
قەيەردە ئادەم بولسا، شۇ يەردە تىرىشىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزىمىز. ئەيسا مەسىھ يەنە دېڭىز بويلىرى ۋە مەھەللە قۇدۇقى بېشى دېگەندەك خالايىق يىغىلىدىغان جايلاردا ۋەز ئېيتىپ ئۈلگە قالدۇرغان (ماركۇس 4:1؛ يۇھاننا 4:5–15). بىزمۇ قەيەردە ئادەم بولسا، مەسىلەن كوچىلاردا، تىجارەت ئورۇنلىرىدا ۋە باغچىلاردا ياكى تېلېفوندا كىشىلەر بىلەن مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە سۆزلىشىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، پۇرسەت تۇغۇلغاندا خىزمەتداش، ساۋاقداش، قوشنا-قولۇم ۋە ئورۇق-تۇغقانلىرىمىزغىمۇ خۇش خەۋەر ئېيتىمىز. مۇشۇ بارلىق تىرىشچانلىقلار، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇش خۇش خەۋىرىنى ئاڭلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. — زەبۇر 96:2.
سىز خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى كىملەر بىلەن ئورتاقلىشىپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى بىلەن شۇ خۇش خەۋەرنىڭ قانداق زىچ باغلىنىشى بارلىقىنى ئېيتماقچى بولۇۋاتىسىز؟ كىشىگە ئۈمىد بېغىشلايدىغان بۇ خەۋەرنى كېچىكتۈرمەي ئۇلارغا يەتكۈزۈڭ!
قانداق «خۇش خەۋەر» چوقۇم ئاڭلىتىلىشى كېرەك؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ۋەز ئېيتىشتا مەسىھنى قانداق ئۈلگە قىلماقتا؟
-
-
پىدائىي ۋەز ئېيتىش قانداق خىزمەت؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
13-دەرس
پىدائىي ۋەز ئېيتىش قانداق خىزمەت؟
كانادا
ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز ئېيتىش
مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتى
شەخسەن تەتقىقات قىلىش
«پىدائىي» سۆزى، ئالدىن يېڭى بىر دائىرىنى قىدىرىپ باشقىلارنىڭ ئەگىشىشى ئۈچۈن يول ئاچىدىغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەيسا مەسىھ بىر پىدائىي بولۇپ، ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدىغان خىزمەتنى قىلىپ، قۇتقۇزۇلۇشقا يول ئېچىش ئۈچۈن يەر يۈزىگە ئەۋەتىلگەنىدى (مەتتا 20:28). بۈگۈنكى كۈندە، مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنى ئۈلگە قىلىپ ‹شاگىرت يېتىشتۈرۈش› ئۈچۈن ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە كۆپرەك ۋاقىت چىقارماقتا (مەتتا 28:19، 20). ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىز پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى، دەپ ئاتايدىغان خىزمەتنى قىلىشقا ئۆزىنى بېغىشلىغان.
تولۇق ۋاقىت خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش. بارلىق يەھۋا گۇۋاھچىلىرى خۇش خەۋەر يەتكۈزىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ، ھەر ئايدا 70 سائەت ۋەز خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن تۇرمۇشىنى شۇنىڭغا ماس ئورۇنلاشتۇرغان. شۇ مەقسەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن قىسمەن ۋاقىتلىق خىزمەتنى تاللىشى مۇمكىن. يەنە بەزىلەر پادىشاھلىق خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچىلەرگە بەكمۇ موھتاج رايونلارغا ئەۋەتىلىشى ئۈچۈن مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشقا تەيىنلىنىدۇ، ئۇلار ھەر ئايدا 130 سائەت ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋاقىت ۋەز ئېيتىدۇ. پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە رازى بولۇشقان، يەھۋانىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى موھتاجلىقلىرىنى تەمىنلەپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن (مەتتا 6:31–33؛ 1-تىموتىي 6:6–8). تولۇق ۋاقىت پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشقا ئىمكانىيىتى يوق ئېتىقادچىلار، قۇربىتىنىڭ يېتىشىچە كۆپرەك خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ھەر ئايدا 30 ياكى 50 سائەت ياردەمچى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشىدۇ.
پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشقا خۇدانى ۋە باشقىلارنى سۆيۈش تۈرتكە بولغان. ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندە بىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خۇدا ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسى ھەققىدىكى بىلىمگە جىددىي موھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتتۇق (ماركۇس 6:34). بىزدە شۇ كىشىلەرگە ھازىر ياردەم بېرەلەيدىغان ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇلارغا كۈچلۈك ئۈمىد بېغىشلايدىغان بىلىم بار. شۇ سەۋەب، قوشنىنى سۆيۈش پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىنى ۋاقىت ۋە كۈچىنى ئايىماي باشقىلارنىڭ خۇش خەۋەرنى بىلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن سەرپ قىلىشىغا تۈرتكە بولغان (مەتتا 22:39؛ 1-سالونىكالىقلار 2:8). شۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، يەھۋاغا يېقىنلاشتۇرىدۇ ۋە شاد-خۇراملىققا ئېرىشتۈرىدۇ. — ئەلچىلەر 20:35.
پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىنى قانداق سۈرەتلەپ بېرەلەيسىز؟
بەزى ئېتىقادچىلارنىڭ تولۇق ۋاقىت پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشىغا نېمە تۈرتكە بولغان؟
-
-
پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار قانداق تەلىم-تەربىيىگە ئىگە بولىدۇ؟بۈگۈنكى كۈندە كىملەر يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتىدۇ؟
-
-
14-دەرس
پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار قانداق تەلىم-تەربىيىگە ئىگە بولىدۇ؟
ئۆز يۇرتىدا
گېلىئاد مەكتىپىدە
پانامادا
ئىلاھىي تەلىم-تەربىيە بولسا يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئالاھىدە بەلگىسى بولۇپ كەلگەن. ئۆزىنى تولۇق ۋاقىت پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى ۋەز قىلىشقا بېغىشلىغانلارنىڭ ئالاھىدە تەلىم-تەربىيە ئېلىش ئىمكانىيەتلىرى بار. شۇندا ئۇلار ‹خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتىدە ... ۋەزىپىنى تولۇق ئادا قىلالايدۇ›.—2-تىموتىي 4:5.
پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلارنى تەربىيىلەش مەكتىپى. بىر پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى تولۇق ۋاقىت پىدائىي ۋەز ئېيتىشنى بىر يىل تاماملىغاندا، پادىشاھلىق يىغىلىش زالىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئالتە كۈنلۈك تەربىيىلىنىشكە تىزىملىتىلىدۇ. بۇنىڭ مەقسىتى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىنىڭ خۇداغا يېقىنلىشىشىپ، خۇش خەۋەرنى ھەر جەھەتتىن تېخمۇ ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈپ، ساداقەتمەنلىك بىلەن شۇ خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىشتۇر.
پادىشاھلىق خۇش خەۋىرى يەتكۈزگۈچىلەرنى تەربىيىلەش مەكتىپى. بۇ ئىككى ئايلىق مەكتەپ ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ۋەز ئېتيقۇچىلارغا مۇھتاج جايلارغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان تەجرىبىلىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلارنى تەربىيىلەش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان. دېمەك، ئۇلار «مانا مەن! مېنى ئەۋەتكەيسەن» دېگەن پوزىتسىيىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشنىڭ مۇكەممەل نەمۇنىسى بولغان ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلغان (يەشايا 6:8؛ يۇھاننا 7:29). ئۆز ئۆيىدىن يىراققا كۆچۈپ بارغانلار ئۈچۈن، بەلكىم ئۆز يۇرتىدىكىگە قارىغاندا ئاددىي-ساددىراق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتلىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ئۆرپ-ئادەت، ھاۋارايى ۋە يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە كۆپ پەرق بولۇشى مۇمكىن. ھەتتا يېڭى بىر تىل ئۆگىنىش زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن. بۇ مەكتەپ يېشى 23 دىن 65 ياشقىچە بولغان بويتاق قىز-يىگىتلەر ياكى توي قىلغان بىر جۈپلەرنىڭ ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى ئورۇنداشتا زۆرۈر بولىدىغان مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە خاس خاراكتېر-سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىگە ۋە ئۇلارنىڭ يەھۋا ھەمدە ئۇنىڭ تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىپ، ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالىشىغا كېرەكلىك ماھارەتلەرنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
كۆزىتىش مۇنارى گېلىئاد مۇقەددەس كىتاب مەكتىپى. ئىبرانىيچە «گېلىئاد» سۆزىنىڭ مەنىسى «گۇۋاھ دۆۋىسى». گېلىئاد مەكتىپى 1943-يىلى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، 8000 دىن كۆپرەك ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى يات ئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتىشقا ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇلار «يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە» گۇۋاھلىق بېرىشتە كۆپ ئۇتۇقلار قازانغان (ئەلچىلەر 13:47). شۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر تۇنجى بولۇپ پېرۇغا كەلگەندە، بىرمۇ جامائەت يوق ئىدى، ھازىر 1000 دىن كۆپرەك جامائەتچىلىك بار. يات ئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچىلار ياپونىيەدە ۋەز ئېيتىشقا باشلىغاندا، گۇۋاھچىلارنىڭ سانى ئونغىمۇ يەتمەيتتى، ھازىر بولسا 000، 200 دىن كۆپرەك. بەش ئايلىق گېلىئاد ئوقۇتۇشى خۇدانىڭ سۆزىنى باشتىن-ئاياغ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار ياكى يات ئەلدە ۋەز ئېيتقۇچىلار، تارماق ئىش بېجىرىش ئورنىدىكىلەر ياكى زىيارەت خىزمىتىدە بولغۇچىلار بۇ مەكتەپكە تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئۇلار دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى پادىشاھلىق ۋەز خىزمىتىنى كۈچەيتىپراۋاجلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن مۇنتىزىم تەلىم-تەربىيىگە ئىگە بولىدۇ.
پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلارنى تەربىيىلەش مەكتىپىنىڭ مەقسىتى نېمە؟
پادىشاھلىق خۇش خەۋىرى يەتكۈزگۈچىلەرنى تەربىيىلەش مەكتىپى كىملەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان؟
-